رومىئو-ژۇلىتتا ( شېكىسپېر -تولۇق نۇسخىسى)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-23 10:39:00

ئۇلار ئايرىلغان چاغدا تاڭ ئېتىپ قالغانىدى. رومېئو ئۆز مەشۇقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بەختلىك ئۇچرىشىشنى ئويلاپ ئۇخلىغۇسى كەلمىدى.ئۇ ئۆيگە قايتماي، يولدىن قايرىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى مۇناستىر...

        ئۇلار ئايرىلغان چاغدا تاڭ ئېتىپ قالغانىدى. رومېئو ئۆز مەشۇقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بەختلىك ئۇچرىشىشنى ئويلاپ ئۇخلىغۇسى كەلمىدى.ئۇ ئۆيگە قايتماي، يولدىن قايرىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى مۇناستىردىكى لاۋرېنىس پوپنىڭ قېشىغا كەلدى.بۇ ياخشى پوپ ئاللىبۇرۇن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغانىكەن، ياش رومېئونىڭ قاق سەھەردە يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭ ياشلىقىتىكى ئىشىق- مۇھەببەت پىراقى دەردىدە ئۇخلىيالماي، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى پەملىدى. ئۇ رومېئونىڭ مۇھەببەت دەردىدە ئۇىلىيالماي، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى پەملىدى. ئۇ رومېئونىڭ مۇھەببەت دەردىدە ئۇنىڭ كىمنىڭ دەردىدە ئۇخلىيالمىغانلىقىنى توغرا تاپالمىدى. ئۇ رومېئونىڭ ئۇخلىيالمىغانلىقى روشلىنىنىڭ دەردىدە بولسا كېرەك دەپ ھېسابلىغانىدى. بىراق رومېئو لاۋرېنىس پوپقا، ئۆزىنىڭ ھېلىلا ژۇلېتتاغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، پوپتىن شۇ كۈنىلا ئۇلارغا نىكاھ ئوقۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلغىنىدا، بۇ پاك كىشى كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، رومېئونىڭ ھېسياتىدا يۈز بەرگەن بۇ تاساددىپىي ئۆزگىرىشتىن ھەيران بولدى، چۈنكى رومېئونىڭ روشىلىنغا كۆيۈپ يۈرگەنلىكىدىن ۋە ئۇنىڭروشلىن مېنى ياراتمىدى دەپ قاقشاپ يۈرگەنلىكىدىن پوپ پۈتۈنلەي خەۋەردار ئىدى . ئۇ، ياشلارنىڭ ئىشىق- مۇھەببىتى چىن كۆڭلىدە ئەمەس، بەلكى كۆزىدە ئىكەن،دېدى. بىراق رومېئو پوپقا جاۋاپ بېرىپ،ئۆزىڭىز دائىم مېنى «ساڭا رىشتى يوق روشلىنغا ئۇنچىۋالا شەيدا بولۇپ كەتمىسەڭ بولاتتى» دەپ ئەيىبلەيتتىڭىزئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە، مەن ژولېتتانى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ژولېتتامۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى. پوپ ئۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىگە قۇشۇلدى، ئۇ كۆڭلىدە، بەلكىم ژولېتتا قىز بىلەن رومېئونىڭ توي مەرىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كېپلەت جمەمەتى بىلەن مونتايگىن جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ يىللىق ئاداۋەتنى تۈگەتكىلى بولار دەپ ئويلىدى. بۇ ياخشى نىيەتلىك پوپ ھەرئىككى ئائىلە بىلەن ياخشى ئۆتۈشەتتى، ئۇ ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنۇپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت-ئۆچمەنلىككە ئۇنىڭدىمۇ ئۆتە ئېچىندىغان كىشى يوق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ رومېئونى ياقتۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ( ئۇ رومېئونىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلالمايتتى)، بۇ ئاقساقال ئۇلارغا نىكاھ ئوقۇپ قويۇشقا ماقۇل بولدى. بۇ پەيىتتە رومېئو ئۆزىنى چەكسىز بەختىيار ھېس قىلدى. ژولېتتا ۋەدىسى بويىچە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇ ئارقىلىق رومېئونىڭ مۇددىئاسىنى ئۇققاندىن كېيىن، تېزلا لاۋرېنىس پوپنىڭ مۇناستىردىكى يۇشۇرۇن ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، ئۇلار ئۇ يەردە مۇقەددەس بىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياخشى نىيەتلىك پوپ تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ بەختك دۇئا قىلدىۋە نەۋقىران مونتايگىن بىلەن نەۋباھار كېپلەتنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ جەمەتى ئوتتۇرسىدىكى كونا ماجىرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئاداۋەتنىڭ مۇشۇ ئىش بىلەن كۆمۈلۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدى. نىكاھ مۇراسىمىدىن كېيىن ژولېتتا ئۆيگە قايتىپ، كۈننىڭ كەچ بولۇشىنى تەقەزالىق بىلەن كۈتتى. رومېئو قارڭغۇ چۈشكەن ھامان ئۇلار ئالدىنقى ئاخشىمى ئۇچراشقان باغدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋەدە قىلغانىدى. يېڭى تىكتۈرۈلگەن رۇخسەت قىلىندىغانلىقى ئۈچۈن، ھېيت ھارپىسىدا تەقەززا بولغان بالىدەك، بۇ ئارىلىقتىكى بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزۈش ژۇلېتتا ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەك تەس چۈشتى. شۇ كۈنى چۈشكە يېقىن، رومېئونىڭ ئاغىنىسى پامفىلوس بىلەن مونكىشيو ۋېرونا شەھرىنىڭ كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا، كېپلەت جەمەتىنىڭ بىر توپ ئادىمىگە ئۇچراپ قالدى. توپ بېشى بولۇپ ماڭغىنى مىجەزى قوپال تىبولىت ئىدى. كېپلەت تەقسىرنىڭ زىياپىتىدە رومېئو بىلەن ئۇرۇشماقچى بولغان كشى دەل مۇشۇ ئەلپازى بۇزۇق تىبولت ئىدى. ئۇ مونكىشيونى كۆرۈپلا، ئۇنى مونتايگىن جەمەتىدىكى رومېئو بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى دەپ، قوپاللىق بىلەن ئەيىبلەپ كەتتى. مونكىشيومۇ تىبولتقا ئوخشاش قېنى قىزىق، مىجەزى قوپال يىگىت ئىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قاتتىق جاۋاب قايتۇردى. پامفىلوس ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىشكە خېلى كۈچۈپ باققان بولسىمۇ، ئۇلار يەنە تاكاللىشىپ قالدى. دەل شۇ پەيىتتە رومېئو بۇ يەرگە كەپقېلىۋىدى. ۋەھشىي تىبولت مونكىشيونى تاشلاپلا دەرھال رومېئوغا يېپىشىپ، رومېئونى «دەيۈز» دەپ ھاقارەتلىدى. رومېئو تېبولت بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ئىلاجى قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايتتى، چۈنكى ئۇ ژولېتتانىڭ تۇغقىنى ئىدى. ژولېتتامۇ ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى.شۇنداقلا، بۇ ياش مونتايگىن زېرەك،مۇلايىم ئىدى. ئائىلىلەر ئارىسىدىكى بۇنداق جېدەل- ماجىرالارغا ئەزەلدىن ئارىلاشمايتتى، يەنە كېپلەت ئەمدى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك مەھبۇبىسىنىڭ فامىلىسى ئىدى. بۇ فامىلىنى غەزەپنى قوزغايدىغان بەلگە دېگەندىن كۆرە، ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىدىغان تىلتۇمار دېگەن تۈزۈكرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىلاج قىلىپ تىبولتقا ئەدەب بىلەن قائىدىلىك گەپ قىلىپ، ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن «ياخشى كېپلەت» دەپ ئاتىدى. ئۇ گەرچە مونتايگىن ئائىلىسىدىن بولسىمۇ،كېپلەت دېگەن بۇ فامىلىنى ئاتىغاندا، قەلبىدە بىرخىل ھۇزۇرلىنىش ھېس قىلاتتى. بىراق، تىبولت مونتايگىنلارنىڭ جەمەتىگە خۇددى دوزاخقا نەپرەتلىنەتتى، ھەرقانچە قائىدە سۆزلىگەن بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى،ئۇ دەرھال شەمشىرىنى چىقاردى. مونكىشيو رومېئونىڭ تىبولت بىلەن ياخشىلىشىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشتىكى مەخپى سەۋەبىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ھازىرقى بۇنداق سەۋىر-تاقەتلىك بولۇشىنى قورقۇنچاقلىق بىلەن نومۇسسىزلارچە تىز پۈككەنلىك دەپ قاراپ، بىر مۇنچە مەسخىرە گەپلەرنى قىلىپ تىبولتنىڭ چىشىغا تېگىپ جېدەلنى ئۆزىگە تارتتى. تىبولت بىلەن مونكىشيو تۇتۇشۇپ قالدى. رومېئو بىلەن پامفىلوس بۇ ئىككى ئۇرۇشقاقنى ئاجرىتىۋاتقان چاغدا، مونكىشيو ئەجەللىك يېرىدىن زەخمىلىنىپ يىقىلىپ چۈشتى. مونكىشيو ئۆلۈشى بىلەنلا، رومېئو ئۆزىنى بېسىۋالالماي، تىبولت بايا ئۆزىنى تىللىغان «دەيۈز» دېگەن ھاقارەتلىك سۆز بىلەن تىبولتقا جاۋاب بەردى. ئۇلارمۇ تۇتۇشۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا رومېئو تىبولتنى ئۆلتۈرۋەتتى.بۇ قورقۇنچۇلۇق مالىماتاڭ چۈش ۋاقتىدا چۈش ۋاقتىدا ۋېرونا شەھىرىنىڭ مەركىزىدە يۈز بەردى. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، بىر توپ كىشلەر تېزلىكتە ۋەقە تۇغۇلغان جايغا يېتىپ كېلىشتى، بۇلانىڭ ئىچىدە كېپلەت تەقسىر ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى، مونتايگىن تەقسىر ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىمۇ بار ئىدى. ئانچە ئۆتمەيلا شاھزادىمۇ يېتىپ كەلدى. شاھزادە تىبولت ئۆلتۈرۋەتكەن مونكىشيو بىلەن تۇغقان ئىدى، شۇنداقلا كېپلەت ئائىلىسى بىلەن مونتايگىن ئائىلىسىنىڭ جېدەل- ماجىراسى ئۇ ئىدارە قىلىۋاتقان بۇ جاينىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى ھەمىشە بۇزۇپ تۇرغاچقا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمنى ھەمىشە بۇزۇپ تۇرغاچقا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمنى تېپىپ،قاتتىق جازالاش قارارىغاكەلدى. پامفىلوس بۇ جېدەلنى كۆرۈپ تۇرغان شاھىد ئىدى، شاھزادە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانىنى سۆزلەتكۈزدى. ئۇ رومېئونى بالاغا ئىتتىرمەسلىك ئاساسىدا كۆرگەنلىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ، كۈچىنىڭ بارىچە ئاغىنىسىنى ئاقلىدى. كېپلەت خانىم ئۆز جەمەتى تىبولتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىنتايىن ئىچ ئاغىرىتىپ، قانداقلا بولمىسۇن ئۆچ ئېلىشنى، شاھزادىنىڭ قاتىلىنى قاتتىق جازالاپ بېرىشنى، پامفىلوسنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. پامفىلوس- رومېئونىڭ ئاغىنىسى، شۇنداقلا مونتايگىنلارنىڭ جەمەتىدىن، ئۇ ئۇلارغا يان بېسىۋاتىدۇ، دەيتتى ئۇ خانىم. ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى كۈيئوغلى ئۈستىدىن ئەنە شۇنداق ئەرز قىلدى. ئۇ رومېئونىڭ ئۆزىگە كۈيئوغۇل ۋە ژولېتتاغا ئەر بولۇپ بولغانلىقىنى بىلمەيتتى؛ يەنە بىر تەرەپتە، مونتايگىن خانىم ئوغلىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيتتى، ئۇ قائىدە سۆزلەپ : رومېئو تىبولتنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ جازالانماسلىقى كېرەك، چۈنكى تىبولت مونكىشيونى ئۆلتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەسمۇ، دەپ مۇنازىرلىشەتتى. شاھزادە بۇ ئىككى ئايالىنىڭ ۋارقىراش- جارقىراشلىرىغا ئېرىپ كەتمىدى، ئۇ پاكىتلارنى زەن قويۇپ تەكشۈرۈپ، ئاندىن ئۆز ھۆكمىنى جاكارلىدى. ھۆكۈم بويىچە، رومېئو ۋېرونادىن سۈرگۈن قىلىندىغان بولدى. داۋامى بار......
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق