ئاجىزلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-10-28 18:44:15

ئولۋېر گەرچە بەك ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيتىنى تونۇتقانىدى، بىزگە مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، بىزدە مۇھەببەتكە بولغان ئىقتىدار يېتىلدۈرگەنىدى.

    ئاجىزلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى 
     
    كرىستوۋ دې ۋىك (ئامېرىكا)
     
    ھاياتىمدا پەۋقۇلئاددە بىر ئادەم ئۆتكەنىدى. ئاكام ئولىۋېر ھايات چېغىدا 33 يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدىكى ئاشۇ بۇلۇڭدا، ئاشۇ دېرىزە تۈۋىدە، ئاشۇ سارغۇچ تامنىڭ تۈۋىدە ئۆتكەن. ئولىۋېر ئەما ھەم گاچا ئىدى، پۇتلىرىمۇ يىگىلەپ كەتكەندى. ئاجىزلاپ كەتكەچكە، بېشىنى كۆتۈرگۈدەكمۇ مادارى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىلىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەن ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم، ئوقۇغۇچىلىرىمغا ھەر قېتىم خېللىن كېللېرنىڭ ‹‹مۆجىزە ياراتقۇچى››نامىلىق فىلىمنى تۇنۇشتۇرىغىنمىدا، ئىختىيارسىز ھالدا ئاكامنى تىلغا ئالاتتىم. مەن ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىپ ئۇنىڭ تامىقىنى يېگۈزەتتىم، ئاستىنى قۇرۇقداپ قوياتتىم. ياز كۈنلىرى ئاكامنىڭ كىيىم -كىچەكلىرى، يوتقان-كۆرپىلىرىنى چىملىققا يېيىپ ئاپتاپقا سالاتتۇق، ئۇنىڭ ياستۇق قېپىدا سەكرىشىپ يۈرگەن چېكەتكىلەرنى كۆرگەن چېغىمدا خۇشاللىقىمنى باسالماي قالاتتىم.  
    بىز ئولىۋېرنى يۇيۇندۇرۇپ قوياتتۇق، ئۇنىڭ بەدىنىنى غىدىقلاپ كۈلدۈرەتتۇق. بەزىدە ئۇنىڭ ھۇجرىسىدىكى رادىئونى ئېچىپ قۇياتتۇق. ئۇنىڭ زەئپلەشكەن تېرىللىرى ئاپتاپتا كۈيۈپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭ ھۇجىرىسىنىڭ دېرىزە پەردىلىرىنى يېپىپ قۇياتتۇق. بىز پەستىكى ئۆيدە تېلۋۇزۇر كۆرۋاتقاندا ئارىلاپ ئۇنىڭ كۈلكىسىنى ئاڭلاپ قالاتتۇق. يېرىم كېچىلەردە ئۇنىڭ يۆتەلگىنىنىمۇ دائىم ئاڭلاپ تۇراتتۇق. 
      1946-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئاپامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئولۋېر تېخى بويىدا چېغىدا ئوچاقتىن گاز چىقىپ كېتىپ ئاپام ھوشىدىن كېتىپتۇ. 1947-يىلى4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپام ئولۋېرنى تۇغۇپتۇ. بۇ قارىماققا ساغلام، بۇدىرۇققىنە چىرايلىق ئوغۇل بوۋاق ئىكەن. بىر قانچە ئايدىن كېيىن بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ئاپام ئولۋېرنى كۆتۈرۈپ دېرىزە تۈۋىدە ئاپتاپسىنىپ ئولتۇراتتى. قۇياش نۇرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئولۋېر بولسا قۇياشقا تىكىلگىنىچە قاراپ تۇراتتى. شۇ چاغدا ئاپام ئولۋېرنىڭ كۆزىنىڭ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئاپام، دادام ئولۋېرنىڭ كېسىلىنىڭ پەقەت ئەمالىقلا ئەمەسلىكىنى ئاستا-ئاستا بىلىپ قاپتۇ. دوختۇر ئۇلارغا:‹‹بالىنىڭ كېسىلنى داۋالاشقا ئامال يوق، ئۇنى ساناتوىيەگە ئاپىرىپ بېرىڭلار››دېگەنىكەن. لېكىن، دادام-ئاپام:‹‹ئۇ دېگەن بىزنىڭ يۈرەك پارىمىز، ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىمىز››دەپتۇ. 
    قۇرامىغا يەتكەن ئولۋېرنىڭ قامىتى ئون ياشلىق بالىلار بىلەن پەرىقلەنمەيتى. ئۇنىڭ كۆكرىكى ۋە بېشى ناھايىتى چوڭ بولغىنى بىلەن، قولى بىلەن پۇتى بەش ياشلىق بالىلارنىڭكىدەك كىچىك ھەم يۇمشاق ئىدى. مىلاد بايرىمىدا بىز ئارپىدا ئىشلەنگەن بىر قۇتا بوۋاقلار يېمەكلىكىنى چىرايلىق ئوراپ ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان سوۋغا سۇپىتىدە ئارچا دەرىخىنىڭ تۈۋىگە قويۇپ قوياتتۇق؛ ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرلىرى تومۇز ئسسىق بولغاندا، ئۇنىڭ بېشنى ھۆل لۆڭگە بىلەن ئاستاغىنا سۈرتۈپ قوياتتۇق. 
    مەن يىگرمە ياشلارغا كىرگەندە بىر قىز بىلەن مۇھاببەتلەشتىم. بىر قانچە ئايدىن كېيىن مەن ئۇنى ئۆيدىكىلەر بىلەن كۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن باشلاپ كەلدىم. مەن ئۇنىڭدىن:‹‹ئولۋېر بىلەن كۆرۈشەمسىز؟››دەپ سورىدىم، چۈنكى مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئاكام توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەنىدىم. ئۇ :‹‹بولدىلا››دەپ جاۋاب بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي مەن راۋ بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم، ئۇ مەندىن بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئسمىنى سورىدى. ئۇ بالىلارغا بەك ئامراق ئىدى، ئۇ ماڭا ياراپ قالدى. بىز بىر نەچچە ئاي ئارلاشقاندىن كېيىن ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كەلدىم، بىردەمدىن كېيىن ئاكامغا تاماق يېگۈزۈپ قويىدىغان چاغدا، مەن ئۇنىڭدىن سەل تارتىنىپراق ئولۋېرنى كۆرگۈسى بار-يوقلىقىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا ‹‹بولىدۇ!››دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئولۋېرنىڭ كارۋىتنىڭ قىرىدا ئولتۇردۇم، راۋ مېنىڭ كەينىمدە ئولۋېرغا بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن تاماق   يېگۈزۈشۈمگە قاراپ تۇراتتى. ‹‹مەنمۇ يېگۈزۈپ باقايمۇ؟››دەپ سورىدى ئۇ مەندىن. ئۇنىڭ سورىشى ناھايىتى تەبىئي ۋە ئەركىن ئىدى، گەپ ئارلىقىدا مەن ئۇنىڭ ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، مەن قاچىنى ئۇنىڭغا بەردىم. ھازىر بىز ئۈچ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولۇپ قالدۇق. 
    ئولۋېر 1980-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئاكام مەن كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاجىز كىشى ئىدى، ھالبۇكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ كۈچلۈك كىشى ئىدى. ئۇ بىز ساغلام كىشىلەرگە ئۆزىمىزنىڭ نە قەدەر بەختلىك ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. ئاپام ماڭا :‹‹سېنىڭ كۆزىڭنىڭ كۆرەلىگىنى تولىمۇ كاتتا ئىلتىپات ئەمەسمۇ؟››دېگەندى. 
    ئاپام يەنە: ‹‹سەن جەننەتكە كىرگەندە ئولىۋېر سېنى كۈتىۋالىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ساڭا رەھمەت ئېيتىدۇ›› دېگەندى. ئولۋېر گەرچە بەك ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيتىنى تونۇتقانىدى، بىزگە مۇھەببەتنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، بىزدە مۇھەببەتكە بولغان ئىقتىدار يېتىلدۈرگەنىدى. 
     
    مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 11-سانىدىن  
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېنگىلىز