نازۇك بىر «ھالەت» (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : hisam يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-09 19:14:50

نازۇك «ھالەت»ئەزىز نەسىن تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسى كىم بېشىغا بىرەر ئىش كىلىشىنى خالايدۇ دەيسىز، ئەكىسچە، بېشىغا ئىش كەلگەنلەردىن ساۋاق ئالىدىكەنسىز. ئەگەر، بىرەرى سىزدىن بىرەر ن...



    نازۇك «ھالەت»
    ئەزىز نەسىن 
       تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسى


         كىم بېشىغا بىرەر ئىش كىلىشىنى خالايدۇ دەيسىز، ئەكىسچە، بېشىغا ئىش كەلگەنلەردىن ساۋاق ئالىدىكەنسىز.
          ئەگەر، بىرەرى سىزدىن بىرەر نەرسىنى ئالغاچ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، ھەرگەز ئۇنىماڭ. بولمىسا بېشىڭىزغا پىت تېرىيسىز.
         بۇلارغا ئىشىنىش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى بېشىمدىن ئۆتكەنلەرگىلا قۇلاق سېلىڭ!
         مەن ئۆزۈم بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان دوستۇمغا مۇنداق بىر ئېغىز چاقچاق قىلغان ئىدىم. مەن بىر قىز ئورنىدا سۆيگۈ خىتى يېزىپ دوستۇمغا ئەۋەتىپ بەردىم. خەتتە قىزنىڭ ئۇنىڭ ماقالىسىنى گېزىتتىن ھەيران قالغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىسى بارلىقى، قولىغا قىزىل ئېلىپ، ئاچچىقسۇ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ساقلايدىغانلىقى يېزىلغانىدى.
         دوستۇم خەتنى كۆرۈپ سۆيۈنۈشتىن ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى، ياسىنىپ - تارىنىپ، ۋەدىلەشكەن يەرگە باردى ۋە ئۇنى توپتوغرا ئىككى يېرىم سائەت ساقلىدى. بىز بولساق ئۇدۇلدىكى قەھۋەخانىدا تاماشا كۆرۈپ ئولتۇردۇق.
          كېيىن، قىزدىن ئىككىنچى پارچە خەت كەلدى. خەتتە مۇھىم ئىش چىقىپ قېلىپ  ئۇچىرشىشقا كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى، ئۇنى چارشەنبە كۈنى باكېر كۆي پويىز ئىستانىسىسىدا سائەت تۆتتە كۈتىدىغانلىقى يېزىلغانىدى. قىز بۇ قېتىممۇ كىلەلمىدى، يەنە خەتتە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ، پاشا باغچىسى ئالدىدا ئۇچرىشىشنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۇ يەنە كەلمىدى.  كېيىن دوستۇم ئۆزىگە كەينى - كەينىدىن خەت يازغان بۇ قىزنىڭ ئۆي ئوچاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ قاتتىق قول ئېرىنىڭ كۆزىدىن قاچالمىغانلىقى ئۈچۈن كېلەلمىگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ يېراقتا ئۇچرىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بۈيۈكئاددا، دېڭىز بويىدا، فىلوريادا، ئوكمەيدانىدا...
          بۇ ئىش ئىككى - ئۈچ ئاي داۋام قىلدى. يەنە داۋام قىلماقچىدى، لېكىن ناتونۇش قىزدىن سۆيگۈ خېتى تاپشۇرىۋالىدىغان بۇ دوستۇم شۇ ئارىدا توي قىلىۋېلىپ، ھەممە يەرگە قاتراپ يۈرۈشتىن بىراقلا قۇتۇلدى.
         ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر دوستۇمغا قىلغان چاقچىقىم مۇنداق بولدى:
         دوستۇن تېكەل ئېچىملىك زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى توغرۇلۇق بىر ماقالە يازغانىدى. ئۇنى يېزىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن زاۋۇتتىن ئۇنىڭغا بىر ساندۇق كۈچلۈك ھاراق، گازلىق سۇ، ۋودكا ئەۋەتىلدى. توغرىسىنى دېگەندە، ئۇ شۇنداق دەپ ئويلىدى. ئۇ ساندۇقنى بىزگە كۆرسىتىپ ماختاندى، ئاخشىمى ئۇنى ماشىنىغا سېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ خوتۇن - بالىلىرى، قېينانىسىغا كۆرسەتتى.
         - بىز بىر نەرسە يېزىپ كىشىلەرنىڭ ئىشىنى بېجىرىپ بېرىمىز. مېنىڭ رەددىيە ماقالىسى يازماسلىقىم ئۈچۈن ئۇلار بىر ساندۇق ئىچىملىك ھەدىيە قىلدى. مەن مۇنداق سوۋغاتلارغا ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس. ئەتە يەنە مېنىڭ كارامەتلىرىمنى كۆرسۇن،- دېدى.
          دوستۇمنىڭ ماقالىسى ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ تەسلىكى توغرۇلۇق شىكايەتلەر ئىدى.
         بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆيىدىكىلەرگە:
         - ساندۇقنى ئېچىڭلار، كۆرۈپ باقاي!- دەپتۇ.
          ئۇلار ھاياجان بىلەن ساندۇقنى ئاچقانىكەن، ساندۇق ئىچىدىن پورلىشىپ كەتكەن تەرخەمەك چىقىپتۇ.
          قىينانىسى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، تەرخەمەكلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنى قولىغا ئېلىپ:
    - قانداق يازىدىغانلىقىڭنى ئەمدى بىلدىڭمۇ،- دەپتۇ.
     بۇ تېتىقسىزلىقنى قىلغان زادى كىم؟ بەلكى...
      ئۈچىنچى دوستۇمغا قىلغان چاقچىقىم مۇنداق بولدى.
       ئۇ بىزنىڭ گېزىتخانىنىڭ باشلىقى ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ترامۋايلاردىكى، ئاپتۇبۇسلاردىكى خەتلەردىن باشقىنى ئوقۇمايتتى. ئۇ يىلدىن - بۇ يىلغا بىرەر كىتاب ئوقۇغىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.
        ئو پەقەت گېزىتلەردىكى يىلتىز پالىغىلا قىزىقاتتى. بۇنى مەن يازاتتىم، ئەمما ئۇ بۇنى مېنىڭ قىلىدىغىنىمنى بىلمەيتتى. ھەر كۈنى ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى، گېزىتنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىكى يىلتىز پالىغا نېمە دېيىلگەنلىكىنى ئوقۇش ئىدى. مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مۇنداق يازدىم:
       «دوستلىرىڭىزغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىڭ. دوستىڭىز سىزدىن قەرز سورىسا تەتۈر قارىمىغايسىز. ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىڭىز ئۈچۈن ئاللا سىزگە تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ...»
       چۈشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېرىپ 300 لىرا قەرز سورىدىم. ئۇ ئۇچىغا چىققان پىخسىقلاردىن ئىدى، ناۋادا يىلتىز پالىنى ئوقۇمىغان بولسا، 300 لىرا تۇرماق، 300 كۇرۇشمۇ بەرمەيتتى.
      - قاچان قايتۇرىسەن؟
       - ھەپتىدىلا...
       ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ 300 لىرا بەردى. مەن بۇ ھەپتىدىكى يىلتىز پالىغا مۇنداق يازدىم:
      «سىز بىر دوستىڭىزغا قەرز بېرىپسىز. قايتۇرۇۋېلىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، بۈگۈندىن باشلاپ ئامىتىڭىز كېلىپ، قولىڭىزغا كۆپ پۇل كىرىدۇ. داۋاملىق ياردەم قىلىڭ، بولمىسا ئامىتىڭىز قاچىدۇ.
     ئۇ كۈنى ئىدارە باشلىقىدىن يەنە 250 لىرا قەرز ئالدىم. ئۇنداق - مۇنداق قىلىپ ئالغان قەرزىم 1600 لىرا بولدى. بۈگۈن ئۆزۈم يازغان پالىغا ئىشىنىپ يەنە 200 لىرا قەرز سورىدىم. ئۇ تەرىنى ئۆزگەرتىپ:
      - سولتەك، مەن بۇ ھاياتىمدا يىلتىز پالىغا ... باشقا دوستلىرىمغا قىلغان ئۇششاق - چۈششەك چاقچاقلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ ساڭا دەرس بەرسەم، ھۇشۇڭنى تېپىۋالىسەن،- دەپ مېنى قوغلىدى، مەن قاچتىم.
     مەن بىر ئىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە بارماڭچى بولدۇم. رەسمىيەت ئۈچۈن ئۇلاردىن :
    - ئەنقەرەدە بىرەر ئىشىڭلار بارمۇ؟- دەپ سورىدىم.
    - بار،- دېيىشتى ئۇلار،- ئەنقەرەگە ئەۋەتىدىغان بىر خالتا بار، ئالغاچ كەتكىن.
     بىر ئازدىن كېيىن بىر سېرىق خالتىنى ئېلىپ كىرىشتى. ئۇنى يىپىدىن تۇتقانىدىم، تۇرغان جايىدىن مىدىرلاپمۇ قويمىدى.
     - بۇ نېمە؟
     - بۇ ...
     - بۇنى گېزىتخانىغا  ئېلىپ بارىسەن!... خاپا بولمايدىغانسەن، بۇ ئىنتايىن نازۇك بىر «ھالەت»، يەرگە قاتتىق تاشلانسا بىرى سوقۇلۇپ كەتسىمۇ چېقىلىپ كېتىدۇ. ئىنتايىن نازۇك بىر «ھالەت» ...
     - پوچتىدىن ئەۋەتىڭلار!
     - ساراڭمۇ سەن، بۇنداق نازۇك نەرسىنى پوچتىدىن سالغىلى بولامدۇ؟ بۇنى 450 مىڭ لىراغا ئالغان. بۇنى ئېلىپ كەلگۈچە چارچاپ كەتتۇق. بۇ يوقىلىپ كەتسىچۇ، 450 مىڭ ئەمەس، مىلىيۇن لىراغىمۇ تېپىلمايدۇ...
     - شۇنداق، كۆپ دىققەت قىل، كۆز ئالدىڭدىن نېرى قىلما، بىرىگە تۇتقۇزما، بىر يەرگە تېگىپلا كەتسە دەز كېتىدۇ، بۇ يەردە ئۇنى رېمونت قىلغۇدەك ئادەم يوق. سالامەت بول، ھە!... بۇ بۇزۇلۇپ... ئىنتايىن نازۇك «ھالەت»....
    ئىنتايىن نازۇك بۇ نەرسىنى قولۇمغا ئالدىم.
    - ئەنقەرەگە بارماي تۇرۇپ يەرگە قويمىغىن!- دېيىشتى ئۇلار.
     - گېزىتخانىمىزنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئاچقىن بۇنى ئۇلارغا ساق - سالامەت تاپشۇرغىن. سىر تۇتساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 
         يارەببىم! بۇ نېمىدىگەن ئېغىر ۋەزىپە- ھە! 450 مىڭ لىرالىق ئىنتايىن ئېسىل، نازۇك «ھالەت»، بىرەر يەرگە تېگىپلا كەتسە چاتاق. دۇنيادا ئۇنىڭدەك «ھالەت» يوق. مىلىيۇن لىرا بەرسىڭىزمۇ تاپالمىغايسىز،  شەبنەمدەك ئىنتايىن نازۇك «ھالەت» ...
         خالتىنى يېپىدىن كۆتۈرۈپ ماڭاي دېسەم، ئۆتۈم يېرىلىپ كىتىدۇ. ئامال يوق، قۇچىقىمغا ئالدىم. بۇنىڭ ئېغىرلىقىدىن بىرەر ھاممالمۇ كۆتۈرۈپ بېرەي دېيەلمەيتتى. لېكىن، مەن خالتىنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچاقلاپ، بىرەرىنىڭ ئىتتىرىۋېتىشىدىن، سوقۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دەككە - دۈككە ئىچىدە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ئېلىپ ماڭدىم.
          - قېرىندىشىم، ئاستا...
          - ئاستا بولمىساق نېمە بولىدۇ...
         - نازۇك بىر «ھالەت» بار...
         - ئەمدى سېنىڭ ھالىتىڭدىن...
         ئادەملەر كۆرۈشىمەن دېسىمۇ ئامالىم يوق، خاپا بولۇپ ئۇرسىمۇ قولۇمنى مىدىرلىتالمايمەن. چۈنكى، قۇچىقىمدا ئىنتايىن نازۇك بىر «ھالەت» ... ئەڭ ياخشىسى يولۇمغا مېڭىش. ماشىنىغا چىقىشقا تەمشەلگىنىمدە، بىرى پۇتلاق تاشلىدى، مەن دومىلاپ كەتتىم. ئادەم شۇنچىلىك نازۇك «ھاكەت» بىلەن يەرگە چۈشسە نىمە بولۇپ كېتەر؟ مەن مانا مۇشۇنداق يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن يەرگە قانداق چۈشكىنىمنىمۇ بىلەلمىدىم. چۈنكى، نازۇك «ھالەت» ئۈستۈمدە ئىدى. خۇداغا شۈكۈر، ھېچنېمە بولماپتۇ....بىرى ئىتتىرىۋەتسىلا بۇزۇلاتتى. ناۋادا بۇزۇلسىچۇ؟ بىلگۈم يوق. شۇ خىيال بىلەن يەردىن ئاستا تۇردۇم. چۈشەندىم، بۇ نازۇك «ھالەت» نى ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا چۈشكىلى بولمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىرا ماشىنىسىغا چۈشۈپ شوپۇرغا تاپىلىدىم:
    - قېرىندىشىم، ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، مۇشۇ نازۇك «ھالەت» ئۈچۈن ئاستا ھەيدەڭ! قانچىلىك سورىسىڭىز بېرىمەن...
       يولدا ماشىنا سىلكىنسىمۇ، نازۇك «ھالەت» ئۈچۈن يۈرىكىم سۇ ئىدى.
     - شوپۇر بەي، نېمىلا بولسۇن، ماشىنىنى ئاستا ھەيدەڭ!
     مەن ئۇنى كاراكۆيگە ئېلىپ باردىم، ئەمما ئۆزۈم تۈگىشىپ كەتكەنىدىم، پۇت - قولۇمدا جان دېگەن نەرسە يوق، ئۇنى بىر ھاممالغا كۆتۈرۈتتۈم.
     - دىققەت قىل، سوقۇلۇپ كەتمە!...دېمىگىنىم قالمىدى، لېكىن ھاممالنىڭ قولىدىكى خالتا چۈشۈپ كەتمەسمۇ! ئاللا...
    قايتىدىن ھاممال بىلەن ئورنۇمنى ئالماشتۇردۇم، ئۆز - ئۆزۈمگە: «ئەمدى بۇ نازۇك ‹ھالەت› تىن ئۈمىد قالمىدى» دەيتتىم. ئۆمۈر بويى ئىشلەپمۇ تۆلەپ بولالمايمەن. ناۋادا، بۇزۇلۇپلا قالسا، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ، ساق - سالامەت ئاپىرىپ شۇ بالادىن قۇتۇلغان بولسام...
      مەن نازۇك «ھالەت» نى كۆتۈرۈپ پاراخوتقا قانداق چىققىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇ كۈنى دېڭىز دولقۇنى ئىدى، پاراخوت ھەر بىر چايقالغاندا ئىچىم بىر خىل بولۇپ كېتەتتى. قۇچىقىمدا بولسا بىر يەرگە قويغىلى بولمايدىغان نازۇك «ھالەت»، يېنىمدىكى يولۇچىلار مېنىڭ بۇ ئەپتىمگە قاراپ سوراشتى. مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:
      - بۇ ئىنتايىن نازۇك «ھالەت»، 500 مىڭ لىراغىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بىرەر جايى بۇزۇلدىمۇ، بولدى، ياسىغۇدەك ئۇستا چىقمايدۇ.
      بۇ نازۇك »ھالەت» نى بىرەر مىڭچە كىشىگە چۈشەندۈرگەندىمەن، كېيىن بىردىنلا ئىچىمگە قورقۇنچ چۈشتى. ناۋادا ئۇلار بۇنىڭ كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىپ قالسا....
       شۇنداق قىلىپ، ھەيدەر پاشاغا كەلدىم، ھامماللار:
      - بىز توشۇپ بېرەيلى،- دەپ ئېنتىلىشتى. ئۇلارغا تۇتقۇزاتتىممۇ؟ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ پويىزغا چىقتىم.
     ياتاقلىق ۋاگونغا كىرىپ «ئۇھ» دېدىم. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇنى تاشلاپ قويۇپ بىرەر جايغا كېتەلمەيتتىم. تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشخانا ۋاگونىغا بارساممۇ، نازۇك «ھالەت» قۇچىقىمدا، ھاجەتخانىغا كىرسەممۇ يېنىمدا.
      ئۇنىغانغا يونۇغاندەك، پويىز بىر سىلكىنىپ پۇتۇم قايرىلىپ كەتمەسمۇ؟ ئۇ بىر ياندا، مەن بىر ياندا قالدىم. ئەمدى بۇ نازۇك «ھالەت» يەردە...
    بۇنى ماڭا بەرگەنلەرنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇلار قەدىردان دوستلىرىم ئىدى....
         نازۇك «ھالەت» نى ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتمىسۇن، دەپ كۆزۈم تۆت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى قوغداش ئۈچۈن، ئۈستۈنكى كارۋاتتا ياتىمەن، دەپ ئۆتۈندۈم.
         - نېمىشقا دېيىشتى،- ۋاگوندىكىلەر.
         ئۇلارغا چۈشەندۈردۈم. ئۇلار ماقۇل بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ياقتۇرمىدىم. چۈنكى، كۆزلىرى قولۇمدىكى نەرسىدە...سەھەرگىچە بىر ئۇخلىسام نېمە دەي،
          ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدىم، مىڭ تەستە ئۇنى ئەنقەرەدىكى ئىشخانىغا ئېلىپ باردىم. خىزمەتداشلىرىمنى يىغىپ، نازۇك «ھالەت» نى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ بولۇپ:
         - ئەمدى بۇ «ھالەت» نى ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا ئاچماقچىمەن. بۇ سىلەرگە تەقدىم،- دېدىم. ئۇلار:
         - كېچە ئىستانبولدىن تېلېفۇن كەلدى. بۇ «ھالەت» خاتا كېلىپ قاپتۇ. بۇنى سەن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەتكۈدەكسەن، يەنە كۆتۈرگۈدەكسەن!- دېيىشتى.
         - قايتىدىغان كۈنگىچە بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن!- دېدىم.
         - بىز ئىگە بولالمايمىز، ناۋادا بۇزۇلۇپ قالسا...
         بۇنى مېھمانخانىغىمۇ، ساقلىتىش ئورنىغىمۇ قويالمايدىغان گەپ.
         ئەنقەرەدىكى كۆرۈشمەكچى بولغان ئىككى باشلىق، ئۈچ مۇدىر، بىر بانكا باشلىقى بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ، نازۇك «ھالەت» يەنىلا قۇچىقىمدا ئىدى.
         - ئۇ نېمە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار.
         مەن ھەممىسىگە چۈشەندۈردۈم:
         - ئىنتايىن نازۇك بىر «ھالەت»، 500 مىڭ لىراغىمۇ يوق، بىرەر يېرى بۇزۇلسا...
          بۇ نازۇك نەرسىنى ئىستانبۇلغا قانداق كۆتۈرۈپ كېتىدىغىنىم كۆز ئالدىمدا ئىدى.
         نازۇك «ھالەت» نى ئىستانبۇلدىكى گېزىتخانىغا كۆتۈرۈپ كىرگىنىمدە، خىزمەتدەشلار يىغىلىشتى.
         - ئاچە،كۆرۈپ باقايلى، بۇزۇلۇپ قالدىمۇ تېخى،- دېيىشتى ئۇلار.
     مەن ئاچقانىدىم، ئىچىدىن تۆت دانە تاش چىقتى. ئۇلار كۈلۈشۈپ دومىلاپ كېتىشتى. كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن تاشنى قوغداپ، يۈدۈپ يۈرۈپتىمەن، ھەي....
           ئۇلار قېچىشتى. مەن كەينىدىن نازۇك «ھالەت» نى ئاتقانىدىم ئىشىك ئەينىكى چۇل - چۇل بولۇپ كەتتى. مېنىڭ بېشىمغا كەلگىنى سىزگە ساۋاق بولسۇن، بىرى سىزگە ئېلىپ كېتىشكە خالتا بەرسە ھەرگىز ئالماڭ!...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.