ئىپادىزىم =表现主义=Expressionism

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-30 12:50:00

ئىپادىزىم =表现主义=Expressionism ئىپادىزىم =20xpressionism-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن ئەدىبىيات-سەنئەت ھەركىتى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىپادىزىم ئەدىبىياتى غەرب مودىرنىزىم ئەدىبىياتىدىكى ئا...

        ئىپادىزىم =表现主义=Expressionism

     

     

        ئىپادىزىم =20xpressionism-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيەدە بارلىققا كەلگەن ئەدىبىيات-سەنئەت ھەركىتى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىپادىزىم ئەدىبىياتى غەرب مودىرنىزىم ئەدىبىياتىدىكى ئاساسلىق ئېقىملارنىڭ بىرى. ئۇ 1910-يىلدىن 1925-يىلغىچە، يەنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە گۈللىنىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
             Expressionism دىگەن بۇ ئاتالغۇ لاتىن تىلىدىكى expressus  دىگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ، ئۇ «كۈچ بىلەن چىقىرىش»، «زەرپ بىلەن چىقىرىش»، «ئېتىپ چىقىرىش»، «قىسىپ چىقىرىش» دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىپادىزىمچىلار ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھېس-ھاياجانلىرىنى كۈچلۈك ئېتىلىپ چىققان ھالەتتە تەسۋىرلىگەنلىگى ئۈچۈن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئىپادىزىمنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ، چېتىلىس دائىرسى بىر قەدەر كەڭ ۋە تەسىرى زور بولغاچقا، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئۈستىدە توىتىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    ئەدىبىيات ھەركەتلىرىنى بىلدۇردىغان نۇرغۇن ئاتالغۇلارغا ئوخشاشلا، «ئىپادىزىم» دىگەن بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتە رەسىمچىلىكتە كۆرۈلگەن، ئاندىن ئەدىبىيات ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلگەن.
          ئىپادىزىمغا ئاساس سالغان رەسساملاردىن گوللاندىيىلىك ۋان گوك (1853-1890)، فىرانسىيلىك گوگىن، نورۋىگىيلىك مۇنك، فىرانسىيلىك سېزان قاتارلىقلار بار. بۇلۇپمۇ ئېدۋارد مۇنكنىڭ 1894-يىلى ئىجاد قىلغان «ۋارقىراش » ناملىق رەسىمى ئىپادىزىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بەرگەن ئەسەر دەپ قارالماقتا.
              ئىپادىزىمغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىپلەردىن شېۋىتسىيلىك دىرامماتورگ ستىرنىك، گېرمانىيلىك پەيلاسوپ ۋە يازغۇچى نىتچە، رۇسىيلىك يازغۇچى دوستويىۋىسكى، ئامېرىكىلىق شائىر ۋىتمان، ئىتالىيلىك شائىر مارىنېتتى قاتارلىقلار بار.
        ئىپادىزىم شېئىريىتى ئىپادىزىم رەسىمچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغان، شۇنداقلا مارىنېتىتىنىڭ نەزىريىلىرىنى قۇبۇل قىلغان.«بوران-چاپقۇن» ژۇرنىلىنى مەركەز قىلغان بۇ ئېقىم ئۆزىگە خاس يېڭى شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن.ئۇلار ئۆز شېئىرلىرىدا بىر قاتار ئىسىم، ئاز مىقداردىكى سۈپەت ۋە پېئىللارنىڭ ئەسلى شەكلىنى ئىشلەتكەن. بۇنداق ئىخچاملاشقان شېئىرلار ئىپادىزىم رەسىملىرىگە ئوخشاش بايان ۋە تەسۋىرنى تاشلىۋىتىپ، ھېسىياتنىڭ جەۋھىرىنى ساقلاپ قالغان. كۈچلۈك قەستەن سېلىشتۇرما ۋە ھازىرقى زامان شەھەر تۇرمۇشىنىڭ چۈشكۈنلىكىگە دىققەت قىلىش ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ قالغان.
           ئىپادىزىم ئەدىبىياتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نەتىجىسى لېرىك شېئىر بىلەن دىرامما، ئۇنىڭدىن قالسا پروزا. ئىپادىزىمنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىدىن بولغان فىرانز كافكا بىلەن كارىل چاپىكقا ئوخشاش دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە خام خىيالغا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقنى ۋە ئادەمنىڭ شەكىللىك ياكى شەكىلسىز كۈچلەر بىلەن بولغان ئازاپلىق ۋە مەغلوبىيەتلىك تىركىشىشنى تەسۋىرلەشلىرى ئۇلارنىڭ ئىپادىزىمغا ياندىشىدىغان خاھىشىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن. 
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق