ھىلىقى ئۆردەك ئىسىڭدىمۇ؟-رىچارد ‎گوفرى ( ئامرىكا)

يوللىغۇچى : yardam يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-02 16:15:46

ھىلىقى ئۆردەك ئىسىڭدىمۇ؟(ھېكايە)رىچارد ‎گوفرى ( ئامرىكا)نۇرگۇل ھېيىت تەرجىمىسىجونى ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئاكا- ئىنى، ھەدە- سىڭىللىرى بىلەن بىللە بوۋا- مومىسىنىڭ دىھقانچىلىق مەيدانىغا...

     

    ھىلىقى ئۆردەك ئىسىڭدىمۇ؟
    (ھېكايە)
    رىچارد ‎گوفرى ( ئامرىكا)
    نۇرگۇل ھېيىت تەرجىمىسى
     
    جونى ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئاكا- ئىنى، ھەدە- سىڭىللىرى بىلەن بىللە بوۋا- مومىسىنىڭ دىھقانچىلىق مەيدانىغا مىھمان بولۇپ بىرىپتۇ. بوۋىسى ئۇنىڭغا بىر تال رەگەتكە بىرىپتۇ، جونى خۇشاللىقىدا دەرھال ئورمانلىققا بىرىپ قارىغا ئىلىشنى مەشىق قىلىشنى باشلىۋىتىپتۇ. جونى قايتا- قايتا مەشىق قىلغان بولسىمۇ لىكىن بىرەر قىتىممۇ نىشانغا تەككۈزەلمەپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن رايى يىنىپ، سالپايغىنىچە رەگەتكىسىنى ئىلىپ ئۆيىگە چۈشلۈك تاماق يىيىشكە مېڭىپتۇ.
    جونى ھويلىغا كىرىشىگىلا مومىسىنىڭ ئامراق ھايۋىنى- سىمىزلىكىدىن ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي قالغان ئاپئاق ئۆردەكنى كۆرۈپ قاپتۇ. جونى ھەممىنى ئۇنتۇپ، رەگەتكىنىڭ رىزىنكىسىنى سوزۇپ، ئىغاڭلاپ كىتىۋاتقان ئۆردەكنى قارىغا ئاپتۇ. تازىمۇ قىززىق، ھازىرغىچە بىرەر قتىممۇ نىشانغا تەگمىگەن ئوق بۇ قىىتم ئۆردەكنىڭ دەل بىشىغىلا تىگىپتۇ. ئۆردەك شۇ زامان تىن تارىتماي ئۆلۈپتۇ. جونى ئالاقزادە بولغىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ، ئۇ مومىسىنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقۇپ، نىرى- بىرىسىنى تازا ئويلانمايلا ئۆلۈك ئۆردەكنى ياغاچ دۆۋىسىگە يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۆلۈك ئۆردەكنى ئەمدىلا تىقىپ قويۇپ تۇرۇشىغا ھەدىسى شارلىنىڭ دەرۋازا تۈۋىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. شارلى ئىشنىڭ جەريانىنى تولۇق كۆرگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇ جونىغا ھىچنەرسە دىمەپتۇ.
    چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندا مومىسى شارلىغا:
    - شارلى، يۈرە، ئىككىمىز قاچا- قوچىلارنى يىغىشتۇرىۋىتەيلى.- دەپتۇ. شارلى :
    - موما، جونى ماڭا ئۆزىنىڭ سىزگە بەكلا ياردەملەشكۈسى بارلىقىنى ئېيىتقان، ئۇ سىزگە قاچا يۇيۇشۇپ بەرسۇن. – دەپتۇ، ۋە بۇرۇلۇپ جونىغا پەس ئاۋازدا ،- ھىلىقى ئۆردەك ئىسڭىدىڭمۇ ؟ -دەپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ، جونى ئاشخانىغا كىرىپ مومىسىغا قاچا- قۇچا يۇيۇشۇپ بىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
    كەچتە، بوۋىسى بالىلاردىن بىلىق تۇتقىلى بارغۇسى بار يوقلۇقىنى سوراپتۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى بەس- بەستە قول كۆتۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا مومىسى گەپ قىستۇرۇپ:
    - ناھايتى خىجىلمەن، مەن شارلىنى ئۆيدە قىلىپ ماڭا كەچلىك تاماق ئىتىشىپ بەرسۈنمىكىن دىگەن. –دەپتۇ.
    - ۋاھ، موما، – دەپتۇ شارلى كۈلۈپ تۇرۇپ ،- جونى مېنىڭ ئورنۇمدا سىزگە ياردەملىشىدۇ.- دەپتۇ ۋە جونىنىڭ قولىقىنىڭ تۈۋىگە پەس ئاۋازدا،- ھىلىقى ئۆردەك ئىسىڭدىمۇ؟ - دەپتۇ.
    ئامالسىز قالغان جونى باشقا ئاكا- ئىنى، ئاچا- سىڭىللىرىنىڭ خۇشال- خۇرام بىلىق تۇتقىلى كەتكىنىگە قاراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئاشخانا ئۆيدە مومىسىغا ياردەملەشمەي نىمە ئامالى.
    شۇنداق قىلىپ، جونى كۈندە ئۆزىگە تىگىشلىك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا شارلىغا تىگىشلىك بولغان ئىشلارنىمۇ قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ پەقەتلا چىدىيالماپتۇ، ۋە مومىسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۆزىنىڭ ھىلىقى ئۆردەكنى قانداق قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى مومىسىغا راسىتچىللىق بىلەن ئېيىتپتۇ.
    مومىسى ئىللىق تەبەسسۈم قىلغانچە ئىڭىىشىپ، جونىنى باغرىغا مەھكەم بىسىپ، ئۇنىڭ بىشىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىلىغانچە، مۇلايىملىق بىلەن:
    - ئوھوي، قەدىرلىكىم جونى، مەن ھەممىنى بىلەتتىم. مەن ئەينى چاغدا دەرىزىنىڭ ئالىدىدا ئىدىم، بۇ ئىشنىڭ باشتىن- ئاخىرىغىچە ھەممىسىنى ئىنىق كۆرگەن. لىكىن مەن سېنى سۆيىمەن قوزام، شۇڭا سېنى ئەيىپلىگۈم كەلمىدى. مېنىڭ بۇ ئىشنى ساڭا ھازىرغىچە ئېيىتماسلىقىمدىكى سەۋەپ، سىنىڭ شارلىنىڭ كۇكۇلاڭدىن تۇتۇۋىلىشىغا قاچانغىچە چىداپ تۇرالايدىغانلىڭىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان ئىدىم. – دەپتۇ.
    شۇنداق، ئەگەر بىز كىچىككىنە خاتالىقنى دادىللىق بىلەن ئۈستىمىزگە ئىلىشتىن قورقۇپ، باشقىلارغا كۇكۇلىمىزنى تۇتقۇزۇپ قويساق، مەڭگۇ ئۇلارنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن قۇتۇلالمايمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىز خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىمىز. خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز دادىللىق بىلەن ئۈستىڭىزگە ئىلىشقا جۈرئەت قىلىڭ. شۇ چاغدىلا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ناھايتى يەڭگىل باسالايسىز.
    «بالىلار ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 9- سانىدىن
    يەكەن ناھىيە كونىشەھەر مەكتەپتىن: نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.