قاناتلىق بوۋاي(گارسىيە ماركوز)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-01 23:32:00

قاناتلىق بوۋاي گارسىيە ماركوز(كولومبىيە) غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمىسى قاتتىق يامغۇر ئۇدا ئۈچ كۈن ياغدى. بىراۋو خوتۇنى بىلەن بىللە ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان قىسقۇچپاقىلارنى ئۆلتۈردى. قولۇم ـ قوشنىل...

    قاناتلىق بوۋاي

    گارسىيە ماركوز(كولومبىيە)

    غۇپۇر نۇرىدىن تەرجىمىسى

          قاتتىق يامغۇر ئۇدا ئۈچ كۈن ياغدى. بىراۋو خوتۇنى بىلەن بىللە ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان قىسقۇچپاقىلارنى ئۆلتۈردى. قولۇم ـ قوشنىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كېچىچە قىزىپ چىققانلىقىنى ئۆلگەن قىسقۇچپاقىلاردىن پايدا بولغان ۋابادىن كۆرۈشتى. شۇڭا بىراۋو بۇ قىسقۇچپاقىلارنى يىغىپ ھويلىدىكى سۇنى كېچىپ ئۆتۈپ دېڭىزغا تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ ماڭدى. سەيشەمبە كۈندىن باشلاپلا ھاۋا ئۆزگەرگەنىدى. گويا ئاسمان بىلەن دېڭىز تۇتىشىپ كەتكەندەك تۈسكە كىرىپ قالمغانىدى. نارت ئېيىنىڭ كېچىلىرى دېڭىز ساھىلىدا گويا يۇلتۇزلاردەك چىمىرلايدىغان قۇملۇق مانا ئەمدى قۇلۇلە قاپلىرى ئارلاشقان پاتقاقلىققا ئايلىنىپ قالغانىدى. ھەتا قۇياشنىڭ چۈتىكى نۇرىمۇ شۇنچىلىك ئۈۇۋا ئىدى. بىراۋول قىسقۇچپاقىلارنى تاشلىۋېتىپ قايتىپ كېلىپ، ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر نەرسىنىڭ قىمىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ نەرسە تۇرۇپ ـ تۇرۇپ ئىڭراپمۇ قوياتتى. بىراۋو يېقىن بېرىپ ئۇنىڭ بەكمۇ قېرىپ كەتكەن بىر بوۋاي ئىكەنلىكىنى كۆردى. بوۋاي يەرگە دۈم ياتقاچقا، ئاغزى پاتقاققا پېتىپ تۇراتتى، شۇنچە تىرىشسىمۇ ئورنىدىن تۇرالمايۋاتاتتى، چۈنكى غايەت زور بىر جۈپ قانات ئۇنىڭ ھەركىتىگە كاشىلا قىلىپ تۇراتتى. بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرۈپ بىراۋونىڭ يۈزىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. ئۇ ئالمان ـ تالمان قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بالىسىنىڭ پېشانىسىگە ھۆل لۆڭگە قويۇۋاتقان خوتۇنى ئارىساندانى چاقىرىپ چىقتى، خوتۇنىمۇ دۈم ياتقان بوۋاينى كۆرۈپ قورقۇنىدىن داڭ قېتىپلا قالدى. بوۋاينىڭ كىيىم كېچەكلىكرى قەلەندەنىڭكىدەكلا جۇل ـ جۇل ئىدى. ئۇنىڭ كۈلىرەڭ چېچىدىن بىر تۇتاملا قالغان، قالغىنى پاك ـ پاكىز چۈشۈرۈۋېتىلگەنىدى، ئاغزىدا بىر نەچە تالا چىشى بار ئىدى، ئۇنىڭ قېرىپ كاردىن چىققان ۋە چىلىق ـ چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەن تۇرقىدا ئۈۇرۇر دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ پەيلىرى چۈشۈپ قوتۇز بېسىپ مەينەتلىشىپ كەتكەن بۈركۈتنىڭكىدەك غايەت زور قانىتى پاسكىنا سۇغا چىلىنىپ تۇراتتى. ئەر ـ خوتۇن بىراۋولار ئۇنىڭغا بىر ھازا سەپسېلىپ قاراپ ئاخىر ئېسىنى يىغىۋېلىشتى. ھەتتا بۇ بوۋاينى ئۇنچىلىك ناتۇنۇش ئەمەستەكمۇ ھېس قىلىشتى. ئارقىدىن بوۋاي بىلەن پاراڭلاشتى. بوۋاي چۈشەنگىلى بولدىغان بىرخىل يەرلىك تىلدا بىر نىمېلەرنى دىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى دېڭىزچىلاردا بولىدىغان بىر تۈرلۈك يېقىملىق ئاڭاڭدا ئىدى. ئۇلار بوۋاينىڭ قانىتىنى ئويلىماي، ئۇنى شىددەتلىك دېڭىز بورىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بىر چەت ئەل پاراخوتىدىكى بەختسىز ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاشتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار كۆپ ئىشلاردىن خەۋىرى بار ئايال قوشنىسىنى چاقىرىپ كېلىپ ئۇنى كۆرسەتتى. بۇ ئايال بوۋايغا بىر قاراپلا باشقىچە يەكۈن چىقاردى. ـ بۇ بىر پەرىشتە ئىكەن، ـ دىدى ئۇ، ـ پوقۇم بالىسىنى دەپ كەلگەن، بىراق بۇ بىچارە پەرىشتى بەكلا قېرى بولغاچقا گۈلدۈرماما ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈرۋىتىپتۇ. بىراۋولارنىڭ بىر تىرىك پەرىشتىنى تۇتۇۋالغانلىقى ئەتىسىلا پۈتۈن مەھەللىگە پۇركەتتى. كىشلەر ھېلىقى ئەقىللىق ئايال قوشنىسىنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى پەرىشتىلەر جەننەت توپىلىڭىدىن قېچىپ ئامان قالغانلار، ئۇلارنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرمەسلىك كېرەك، دېيىشتى. بىراۋو قولىغا كالتەك تۇتۇپ، يېرىم كۈن ئۇنى ئاخشىمى ياتار چاغدا بوۋاينى پاتقاقتىن چىقىرىپ مېكىيانلار بىلەن بىللە تۇمۇر قەپەسكە سولاپ قويدى، تۈن نىسپى بولغاندا يامغۇر توختىدى. بىراۋو بىلەن خوتۇنى يەنە قىسقۇچپاقا ئۆلتۇرۇش بىلەن بولۇپ كەتتى. بىر چاغدا بالىنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ ئويغىنىپ، بىر نەرسە يەيمەن دېدى. ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ سېخىيلىقى تۇتۇپ كېتىپ توخۇ قەپىسىگە سولاپ قويغان بۇ پەرىشتىگە ئۈچ كۈن يەتكۈدەك ئۇسۇزلۇق ۋە يىمەكلىك قۇيۇپ بەردى. ئۇلار ئۇنى دېڭىز سۇيى كۆتۈرلىگەندە تاشلىۋەتماكچى بۇلۇشتى. تاڭ ئاتقاندا ئۇلار ھويلىغا چىقىپ، قولۇم ـ قوشنىلىرىنىڭ توخۇ قەپىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ھەدەپ ئۇ پەرىشتىنىڭ تىشىغا تىگىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار نەزىرىدە ئۇ گويا خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەس ، بەلكى سېرىك ئومىكىدىكى بىر ھايۋاندەك قەپەسنىڭ ئاراشلىرىدىن يەيدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ بېرەتتى. بۇ ئاجايىپ خەۋەر پوپ گوناسكانىمۇ ھەيران قالدۇرىدى. سائەت يەتتە بولار ـ بولمايلا ئۇمۇ يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا يەنە بىر تۇرۈم قىزىققىچىلار كېلىشتى، ئەمما ئۇلار تاڭغا يېقىن كەلگەن كىشلەردەك شاللاق ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ ئەسەرنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن خىلمۇ خىل قىياسلاردا بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ساددىراقلىرى ئۇنى دۇنيانىڭ خوجىسى بولىدۇ، دېيىشتى. قاقباشلىرى ئۇ چوقۇم بارىلىق ئۇرۇشلارنى غەلبىگە ئېرىشتۇردىغان مارشال بولىدۇ، دەپ تەسەۋۇر قىلىشتى. بىر ىسىم خىيالپەرەسلەر ئۇنىڭدىن نەسىل قالدۇرۇپ، يەر شارىدا قاناتلىق ئادەملارنى ۋە دۇنيانى باشقۇرىدىغان ئەقىللىق كىشلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئىشلەتسەك بولىدىكەن، دېيىشتى، ئوتۇنچىلىقتىن كېلىپ چىققان پوپ گونساكا تۆمۈر قەپەسنىڭ يېنىغا كېلىشتىن بۇرۇن قىرائەت قىلىۋېتىپ، قەپەسنىڭ ئىشىكىنى ئاچقۇزۇپ يېقىن بېرىپ بۇ بىچارە بوۋايغا قارىدى. بوۋاي ئۈركۈپ كەتكەن توخولاېنىڭ ئارىسىدا خۇددى بىر بىچارە مېكىيانغىلا ئوخشنشىپ قالغانىدى. ئۇ بىر بۇلۇڭدا ئەتىگەن كەلگەن كىشلەر تاشلىغان مېۋە شۈپەكلىرى ۋە يېمەكىكلەر ئارىسىدا قاناتلىرىنى كېرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ياتاتتى، پوپ ئۇنىڭغا لاتىن تىلىدا سالام قىلىۋىدى. گەپنىڭ ياخشى ـ يامىنىنى بىلمەيدىغان بۇ بوۋاي قېرىلىقتىن تورلىنىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئېچىپمۇ قويماي، پەقەت ئۆزىنىڭ تىلىدا بىر نىمىلەرنى دەپ غودۇراپ قويدى. پوپ ئۇنىڭ خۇدانىڭ تىلىنى ، خۇدانىڭ ئەلچىسىدىن ئەھۋال سوراشنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالدى. ئۇ يېقىن كېلىپ قاراپ بوۋاينىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل بەتبۇي پۇراق كىلىپ تۇراتتى، قانىتىنىڭ ئۈستىنى لەش قاپلاپ كەتكەنىدى، دېڭىز بورىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغان زور پەيلىرى سولىشىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىتى بىلەن پەرىشتىلەردە بولىدىغان يۈكسەك غورۇر ئوتۇرسىداھېچقانداق ئورتاقلىق يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پوپ ئاتا قەپەستىن نېرى كەتتى ۋە قىزىقىپ تۇرغان كىشلەرگە قىسقىغىنا ۋەز ئېيىتىپ، ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ساددىلىق قىلىش خەتەرلىك ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ ، قانات دېگنە قۇرغۇي بىلەن ئايروپىلاننى پەرقلەندۈرىدىغان ماھىيەتلىك نەرسە بولالمىغىنىغا ئوخشاش، ئەلۋەتتە پەرىشتىلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭمۇ ئۆلچىمى بولالمايدۇ، بۇ ئىشتا ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە چىمپۈتۈن قالماڭلار، دەپ كىشلەرنى ئاگاھلەندۇردى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يېپىسكوپغا بىر پارچە خەت يېزىپ بېقىشقا ماقۇل بولدى. خەتتە يەنە يېپسكوپنىڭ باش يېپىشكوپقا خەت يېزىشنى، باش يېپىسكوپنىڭمۇ ئۆز نامىدىن رىم پاپىسىغا خەت يېزىشنى تەۋسىيە قىلماقچى بولدى. شۇنداق قىلغاندا ئاخىرقى ھۆكۈم ئالىي سوتتىن كېلەتتى. پوپنىڭ ئېھتىياتچانلىقى بۇ سېزىمسىز كىشلەردە قىلچە تەسىر قوزغىيالمىدى. پەرىشتىنى تۇتىۋالغانلىق پۇر كىتىپ بىر نەچچە سائەت ئۆتە ـ ئۆتمەيلا بىراۋاننىڭ ھويلىسى بازارغا ئايلاندى، ئاخىر ئۆيلەرنى قىستاپ ئۆرىۋەتكىدەك بولۇپ كېتىۋاتقان ئەدەملەرنى تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەرنى قىشقا سېلىپ تارقىتىشقا توغرا كەلدى. مالىمان بولۇپ كەتكەن ھويلىنى يىغىشتۇرۇپ يۈرگەن ئارىساندانىڭ خىيالىغا:«ھويلامنىڭ دەرۋازىسىنى توسۇپلا، پەرىشتىنى كۆرگىلى كەلگەن ھەر بىر ئادەمگە بەش تىيىندىن بېلەت ساتمايمەنمۇ!» دېگەن ئوي كەچتى. بۇ ئىشقا قىزىقىپ كەلگنلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى يىراق جايلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. بۇ يەرگە يەنە سەييارە ئويۇنچىلارمۇ كەلدى، بىر سېركچى ئارتىس كۆكتە ئۇچۇش ماھارىتىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئادەملەر ئۈستىدە ئۇيان ـ بۇيان ئۇچۇپ يۈرسىمۇ ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قانىتى پەرىشتىنىڭكىدەك ئەمەس، بەلكى پلانېتا شەپەرەڭلىرىنىڭكىدەك ئىدى. يەر يۈزىدىكى ئەڭ بەختسىز ئاغىرقلار بۇ يەرگە داۋالىنىشقا كېلىشكە باشلىدى: بالىلق چاغلىرىدىن تارتىپلا يۈرەك سوقۇشنى ساناپ كەلگەن بىر ئايال، ئىدى ساناشقا سان يەتكۈزەلمەي، داۋا ئىزدەپ كەلدى: ئاندا ـ مۇندا چىقىدىغان ۋاراڭ ـ چۇرۇڭدىن ئازابلىنىپ كېچىچە ئۇخلىيالمايدىغان بىر پورتۇگالىيىلىكمۇ شىپا ئىزدەپ كەلدى؛ چۈش سەيلسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىق ئۆزىنىڭ كېچىسى ئويغىنىپ كېتىپ، ئويغاق ۋاقتىدا ياساپ قويغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان كېسىلىنى ساقايتىشقا كەلدى. يەرشارىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ مالىمانچىلىقتا، بىراۋو بىلەن ئارىساندا قاتتىق چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنى بەك بەختلىك ھېس قىلىشتى، چۈنكى بىر ھەپتىدە بولمايلا ئۇلار جىق پۇل يىغۋالغانىدى. يەنە تېخى بۇ ئۆيگە كىرىمىز دەپ ئۆچىرەتتە تۇرغان زىيارەتچىلەرنىڭ ئاخىرى كۆرۈنمەتتى. بۇ جەرياندا پەقەت پەرىشتىلا ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇ بۇ ۋاقىتلىق ئۇۋىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋاقتىنى جايلىشىپ ئولتۇرغۇدەك يەر ئىزدەش بىلەنلا ئۆتكۈزدى، چۈنكى سىم تورىنىڭ يېنىغا قويۇلغنا جىن چىراغ بىلەن شام گويا دوزاخ ئوتىدەك ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. دەسلەپتە ئۇلار ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتى. دەسلەپتە ئۇلار ئۇنىڭغا كۈيە دورىسى يېگۈزۈپ باقماقچى بولۇشتى، چۈنكى ئەقىللىق ئايال قوشنىسى، بۇ پەرىشتىلەرنىڭ ئالاھىدىە تامىقى دېگەنىدى. ئەمما بوۋاي خۇددى مۇخلىسلار ئۆزىگە بەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېمىگەندەك، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. ئۇ قېرىپ كەتكەنلىكىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئاخىر ئازراق ئۇماچ ئىچىپ قويدى. ئۇ ھەددىدىن زىيادە سەۋرچاندەك قىلاتتى. بولۇپمۇ دەسلەپكى چاغلاردا مېكىيان ئۇنىڭ قانىتىدىكى ئۇششاق قۇرتلارنى چوقۇپ يېيىشكە باشلىغاندا، مېيىپ كىشلەر ئۇنىڭ پەيلىرىنى يۇلۇپ ، مېيىپ يەرلىرىگە باسماقچى بولغاندا، باغرى قاتتىق ئادەملەر ئۇنىڭ تۇرقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن تاش ئېتىپ ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزاماقچى بولغاندا، ئۇ تولىمۇ سەۋرچانلىق كۆرسەتتى. ئۇ خېلى ۋاقىتقىچە مىدىر ـ سىدىر قىلماي يېتىۋەرگەچكە، كىشلەر ئۇنى ئۆلۈپ قالدىمۇ نېمە دەپ. كالىغا ئەن سالىدىغان داغمال بىلەن ئۇنىداغلىماقچى بولغاندىلا ئۇ بەكمۇ بىئارام بولدى. ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئويغىنىپ، چۈشىنىكسىز بىر تىل بىلەن غەزەپلىنىپ، كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ھالدا قاناتلىرىنى ئىككى قېتىم لەپەڭشىتىپ قۇيىۋىدى. شۇ زامان قۇيۇن پەردا بۇلۇپ قەپەسنىڭ ئىچىدىكى ماياق ۋە توپىلار توزۇپ كەتتى،بۇ ۋەھىمىلىك قويۇن بۇ دۇنيانىڭ شاماللىرىغا زادىلا ئوخشاشمايتتى. شۇنداق تۇرسىمۇ نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭ قارىشلىقنى غەزەپتىن ئەمەس، بەلكى ئازابتىن دەپ قاراشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئادەملەر ئۇنىڭ چىشىغا تەگمەيدىغان بولدى. چۈنكى كۆپلىگەن ئادەملەر ئۇنىڭ سەۋرچانلىقىنىڭ سېرافېن مەزھىبىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ سەۋرچانلىقىغا ئوخشاشمايۋاتقانلىقىنى، چوڭ قالايمىقانچىلىق ئالدىدىكى قىسقىغىنا سوۋرچانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشقانىدى. پوپ بۇ تەنتەك ئادەملەرگە ئائىلە ھايۋانلىرىنىڭ سەزگۈ ئىقتىدارىدىن تارتىپ بۇ مەھبۇسنىڭتەبىئىي خۇسۇسىيىتىگىچە چۈشەندۈرۈپ بەردى. رىمغا شۇنچە جىددىيلىك بىلەن يېزىلغان ھېلىقى خەتنىڭ ئۇچۇرى تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. مانا ئەمدى مەھبۇسنىڭ كىندىكى بارمىكەن، ئۇنىڭ تىلى ئارامئولارنىڭ تىلىغا ئوخشامدىكەن ، ئۇ يىڭنە سانجىلغاننى سېزەلەمدىكەن، نوۋىگىيىنىڭ قاناتلىق ئادىمىمۇيا بۇ ، دېگەندەك گەپلەرنى دەلىللەش بىلەن ۋاقىت زايا بولۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇبادا بۇ پوپنىڭ ئازاپە خۇدانىڭ ئىرىدىسى بىلەن ئاخىرلاشماي، ھېلىقى كۆڭۈل قويۇپ يېزىلغان خەتلەردىن جاۋاب كېلىشىنى كۈتكەن بولسا بۇ ئازاب نەچچە ئەسىر داۋاملاشقان بولاتتى. بۇ بىرنەچچە كۈندىن بېرى، ئويۇن مەيدانىدا قويۇلۇۋاتقان ئويۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقى ئاتا ـ ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئۆمچىككە ئايلىنىپ قالغان بىر قىزچاقنى كۆرۈش ئىدى. بۇ قىزچاقنى كۆرۈشكە ئالىدىغان بېلەتنىڭ باھاسىدىن كۆپ ئەرزان ئىدى، يەنە ئۇنىڭ ئازابىلىق ئەھۋالىغا ئائىت ئەھۋاللار سوراشقا يول قويۇلاتتى، ئۇنى ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ كۆتۈشكىمۇ بولاتتى، شۇنداق قىلغاندىلا كۆرگۈچىلەر بۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشنىڭ چىنلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنەتتى، بۇ قىزنىڭ چوڭلۇقى قويچىلىك كېلەتتى، قىياپىتى ئۆمۈچۈكتەك قوپال ئىدى، ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغىنى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى بولماستىن، بەلكى ئۇ سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق سەزگۈزەشتىلىرى ئىدى. ئۇ تېخى يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا دائىم ئايا ت ئانىسىدىن يوشۇرۇنچە تانسا ئويناپ يۈرۈپتۇ، بىر كۈنى ئۇ كېچىچە تانسا ئويناپ ئۆيگە قايتىشىدا ئورمانلىقتىن ئۆرۈپ كېتىۋاتسا، قاتتىق چاقماق چېقىپ، چاقماق ئۇنى ئۆمۈچۈككە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ئۇ ئاق كۆڭۈل كىشلەر بەرگەن ئاشقان تاشقان گۆشلەرنى يەپ جان بېقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پەيدا بۇلۇشى پەرىشتىننىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەما ئادەمگە ئۈچ تال يېڭى چىش چىققان، پالەچ ئادەم دائىم لاتارى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۇرغان، ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ يارىسىدىن ئاپتاپپەرەس ئۈنۈپ چىققان مۆجىزىلەرگىمۇ كىشلەر ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۆمۈچۈككە ئايلانغا قىزچاقنىڭ كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندا تەسەللى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تاماشا قىلىشنۇقتىسىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مۆجىزىلەر ئالىقاچان پەرىشتىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋەتكەن بولسا، ئۆمۈچۈك قىزچاقنىڭ ئۆزى پەرىشتىنىڭ ئابرويىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پوپمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ساقايتىۋالدى، بىراۋولارنىڭ ھويلىسىدا يەنە ئۈچ كۈن يامغۇر يېغىپ قىسقۇچپاقىلار ھەممە يەرگە تامرىغان چاغدىكى غېرىبلىق ئەسلىگە كەلدى. بىراۋو بىلەن خوتۇنى ئىككىسى بۇنىڭدىنمۇ ئاغرىنمىدى، ئۇلار تاپقان پۇلىغا پېشايۋانلىق قىلىپ ئىككى قەۋەتلىك بىنا سېلىۋالد. قىسقۇچپاقىلارنىڭ قىشلىقى يەنە كىرىۋالماسلىقى ئۈچۈن چۆرىدەپ ئېگىز تام سالدى. پەرىشتە ـ مەرىشتە دېگەنلەر يەنە كىرۋالمىسۇن دەپ دېرىزىلىرىگە تۆمۈر رېشاتكا بېكىتتى. بىراۋو بازارغا يېقىن بىر يەرگ ئەتوشقان فورمىسى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ساقچى ئەمەلدارىلىق ۋازىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئىستىپا بەردى. ئارىساندا بولسا ۋالىلداپ پارقىراپ تۇرىدىغان ئېگىز پاشنىلىق خۇرۇم ئاياغ ۋە بۇمۇنچە رەڭدار تاۋار كىيملەرنى سېتىۋالدى، بۇنداق كىملەرنى كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان خېنىملار يەكشەنبىلەردىلا كىيەتتى. پەقەت ھېلىقى توخۇ قەپىسىلا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن ساقىت بولۇپ قالدى. بەزىدە ئۇلار قەپەسنىڭ ئىچىنى يۇيۇپ تازلاپ، دورا سېپىپ قوياتتى، بىراق بۇ پەرىشتىنى ئالاھىدە كۈتۈپ قويۇش تۈپەيلىدىن ئەمەس. بەلكى بۇ ئائىلىدە خۇددى ئەرۋاھلاردەك تىمىسقىلاپ يۇرگەن ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. بالىنىڭ ئەمدىلا ئايىغى چىققاندا ئۇلار ئۇنى قەپەسكە يېقىن بارغۇزمىدى. بىراق كېيىنچە ئۇلار قورقۇشنى ئۇنتۇپ بۇنداق ۋاباغا كۆنۈپمۇ قېلىشتى. بالا چىشى چۈشىدىغان يېشىغا يېتە ـ يەتمەيلا قەپەسنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئوينايدىغان بولدى. قەپەسنىڭ سىملىرى چىرىپ بۇزۇلۇشقا باشلىدى. پەرىشتى بۇ بالىغىمۇ خۇددى باشقا ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك بۇ باللىغىمۇ ئوخشاشلا مۇئامىلىدە بولاتتى. ، بەزىدە غەزەپلىنىپمۇ قوياتتى، كۆپىنچە ھاللاردا خۇددى كۆندۈرۈلگەن ئىتقا ئوخشاش بالىنىڭ كەپسىزلىكلىرىگە تۇرۇپ بېرەتتى، بالا پەرىشتە بىلەن ئوينىسا ئارىساندىمۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋالاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي پەرىشتە بىلەن بالىغا بىرلا ۋاقىتتا سۇ چېچىگى چىقتى. بالىنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن دوختۇر ئۇنىڭ پەرىشتىنىمۇ كۆرۈپ قويدى، ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى شۇنچە كۆپ غاژ ت غۇژنى ئاڭلىغان دوختۇر ئۇنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالدى. دوختۇرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى . ئۇنىڭ قانىتىنىڭ بەدىنىگە شۇنچە تەبىئىي ئۇلۇنىپ تۇرغىنى بولدى. ئۇ باشقا ئادەملەرگىمۇ بېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر جۈپ قانات چىقمىغانلىقىغا ھەيران قالدى. بالا مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە بۇ ئۆيمۇ كونىرىدى، ھېلىقى قەپەسمۇ بوران يامغۇردا تۇرۇپ چىرىپ كەتتى. ئازادلىققا چىققان پەرىشتە خۇددى جان تالىشىۋاتقان ھايۋاندەك ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئۆمىلەپ يۈرەتتى. ئۇ سەيلىكنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئۇلار ئۇنى دائىم سۈپۈرگەن بىلەن ساۋىغىنىچە بىر ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارسا، ئايال بولمايلا ئۇ يەنە ئاشخانىدا پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا شۇنچە كۆپ جايدا پەردا بولالايدىغانلىقىنى كۆرگنە بىراۋو بىلەن ئارىساندا ئۇنىڭ بۆلۈنۈش سېھرىسى بار ئوخشايدۇ، دەپ قالدى. ئارساندا دائىم مەن پەرىشتىگە تولغان بۇ دوزاختىكى ئەڭ نەس باشقان ئادەم بولۇپ قالدىم. دەپ كوتۇلدايدىغان بولۇپ قالدى، قىشلىقى پەرىشتە نېمە ئۈچۈندۇر تۇيۇقسىزلا قېرىپ مىدىرلىيالماس بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تورلىشىپ كەتكەن كۆزلىرى ئەلەسلىشىپ دەرەخلەرنىمۇ كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى. قاناتلىرىنىڭ پېيى قالمىدى. بىراۋونىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ، يوتقانغا ئوراپ ئۆيەە ياتقۇزۇپ قويدى. پەقەت مۇشۇ چاغدىلابىراۋو بىلەن ئارىساندا بۇ بوۋاينىڭ ئىسسق ئۆيدە قونغاندا كېچىچە ئوڭراپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نورۋىگىيە بوۋايلىرىغا ئوخشاش ھەممە نەرسىگە قىزىقىدىغان مىجەزىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بايقاشتى، بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق قاتتىق ئەنسىزچىلىك بولدى، ئۇلار بۇ پەرىشتە ئۆلۈپ قالىدىغان بولدى، دېگەن ئويغا كەلدى. ھەتتا ھېلىقى ئەقىللىق ئايال قوشنىسىمۇ ئۆلگەن پەرىشتىنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىر نېمە دېيەلمىدى. ھالبۇكى، پەرىشتە بۇ قىشنى سالامەت ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كۈننىڭ ئىسسشىغا ئەگىشىپ ئوڭشىلىپ قالدى. ئۇ ھويلىنىڭ ھېچكىم بارمايدىغان بىر بۇلۇڭىدا بىرنەچچە ڭۈن مىدىراپمۇ قويماي ئولتۇراتتى، دېكابرغا كەلگەندە ئۇنىڭ كۆزلىرى قايتىدىن چاقناپ، قاناتلىرىغا يېڭىدىن بەقۇۋۋەت پەيلەر چىقىشقا باشلىدى، بۇ پەتلەرنىڭ چىقىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆلۈ، ئالدىدىكى بىردەملىك ئوڭشىلىشى ئۈچۈندەك ئىدى. بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان چاغلاردا، ئاسماندا يۇلتۇزلار چىمىرلىغان كېچىلىرى ئۇ دېڭىزچىلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى. بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئارىساندا چۈشلۈك غىزاغا تەرەددۇت قىلىپ پىياز توغراۋاتاتتى، تۇرۇپلا چىققان شامالپېشايۋاندىكى دېرىزىدىن ئۆيگە كىردى، ئۇ بۇنى دېڭىز شامىلى ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك سىرىتقا قاراپ قويدى، شۇ ئەسنادا پەرىشتىنىڭ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ـ دە، چۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ تىرناقلىرى خۇددى سوقىنىڭ تىرنىسىغا ئوخشاش ئېتىزدىكى سەيلەرنى تىلغىۋەتكەنىدى. كۈن نۇرىدا ئۇنىڭ بىر جۈپ غايەت زور قانىتى توختىماي لەپەڭلىشىپ لاپاسنى ئۆرى ۋەتكىلا تاس قېلىۋاتاتتى. ئاخىر ئۇ ئۇچۇپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. ئارىساندا ئۇنىڭ بۈركۈتلەرنىڭكىدەك قانىتىنى لەپەڭشىتكىنىچە ئۆيلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىگە قاراپ تۇردى. ئۇ كۆڭلى تىنغان ھالدا چوڭقۇر نەپەس ئالدى. بۇ ئۆزى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەرىشتە ئۈچۈنمۇ بىر خاتىرجەملىك ئىدى. پىياز توغرىلىپ بولدى، ئۇ بولسا يەنىلا پەرىشتىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ تاكى پەرىشتە كۆزدىن يىتكۈچە ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمىدى. مانا ئەمدى پەرىشتە ئىككىنچىلەپ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا پۇتلىكاشاڭ بولمايدۇ، بەلكى سۇ بىلەن ئاسمان تۇتاشقان جايدىكى شەكىلسىز توچكا بولۇپ قالىدۇ. خەنزۇچە «لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن تاللانما» دىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق