پەقەت ھاياتلا ئەدەبىي(جاھانگىر خالمىرزىيىۋ)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-14 02:30:20

پەقەت ھاياتلا ئەبەدىي جاھانگىر خالمىرزىيىۋ1ئىنسان ھاياتى ھەققىدە قانچە كۆپ ئويلىسام، شۇنچە ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىدە كۆپ مەرتە ئۆلۈپ، كېيىن تىرىلەر ئىكەن. مانا، ھازىرمۇ شۇندا...

     

    پەقەت ھاياتلا ئەبەدىي

    جاھانگىر خالمىرزىيىۋ

     

    1

    ئىنسان ھاياتى ھەققىدە قانچە كۆپ ئويلىسام، شۇنچە ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىدە كۆپ مەرتە ئۆلۈپ، كېيىن تىرىلەر ئىكەن. مانا، ھازىرمۇ شۇنداق: مەن كارۋاتتا يېتىپتىمەنۇ، ھىس قىلماپتىمەنكى، ئۆلۈپ كېتىپتىمەن. ھالبۇكى ماڭا پىچاق ئۇرغانلىرى يوق، زەھەرلەشكىنىمۇ يوق، كېسەلمۇ ئەمەسمەن، ساق-سالامەتمەن. مەن ئەندى ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۆزۈمگە سوئال بەرمەيمەن، شۇنچەكى مەن ئۇنىڭدىن سوۋۇدۇم. چۈشەندىمكى، ياشلىقنىڭ ئالدامچى شولىلىرى بىلەن جىلۋىلەنگەن ئارزۇلىرىم - خىيالىي ئىكەن. ئەجەبا، ئەڭ ئاخىرىدا قازا قىلىدىغان ئۈمىدلەر ئەندى يوق. ئۆزۈڭ بىرە-بىر نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان بۇ ھاياتتىن نىمىنى كۈتۈش مۈمكىن؟ ھە، يىگىرمە ئىككى ياشلىق يىگىت ئۈچۈن بۇ پىكرلەر ناھايىتى ئېغىر. بىراق نىمە قىلىش كېرەك، قاچانكى شۇ قىسقىغىنا ئۆمرۈڭ جەريانىنى ئويلاپ، قانچە خاتاغا يول قويغىنىڭنى ئاڭلاپ تۇرساڭ؟ ھەي، قانچە يالغانچىلىق، ساتقۇنلۇقلارنى كۆردۈڭ؛ قانچە ئارزۇلىرىڭ بار ئىدى...

    2

    كېچە بىر تالىش قىزنى ئاكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە تەكلىپ قىلدىم.
         ئولتۇرۇشتىن كېيىن ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمدا، ئۈچ يىگىت -ئۇنىڭ خۇشتارلىرىدەك قىلاتتى- مېنى تۇتۇپ ئۇرۇشتى. ئېسىم كېتىپتۇ. بىر مەھەل ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە يىگىتلەرمۇ، قىزمۇ يوق ئىدى. ئۆيگە كېلىپ، ئەزبىرايى قىزدىن خاۋاتىر بولغىنىم ئۈچۈن تېلفون قىلدىم. قىز نىمە دېدى دەڭ؟ "مېنى ھىمايە قىلالمىدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كەتتىم"، دېدى. نەچارە، بەلكى ئۇ ھەقلىقتۇر. كۈچسىزلەر ئۆلىدۇ، كۈچلۈكلەر قالىدۇ- "جەمئىيەت قانۇنى" شۇنداق بولسا كېرەك. دىمەك، مەن ئاجىز ئىكەنمەن. بولمىسا، ئۈچىگە تەڭ كېلەلەردىم.

    ھازىر مەن ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ، ئۈستى- بېشىمغا قاراۋاتىمەن. سول يۈزۈم ئىشىشىغان، ئوڭ كۆزۈمنىڭ تېگى كۆپ-كۆك، پەستىكى لېۋىم يېرىلغان، خالاس، ئەندى "چىرايلىق"قىنا بولۇپ قاپتىمەن. ئەينەك ئالدىدىن تۇرۇپ خانەمگە كىردىم. ھېچ نەرسىنى ئوقۇغىم، ئويلىغىم كەلمەيتتى. شۇندا ئۆزۈم سۆيگەن رەسساملارنىڭ ئۆي تاملىرىدىن جاي ئالغان پورترىتلىرىغا قاراشقا باشلىدىم، فوتو سۈرەتلەر سېلىنغان كونا ئالبومىم ئېسىمگە چۈشۈپ، ئۇنى ئىشكاپتىن ئېلىپ، دىۋانغا ئېتىۋەتتىم.

    3

    بىرىنچى بېتىنى ئاچتىم، ئۇنىڭغا ئىككى ياشلىق بالىنىڭ سۈرىتى سېلىنغان. بالا دومباققىنا قوللىرى بىلەن ئويۇنچۇق ئېيىقچاقنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، بىغۇبار كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ، جىلمىيىپ تۇرۇپتۇ.

    بۇ - مەن، يىگىرمە يىل بۇرۇنقى مەن.

    ئالبومنىڭ ئىككىنچى ۋارىغىنى ئاچتىم. بىز تاغدىمىز: ئاتام، ئانام ۋە مەن. شۇندا مەن ئالتە ياشتا ئىدىم. ناھايىتى ياخشى ئەسلىيەلەيمەن: ئىلگىرىلىرى ھەر يىلى بىز باھاردا شەھەردىن تاشقىرىغا- تاققا چىقاتتۇق. ئەۋجى باھار سەيلىسى بولاتتى ئاشۇ چاغلار: تاغ باغىرلىرىدا لالىلەر ئەندى-ئەندى ئېچىلىشقا باشلىغان، دەرەخلەردە ياپراقلار پەيدا بولغان، قۇياشنىڭ يارقىن نۇرلىرىمۇ سوغۇق قىشنىڭ نەپىسى كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنىدىن دالالەت بېرەتتى. بىپايان ئېدىرلارغا قاراپ، قۇشلار شاۋقۇنىنى ئاڭلاپ، مۇزدەك چەشمە سۇلىرىدىن سۆمۈرۈپ، بايچىچەكنىڭ نازۇك بۇيىنى ھىدلاپ، كىشى بىئىختىيار خىيالچان- رومانتىك بولۇپ قالغىنىنى سەزمەيدۇ.

    بىزنىڭ ئائىلىمىز باشقىلار قاتارى يىلنىڭ خۇددى شۇ پەسلىدە مانا شۇنداق تاغ باغرىغا كېلەتتى. دادام گۇلخان ياقار، مەن قاتتىق-قۇرۇق چۆپلەرنى يىغىپ كېلەر ئىدىم. ئانام گۈل تېرەتتى. ئاندىن بىرگە ئۆزىمىزگە يىمەكلىك تەييارلايتتۇق.

    يەنە شۇ نەرسە ھېلىقىدەك ئېسىمدە: چوڭقۇردىكى ۋادىدا بىرلا ياپ-يېشىل دەرەخ (نامى يادىمدا يوق) ئۆسۈپ تۇراتتى. ئۆتكۈنچىلەر ئۇنىڭ پۇتاقلىرىغا تۈرلۈك تاسما ۋە لاتا-پۇتىلارنى باغلاپ كېتىشەتتى. دەرەخ مانا شۇنداق رەڭگا- رەڭ لاتىلارغا پۈركىنىپ تۇراتتى.

    ھەر قېتىم ئاشۇ دەرەخ يېنىدىن ئۆتكىنىمىزدە دادام ماشىنىنى توختىتاتتى، ئانام قولۇمغا رومالچە بېرىپ، "بېرىپ باغلىغىن، نىمە تىلىكىڭ بولسا، روياپقا چىقىدۇ"، دەيتتى. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىپ چېپىپ كېتەتتىم.

    4

    يەنە ۋاراقلايمەن ئالبومنى. مانا بۇ- مېنىڭ خانئانام. تىرمىز يېقىنىدا ياشايدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە بىرىنچى مەرتە بارغىنىم ھېلىقىدەك ئېسىمدە. بۇنىڭغا بىر نەچچە يىل بولدى. شۇندا مەن بىرىنچى مەرتە سامسىغا سىركە سېپىپ يىگىنىنى كۆرگەنمەن. قۇدۇقدىن سۇ تارتىپ ئىچىشلىرىنىمۇ شۇندا كۆردۈم. ئانچە چوڭقۇر بولمىغان قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە كىچىك-كىچىك بېلىجانلار ئۈزۈپ يۈرەتتى.

    ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كاتتا، داستۇرخان بېشىدا ئىككى-ئۇچ سائەت بىمالال ئولتۇرۇشلىرىنى ھەم شۇندا كۆرۈپ ھەيران بولغانمەن: خانئانام دۇكاندا ئىشلەيتتى، خالىغان پەيتىدە بېرىپ ئاچاتتى، ئايرىم نەرسىلەرنى ئۆيىدىمۇ ساتاتتى.

    قىزىق، ئۇلار ياشاۋاتقان قىشلاقنىڭ ئېتى - چەشمە ئىدى. "نىمىشقا بۇنداق، بۇلاق يوق-قۇ"، دەپ سورىغىنىمدا، "شۇنداق بۇلاق چىقسۇن دەپ قويۇشقان"، دېدى.

    خالاس، ھەيران قالسا بولىدىغان نەرسىلەر كۆپ ئىدى.

    ئاخىرقى مەرتە چەشمىدە تۆت ئاي مۇقەددەم بولدۇم. بىراق مەن بۇ سەپەرنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتكەنىدىم. چۈنكى دادامنىڭ ياشلىقىدىن بىرگە چوڭ بولغان بىر دوستى كاتتا نەسىلچى بولۇپ كەتكەن، دادام مېنىڭ تەمتىرەپ يۈرگىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقاچ، ئۇ كىشى: "مەيلى، كەلسۇن، فىرما ئېچىپ بېرىمەن. ماگزىنى بولىدۇ. ئىش ئۆگىتىمەن"، دەپ ۋەدە بەرگەن ئىكەن. بۇندىن ئالدىنراق - ئەينى ياز چىللىسىدا چوڭ ئاكامنىڭ تويىغا - تىرمىزگە بارغىنىمدا، تويخانىدا يۈگۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىز بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ئۇنى خانئاناممۇ ماختىغان، بىز ئىككىمىزنىڭ چاي-تاۋاق تالىشىشىمىز ۋە ئۆز- ئارا ئەرزىمىگەن گەپلەردىن كۈلىشىمىزنى كۆرۈپ: "تاھىر، شۇ قىزغا ئۆيلەنسەڭ ياخشى بولىدۇ. تۇيىغىمىز ئۈزۈلمەس ئىدى. ئويلاپ كۆر. بۇنداق قىزلار مېھنەتكەش بولىدۇ. ئەرنىڭ گېپىدىن چىقمايدۇ"، دىگەن ئىدى.

    بۇ تەكلىپ ماڭا كۈتۈلمىگەندە ماقۇل چۈشكەن، قىزنىڭ نىمىلىرىنىدۇر خانئانامغا ئوخشاتقان بولسام، ئۇنىڭ قانداقتۇر ساددىلىقىنى ئۆزۈمگە ئوخشاتقان ئىدىم.كېيىن قانداق بولۇشۇمدىن قەتئىنەزەر، ئۆيلىنىشىم كېرەك-قۇ؟ بەلكى ئۆيلەنسەم، ھاياتىمدا بىرە- بىر بۇرۇلۇش سادىر بولار؟.. ئونىۋېرسىتىتنىڭ فىلولوگىيەسىگەمۇ، ژۇرنالىستىكىسىغىمۇ – كىرەلمىسەم كىرەلمەپتىمەن.

    بۇ مېنى ئەدەبىياتتىن سوۋۇتارمۇ؟

    مەيلىلا، ھەممە يازغۇچىلار شۇ فاكۇلتىتلارنى پۈتتۈرۈشمىگەن.

    قىسقىسى، مەن ئۇنداق "يازغۇچى بولىمەن"، دىيەلمەيمەن. ئەمما ھېچ بولمىسا ئۆزۈم ئۈچۈن يېزىپ يۈرۈشۈم ئېنىق: يازغىنىڭدا خۇماردىن چىقىدۇ كىشى، ھەتتا ئاتا-ئاناڭۇ دوستلىرىڭدىن سىر تۇتقان دەردۇ قۇۋانچلىرىڭنىمۇ قەغەزدىن يوشۇرمايسەن.

    خالاس، توينىڭ ئەتىسى قىزغا چاقچاق بىلەن يېقىندا ئۆيلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىشىمنى ئېيتتىم، كۈلۈپلا قويدى: ئۇ چىندىن ساددا قىز ئىدى. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم خانئانامنىڭ ئۆيىگە - چەشمىگە بېرىشنى سەۋىرسىزلىك بىلەن كۈتەتتىم، خىيالىمدا يەنە يارقىن مەنزىرىلەر سىزىلىشقا باشلىغان ئىدى: دادامنىڭ دوستى ياردەم بەرسە، ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتسە، ئۆزۈم ئاياققا تۇرۇپ ئالسام، ھاياتىم ھەقىقىي ئۆزگىرەتتى: ئاشۇ قىزغا ئۆيلەنسەم، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىممۇ مۇمكىن... بىراق يول خىراجىتىنىڭ قىممەتلىگى مېنىڭ ئايىغىمغا كىشەن سالدى.

    نىھايەت، سەپەرگە ئاتلىنىدىغان كۈنۈممۇ يېتىپ كەلدى. يۇقۇرىدا ئېيتقان ئويلىرىم بىلەن قانداقتۇر كۇچ-قۇۋۋەتكە تولۇپ، ھەتتا شۇ بېرىشتىلا بىرىنچى قەدىمىم - يېڭى مۇستەقىل ھاياتقا قويغان قەدىمىمدەك تۇيۇلۇپ، تىرمىزگە جۆنىدىم.

    پويىزدىن چۈشۈپلا، دادام يېزىپ بەرگەن ئادرىس بويىچە نەسىلچى دوستىنىڭ ئۆيىنى ئىزلەپ كەتتىم. تاپتىم. تاملىرى پىششىق خىشتىن قوپۇرۇلغان، تۆمۈر دەرۋازىسى ئاغزىدا ئىككى كۈچۈك ياتاتتى. مېنى كۆرۈپ، "دۈشمەنلىك" بىلەن قارشى ئېلىشتى. بىر ئاماللاپ ھويلا قوڭغىرىغىنى باستىم. دومباق، ياشقىنا-يۇ، چېچى تۆكۈلۈپ كەتكەن يىگىت چىقىپ كەلدى. يىگىتنىڭ قاپىغى سېلىق ئىدى. "پالان كىشىنىڭ ئوغلىمەن. تاشكەنتتىن كەلدىم"، دەپ تونۇشتۇردۇم ئۆزۈمنى. ئۇمۇ ئاشۇ "پۇستان" كىشىنىڭ كىچىك ئوغلى ئىكەن. چىرايىدىن خىيال يۈردى-يۇ، لېكىن:

    - ئاتامنىڭ مىجەزى يوق، - دېدى. - دوختۇرلار بىراۋغا كۆرسەتمەڭلار دىگەن.

    - ئۇنداقتا قايتسام بولغۇدەك.

    يىگىت تېشىپ تۇرغان ئىكەنمۇ، يا مېنى ئاتام تۈپەيلى ئۆزىگە يېقىن ئالدىمۇ، بىردىن:

    - دوختۇرلار "بېلى پالەچ" دىيىشتى، - دېدى پىچىرلاپ. - لېكىن ئاتام ئىچمەس ھىساپتا، ناھايىتى ئاز ئىچىدۇ. بىر تىۋىپنى چاقىرىپ قاراتقان ئىدۇق، ئاشۇ... ئاشۇ "ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ۋەسۋەسە بوپتۇ"، دېدى. ئىلگىرىمۇ بىر مەرتە شۇنداق بولغان.

    - ئەتتەڭ.

    - بىز ناھايىتى كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلۇپ مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدۇق. ئاتامنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپ. بىر-ئىككى يىل ئالدىن رىگىت (قوغداش پۇلى ئالىدىغان زومىگەرلەر) چىلار خەت يېزىپ قورقىتىشتى. ئاتام ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمىدى... كېيىن، شۇ كېسەلنى تاپتى. باشتا ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزاتتى. كېيىن-كېيىن شۇنداق بولۇپ قالدى...

    - چۈشەندىم.

    5

    چەشمىدىمۇ مېنى شۇملۇقخەۋەر كۇتۈپ تۇرغان ئىكەن. خانئانام غەمكىن كۈلۈمسىرەپ ئېيتتى:

    - سېنىڭ ئۇ... بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىڭنى كۆرۈشكەن ئىكەن تونۇشلىرى. قىزنىڭ ئاتىسىغا ئېيتىپتۇ. ئاتىسى: "ئۇ بالا تاشكەنتتە ياشاۋاتقان بولسا، قىزىمنى ئېپقېچىپ كېتىشمۇ قولىدىن كېلىدۇ"، دەپتۇ خوتۇنىغا...

    - كېيىن؟

    - قىزىنى ئەرگە بېرىپ ئۈلگۈردى. قانداقتۇر قېرىندىشىغا... سەن خاپا بولما، قىز تېپىلىدۇ. ياشسەن...

    ئۇنىڭ سىلىققىنا جىلمىيىشلىرى، ساددىلىقى، ھەرىكەتچانلىغى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېچىندىم. ئاخىرى، شۇ ھالىمدا ئۆزۈممۇ ئۇنى بەختىيار قىلالماسلىغىمغا ئىشىنىپ، بىردىن خورلىغىم كەلدى:

    "يا، خۇدايىم، نىمە گۇناھىم بار؟- دېدىم ئىچىمدە.- ئەندىلا ئىشلىرىم يۈرىشەي دىگەندە، پۈتۈن ئويلىرىم كارتون ئويۇنچۇقتەك بۇزۇلۇپ كەتتى. ئەندى ئۆيگە قايسى يۈز بىلەن قايتىپ بارىمەن؟" تاشكەنتكە بارغاچ، نىمە قىلىشىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. بۇ ياققا ماڭغۇچە بىر تىجارەت دۇكىنىدا ياردەمچى ساتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ تۇردۇم.

    ئىشىم ۋاقىتىنچە ئىدى-يۇ، ھەرھالدا، ئۈچ-تۆت سوم مائاشىم بار ئىدى. ئەڭ يامىنى شۇكى، مەن بۇ ياققا مېڭىش ئالدىدىن "ئوز ئىختىيارىم بىلەن" ئىشتىن بوشاپ، بىر تونۇش ئامبارچىدىن قەرزگە پۇل ئالغانىدىم: ئىككى ھەسسە قىلىپ قايتۇرماقچى ئىدىم. ئەندى نىمە بولدى؟

    6

    ۋاگون رادىيوسى "قىرىق مىنۇتتىن كېيىن" مېڭىشىمىزنى ئېيتتى. مەن چامادىنىمنى قويۇش ئۈچۈن ۋاگونغا، ئۇندىن خانىگە كىردىم. ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ئولتۇراتتى.

    - سالام ئەلەيكۇم. بەشىنچى جاي شۇ يەردىمۇ؟ - دېدىم.

    - مانا بۇ پەستىكى پولكا بولسا كېرەك، - دەپ جاۋاپ بەردى خوتۇن. مەن ئورۇندۇق قاپقىسىنى كۆتۈرۈپ، يۇكۈمنى قويدۇم. كېيىن دېرىزە پەردىسىنى چەتكە سۈردۈم.

    پەستە ئادەملەر قانداقتۇر ئالدىراش قۇۋانچ بىلەن پىروژنى، ۋىنو ۋە ھەر خىل شىرىنلىكلەر تەييار قىلىشاتتى ۋە ۋاگونلارغا قاراپ چېپىشاتتى.

    مەن تۆشەكنى ياغاچ ئورۇندۇققا يايدىم-دە، سوزۇلۇپ ياتتىم. كۆڭلۈمگە قىل سىغمايتتى. كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتىمەن، خانىغا كىمدۇر كىرگىنىنى سەزدىم. كىرگەن كىشى ئايال تاۋۇشى بىلەن سالام بەردى. ئاۋۇ خوتۇن ئۆز تەشۋىشى بىلەن بەنت ئىكەنمۇ، ئىلىك ئالمىدى.

    "بەرىبىرتۇرۇپ ئولتۇرۇشۇم كېرەك. ھېلى يېتىشقا ۋاقىت بار. بۇنىڭ ئۇستىگە، خوتۇنلارنىڭ ئالدىدا سوزۇلۇپ يېتىش - ناقۇلاي"، دەپ ئويلىدىم-دە، ئورنۇمدىن تۇردۇم.

    ئۇدۇلۇمدا بالىلىق كېلىنچەك تۇراتتى. كۆرۈنۈشىدىن يىگىرمە ياشلاردا. ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى چىرايى مېنى لال قىلدى. كۆزلىرى قاپ-قارا ۋە چوڭ- چوڭ. لېكىن قاپاقلىرى ئىشىشىپ كەتكەن، تازا يىغلىغان بولسا كېرەك. ئەڭنىدە ئەرزان كۆينەك، پۇتىدا -پاشنىسى قىيشىيىپ، رېڭى ئۆڭۈپ كەتكەن ئۆتۈك. يۈزى رومال بىلەن ئورالغان.

    ئۇنىڭ بالىسى ئۆزىگە بەك ئوخشايتتى؛ قىزىنىڭ بېشىمۇ قىيىقچە بىلەن ئورالغان، كىچىككىنە زىناقلىرى ئۇنى يەنىمۇ سۆيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتەتتى.

    جۇۋان بالىسىنى بىر قولىدا كۆتۈرگىنىچە باشقا قولى بىلەن ئىشىك تۇتقۇچىدىن تۇتۇپ تۇراتتى، ئەپتىدىن، ئولتۇرۇشتىن قورقۇۋاتقاندەك. مەن دەرھال چەتكە سۈرۈلۈپ:

    - نىمىشقا تىك تۇرىسىز؟ ئولتۇرۇڭ،- دېدىم.

    - ۋاي، سىز پۇل تۆلىگەنسىز، مەن بولسام - بىلەتسىز، - دېدى. - يېقىندا چۈشىمەن، ئاكا.

    - ئولتۇرسىڭىزچۇ.

    - بۇ يەر سىزنىڭ جايىڭىز ئاخىر؟

    - نىمە بوپتۇ.

    نىھايەت، ئۇ ئولتۇردى. مەن چەترەك- دەرىزىگە سۈرۈلۈپ، تاشقىرىدا- يىراقلاردا قېلىۋاتقان تاغلارغا قاراشقا باشلىدىم. خىيالىمدا ئەلەملىك ئويلار: "مەن ھاياتىمدا نىمە يامانلىق، نىمە گۇناھلار قىلدىمكى، قىسمەت مېنى مۇنچە ئازابلايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىراۋلارغا بارچە ئىشىكلەر ئوچۇق، ماڭا- يېپىق؟.. ئاتام ئەمەلدار ئەمەس، ئانامنىڭمۇ قولى كۆپ جايلارغا يەتمەيدۇ... بىراق مەن تىرىك جانمەن-غۇ؟"

    شۇندا تىرمىز كوچىلىرىدا كۆرگەن بىر ئارتىسنى ئەسلىدىم. ئۇندا ياش ئارتىس كۈلۈپ تۇراتتى. ھالبۇكى، ئۇ بىر ۋاقىتلار بىزنىڭ ئانسامبىلدا ناغرا چالاتتى، ئاۋازىمۇ مېنىڭكىدىن ياخشى ئەمەس ئىدى. مەكتەپتە مېنىڭ دىپلوماتىمنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتى، مەن بىلگەن ئىنگىلىزچە، ئىتاليانچە قوشاقلارنى دەرس قىلىشىمنى، يەنى ئۆگىتىشىمنى سورىغىنى سورىغان ئىدى.

    مەن شۇندا گىتار چېلىشنىمۇ، قوشاق ئېيتىشنىمۇ شۇنچىلىك ھەۋەس، ھەر بىر كىشىمۇ بىلسە زىيان قىلمايدىغان بىر سۈپەت، دەپ بىلەتتىم.

    بۈگۈنگە كېلىپ ئۇ شەھەرمۇ-شەھەر كونسىرت قويۇپ يۈرىدۇ. مەن مۇشۇ-ئاشۇ...

    شۇندا خىيالىم بۆلۈندى. نەزەرىمدە، كىمدۇر ماڭا گەپ قىلغاندەك بولدى. بۇرۇلدىم. بالىلىق جۇۋان ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى.

    - كەچۈرىسىز، بىر نىمە دېدىڭىزمۇ؟

    - ھەئە، - دېدى ئۇ غېرىبانە بىر تۈستە. - نىمىدىندۇر خاپا كۆرىنىسىز. بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەستۇ...

    - ياق، سىزگە شۇنداق تۇيۇلغاندۇر، - دېدىم.

    - كۆزلىرىڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، ئاكا. ئېيتىپ بېرىڭ، يەڭگىللەپ قالىسىز.

    - ئە، ياق، ھېچ نەرسە بولمىدى، - دەپ يەنە دېرىزىگە يۈزلەندىم.

    يەنە يىراقتىكى تاغلارغا قاراشقا باشلىدىم، بۇ ئايالنىڭ ئىشىك ئېغىزىدا تۇرۇپ ئېيتقان گېپى يادىمغا چۈشتى: "سىز پۇل تۆلىگەنسىز، مەن بولسام بىلەتسىز". دىمەك، ھەقىقەتەنمۇ بۇ - بىلەتسىز، بۇنىڭ ئۈستىگە، بالىسىدىن بۆلەك ھېچ نەرسىسى يوق. دىمەك، پويىزغا پاتقىنى - بۇنىڭ ئۈچۈن بىر "دۇنيا پۇل".

    ئەي، بۇنىڭ ئېرى يوقمۇ؟

    - كەچۈرىسىز، بىلىتىڭىز بولمىسا قانداق چىقتىڭىز؟ بىزدە بىلەتسىز يۈرىدىغانلارنى قويۇن دىيىشىدۇ، - دەپ كۈلدۈم. كۈلدۈمكى، پىكرىمنى چۈشەنسۇن، خاپا بولمىسۇن دەپ.

    ئۇ چاقچاقنى چۈشەندى بولغاي:

    -مېنى مىلىسالار ئۆتكۈزۈۋېتىشتى، - دېدى.

    -مىلىسالارمۇ؟

    - ھە،- ئۇيىلىپ كۈلۈمسىرىدى ئۇ. كېيىن داۋاملاشتۇردى، خوجايىن بىلەن ھەمىشە ئوپچە ۋاگوندا يۈرەتتۇق، خانىگە بىرىنچى مەرتە چۈشۈشۈم... بۇندىن بۇرۇن خوجايىن بىلەن سارى ئاسىياغا قېرىنداشلارنىكىگە بارغان ئىدۇق. كېيىن يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتتۇق. بىلسىڭىز، ئېرىم كۆپ ئىچەتتى، بۇنىڭ ئۈستىگە بايرام كېلىپ قالدى. پويىزغا چىققانلىرىدا مەست ئىدى. بىز پروۋودنىك بىلەن كېلىشىىۋالدۇق: پۇلىنى كېيىن ئۆزىگە بەرمەكچى بولدۇق. بار-يوقى سەكسەن سوم پۇلىمىز قالغان ئىدى، شۇ بىلەن ئاماللاپ ئۆيگە يېتىپ ئالالايتتۇق... ئېرىم بولسا، شۇ پويىزدىن ھاراق تاپتىدە، يەنە ئىچىشكە باشلىدى. بېكەتكە يەتكەندە، بىز چۈشتۇق، پۇتنى سوزۇش ئۈچۈن. خوجايىن شۇنداق مەست ئىدىكى، ھېچ نەرسىنى بىلمەيتتى. دۇچ كەلگەن ئادەمنى باشلاۋەردى... ئۆيدىمۇ ئىچەتتى، مەن كۆنۈپ كەتكەن ئىدىم، ئەمما ئادەتتە مۇنچىلىك بولمايتتى. ئۆزلىرى قورۇغچى. مەن ئۇ كىشىنىڭ تاكسىچى بولۇشىنى ئىستەيتتىم: شۇندا ئازراق ئىچەرمىدىكىن...

    -ئۆزلىرى نەچچە ياشتا؟ - دەپ سورىدىم.

    -ئوتتىز سەككىزدە.

    -سىزگە زورغا يىگىرمە ياش بېرىش مۈمكىن.

    - ئون سەككىزدىمەن،- دەپ كۈلدى ئۇ. كېيىن يەنە سۈكۈت تارتىپ قالدى. - تىرمىزدا مىلىسالار ئېپقېلىشتى ئۇ كىشىنى. قانچە يېلىندىم-يالۋۇردۇم، يىغلىدىم - قويۇۋەتمىدى. تىرمىزدا مەن ھېچ كىمنى تونىمايمەن. شەرابادغىچە يېرىم سائەتلىك يول بار... شۇنداق. مىلىسالار مېنى ئىچكىرىگە چاقىرىشتى...

    - ئۇ چوڭقۇر خورسىنىپ ئالدى-دە، يەنە داۋام ئەتتى: - ئېرىمنىڭ يانلىرىدىن بىر سوممۇ چىقمايتتى. مەن بولسام ئۆيگە يېتىپ ئېلىشىم كېرەك. ئاپتوبۇس بىلەن... ئۆزۈمدە پۇل يوق، ھېچ يەردە ئىشلىمەيمەن. بىرونتا ئاشخانىغا ئىدىش يۇيىدىغان بولۇپمۇ، يەر سۈپۈرىدىغان بولۇپمۇ ئىشقا كىرىدىغان بولدۇم. لېكىن مېنى ئىشقا ئېلىشمىدى. كىچىك بالام بار.

    - قېرىنداشلار بارمۇ؟

    -ھە، بىز بىر ئاتا-ئانىدىن سەككىز پەرزەنتمىز. لېكىن بەك كەمبەغەلمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز- بەش قىزنى ياشلىغىمىزدىن ئەرگە ئۇزىتىشتى. ئاكىلىرىم ئۆيلىنىپ چىقىپ كېتىشكەن، ئۇلارنى كۆرمىگىنىمگە بىريىلدىن ئاشتى. ئاچام باشتا ئۆيىمىزگە پات-پات كېلىپ تۇراتتى. كېيىن كېلىشىدە پۈتۈن زىبۇ- زىننەتلىرىم يوقالدى. بىرتال ئۇزۇك ۋە بىرتال سىرغا - بۇلار رەھمەتلىك ئانامدىن يادكارلىق ئىدى. ئاچام كەتكىنىدىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنىڭ يوقالغىنى مەلۇم بولدى. كېيىن مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم، ئۇ مېنى ھەيدەپ چىقاردى. شۇندىن كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ كەتتى. بەتتەر ياشىغىڭ كەلمەي قالىدۇ. لېكىن مانا شۇ قىزىمنى دەپ...

    -راستىنى ئېيتسام، نىمە دىيىشكىمۇ ھەيرانمەن، - دېدىم.- قاراڭ، توققۇز بوپتۇ. ئون مىنۇتتىن كېيىن شەراباد... ۋوگزالغا يېقىن تۇرسىڭىز كېرەك؟

    -ئە، ياق. بىز شەرابادنىڭ ئۆزىدە تۇرىمىز. يەنى گاگارىندا. ئۇنىڭغىچە ئون كىلومىتىر بار...

    -مېنىڭچە، ھازىر ئاپتوبۇسلار يۈرمىسە كېرەك، - دېدىم. –سىزنىڭ تاكسى پۇلىڭىز يوق. كوچىلار قاراڭغۇ، مەستلەر كۆپ...

    -بىر ئاماللاپ برىپ ئالارمەن، - دېدى ئۇ. نىھايەت، ئىشىكتىن بېشىنى تىققان پروۋودنىك:

    -ئىستانسا شەراباد! - دېدى.

    مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ قىزىنى قولۇمغا ئالدىم. ۋە خانىدىن چىقىپ، يول باشلىدىم. مىڭەمدە چېگىش ئويلار: "شۇنداق پەرىزاد، ئون سەككىز ياشلىق پەرىزاد شۇنداق خار-زار... - پەرراندا چۈشتۇق. مەن ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېچىناتتىم. ھەتتا:- يۈزچە چارىيارمۇ، قورۇغچىمۇ بىر تال چېچىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ،- كۆڭلۈمنى تاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان باشقا گەپلەرنى ئېيتىشنى ئىستەيتتىم:- ئەي، سىڭلىم، ئىشقىمۇ جايلىشىسەن، ئېرىڭ ئىچىشنى تاشلايدۇ، ئاچاڭ زىبۇ- زىننەتلىرىڭنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ...

    ئەڭ مۇھىمى، ياخشى كۈنلەر كېلىشىگە ئىشەن، شۇندا ھەممە نەرسە ياخشى بولىدۇ!" بىراق، ھېچ نەرسە قىلالمىدىم. پويىز بىر-ئىككى مىنۇت تۇرۇپ، سىگنال بەردى. مەن يانچۇقلىرىمنى كولاپ، بار پۇلۇمنى چىقاردىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.