دون. ناسابولنىڭ چاپىنى(سېلا)

يوللىغۇچى : AlsuyarHasan يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-29 17:47:00

دون. ناسابولنىڭ چاپىنى دون. ناسابولنىڭ چاپىنى سېلا (ئىسپانىيە) ئارسلان ئابدۇللا تەرجىمىسى دون. نالسېسو كوئادونىڭ كۈل رەڭ ۋەقارا يوللۇق، پۇشقىقىدا پەۋىزى يوق بىر ئىشتىنى بار ئىدى.زاغرا تىلى بۇي...

      دون. ناسابولنىڭ چاپىنى

        دون. ناسابولنىڭ چاپىنى سېلا (ئىسپانىيە)
    ئارسلان ئابدۇللا تەرجىمىسى

     دون. نالسېسو كوئادونىڭ كۈل رەڭ ۋەقارا يوللۇق، پۇشقىقىدا پەۋىزى يوق بىر ئىشتىنى بار ئىدى.
    زاغرا تىلى بۇيچە ئېيقاندا، بۇ ئەندىزسىز كىسىپ تىكىلگەن شىم ئىدى. ئۇنىڭ يەنە ناھايتى ئىسىل بىر گالاستۇقىمۇ بار ئىدى ، كەڭ كەلگەن بۇ گالىستۇك ھەقىتەنمۇ گالىستۇكلارنىڭ سەر خىلى ئىدى. دون، نالىېسو كوئادونىڭ چاپىنىنىڭ ئۇيەر- بۇيەرلىرىدىن قانداقتۇر يېشىل نۇرلار چاقناپ تۇراتتى .
        ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ چاپاننىڭ ناھايتى قەدىمىلىكىنى كۆرسىتەرمىش . دون نالسېسو كوئادودەك ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ، ئۆتمۈشنىڭ ھەممە نەرسىسى ئەڭ ياخشى نەرسىلەر بۇلۇپ قالماي، ھازىرقى مۇدا نەرسىلەردىنمۇ ئىسىل-سىپتا ، قىممەتلىك ۋە جەلىپ قالارلىق ئىدى .
        دون، نالسېسو كوئادو توي-تۈكۈنلەرگە قاتنىشىپ تۇرسا ئاندىن دىلى يايراپ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەدەك خۇش بولاتتى ، بىراق مەھەللىدە دىيەرلىك ھىچ كىم توي قىلمىدى . ئۇيەر-بۇيەردە ئانچە-مۇنچە توي بۇلۇپ تۇرسىمۇ، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەي، ئىشلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يەڭ ئىچىدىلا تۈگىتىلەتتى . بىچارە ئايال كامۇن ۋاپات بۇلۇپ ھازىرغىچە ، دون، ناسېسو كوئادو بۇ چاپىننى كىيىش پۇرسىتىگە ئاران ئىككى قېتىملا مۇشەررەپ بولالىغانىدى، يەنى ھېلىقى كاتىپنىڭ تويىدا ۋە ئۆلكە باشلىغى باكىتتانى يولدىن ئۆتكەچ مۇشۇ مەھەللىگە كەلگەندە كىيىگەندى .
        ئۆلكە باشلىغى ناھايتى كىچىك بىر پىكاپتا كەلگەندى. قىزىق يېرى ئۇ ئادەم ئۇچىسىغا كۈلرەڭ چاپان، بېشىغا پوسما كىيۋالغاندى . دون، نالسېسونىڭ ئائىلىسىدە ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان لۇسىيە ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. بۇ ئايال دون. نالسېسونىڭ ھېلىقى چاپىنىدىنمۇ كونا يېشىىنىڭ چوڭلىقى مۇشۇ قورۇجايچىلىك ئىدى. دون. نالىسېسو ھەمىشە لۇسىيەگە ھېلىقى چاپىنىنى ساندۇقتىن ئېلىپ، ئەستايىدىل چوتكىلاپ يۈدەپ تۇرۇشىنى تاپىلايتتى. ـ بۇنىڭغا قارا، لۇسىيە، ـ دېدى ئۇ بىر كۈنى، ـ ئىشەنمەي يۈرمىگىن يەنە، ئەگەر بۇ چاپان پاختا رەختتىن تىكىلگەن بولسا، ساڭا تازلىتىپمۇ يۈرمەيتتىم. لېكىن بۇيۇڭ رەخت ـ تە، قوي يۇڭى. قوي يۇڭىمۇ ئادەمگە ئوخشاش نەپەسلىنىشى كېرەك، نەپەسلىنەلمىسە، ئۇنىڭمۇ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ.
       لۇسىيە بۇنىڭغا قايىل بولماي، بىر مۇنچە غۇدۇڭشىدى ھەتتا ئىچىدە ئۇنى قارغىدى. لېكىن دون. نالسېسو ناھايتى بىلىملىك ئادەم بولغاچقا، دەرمەھەل ئويلاپ چىققان زەھەرلىك ھەم ھېكىمەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا رەددىيە بەردى . چاكار ئايال چاپاننى قولغا ئېلىپ، غەزەپلەنگەن ھالدا: ــ سىز لاتىنلار بىلەن گەپلىشىۋاتامسىز نىمە؟- دىدى. ــ بەس، لۇسىيە، ھەي قاراقورساق خۇتۇن، گېپىمگە قۇلاق سال، بۇ گەپلەرنىڭ كىمنىڭ قىلغانلىغىنى بىلەمسەن؟ ــ سىز قىلىدىڭىز، ئۆزىڭىز توقۇپ چىقتىڭىزغۇ دەيمەن. ــ تىلىڭنى تارت، زەھەر قېپى دەللال، پىتنىخور، جاپ-جاپ، پاسكىنا ئەركەكزەدەك! ــ سىزمۇ ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ! ــ تولا كوتىلدىما!بۇ يەردە مىنىڭ گېپىم گەپ بۇلىدىغانلىغىنى بىلمەمسەن؟ ھېلىقى گەپلەرنى كىمىنىڭ قىلىغانلىغنى بىلەمسەن داۋاتىمەن ! ــ ياق ئەپەندى ، بىلمەيمەن . ــ ئۇنداق بولسا يەنە نىمىگە كوتىلدايسەن؟ بىلىپقوي ، بۇ گەپلەرنى گىراسان* قىلغان . ئېسڭدە چىڭ ساقلا گىراسان! دون، نالسېسو بىلەن لوسىيە بىر - بىرىدىن ئايرىلمايتتى ، بۇلۇپمۇ كامون ۋاپات بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ، بىر - بىرىگە ئىجىل بۇلۇپ قالغاندى .
        ئۇرۇشمۇ، تىللاشمۇ، ھەتتا ئىككى ئۈچ كۈنلەپ گەپلەشمىسىمۇ ، ئىش ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار يەنىلا پەيلىدىن يېنىپ، ئەسلى ھالىتىگە كىلىپ قالاتتى . ياۋاش، ساداقەتمەن كامون مانا ئەمدى جاپانى ئېلىپ، ئىلگىرى ھەر قانداق ۋاقىتتىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن پۈدەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن دون، نالسېسو خۇددى ۋىجدانى ئۇنىڭغا : لۇسىيەدەك ئېسىل ئايالغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايۋاتىسەن، بۇنداق ياخشى ئايالغا شۇنچىۋالا قوپاللىق قىلغان بارمۇ، سەن ئۇنىڭغا... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپقالدى.
        ـ لۇسىيە،يەكشەنبە كۈنىمۇ سىرتقا چىقمىدىڭ،مىجەزىڭ يوقمىتى؟
       ـ ياق، چاپانغا قارايمەن دەپ چىقمىدىم. ـ چاپانغا قارايمەن دەپ؟ ـ ھەئە، ئەپەندى.
        دون.نالسېسو كوئادو بېشىنى ساڭگىلىتىپ چوڭقۇر ئويغا پاتتى، زۇۋان سۈرمىدى، ئۇنىڭ چىرايى غەمكىن ئىدى. ئۇ شۇ ھالەتتە بىر يېرىم سائەتچە ئاچچىق خىيال سۈرۈپ، ئاخىر بېشىنى كۆتۈردى. چىرايى نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇ، خۇش خۇي كۆرۈنەتتى، كۆزلىرىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ بىر نۇر چاقناپ تۇراتتى. ئۇ، ئايال چاكىرىنى چاقىرىپ:
         ــ ھۇي لۇسىيە ساڭا بىر ئىشنى دېمىسەم بولمىغۇدەك، ـ دېدى. ــ بولىدۇ دەڭ ئەپەندى. ــ بۇ ناھايتى جىددى مۇئامىلە قىلمىسا بولمايدىغان بىر ئىش، بۇ ئىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۇرگىنىمگە خېلىلا ئۇزۇن بولدى... مەن ساڭا ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويماقچى ئەمەسمەن، باشقا بىر ئىشنى دېمەكچى... ئۇ... ئۇ... ئۇ چاپاننى نامىرات قوشنىمىزغا بېرىۋەتكىن...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق