يېنىدىكى ياخشى ئادەمگە قىلىنغان قەست

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-28 16:15:37

بۇ تولىمۇ غەلىتە بىر قاتىللىق دېلوسى بولۇپ، ئۆلگۈچى ياخشىلىق، خەير-ساخاۋەتتە داڭق چىقارغان بىر زات ئىدى. كىچىك بازاردىكى كىشىلەر ھەتتا ئۇنىڭغا مۇشۇ ئۆمرىدە بىرەر كىشى بىلەنمۇ جىدەللىشىپ باقمىغان، دەپ باھا بېرىشكەنىدى.


    يېنىدىكى ياخشى ئادەمگە قىلىنغان قەست

    نىكولاس پاتتىي [ئەنگلىيە]
    مەۋجۈدە مەمتىمىن تەرجىمىسى
     
    بۇ تولىمۇ غەلىتە بىر قاتىللىق دېلوسى بولۇپ، ئۆلگۈچى ياخشىلىق، خەير-ساخاۋەتتە داڭق چىقارغان بىر زات ئىدى. كىچىك بازاردىكى كىشىلەر ھەتتا ئۇنىڭغا مۇشۇ ئۆمرىدە بىرەر كىشى بىلەنمۇ جىدەللىشىپ باقمىغان، دەپ باھا بېرىشكەنىدى.
    ئۇنىڭ دۈشمىنى يوق، خوتۇن-بالىسىمۇ يوق ئىدى، ھەر كۈنى قائىدە يوسۇنلۇق ۋە مەسئۇلىيەتچان ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى، ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ-كېلەتتى، ھەپتە ئاخىرىدا دۇئا-تىلاۋەتكە باراتتى، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن ھېچبىر كىشى ئۇنى ئۆچ كۆرۈپ باقمىغانىدى.
    ئۇنىڭ كېسىلى بولمىسا، تاسادىپىي ۋەقەگىمۇ يولۇقمىغان تۇرسا، مۇشۇنداق بىر كىشىگە كىممۇ زەھەرلىك قولىنى سوزغان بولغىيدى؟ قاتىل قىلچە رەھىم قىلماستىن پىچاقنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە تىقىۋەتكەنىدى.
    ساقچىلار كىچىك بازاردىكى بارلىق سىنئالغۇلارنى تەكشۈردى، ئۇنىڭدىكىلەر پۈتۈنلەي دېگۈدەك تونۇش كىشىلەر ئىدى، بىر-ئىككى ناتونۇش كىشىمۇ ئۆزىنىڭ قاتىللىق مەيدانىدا يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە تولۇق ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا، بۇ تولىمۇ قول تۇتىدىغان قاتىللىق دېلوسى بولۇپ قالدى.
    تېلىۋىزىيە ئىستانىسى كىچىك بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ۋەھىمە ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ساقچى ئىدارىسىگە غايەت زور بېسىم بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىلاجسىز كۈن بويى قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئىسپات ئېلىش، يىپ ئۇچى تېپىس بىلەن پالاقشىپ يۈرگەنلىكى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تامامەن بىكارغا كېتىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق كۈندە خەۋەر بېرىپ تۇردى.
    بۇ دېلو ئوتتۇز يىلغىچە پاش قىلىنمىدى، يەنە كېلىپ ئوتتۇز يىلدىن كېيىنمۇ دېلو ساقچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق پاش قىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى قاتىلنىڭ تاسادىپىي سىرنى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن يېشىلدى. مەن بايان قىلماقچى بولغان مۇھىم نۇقتا دەل مۇشۇ.
    ئېتون جامائەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، مەكتەپ داڭلىق، كاتتا سودىگەر ئاۋرىل ئەپەندىمنى ئىراە تىكلەش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، بىر قەلەندەردىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەندى. كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغانىدى.
    ئېتون جامائەت مەكتىپىنىڭ بىر نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇنىڭدىن: «ئاۋرىل ئەپەندىم، سىز شۇنچە باي تۇرۇپمۇ نېمىشقا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيسىز؟» دېگەن سوئالنى سورىشى ساقچىنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى.
    ئەمەلىيەتتە دەل شۇنداق ئىدى، لوندون تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مارسېنمۇ ئىلگىرى ئاشكارا ھالدا مازاق قىلىپ، ئاۋرىل ئەپەندىم شېكىسپېر كومىدىيەسىدىكى بىر ئەر باش پېرسۇناژغا ئوخشايدۇ، ئۇ قايسى پېرسۇناژ؟ ئۇ دەل شارلوكتۇر، دېگەنىدى.
    ھە، كەچۈرۈڭ، ئېتون جامائەت مەكتىپىدىكى مەسىلىگە قايتىپ كېلەيلى. ئەينى چاغدا ئاۋرىل ئەپەندىم دەماللىققا ئىككىنلىپ قېلىپ، ئاندىن ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق سۆزنى قىلدى:
    -ئەگەر مەن خەير-ساخاۋەت ئىشىنى قىلسام، ئۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ قويىمەن ياكى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىمەن.
    بۇ نېمە دېگىنى؟ ئاۋرىل ئەپەندىمنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىنى ھېچكىم چۈشەنمىدى، ئاخىر يەنىلا بىر چەتتە تۇرغان رىياسەتچى ۋەزىيەتنى ئوڭشىدى.
    -ئاۋرىل ئەپەندىم، سىز بالىلىرىمىزغا تېخىمۇ كونكىرت قىلىپ سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
    -ئەلۋەتتە!-ئاۋرىلنىڭ نۇتىقى تېلىۋىزىيە ئېكرانىدا كۆرسىتىلىۋاتاتتى، ئۇ نۇتۇق مۇنبىرىدە تۇرۇپ ئۆزىگە تولىمۇ ئىشەنگەن ھالدا سۆز باشلىدى،-مېنىڭچە بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ قانائەت قىلماسلىقىدىن كېلىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالغا قانائەت قىلماستىن، تۇرمۇش بېسىمىغا يۈزلەنگەندىلا، ئۇ كىشى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى كۈچ-قۇدرەتنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، مەن قانائەت قىلمىغاچقىلا بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشەلىدىم.
    مەيداندا شۇئان قىزغىن چاۋاك سادالىرى ياڭرىدى. دەرۋەقە، ئاۋرىل ئەپەندىم بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلىغانىدى. لېكىن بۇنىڭ خەير-ساخاۋەت بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟ شۇڭا، رىياسەتچى پۈتكۈل مەيداندىكى قىزغىن كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ دەرھال سوئال قويدى:
    -شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا ئاز-تولا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىپ قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ياردەم بەرمەيسىز؟
    -خاتالاشتىڭىز، ئەگەر مەن ياشايدىغان ماكانىم يوق بىر كىشى بولغان بولسام، ھەرقانداق بىر كىشىدىن سەدىقە كۈتمەيتتىم. چۈنكى باشقىلارنىڭ خەير-ساخاۋىتى مېنى قانائەتلەندۈرۈپ قويىدۇ؛ نەرسىلەرنى تىرىشچانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرمەيمۇ ياشىغىلى بولىدىكەن، دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. كىم ماڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلسا، ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولىدۇ. مەن يېنىمدىكى ئاشۇنداق ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە رازىمەن.
    گەرچە ئاۋرىلنىڭ نۇتىقىدا مەلۇم ھەقىقەت بولسىمۇ، بۇ سۆز ھەددىدىن زىيادە تەسىر قىلغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر ئەينى چاغدىكى بىر پىشقەدەم ساقچى ئاز-تولا بىر نەرسىنى سېزىپ قالدى. ئاۋرىل ئىلگىرى بىرتىلەمچى بولۇپ، يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ھېلىقى قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن  نەق مەيدانغا يېقىن ئەتراپتا تىلەمچىلىك قىلاتتى، شۇنىسى ھېچكىم ئۇنى قاتىل دەپ ئويلىمىغانىدى.
    قاتىللىق دېلوسى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، گېزىتكە: «ئۇ ھەركۈنى ماڭا ئازراق پۇل بېرەتتى، مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن بىزار ئىدىم. ئەگەر ئۇ ئۆلمىسە، مەن مەڭگۈ قەددىمنى كۆتۈرەلمەيتتىم. ئۇ مېنىڭ ئارزۇيۇمنى بوغماقچى بولغانىدى، مەن ئۇنى ئۆلتۈردۈم» دېگەن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان سۆزلەر بېرىلدى.
    بۇ ئەنگىلىيەنىڭ ۋىندىسور بازىرىدا يۈز بەرگەن بىر ھەقىقى قاتىللىق دېلوسى. مۇشۇ قاتىللىق دېلوسى سەۋەبىدىن يەرلىك كىشىلەر بازارغا ئالايىتەن بىر دانە «ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ئابىدىسى» ئورناتتى، ئابىدىگە شۇ يەردىكى بىر داڭلىق مۆتىۋەر ئۆز قولى بىلەن مۇنۇ سۆزلەرنى ئويۇپ قويدى: «ئۆزىڭىزگە ئېھتىياجلىق كىشىگە ئۆزىڭىزنىڭ تولىمۇ ياخشى ئادەملىكىڭىزنى بىلدۈرمەڭ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بۇ دۇنيانىڭ تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.