ئاچىنجسىنىڭ ئىسيانى(بېنت خوف)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-17 14:07:00

ئاچىنجىسنىڭ ئىسيانى بېنت خوف (فىنلانىدىيە)پاتىگۈل مىجىت تەرجىمىسى يول بويىغا ئۇزۇن بىر ئورۇندۇق قويۇلغان ئىدى، يول مېڭىپ ھارغان كىشلەر ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشاتتى. يەتمىش يىل ياشىغان ئ...

    ئاچىنجىسنىڭ ئىسيانى
    بېنت خوف (فىنلانىدىيە)
    پاتىگۈل مىجىت تەرجىمىسى

        يول بويىغا ئۇزۇن بىر ئورۇندۇق قويۇلغان ئىدى، يول مېڭىپ ھارغان كىشلەر ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشاتتى.
       يەتمىش يىل ياشىغان ئادەم ئۆز ئۆمرىدە قانچىلىغان ئۇزۇن ـ قىسقا يوللارنى باسىدۇ ـ ھە! ئۇ ھېرىپ قالدى. ھارغان ئىكەن، ئولتۇرىدىغان گەپ، بۇنىڭ ھەيران قالغىدەك نىمىسى بولسۇن؟ ئورۇندۇق دىگەننى كىشلەر ئولتۇرسۇن دەپ ياسىغان.
        تولىمۇ ئاددى بۇ ئورۇندۇقتا، پەقەت چارچىغان سەيلىچىلەردىن باشقا ھىچ كىشىنىڭ كۆزى چۈشمەسلىگى ئاچىنجىسقا غەيرى تۇيۇلدى.
        تۇبياس ئاچىنجىس ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇ، چېكىسىگە قىرو چۈشكەن بولسىمۇ، تېخى قېرىلىق يەتمىگەن كىشى بولۇپ، غاڭزىدا تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ خىيال قۇشلىرى ئوتكەن كۈنلەرنىڭ ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان ناخشا ـ ساداسى ئۇنى ئەس ـ ھۇشىنى يىغىۋېلىشقا، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئوتۇۋاتقانلىغىنى يادىغا ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئىش تاشلاشلار، ئالا ـ توپىلاڭلار، ئۇرۇش ـ تىللاشلار! ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ توغرا... بۇنداق قىلىش بىلەن مەسىلىلەر ھەل بولارمۇ؟ بېشىغا نوقتا سېلىنغا موزايغا ئوخشاش تىپىرلىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ ئاچىنجىس يەتمىشكە كەلگەندە پەلەكنىڭ گەردىسى ئۆزگىرىپ قالغانمىدۇ ـ يا؟ بەلكىم شۇنداقتۇ. كىشلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغانمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، تۇرمۇشچۇ؟ بۇرۇنقىدىن ياخشىراقمۇ، قانداق؟ ھىم... ئۇلار ھەر ھالدا تۇرمۇشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. كۈرەش قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ سەپمۇ يېتەرلىكقۇ!
       ئۇ يولدىن ئوتۇپ كېتىۋاتقان بىرسىدىن، ئىش تاشلىغان ئىچىلارنىڭ نامايىش قىلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدى. نامايىشلىرىنى قىلىشىۋەرسۇن! ئۇ بۇ ياشقا كەلگەندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش تاماشا كۆرسىلا كۇپايە، بۇنداق چاغلاردا، چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈشنىڭ ئۆزىمۇ كۆڭۈللۈك ئىش.
        نامايىشچىلار كەلدى. ئىككى چەتتىكى پىيادىلەر يولىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، چوڭ يولدا ئادەم مىغىلدايتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىۋاتقان ناخشىسىدا كۈچلۈك ئىبارىلەر بار ئىدى:
        _ «قانۇن ئادەم ئالدايدۇ، ھۆكۈمەت ئىشچىلارنى بېسىۋاتىدۇ.»
    _ «قېرىنداشلار كۈتۈۋالايلى ئەتىنى!» نامايىشچىلار قوشۇنى ئوتۇپ كەتتى. ئۇلار خۇددى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىۋاتقان يىراق كەلگۈسىگە قاراپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى...
       نامايىشچىلار ئىلگىرىلىمەكتە.
        قوشۇننىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقانلار ئەگىمدىكى قورۇلۇشنىڭ كەينىگە ئوتۇپ ئۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇلار توسالغۇغا ئۇچراپ توختاپ قالغان بولسىمۇ، قوشۇننىڭ ئارقا تەرپىدىكىلەر ھامان ئالدىغا مېڭىۋېرەتتى.
        «پاڭ» قىلىپ ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاخىرقى يازنىڭ ئوچۇق ئاسمىنىدا ياڭراپ، ئاچىنجىسنى چۆچۈتىۋەتتى. بۇنىڭغا نىمانچە چۆچۈپ كەتكۈلۈك، ئۇ دىگەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرۈۋاتقان ئادەم ئەمەسمۇ؟
       ئۇنىڭ كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشتى. نامايىشچىلار تۆپى بىردىنلا پىتىراپ كەتتى. ئۇلار خۇددى قويۇندا قالغاندەك، توپا ـ چاڭلارنى توزىتىپ جېنىنى ئېلىپ قاچاتتى. ساقچىلار قوللىرىدا مىلتىق، قامچا تۇتقان ھالدا كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. مىلتىق قۇلاقلارنى پاڭ قىلىپ داۋاملىق ئېتىلىۋاتاتتى. تېز قاچالمىغان ياكى يىقىلىپ كەتكەنلەرگە تاراسلاپ قامچا تېگەتتى...
        ئاچىنجىس يېقىنلا بىر يەردە بىر ساقچىنىڭ قامچىسىنى ئوينىتىپ نامايىشچىلارنى ئىزلەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ قالدى. بۇ چاغدا نامايىشچىلار قېچىپ بولغان ئىدى. شۇ ئارىدا، ئورۇندۇقتا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان ئاچىنجىسقا ساقچىنىڭ كۆزى چۈشتى.
       ـ ھەي! نىمىگە كۈزەتچىلىك قىلىپ ئولتۇرسەن؟ ـ دەپ ۋاقىردى ساقچى. ئاچىنجىس ئۆزىنىڭ بۇيەردە دەم ئالغاچ تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئېچىشقا تەمشىلىشىگە، باش ـ كۆزىگە تاراسلاپ قامچا تېگىشكە باشلىدى. باش ـ ئايغى يوق بىر بالاغا قالغانلىغىنى بىلىپ، ئاچىنجىسنىڭ ئەرۋايى ئۇچتى.
        بۇ نىمە گەپ زادى؟ ئۇنىڭ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىدىن باشقا يەنە نىمە گۇنايى بار؟ ...
       ئۇ، بۇنداق قاتتىق غەزەپلىنىش بەدىلىگە يەنە قاتتىق ساۋالدى. قامچا ئازاۋى ئۇنى پۇتلىرىنى سورەپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق، ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگمىدى: ئۇ ئەمدى تۈۋى يوق بىر بالاغا قالغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ قولغا ئېلىنىپ سوتلاندى.
        ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن «ئىسيانغا قاتناشقان جىنايەتچى» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى.
       ئاچىنجىس ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتى. ئۇ ئورۇندۇقتا پەقەت بىردەملا ئولتۇرغان ئىدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئورۇندۇق ئادەتتىكى ئورۇندۇق ئەمەسمىدى...
        ئۇ ساقچىغا ھۆكۈرەشكە باشلىدى. ئۇ ساقچىنىڭ ھۆكۈمىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى ئۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغانغا مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان ساراڭمىدى؟ بۇلارنىڭ تاپقان بانىسىنى قارا! بالا ـ قازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قىياپەتكە كىرىۋاپتىمىشمەن، ئەمىلىيەتتە، كۈزەتچىلىككە قويۇلغان ئادەم ياكى بولمىسا ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ كاتتىۋېشى ئىكەنمەن...
       ساقچى ئۇنىڭغا، سەن جىنايەتچى بولمىساڭ بەدىنىڭدىكى قامچا ئىزى نەدىن كەلگەن، تاياق يىگەنكەنسەن، ئىسيانغا قاتناشقىنىڭغا قىل سىغمايدۇ... دەپ تۇرۇۋالدى.
       ئاچىنجىس بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئاخىرى چۈشەندى: بۇ دۇنيادا تاماشا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇندۇق يوق ئىكەن. 

     «دۇنيا ئەدەبىياتى» 1984-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى («تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ 1983 ـ يىل 2 ـ سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق