يانچۇقچى(كامىن كونداي)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-25 12:56:00

يانچۇقچى كامىن كونداي (ئىسپانىيە) رىزۋان ھەمزە تەرجىمىسى ـ مۇئەللىم! ئىككى بىلىگىنىڭ ئۈستىگە ئىڭىگىنى قويىغىنىچە ئۈستەلگە ئىڭىشىپ ئولتۇرغان تاڭلاخائېر بىرسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرىغانلىغىنى ئاڭلاپ، ...

    يانچۇقچى

    كامىن كونداي (ئىسپانىيە)

     رىزۋان ھەمزە تەرجىمىسى

            ـ مۇئەللىم! ئىككى بىلىگىنىڭ ئۈستىگە ئىڭىگىنى قويىغىنىچە ئۈستەلگە ئىڭىشىپ ئولتۇرغان تاڭلاخائېر بىرسىنىڭ ئۆزىنى چاقىرىغانلىغىنى ئاڭلاپ، بېشىنى كۆتەردى ۋە دەرھال كۆزەينىگىنى تاقىۋالدى. ئۇنىڭ يېنىدا يىگىرمە ياشلارغا كىرگەن، تۇرقىدىن سەمىمىلىگى كۆرۈنۈپ تۇرغان خۇش چىراي بىر يىگىت تۇراتتى. ـ خوش، يىگىت؟ قېنى ئولتۇرۇڭ؟ ـ ياق، رەھمەت؟ ـ يىگىت تارتىنىپقىنا كۈلۈپ قويدى، ـ ئولتۇرمىساممۇ بولار. مەن ئەسلىدە سىزنى يوقلاپ كەلگەن ئەمەستىم، قاراڭا، مەن... ـ ئۇنىڭ مەڭزىلىرى تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى، ئاندىن، ـ مېنىڭ ئىچىم تاشقى كۆرۈنۈشۈمدەك بۇنچىلىك ياخشى ئەمەس، ـ دىدى ـ دە، ئارقىدىنلا يەنە تېز ـ تېز سۆزلەپ كەتتى، ـ ھە، قاراپ بېقىڭا، بىرەر نىمىڭىز كەمدەك تۇرامدۇ، قانداق؟ ياقەي، يانچۇغىڭىزغا سالمىغاندۇرسىز، بەلكىم ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويغان بولۇشىڭىز مۈمكىن. تاڭلاخائېر يانچۇقلىرىنى ئاختۇرغان سەل گاڭگىراپ تۇرۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ «ئۈستەل دىگىنىنى ئاڭلاپ ئېسىگە كەلدى ـ دە، ئالدىراپ تارتمىنى ئاچتى ۋە ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى: «پورتمىنىم!» ئۇ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، بىر چامداپلا يىگىتنىڭ ئالدىغا باردى. ـ پورتمىنىم، مېنىڭ پورتمىنىم يوق تۇرىدۇ! ـ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، مۇئەللىم، پورتمىنىڭىز مەندە، مەن ئۇنى سىزگە قايتۇرۇپ بەرمەكچىمەن! ـ پورتمىنىم سىزدە؟ ھە، ئەسلىدە پۇلۇمنى ئوغرىلىۋالغان سىز ئىكەنسىز ـ دە؟ ـ ئۇ شۇنداق دىدىيۇ، يەنە ئىتتىكلا گېپىنى ئۆزگەرتىۋالدى، ـ كەچۈرۈڭ، نىمىلەرنى دەۋەتتىم ـ ھە؟ پورتمىنىمنى سىز ئوغرىلىمىغان بولغىيدىڭىز؟ ئۇنداق بولمىسا يەنە ئۆزەمگە قايتۇرۇپ بېرەتتىڭىزمۇ؟ بۇ پۇللارنى نىمىگە ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىگىمنى بىلسىڭىز ئىدى! بۇ پۇللارنى مەن خىراجەتتىن تېجەپ يۈرۈپ يىغىپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغلۇمنىڭ تاققا بېرىپ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولۇپ تۇراتتىم. يىگىت جىم بولۇپ قالدى، ئەمما ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ، مۇئەللىمنىڭ نىمىلەرنى دەۋاتقانلىغىنى تازا ئاڭقىرالمىدى، بىر ھازاغىچە سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن: ـ مۇئەللىم، مەن بولسام يانچۇقچى! قانداق، ئىشەنمەمسىز؟ بۇ مۇنداق ئىش: تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەن بۇ پورتماننى بىر ترامۋايدا ئون تۆت ـ ئون بەش ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ يېنىدىن ئوغرىلىۋالغان ئىدىم. پورتماننىڭ ئىچىدە ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز بىستا ۋە سىزنىڭ ئوغلىڭىزدىن كەلگەن خەت بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە سىزنىڭ بىر نەچچە پارچە خېتىڭىزمۇ بار ئىكەن. پورتماننىڭ ئىچىدىن يەنە بىر پارچە كارتوچكا چىقتى، ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپتوۋۇزغا ئولتۇرۇش كېنىشكىسى ئىكەن. سىز ئۇ بالىغا بىرەر ئىشنى بېجىرىپ كېلىشنى تاپىلاپ پورتماننى بېرىپ قويغانمۇ ياكى ئۇ ئۆزى تارتمىدىن سۇغۇرۇۋالغانمۇ، بۇنىسى بىلمىدىم، ـ دىدى. مۇئەللىم نىمە دىيىشىنى بىلمەي سۈكۈتكە پاتتى. ئۇ كارتوچكىنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭغا يېزىقلىق ئىسىم ـ پەمىلىگە قاراپ باقماقچى بولدىيۇ، ئۇشتۇمتۇتلا يەنە تاشلاپ قويدى. ئۇنى يىگىتكە سۇنۇپ تۇرۇپ كەسكىنلىك بىلەن؟ ـ ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇنى يىرتىۋەتسىڭىز. مەن يانچۇقچىنىڭ كىملىگىنى بىلمەيلا قوياي، ـ دىدى. يىگىت ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىپ كارتوچكىنى يىرتىپ پارە ـ پارە قىلىۋەتتى، مۇئەللىم مىننەتدارلىق بىلەن: ـ سىزگە ئاللا رەھمەت قىلسۇن، ـ دىدى ـ دە، يىگىتنىڭ قولىنى سىقىپ قويدى. ـ ھەرگىز بۇنداق دىمەڭ، مەن بۈگۈن بىر ياخشى ئىش قىلغىنىم بىلەن، ئىلگىرى يامان ئىشلارنى تولا سادىر قىلغانمەن! مۇئەللىم ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغۇچە يىگىت ئاستاغىنا چىقىپ كەتتى. تاڭلاخائېر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىچە، پورتمانغا ئۇزاق تىكىلدى. سىنىپتىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. يانچۇقچى كىم بولغىيدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە. بۇ پۇللارنى مۇئەللىم ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن مىڭبىر جاپا ـ مۇشەققەتتە يىغىپ توپلىغانلىغىنى ھەممەيلەن بىلەتتىغۇ! ئەلۋەتتە، ئۇ قانداقلا قىلسۇن، ئوغرىنىڭ كىملىگىنى بىلىۋالالايدۇ. ئەمما، نىمىشقا بىلىۋېلىشى كېرەككەن؟ ياق، بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىىت يوق! ئۇ، ھىلىقى ئۇششاق يىرتىۋېتىلگەن كېنىشكىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنى يوقىتىپ قويغۇچى جەزمەن ئورنىغا باشقىنى ئالغىلى ئالدىمغا كېلىدۇ. بۇنداقتا، يانچۇقچى ئۆزىنى ـ ئۆزى ئاشكارىلاپ قويمامدۇ؟ قانداق قىلسام بولار؟ ئۇ بىر دەقىقە ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، سىرتقا قاراپ چاقىردى: ـ مارىيا، مەيەرگە كىرگنە! قىزى دادىسىنىڭ ئالدىغا كىردى. ـ مانا ماۋۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىگى بىلەن يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان ئاپتوۋۇز كېنىشكىسى، سەن بۇنىڭ ئۈستىگە ئىسىملارنى يېزىپ قوي، ئۇلارغا يېڭىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىت بوپقالدى. ـ كونىسى يىغىۋالامسىز؟ ـ كېرىگى يوق، ئۇنى ئۆزلىرى بىر ياقلىق قىلىۋەتسۇن! ئەتىسى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە، تاڭلاخائېر يېڭى كېنىشكىلەرنى ئېلىپ، دەرسىخانىغا كىردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولغاندىن كېيىن، كېنىشكىلەرنى تارقىتىشقا باشلىدى. ـ قىزىم بىردىن ـ بىردىن ئىسىڭلارنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئالدىغا چىقىپ يېڭى كېنىشكىنى ئېلىۋېلىڭلار. ئۇنى ئوبدان ساقلاڭلار، كونىسىنى ئۆزەڭلار بىر ياقلىق قىلارسىلەر، مەن يىغىۋالمايمەن! كۆپچىلىك تۇيۇقسىز چىقىرىلغان بۇ قاراردىن تەسادىپلىق ھىس قىلىشتى. ئەمما قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ ـ ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كېتىشتى. ئۇلار نۆۋەت بويىچە جىمغىنا ئالدىغا ئۆتۈپ، كېنىشكىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى. چارەك سائەت ئۆتمەيلا، قىرىق دانە ئاپتوۋۇز كېنىشكىسى تارقىتىلىپ بولدى. سائەت ئون بولۇپ قالغان بولسىمۇ، مۇئەللىم تېخىچە تۇرغان جايىدا قېتىپ قالغاندەك تۇراتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى ئۈنلۈك ئوقۇشقىمۇ، مەشق ئىشلەشكىمۇ ئورۇنلاشتۇرمىدى، ئۇ ئىككى قولىنى مۇنبەر ئۈستىگە قويۇپ، گويا چۈشتىن ئاۋالقى يېرىم كۈننى، تاكى ئاخىرغا قەدەر مۇشۇنداق ئۆتكۈزمەكچى بولغاندەك، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇزاقتىن ـ ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇردى. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى. ئاندى قولىنى كۆتىرىپ، كۆپچىلىكنى تىنچلىنىشقا ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ ئوشۇقچە ئىدى، چۈنكى بۇنداق قىلىشىمۇ ئوشۇقچە ئىدى، چۈنكى بۇنداق كۆڭۈلسىز سۈكۈت ئىچىدە ھىچكىممۇ ئۈن چىقىرىشقا پېتىنالمايتتى. ـ بالىلىرىم! بىلەمسىلەر، مەن بۈگۈن سىلەرگە نىمە ئۈچۈن ئاپتوۋۇز كېنىشكىسىنى يەڭگۈشلەپ بەردىم؟ بۇنىڭ سەۋەبى، ئاراڭلاردىن بىرەيلەن مېنىڭ پورتمىنىمنى ئوغرىلىۋالغان ئىكەن، بىراق بۇ پورتماننى ئۇنىڭ يېنىدىن باشقا بىرسى ئېلىۋاپتۇ، ئۇ يانچۇقچى بۇ پۇللارنىڭ يىلىغا ئاران تۆت مىڭ بىستا مائاش ئالدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يىمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكتىن تېجەپ يىققان پۇلى ئىكەنلىگىنى بىلگەن ۋاقتىدا ۋىجدانى ئويغىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن پورتماننى ماڭا ئەپكېلىپ بەردى. پورتماننىڭ ئىچىدە يەن ئەبىر دانە ئاپتوۋۇز كېنىشكىسى بار ئىكەن، ئۇنىڭدا ئىسىم يېزىقلىق، ئۇنىڭغا بىر قاراپلا بۇ ئەسكى ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىغىنى بىلىۋالغان بولاتتىم. ئەمما مەن ئۇنداق قىلمىدىم. شۇ زامان يىرتىپ تاشلىۋەتتىم! مەن كېنىشكىنىڭ ئىگىسىنىڭ كىملىگىنى بىلىشنى خالىمايمەن. گەرچە ئۇ ماڭا باغرى تاشلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ شۇنى بىلىپ قېلىشى كېرەككى، مەن ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭدىن يامان يولدىن قايتىپ ، ياخشى يولغا مېڭىشىنى، بۇنداق سەت ئىشنى قايتا سادىر قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن. مانا بۇ، كېنىشكىنى كونىسىنى يىغمايلا ئالماشتۇرۇپ بېشىمنىڭ سەۋەبى. نىمە دىگەن مېھرىبان مۇئەللىم! بۇ، ئاق كۆڭۈل بوۋاينىڭ بارلىق مۇھببىتىنى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىلا بېغىشلىغىنى ئەمەسمۇ؟ ئۇ سۆزلەۋېتىپ، تامىغىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك، ئاۋازىنى چىقارالماي قالدى. قىزى ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرسخانىدىن چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ پەيتتە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگىمۇ لىق ياش تولغان ئىدى. ـ سەنمۇ چىقىپ كەتكەن بالام، ئۆزەم يالغۇز قالاي، بىردەم يالغۇز تۇرۇۋالاي. ئۇ كۆزەينىگىنى ئېلىۋېتىپ، تەنھا ئۆزى دەرسخانىدا قالدى. ئۇ ئەمدى ئورنىدىن تۇراي دىگەندە، توساتتىن ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدى، ئارقىدىنلا، ھەسرەتلىك، ئۈكسىگەن بىر ئاۋاز قۇلىغىغا كىردى: ـ مۇئەللىم! پورتماننى مەن ئوغىلىغان ئىدىم! ماڭا قارىسىڭىزچۇ مۇئەللىم! ئانامنىڭ نامىدىن قەسەم قىلىپ بېرەي، ئىككىنچىلەپ بۇنداق ئەسكى ئىش قىلمايمەن. مۇئەللىم ئىككى قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭغا تەلپۈندى، قاتتىق تەسىرلەنگىنىدىن يېنىشلاپ ـ يېنىشلاپ: ـ بالام، ئوبدان بالام، ـ دەپ كەتتى. كۆزەينىگىنى تاقىمىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇ پەقەتلا بىر غۇۋا كۆلەڭگىنى كۆردى. كۆلەڭگىنىڭ كەينىدىكىسى ئاپرېل ئېيىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان باھار مەنزىرىسى ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق