ئوڭكۈرلۈكلەر ھېكايىسىنىڭ داۋامى(مونتىسكىيۇ)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-16 19:20:39

ئۆڭكۈرلۈكلەر ھىكايىسىنىڭ داۋامى(مونتىسكىيۇ) ئۆڭكۈرلۈكلەر خوشاللىققا چۆمۈپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پادىشاسى ھازا ئېچىپ كۆزلىرىدىن تاراملىتىپ ياش ئاققۇزۇپتۇ. بۇ ناھايىتىمۇ ئۇلۇغۋار بىر سورۇنغا ئايلى...

    ئۆڭكۈرلۈكلەر ھىكايىسىنىڭ داۋامى(مونتىسكىيۇ)

       ئۆڭكۈرلۈكلەر خوشاللىققا چۆمۈپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پادىشاسى ھازا ئېچىپ كۆزلىرىدىن تاراملىتىپ ياش ئاققۇزۇپتۇ. بۇ ناھايىتىمۇ ئۇلۇغۋار بىر سورۇنغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، پادىشا بىلەن ئۆڭكۈرلۈكلەر ئۇچرىشىپتۇ، پادىشانىڭ چىرايىدا قايغۇمۇ، ئىوشاللىقمۇ سېزىلمەپتۇ. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەنت بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنۈپتۇ. بىراق، بىزارلىق ئۇنى يوشۇرۇن ئازاپلىغاچقا، ئۇ ئۇزاققا قالماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئەلمىساقتىن  تارتىپ ئىنسانلارنى ئاقىلانە ئىدارە قىلغان ئەڭ ئۇلۇغۋار پادىشا مانا مۇشۇنداق ئۆلۈپتۇ.

       خەلق ئۇنىڭغا قىرىق كۈندىن ئارتۇق ھازا تۇرۇپ يىغا ـ زارە قىلىشىپتۇ. ھەر بىر ئادەم خۇددى ئۆز ئاتىسىدىن ئايرىلغاندەك قايغۇرۇپتۇ. ھەر بىر ئادەم: «ئوڭكۈرلۈكرلەرنىڭ ئۈمىدى ئەمدى قانداق بولىدۇ؟ بىز سىز قەدىردان پادىشاھىمىزدىن ئايرىلدۇق! سىز ئۆزىڭىزنى بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مۇناسىپ ئەمەسمەن دەپ قارىغان ئىدىڭىز، ئاللانىڭ ئىرادىسى راستىنلا سىزنى بىزگە يېتەكچى قىلىشقا مۇناسىپ تاپمىدى. بىز سىزنىڭ روھىڭىزغا يۈزلىنىپ قەسەميات قىلىمىزكى، سىز قانۇن ئارقىلىق بىزنى ئىدارە قىلىشنى خالىمىغان ئىكەنسىز بىز سىزنىڭ ئۈلگىڭىز بويىچە ئۆز ئىش ھەركىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىمىز» دىيىشىپتۇ.

       باشقىدىن پادىشا سايلاشقا توغرا كەپتۇ. بۇ چاغدا دىققەتكە سازاۋەر بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ، يەنى بۇرۇنقى پادىشانىڭ جەمەتلىرىدىن بىرمۇ كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ خانلىق تالاشماپتۇ. كىشىلەر ھەر جەھەتتىن ئەڭ ئاقىل بىر كىشىنى سايلاپ چىقىپتۇ.

       بۇ پادىشانىڭ خانلىق ئاخىرلىشىدىغان چاغدا ئۆڭكۈرلۈكلەر سودا سانائەتنى يولغا قويۇش زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىشىپتۇ. كىشىلەر خەلق كېڭىشى ئوتكۈزۈپ بۇ ئىشنى بەلگىلەپ چىقىپتۇ.

       پادىشا مۇنداق دەپتۇ: «سىلەر مېنى تەختكە چىقارغاندا، مېنىڭ پەزىلىتىمنى ئۆزەڭلەرنى ئەقىل بىلەن ئىدارە قىلىشقا يېتەرلىك دەپ تونۇغان ئىدىڭلار. تەڭرىم گۇۋاكى، مەن تەختكە چىققاندىن كېيىن، سىلەرنىڭ بەخىت ـ سائادىتىڭلار ئۈچۈن نۇرغۇن رىيازەت چەكتىم. مېنىڭ خاندانلىغىمدا بىرەر ئۆڭكۈرلۈكنىڭ پەسكەشلىكلىرىگە يول قويۇلمىدى. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىلەر ئەخلاقىي پەزىلەتنى قايرىپ قويۇپ، باي بولۇشنى ئىزلەپ قالدىڭلارمۇ؟»

       بۇ ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ؛ «پادىشاھىم، بىز بەختىيارمىز. بىز ئەڭ ياخشى شارائىتتا ئىشلىمەكتىمىز. مەن ئوچۇق سۆز قىلسام بولامدۇ؟ ئۇنداق بولسا، بايلىقنىڭ سىزنىڭ خەلقىڭىز ئۈچۈن زۆرىيىتى بارمۇ ـ يوق؟ بۇنى سىز ھۆكۈم قىلىڭ. ئەگەر سىز بايلىققا ئېتىۋار بېرىپ، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بارمىسىڭىز، ئۇلارمۇ  ئۇزاققا قالماي مۇشۇنداق قىلىشىدۇ ھەمدە ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە سىزنىڭ راھەتپەرەسلىگىڭىز ئۇلارنىڭ راھەتپەرەسلىگىگە نەمۇنە بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئادەمنى ئۆستۈرمەكچى ياكى ئۇنى ئۆز ئىشەنچىڭىزگە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلىغاندا، پەقەت ئۇنىڭ باي ئىكەنلىگىنىلا نەزەردە تۇتسىڭىز ئۇ چاغدا خاتىرجەم بولۇڭكى، بۇنداق قىلىق ئۇنىڭ پەزىلىتىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. شۇنداقلا، بۇنداق دەھشەتلىك مۇكاپاتقا نۇرغۇنلىغان  ئادەملەر دىققەت قىلىپ تۇرغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئۈن ـ تىنسىز ھالدا نۇرغۇنلىغان ساداقەتسىزلەرنى پەيدا قىلىپ قويىسىز. پادىشاھى ئالەم،  سىز خەلقنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى نىمىگە ئاساسەن تىكلىنىدىغانلىغىنى بىلىسىز: ئۇ تەربىيىگە ئاساسەن تىكلىنىدۇ. ئەگەر سىز بۇنداق تەربىيىنى ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز، ئىلگىرى يۈرەكسىزلىك قىلىپ جىنايەت سادىر قىلىشقا پېتىنالمىغانلار ئۇزاققا قالماي ئەخلاقلىق ھەم پازىلەتلىك بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

       بىز مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىشىمىز لازىم: «بېخىللىق بىلەن ئىسراپچىلىق ئوخشاشلا ئەيىپلەنسۇن. ھەر بىر ئادەم دۆلەتنىڭ مال ـ مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بوغالتىر بولۇشى، ئۆز تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان پەسكەشلەر، بەتخەجلىك قىلىپ ئائىلە مۈلۈكلەرنى بۇزۇپ چېچىپ ئەۋلاتلىرىغا نەپ قالدۇرمايدىغانلارمۇ ئوخشاشلا قاتتىق جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. ھەر بىر پۇقرا ئۆز مال ـ مۈلكىنىڭ ئادىل تەقسىماتچىسى بولۇشى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ مال ـ مۈلۈكىگىمۇ ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇشى كېرەك.»

       پادىشا مۇنداق دەپتۇ: «ئۆڭكۈرلۈكلەر، بايلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمدى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرغا تەۋە بولىدۇ. بىراق، مەن سىلەرگە شۇنى جاكا قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئەخلاقىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرىدىغان بولساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز خەلقنىڭ بىرى بولۇپ قالىسىلەر. سىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭلاردا، مەن سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئادىل بولۇشۇم زورۇر چۈنكى، بۇ مېنىڭ خانلىق ھوقۇقۇمنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇ بەلگىدىنمۇ مۇھىم بولغان ئىككىنچى بىر بەلگە يوق دەپ ھىساپلايمەن. بايلىق دىگەنىڭ ئۆزى ئەسلىدە ھىچقانداق قىممەتكە تۇرمايدىغان بىر نەرسە، ئەگەر سىلەر ئامال قىلىپ بايلىقلارنى كۆز ـ كۆز قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بولساڭلار، ئۇ چاغدا مەنمۇ ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىپ ئۆزەمنى داڭلاشقا مېڭىپ قالىمەندە سىلەرنىڭ كەمسىتىشىڭلارغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆزەمنى تېخىمۇ باي قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرگە ئېغىر باج ـ سېلىق يۈكلەيمەن ھەمدە سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنى قامدايدىغان خىراجەتنىڭ زور بىر قىسىمىنى ئۆزەمنىڭ مۇراسىم ھەم ئوردا، قەسىرلىرىمنى بىزەشكە ئىشلىتىپ كىشىلەرگە ئۆزەمنىڭ تەنتەنىلىك ئىكەنلىگىمنى كۆرسىتىپ،  ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قازىنىشقا ئۇرۇنىمەن. ھازىر مەن ئۆزلىگىمدىن بارلىق بايلىقلارغا ئىگە بولالايمەن. بىراق ئۇ چاغلارغا بارغاندا سىلەر پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلارنى سەرپلەپ مېنى باي قىلىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. ۋاھالەنكى ئۇ چاغدا سىلەر بايلىققا قانچىلىك ئېتىۋار بەرگىنىڭلار بىلەنمۇ، ئۇنىڭدىن قىلچە نەپ ئالالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ بايلىقلار تامامەن مېنىڭ غەزنەمگە كىرىپ كېتىدۇ. ئاھ، ئۆڭكۈرلۈكلەر! بىزنىڭ چىرايلىق بىر بەلۋىغىمىز بولسا، ئۇ بىزنى ئىناق ـ ئىتتىپاق قىلىپ، سىلەر پەزىلەتلىك بولساڭلار، مېنىمۇ ئوخشاشلا پەزىلەتلىك قىلسا، ئەگەر مەن پەزىلەتلىك بولسام ئوخشاشلا سىلەرنىمۇ پەزىلەتلىك قىلسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە!»

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-3-16 20:54:18] [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-18 9:03:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.