كىچىك ئاياغ(ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : hisam يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-09 18:46:49

كىچىك ئاياغئەزىز نەسىنتۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسى ناۋادا سىز قىز سوراشقا بېرىپ قالسىڭىز، پۇتىڭىزغا كىچىك ئاياغ كىيىۋېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان قىزغا ئۆيلىنەلەيسىز، قىز...



    كىچىك ئاياغ

    ئەزىز نەسىن
    تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر تەرجىمىسى

     

           ناۋادا سىز قىز سوراشقا بېرىپ قالسىڭىز، پۇتىڭىزغا كىچىك ئاياغ كىيىۋېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان قىزغا ئۆيلىنەلەيسىز، قىز ماقۇل بولمىغان تەقدىردىمۇ، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى سىزگە چېتىپ قويىدۇ.
         مەن بۇ ھەقىقەتنى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم. دوستۇم سەرمەتنىڭ بىر قىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ سەرسان بولۇپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ، بىر يىغىلىشتا:
          - قىز سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟- دەپ سورىدىم.
          - شۇنداق،- دېدى ئۇ.
          - ئۇنداق بولسا توي قىلساڭ بولىدىكەنغۇ.
          - قانداق توي قىلالايمەن، دوستۇم! مەن ئىستانبولدا تېخى بىرەر ئىش قىلمىسام. ئاتا - ئانام بولسا ئەرزۇرۇمدا، بۇ يەردە ھېچنېمەم يوق. كىم بېرىپ قىزنى ئاتا- ئانىسىنى سوراپ بېرىدۇ؟
         - ھەي، ئۇ ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتتى. سەن ئۇدۇللا بېرىپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا: «قىزىڭىز بىلەن تونۇشۇپ چۈشىنىشتۇق، توي قىلىشىمىزغا قوشۇلساڭلار» دېگىن!
         - سەن مېنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ؟ ئىككى ئېغىز گەپنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان تۇرسام، ئۇنداق دېيىشكە مەندە نە يۈرەك. سەندەك گەپتان بولغان بولسام ئىدى، ئىش باشقىچە بولاتتى.
         كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەرمەت يېنىمغا كەلدى.
          - قىزنىڭ ئۆيىگە بىللە بارايلى، سەن قىزنى مەن ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىدىن سورىشىپ بەرگىن،- دېدى ئۇ.
         - ھوي سەرمەت، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ قانداق بولىدۇ؟ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىككىمىزنى كۆرسە سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ قوغلاپ چىقىرىدۇ،- دېدىم مەن.
         بىز ئۇ ۋاقىتلاردا 22 ياشلاردا ئىدۇق.
         سەرمەت يالۋۇرغىلى تۇردى:
         - سەن قىزىق پاراڭ قىلىپ ئۇ ئادەمنى كۈلدۈرىسەن. ئىشنىڭ ئاچقۇچى بىر قېتىم كۈلدۈرۈشتە. قىزنىڭ دادىسى ئاغزىنى ئېچىپ «ھا» دەپ كۈلدىمۇ، ئىش پۈتتى دېگەن گەپ. ئاندىن توختىماي قىزىقچىلىق قىلىسەن، ئاخىرىدا چىرايلىقچە سۆزلىشىپ، ئۇ ئادەمدىن ماقۇللۇق ئالىسەن.
         - سەرمەت، مەن قىلالمايمەن،- دېدىم.
         قىز سەرمەتكە «يا مېنى دادامدىن سورايسەن، يا مېنى ئۇنتۇپ كېتىسەن!» دەپ ئاخىرقى سۆزىنى ئېيتىپتۇ.
          سەرمەتنى كۆندۈرۈشكە تىرىشىپ شۇنداق دېدىم.
    - قېرىندىشىم، ئەسكەرلىكىڭنى قىلالمىدىڭ، توغرا- دۇرۇس ئىشىڭ يوق. ئۇ يەردىكى گېزىتخانىدا مۇھەررىرلىك قىلغان بولساڭ ئايدا 60 لىرا ئالاتتىڭ. مۇشۇنداق يۈرسەڭ قانداق ئۆي - ئوچاقلىق بولالايسەن؟
         - ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىۋالساملا بولدى. قىزنىڭ دادىسى باي ئادەم، ئۇنىڭ پېشىگە ئېسىلغىنىم ئېسىلغان. نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈن قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىشىپ بەر.
         - مەن قىلالمايمەن، سەرمەت.
         - ئۇنداق قىلماي، دوستلۇق يۈزىسىدىن بولسىمۇ كېيىنلىكىمگە باش قاتۇرۇپ قوي.
         مەن ئامالسىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. ئەمما، پۇتۇمدىكى ئاياغنىڭ چەمى ئاجراپ، تۇمشۇقى تىمساھنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالغانىدى. مۇشۇنداق ئاياغ بىلەن قىزنى سوراپ بارغىلى بولامدۇ؟ يېڭى ئاياغ ئالاي دېسەم يانچۇقتا پۇل يوق.
         - ھە ئېسىمگە كەلدى،- دېدى سەرمەت،- 10 لىرا ئېلىشىڭ بار ئىدى، ئۇنى ئالدىڭمۇ؟
           بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقى ياخشى ئادەم بولغاچقا، مائاشىمدىن ئېلىپ بولالمىغان 15 لىرانى بەردى. شۇنىڭ بىلەن، يەرلىك ماللار بازىرىغا باردۇق، ئەڭ ئەرزان ئاياغلار مۇشۇ جايدا ئىدى. 37- نۇمۇرلۇق ئاياغقىچە بولغانلىرى بالىلار ئاياغلىرى سانىلىپ 14 لىرا 70 كۇرۇش ئىدى. 38- نۇمۇرلۇق ئاياغتىن 46- نۇمۇرلۇق ئاياغقىچە بالىلار ئايىغىدىن 10 لىرا قىممەت ئىدى.
        مەن بولسام 38- نۇمۇرلۇق ئاياغ كىيەتتىم.
         بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەڭسىزلىكىغۇ. بىر نۇمۇر پەرق بولغانلىقى ئۈچۈنلا 10 لىرا يۇقىرى باھادا سېتىلغان بارمۇ؟ بۇ تەڭسىزلىكنى مال ساتقۇچىغا دەپ ئولتۇرماستىن باشلىقنىڭ يېنىغا چىقتۇق. باشلىق چۈشەنگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن:
         - مەندە نېمە ئامال، باھا مۇشۇنداق بېكىتىلگەن تۇرسا،- دېدى.
         مەن ئارتۇقچە چىداپ تۇرالمىدىم.
         - دۇنيادىكى پۈتۈن تەڭسىزلىك يوقالسۇن!- دەپ ۋارقىرىدىم.        - بىز قانداق قىلالايتۇق،- دېيىشتى ئۇلار.
         بىز ئۇنداق دېدۇق، مۇنداق دېدۇق، ئاخىر ئامال قىلالماي، سەرمەت بىلەن پۇللىرىمىزنى يىغقان بولساقمۇ، 38- نۇمۇرلۇق ئاياغ ئېلىشقا چىقىش قىلمىدى.
         - 37- نۇمۇرلۇقنى ئالغىن!- دېدى سەرمەت.
          - كىچىك كېلىدۇ.
          - سەرمەتتىن خاتىرە دەپ كىيەرسەن.
          - ياق ئاياغ خاتىرە بولالمايدۇ.
           قانداق قىلىمەن؟ ئاخىر، ئامالسىز دوستۇمنىڭ خاتىرسى دەپ 37- نۇمۇرلۇق ئاياغنى ئالدىم. مەن ئۇنى كىيىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلدىم، ئىككى مال ساتقۇچىمۇ ياردەملەشتى، سەرمەتنىڭ بۇرنىدىنمۇ مۇنچاق -  مۇنچاق تەر چىقىپ كەتتى. مەن ئايىغىمنىڭ بوغقۇچىنى چىگكەندىن كېيىن:
         - قېنى، ئورنۇڭدىن تۇر!- دېيىشتى.
         - چۈنكى، مەن ئولتۇرۇۋالغان بولغاچقا، ئىككى ئادەم قولتۇقۇمدىن يۆلىمىسە تۇرالمايتىم.
          - ۋايجان…ـ دەپ ۋارقىرىۋەتتىم.
            ئاللا ھەر كىمنىڭ ئايىغىنىڭ راھىتىنى بەرسۇن! ئاياغ راھىتى نە كۆڭۈل راھىتىگە، نە قەدەم خەيرىلىكىگە، نە ۋىجدان راھىتىگە ئوخشىمايدۇ.
          مال ساتقۇچى:
          - بىر ئاز ماڭسىڭىز قويۇپ بېرىدۇ،- دېدى.
          مېڭىش نە مۇمكىن بولسۇن، ئورنۇمدىنمۇ تۇرالمايۋاتسام. كېيىن مىڭ تەستە كوچىغا چىقتىم. بېلىمدىنمۇ تەر تۆكۈلمەكتە ئىدى. ئۇ چاغدا سەرمەت:
          - قىزنىڭ دادىسىغا دېگۈدەك گەپ تەييارلاپ بولدۇڭمۇ؟- دېدى تېخى.
          بىز ترامۋايغا چىقتۇق.
          - ھەي سەرمەت، ئۇنى سېلىۋېتىمەن،- دېدىم مەن چىدىماي.
          - ياق، ئۇنداق قىلما! بىر ئازدىن كېيىن بوشاپ كېتىدۇ،- دېدى ئۇ.
          ئايىغىم بوشىماقتا يوق، ئەكىسچە كىچىكلەپ كېتىپ بارغاندەك تۇيۇلاتتى. مەن جان ئاغرىقىدا:
          - پۇتۇمدىن تارتىپ چىقىرىۋەت!- دەپ ۋارقىرىدىم. ترامۋايتدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراشتى،- ئۇنى تارتىپ چىقىرىۋەت، ترامۋايدىن چۈشكەندىن كېيىن كىيىۋالىمەن.
         مېنىڭ ھالىمغا يەتكەن يولۇچىلار، بىلەتچىلەر، باشقۇرغۇچىلار… ھەممىسى ئايىغىمنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما ھەر قانچە قىلىپمۇ سالدۇرالمىدى. بىر يولۇچى:
           - ئاياغنى كېسىپ پۇتنى ئارام تاپقۇزايلى،- دېدى.
          - بولمايدۇ،- دېدىم مەن ۋارقىراپ،- 14 لىرا 70 كۇرۇشنى تەستە توشقۇزۇپ سېتىۋالغانمەن.
           بىز ۋارقىراپ - جارقىراپ تارمۋايدىن چۈشتۇق. قانداق مېڭىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن، مەن يەرنى دەسسەۋاتامدىم ياكى يەر مېنى دەسسەۋاتامدۇ؟ شۇ ئارىدا سەرمەت:
          - ئوبدان گەپلەرنى قىلىپ دادىسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇت، قىزىق گەپلەر بىلەن راسا كۈلدۈرگىن،- دېدى ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ،- يەنە نەسىردىن ئەپەندە لەتىپىلىرىدىن سۆزلىگىن! ئىنجىلنىمۇ ئۇنتۇپ قالما…
          ئۆيگە كەلدۇق، ئىشىكتىن كىرە - كىرمەيلا ئۆزۈمنى ئورۇندۇققا ئېتىپ، يۈزۈمنى قولۇم بىلەن توسۇۋالدىم. قىزنىڭ دادىسى:
           - ئەپەندى، نېمە بولدىڭىز؟- دېدى.
           سەرمەت ماڭا قارايتى، قىزنىڭ دادىسى نېمە دېسە يىغلامسىراپ ئېغىزىمنى ئاچالمايتتىم، ئۆلۈم تەرلىرىنى تۆكمەكتە ئىدىم. چىرايىم شەلپەردەك قىزارغان، دوزاختا كۆيمەكتە ئىدىم.  
          سەرمەت ماڭا شۇنچە تەلمۈرگەن بولسىمۇ، مەندىن زۇۋان چىقمىغاچقا ، ئۆزى بۇلبۇلدەك سايراپ كەتتى. مەن چىپ - چىپ تەرلەپ كېتىۋاتاتتىم. قىزنىڭ دادىسى مەندىن:
         - سىز نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟- دەپ سورىدى. سەرمەت:
         - خىجىل بولۇۋاتىدۇ، ئەپەندە،- دېدى.
         مەن بولسام ئىككى قولۇمنى كىرىشتۈرۈپ تولغىناتتىم.
         بۇ چاغدا، سەرمەتنىڭ سۆيگىنى قەھۋە كۆتۈرۈپ كىردى. قىزنىڭ چىرايىنى كۆرسەڭ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە قاچىسەن! ئاللا سەرمەتنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن! بۇ قىز ئۈچۈن شۇ قەدەر جاپا چەككەن بارمۇ؟
         ئاخىرىدا سەرمەت ئۇنى - بۇنى دەپ قىزنىڭ ئاپىسىنى، دادىسىنى كۈلدۈردى. مېنىڭ چىرايىم بولسا ئاچچىقتىن ئۆزگىرىپ، كۆزلىرىمدىن ئت ياناتتى.
          ئاخىردا سەرمەت قىز بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى دېدى.
         - چۈشەندىم، ئەپەندى ،- دېدى قىزنىڭ دادىسى.
          - پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولسا مەيلى، دېدى ئاپىسى.
         - سىز تېخى توي قىلمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى مەندىن قىزنىڭ دادىسى.
          مەن بېشىمنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم:
          شۇنداق…
          ئۇ يەردە ئېغىزىمدىن چىققىنى پەقەت «شۇنداق» دېگەن بىرلا سۆز بولدى. ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن سەرمەت:
          - سەنمۇ دوستۇممۇ؟ ئىسىت!- دەپ كېتىپ قالدى، مەن بولسام كوچىدا قالدىم. بىر قەدەممۇ ماڭالمىغاچقا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئايىغىمنى پۇتۇمدىن سالالىغان بولسام يالاڭ ئاياغ كېتەر ئىدىم. ئايىغىم پۇتۇمغا چاپلاشقانىدى، جسمىم بىلەن بىر پۈتۈن بولۇپ ھېچبىر سېلىنمايۋاتاتتى.
         ئىدارەمگە قانداق بارغىنىمنى بىلمەيمەن. ئىشخانامغا كىرىپلا:
    -  - خىزمەتداشلار، تېز بولۇڭلار!- دەپ ۋارقىرىدىم.
         ئۇلا شۇنچە تىرىشىپمۇ ئاياغنى پۇتۇمدىن سالدۇرالمىدى.
          - كېسىۋېتىڭلار! كېسىۋېتىڭلار!
          پىچاق، قايچىلار ئېلىپ كېلىندى. خىزمەتداشلىرىمدىن بىرى:
          - بۇ ئوپېراتسىيە قىلغاندەك ئىش، ئاۋايلاڭلار،- دېدى.
          ئاڭلىغىنكى، ئاياغنى كېسىپمۇ باقتى، لېكىن ئاياغ پۇتۇمغا شۇنچىلىك چاپلىشىپ كەتكەنلىكتىن ھېچ ئاجراي دېمەيتتى. ئاخىر ئاياغنى پارچە- پارچە كېسىۋەتكەندىن كېيىنلا، پۇتۇم ئاندىن راھەتكە چىقتى.
         مەن ئۈچ كۈن ماڭالمىدىم. ئىشنىڭ چوڭى ئۇنىڭدىن كېيىن چىقتى تېخى 40-نۇمۇرلۇق ئاياغنى ئېلىپ تەستە كىيدىم. پۇتۇم راھەتكە چىقا- چىقمايلا، ئەنە شۇنداق قىلىپ ئايىغىم يېڭلىاندى. بىز ئىنسانلار مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟ قانچىلىك بىسىم ئىشلىتىلسە ئىشلىتىلسۇن، ئۇ بىسىمدىن قۇتۇلا- قۇتۇلمايلا ھېچ بىر ئىچىمىزگە پاتمايمىز.
         بۇ ئىشتىن تۆت كۈن كېيىن سەرمەت ئالماقچى بولغان قىزنىڭ دادسىسى مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇ تاغدىن - باغدىن سۆزلىگەندىن كېيىن:
          - بىز قىزىمنى سىزگە بېرىش قارارىغا كەلدۇق،- دېدى.
         بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم:
         - نېمىشقا؟ مەن چۈشىنەلمىدىم…
         - چۈنكى،- دېدى ئۇ،- سىز بىزگە يېقپ قالدىڭىز. ھاياتىمىزدا سىزدەك ئۇياتچان، ئەدەپلىك بىر ياشنى كۆرمىگەن. ئۆيىمىزگە كەلگەن كۈنىڭزدە ئۇياتچانلىقىڭزدىن يۈزىڭىز قىزىرىپ، چىپ- چىپ تەرلەپ كەتتىڭىز، بىر ئىغىز گەپمۇ قىلالمىدىڭىز، قىسقىسى، ئۆزىڭىزنى قويغىدەك يەر تاپالمىدىڭىز. سىزدەك ئەدەپلىك يىگىت كىرگەن ھەرقانداق ئائىلە بەخىتلىك بولىدۇ.
         - بىراق… دۇستۇم… ئۇ قانداق قىلىدۇ؟
         - ئەپۇ قىلىڭ. ئۇنداق خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان ئادەملەر يۈزسىز كېلىدۇ. يۈزىنى قېلىن قىلىپ دەيدىغانلىكى گەپ بولسا دېدى. مېنىڭ ئۇنداقلارغا بېرىدىغان قىزىم يوق.
         -  مەن ھازىرچە ئۆيلىنىشنى خالىمايمەن، ئەپەندى.
        - خالاڭ… مەن يەنە كېلىپ سىزنى خالىتىمەن.             
    ئۇ ئادەم ئىككى ئۈچ كۈندە بىر كىلىپ مېنىڭ ئەدەپلىك، ئۇياتچانلىقىمنى ماختايىتتى.
        - مەن سىزدەك ئەدەپلىك، پاكىز، ئەخلاقلىق…يۈزىڭىز تۆۋەن … قوللىرىڭىزنى قويغۇدەك …
    بۈگۈن چىداپ تۇرالماي، ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى گېزىتكە ئورالغان 37- نۇمۇرلۇق ئاياغنىڭ پارچىلىرىنى چىقىرىپ ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم.
          - مانا بۇ ئەدەپ - ئەخلاق، ئۇياتچانلىق…- دەپ ۋارقىرىدىم مەن،- ئېلىپ كېتىڭ، بۇنىڭ بىلەن قىزىڭىزنى ياتلىق قىلىڭ!

         مەندىن ساۋاق، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قىزنى سوراشقا بارسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆيىگە چوقۇم بىر - ئىككى نۇمۇر كىچىك ئاياغ كىيىپ كىرىڭ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.