راست سۆزلەشنىڭ ئاقىۋىتى(نارايان- ھىندىستان)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-28 21:15:00

راست سۆزلەشنىڭ ئاقىۋىتى K. R.نارايان (ھىندىستان) سېكال ئويلىنىپ قالدى: راست گەپ خۇددى قوياشقا ئوخشايدۇ، ھەرقانداق كىشى قوياشقا تىكىلىپ قارىسا كۆزىنى چاقنىتىۋېتىدۇ. سېكال كىشلەر ئارىسىدىكى مۇناس...

     راست سۆزلەشنىڭ ئاقىۋىتى
    K. R.نارايان (ھىندىستان)

      سېكال ئويلىنىپ قالدى: راست گەپ خۇددى قوياشقا ئوخشايدۇ، ھەرقانداق كىشى قوياشقا تىكىلىپ قارىسا كۆزىنى چاقنىتىۋېتىدۇ. سېكال كىشلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلغان راست گەپكە تاينىپ ساقلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنپ يەتتى. ئەمما ئۇ بۈگۈننى راست گەپنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش ۋە باشقىلارغىمۇ مۇتلەق راست گەپ قىلىدىغان ئالاھىدە كۈن قىلىپ بېكىتتى. «چوقۇم راست گەپ قىلىمەن».
       ئەتىگەندە ئايالى ئۇنىڭغا ناشتىلىق ئېلىپ كەلدى، تۇنجى سىناق مۇشۇ ناشتىلىقتىن باشلاندى. خانىمىنىڭ ئالاھىدە ماھارەت بىلەن تەييارلىغان ناشتىلىقىغا ئۇ تازا قىزغىن پوزىتسىيىدە بولمىدى. خانىم:
        ـ قانداق، ئوخشىماپتىما؟ - دەپ سورىدى. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇ خانىمىغا ئېلھام بولسۇن ئۈچۈن:
       ـ بەك تويۇپ كەتتىم، ئەمدى ئۆتمەيدۇ، ـ دېگەن بولاتتى، ئەمما بۈگۈن ئۇنداق دېمىدى، بەلكى:
        ـ نېمانداق بەتتام تاماق بۇ، قانداق يېگىلى بولسۇن، ـ دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭ ئىككىنچى سىنىقى ئاممىۋى سورۇنغا توغرا كېلىپ قالدى. بىر خىزمەتدېشى ئۇنىڭغا:
        ـ پوكۇنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ، ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ئەجەپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ ھە؟ـ دېدى. سېكال:
        ـ مەن قىلچە ئەپسۇسلىنارلىق سەزمىدىم، - دېيىشىگە، خىزمەتدېشى ئۇلاپلا:
       ـ ناھىيىتى ئېسىل ئادەم ئىدى.......، ـ سېكال خىزمەتدېشىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:
        ـ نەدىكىنى، مېنىڭچە ئۇ شەخسىيەتچى، پىخىسىق ئادەم ئىدى.

        ئىشتىن چۈشكىلىۋاتقاندا مەكتەپ مۇدىرى«ئىشتىن چۈشۈپلا ئىشخانامغا كېلىڭ» دەپ يېزىلغان بىر تال باغاقچە كىرگۈزدى. سېكال ئىچىدە:چوقۇم تەكشۈرمەي نەچچە ھەپتە سۆرىۋەتكەن ھېلىقى ئىمتىھان قەغىزىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ، دەپ ئويلىدى. مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرىپلا ئەدەپ بىلەن:
        ـ ياخشىمۇسىز ئەپەندى، ـ دەپ سالام قىلدى، مۇدىر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىغاچ:
        ـ بۈگۈن كەچتە بىزنىڭكىگە بېرىشقا ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى.
       ـ ئالاھىدە ئىش بارمىتى، ئەپەندى؟
        ـ مېنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى كەمچىلىكىمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن؟ شۇڭا مەن ئىزچىل ئوغۇرلۇقچە مەشق قىلىۋاتىمەن . بۈگۈن كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ بىر ئاڭلاپ بېقىڭ، مەن دۇمباقچى ۋە ئىسكىرىپكىچى ياللىدىم، ئۇلار تەڭكەش قىلىپ بېرىدۇ، سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئاڭلىماقچىمەن، سىزنىڭ پىكرىڭىز مەن ئۈچۈن ناھىيىتى قىممەتلىك.
        سېكالنىڭ مۇزىكا جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار، شەھەرنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە ئورنىمۇ خېلى يۇقۇرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ يەنە بىر سىناققا يۈزلەندۈرىشى ئۇنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىدى.
        سېكال مۇدىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا مۇدىر ئۇنى ناھىيىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى، مۇدىر مۇنداق دېدى:
        ـ چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ ئاڭلاڭ، ھەرگىز ھېلىقى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ ئىشىدىن غەم قىلىپ يۈرمەڭ، ـ ئۇ چاقچاق ئارىلاش يەنە بىر ئېغىز قوشۇپ قويدى: ـ قەغەز تەكشۈرۈشكە يەنە ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن.
        ـ ئون كۈن بەرسىڭىز بولارمۇ ؟
        ـ بولىدۇ، قوشۇلىمەن. دۇمباقچى بىلەن ئىسكىرىپكىچى تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇدىر ھىندىچە بىر ناخشا ئېيتتى، ناخشا تۈگىگەندە:
        ـ ناھايىتى ياخشى ئەنئەنىۋى ناخشىدە بۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟، ـ سېكال مۇدىرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالدى. مۇدىر ناخشا ئېيتىۋاتقاندا ئۇ كۆڭلىدە: ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى پاقىنىڭ كۇكىرىشىغا ئوخشايدىكەن، ھۆكىرەشلىرى خۇددى سۇ كالىسى، بەزىدە تېخى بوران-چاپقۇندا يېپىقسىز قالغان پەنجىرىدەك جالاقشىپ كېتىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدى. ئىككى سائەت ۋاقىت بىر دەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى، سېكالنىڭ ئىككى چېكىسى بۇخىل كۈچلۈك ئاۋازنىڭ زەربىسىدە چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى، ئۆزىمۇ بىرنەرسىنى سەزمەس بولۇپ قالغان ئىدى. مۇدىر چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى، ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتتى. ئاخىرى ئۇ ناخشا توۋلاشتىن توختاپ سورىدى:
    ـ يەنە داۋاملىق ئېيتايمۇ؟ ـ بولدى قىلىڭ ئەپەندى، ـ دېدى سېكال. سېكال مۇدىرنىڭ ئايالىنىڭ پات-پات قىزغىن ئۈمىد ئىچىدە ئاشخانادىن بېشىنى چىقىرىپ قاراپ قويۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. مۇدىر كۆزئەينىكىنى ئېلىپ پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتكەچ سېكالدىن سورىدى:
        ـ راست گەپ قىلىڭە قانداقراق ئېيتتىم؟
       ـ ياخشى ئېيتالمىدىڭىز...ئەپەندى...، ـ دۇدۇقلاپ جاۋاپ بەردى سېكال.
       ـ شۇنداقمۇ.... يەنە ئۆگەنسەم پايدىسى بولارمۇ؟، ـ دەپ سورىدى مۇدىر.
       ـ ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئەپەندى، ـ سېكالنىڭ ئاۋازى تىترەۋاتاتتى، ئۇ راست گەپ قىلىشنىڭ راست گەپنى ئاڭلاشتىنمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

        ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن خانىمى چىرايى سۆرۈن ھالدا تاماق ئەكەلدى، سېكال خانىمىنىڭ تېخىچە ئۆزىنىڭ ئەتىگەنكى سۆزىدىن خاپا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ راست گەپ قىلىش سىنىقىنى يەنە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا بارلىق ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ قارغىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى. ئىككىنچى كۈنى ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى، مۇدىر مۇنداق دېدى:
        ـ سىزنىڭ تەكلىپىڭىز ناھىيىتى ئورۇنلۇقكەن، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىنى قايتۇرۇۋەتتىم. ئۇزۇندىن بېرى ھېچكىم ماڭا راست گەپ قىلماپتۇ، سىزگە رەھمەت. سىزدىن سوراپ باقاي، ھېلىقى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ بولدىڭىزمۇ؟
        ـ سىز ئون كۈن مۆھلەت بەرگەنتىڭىزغۇ؟
        ـ شۇنداقمۇ، مەن قايتا ئويلانسام بولغىدەك، ئىمتىھان قەغىزىنى ئەتە چوقۇم تاپشۇرىسىز!
        ـ خوپ ئەپەندى،ـ سېكال شۇنداق دېگەچ يۈز نەچچە پارچە ئىمتىھان قەغىزىنى كېچىلەپ تەكشۈرۈشنىڭ راست گەپ قىلىپ تۆلىگەن بەدەلگە قارىغاندا ئاسان ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتتى.

     «فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:07:47]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق