خۇشاللىق

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-27 18:21:53

چېخوپكېچى سائەت ئون ئىككى ئىدى.مىتە كۋالدىرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھاسىرىغان ھالدا يۈگۈرۈپ كىردى-دە، ھەممە خانىلارنىڭ ئىشىكىنى بىردىن ئېچىپ قاراپ چىقتى. ئاپىسى بىلەن دادىسى ئاللىقا...

    خۇشاللىق

    چېخوپ
     

    \

     

    كېچى سائەت ئون ئىككى ئىدى.

    مىتە كۋالدىرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھاسىرىغان ھالدا يۈگۈرۈپ كىردى-دە، ھەممە خانىلارنىڭ ئىشىكىنى بىردىن ئېچىپ قاراپ چىقتى. ئاپىسى بىلەن دادىسى ئاللىقاچان يېتىپ قالغانىدى، ئىنىسى ئورۇندا يېتىپ تۇرۇپ روماننىڭ ئاخىرقى بەتلىرىنى ئوقۇۋاتاتتى، ئوقۇغۇچى ئىنىلىرى ئۇخلاپ قېلىشقانىدى.

    -نەلەردە يۈرىسەن؟-دەپ ھەيران بولۇشتى ئاتا-ئانىسى،-ساڭا نېمە بولدى؟

    -ۋاي سورىماڭلار، كۈتۈلمىگەن ۋەقە، ياق، بۇ مېنىڭ ئۈچ كۈن ئۇخلىساممۇ چۈشۈمگە كىرمەيدىغان ۋەقە! بۇ... بۇ بىر كارامەت!

    ئۆزىنىڭ بەختىدىن ھوشىنى يوقاتقان مىتە گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا كۈلۈپ، ئۆزىنى دىۋانغا تاشلىدى.

    -بۇ بىر كارامەت! بۇ، بۇ سىلەرنىڭ خىيالىڭلارغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ۋەقى، ماۋۇ قىزىق ئىشقا قاراڭلار!

    ئىنىسى سەكرەپ تۇرۇپ، ئەدىيالنى يېپىنچاقلىغىنىچە ئاكىسىنىڭ يېنىغا كەلدى، ئوقۇغۇچى ئىنىلىرىمۇ ئويغاندى.

    -ساڭا نېمە بولدى؟ رەڭگى-رويىڭ بۆلەكچىغۇ؟

    -خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايۋاتىدۇ. ئاپا، مېنى  ئەمدى پۈتۈن روسىيە بىلىدىغۇ! بۇ دۇنيادا كوللىژىسكى رېگىستىراتۇر دىمىترى كۋالدىرۇپ دېگەن بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى ھازىرغىچە پەقەت سىلەرلا بىلەتتىڭلار، مانا ئەمدى ئۇنى پۈتۈن روسىيە بىلىدۇ، ئانىجان! ھەي خۇدانىڭ قۇدرىتى!

    مىتە سەكرەپ تۇرۇپ ئۆي ئىچىنى بىر چۆگىلەپ يۈگۈردى-دە، قايتا  ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى.

    -ھوي نېمە بولدى زادى، ئۇققۇدەك گەپ قىلساڭچۇ؟

    -سىلەر ياۋايى ھايۋاندەك تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر، گېزىت ئوقۇمايسىلەر، گېزىتتە تولۇپ  ياتقان يېڭىلىقلار بار! مۇبادا بىر يەردە بىرەر ۋەقە يۈز بېرىدىكەن، ئۇنى شۇ زامانلا ئېلان قىلىشىدۇ، ھېچنىمىنى چەتتە قالدۇرمايدۇ. نېمىدىگەن بەختلىكمەن، ئاھ، خۇدانىڭ قۇدرىتى، گېزىتكە شۇ كەمگىچە ئاتاقلىق ئادەملەرنىلا يازاتتىغۇ، بۇ دورام ھەتتا مېنىمۇ يېزىشىپتۇ.

    -نېمە دەيسەن، قېنى؟

    دادىسىنىڭ رەڭگى ئۆچتى، ئاپىسى بولسا بۇلۇڭغا قاراپ چوقۇنىۋەردى، كېچىلىك ئاسما مايكىلىرى بىلەن ياتقان بالىلار ئىرغىپ قوپۇشۇپ ئاكىسىنىڭ يېنىغا كېلىشتى.

    -ش.. شۇنداق، مەن توغرۇلۇق يېزىپتۇ. ئەمدى مېنى پۈتۈن روسىيە بىلىدىغان بولدى! ئانىجان، گېزىتنىڭ مۇشۇ سانى بىر خاتىرە بولسۇن، سىز بۇنى تىقىپ قويۇڭ، گاھى چاغلاردا ئوقۇپ تۇرارمىز، مانا كۆرۈڭلار!

    مىتە گېزىتنى يانچۇقىدىن شارتتىدە سۇغۇرۇۋېلىپ دادىسىغا بەردى-دە، كۆك قېرىنداش بىلەن قورشالغان يەرنى بارمىقى بىلەن تۈرتۈپ قويدى:

    -ئوقۇڭ!

    دادىسى كۆزەينىكىنى تاقىدى.

    -ئوقۇڭە دەيمەن!

    ئاپىسى بۇلۇڭغا قاراپ چوقۇنۇۋەردى، دادىسى بىر يۆتىلىۋېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى:

    -دېكابىرنىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت ئون بىردە كوللژىسكى رېگىستىراتۇر دىمىترى كىۋالدۇرۇپ....

    -ئەنە كۆردۈڭلارمۇ؟ خوش، داۋامىنى ئوقۇۋېرىڭ!

    .... كوللىژىسكى رېگىستىراتۇر دىمىترى كۋالدىرۇپ كىچىك برۇننايادىكى كوزخىننىڭ ئۆيىدىكى قاۋاقخانىدىن مەست چىقىۋاتقاندا...

    -سىميۇن پىتروۋىچ بىلەن بىللە چىققانىدىم... پىتتىن سىركىگىچە قويماي يېزىپتۇ-دە! ئوقۇۋېرىڭ! داۋاملاشتۇرۇلسۇن! ئاڭلاڭلار.

    ....مەست ھالەتتە كېتىۋېتىپ پۇتلىشىپ، ھارۋىكەش ئىۋان دىرۇتوپنىڭ ئېتىنىڭ ئايىقىغا يىقىلدى. ئۈركىگەن ئات كىۋالدىرۇپنىڭ تۆپىسىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككىنچى گولدىيە دەرىجىسىدىكى موسكىۋا بايۋەتچىسى سىتىپان لوۋكوپ ئولتۇرغان چانىنى سۆرىتىپ ئۆتتى. كوچا بويلاپ ئەپقېچىپ كېتىۋاتقان ئاتنى كوچا قاراۋۇللىرى توختىتىۋالدى. ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان كىۋالدىرۇپ شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە پولتسىيە ئوچاستىكىسىغا ئاپىرىلىپ، دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىندى. ئۇنىڭ تاق مۆرىسىگە تەگكەن زەربە....

    -دادا، چانىنىڭ شوتىسى سوقۇۋەتكەن كىشى دەل مەنغۇ! ئوقۇۋېرىڭ، داۋامىنى ئوقۇۋېرىڭ!

    -... تاق مۆرىسىگە تەگكەن زەربە يېنىك جاراھەت دەپ تونۇلدى. بولغان ۋەقە توغرۇلۇق دېلو تۇرغۇزۇلدى، يارىلانغان كىشىگە تىببىي ياردەم كۆرسىتىلدى....

    -ئۇلار يەلكەڭگە مۇزدەك سۇ ق ۇي، دېيىشتى. ئوقۇدۇڭلارغۇ-ھە؟ ھە.. ساقام، دەل شۇنداقمىكەن؟ ئەمدى بۇ خەۋەر پۈتۈن روسىيىگە تاراپ كەتتى، ماياققا ئۇزىتىڭا!

    مىتە گېزىتنى يۇلۇپ دېگۈدەك ئالدى-دە، نېرى-بېرى پۈكلەپ يانچۇقىغا تىقتى.

    -ماكوروپلارنىڭكىگە دىككىدە بېرىپ كېلەي، بارغىمۇ كۆرسىتەي... ئىۋانوۋىسكىلارغىمۇ، ناتالىيە ئىۋانوۋناغىمۇ، ئانىمۋاسلىيوۋىچقىمۇ كۆرسىتىشىم كېرەك... ئەمدى ئۇچاي، خوش قېلىڭلار!

    مىتە شەپىسىنى كىيدى-دە، خۇشال كەيپىياتتا كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

    1884-يىل مەخمۇت مۇھەممەت تەرجىمىسى

    (گۈليارە تۇرسۇن)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چېخوپ خۇشاللىق