ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-12 14:42:15

ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەنئەزىز نەسىنتۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسىئىسمائىل ئەپەندى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە بىر شىركەتتە كاسسىر ئىدى. ئۈچ بالا، بىر ئايال، ئۆزى بولۇپ بەش كىشىلىك بىر ئائ...

     


     
    ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن
     
     
    ئەزىز نەسىن
     
     
    تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدە بىر شىركەتتە كاسسىر ئىدى. ئۈچ بالا، بىر ئايال، ئۆزى بولۇپ بەش كىشىلىك بىر ئائىلىنى باقماق ئاسانمۇ؟ يەنە كېلىپ ئۇرۇش قىسىنچىلىقى يىللىرى دېسىڭىزچۇ... شۇنىڭ بىلەن، بىر كۈنى بېشىغا بىر ئىش كەلدى: باشلىقى ئىشنى توختىتىپ، ئىسمائىل ئەپەندىنى ئىشخانىسىغا چاقىردى. باشلىق بەكمۇ توڭ، ئەدەپسىز بىر ئەبلەخ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمائىل ئەپەندى قورقۇپ تەرلەپ كەتتى. ساقچىغا، تەپتىشكە تېلىڧون قىلدى ھەقىچان، دەپ ئويلىۋېدى، ئۇنداق چىقمىدى. توققۇز يىل يېنىدا خىزمەت قىلغان بۇ باشلىقىنى تۇنجى قېتىم بۇ قەدەر يۇمشاق، سىپايە كۆرۈۋاتاتتى:
    - مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ ئىسمائىل ئەپەندى.
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى باشلىقنىڭ ئۇدۇلىدىكى ساپاغا كېلىپ ئولتۇردى. باشلىق دانە-دانە چىقىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    - ئىسمائىل ئەپەندى، سىزگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. توققۇز يىلدىن بۇيان تۇزۇمنى يەۋاتىسىز. ئائىلىڭىز بىلەن بىرلىكتە سايەمدە ھايات كەچۈرىۋاتىسىلەر. دەسلەپتە 75 لىرا ئايلىق ئالغان بولسىڭىز كېيىن مائاشىڭىزنى ئۆستۈردۈم، 90 لىرا قىلدىم. يەنە نېمە قىلاي؟ قانداق قولىڭىز باردى شۇ ئىشنى قىلىشقا؟ مەندەك بىرىگە شۇنداق ئىش قىلامسىز؟
     
     
    باشلىقنىڭ يۇمشاق سۆزلىرى بىلەن ئىسمائىل ئەپەندى ئۈمىتلەندى: بەلكى ئوغرىلىقىمنى ئەپۇ قىلار، بەك ئېغىرمۇ ئېلىپ كەتمەس...
     
    - شۇنداق ئەپەندىم، - دېدى ئىسمائىل، - نېمە دېسىڭىز ھەقلىقسىز. مەن بىر ۋىجدانسىزلىق قىلدىم. بەك ئېغىر كۈندە قالغانىدىم ئەپەندىم. مائاشىمدىن تولۇقلاپ قويىمەن، دەپ تارتمىدىن 50 لىرا ئالدىم. مەرھەمەت قىلىپ، بۇ ئايلىق مائاشىمدىن تۇتۇۋالسىڭىز ئەپەندىم...
     
     
    باشلىق بىردىنلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ ۋارقىراشقا باشلىدى:
    - ياق! بۇ ئىش بۇنداق بولمايدۇ ئىسمائىل ئەپەندى! ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلگەن ئىش بۇ. بىر نومۇسسىز ئەبلەخنىڭ يېنىدا 40 لىرا مائاشلىق كاتىپ ئىدىم. شەرەپسىز ئەبلەخ، كۈتكۈچىلىرىگىمۇ 50 لىرا بېرەتتىكى، 10 لىرا ئۈچۈن مېنى تۈرمىدە ياتقۇزدى. ياق، ئىسمائىل ئەپەندى، جازايىڭنى تارتىسەن!...
     
     
    بىر يىل تۈرمىگە بۇيرۇلدى. ئايالى بىلەن قىزى، زاۋۇتلاردىن ئالغان پايپاق ۋە پەلەي ئىشلىرىنى ئۆيدە توقۇپ يۈرۈپ ئائىلىدىن خەۋەر ئېلىشتى.
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى تۈرمىدىن چىقىپ، كونا ئۇرچۇقتىن بىرنى ئەرزانلا سېتىۋالدى ۋە ئۇنى ئارانلا ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنىڭ بىر ئېغىزىغا جايلاشتۇردى. كېيىن، بۇ ئۇرچۇق ئىككى بولدى، ئۈچ بولدى. كېيىن رەسمىي دەستگاھتىن بىرنى قۇردى. ئايالى، قىزلىرى، ئۆزى ئىشلىدى. ئىش بارغانسېرى گۈللەندى. توپكاپېدا بەش دەستگاھلىق بىر توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇردى.
     
     
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا، ئىسمائىل ئەپەندى 140 ئىشچىسى بولغان بىر كارخانىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى.
    بىر كۈنى، زاۋۇتنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتدىكى مالىيە ئىشخانىسىدا غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى: تارتما ئوچۇق، ئەمما پۇللار جايىدا.
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى جاھانگىردىكى داچىسىدا، يېڭى توي قىلغان ئىككىنچى ئايالىنىڭ قوينىدىن تېخى چىقمىغانىدى. ئۇنىڭغا تېلىڧون قىلىشتى. ئىسمائىل ئەپەندى سېرىق رەڭلىك بېك ماشىنىسىنى ھەيدەپ زاۋۇتقا كەلگەندە، ساقچىلار ئاللىقاچان تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ كېتىشكەنىدى. 
     
     
    زاۋۇت مۇدىرى ئىسمائىل ئەپەندىگە دوكلات قىلدى:
    - تارتمىدا 178 مىڭ لىرا باركەنتۇق، باياتىن سانىدۇق، 350 لىرا كەم چىقتى... باشقا پۇللار، چەكلەر ھەممىسى جايىدا...
     
     
    ساقچىلار ھېچ بىر يىپ ئۇچى تاپالمىدى. بىر كۈن ئاۋارە بولغان ساقچى باشلىقى كېچە ئىسمائىل ئەپەندىگە:
    - ئەپەندىم، - دېدى. - ئوغرىلىق دېلوسىنى ھازىرغىچە پاش قىلالمىدۇق. ئەمما بىر قانچە گۇمانلىق نۇقتىلار بار. مەسىلەن، ئاخشامقى نۆۋەتچى...
    ئىسمائىل ئەپەندى ساقچى باشلىقىنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
    - ئۇ ئالمايدۇ، - دېدى. - چۈنكى، ئۇ بويتاق، يېتىپ قوپۇشى زاۋۇتتا، ئېھتىياجى يوق. سەھرادىن يېڭى كەلدى، تېخى كۆزى ئېچىلمىغان ئۇنىڭ.
    - ئۇنداقتا دەرۋازىۋەن...
    - ئۇمۇ ئەمەس. ئۇنىڭغا 150 لىرا ئايلىق بېرىۋاتىمەن. ئاندىن ئۇ شىركەتنىڭ ئەسكى-تۈسكىلىرىنى سېتىپ مائاشىدىنمۇ جىق پۇل تاپىدۇ. ئۇ ئالمايدۇ.
    - ئىشچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر كونا ئوغرى بارلىقىنى ئېنىقلىدۇق، ئەجىبا ئۇ...
    - ئەمەس... ئەگەر ئۇ ئالسا 350 نى ئەمەس، ھەممىنى ئالاتتى.
     
     
    ساقچى باشلىقى كاللىسىغا كەلگەن ھەممە ئادەمنى ساناپ چىقتى، ئىسمائىل ئەپەندى ھەممىسىنىلا ئىنكار قىلىۋەتتى. ئاخىرىدا ساقچى باشلىقى سورىدى:
    - سىز كىمدىن گۇمانلىنىسىز ئەپەندىم؟
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى ئويلاندى، ئويلاندى.
     
     
    - تاپتىم! - دېدى بىر چاغدا. - ئوغرىنى تاپتىم. چوقۇم شۇ!
    - كىم؟
    - بىر كاتىپ بار، ئىسمى زەكىي... 
    - ئەمما، ئەپەندىم. مەن سۈرۈشتۈردۈم. نومۇسلۇق، تارتىنچاق بىر ياش... بەك تىرىشچان بىرى. قانداقىسىگە...
    - چوقۇم شۇ.
    - بەلكىم، يېڭلىشىۋاتىسىز...
    - ئەسلا!... چوقۇم شۇ ئالغان.
    - لېكىن...
    - شۇ ئالغان، دەۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن.
    - نېمىشقا؟
    - چۈنكى... توغرا، توغرا، ئۇ ئالغان. چوقۇم ئۇ ئوغرىلىغان. ئەزبىرايى شۇ...
    - پاكىت، ئەپەندىم؟
    - پاكىتىم بار. كۈچلۈك پاكىتلىرىم بار. قاراڭ، بۇ ئادەم كۈندە ئون سائەت ئىشلەيدۇ، ئىشلەپ ئۆلەي دەيدۇ، ئاران 180 لىرا تاپىدۇ. ھازىر بىر ھاممالمۇ ئايدا 500 لىرا تېپىۋاتسا. چوقۇم شۇ ئوغرىلىغان.
    - ئەمما، ئەپەندى...
    - ياق، ياق... ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن. ئانىسى، خوتۇنى، ئۈچ بالا... ئالتە جان! ئايدا 180 لىراغا قۇرۇق نان يېسىمۇ كۈن ئۆتمەيدۇ. ئوغرىلىق قىلماي ئامالى يوق... چوقۇم شۇ ئالغان.
    - بەلكى...
    - ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن گۇمانلىنالمايۋاتىمەن. ئۆي ئىجارىسى، يول كىراسى، ئۈستىباش... 180 لىرا يېتەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇ ئوغرىلىغان.
    - بىراق...
    - قولىدىن ھەر كۈنى مىڭلارچە پۇل ئايلىنىدۇ. ئاقىۋەت ئالىدىغىنى ئاران 180... چوقۇم ئۇ ئالدى. ئالمىسا نېمە يەيدۇ؟...
     
     
    ساقچى باشلىقى، ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ گۇمانى بىلەن كاتىپنى چاقىرىشقا مەجبۇر بولدى. كاتىپ قىزىرىپ-تاتىرىپ ئىشخانىغا كىردى.
    - مەرھەمەت زەكىي ئەپەندى...
     
     
    ھەممە يېرىدىن نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان، ئورۇق كاتىپ ساپاغا كېلىپ ئولتۇردى. باشلىق يۇمشاق، سىپايە بىر ئاھاڭدا دانە-دانە:
    - زەكىي ئەپەندى، - دېدى، - سىزگە قولۇمدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئالتە يىلدىن بېرى تۇزۇمنى يەۋاتىسىز. زاۋۇتقا 120 لىرا ئايلىق بىلەن كىردىڭىز، كېيىن مەن 180 لىراغا ئۆستۈردۈم. يەنە نېمە قىلاي؟ نومۇس قىلماي ئىشخانىدىن 350 لىرا ئوغرىلاشقا قانداق قولىڭىز باردى؟
     
     
    زەكىي ئەپەندى كۆزلىرى ياشلانغان ھالدا:
    - نېمە دېسىڭىز ھەققىڭىز بار ئەپەندىم، - دېدى، - مەن بىر ۋىجدانسىزلىق قىلدىم. بەك ئېغىر كۈندە قالغانىدىم. بەلكى بىلمەي قالار، دەپ 350 لىرا ئالدىم. ئىككى ئايلىق مائاشىمنى تۇتۇۋالسىڭىز ئەپەندىم...
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى بىردىنلا جىددى ھالەتكە كۆچتى:
    - ياق!...- ۋارقىرىدى ئىسمائىل ئەپەندى، - بۇ ئىش بۇنداق تۈگىمەيدۇ، زەكىي ئەپەندى!... ئۆز ۋاقتىدا مەن نومۇسسىز، پەس بىر ئەبلەخنىڭ يېنىدا 90 لىراغا ئىشلەيتتىم. بىر ئولتۇرىشىدا 40 مىڭلارنى قىمارغا سېلىپ بېرىپ بۇرۇتى تەۋرىمەيدىغان شەرەپسىز 50 لىرانى دەپ مېنى تۈرمىلەردە چىرىتتى. جازايىڭنى تارتىسەن، زەكىي ئەپەندى!...
     
     
     ساقچى باشلىقىنىڭ ئالدىدا گۇناھىنى ئىقرار قىلغىنى ئۈچۈن، كاتىپ زەكىينى ئېلىپ مېڭىشتى.
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى تېخىچىلا غەزەپتىن ۋارقىراپ جارقىرايتتى. ساقچى باشلىقى تەسەللىي ئۈچۈن:
    - ئەپەندىم، نېمىگە بۇنچىلىك ئاچچىقلىنىسىز؟ - دېدى. - جىق پۇلمۇ ئالماپتۇ. ئۇنچىلىك پۇلغىمۇ مۇھتاج ئەمەسسىز... يەنە كېلىپ ئوغرىنى تاپتۇق، جازاسىنى تارتىدۇ...
     
     
    ئىسمائىل ئەپەندى:
    - مەسىلە 350 لىرادا ئەمەس، - دېدى. - يەنە بىر ئادەم يېتىشتۈردۇق. بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش. مەنمۇ بۇ يوللاردىن ئۆتۈپ يېتىشتىم. بىر يىل ئۆتۈپلا يېڭىدىن بىر مىليونېر چىقىدۇ... يەۋاتقان ئېشىمىزغا شېرىك چىقىدۇ... ئالە شەرىڭنى، مانا ساڭا بىر رەقىپ!... مەن شۇنىڭغا ئاچچىقلاۋاتىمەن... نېمىشقا سىڭگەن نېنىنى يەپ، نومۇس بىلەن ياشىمايدىغاندۇ بۇ خەق... 
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.