تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى(ئۆمەر سەيفىتتىن)

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-27 17:50:54

تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىئۆمەر سەيفىتتىن( تۈركىيە)توختى تىللا تەرجىمىسىھۆرمەتلىك تارىخشۇناس...بەگكە مەكتۇپ.يېقىنقى تارىخى ماتېرىيالىڭىزنى زور قىزىقىش بىلەن بۈگۈن ئوقۇپ چىقتىم. سىزنى بۈگۈن پۈتۈن ك...



      

                               تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى

    ئۆمەر سەيفىتتىن( تۈركىيە)

    توختى تىللا تەرجىمىسى

    ھۆرمەتلىك تارىخشۇناس...بەگكە مەكتۇپ.

    يېقىنقى تارىخى ماتېرىيالىڭىزنى زور قىزىقىش بىلەن بۈگۈن ئوقۇپ چىقتىم. سىزنى بۈگۈن پۈتۈن كۈچۈم ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قۇۋۋەتلەيمەن، كەلگۈسىدىكى چەكسىز نەرسىلەرگىلا نەزەر تاشلاپ، ئۆتمۈشكە زادىلا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بۈگۈنكى ياشلارغا ياخشى بىر دەرس بېرىپسىز، ماقالىڭىزدە :« دۇنيادا يېڭى نەرسە يوق، ھەممە نەرسە كونا، قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ۋەقەنىڭ ئوخشاش بىر سەۋەب ۋە شارائىت ئىچىدە قايتا تەكرارلىنىشىدۇر. ئىلىم –پەنمۇ قەدىمىي نەرسىلەردۇر. مەسلەن، فىزىكا، مېدىتسىنالارنىڭ ئەسلى قائىدىلىرى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، پەقەت بەزى تارماقلىرىدىلا كەشپىيات ۋە يېڭىلىقلار مەيدانغا كەلگەن. نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن بۇددا دىنىمۇ پۈتۈن دىن ھەم پەلسەپىۋىلەرنىڭ ئەپسانىۋى ھېكمەت ۋە پەزىلەتلىرىنى جار سالغان. كېيىنكىلەر ھەتتا ھازىرقىلارمۇ تامامەن ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى تەكرارلىغان» دەپسىز، كۈچلۈك ۋە قاپىيداش بىيىت شەكىلىدىكى ئىبارىلىرىڭىز بىلەن، ھېسياتلىرىمىزنىڭ ياخشى ۋە يامانلىقىنى، مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان ۋە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، پىكىرلىرىمىزنىڭ يېڭى ۋە كېيىن پەيدا بولماستىن، بەلكى قەدىمدىن قالغان مىراس بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا سوتسىيالىزىم ۋە ئانتى مىلتارىزىمغا ئوخشاش يېڭى دېيىلگەن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ بەك قەدىمىي ئىكەنلىكىنى كىتابخانىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ، ئۇنى پەيلاسوپ سېنچىيونىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىپسىز، ئەڭ توغرا ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قىممەتلىك ئالتۇن قۇرلارنى، ئېھتىمال، بەزى ياشلار مەسخىرە كۈلكىلىرى بىلەن ئوقۇغاندۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆتمۈش ئۆلۈم ۋە يوقلۇق دېمەكتۇر. تارىخ ئەڭ زېرىكەرلىىك، پايدىسىزش كەينىگە قايتىش مەشغۇلىيىتىدۇر ۋە كونىلىقتۇر. مەنمۇ تۆت يىلنىڭ ئالدىدا پۈتۈنلەي مۇشۇنداق چۈشىنەتتىم. تارىخقا زادى قىزىقمايتتىم. مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا تارىخ دەرىسلىرىدە يا ئۇخلايتىم يا كى كەلگۈسىدىكى نامەلۇم نەرسىلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەنلىرىگە قىلچە قۇلاق سالمايتتىم. ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە كىرگەن ۋاقتىمدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قاچاندىن باشلىنىدىغانلىقىنى، گاننېبالنىڭ كىم ئەكەنلىكىنى، ھەتتا رىمنىڭ كىملەر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ئىستانبۇلنى ئالغان فاتېخنىڭ ئاتىسى قايسى پادىشاھ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. لېكىن بۈگۈنچۇ؟ سىزچىلىك مەلۇماتىم بارلىقىنى ھېس قىلالمىساممۇ، تارىخ مۇئەللىملىرىدىن، ھەتتا بەزى پېشقەدەم تارىخچىلىرىمىزدىن ناھايىتى كۆپ تارىخىي بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىمنى ئىپتىخار بىلەن ئېيتالايمەن. بەش يىلدىن بۇيانقى ھاياتىم پەقەت تارىخ ئوقۇش بىلەنلا ئۆتتى. خېلى چوڭ بىر كۇتۇبخانام بار. ئىچىدە تارىختىن باشقا كىتاب تاپالمايسىز. بۇرۇن ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتكە سەۋدايىلارچە بېرىلىپ تەتقىق قىلغان مەشھۇرلارنى ئۇنۇتتۇم. ھازىر مىچېللرت، سانت سىمۇن، لادسېتلاردىن تارتىپ ئەڭ ۋاستىچى تارىخچىلارنىڭ كىتابلىرىغىچە زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيمەن. ئەڭ ئەھمىيەتسىز ئەنئەنىۋى خاتىرلەرمۇ مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلۋالدى. پيېرى، پرېدېرىخ ماسون، يۈسىف تۈركىئان، لولىي، پيېرى. دى، نولخاچ، دوكتۇر كابانىسلار مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، ئەڭ ئېتقاد قىلىدىغان تارىخچىلاردۇر... تۈنۈگۈننى ئوقۇغاندا، بۈگۈننىڭ، ئەتىنىڭ سەھىپىسى بىر-بىرلەپ ئېچىلىدۇ. ئۆزۈمدە ئىختىيارسىز سىرلىق پالچىلاردەك غايىبنى بىلىدىغان روھنى ھېس قىلىمەن. شۇ تاپتا ئالدىڭىزدا بولسام كۈلۈمسىرەپ: «نېمە ئۈچۈن تارىخقا بۇنچىۋالا قىزىقىپ قالدىڭىز؟ چوڭ بىر تارىخچى ياكى مۇئەللىم بولماقچىمۇ سىز، مەقسىتىڭىز نېمە؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئالدى بىلەن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەي، تارىخچى بولۇش نىيىتىم يوق. مۇھەرىر، مۇئەللىم بولۇشنىمۇ... بۇ قىزىقىش مەندە پاتولوگىك بىر روھىي ھالەتتۇر. مەن تەسەللىي قوبۇل قىلمايدىغان بىر پالاكەتتىن، ئىنتىقام ئالغىلى بولمايدىغان بىر مەغلۇبىيەتتىن چۆچۈگەن ئادەممەن، ئۈمىدسىزلىكىمنى ئۇنتۇش ئۈچۈن مېڭەمنى تارىخ تەتقىقاتى بىلەن چارچىتىۋاتىمەن. بەش يىلدىن بېرى سىز بىلەن پۈتۈنلەي پىكىرداشمەن: «تارىخ مەڭگۈ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ» بۇنى ھەممىدىن كۆپ چۈشەندىم، ئىشەنچىمۇ ئەمەلىيدۇر. ماڭا ئوخشاش تارىخنىڭ پاجىئەلىك ۋە يولسىزلارچە تەكرارلىنىشىنى كۆرگەن كىشى بولمىسا كېرەك. تەتقىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ، ھېكايەمنى، ئۆز تارىخىمنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى سەككىزىنجى ئەسىردە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنىڭ تاسادىپىي مېنىڭ بەختسىز بېشىمدا قانداق تەكرارلانغانلىقىنى سىزگە ئاڭلاتماقچىمەن. بۇ بىر ئاز ئۇزۇنراق بولۇشى مۇمكىن. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، بەرداشلىق بەرگەيسىز، مىڭلىغان كىتابلارنىڭ توپا باسقان سەھىپىلىرىنى كۆرۈپ چىققان كۆزلىرىڭىزدە پەۋقۇلئاددە بىر قۇۋۋەت بارلىقىنى بىلىمەن. بىلىمىڭىزگە ئىنتايىن سەمىمىيەتلىك بىلەن ئىخلاس قىلىشتا قانچىلىك ھەقلىق ئىكەنلىكىمنى چۈشەنگەيسىز.

     

     يەتتە يىلىنىڭ ئالدىدا بەستلىك ئاياللارغا ئاشىق بولۇپ يۈرگەن  ئاڭسىز بىر ياش ئىدىم. چاقچاق يا مۇبالىغە قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغانسىز، ئىشەنمىسىڭىزمۇ مەيلى، بىراق مەن ئىشىنىمەنكى، ئەفسەردىكى ھۆسىن-جامالنىڭ يۈزدىن بىرىنىلا ئىپادىلەپ بېرەلىشىم مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سىزگە شۇنى ئىزاھلاپ قوياي، قېيىن ئاتامنىڭ دادىسى بەستى كېلىشكەن مەشھۇر بىر گېنرال بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولغان ماجارئىدى. قېيىن ئاتام پادىشاھنىڭ ئامراق كېنىزەكلىرىنىڭو ئەڭ ئېسىلى بولغان بىر چەركەس *ئىدى... ئۇلارنىڭ قىزى ئەفسەر ماجار-چەركەسلەرنىڭ ھۆسنى-جامالىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملىگەن ئاجايىپ بىر لاتاپەت ئىگىسى، قاش تېشىدەك چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، ئېنگىلىزلار مەكتىپىدە تەھسىل كۆرگەن، مەكتەپتە ئوقۇغان باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئەقللىق، چوڭ سۈپەت قىز ئىدى. مېنىڭ ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلىقىمنى چوڭ بىر كەمچىلىك دەپ بىلەتتى.

    «نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دېيىشىدىكەن، ئۇ ئىنتايىن يالغان سۆز، توي قىلغىنىمىزدىن كېيىن ئۇنى شۇ قەدەر ياخشى كۆردۈم... ئۇنىڭ شۇغۇللىنىدىغان ئىلمىنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. تىلىسكوپ دۇربۇنلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئەكىلىپ بېرەتتىم. ئۇنىڭغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قاراڭغۇ جاھالەتلىك مۇھىتىمىزدا ئالىم قاتارىدا قارىلىدىغان ئاددىي ۋە ئوتتۇراھال بىر فىزىكا مۇئەللىمى بولمىغانلىقىمغا ئەپسۇسلىناتتتىم. ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە "باغلار باشىدا" دا بىر داچا ئىجارىگە ئالغانىدۇق. قىش-ياز شۇ يەردە ئولتۇراتتۇق. بىز ئاشپەز ۋە ئىككى خىزمەتچىمىز ۋە يۈگۈر-يېتىمگە ماڭىدىغان بىر ئون تۆت ياشلىق بىر بالا خىزمەتچىمىز بار ئىدى. ئائىلىمىز ھەر ھالدا مېھىر-مۇھەببەت ماكانى، خاس ھۇجىرىمىز كىشىنىڭ زوقىنى قوزغىغۇدەك ئاشىق-مەشۇقلار ئۇۋىسى ئىدى! ئەفسەر ئۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئېنگىلىز مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، بەلكى مامۇق تۆشەكلەر ئىچىدىكى گۈزەل ۋە تاتلىق بىر خوتۇن. ماڭا تەئەللۇق ھېرىسمەن بىر چەركەس قىزى ئىدى. تاڭ سەھەرنىڭ سۇس ھال رەڭ نۇرلىرى ھۇجىرىمىزنىڭ زەڭگەر تور پەردىلىرى ئارىسىدىن مارىلىغاندا ئىسسىق ئورۇننىڭ سىرتىدا ئۆتىدىغان پۈتۈن بىر كۈننى ئويلاپ مەيۈسلىنەتتىم ۋە ئەفسەرنى ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا قۇچاقلاپ ئويغىتاتتىم، كۆزلىرىنى سۆيۈپ ئاچاتتىم. شېشىدەك سۈزۈك ۋە تولغان كۆكسىنىڭ خۇش خۇي ھارارىتىنى تەلۋىلەرچە مەپتۇنلۇقىم بىلەن تىنىمسىز سۈمۈرەتتىم. بىر يىل ئۆتتى. مۇھەببىتىمىز بارغانسىېرى ئېشىپ باردى. ئۇ كىتابلىرى بىلەن ماڭا تەئەللۇق ئىدى. دۇنيادا ئۇنى كىتابلىرى بىلەن مەندىن باشقا نەرسە قىزىقتۇرمايتتى، كۈندۈزلىرى مەن بولمىسام ئوقۇش، يېزىش بىلەن بولاتتى. مەن كەلگەندە قۇچىقىمغا ئېتىلاتتى. كېچىلىرى بالدۇرلا كىرىۋالىدىغان خاس ھۇجىرىمىزدا مۇھەببەتنىڭ ئاجايىپ شېرىن دەملىرى ھۆكۈم سۈرەتتى.

    شۇ كۈنلەردە ئىتالىيىدىكى ھاممامنىڭ ئوغلى ئەخمەت بىدار ئىستانبۇلدا ئىدى. ئۇ مەندىن كىچىك ،زىلۋا بىر بالا بولۇپ، ھەيكەلتاراشلىقنى ئۆگىنىۋاتاتتى. ئۇزۇن چاچلىرى، خىيالچان چىرايى، نازۇك بويى بىلەن بىر سەنئەتكارغا ئوخشايتتى. ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ئەفسەرگە تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بودۇم . ئەفسەر ئانچە كۆڭۈلشىمەي ماقۇل كۆردى. لېكىن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقاندا مەمنۇن بولدى. بىدارمۇ سەنئەت ھەۋەسكارى سۈپتىدە قەدىمكى يۇنان ۋە رىم تارىخىنى بېرىلىپ تەتقىق قىلغانىدى. ئەفسەر بولسا بۇنى بەك زور ئارتۇقچىلىق دەپ بىلەتتى. ئۇنى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بىزنىڭكىدە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ ماقۇل بولدى. بىز يالغۇزلۇقىمىزدىن زېرىكىشكە باشلىغانىدۇق. ئۇ كەلسە ۋاقتىمىز تېخمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى. كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېقىملىق باھار كېچىلىرىنىڭ ئىلھامبەخش شاماللىرى كىچىك مېھمانخانىمىزنى تولدۇرغان كۈنلىرى ئۈچەيلەن سائەت-سائەتلەپ سەنئەت ۋە تارىخقا دائىر سۆھبەتلەرگە چۈشۈپ كېتەتتۇق. بۇنداق چاغدا مەن دائىم ياتىدىغان ۋاقتىمىزنى ئويلىغاچ، قوللىرى بىلەن ئۇلۇغ ئابىدىلەرنىڭ خىيالىي شەكىللىرىنى سىزىپ چۈشەدۈرۈۋاتقان خوتۇنۇمنىڭ گۈزەل ۋۇجۇدىنى قېنىپ-قېنىپ تاماشا قىلاتتىم.

     

    ياز ئايلىرى ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىدار بىلەن ئەفسەرنىڭ ئارىسىدىكى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئۆز ئارا ھۈرمەت ۋە مەپتۇنلۇق دىققىتىمنى جەلپ قىلدى. بىدار بەكمۇ ئاق كۆڭۈل بالا ئىدى. كاللىسىدا پۈتۈنلەي كىلاسسىك مەكۇماتلاردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئەخلاققا ئائىت ئەسلى تەبىئىتىدىن خاتىرجەم ئىدى. ئەفسەرگە كەلسەك، ئېنگىزچە تەربىيە ئۇنى ئەخلاقلىق بىر ھەيكەل ھالىتىگە كەلتۈرگەنىدى. ئەر-خوتۇنلۇق ھاياتىمىزدىكى باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ سەت ۋە قېرى كاتولىك ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدەك مۇتەئەسىسىپ ۋە ئىپپەتلىك بىر ئىنسان ئىدى. بىللە ئۆتكۈزگەن بىر يىللىق ئورتاق ھاياتتا مېنىمۇ ئۆزىگە سەل ئوخشىتىپ قويغانىدى. مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقاندا خوتۇنۇمغا قاراپ ئىچىمدە : « نېمە بەختلىكمەن!» دەيتتىم. شۈبىھسىزكى ، ئەفسەر دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئايال ئىدى، بۇنى يالغۇز ئۆزۈملا بولاتتىم. مۇھەببەتىمىز ئومۇمىي بىر گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە يار بەرسە يار ئىدى، ئۇ چاغدا ھەممە ئادەم ئەفسەرنى : «دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئايال بولۇشقا پەقەت سەنلا تېگىشلىك» دەپ تەستىقلىغان بولاتتى، مەنمۇ ئىپتىخارلىنىشقا ھەقلىق بولاتتىم. ماڭا مۇشۇنداق ھۆسنى-جامالدا تەڭدىشى يوق ئاجايىپ  بىر لاتاپەت ئىگىسىنى بەخش ئەتكەن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس خۇدانىڭ كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان كارامىتىگە مىڭ تەشەككۇر! راستىنى ئېيتسام، دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشقاندا: «مېنىڭ خوتۇنۇمنى كۆرسەڭلار ئۇنىڭ دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئايال ئىكەنلىكىنى تەستىقلايسىلەر ...» دەپ ۋارقىرىۋېتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم.

    بىر كۈنى مەن بىدارنىڭ يېنىدا كىتابلىرىنى ئاختۇرۇپ ئولتۇرۇپ چوڭ بىر ئالبومنى كۆرۈپ قالدىم. ۋاراقلاپ قارىسام، بۇ ئالبوم قىپيالىڭاچ ۋۇجۇدلار قىياس قىلىنغان نۇرغۇن يالىڭاچ ئاياللارنىڭ ھەيكىلى رەسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر بەدئىي مەجمۇئە ئىكەن. ئالبومنى ۋاراقلاۋاتقىنىمدا بىدار ماڭا: «بۇ پالانى ھەيكەلتاراشنىڭ، بۇ پۇستانى سەنئەتكارنىڭ» دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇردى. ئاياللار ھۆسنىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ نامەھرەم جايلىرىنى كۆرسىتىدىغان بۇ يالىڭاچ ھەيكەل رەسىملىرىنى كۆرۈۋېتىپ خوتۇنۇمنى ئويلاپ كەتتىم. نەزەرىمدە ھېچقايسىسى ئەفسەردەك گۈزەل ئەمەس ئىدى. ئەڭ مۇكەممەل ياسالغانلىرىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەس بىر قۇسۇر تېپىلاتتى. بىداردىن«بۇلارنىڭ ئىچىدە گۈزەللىكتە ئەفسەرگە يېتىدىغىنى بارمۇ؟» دەپ سورىغىلى تاسلا قالدىم. ئەفسەرنىڭ گۈزەللىكتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىغا قايىل بولغان بىر تۈرلۈك ھەسەتخورلۇق خىجالەتچىلىكى بىلەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. بۇ سوئالىمنى سورىغان بولسام، بەك مۇقەددەس ۋە مۆھتەرەم بىر نەرسىگە كۇپۇرلۇق قىلغان بولاتتىم. شۇنداقتىمۇ پىكىرىمنى يوشۇرۇپ، ئەفسەرنى زادى كۆڭلۈمگە ئەكەلمىگەندەك:

    -بۇنداق ئۇستىخان، بۇنداق قەددىي-قامەت، بۇنداق ساغرا، بۇنداق بىلەك، بۇنداق چىراي پەقەت سەنئەتكارلارنىڭ خىياللىرىدىلا مەۋجۇت، ئەپسۇسكى ھەقىقەت سەھنىسىدە تېپىلمايدۇ!-دېدىم.

    بىدار ماڭا  غەلىتە قاراپ قويدى، ئارقىدىنلا تاتىرىپ كۈلۈمسىرىگەندەك قىلدى، يەنە ئىختىيارسىز سورىدىم.

    -نېمىگە قارايسەن؟

    -ھېچنېمىگە؟-دېدى ئۇ قىزارغان ۋە ھالدا قوشۇمچە قىلدى،-ئىنتايىن ۋاپاسىز بىر نېمە ئىكەنسەن.

    بىردىن يۈرىكىم سېلىپ كەتتى، ئۇ جەزمەن ئەفسەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتاتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا ئوچۇق دېگۈزمەكچى بولۇپ، چۈشەنمىگەندەك سورىدىم.

    -نېمە ئۈچۈن؟

    بىدار جاۋاب بەرمىدى. ئالبومنى ۋاراقلاپ، باشقا رەسىملەرگە قارىغان بولۇۋالدى، ئۇنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سۆزۈمنى يەنە تەكرارلىدىم:

    -نېمە ئۈچۈن، ئېيتقىن، نېمە ئۈچۈن ۋاپاسىز ئىكەنمەن؟

    بىدار ماڭا مەنىلىك تىكىلدى. چىرايىدا قانداقتۇر بىز چۈشىنىكسىز تەبەسسۇم پەيدا بولۇپ، ھاياجىنىنى باسالمىغاندەك قىياپەتتە جاۋاب بەردى.

    -شۇنداق ، ۋاپاسىزسەن، نېمە ئۈچۈن دەمسەن؟ بۇنى بىلمىگەنلىكىڭنىڭ ئۆزىمۇ يەنە بىر ۋاپاسىزلىق، تەقدىرنىڭ ساڭا بەخش ئەتكەن مۇكاپاتىنىڭ قەدىرىنى بىلمەيۋاتىسەن، ئەفسەر سېنىڭ خوتۇنۇڭ، لېكىن ئۇنىڭ تەڭداشسىز ھۆسنى-جامالى دىققەت نەزەرىڭنى تارتماپتۇ، ئۇنىڭغا قىلچە كۆيۈنمەيدىكەنسەن، كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ھۆسن-جامالىنى كۆرمەپسەن، ئەمدى ئالبۇمدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلغۇچى جانسىز ھەيكەل رەسىملىرىگە  قاراپ: «بۇنداق ئۇستىخان، بۇنداق چىرايلار پەقەت سەنئەتكارلارنىڭ خىياللىرىدىلا مەۋجۇت، ئەپسۇسكى ھەقىقەتتە يوق.» دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا پارلاپ تۇرغان تەڭدىشى يوق ۋە ئوقۇق-ئاشكارە قۇياشنى ئىنكار قىلدىڭ.

    ئۇ سۆزلىمەكتە ئىدى، مەن ئاڭلىغانسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. دېمەك، خوتۇنۇمنىڭ كارامەت ھۆسن-جامالى پەقەت مېنىڭلا قىياسىم ۋە گۇمانىم ئەمەس ئىكەن. سەنئەتنىڭ ئەڭ يېڭى ، نازۇك يەرلىرىدىن خەۋرى بولغان، ھۆسن-چىراي ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ھەممىدىن ساھىيەتلىك ۋە مۇۋاوىق بىر كەسپ ئەھلى ئەفسەرنىڭمۇ گۈزەللىكىنى .وچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېتراپ قىلىشى مېنى تاڭ قالدۇردى. مەنمۇ خوتۇنۇمنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىگە ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولدۇم، ئىككىمىز ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق.

    ئەفسەرنىڭ دوقۇنلىنىپ تۇرىدىغان چاچلىرى، كېلىشكەن قەددى-قامىتى، ئىنچىكە بېلى، تولغان ساغرىسى، ئاپپاق بىلەكلىرى، يېقىملىق چىرايى، خۇش تەبەسسۇملىرى، ئوتلۇق نىگاھى، قىسقىسى، ھەممە نەرسىسى ئۈستىدە سەممىي ۋە ھاياجان بىلەن مۇنازىرلەشتۇق. مەن ئەفسەرگە بولغان مەپتۇنلۇق ۋە ئىخلاسلىرىمنى ئېيتىۋاتقاندا بىدارنىڭ ھەيرانلىق ۋە زوقمەنلىكىنىڭ مېنىڭكىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق ۋى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم... شۇ ئەسنادا ئىككىمىز قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتە ئەفسەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. توق رەڭ كىيىملىرى ھال رەڭ چىرايىغا ئاجايىب بىر غايىبانە ھۆسن قوشقانىدى.

    -ئىككى سائەت بولدى، بۇ يەردىن مىدىرلىمىدىڭلار،-دېدى ئۇ،- نېمىلەر توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتسىلەر؟ ھە، بىدار بەگ سىز يەنە ھۇجئۇمغا ئۇچىرىدىڭىزمۇ؟...

    گويا كۆزلىرىمگە تۇنجى كۆرۈنگەن، تەرىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان تەڭداشسىز بىر پەرىگە يولۇققاندەك ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا قاراپلا قالدىم.

    بىدار ئىنتايىن ئەركىن ھالدا:

    -بۈگۈن پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىقتى،-دەپ جاۋاب بەردى،- بۈگۈنكى مەسلىدە مېنىڭ دېگەنلىرىمنى شۇنداق راستقا چىقاردىكى...

    ئەفسەر نېمە دېيىشكەنلىكىمىزنى سورىدى، ھۆسن ۋە سەنئەتكە دائىر دەپلا جاۋاب بەردۇق. ئۇ تەپسىلىي سورىمىدى. ئالدىمىزدىكى ئوچۇق ئالبومنى كۆرۈپ، بىر –ئىككى بەت ۋاراقلاپ يېپىپ قويۇپ:

    -يا رەببىم، دەھشەتقۇ!-دېدى،-يالىڭاچلار! بۇلاردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ بۇنداق يىرگىنىچلىك نەرسىلىرىنى بەزى كىشلەر نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغاندۇ! مېنىڭچە يامان خاھىشلىرىمىزنى، ناچار ئىللەتلەرنى بىلىم ۋە ئەخلاق بىلەن قانداق ياپساق، بەدەنلىرىمىزنىمۇ كىيىم –كېچەك بىلەن شۇنداق يېپىشقا توغرا كېلىدۇ. كىشلەر بۈگۈنگىچە ئۆز گۆشلىرىنىڭ تەمى، لەززىتىگە دائىر بىرەر شېئىر يازالمىغان يەردە ياۋايى ئادەملەرنىڭ مۇھىتىنى ۋە ھاياتىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان بۇنداق يالىڭاچ رەسىملەرنى، ھاياسىز ھەيكەللەرنى سەنئەتكارنىڭ پاك قوللىرىغا مۇۋاپىق ۋە قانۇنلۇق بىر مەشغۇلات دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك.

    بىدار ماڭا سىرداش دوست بولۇپ قالدى، ئۇمۇ ئەفسەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھۆسن-جامالى ۋە دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئايال ئىكەنلىكىگە قول قويغانىدى. كۆپىنچە ۋاقىتلىرىمىز ئۇنىڭغا دائىر سۆھبەتلەر بىلەن ئۆتەتتى. مەن ئەفسەرنىڭلا گېپىنى قىلاتتىم. لېكىن ئۇنىڭ زادىلا قىزغانمايتتىم. بىر كۈنى كەچتە ئەفسەر بېشى ئاغرىپ ھۇجرىسىغا بالدۇر كىرىپ كەتكەنىدى. كېچە تولىمۇ تىنچىق ئىدى. ئۇزاقلاردىن بىر يېگانە بۇلبۇل يېتىملارنىڭ دىلىنى ئەزگەندەك ھال-مۇڭىنى تۆكۈپ، ھاياجان بىلەن دەممۇ-دەم سايراۋاتاتتى. بىدار بىلەن بالكوندا ئىدۇق. ئەفسەرنىڭ مىجەزى يوقلۇقى ئۈستىدە گەپ بولغاندا گەپ يەنە ھۆسنگە كۆچتى، بىدار ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھەر قېتىمقىدىن زىيادە قىزغىن ۋە مەپتۇنلۇق بىلەن تەرىپلەپ كەتتى. مېنىڭ شۇ زامات ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھۇجرىغا ئۆزۈمنى ئاتقۇم ۋە ئەفسەرنى قۇچاقلاپ باغرىمغا چىڭ باسقۇم كېلىپ كەتتى.

    -بەختنىڭ نىسبى ئىكەنلىكىگە ھەممە ئادەم ئىشنىدۇ،-دېدى بىدار،-مەن قۇرۇق گەپنى خوپ كۆرمەيمەن، قەسەم قىلىمەنكى، سەن دۇنيادا ئەڭ بەختلىكسەن. چۈنكى بايلىقى، ھۆسن-جامال، ئېسىل نەسىل، كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان بىر كارامەتنى تەقدىر ساڭا تەقدىم قىپتۇ...

    بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغانسېرى خۇشال بولاتتىم. تۇيۇقسىز كاللامغا شۇنداق بىر پىكىر كېلىپ قالدى-دە، ئويلىمايلا ئاغزىمدىن چىقىرىپ تاشلىدىم:

    -راست ئېيتىسەن بىدار، لېكىن سەن ئۇنىڭ ھۆسن-جامالىدىن يۈزدىن بىرنى كۆرمىدىڭ، پەقەت مەندىنلا ئاڭلىدىڭ، مەن ساڭا كۆرسىتىمەن، بەلكى سۆزۈمگە ئىشەنمەيدىغانسەن، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەندە ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسەن.

    بىدار ھەيران بولۇپ:

    -قانداق كۆرسىتىسە؟-دەپ سورىدى.

    -قانداق كۆرسىتىسەن؟ ئەفسەرنى قىپيالىڭاچ كۆرسىتىمەن...

    بىدار سۆزلىرىمگە ئىشەنمەيمەي، چىرايىمغا غەلىتە قاراپ قويدى. مېنىڭ گەپنى راست ۋى جىددىي ئېيتىقىنىمنى ئاڭلاپ، كەسكىن رەت قىلدى، دېمىسىمۇ، ئەفسەرگە بولغان ھۆرمىتى بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايتتى. مەن راستتىنلا شۇنداق قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى قەتئىي ئېيتتىم. تۈن يېرىمدىن ئۆتۈپ يېتىم بۇلبۇل سايراشتىن توختىغانىدى، سەلكىن شامال گۈللەرنىڭ خۇش پۇراقلىرىنى دىماغقا ئۇراتتى. بىدارنىڭ ھەيكەلتاراشلىقى، ھۈنەر-سەنئىتىدىن ھە دەپ گەپ ئاچتىم ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەپلاتونلارچە قارىشىنى ئۇنىڭدىن يوشۇرمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ بۇنىمۇ رەت قىلىپ : « بۇ بەك شەرمەندىلارچە ئەپلاتونلۇق بولىدۇ!» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ رەت قىلغانسېرى مېنىڭ بۇ نا مۇۋاپىق ئارزۇيۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى.

    -جاھىللىق قىلما،-دېدىم مەن،-سېنىڭ كۆرگىنىڭنى ئۇ بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىمۇ يوق، لېكىن سەن ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك ھۆسن-جامالىغا پۈتۈنلەي قايىل بولىسەن، مەن سېنىڭ ماقۇل بولۇشۇڭنى خالايمەن، رەت قىلساڭ خاپا بولىمەن، سېنى ئالىي بىر سەنئەتكار ئەمەس، نەپسنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن قورقۇنچاق بىر شەھۋەتپەرەس دەيمەن...

    ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشپ گېپىمدە چىڭ تۇرۇۋالدىم. ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ ئەقلىنى ئازدۇردۇم دېسەممۇ بولىدۇ. بىدارنى ئاخىر قايىل قىلدىم. ئۇ ھەيران بولغان ھالدا تاتىرىپ:

    -لېكىن قانداق كۆرسىتىسە، ئۇنىڭ يا خەۋرى بولمىسا؟...دەپ سورىدى.

    -ناھايىتى ئاددى دېدىم مەن ئاللىقاچان تەييارلىنىپ قويغاندەك،- ھۇجىرىمىزنىڭ ئىشىكى ئارلىقىدا قىيا ئوچۇق تۇرىدىغان بىر دەر پەردە بار. مانا شۇ يەردە كۆرسىتىمەن. ئەتە كەچتە باغچىغا چىقىمىز. تۈن يېرىمغىچە ئۇ يەردە ئولتۇرىمىز. سەن مىجەزىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ كىرىپ كەتكەن بولىسەن، ئەمەلىيەتتە دەر پەردىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈۋالىسەن. بىر ئازدىن كېيىن بىزمۇ ياتقىلى كىرىمىز، ئالدى بىلەن مەن يېشىنىمەن، ئۇ دېرىزىنىڭ الدىدىكى كرېسلودا يېشىنىپ ئورۇنغا كىرىدۇ، مەن كۆڭلىكىنى يەشكۈزىمەن، شۇ چاغدا ئوچۇق كۆرۈۋالىسەن. ئورۇنغا كىرگەندە سەن تۇيدۇرماي ئاستا چىقىپ كېتىسەن.

    ئۇ جۈرئەت قىلالماي: «مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن ئەمەس!» دېگەنىدى، يەنە تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم، ئاخىر بىدار مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلسا، ئەفسەرنىڭ كۆرۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولدى. يېتىش ئۈچۈن ئورنىمىزدىن تۇردۇق. ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. مەن ھۇجىرىمىزغا كىرىپ كەتتىم. ئەفسەر يېرىم يالىڭاچ دۈم يېتىپ ئۇخلاۋاتاتتى، بۇ چاغدا بىدارنىمۇ چاقىرغۇم كېپكەتتى،. ئۇ ئۇخلىغاندا تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتەتتى. شۇ تۇرقىدا يېنىغا كەلگەن ئادەمنى قانداقمۇ تۇيسۇن دەيسىز؟ شۇنداقتىمۇ «ئەتە كېچە ئوغاق ۋاقتىدا كۆرسۇن» دېدىم –دە، يېنىدا ياتتىم. ئۇيقۇم قېچىپ كەتكەنىدى. ئەتىسى ۋاقچە تۇردۇم ۋە ئۇلارنىڭ باغچىدا سەيلە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، بىدارنىڭ چىرايى تولىمۇ ھارغىن كۆرۈنەتتى. كېچە زادى ئۇخلىمىغان بولسا كېرەك. تاماقتىن كېيىن ئەفسەر يۇقىرىقى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. مەن بىدارغا ئاخشاملىققا قانداق قىلىنى چۈشەندۈردۈم، ئۇنى ياتاق ھۇجىرىمىزغا باشلاپ كىرىپ دەر پەردىنى كۆرسەتتىم. كەينىگە قانداق مۆكۈشنى، ئەفسەر ئورنىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشككە كەينىنى قىلغاندا قانداق چىقىپ كېتىشنى ئۇستا رېژىسوردەك بىر-بىرلەپ ئۆگەتتىم. ئۇ ئېغىر بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بىر بالىدەك ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى. ھاۋا ئىسسىق بولسىمۇ، سەيلىگە چىقتۇق. بىدارغا كەچتە قانداق قىلدىغانلىقىنى يەنە تەكرارلىدىم. ئۇ ماقۇل جاۋاب بەردى. ئاخشىمى كەچ قايتىپ كەلگەن پېتى تاماققا ئولتۇردۇق. بىچارىنىڭ گېلىدىن ھېچنېمە ئۆتمىدى، قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن باغچىغا چىقتۇق. كېچىنىڭ ھاۋاسى سالقىن ۋە تۇمانلىق ئىدى. مەن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم. ئالقىنىمدىكى ئەفسەرنىڭ ئىسسىق ۋە نازۇك قوللىرىنى چىڭ سىقىپ يۈگۈرگۈم، ئۇسسۇل ئوينىغۇم، موللاق ئاتقۇم كېلەتتى. بىدار ماڭا قارىماي ئەفسەردىن رۇخسەت سوراپ ياتقىلى كەتتى. بىز بىر سائەتتىن ئارتۇق باغچىدا بولدۇق. بۇنداق تۇمانلىق كېچىلەرنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى ئەفسەرگە ئېيتتىم. ئۇ كۈلۈپ: «ئۇيقۇ ئۈچۈنچۇ؟» دېدى. مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئۇنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدىم. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئۆزىنى ماڭا تاشلىۋېتەتتى. كېچە ئاسمىنىدىكى پىچىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ھېسىياتسىز سىرلىق قاراشلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ گۈسۇرۇختەك لەۋلىرىگە سۆيدۈم. ئۇمۇ ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا قۇچىقىمغا تاشلىنىپ نازلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى. يەنە بىر قولۇمدا يۇمران ۋە تولغان كاسىسىنىڭ كۈچلۈك ھارارىتىنى سەزدىم.

    -كىرىپ ئۇخلايلى !...-دېدىم مەن ئاخىر.نېمە؟

    ئەفسەر ماقۇل ككردى، ئىككىكمىز قۇچاقلاشقان ھالدا يۇقىرىقى قەۋەتكە چىقىپ خاس ھۇجىرىمىزغا كىردۇق. مېنىڭ يېشىنىشىمگە ھەر قېتىمقىدەك ياردەملەشتى. بىدارنىڭ دەرپەردىنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ قېتىم ئۇنى سۆيمىدىم. بۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى:

    -كۆپ ئايلىنىپ چارچاپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟

    -ياق،ياق، چارچاش دېگەن نەدە، بىراق،...

    ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى ئاغزىمغا ئۇرۇپ قويدى، مەن ئورۇنۇمغا كىرىپ دېرىزىنىڭ يېنىدىكى كرېسلودا يېشىنىۋاتقان ئەفسەرنى تاماشا قىلىپ ياتتىم. ئۇ كوپتا-يوپكىسىنى، پايپاقلىرىنى سالدى. دېرىزىدىن كىرگەن شامالدا چۇۋۇلغان چاچلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئاپپاق مۈرىلىرى ئۈستىدە تۇزغىنىپ تۇراتتى. ئاھ، بىدارمۇ ھازىر ئۇنى ماڭا ئوخشاش كۆرۈپ تۇرىدۇ-ھە! دەپ ئويلىدىم.

    ئەفسەر قوللىرى بىلەن چاچلىرىنى كەينىگە تاشلىدى. ئۇچىسىدا ھال رەڭ رۇباشكىسى بار ئىدى. خۇش خئۇيلۇق بىلەن يېنىمغا يۈگرەپ كەلدى.

    قولۇم بىلەن مۈرىسىنى تۇتۇپ:

    -پۈتۈنلەي يېشىن، رۇباشكىنىمۇ سال!-دېدىم.

    ئۇ نارازىلىق بىلدۈرمەي، ئارتىسلاردەك بىر مىنۇت ئىچىدىلا يېشىنىپ قىپيالىڭاچ بولدى. ئورۇنغا كىرىشنى يەنە توستۇم، ئۇ بىردەم خاپا بولغاندەك قىلىپ:

    -يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟-دېدى نازلىنىپ تۇرۇپ.

    -كېرىل...دېدىم.

    -ساراڭلىق قىلماڭ،-دېدى ئەفسەر ۋە تاتلىق كېرىلدى. ئەفسەر كېرىلۋاتقاندا كېلىشكەن قەددىي-قامىتىنى ئۆزىنىڭمۇ كۆرۈپ باققۇسى كەلدى بولغاي، بېشىنى بۇراپ سول بۇلۇڭدىكى ئىشكاپنىڭ چوڭ ئەينىكىگە قارىدى. دەل شۇ چاغدا بىدار ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى، ئەفسەر بىردىنلا ۋارقىراپ كەتتى. چىرايىم تاتىرىپ يۈرىكىم قاتتىق دۈپۈلدەپ كەتتى. بىدارنى كۆرۈپ قالغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

    -نېمە بولدى؟

    -ھېچنېمە بولمىدى، پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى.

    ئۇ دەرھال ئورۇنىغا كىرىدى. ۋارقىرىغانلىقىنى تەكرار سورىدىم. كېرىلگەندە پۇتۇم قايرىلىپ كەتتى، دېگەن گەپنىلا ئېيتتى. مەن ئىشەنمەي تۇرۇۋالدىم. لېكىن ئاخىرى مېنى قايىل قىلدى. مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم، ئاندىن بۇ تەڭداشسىز گۈزەلنىڭ لاتاپەت ئىگىسىنى باغرىمغا بېسىپ چىڭ قۇچاقلىدىم، گۈلسۇرۇقتەك لەۋلىرىگە توختىماي سۆيدۈم، ئۇمۇ توختىماي نازلىنىپ، يۈرىكىمگە كىرىپ كەتكۈدەك چىڭ يېپىشتى، مەندە ھېچقانداق گۇمان قالمىدى.

    ئەتىسى ئەتىگەندە بىدارنى باغچىدا كۆرۈپ، يېنىغا باردىم. ئۇمۇ چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا ئەفسەرنىڭ ۋارقىرىغىنىدىن قورقۇپ كېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتىم، كۆڭلى تىندى. ئۇ قىپيالىڭاچ ۋۇجۇت، رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان تەڭداشسىز گۈزەل ھۆسن-جامال خۇسۇسىدا بىرەر نەرسە دېمەي، چوڭقۇر ئويلانغان ھالدا : «توۋا!  توۋا !» دەيتتى، ئارىدىن ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئكتتى. ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن بىدارنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ خىيالچان يۈرىدىغان، سورىغان سوئاللارغا قىسقىلا جاۋاب بېرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئەفسەر تېخىمۇ خۇشال، نېمىشقىدۇر، دائىم بېرىلىپ قىلۋاتقان تەتقىقاتىنى تاشلاپ، كۆپ سۆزلەيدىغان، كۆپ كۈلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭدا ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن يېنىكلىك، غەلىتە چاققانلىق چىقىپ تۇراتتى.

    بىر ئاخشىمى بىر نەچچە دوستلىرىم بىلەن ئىشلىرىمىز ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن "باغلار باشى" مەيخانىسىغا بارىدىغانلىقىمنى ۋەدىلەشكەنىدىم. تاماقتىن كېيىن شۇ يەرگە مېڭىش ئالدىدا بىدارنى چاقىردىم. مىجەزى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئىلگىرى ئۇ قايسى ۋاقىتتا مەيخانىغا بارسام بىللە بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ قېتىم بارماس بولۇپ قالغانلىقتىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزىم يوق دېگەن گېپى يالغان ئىدى. بوپتۇ، دېدىم ئىچىمدە. ئەفسەردىن يازلىق پەلتويۇمنى سورىدىم، ئۇ دەرھال ئاچىقىپ بەردى، قولىدا زادى ئىشلىتىپ باقمىغان تاپانچاممۇ بار ئىدى. ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئاچىققانلىقىنى سورىدىم. دوستلىرىم بىلەن بەك كەچ قېلىشىم مۇمكىنلىكىنى، قايتىشىمدا يېنىمدا بولسا زىيىنى يوقلۇقىنى تەبەسسۇم بىلەن ئېيتتى.

    -بىراق، سۆيۈملۈكۈم، مەن قاپ تېغىغا چىقساممۇ قولۇمغا قورال ئالمايدىغانلىقىمنى بىلمەمسىز؟-دېدىم.

    ئۇ تاپانچىنى ئۇچامدىكى پەلتۇيومنىڭ يانچۇقىغا ئۆز قولى بىلەن سېلىپ قويۇپ، غەلىتە تەبەسسۇم بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -قاپ تېغىغا چىقمايسىز، لېكىن يېرىم كېچىدىن كېيىن قاراڭغۇ ۋە جىمجىت كوچىلاردا ماڭىسىز، ئېھتىمال بۇ كېچە كېرەك بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...

    يېقىندا بىر پالاكەت يۈز بېرىدىغاندەك كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولدى. ئوت ئاپىتى، قوزغىلاڭ، سۇيقەست، جىنايەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. ئاخىر بۇ خىياللارنى كاللامدىن چىقىرۋېتىپ مەيخانىغا قاراپ ماڭدىم. يانچۇقۇمدىكى تاپانچىنى ئەفسەرنىڭ غەلىتە ۋە مەنىلىك بىر قىياپەتتە بەرگەنلىكى خىيالىمدىن كەچتى.

    مەيخانىدا دوستلىرىم بىلەن تېپىشتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بويتاق ئىدى. سورۇن راسلاپ ئىچىشكە باشلىدۇق. ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن يىگىرمە تۆت بوتۇلكا پىۋە ئىچتىم. ھەر يىلى بىرەر قېتىم خۇدۇمنى يوقاتقۇدەك مەست بولۇش ئون ئالتە يېشىمدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادىتتىم ئىدى...

    ئون يېرىمدىن ئۆتكەن چاغ. مەيخانىدا بىزدىن باشقا ئادەم قالمىغانىدى. ھەممەيلەن قاتتىق مەست ھالدا ئورنىمىزدىن تۇردۇق. ئوڭغۇل-دوڭغۇل يوللاردا مېڭىپ بىزنى داچىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. ئەتراپ قاپقارا ئىدى، يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان چىراغنىڭ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قاۋىغان ئىتلارنىڭ ئەنسىز ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى. دەرۋازىنىڭ ئالدىدا دوستلار بىلەن خوشلاشتىم.ئۇلار تۆۋەن تەرەپكە مېڭىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي كۆزدىن غايىب بولۇشتى. مېنى قانداقتۇر بىر قورقۇنچ باسقانىدى. قوڭغۇراق يىپنى قاتتىق تارتتىم. بەلكىم قوشنىلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە تارتتىم، خىزمەتچى قىزچاق چالا كىيىنگەن ھالدا لامپا كۆتۈرۈپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى. كۆڭلۈم خاتىرجەم بولغاندەك قىلدى. خۇشاللىقتىن قىزچاقنىڭ مەڭزىنى چىمدىۋالدىم ۋە :

    -ئۇخلاۋاتقان بولغىيدىڭىز، سىزنى ئاۋارە قىلدىم!-دېدىم . مەست ئىكەنلىكىمنى كۆرگەن قىز كۈلۈپ قويۇپ ، ئۆزىنى قاچۇردى، ۋە:

    -كېرەك يوق ئەپەندىن...دېدى.

    ئۇنىڭ قولىدىكى لامپىنىڭ يورۇقىدا باغچىنىڭ يولى بىر نەچچە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئىچكىرى كىرىپ شوتىنى تۇتۇۋالدىم. يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم. ئۆزۈم قاتتىق مەست، تامغا يۆلىنىپ بىر ئاز دېمىمنى ئېلۋالغاندىن كېيىن سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ تەستە ياتاق ھۇجىرىمىزغا كېلۋالدىم. ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ئەفسەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ئۇ كۈلگەن ھالدا بىرى بىلەن خاتىرجەم پاراڭلىشىۋاتاتتى. «يېنىدا خىزمەتچى قىز بارمىدۇ؟ ئويغاق بولسا شۇنداق قاتتىق چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ جەزمەن دالدنغا چىقىشى كېرەكتىغۇ؟» دەپ ئويلىدىم-دە، ئىشكنى ئىتتىرىپ ئاچتىم. ئەفسەر يالىڭاچ دېگۈدەك كارىۋاتنىڭ لېۋىدە ئولتۇراتتى. مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى. ئورۇنغا قارىسام بىدار يېرىم يالىڭاچ يېتىپتۇ. توۋا، ئوڭۇممۇ- چۈشۈممۇ! ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم ۋە يېنىمدىكى تاپانچىنى چىقىرىپ، ماڭا ئىنتايىن مۇلايىم قاراپ تۇرغان بىدارغا قارىتىپ باستىم! تاپانچا ئېتىلمىدى.يەنە باستىم ،يەنە شۇنداق بولدى... بۇ زادى قانداق بولغىنى! بىدار تاشتەك قېتىپلا قالدى. كارىۋاتنىڭ ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئەفسەرگە قارىدىم. ئۇ ئەنسىز چىرقىراپ كېتىشى، ھەتتا ھوشىدىن كېتىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ لېكىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇراتتى. تاپانچىنى يەرگە تاشلاپ ئاغزىمنى بۇزدۇم:

    -ھۇ پەسكەش. بوغۇپ ئۆلتۈرىمەن سېنى ...دېگىنىمچە بىدارغا قاراپ ئېتىلدىم.

    -ئەفسەر ئالدىمنى توسۇپ:

    -توختا،- دېدى،- پەسكەش دېگەن ئۆزۈڭ!

    غەزپ، تەئەججۇپ، مەستلىك، ئەسەبىيلىكتىن ئېڭەكلىرىم تىترەپ، چىشلىرىم كاسىلداپ كەتتى. ئەفسەر كۆزلىرىمگە مىختەك قەدىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -ئۇنىڭدا ھېچ گۇناھ يوق، ئۇنى بۇ يەرگە مەن چاقىردىم. نېمە ئۈچۈن چاقىرغانلىقىمنى، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئارزۇ قىلغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن. ۋىجدانسىزلىق، پەسكەشلىك، نومۇسسىزلىقلىرىڭنى ئاز دەپ، چاكىنىلىق، رەزىللىك، كۆرەڭلىك قىلغۇچى بولما!

    ئۇ قىلچە پىسەنت قىلماي:

    -نومۇسسىز، پەسكەش، ۋىجدانسىز دېگەن سەن!-دېدىم ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ.

    -ئۇ قىلچە پىسەنت قىلماي:

    -ئالدىرىماي تۇر، ئىككىمىز تېخى سۆزلىشىمىز، قايسىمىزنىڭ قانداقلىقىنى شۇ چاغدا بىلىسەن،- دېدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىدارغا قارىدى،- قېنى بىدار بەگ سىز چىقىپ كېتىڭ...

    بىدار ماڭا قارىماي، كارىۋاتنىڭ ئايغىدا تۇرغان پوپكيكىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەفسەر ئالدىمغا كەلدى، مەن مەغلۇب بولغانلارغا خاس غەزەب، ئەلەم، مەيۈسلۈك، ئۈمىدسىزلىك بىلەن كرېسلودا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. بېشىم قېيىپ ئۆي تورۇسلىرى پىرقىراۋاتقاندەك بولدى. ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ راسا ئەدىبىنى بەرمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇنداق قىلىشقا قۇربىم يەتمەيتتى. خۇددى چۈشۈمدە قارا باسقاندەك نېمىلەرگىدۇر ھەپىلەشسەممۇ، ھەرىكەت قىلمايتتىم. ئەفسەر ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇردى، ئاندىن ۋەھىمە سالغۇچى سېھىرگەرلەردەك قەتئىيلىك بىلەن شۇنداق بۇيرۇق قىلدى:

    -ھازىر مىدىرلىياغۇدەك، سۆزلەرنى ئاڭلىيالىغۇدەك ھالىڭ يوق. ئاۋۋال مەستلىكتىن يېشىلگىن، بۇ ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقىنى ئەتە ئاڭلا، بىرەر سەتچىلىك چىقىرىپ قويۇشتىن ئۆزۈڭنى تۇت، تاڭ ئېتىشقا ئىككى سائەت قالدى، سەۋرى قىل.

    كېيىن نېمە بولغانلىقىدىن خەۋرىم يوق، ھوشۇمنى بىلمەي ياتقان بولسام كېرەك.ئويغانسام ئۇزۇن سافانىڭ تۈۋىدە دۈم يېتىپتىمەن، بېشىم يېرىلىپ كەتكۈدەك ئاغرىۋاتاتتى. كىچىك تەرىتىم قىستاپ كەتكەنىدى. ھەممە يېرىم سىرقىراپ ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. گويا بىر نەرسە ئۈستۈمدىن بېسىپ مىجىقىمنى چىقىرىۋەتكەندەك ئىدىم،. ئورنۇمدىن تەسلىكتە تۇرۇپ سافادا ئارانلا ئولتۇرۇۋالدىم. كېچە كۆرگىنىم بىر قارا باستى چۈشمىدۇ؟ دەپ ئويلىدىم. خىزمەتچى قىزنى چاقىرىپ: ئەفسەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىدىم. بىدار بەگ بىلەن بىللە سەھەردە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. چۆچۈپ كەتكىنىمدىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي بىر پەس ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم.، كېيىن ئاچچىقىمدا يىغلاپ تاشلىدىم. غەزەب، ئامالسىزلىق، مەيۈسلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يىغلاپ- ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالغۇم كەلدى. « بىردىنبىر يول شۇ!» دەيتتىم ئىچىمدە. يىغلاپ-يىغلاپ ئاخىر كۆزۈمدىكى ياشلارمۇ تۈگىدى. سافادا سوزۇلۇپ يېتىپ ئويلاشقا باشلىدىم. ئاجىزلىقىمدىن يىرگەندىم، شارتتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ: «ئىنتىقام ئېلىش كېرەك!» دېدىم. لېكىن قانداق ئېلىش كېرەك؟ مانا بۇنى ئويلاپ يېتەلمەيتتىم، بۇنىڭغا ئەقلىم يەتمەيتتى. ئىشىك ئېچىلىپ، خىزمەتچى قىز كۆرۈندى. ئۇنىڭ قولىدا كىچىك بىر كونۋېرت بار تۇراتتى.

    -خانىم كېتىش ۋاقتىدا بۇنى سىزگە بېرىپ قويۇشنى تاپلىدى، بايا ئۇنتۇپ قاپتىمەن،-دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. كونۋېرتنى دەرھال ئېچىپ ئوقۇسام، ئەفسەر ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكىنى ۋە بۈەئۈن بىدارنىڭمۇ ئىتالىيەگە ماڭىدىغانلىقىنى، ئەگەر نومۇسلۇق بىر ئادەم بولسام، ئۇ يەرگە كېتىشىنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قارىشىچە نومۇسنى بىلسەم نىكاھدىن ئايرىلىشقا رازى بولۇشۇم كېرەكلىكىنى، ئەكىسچە بولغاندا ماڭا جاۋاب بېرىش ياكى چۈشەندۈرۈشكە كېلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى يازغانىدى.

    نەچچە ئايغىچە ئويلاندىم، ئۇيقۇسىز تالاي كېچىلەرنى ئۆتكۈزدۈم. كۆڭلۈمدە «ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئاخرىدا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالايي...پاجىئە تۇغدۇراي! شۇنداق قىلسام ھەققىي ۋە ساپ ئوتېللو بولىمەن!» دەپ ئويلىدىم. يوقىلاڭ خىياللارنى قىلۋەرگەننىڭ نېمە پايدىسى ؟ ئاخىر ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ ئويلىنىپ قالدىم، ئەفسەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق قىلدىغانلىقىغا قىزىقىشقا باشلىدىم، غەزەپنىڭ ئورنىنى قىزىقىش ئالدى... سەككىز ئايلىق ھىجراندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم. شۇ چاغدا ھەممە نەرسىنى چۈشىنەتتىم ۋە قايتا يارىشىش مۇمكىن بولۇپمۇ قالاتتى. بىر ئەتىگەنلىكى ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت ئەۋەتكەنىدىم، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭدىن  ئۇزۇن بىر پارچە مەكتۇپ ئالدىم. خىيانىتىمنىڭ سەۋەبىنى يېزىپتۇ، ئەمدى ئەزىز تارىخچى ئەپەندىم، بۇ مەكتۇپنى سىزگە ئەينەن يازدىم، دىققەت قىلىپ ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.

    بەگ ئەپەندى:

    بۈگۈن بىر-بىرىمىزگگ تامامەن يات بولۇپ قالدۇق، ئايرىلىش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئورتاق تەقدىرىمىز، تېگىشلىك ئاقىۋىتىمىز بىرلىكتە ئۆتكەن ھاياتىمىزغا ئائىت خاتىرىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇنى تەكرارلاش تۈكلىرىمنى تەتۈر ئۆرىگۈدەك دەرىجىدە نەپرەتلىنىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ  ۋەزىپەمنى ئويلىسام بۇ ئازابقا چىداشقا مەجبۇرمەن، ئاخىرقى ۋەدەمنى ئورۇندايمەن. قىلىنغان ۋەدە ماڭا نىسبەتەن بىر ۋەزىپە دېمەكتۇر. سىزگە ھەرىكىتىمنىڭ، بىدارغا بولغان ئىخلاسىمنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي: سىزگە مەلۇم، بىدار بىزنىڭكىدە كەلگەندە قىز بالىغا ئوخشاش تارتىنچاق، پەرىشتىدەك ئالىيجاناب، سەھرا بالىلىرىدەك ساددا ۋە مەرد يىگىت ئىدى. مەن ئويلىغان ئەخلاقلىق ۋە ئار-نومۇسلۇق ياشلارنىڭ بىر سىمۋولى دېيىشكە بولاتتى. ئۇنى بىر تۇغقان قېرىندشىمدەك، ھۈرمەتكە سازاۋەر ئىلاھىدەك ياخشى كۆرۈپ قالغانىدم. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس ئاق كۆڭۈللۈكى، ھاپ ئەخلاقى مەندە شۇنچىلىك چڭقۇر بىر چوقۇنۇش قوزغىغانىدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى ئەخلاقسىز، بۇزۇق، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ۋە ئىرادىسىز بىر ئىنسان دېسەممۇ بولاتتى. ئاقنىڭ يېنىدا قارا كۆزگە قانداق روشەن كۆرۈنسە، بىدارنىڭ يېنىدا ئۆزۈمنىڭ چىرىك روھىي قىياپىتىم ئىپلاس خارابىيلىكتەك كۆرۈنەتتى. مەن گويا ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچقاندەك بولۇپ قالغاندىمۇ، سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزنى كۆرگۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقۇم كېلەتتى. بۇ رپھىي دۇنيا ھەرگىزمۇ ئىنسانغا خاس ئەمەس ئىدى، سىزدە ئىمان، تۇيغۇ، ئەخلاق، پەزىلەت، ھېس قىلىش قابىلىيىتى، مەنىۋى ھېسىيات دېگەن نەرسىلەر ئەسلا يوق ئىدى، بۇ بىر ئىپلاس روھ بولۇپ، پەقەت شەھۋەت ۋە ھايۋانلىقنى قۇۋۋەتلەيتتى. ئادەم شەكلىڭىز بۇ قاراڭغۇ روھقا يەنە بىر قاراڭغۇلۇقنىمۇ قوشقانىدى. بۇ بولسا ماختانچاقلىق ۋە شەخسىيەتچىلىك ئىدى. ماڭا بولغان مەيلىڭىزگە دىققەت قىلدىم، كۆزەتتىم، تەھلىل قىلدىم، تەتقىق قىلدىم، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئاخرىدا ھەرگىز ماڭا ئاشق ئەمەسلىكىڭىزنى چۈشەندىم. ھەددىن زىيادە ئامراقلىقىڭىز پۈتۈنلەي شەھۋانىيلىقتىن ۋە ماڭا ئىگە بولۇش غۇرۇرىدىن ھاسىل بولغان بىر يىرتقۇچلارچە قىزىقشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدىم. سۆز ھەرىكىتىڭىز، ئىدىيىڭىز، قىسقىسى، ھەممە ئىشىڭىز ئەخلاقسىزلىق ئىدى. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، سىزنى تۈزەشكە تىرشتىم، "پېشانەمگە پۈتۈلگەن، ئامال قانچە» دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەتتىم. بىراق ھېلقى كېچىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقىڭىزنى... (قايسى كېچە؟ دەپ ئويلىنىپ قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن) ياخشى ئەسلەپ كۆرۈڭ، ئاھ ئېسىمگە كەلسە ھېلىمۇ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كېتىدۇ، پۇت-قولۇمدا جان قالمايدۇ. يۈزلىرىم قىزىرىپ كېتىدۇ، شۇنداق، ماڭا قارىتا ئەڭ ھاياسىز بىر خوتۇنغىمۇ قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەتنى قىلدىڭىز. لۈكچەكلەرچە يولسىزلىق قىلدىڭىز، بىدارنىڭ بۇ جىنايەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىغا ئىشىنەتتىم، ئاھ، قەلبىم، روھىم ئازار يېگەنىدى... لېكىن ئەلىمىمنى، چىدىغۇسىز يۈرەك ئازابىمنى، چىداملىق بىلەن ئىچىمگە يۇتۇپ سىزدىن ئىنتىقام ئېلىش قارارىغا كەلدىم. سىزنىڭ پۈتۈم ماددى ۋە مەنىۋى ھاياتىڭىز شەخسىيەتچىلىك ۋە شەھۋانىيىلىك ئىدى. شۈبىھسىزكى، بىدار ھۇجىرىمىزغا كىرمەيتتى. ئۇنى جەزمەن سىز كىرگۈزگەن ۋە بۇ قورقۇنۇچلۇق ئەخلاقسىزلىقنى سىز ئۆگەتكەن ئىدىڭىز. بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.

    ئەينى ۋاقىتتا مەندە چوڭقۇر ۋە نەپرەتلىك بىر خاتىرە قالدۇرغان بىر ۋەقە كاللامغا ئورناپ قالغانىدى، بۇ كاندولېنىڭ ھېكايىسى ئىدى، كۇتۇپخانەمدىن ھېردوتنىڭ تارىخىنى ئالدىم. بۇ ھېكايىنى بەلكىم يۈز قېتىم ئوقۇغاندىمەن، كاندولېنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ۋە ماختانچاقلىقىمۇ دەل سىزنىڭكىگە ئوخشايتتى، ھەتتا كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى... ھالبۇكى بۇ ئەخلاقسىز ئويۇننى نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن سىز قايتا ئوينىماقچى بولدىڭىز. ئويۇننىڭ بىرىنجى پەردىسىنى سىز ئوينىغان، بۇ ئويۇننىڭ ئىككىنجى پەردىسىنى داۋاملاشتۇرۇش مېنىڭ ھەققىم ئىدى ۋە ماڭا بىر ئارتىس، ئىنتىقام ئېلىشىپ بېرىدىغان بىر شېرىك لازىم ئىدى. بۇ پەقەت بىدار بولۇشى كېرەك ئىدى. مەن ئۇنى قانداق ماقۇل قىلىشنى ئويلاپ سىزنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرۈشكە تىرشىپ يۈردۈم، سىز بولسىڭىز يەنە شۇ پەسكەشلىكىڭىزدىن يانماي مېنى«ئاھ ئەفسەر جېنىم، نېمە دېگەن چىرايلىقسەن، نېمە دېگەن لەززەتلىك سەن !» دېگەن سۆزلەرنى ياغدۇرۇپ، ئېسىڭىزنى يوقاتقان ھالدا ماختاپ يۈردىڭىز. بىر كۈنى سىز ئۆيدە يوق ئىدىڭىز. بىدارنى يالغۇز تۇتۇۋالدىم. ھۇجىرىغا ئەكىردىم. كىرىشكە ئىككىلەندى ۋە « دالاندا ئولتۇرساق» دېدى. كۈندۈزى ياتاق ھۇجرا بىلەن دالاننىڭ ئانچە پەرقى يوقلۇقىنى، لېكىن كېچىلىرى خېلى چوڭ پەرق بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى مەنىلىك تەبەسسۇم بىلەن ئېيتتىم. ئۇ بىر نېمە دېيەلمىدى، ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى توغرىدىن-توغرا ئېيتسام رەت قىلاتتى، بۇ ئورتاق ئىتىقامغا رازى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. كىتاب جاھازىسىدىن ھېردوتنىڭ تارىخىنى ئالدىم.

    « سىزگگ بىر نەرسە ئوقۇپ بېرەي، دىققەت قىلىپ ئاڭلاشقا ۋەدە قىلامسىز؟» دەپ سورىدىم.

    بىدار سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاخىرى:

    "ۋەدە قىلمەن!» دېدى.

    ئۇزۇن سافادا .ولتۇردۇق. كىتابنىڭ يىگىرمىنچى بېتىنى ئاچتىم، سۆزلەرنى ئوچۇق تەلەپپۇز قىلىپ، جۈملىلەرنىڭ ئاخرىدا مەنىلىك توختاپ ئوقۇشقا باشلىدىم. ئوقۇغىنىم پەقەت بىر يېرىم بەت ئىدى، بىر يېرىم بەتنى ئەينى بويىچە سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىپ بېرەي:

    بۇ ھۆكۈمدار خوتۇنىغا شۇنچىلىك مەپتۇن ئىدىكى، ئۇنى دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ قارايتتى. ئەڭ مۇھىم سىرىنى ئېيتىدىغان ۋە ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى بولغان ۋاللىلوسنىڭ ئوغلى گىگەسكە خوتۇنىنىڭ ھۆسن-جامالىنى مۇبالىغە قىلىپ بەرگەنىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي كاندولې (پالاكەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى) گىگەسكە : خوتۇنۇمنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمغا ئىشىنەنمەيسەن، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى يالىڭاچ كۆرۈشكە تىرشقىن، دېگەن گەپنى قىلدى.

    «نېمە دېگەن غەلىتە سۆز بۇ، جانابىي ئالىيلىرى!-دەپ ۋارقىرىۋەتتى گىگەس،- بۇنى ئويلىمىدىڭىزمۇ؟ بىر ئەسىرگە ئۆز مەلىكىسىنى قىپيالىڭاچ كۆرۈشكە بۇيرۇش، بىر ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى يېپىپ تۇرىدىغان ھاياسىنى ئېچىۋېتىش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتىڭىزمۇ؟ سىز ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولغان ئاساسىي ئەخلاق قائىدىسى ۋە ئەدەبنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ، بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان ئاياللارغا قارىماسلىقتۇر. پۈتۈن ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلىگە ئىگە بولغانلىقىڭىزغا سەمىمىيەت بىلەن قايىلمەن، لېكىن ئۆتۈنۈپ قالايكى، مەندىن بۇنداق ئەيىب بىر نەرسىنى تەلەپ قىلمىغايسىز»

    پادشاھنىڭ تەكلىپىدىن بېشىغا بىر پالاكەت كېلىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن گىگەس قاتتىق رەت قىلدى. لېكىن پادىشاھ: «خاتىرجەم بول گىگەس،-دېدى،- پادىشاھىڭدىنمۇ قورقما ( بۇ تەكلىپ سەن ئۈچۈن بىر تۇزاقمۇ ئەمەس ) خانىشتىنمۇ قوتقما، ئۇلار ساڭا  ھېچقاچان يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىمەنكى، ھەتتا سېنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىڭنىمۇ بىلمەيدۇ. سېنى بىز ياتىدىغان ئوچۇق ئىشكنىڭ كەينىگە يوشۇرۇپ قويىمەن، خانىش ئۇزۇن ئۆتمەي مېنى ئىزدەيدۇ. شۇ چاغدا ئۇنى تولۇق كۆرەلەيسەن، يېشىنگەن يەردىن ئورۇنغا قاراپ ماڭغاندا ساڭا كەينىنى قىلىدۇ-دە، شۇ ئەسنادا غىپپىدە چىقىپ كېتىسەن.»

    گىەەس بۇ تەكلىپتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى، بۇيرۇققا بوسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى، كاندولې ياتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنى ھۇجىرىسىغا ئەكىردى. خانىش كېچىكمەيلا كىردى ۋە يېشىنىۋاتقاندا گىگەس ئۇنى كۆردى. ئورۇنغا كىرىش ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلغاندا غىپپىدە چىقىپ كەتتى. لېكىن خانىش گىگەسنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندى، بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىپ يول قويدى ۋە كاندولېدىن ئىنتىقام ئېلىش قارارىغا كېلىپ، ھېچنەرسە بىلمىگەندەك بولۇپ يۈرىۋەردى. پۈتۈن ئىجتىمائىي قەبىلىلەردە لىديالىقلارچە يالىڭاچ كۆرۈنۈشمۇ، ھەتتا ئەر كىشلەر ئۈچۈنمۇ ئەڭ رەسۋاچىلىق ئىدى.

    خانىش گەپ-سۆز قىلماي جاتىرجەم ياتتى. تاڭ ئاتقاندا ئەڭ سادىق ئوفىتىسېرلىرىنىڭ8 ياردىمىگە ئىگە بولۇپ گىگەسنى چاقىردى. گىگەس خانىش بۇ ئىشنى بىلمەيدۇ دەپ ھەر قېتىمقىدەك ئەمىرگە بىنائەن كەلدى. ھۇزۇرىغا كىرگەندە خانىش ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى: «گىگەس،ھازىر ساڭا ئىككى يول بار.بىرىنى تاللىشىغا رۇخسەت، ھازىرلا بىر قارارغا كەل، يا كاندولېنى ئۆلتۈرۈپ مېنى ئەمرىڭگە ئېلىپ، لىديا تەختىنى قولۇڭغا ئال، يا شۇئان ئۆل. بۇنىڭدىن كېيىن كاندولېنىڭ ئىتائەت قىلىپ نامەھرەمگە قارىشىڭنى مەنئىي قىلىش كېرەك. راستىنى ئېيتسام، ئىككىڭلاردىن بىرىڭلار ئۆلۈشۈڭلار كېرەك.!»

    گىگەس بىر پەس زۇۋان سۈرمەي تۇردى. كېيىن بۇ تاللاشتىن كەچۈرۈم قىلىشنى يالۋۇردى. خانىشنى كۆندۈرەلمىدى، جەزمەن خوجايىننى ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆزى ئۆلىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۆز ھاياتىنى ئەۋزەل بىلدى. خانىشقا: «سىز ھازىر مېنى ئارزۇيۇمغا خىلاپ ھالدا خوجايىنىمنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلاۋاتىسىز، ئۇنداقتا ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭ، ئۇنىڭغا قانداق قول سالىمەن»دېدى. «دەل مېنى قىپيالىڭاچ كۆرسەتكەن يەردە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ، ئۇخلاۋاتقاندا ھۇجۇم قىلىسەن.»

    شۇنداق قىلىپ ،خانىش گىگەسنى تۇتۇۋالدى، ئۇنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالى يوق ئىدى، يا ئۆزىنى، يا كاندولېنى ئۆلتۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. خانىش كېچىسى ئۇنىڭ قولىغا شەمشەر تۇتقۇزۇپ، ھېلقى ئىشكنىڭ كەينىگە يوشۇرۇپ قويدى. كاندولې تېخى ئۇخلىمىغانىدى، گىگەس ئۇنى خەنجەرلەپ، خئوتۇنىنى قولىغا ئالدى...

    كىتابنى يېپىپ يېنىمغا قويدۇم، بىدارنىڭ چىرايىغا قارىدىم. ئۇ تاتىرىپ تىترەپ كەتكەنىدى، تەسەللىي بەردىم.

    «سىزدە گۇنا يوق،- دېدىم،- تولىمۇ ئوڭايسىزلانماڭ، گۇنا پۈتۈنلەي كاندولېدە.»

    بىدار لام-جىم دېمەي بىر پەس ئويلىنىپ قالدى، ئاندىن بىردىن تىزلاندى-دە، ئاياغلىرىمغا ئېسلىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئورنىدىن تۇرغۇزدۇم ۋە يېنىمغا ئولتۇرغۇزۇپ:

    -كەچۈرىسىز، گېپىمنى ئاڭلاڭ،- دەپ تىغلاپ كەتتىم.

    كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۆپكەمنى باسالماي ئېسەدەپ تۇرۇپ سورىدىم:

    «گىگەس مېنىڭ ئىنتىقامىمنى ئېلىپ بېرەمدۇ؟»

    بىچارە، ساددا بىدارنىڭ چىرايى تامدەك بولۇپ كەتتى. لەۋلىرى تىتىرىگەن ھالدا: «ئاھ، مۇمكىنمۇ؟ بۇ بىر قانلىق جىنايەت!» دېدى. مەن قولۇمنىڭ كەينى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىپ، مەنىۋى ئەخلاقنىڭ قانداق يارلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.

    سۆزلىگەنسېرى ئەلەملىىك ھاياجان بىلەن ئۆكۈنەتتىم. ئەگەر كاندولېدىن شۇنداق ئىنتىقام ئېلىنسا، ئۇنى ھېچنېمە قىلالمايدىغانلىقىمنى، ئۇ چاغدا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇنى ئىشەندۈردۈم. سىزنى ئىنتىقام ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەخلەقىسىزلىقنىڭ جازاسىنى بېرىشلا كۇپايە قىلاتتى. شۇڭا ئاۋۋال سىزدىن ئاجىرىشىپ ئاندىن بىدار بىلەن توي قىلسام بۇ سىزدەك ماختانچۇققا بېرىلگەن قاتتىق زەربە بولاتتى... چۈنكى سىزنىڭ ئولتۇرىدىغان تەختىڭىز يوقتە... قىسقىسى، بىدارنى قايىل قىلدىم. ئارىمىزدا غايەت پاك بىز مۇھەببەت باشلاندى. مانا بۇ ھەققىي مۇھەببەت ئىدى. ئۇنىڭ مۇئامىلىسى سىزنىڭ ھايۋانلارچە مەيلىڭىزگە ئەسلا ئوخشىمايتتى. بىز گويا لىرىكلىق ۋە قىممەتلىك بىر شېئىرلار توپلىمى ئىچىدە ياشىدۇق. لېكىن سىزدىن ئىنتقام ئېلىشنى ئويلاپ يۈردۇم. شۇڭا ئۆزۈمگە تازا لەززەتلىك بولىدىغان بىر پۇرسەتنى كۈتتۈم. يۇقىردا يازغىنىمدەك، پىلانىمنى ھېردوتنىڭ كىتابىدىن ئالدىم. لېكىن بىدار گىگەسكە ئوخشاش سىزنى ئكلتۈرمەيتتى. مەن بىلەن توغرا مۇناسىۋەتتە بولاتتى. فرانسۇزچە مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، مېنى سۆيگەندەك كۆرۈنەتتى. بىز مۇشۇ كۆرۈنۈش بىلەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا جىنايەت ئۆتكۈزگەندەك كۆرۈنۈپ، ماختانچاقلىقىڭىزغا رەھىمسىز تۈردە دەككە بەردۇق. بۇ مانا شۇنداق بولدى. سىزنى بىر مەزگىل ئازابلاپ ئاجرىشىشقا مەجبۇر قىلاتتىم. مانا بۇمۇ بولدى، تويىمىزغا ئىنتىزار بولغانسىز، شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭكى بۈگۈنكىچە بىدار ماڭا قول تەگكۈزگىنى يوق،  ئۇنى مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندەك كۆرگەن ئىدىڭىز. لېكىن بۇ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانكى، بىرەر ئىش چىقسۇن دەپ غەرەزلىك ھالدا ھېلقى كېچە سىرتقا چىققان ۋاقتىڭىزدا تاپانچىڭىزنى بەرگەنىدىم، ھالبۇكى ئوقلىرىنى كۈندۈزى چىقىرىۋەتكەنىدىم. بىدارغا ئاتقان ئوقلىرىڭىزنىڭ بىرىمۇ ئوت ئالمىدى. ئېسىڭىزدىمۇ؟ قىسقىسى، مېنىڭ مەقسىتىم سىزنىڭ پەسكەشلىكىڭىزدىن، ئەخلاقسىزلىقىڭىزدىن كېلىپ چىققان ئىچكى دۇنيايىمدىكى قاتتىق غەزىپىمنى بېسىۋېلىپ. سىزدىن ئىنتىقام ئېلىش ئىدى. چۈنكى، نومۇسسىزلىق،نەپسانىي ھەۋەس ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس، مەن مۇنداق نومۇسسىزلىقنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمەن! ئەگەر نومۇسسىزلارچە ياشاش قولۇمدىن ئازراق بولسىمۇ كەلسە ئىدى، سىز بىلەن ياشىغان بولاتتىم، بىلسىڭىز، مەن ئاجايىپ ئار-نومۇسلۇق بىر ئايالمەن، ئۆزۈمنىڭ نومۇسنى دەپسەندە قىلىشنى مەڭگۈ خالىمايمەن. ماڭا قىلىنغان ھايۋانلارچە مۇئامىلىڭىزگە جاۋابەن ئاجرىشىشىمنى قوبۇل قىلىشىڭىز ئۈچۈن بىدار بىلەن بىر ئورۇندا يېتىش ئويۇنىنى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇردۇم، سىز چۈشىنەلمىدىڭىز. شۇ كېچە مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان ئادەم ئەتە قانۇنلۇق ئېرىم بولغۇسى. دېمەك، ئەڭ ئىپلاس ۋە بولمىغۇر ئىشەنچىڭىز ئەخلاققا يات ۋە بىمەنە بوھتاندىن باشقا نارسە ئەمەس.

    ئەفسەر، بىدار

    بۇ مەكتەپنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەيرانلىق ۋە غەزەپتىن بولالماي قالدىم. ئىچىمدىكى ئازاب ۋە غەزەپتىن بولالماي قالدىم. ئىچىمدىكى ئازاب تېخىمۇ زەھەرلىك نەرسىگە ئايلاندى. پۈتۈنلەي تۈگەشكەنىدىم: مىدىرلىيالمىغۇدەك، پىچاقنى بوغۇزغا تاقسىمۇ قىمىر لىيالمىغۇدەك دەرىجىدە مەجروھ ئىدىم. دەرھال ھېلقى ھېردوتنىڭ تارىخىنى ئالدىم. بۇ كىتابنى ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. يىگىرمىنچى بەتنى ئېچىپ قويدۇم. نېمە دېگەن ئوخشىغان! ئاھ، بۇ مېنىڭ قىلىقلىرىمنىڭ دەل ئۆزى ئىدى! مەنمۇ بىچارە كاندولېدەك خوتۇنۇمنىڭ تەڭدىشى يوق ھۆسن-جامالىنى ئىككىنچى بىر شاھىدقا كۆرسىتىش مەپتۇنلۇقۇمنى قاندۇرماقچى ئىدىم.

    بىراق ئۇ... ياۋايى مەخلۇق بۇنى بىر جىنايەت دەپ چۈشىنىپ ئىنتىقام ئالدى... ئۇ مېنى ئۆلتۈرمىدى ئۆلتۈرسىچۇ كاشكى... بۇنچىۋىلا قىينالمىغان بولاتتىم، دەرد-ئەلەملىرىم كاندولېنىڭكىدەك بىر ئىككى دەقىقىلىق خەنجەر ئازابىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالاتتى. شۇنداقتىمۇ ماڭا سېلىنغان ئىنتىقام خەنجىرى كاندولېنىڭكىدىن دەھشەتلىك ئىدى. ھەددىن زىيادە ئامراقلىقىمدىن باشقا بىر كەمچىلىكىم بولمىغان تۇرۇقلۇق ئۇ ۋۇجۇدنىڭ گىگەسكە مەنسۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، بۇ مەكتۇپتىن بىر ئاي كېيىن ئەفسەر بىدار بىلەن توي قىلدى، ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتتى، مەن بولسام قولۇمدىن چىقىرىپ قۇيغان ئەفسەرنى ۋۇ ئۇلارنىڭ ھۇجىرىدا ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقانلىقىنى كېچە-كۈندۈز خىيال قىلىپ روھىمغا، چوڭقۇر ھېسياتىمغا پۈتمەس-تۈگىمەس ۋە زەھەرلىك خەنجەرلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى ھېس قىلمەن. مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەن كىشىنى ئۆلتۈرمەي، ئەسىرلەپ كۆيدۈرىدىغان جەھەننەم ئاتەشلىرىدەك بۇ خەنجەرلەرمۇ مېنى ئۆلتۈرمەي جېنىمنى ئالماقتا، ئازابلىماقتا ۋە پەرىشان قىلماقتا.

    ئۆتكەنگە سالاۋات دەپ ئۇنتۇشنى، ئازابلانماسلىقنى ئويلايمەن. لېكىن مۇمكىنمۇ؟ بولدى، ئۆتكەن ئىشنى ئويلىماي، دېگەنسېرى ئەفسەر بىلەن بىدار بەكرەك كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. مېنى تېخىمۇ ئازابلىغىنى گۇناھىم يوقلىقىغا بولغان ئىشەنچىمدۇر. مەن نېمە قىلدىم؟ نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا باشقا بىرى تەرىپىدىن ئىزھار قىلىنغان بىر مۇھەببەت ۋەقەسىنى ھېچنېمىدىن –ھېچنېمە يوقلا غەيرىي ئىختىيارىي ھالدا تەكرارلىدىم. مەنسىز ئۆتكەن كۈنلەر، تەنھا ئۆتكۈزگەن كېچىلەر بىلەن تارىخنى تولدۇرغان پۈتمە-تۈگىمەس ۋەقەلەردىن بىرى مېنىڭ بېشىمدا تكرارلاندى. ئاھ، ئېيتىڭچۇ، زادى گۇناھىم، ۈەرەزلىىك قىلىنغان بىرەر ئەيبىم بارمۇ؟ بۇنداق تەكرارلىنىشنى مەن قانداق توسۇپ قالالايتىم. ئۆتمۈشتە ئىپتىدائىي  ياۋايى ئىنسانلارنىڭ  ھازىرقى كىشلەردەك ھەقىقەت ۋە تەبئەتكە زادى ئىشەنمەيدىغان نامۇۋاپىق ئېتقادى بولغىنىدەك، ھىندى-يۇنان مەدەنىيەتلىرىدەك ئىنسانلارنىڭ ئاڭسىز ھالدىكى تەبئىي ھەرىكەتلىرىنى  ئەلا بىلدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار يالىڭاچلىقىنى ئەيىبلىك نەرسە ئەمەس، ھەتتا جىنىسىنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالىي، ئەڭ ئاساسىي تەرىپى بولغان جىنسي پائالىيەتنى يوشۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىماي، ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۇلۇغلاشتۇرۇپ ماختايتتى. ئىنتايىن نامۇۋاپىق تۈرگە ئايرىش بىلەن بىر-بىرىدىن ھېچقانداق پەرق بولمىغان ئەزالىرىمىزنىڭ بەزىسىنى مەدھىيىلەپ، بەزىسىنى ئەيىبلەيتتى. ئەكىسچە، جىنسىي پائالىيەت ئەزالىرىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئەزىزلەپ رەسىملىرىنى بەرىكەت سىمۋولىدەك ئېتىزلارغا، باغچىلارغا، ئىبادەتخانىلارغا، ئۆيلەرگگ ئاساتتى. بۈگۈن بىز بۇ تەبئىي ۋە مەدەنىيەتلىك كۈنلەردىن نەقەدەر يىراقمىز... ئەمدى مۇدھىش تەسەۋۋۇرلار ئىچىدە قۇرۇق نەزەرىيىلەردىن تەشكىل تاپقان ۋە تەبئەتكە مۇخالىپ، بىر-بىرىگە زەنجىردەك باغلىنىپ كەتكەن ئىجتىمائىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز.

    غەيرىي ئىختىيارىي بىر تەبئىي تەكرار ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان بىر جىنايەت ھېسابلانماقتا. مەدەنىيىتىمىزئومۇمىي ۋە ئورتاق بىر قىزىقىش بىلەن قورقۇنچلۇق بىر سۈنئىيلىككە، جاھالەتكە قاراپ ماڭماقتا، مەنمۇ بۇ جاھالەتنىڭ ھايات بىر شاھىدىمەن، ئەمدى قەدىرلىك تارىخشۇناس بەگ، «تارىخ مەڭگۈ تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ!» دېگەن كۆز قارىشىڭىزغا نەقەدەر سەممىيەت بىلەن قوشۇلىدىغانلىقىمنى، قوشۇلۇشتا نەقەدەر ھەقلىق ئىكەنلىكىمنى چۈشەنگەنسىز! ئەمدى رۇخسەت قىلسىڭىز، سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي، قىسقارتاي.

    (تۈركچە «ئۆمەر سەيپىتتىن ئەسەرلىرى» نىڭ 9-توپلىمىدىن)

                                                         

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.