دەررە-ئۆمەر سەيفىتتىن(تۈركىيە)

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 20:16:34

دەررە(ھېكايە)ئۆمەر سەيپىتتىن (تۈركىيە)مۇھەممەت ئەمەت چوپانى تەرجىمىسىباللىق خاتىرىلىرىمدىنھەر كۈنى ئەتىگەن بازار جامەسىنىڭ ئارقىسىدىكى خارابە- ژاندارمىلار ئات ئېغىلىنىڭ ئالدىدىن خۇددى بىر قۇش...



      

    دەررە (ھېكايە)

    ئۆمەر سەيپىتتىن (تۈركىيە)

    مۇھەممەت ئەمەت چوپانى تەرجىمىسى 

     

    باللىق خاتىرىلىرىمدىن

     

    ھەر كۈنى ئەتىگەن بازار جامەسىنىڭ ئارقىسىدىكى خارابە- ژاندارمىلار ئات ئېغىلىنىڭ ئالدىدىن خۇددى بىر قۇشقاچ توپىدەك جىۋىلىشىپ ئۆتەتتۇق. مەكتەپ خېلى ئىچكىرىدە بولۇپ، تاملىرى پاكار، ناھايىتى كەڭرى بىر باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. ئەتراپىدا قەد كېرىپ تۇرىدىغان ئېگىز كاشتان دەرەخلىرىنىڭ بىر –بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن قويۇق شاخلىرى بىر قەۋەتلىك بۇ مەكتەپنىڭ پۈتۈن ئۆگزىسىنى قاپلاپ تۇراتتى.بىز تېخى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرمەستىنلا مۇئەللىمنىڭ كەلگەن –كەلمىگەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلۋالاتتۇق.

    -ئابدۇراخمان چەلەبى كەپتۇمۇ-ھە؟

    -كەپتۇ،كەپتۇ...

    ئابدۇراخمان چەلەبى مۇئەللىمنىڭ قارا، قېرى ئېشىكى بولۇپ، بۇ خۇيسىز، جاھىل بىر ھايۋان ئىدى... ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئۇ خۇددى بىزدەك مەكتەپكە ناھايىتى سەھەر كېلەتتى-دە، كەچكىچە مەكتەپتە تۇراتتى. ئۆيلىرىمىزدىن نۆۋەت بىلەن ئېلىپ كەلگەن قۇچاق- قۇچاق ئوتلارنى ياز كۈنلىرى دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا، قىش كۈنلىرى سول تەرەپتىكى ھاجەتخانىنىڭ يېنىدا ئاستا-ئاستا يەيتتى. ئۇنىڭغا سۇ بەرمەك، ئۇنى يۇيۇپ تارىماق مەكتەپتە ئالاھىدە بىر ئىمتىياز ئىدى.مۇئەللىمگە كىم ياراپ قالسا بۇ ئىلتىپاتقا شۇ نائىل بولاتتى. سىنىپ ئىشىكىگە تار بىر تاش پەلەمپەي بىلەن چىقاتتۇق. ئىچىگە كىرىش بىلەنلا كۆزىمىزگە ئالدى بىلەن مۇئەللىمنىڭ يېزىق شىرەسى تاشلىناتتى.

    باش ئۈستىگە غەلىتى بىر مىلتىقتەك قارا دەستىلىك ئېغىر دەررە ئېسىقلىق تۇراتتى. ھەممىز قىرىق بالا ئىدۇق. قىزلارنى بىر قانچە ئاي بۇرۇن بىزدىن ئايرىپ باشقا بىر يەرگە يۆتكەپ كەتكەنىدى. ئۇ چاغلاردا سىنىپ ئايرىمىسى دېگەنلەر يوق ئىدى. ئېلىپبەنى – ھەممە نەرسىنى بىر ئېغىزدىن يادلاپ ئوقۇيتتۇق، رەقەملەرنى بىر ئېغىزدىن سانايتتۇق، بىر ئېغىزدىن خەندەك ئوقۇيتتۇق. پۈتۈن دەرسلىرىمىز بەكمۇ زېركىشلىك، "مۇزىكا" دېگىنىمىزمۇ ناھايىتى ئاددى، تېكىستلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئەسلا چۈشەنمەيدىغان بىر ناخشا ئىدى. مۇئەللىم ئاق ساقاللىق، ئېگىز بويلۇق، ئاچچىقى يامان، ياشانغان بىر ئادەم ئىدى. قىش –ياز ھەر دائىم يەكتەكسىز، تەرەت ئېلىشقا تەييار تۇرغاندەك قوللىرى، پاچاقلىرى يالىڭاچ، يەڭ پۇچقاقلىرى تۈرۈكلۈك ھالدا ئۆز جايىدا ئولتۇراتتى. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن بازار جامەسىنى سۈپۈرۈشكە كېتىپ قايتىپ كەلمەيدىغان ياردەمچى مۇئەللىم  تېخى ياشقىنا بىر يىگىت ئىدى. ئۇ جامەدە مەزىنلىكمۇ قىلاتتى. بىزگە شېكەر، لەبلەبى، كەچبوينۇزى، ھۇنلاپ،جىگدە قاتارلىقلارنى ساتاتتى.

                          *   *   *

    مەن گۆنەندىن كەلگەن كۈندىن باشلاپ بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمما دەرس پەرستىن ئەسلا خەۋرىم يوق ئىدى. بالىلار بىر ئېغىزدىن ئوقۇشقا باشلىدىمۇ، نېمە بولسۇن مەنمۇ ئەگىشىپ ۋارقىراشقا باشلايتتىم. ئەڭ بىرىنجى زوقۇم مۇئەللىمنىڭ بالىلارنى دەررەگە  بېسىشى ئىدى.

    دەررىگە باسماق...

    بىر كۈنى ھاكىم ئەپەندى بىلەن سەترە ئىشتتانلىق مۇز چىراي بىر ئادەم سىنىپقا كىرىپ كەلدى.

    -ھاكىم بەي،ھاكىم بەي!- دېيىشتى بالىلار.

    ھاكىم ساقالسىز، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئىشكتىن كىرە –كىرمەس مۇئەللىمنىڭ ئىشارىتى بىلەن ھەممىز ئورنىمىزدىن تۇردۇق. ھاكىم بىرسىنى چاقىرۋاتقاندەك قولىنى، بېشىنى لىڭشىتىپ بىزنى ئولتۇرغۇزدى ۋە ھەممىزنى ئايرىم –ئايرىم كۆزدىن كەچۈردى. بىر قانچىمىزنى ئوقۇتۇپ باقتى. ھالبۇكى، بىز يالغۇز ئاغزىمىز بىلەن ئاھاڭسىز ئوقۇيالمايتتۇق. ھاكىم چىرايىنى تۈردى، يەرگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى، كېيىن كۆزلىرىنى مۇئەللىمنىڭ باش ئۈستىدە ئېسىقلىق تۇرغان دەررىگە تىكىپ ئۇزاق-ئۇزاق قارىدى، خۇددى ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم دەررە كۆرۈۋاتقاندەك سىنچىلاپ قارىدى. ئاندىن سالاممۇ بەرمەستىن چىقىپ كېتىۋېتىپ:

    -بىردەم سىرتقا چىقامسىز، مۇئەللىم؟-دېدى.مۇئەللىم تىترەپ،  قول قوۋۇشتۇرغان پېتى ھاكىم ئەپەندى بىلەن ھېلقى مۇز چىراي ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى. ھاكىم بىلەن سىرتتا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى بىلمىدۇق، ئەمما دەررە ئەتىسى ئۆز ئورنىدىن يوقالغانىدى.

    -دەررە چەكلىنىپتۇ...-دېيىشەتتى بالىلار. ئەمەلىيەتتە بۇنى ھاكىم بەي چەكلىگەنىدى.

    تاياق قورقۇنچىسى يوقالغاندىن كېيىن بىز شۇنداق قۇتىردۇقكى، ئۆزىمىزنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلەقىمىزنى بىلمەيتتۇق، مۇئەللىمنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلىمايتتۇق، يۈزىگگ لەبلەبى ئاتاتتۇق،ئورۇندۇق كۆرپىسىگە يىڭنە سانجىپ قوياتتۇق، قونجىسىز ئايغىنى تىقىپ قويۇپ ئۇنى سائەتلەپ ئىزدىتەتتۇق، يالۋۇرتاتتۇق. بىزنى تاياقسىز ئوقۇتالمايدىغانلىقىنى بىلگەن مۇئەللىم نىھايەت يەنە بىر كۈنى دەرىنى چىقاردى، ئەمما ئۇنى باش ئۈستىگە ئاسماستىن، ئولتۇرغان ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى. ھازىر كىم گۇناھ سادىر قىلسا، بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئۇراتتى.

                           *   *   *

    ناھايىتى ياخشى ئەسلەپ بېرەلەيمەن. قىرىق بالا ھەممىز ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرغانىدۇق، شۇڭا ئارىمىزدىن خائىن چىقمايتتى. مۇئەللىمگە قارشى خۇددى بىر ۋۇجۇدتەك ھەرىكەت ئېلىپ باراتتۇق. بىر كۈنى باغدا گېپىمىزنى بىر قىلۋېلىپ ، سىنىپتا ھەممىز بىردىنلا ئەسنەشكە باشلىدۇق. بىزگە ئەگىشىپ مۇئەللىممۇ ئەسنەشكە باشلىدى ۋە بۇ بىچارە بوۋاي ئۇخلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ناس قۇتىسىنى ئالدۇق. ھەممىز پۇراپ ئىچىمىزگە تارتتۇق. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەكتەپنى چۈشكۈرۈك قاپلاپ كەتتى. مۇئەللىم بۇ غەلۋە-غوۋغادىن ئويغىنىپ ئەھۋالنى چۈشەندى. ناسنىڭ كىمنىڭ ئوغرىلغانلىقىنى سورىدى. بىز بىر ئېغىزدىن ئاھاڭدار قىلىپ:

    -بىلمەيمىز، بىلمەيمىز! دېدۇق.

    -ھەممىڭلارنى دەررىگە باسىمەن !

    -بىلمەيمىز،بىلمەيمىز!

    -ھېچقايسىڭ دېمەمسەن؟

    -بىلمەيمىز، بىلمەيمىز!..

    -ھېچقايسىڭ بىلىشمىسەڭ، ماقۇل، نەجىپ سەن بېرىپ جامەدىن ياردەمچى مۇئەللىمنى چاقىرىپ كەل، چاققان بول.

    بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ياردەمچى مۇئەللىم كەلدى. قورقۇنۇچلۇق بىر ئويۇن باشلاندى. كالتەكنى بىرسى قويسا، يەنە بىرى ئالاتتى. ئىككىسى نۆۋەتلىشىپ بىزنى دەررىگە باساتتى. ھەممىز نۆۋەت بىلەن دەررىگە بېسلدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ مۇئەللىم ئەسنەش بىلەن چۈشكۈرۈشنى ئەڭ چوڭ گۇناھ ھېسابلىدى. چۈشكۈرگەنلەرنى ، ھەتتا تەبئىي ھالدا چۈشكۈرۈپ سالغانلارنىمۇ ؟ مەن بىلەن ئوينىشىۋاتامسەن؟" دەپ يەرگە يىقىتىپ ھوشىدىن كەتكىچە ئۇراتتى. قېرىشقاندەك مېنىڭ ھېچ توختىماستىن ئەسنىگۈم، چۈشكۈرگۈم كېلىپلا تۇراتتى. شۇ سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم بۇنىڭ ئۈچۈن تاياقمۇ يېدىم. مۇئەللىم بىزنى ئۇرۇپ بولۇپ، شىرەسىگە بار كۈچى بىلەن ئۇرۇپ:

    -...

    -شەرت بولسۇن، كىم چۈشكۈرسە...

                           *   *   *

    "شەرت بولسۇن!" بۇ قانداق قەسەمدۇ؟ ئۆيگە بېرىپ ئانامدىن سورىدىم. ئانام بېشىنى چايقاپ، كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ:

    -بۇ ناھايىتى چوڭ قەسەم!-دېدى.

    -بۇ قەسەمنى يالغاندىن قىلغان ئادەممۇ ئۇرۇلامدۇ؟

    -ياق.

    -ئەمسە قانداق بولىدۇ؟

    -ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر.

    -قانداق؟

    -خوتۇنى تالاق بولۇپ كېتىدۇ.

    بۇنى تازا چۈشىنەلمىدىم. ئەمما بۇ قەسەمنىڭ دەھشىتىنى مەكتەپتە بالىلارغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئاخىرى ھەممىز ئۆيلەنگەن ئادەملەردەك راسىت –يالغاندىن " شەرت بولسۇن!" قەسىمىنى باشلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن "ئەزبىرايى!" ، " خۇدا ھەققى" دېگەن قەسەملىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتتى. مۇئەللىممۇ ھەر ئەتىگىنى شىرەسىگە ئولتۇرۇۋېتىپ بۇ سۆزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ كەتمەيتتى:

    -كىم چۈشكۈرسە شەرت بولسۇن، ئۇرىمەن،- دەپ تەكرارلايتتى.

                             *   *   *

    بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن سىنىپقا كىردۇق. سىنىپ ھەمىشەمقىدەك كۈچلۈك غەلۋە-غوۋغا بىلەن تولغانىدى. قارىسام مۇئەللىم ئۇيقۇغا غەرق بولۇپتۇ! دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، بالىلارغا ئىشارەت بارمىقىمنى لەۋلىرىمگە تەگكۈزۈپ " جىم !" ئىشارىتىنى قىلدىم. غەلۋە-غوۋغا بېسىقتى. ھەممىسى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمگە قارىشىپ تۇراتتى. كۆزۈم شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئاغزى ئوچۇق تاماكا قۇتىسى چوڭلۇقتىكى ناش قۇتىسىغا چۈشتى. پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىپ قۇتىنى ئالدىم ۋە ئىچىدىكى ناسلارنى " پارە قۇرئان " نىڭ ئىككى ۋارىقىنى يىرتىپ تۆكۈۋېلىپ، قۇتىنى يەنە ئاغزى ئوچۇق ھالدا جايىغا قويۇپ قويدۇم. بالىلار ناسنى سۈمۈرىۋېلىش ئۈچۈن ئەتراپىمغا ئولاشتى:

    -ياق، بىز بۇنى پۇرىمايمىز،- دېدىم مەن،- پۇرىساق چۈشكۈرۈپ سالىمىز، مۇئەللىم ئويغىنىپ كېتىدۇ.

    - ئەمسە سەن نېمى قىلماقچى؟

    -ھازىرلا كۆرىسىلەر.

    -نېمە قىلماقچى سەن؟ زادى نېمە قىلماقچى؟

    -بۇنى دېمەيمەن،-دېدىم مەن،- دېسەم كۈلۈپ كېتىسىلەر.

    مەن شۇنداق بىر قۇۋلۇق ئىشلەتتىمكى، بۇ ئىشنى تېخى قىلماي تۇرۇپ ئۆزۈممۇ كۈلۈپ تېلقىپ قېلىۋاتاتتىم. بالىلارمۇ ماڭا قاراپ كۈلۈشەتتى. بىزنىڭ بۇ كۈلكىلىرىمىزدىن مۇئەللىم ئويغىنىپ كەتتى. ئويغىنىپلا قۇتىغا قاراپ ناسنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى.

    -كىم ئالغان بولسا ئېيتسۇن، شەرت بولسۇن، قاتتىق ئۇرىۋېتىمەن.

    ھەممىز بىر ئېغىزدىن ئاھاڭدار قىلىپ:

    -شەرت بولسۇن، خەۋرىمىز يوق!- دېدۇق.

    -كىم ئالدى، ئېيتىڭلار؟

    -بىلمەيمىز، بىلمەيمىز!

    -ماقۇل مەن سىلەرگە ھازىرلا كۆرسىتىپ قويىمەن، ھازىر چۈشكۈرگەندە ئالغان ئادەم ئاشكارە بولىدۇ، شەرت بولسۇن، ئۇنى دەررىگە باسىمەن، ئۆلگىچە ئۇرىمەن.

    -...

    ئاھ شەرت بولسۇن، قايسى بىرىڭلار چۈشكۈرسەڭلار...

    مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى ياناي دېمەيتتى. مەن پارتىنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇن ھالدا : پارە قۇرئان" دىن يىرتىۋالغان ئىككى ۋاراقنى كانايچە قاتلاپ، ناسلارنى ئىچىگە تۆكۈۋالدىم.

    كەچ بولدى. مۇئەللىم تۈرۈكلۈك يەڭلىرىنى چۈشۈردى، پايپاقلىرىنى، مەسسىلىرىنى كىيدى، يەكتىكىنى مۈرىسىگە ئارتتى. ھەممىز بىرلىكتە ئاسما كەررە جەدۋىلىنى يادلىغاندىن كېيىن ،خەندەك باشلىدۇق. مەن ئاخىرىدا يېنىمدىكى بالىنى نوقۇپ ئورنيمدىن تۇردۇم، ئۇمۇ تۇردى. بىز قوللىرىمىزنى كۆتۈردۇق. مۇئەللىم ۋارقىرىدى:

    -نېمە بولدى؟

    -ئابدۇراخمان چەلەبىنى تەييار قىلايلىمۇ؟

    -بولىدۇ، قېنى چاققان بولۇۇڭلار.

    ئىشىكتىن چىقتۇق. ھەر كۈنى كەچتە مۇئەللىم ئىجازەت بەرگەن ئىككى بالا چىقىپ ئېشەكنىڭ چۇلۋۇر، ئېغىزدۇرۇقلىرىنى سېلىپ، ئۇچلىقىنى توقۇپ تەييار قىلاتتى. بىز تاش پەلەمپەيلەردىن يۈگۈرۈپ چۈشتۇق. ئابدۇراخمان چەلەبى يېمەي ئېشىپ قالغان ئوتلارنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇنى تېپىشلەپ يۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغۇزدۇق. چۇلۋۇر، ئېغىزدۇرۇقلىرىنى سېلىپ، ئۇچلىقنى توقۇدۇق. ئاخىرى خەندەك ئاۋازلىرىمۇ بېسىقتى. مەن ئىچى ناس بىلەن تولغان قەغەز كانايچىنى ئېلىپ ئېشەككە ئاستا ئېڭىشتىم. ئابدۇراخمان چەلەبى تېخى ھېچنىمىنى چۈشەنمەيتتى. بۇ كانايچىلاردىن بىر دانىسىنى ئېچىپ بار كۈچۈم بىلەن ئېشەكنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىۋىدىم، ئۇ دىمىقىغا خۇددى بىر تاپانچە ئېتلغاندەك چاچراپ سەكرەپ كەتتى. ئىككىنجى كانايچىنى پۈۋلىيەلمىدىم. چۇلۋۇردىن سەكىرىتە- سەكىرىتە تاش پەلەمپەيلەرنىڭ ئالدىغا ئەكەلدىم. باشقا بالىلارمۇ يېنىمدا بىللە كېلىۋاتاتتى. ئۇلار كۈلۈپ سالماسلىق ئۈچۈن قوللىرى بىلەن ئاغزىنى تۇتۇۋالغانىدى. مۇئەللىم يەكتىكىنى كىيىپ سالماق قەدەملەر بىلەن پەلەمپەيلەردىن ئاستا-ئاستا چۈشۈۋاتاتتى، بالىلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تۇرنىدەك تىزىلىپ ئارقىسىدىن چۈشۈۋاتاتتى. ئېشەك نۇقتىلىرىنى سىلكىپ سەكرەيتتى.

    -نېمە بولۇپتۇ بۇ ھايۋانغا؟

    -بىلمىدىم ئەفەندىم، ئۇخلاپ قاپتىكەن...

    -ئېغىزدۇرۇقىنى خاتا سالغانسىلەر ھەقىچان.

    -ياق.

    ئەكېلىڭلار كۆرۈپ باقاي.

    ھەممە بالىلار بىزگە قاراپ تۇرۇشاتتى. ئېشەكنى تاش پەلەمپەيگە يېقىن ئەكەلدىم. دەل مۇشۇ چاغدا ئابدۇراخمان چەلەبى خۇددى زۇكام بولغان ئادەمدەك "پىشىھ، پىشىھ..." دەپ بېشىنى سىلكىشىگە، بالىلار كۈلۈشكە باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ مۇئەللىم ھەيران قالدى. ناسنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ئابدۇراخمان چەلەبى توختىماستىن چۈشكۈرەتتى. مەن خۇددى ھېچبىر ئىشتىن خەۋرىم يوقتەك:

    -سىز بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، ئەپەندىم،- دېدىم.

    -يىقىتىۋەتكەن ئوخشايسەن...

    مەن تېخىمۇ ھەددىمدىن ئېشىۋاتاتتىم.

    -بۇنىمۇ دەررىگە بېسىشىڭىز كېرەك.

    -ئۇ دېگەن ھايۋان،ئۇ...

    قاقاقلاپ كۈلۈپ تېلقىپ قالغان بالىلار:

    -دەررىگە، دەررىگە!...دەپ ۋارقىرىشاتتى. مەن ئۇلاردىن مەدەتلىنىپ:

    -مۇئەللىم، بۈگۈن مەكتەپتە " كىم چۈشكۈرسە شەرت بولسۇن، دەررىگە باسىمەن" دېگەنمىدىڭىز،ئەگەر ئابدۇراخمان چەلەبىنى كەچۈرۈم قىلۋەتسىڭىز، خوتۇنىڭىز تالاق بولۇپ كېتىدۇ،-دېدىم.

    بالىلار خۇددى دەرس يادلىغاندەك بىر ئېغىزدىن ئاھاڭدار قىلىپ:

    -خوتۇنىڭىز تالاق بولۇپ كېتىدۇ! خوتۇنىڭىز تالاق بولۇپ كېتىدۇ!-دەپ ۋارقىرىشاتتى.

    مۇئەللىم بىردەم گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى. مىنىدىغان چاغدا "پاھ، مېنىڭ ئابدۇراخمان چەلەبىم، پاھ، مېنىڭ ئابدۇراخمان چەلەبىم" دەپ مېھرى بىلەن سىلاپ كېتىدىغان ئېشىكىگە غەزەپ بىلەن قارىدى. بىر بالا سىنىپقا يۈگۈرۈپ كىرىپ دەررىنى ئېلىپ كەلدى. ئابدۇراخمان چەلەبى ئارىلاپ- ئارىلاپ چۈشكۈرەتتى. بۇرنىنى يەرگە سۈركەيتتى. دەررە قولدىن –قولغا ئۆتۈپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا كەلدى. بالىلار كۈلۈپ تېلقىپ قېلىۋاتاتتى.

    -خوتۇنىڭىز تالاق بولۇپ كېتىدۇ! خوتۇنىڭىز تالاق بولۇپ كېتىدۇ!- دەپ ئاھاڭدار قىلىپ تەكرارلايتتى بالىلار. بالىلارغىمۇ، ئېشەككىمۇ نېمە دەپ خاپا بولۇشىنى بىلەلمىگەن مۇئەللىم ئىختىيارسىز:

    -ياتقۇزۇڭلار دەپ ئەمىر قىلدى.

    يىگىرمىدەك بالا ئابدۇراخمان چەلەبىنىڭ بېشىغا ئولاشتۇق. خېلى ئۇزاق بوغۇشۇشتىن كېيىن ئېشەكنى يەرگە ياتقۇزدۇق. ئارقا پۇتلىرىنى دەررىگە باستۇق. مۇئەللىم كالتەكنى قولىغا ئېلىپ، خۇددى تاقىچى ئۇستامدەك" تاق – تاق" ئۇرۇشقا باشلىدى. ئېشەك تىپىرلايتتى، تولغىناتتى، بالىلار ۋارقىرىشاتتى. كۈلۈشەتتى، قىياس-چۇقانكى ... تۇيۇقسىز .ارقىدىن بىر بالا:

    -ھاكىم بەي!... –دەپ ۋارقىرىدى. ھەممىز بولۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قارىدۇق. قارا سەترە ئىشتانلىق، قىزىل فەسلىك *مۇز چىراي بىر ئادەم... ئوڭ-سولىدا بىردىن ساقچى تىككىدە تۇرۇشاتتى.

    -نېمە بولۇۋاتىدۇ بۇ يەردە، مۇئەللىم؟- دەپ سورىدى ھاكىم.

    مۇئەللىم ناھايىتى ئوسال ھالدا جىم بولۇپ قالدى ۋە بېشىنى ئەگدى، كالتەك قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. دەررىنى تۇتقانلارمۇ قويۇپ بەردى. دەررىدىن قۇتۇلغان ئېشەك ئۈركۈپ، تاقلاپ-تاقلاپ كاشتان دەرەخلىرىنىڭ ئاستىغا قاراپ قاچتى ۋە بار ئاۋازى بىلەن ھاڭراشقا باشلىدى. ھاكىم مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىپ ئاستا-ئاستا ماڭدى. سىنىپنىڭ ئالدىغا يېقىنلاشتى، قاشلىرى لىپىلدايتتى، ئۇ غەزەپ بىلەن قايتا سورىدى:

    -نېمە ئىش قىلۋاتاتتىڭىز؟

    -ھېلقى... ئەپەندىم...-مۇئەللىم كېكەچلەپ قالدى.

    -نېمە ھېلقى؟

    -شەرت قويغانىىدىم.

    -بۇ نېمىدېگەن گەپ؟

    -چۈشكۈرگەنلەر ئۈچۈن.

    -نېمە چۈشكۈرگەنلەر ئۈچۈن؟

    -ئېشەك چۈشكشردى.

    -ئېشەك چۈشكۈردىمۇ؟

    -...

    بالىلار ھەم چۈشكۈرەتتى ھەم كۈلۈشەتتى. ھاكىم مەكتەپ قائىدىسىگە ھاقارەت كەلتۈرگەن بۇ نومۇسسىزلىققا غەزەپلەندى-دە، چىشلىرىنى خئۇددى چىشلەيدىغاندەك كۆرسىتىپ:

    -يوقىلىش بۇ يەردىن، تەربىيسىزلەر!...دەپ ۋارقىرىدى.

    بىز قورقۇپ دەرھال جىم بولدۇق. ھاكىم ھودۇقۇپ پەرىشان ھالدا  يەرگە قاراپ تۇرغان مۇئەللىمگە قارىدى.

    -مەن بىلەن مېڭىڭ.

    ھاكىم ئالدىدا، ساقچىلار بىلەن مۇئەللىم ئارقىسىدا چىقىپ كەتتى.

                          *   *   *

    شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتە نە دەررىنى، نە مۇئەللىمنى كۆرمىدۇق!...

    ھازىر مەن بىرسىنىڭ چۈشكۈرگەنلىكىنى كۆرسەم كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قىلغان بۇ غەلىتە قىزىقچىلىقمنى كۈلۈمسىرەيمەن، قەلبىمدە مەجھۇل بىر ئازاب ھېس قىلمەن. مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇئەللىملىكتىن قوغلانغان، بەلكى ئاچ قالغان بۇ ئاقساقاللىق پېقىر بوۋاينىڭ بىچارە سىيماسى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ۋىجدان ئازابىمنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى يەڭگىللىمەكتە يوق، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.

    بىراق...

    بىراق،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھاياتلىقتىكى ھەر خىل كۈلكىلىك نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا كۆزگە كۆرۈنمەس بىر پاجىئە يوقمىدۇ؟

    (ئۆمەر سەيفىدىننىڭ "سىرلىق ئىبادەتخانا" ناملىق كىتابىدىن مۇھەممەت ئەمەت چوپانى تەرجىمە قىلغان)

    (تەرجىمان: قاغلىق ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە)

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.