كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن(ئەزىز نەسىن )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-23 19:32:00

كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن]ئەزىز نەسىن (تۈركىيە) باۋۇدۇن ھەسەن تەرجىمىسى ـ بۈگۈن بىز ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىغان بىر ئايالنى قۇتۇلدۇرۇۋالدۇق، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپمۇ كەلدۇق، ـ دېدى س...

    كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن
    ]ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)
    باۋۇدۇن ھەسەن تەرجىمىسى

    ـ بۈگۈن بىز ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىغان بىر ئايالنى قۇتۇلدۇرۇۋالدۇق، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپمۇ كەلدۇق، ـ دېدى ساقچى.
    ـ دوختۇرغا تەكشۇرتتىڭلارمۇ؟ ـ دېدى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
    - تەكشۈرتتۇق، دوختۇر ئۇنى داۋالىمىساقمۇ بولىدۇ، دېدى ساقچى.
    ـ باشلاپ كىرىڭلار!
    ئۆستى ـ بېشى چىلىق ـ چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن. چاپىنىنىڭ پېشىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى.
    ـ ئىسمىڭىز نىمە؟
    ـ بېدىيا...
    ـ قانچىگە كىردىڭىز؟
    ـ يىگىرمە توققۇزغا، ـ دېدى ئايال سەل ئويلىنىۋېلىپ.
    ـ تۇرمۇش قۇرغانمۇ؟
    ـ قۇرغان دېسەممۇ بولىدۇ...
    ـ خانىم... تۇرمۇش قۇرغانمۇ ـ قۇرمىغانمۇ ياكى تۇل قالغانمىدىڭىز؟
    ـ تۇرمۇش قۇرغان دەپ يېزىڭ...
    ـ نىمىشقا ئۆلۈۋالماقچى بولدىڭىز
    ـ ئۆلۈۋېلىشنىڭمۇ سەۋىبى بولامدىكەن؟ ئۆلگۈم كەلدى ـ دە، ئۆزۈمنى دېڭىزغا تاشلىدىم شۇ. بۇ ئىشتا ھېچكىمنىڭمۇ جاۋابكارلىقى يوق...
    ـ نىمىشقا ئۆلۈۋالغىڭىز كەلدى؟
    ـ ۋاي جانەي، ئۆلەمتىم، ياشامتىم، ئۆزۈمنىڭ ئىشىغۇ؟ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەجرىبىلىك ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئايالنىڭ راستىنى ئېيتماۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدى.
    ـ ئېھتىمال، ئېرىڭىزگە بىرەر نەرسە ئېلىپ بەر دېگەنسىز... ئېرىڭىز ئېلىپ بەرمىگەن بولسا، دېڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئاتقانسىز...
    ـ نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىز...
    ـ بۇ ئىشتا ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ چېتىشلىقى بارمۇ ـ يە؟
    ـ نىمە دېدىڭىز؟...
    ـ مەسىلەن، بىر نامەلۇم كىشىنى دەيلى...
    ـ يوق. ھە، ئەمدى بىلدىم. ئېرىڭىز سىزنى كۈن بويى ئۆيگە قاماپ قويغان، سىز «شۇمۇ كۈن بولدىمۇ» دەپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي دېڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئاتقان...
    ـ مەن سىزگە ئۇنداق ئەمەس دەۋاتىمەن...
    ـ ئېرىڭىزنىڭ باشقا بىر سۆيگىنى بارمۇ ـ يە؟
    ـ ئو ـ ھوش، جىلى قىلىپ جېنىمنى ئالدىغان بولدىڭىزغۇ...
    ـ ئەمىسە، ئېرىڭىز قېچىپ كەتكەنمۇ؟
    ـ ياق، ئۇ تېخى ياش...
    ـ ئۇنىڭ تاپاۋىتى ئازمۇ؟ بىرەر يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولسا كېرەك ـ ھە؟
    ـ ياق، ئۇ سودىگەر.
    ساقچى باشلىقىنىڭ ئاچچىقى تۇتتى:
    ـ بىلىپ قويۇڭ،خانىم، مەن ساقچى باشلىقى بولغىلى يىگىرمە تۆت يىل بولدى. تۈرلۈك ـ تۈمەن ئۆلۈۋېلىش دېلڭلىرىنى كۆرگەنمەن، بۇنداق دېلولاردىن ئاز دېگەندە بەش يۈزنى ئۇچراتقاندىمەن... ئاياللارنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبلىرى ئەرلىرىنىڭ كىنوغا ئاپارمىغانلىقى، ئۇپا ـ ئەڭلىكنى بەك قويۇق سۈرتمىگىن دېگەنلىكىدىن... باشقىچە بولمايدۇ. بىرەر جۈپ پايپاق ياكى بىرەر جۇۋا سەۋەب بولغانلىرىمۇ يوق ئەمەس...
       ـ تۇترۇقسىز سۆزلەرگە ئەجەپمۇ زۇقىڭىز بار ئىكەن سىزنىڭ ... بەس، قارىسىغا ھۆكۈم قىلىۋەرمەسلىگىڭىز ئۈچۈن، توغرىسىنى ئېيتىپ بېرەي: ئېرىم ئاخشام ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا ماڭا بىر قۇر كۆك كىيىم ئېلىپ بېرىڭ، دېسەم، «ماقۇل، قەدىرلىكىم» دېدى. «كىيىم ـ كېچەك ماگىزىنىغا ھازىرلا بارايلى» دېسەم «بولىدۇ، قەدىرلىكىم» دېدى. كىيىم ـ كېچەك ماگىزىنىدىن چىققاندا، ئېگىز پاشنىلىق توفلىدىن بىر جۈپ ئالغۇم كېلىۋىدى، ئېلىپ بەردى. «بۈگۈن كەچتە رىستۇرانغا بېرىپ تاماق يەيلى» دېسەم، «ماقۇل قەدىرلىكىم» دېدى. مېنىڭ كىنوغا بارغۇم كېلىۋىدى، ئاپاردى. كىنوخانىدىن چىققاندا: «ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىستامبۇل بوغىزىغا بېرىپ شامالداپ كېلەيلى» دېۋىدىم «بولىدۇ، قەدىرلىكىم» دېدى. ئۇ ئەتىگەندە ئۆيدىن چىماقچى بولۇپ تۇرغاندا: «بۈگۈن كايپىم چاغ ئەمەس، ئىشقا بارماڭ» دېۋىدىم، «ماقۇل، قەدىرلىكىم» دېدى. «ماڭا بىر ھالقا ئېلىپ بېرىڭ» دېۋىدىم. ئۈچ مىڭ لىرا پۇل خەجلەپ بىر جۈپ ھالقا ئېلىپ بەردى.«سەتكەن، باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ» دېۋىدىم، يەنە ئىككى مىڭ لىرا قوشۇپ باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بەردى. مەن نىمىلا دېسەم، ئۇ: «ماقۇل، قەدىرلىكىم» دەيدۇ. مەن نىمىنى تەلەپ قىلسام، «بولىدۇ، قەدىرلىكىم» دەيدۇ، شۇمۇ كۈن بولدۇمۇ؟... مۇشۇنداقمۇ ياشاپ بولامدۇ كىشى؟ خۇددى داغ سۇدەك لەززەتسىز ھايات... مۇشۇنداقمۇ ياشىغان بارمۇ؟ شۇ ئەسنادا ئايالنىڭ ئېرى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يېتىپ كەلدى.
    ـ مۇشۇ ئەپتىم بىلەن پىكاپقا قانداقمۇ چۈشەي؟ ـ دېدى ئايال ئېرىگە.
    ـ ماقۇل، قەدىرلىكىم، بىز ھازىرلا كىيىم ـ كېچەك ماگىزىنىغا بارايلى، ـ دېدى ئېرى.
    ـ ئەپەندى، ئاڭلىغانسىز؟... ماۋۇ نىمىنى كۆزۈمدىن يوقاتساڭلارچۇ!
    ـ توغرا ئېيتتىڭىز خانىم... ئايال ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىبىغا ئىمزا قويدى. ئۇ ئېرى بىلەن بىللە ساقچى ئىدارىسىدىن كەتكەندىن كېيىن، ئىدارە باشلىقى ساقچىلارغا بۇيرۇق قىلدى:
    ـ ئۇ ئايال قاچانىكى يەنە ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ قالسا، قۇيۇۋېتىڭلار، قۇتۇلدۇرماڭلار... كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن!
    («مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم» ناملىق كىتاپتىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق