ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس (6)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-11 18:38:54

بۇ ئۈمدسىزلىك سۈرىتىنى كىمنىڭ تارتقىنىنى بىلمەيمەن. بۇ دەل دەريا ئىچىدىكى ھويلىدا چۈشكەن ھېلىقى سۈرەت شۇ. بۇ بەلىكىم دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم چۈشكەن سۈرىتى بولۇشى مۇمكىن. نەچچە ئايدىن كېي...




    بۇ ئۈمدسىزلىك سۈرىتىنى كىمنىڭ تارتقىنىنى بىلمەيمەن. بۇ دەل  دەريا ئىچىدىكى ھويلىدا چۈشكەن ھېلىقى سۈرەت شۇ. بۇ بەلىكىم دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم چۈشكەن سۈرىتى بولۇشى مۇمكىن. نەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولالمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇنى فىرانسىيە ئېلىپ كەتتى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قازا قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دادام فىنومپىنغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلدى. ئۇ يەردە دادام پەقەت نەچچە ھەپتىلا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ئاپام بەلكىم  دادام بىلەن فىرانسىيىگە قايتىشنى رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئاپام يەنىلا بۇرنقى جايىدا قالدى. ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. دەل  فىنوم پىندىكى بۇ سايگون دەرياسىغا ئۇدۇل ھەشەمەتلىك  ئولتۇراق ئۆيىدە. بۇ ئۆي ئۆز ۋاقىتتا كامبودژا شاھىنىڭ ئوردىسىدا، بۇ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان كەڭ گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئاپام دائىم قورقۇپ تۇراتتى. كەچ بولسىلا ئاپام بىزنى تېخىمۇ قورقۇتىۋېتەتتى. بىز پۈتۈن ئائىلىدىكى تۆت جان بىر كارۋاتتا ئۇخلايتتۇق.

    بۇ ئولتۇراق ئۆيدە، ئاپام دادامنىڭ ئۈلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدى. تىلگرامما كىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئاپام ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولغان. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە،  پەقەت مەنلا كۆردۈم. بىر قۇشنىڭ ساراڭلاردەك سايراشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەمدە شىمال تەرەپتىكى دادامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئۈستىگە قونىۋالغان ئىدى. ئوخشاشلا  ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ يولدىشى قازا قىلىشىنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا، يەنىلا  يېرىم كىچە بولغان ۋاقىت، ئاپام تۇيۇقىسىز دادىسىنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاپام چىراقنى ياندۇرىدۇ. بوۋام ھەقىقەتەن شۇ يەردە تۇراتتى. بوۋام سەككىز قىرلىق  مېھمانخانىنىڭ بىر ئۈستىلى يېنىدا تۇراتتى. بوۋام ئاپامغا قاراپ تۇراتتى. يەنە ئاپامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىمۇ مېنىڭ ئېسىمدە. ۋارقىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئاپام مېنى ئويغاتتى. ماڭا بولغان  ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. بوۋامنىڭ قانداق قىلىپ دادامنىڭ يەكشەنبە كۈنى كىيگەن كۈلرەڭ فورمىسىنى كىيگەنلىكىنى دەپ بەردى. بوۋامنىڭ ئۇ يەردە قانداق تۇرغانلىقىنى، تىكىلىپ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى. ئاپام ماڭا:- مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنى چاقىرغاندەكلا بولدۇم دېدى. ئۆزىنىڭ قورقمىغانلىقىنى، شۇ سايىسى يوقالغان تەرەپكە قاراپ يۈگۈركەنلىكىنى ئېيتتى. بوۋام بىلەن دادامنىڭ ئۈلۈمى قۇشلار بىلەن ھەمدە سايىدەكلا ئوخشاش بىر كۈندە پەيدا بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئاپامنىڭ بىلىمىگە ئازدۇر كۆپتۇر شەكسىز ھۆرمەتلەيدىغان بولدۇم. چۈنكى ئاپامنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى. ھەتتا ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنىمۇ ئالدىن سېزىپ بولالايتتى.

    ھېلىقى كېلىشكەن ئەر ئاشۇ  «لموسىن»  پىكاپىدىن چۈشكەن ئىدى. ئۇ بىر تال ئەنگىلىيە تاماكىسىنى چىكىۋاتاتتى. ئۇ بۇ  بېشىغا ئەرەنچە كىگىز قالپاق ىيىۋالغان، پۇتىغا ئالتۇن رەڭلىك ئاياق كىيىۋالغان قىزچاققا قارىدى، ئۇ ئاستاغىنە قىزچاقنىڭ يېنىغا كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سەل قورقۇنچاقلىقىنى قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. دەسلەپتە، ئۇ كۈلۈپمۇ قارىيالمىغان ئىدى. ئۇ ئەر ئاۋۋال قىزچاققا تاماكىدىن بىر تال تۇتتى. ئۇنىڭ قولى تىترەۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىللەت پەرقى بار. چۈنكى ئۇ ئاق تەنلىك ئەمەس ئىدى. بىراق چوقۇم قىزلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى. شۇڭا ئۇ تىترەپ كەتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا تاماكا چەكمەيدىغانلىقى ئېيتىپ: چەكمەيمەن رەھمەت دېدى. قىزچاق ئۇندىن باشقا ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. قىزچاق ئۇنىڭغا مېنى ئۇرماڭ دېمىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سەل خاتىرجەم بولدى ھەمدە قىزچاققا ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقاندەك بولغانلىقىنى ئېيتتى. قىزچاق جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدى. قىزچاق  كۈتىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئەر ئۇنىڭدىن نەدىن كەلدىڭىز دەپ سورىدى. قىزچاق ئۆزىنىڭ شالى قىزلار مەكتىپىنىڭ ھېلىقى ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئەر ئۆزىنى سەل تۈزەشتۈرۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ خانىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانلىقىنى، قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاپىسىنىڭ كامبۇدژادا يەر ئىجارىگە ئېلىپ ئانچە يۈرىشمىگەنلىكىنى ھەمدە  مۇشۇنداق ئىش بار يوقلىنى ئېيتتى. شۇنداق،  دەل مۇشۇنداق بولغان. ئۇ قايتا-قايتىلاپ مۇشۇ كىچىك پارومدا ئۇنى ئۇچىرىتپ قىلىشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقى ئېيتتى. دەل شۇ كۈنى ئەتىگەندە، شۇنچىلىك چىرايلىق بىر قىز، بىر ئاق تەنلىك قىز، ئويلىمغان يەردىن ئۇچىراپ قالغانلىقىنى، تېخى بىر يەرلىكلەرنىڭ يولۇچىلار ئاپتومۇبىلىغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئەر قىزچاققا  بۇ بېشىدىكى قالپاقنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتىمۇ بەك قاملاشقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەرەنچە قالپاقنى ئېلىۋەتسە، راستىنلا  ئۆزگىچىلا بولۇپ قالاتتى. نېمىشقا بولمايدىكەن، قىزچاق شۇنچىلىك چىرايلىق تۇرسا، ئۇ قانداق ياسانغىسى كەلسە شۇنداق ياسىنىدۇ دە.

    قىزچاق ئۇ ئەرگە قاراپ تۇراتتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىدى. ئۇ ئەر ئۆزىنىڭ پارىژدىن ئۆگىنىش قىلىپ يېڭىدىن قايتقانلىقىنى،  ئۆزىنىڭ شالىدا تۇردىغانلىقىنى، دەل دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۆك رەڭلىك دېرىزە رامكىسى بىلەن تام قوپۇرۇلغان چوڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرنىڭ  ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى فۇشۈن شەھىرىدىن كەلگەنكىلىنى ئېيتتى. سىز  مېنىڭ سىزنى سايگوندىكى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىشىمغا قوشۇلامسىز؟ قىزچاق قوشۇلدى. ئۇ ئەر  شوپۇرغا ماشىنىدىكى قىزچاقنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ چۈشۈپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ پىكاپىغا سالدى.

    بۇ جۇڭگولۇق ھېلىقى شۇ يەرلىك  خەلقنىڭ بارلىق ئۆي زېمىنلىرىنى باشقۇرىۋالغان ئاز ساندىكى جۇڭخۇا سودىگىرى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى زاتلارغا تەۋە ئىدى. ئۇ دەل ھېلىقى كۈنى مىكون دەرياسىدىن ئۆتۈپ سايگونغا بارىدىغان ھېلىقى كىشى ئىدى.

    قىزچاق ھېلىقى قارا پىكاپقا ئولتۇردى. ئىشىك بىر يېپىلغان ئىدى، بىر خىل ئارانلا ھېس قىلالايدىغان  ھەسىرەت بىلەن ماي ئوت ئىلىپ قوزغالدى. مەن بىردىنلا ئۆزۈمنى ھېرىپ كەتكەندەك  ھېس قىلىپ قالدىم. دەريا يۈزىدىكى كۈن نۇرىمۇ بارغانسېرى ئاجىزلاشقا باشلىدى. يەنە بىر خىل قولقۇم ئازىراق غۇڭۇلداپ قالغان ئىدى. بارلىق ھەممە نەرسە  بىر بىئاراملىق  تۇمان ئىچىگە قاپلىنىپ كەتكەن ئىدى.

    مەن ئەمدى شۇ يەرلىكلەرنىڭ يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىغا  چىقماي ساياھەت قىلساممۇ بولىدىغان بولدى. مېنىڭ بىر  لىموسىن چوڭ پىكاپىم مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان بولدى. لېكىن مەن مەڭگۈ ئازاب پۇشايمان ئىچىدە ياشايدىغان بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىمغا، مەن ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەرگە، ۋاز كەچكەن بارلىق نەرسىلىرىمگە پۇشايمان قىلدىم. ياخشى يامان بولسىمۇ ئوخشاشلا ماڭا پۇشايماندەك بىلىندى. ئاشۇ تۇنۇش بولغان يولۇچىلار ئاپتوبوسى، ھېلىقى مەن ئىلگىرى چاقچاقلىشىپ باققان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى، ئاشۇ يۈك-تاق جازىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى بالىلار، يەنە مېنىڭ شالىدىكى ئاشۇ ئۆيۈم،  ھېلىقى شالىدىكى ئۆيدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان  ئەبلەخ ۋە ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جىمجىتلىقى.

    ئۇ ئەر ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ پارىژدىكى تۇرمۇشتىن زېرىككەنلىكىنى، پارىژدىكى شۇ ئۇماق قىزلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقنى، ھېلىقى توي مۇراسىملىرى، ھېلىقى بومبىلار، لا لا لا  يەنە ھېلىقى گابور ۋە رودەن قەھۋەخانىسى . مەن تېخىمۇ بەكىرەك  رودنات قەھۋەخانىسىنى ياخقتۇرىمەن، ئاشۇ كەچلىك كۇلۇبلار،  بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئەر ئىككى يىل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن « ئەڭ قالتىس» تۇرمۇشى ئىدى. ئۇ قىزچاققا گەپ سېتىپ ئائىلىسىنىڭ بايلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلەرنى قىلىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بار بولغان ئومۇمىي پۇلى نەچچە يۈز مىليونغا بارىدۇ دېسە بەلكىم بۇنچە ئۇزۇن ۋالاقلاشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئۇ سۆزنى داۋام قىلىۋەردى. ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پەقەت بىرلا يالغۇز بالا ئىكەن. ھازىر پەقەت  ئاتىسىنىڭ مال دۇنياسىغا  ئىگە بولۇشلا قاپتۇ. بىراق سىز  ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەمسىز؟  دادىسى  ئەپيون بىلەن بىللە ياشاۋاتقىلى توپتوغرا ئون يىل بوپتۇ. ئۇ كۈندە مىكون دەرياسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ھەربىيچە كارۋىتىدا يېتىپ ئۆزىنىڭ بايلىقىنى باشقۇراتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا سۆزىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

    كېيىن ئۇنىڭ بۇ دادىسى ئوغلىنىڭ بىر  شالىدىكى  ئاق تەنلىك جالاپ بىلەن توي قىلىشىنى رەت قىلدى. ئۇ ئەر پىرومدىكى كېمىنىڭ يان تەرىپىدە ئۇ قىز بىلەن ئەھۋالىشىشىتىن بۇرۇنلا، بۇ ھالەت شەكىللەنگىلى باشلىغان. دەل ئاشۇ  قارا رەڭلىك لىموسىن پىكاپىدىن چۈشكەن ۋاقىتتىلا، ئۇ ئەر قىزچاققا يېقىنلاشقان ۋاقىتتىلا، قىزچاق بۇنى ھېس قىلىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئەرنىڭ قورققانلىقىنى بىلەلىگەن.

    شۇ دەسلەپكى دەقىقىدىن باشلاپلا، قىزچاق نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغان ئىدى،  قىزچاق ئۆزىنىڭ  ئۇنىڭ ھۆكۈمرۈنلىقىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدى. ھەتتا ئۇ بولمىسىمۇ،  باشقا بىر ئادەم بولسىمۇ، مۇھەببەت يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ۋاقىتتا، قىزچاق ئوخشاشلا يەنە ئۇنى خالىغىنىچە ئوينىتىپ قوياتتى. قىزچاق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا  ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ،  ئۇنىڭغا ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋاقىتلار بەلكىم يېقىنلىشىپمۇ قالغان ئىدى. ئۇ تېخى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى مەجبۇرىيەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇ كۈنى ئۇمۇ بۇنى بىلگەن ئىدى، بۇنداق ئىشلارنى ئاپىسىنىڭ ياكى ئاكىسىنىڭ سېزىپ قېلىشقا قەتئىي بولمايتتى. ئۇ قارا رەڭلىك لىموسىن پىكاپىدا ئولتۇرغىنىدا، قىزچاق پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ بۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئائىلىسىدىن ئايرىلغانلىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۇچىرىغان بارلىق كۈلپەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئۇلارنىڭ قولىدىن ئۇنى  بۇلاپ كەتتى.  ئۇنى ئازابلىدى،  ئۇنى دەپسەندە قىلدى، شۇلار بۇلارنى  ئۇنىڭ يەنە  بىلىشىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. مەيلى ئاكا ياكا ئاپا بولسۇن،  ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلسە بولمايدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇشۇلار ئۇلارنىڭ تەقدىرى بولۇپ قالدى. بۇ ئوي-پىكىرلەر  قىزچاقنىڭ  شۇ قارا رەڭلىك لىموسىن پىكاپىدا ئولتۇرۇپ ئازابلىق ياشلىرىنى تۆكۈشكە يېتەرلىك ئىدى.

    شۇنىڭدىن  كېيىن،  بۇ قىزچاق شۇ ئەر بىلەن بېرىش- كېلىش قىلىشنى باشلىدى. بۇ تۇنجى قېتىم  دەل ئاشۇ كىچىك پارومدا پەيدا بولغان ئەر ئىدى.

    ئىشلار  ناھايىتى تېزلا  ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى يۈز بەردى. ئۇ ھەر كۈنى  قىزچاقنى  ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالغىلى باراتتى ھەمدە  ئۇنى مەكتەپنىڭ ياتقىغا ئاپىرىپ قوياتتى، كېيىنكى بىر قېتىمدا،  بىر  ھەپتىنىڭ تۆتىسى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئالاھىتەن مەكتەپ ياتىقىغا كېلىپ، ئۇنى ھېلىقى قارا رەڭلىك ماشىنىسىغا  ئېلىپ كەلدى. قىرغاقتا ئىدى. بۇ يەر ھېلىقى جۇڭگولۇقلار شەھەرچىسى بىلەن سايگون شەھەر مەركىزىنى ئۇلاپ تۇرىدىغان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يول ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى.  بۇ  ئامېرىكا يوسۇندىكى كەڭ كەتكەن يوللاردا،  رېلىسلىق تىراللىبوس، قول ھارۋىسى،  چوڭ يولۇچىلار ئاپتوبوسلىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بەكمۇ قىزقارلىق بىلىنمەيتتى. ھازىر چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلار ئىدى،  ۋاقىت خېلى بالدۇر ئىدى. ئۇ ياتاقلىق مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ مەجبۇرىلاش خاراكتېرلىك چۈشتىن كېيىنلىك سەيلە پائالىيىتىدىن قېچىپ چىققان ئىدى.

    بۇ بىر شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بىر ئاددىغىنا ئۆي ئىدى. ئۆي ناھايىتى زامانىۋىي، ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىلدىكى دەۋىرگە خاس پاسوندا ئىدى. لېكىن قارىماققىلا ناھايىتمۇ ئالدىراش سەرەمجانلاشتۇرغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن ياخشىراق ئائىلە جابدۇقلىرىنى تاللىماپتىمەن. ئۆيگە  يورۇقلۇق ناھايىتىمۇ ئاز چۈشەتتى. لېكىن قىزچاق ئۇنىڭغا  دېرىزە پەردىسىنى ئېچىۋېتىشنى ئېيتمىدى. قىزچاق بىر خىل ئېنىق سۈپەتلىگىلى بولمايدىغان ھېسسىياتنى تېخى ھېس قىلالمىغان ئىدى. خالىمىغان تەقدىردىمۇ رەت قىلمايتتى. بەلكىم  بۇمۇ بىر خىل ئارزۇ-ئىستەكنىڭ بىشارىتىدۇر.  ئۇ قىزچاقنى بىرىنچى كۈنى كەچتە بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغان ۋاقىتتا، قىزچاق دەرھاللا ماقۇل بولغان ئىدى. قىزچاق ئاخىرى ئۆزى كېلىشكە تېگىشلىك بولغان جايغا كەلدى. قىزچاق ئازىراق قورققاندەك قىلاتتى، چۈنكى ئىشلار قارىماققا قىزچاقنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي قالغاندەك قىلاتتى. يەنە كېلىپ قىزچاقنىڭ كونكىرىتىنى ئەھۋالى بىلەن ماس كەلسە توغرا بولاتتى. قىزچاق شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىتقا، ئۇ يورۇقلۇققا، شەھەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلىرىغا شۇنچىلىك دىققەت قىلدى. چۈنكى پۈتۈن ئۆي بىر ۋاراڭ-چۇرڭ قاپلىغان ئاۋازلار ئىچىدە ئىدى.

    يەنە ئۇ، ئاۋۇ يەردە تىتىرەپ تۇراتتى. ئاۋۋال ئۇ قىزچاققا قاراپ تۇردى، خۇددى قىزچاقنىڭ سۆز باشلىشىنى ساقلىغاندەك. لېكىن قىزچاق بىر ئېغىزمۇ تىنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ تىتىرەشتىن توختىتىدى. ئۇ قىزچاقنىڭ چاپىنىنى سالغۇزمىدى. ئۇ پەقەت قىزچاققا ئۇنى سۆيۈپ ساراڭدەكلا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ سۆزلىگەندىكى ئاۋازى شۇنچىلىك تۆۋەن ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى. قىزچاق ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرمىدى، قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سۆيمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا بولىۋېرەتتى. لېكىن قىزچاق ھېچنېمە دېمىدى. تۇيۇقسىزلا قىزچاق ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ھەمدە  ئۆزىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدى. چۈنكى يۈزەكىلىلا جاھان رەپتارىغا كىرىۋالغان ئۇمۇ قانداق قىلىپ قىزچاقنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ نۇقتىنى ئۇ مەڭگۈ قىلىپ بولالمايتتى. پەقەت شۇ قىزلا بۇ بارلىق  نەرسىنى بىلىپ تۇراتتى. پەقەت قىزچاقنىڭ كۆڭلىگىلا ئايان ئىدى. قىزچاق ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتە تۇنۇشقان تەقدىردىمۇ، ئۇنى قەتئىي چۈشىنىپ كەتمەيتتى. لېكىن قىزچاق ئۇشتۇمتۇت تۇنۇپ يەتكەندەك بولدى. پارومدىكى ۋاقىتتا، قىزچاق ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ئىدى.  قىزچاق ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ،  ئىش پەقەت قىزچاقنىڭ قارار قىلىشغا باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.

    قىزچاق ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسىى مېنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ، سىز مېنى ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن سىزنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەكلا باشقا ئاياللار بىلەن بولغان ۋاقىتتىكىدەك شۇنداق ئەركىن ئىختىيارىي بولۇشىڭىزنى خالايمەن دېدى. ئۇ بەكمۇ غەيرى ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ:«سىزنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت مۇشۇلىمۇ»؟ دەپ سورىغاندا، قىزچاق شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدى، بۇ ئۆيدە، بۇ تۇنجى قېتىملىق، بۇ جەھەتتىن ئۇ يالغان سۆزلىمىگەن ئىدى. ئۇ قىزچاققا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن مەڭگۈ قىزچاقنى سۆيمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەسلەپتە قىزچاق  ئۆزىمۇ بىلمەيمەن دېگەن ئىدى،  كېيىن قىزچاق ئۇنىڭغا  دىگۈزىۋەتتى.

    ئۇ ناھايىتى غېرىپلىق ھېس قىلغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ قىزچاقنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا بۇنداق غېرىپلىق ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بولغان بولاتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلغانلىقىنى  ئېيتتى. قىزچاق  نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدى. ئۇ :«سىز مەن بىلەن بۇ يەرگە بىللە كىلىپ، ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىر ئادەم بولغان بولسا،  سىز يەنىلا  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىلەمتىڭىز؟ »دەپ سورىدى. قىزچاق:« بۇنى مەن بىلىشكە ئامالسىزمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ھېچقانداق بىر ئەر كىشى بىلەن ئايرىم بىر ئۆيگە  كىرىپ باقمىغان ئىدى. قىزچاق ئۇنىڭغا:«ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇنداق گەپ قىلىۋېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى،  قىزچاق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ باشقا  ئاياللار بىلەن يالغۇز بىر ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتقا ئوخشاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆتۈندى.

    ئۇ قىزچاقنىڭ پۈتۈن كۆينىكىنى سالدۇردى، كەينىدىنلا ئۇنىڭ ئاق پاختا رەختلىك كىچىك ئۈچ بۇرجەكلىك كالتا ئىشتىنى سالدۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇنى قىپيالىڭاچ پېتى كارۋاتقا كۆتىرىپ ئاپاردى. ئۇ كەينىنى قىلىپ تۇرغاندا، قىزچاق يىغلاپ تاشلىدى. بۇ ۋاقىتتا  قىزچاق ئۇنى ئاستا تارتتى ۋە كۆزىنى يۇمىۋېلىپ، سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۇنىڭ كىيمىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ قول تۇتۇپ قىزچاققا ياردەملەشمەكچى بولغان ئىدى، لېكىن قىزچاق ئۇنىماي ئۆزى قىلماقچى بولدى، قىزچاق ئۆزىنىڭ ئۆز قولى بىلەن قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىرى، ئۇنىڭ كىيمىنى سالدۇرۇپ بولدى، قىزچاق ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاستاغىنا تېنىنى يېقىنلاشتۇردى. خۇددى ئۇنى قورقۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈندەك قىلاتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.