مەن توختۇسۇننىڭ ئوغلى(چىڭغىز ئايتىماتوف)

يوللىغۇچى : ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-28 17:02:12

مەن توختۇسۇننىڭ ئوغلىچىڭغىز ئايتىماتوف بۇ- ئۇرۇش توغرىسىدىكى بىر ھېكايە. ئۇرۇش ھەتتا توپ-زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ ۋىژىلداپ ئۆتكىنىنى ۋە توپ زەمبىرەكلەرنىڭ گۈمبۈرلىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەرنى...



    مەن توختۇسۇننىڭ ئوغلى

    چىڭغىز ئايتىماتوف


       
       بۇ- ئۇرۇش توغرىسىدىكى بىر ھېكايە. ئۇرۇش ھەتتا توپ-زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ ۋىژىلداپ ئۆتكىنىنى ۋە توپ زەمبىرەكلەرنىڭ گۈمبۈرلىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەرنىمۇ جان-جىگەرلىرىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارغا ئېغىر كۈلپەت ۋە دەرت-ئەلەملەرنى كەلتۈرۈپ بەردى.
       بالىلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرت-ئەلەملەرنى تارتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلىگۈدەك ئادەم يوق.قەھرىمانىمنىڭ ئاتىسى ئۇرۇشقا كەتكەنىدى، قەھرىمانىم ئاتىسىنى سېغىنىپ يۈرگەن ۋە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەن ئىدى.
       بۈگۈنكى كىتابخانلىرىمىزنىڭ، مەيلى قىران ياكى ياش بولسۇن، مۇشۇ بالىنىڭ دەرت-ئەلىمىنى چۈشىنىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
       مېنىڭ مۇشۇ ھېكايەم«پىئونېر» ژۇرنىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 60- يىللىقىغا بېغىشلانغان سانىدا ئېلان قىلىندى. بۇ- ئېلىمىزنىڭ (يالغۇز بىزنىڭ ئېلىمىزنىڭلا ئەمەس) تۇرمۇشىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. تۇرمۇشىمىزدىكى بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەن كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
       مېنىڭ «پىئونېر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىرى ۋە كىتابخانلىرىنى ئومۇمىي خەلق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىشىمگە رۇخسەت قىلىڭلار.

       ئاۋالبىك ئاتىسىنى بىرىنچى قېتىم كىنودا كۆرگەن. ئۇ چاغدا، ئۇ تېخى بەش-ئالتە ياشلىق بالا ئىدى.
       كەڭ بىر قوي قوراسى بولۇپ، ھەر يىلى كىشىلەر بۇ يەردە يۇڭ قىرقىيتىتى.بۇ قورا تاش كاھىش بىلەن يىپىلغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە    
    سوپخوز جايلاشقان ئاۋۇلنىڭ كەينىدىكى تاغ باغرىدىكى چوڭ يول ياقىسىدا تۇرۇپتۇ.
       ئۇ دائىم ئانىسى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ تۇراتتى. ئانىسى رايگۈل سوپخوزنىڭ پوچتىخانىسىدا تېلېفونىست بولۇپ، ھەر يىلى يازدا يۇڭ قىرقىش مەيدانىغا كېلىپ ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۇ رۇخسەت سورايتتى ھەمدە تېرىقچىلىق قىلىدىغان ۋە ئوت ئورىدىغان ئالدىراش جايلاردا، تېلېفونخانىدا ئسىمىنا ئىشلەيدىغان كۈنلىرىنى، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قوشۇپ، يۇڭ قىرقىش ئىشى تۈگىگىچە مۇشۇ يەردە ئىشلەيتتى. ئىز ھەققى قىرقىغان قوينىڭ سانىغا قاراپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، كۆپ پۇل تاپقىلى بولاتتى. ئەسكەردىن قالغان مۇشۇنداق بىر تۇل خوتۇن ئۈچۈن ھەر بىر كوپېكمۇ بەك زۆرۈر ئىدى-دە، ئۆيدە ئۆزى بىلەن بالىسىدىن باشقا ھېچكىمىسى يوق بولسىمۇ، بىر ئۆي ئۇنىڭ بېشىدا ئىدى. قىش كۈنى يىقىشقا كۆمۈر سېتىۋالاتتى. ئادەتتە بولسا يېيىشكە ئاشلىق سېتىۋالاتتى. كىيىم-كېچەك ئېلىپ كىيەتتى... پۇل خەجلىنىدىغان يەر كۆپ ئىدى.
       بالىسىنى ئۆيگە قويۇپ قويسا قارايدىغان ئادەم يوق بولغاچقا، ئىشقا بىللە ئېلىپ باراتتى. ئۇ ئۈستى-بېشىنى پاسكىنا قىلىپ، كۈن بويى يۇڭ قىرقىغۇچىلار، قويچىلار ۋە يۇڭلىرى پاخپىيىپ كەتكەن مال ئىتلىرى ئارىسىدا خوشال-خورام چېپىپ ئوينايتتى.
       ئۇ سەييارە كىنو ماشىنىسىنىڭ قوي قوراسى جايلاشقان ھويلىغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى بىرىنچى بولۇپ كۆردى. ئادەتتىن تاشقىرى بۇ خۇشخەۋەرنى باشقىلارغا بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزگەنمۇ شۇ بولدى.
       - كىنو كەلدى! كىنو!
       كىنونى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن قويغىلى بولاتتى. بۇ ئارىلىقتا ئاۋالبېك تەقەززا بولۇپ كەتتى. بىراق، ئاخشىمى ئۇ خۇماردىن چىقتى: قويۇلغىنى سوقۇش كىنوسى ئىدى. قوي قوراسىنىڭ بىر بېشىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر پارچە ئاق رەخت تارتىلىپ، ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى ئەنە شۇنىڭ ئۈستىدە قانات يايدى: مىلتىق-پىلىمۇتلار تاتاتلايتتى. يورۇتقۇچى بومبىلار ۋىژىلداپ ئاسمانغا كۆتىرىلىپ ، تال-تال نۇرلار قاپ-قاراڭغۇ كېچىنى خۇددى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋېتەتتى. يەرگە يېتىۋالغان رازۋېتچىكلارمۇ يورۇقتا ئوپ-ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يورۇتقۇچى بومبا ئۇچۇۋىدى، رازۋېتچىكلار يەنە ئالغا  يۈگۈرۈپ كېتىشتى. پىلىمۇتلار ئاقۋالداق ئېتىلغاندەك ئېتىشىشقا باشلىدى. بۇ ھالدىن قورققان بالا تىن ئالالماي قالدى. ئۇرۇش دېگەن مۇشۇ-دە!
       ئۇ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە كۆپچىلىكنىڭ ئارقىسىدىكى يۇڭ تايلىرى ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇ يەردە ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىرىنچى رەتتە ئولتۇرغۇسىمۇ بار ئىدى. لېكىن ئۇ يەردە سوپخوزدىن كەلگەن بالىلار ئولتۇرۇپ بولۇپتۇ، ئۇ شۇ يەر بېرىپ ئولتۇراي دىۋىدە، ئانىسى ئۇنى بارغىلى قويمىدى.
       - كۈن بويى چېپىپ يۈرىسەن، بىردەم مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرساڭچۇ!- دېدى ئانىسى ئۇنى قۇچاڭلاپ تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ.
    ئۇرۇش تېخى داۋام قىلماقتا. كىشىلەر زېھىنىنى قويۇپ جەڭ كۆرۈنۈشلىرىنى دىققەت بىلەن كۆرمەكتە. ئانا توختىماي ئۇلۇغ كىچىك تىناتتى، تانكىلارنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولىشىپ، ئوغلىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. يېنىدا ئولتۇرغان بىر ئايال ئىچ-ئىچىدىن قايغۇرۇپ ئاغزىنى چىكىلدىتىپ:
       - ۋاي خۇدا، نېمە گۇناھ قىلغاندۇ، ۋاي ئاللا!...دەپ غۇدۇڭشىدى.
       ئاۋالبېك بولسا قورقۇپمۇ قويمىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، فاشىست قاراقچىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يىقىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، يايراپ كەتتى. ئۆز كىشىلىرىنىڭ يىقىلغانلىرىنى كۆرگىنىدە، ئۇلار كېيىن بەرىبىر ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ دەپ ئويلىدى.
       ئۇمۇ راسىت، كىشىلەرنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا يىقىلغان ئەھۋالى بالىلارنىڭ ئۇرۇش قىلىپ ئوينىغان چېغىدىكىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.
       ئاۋالبېكنىڭ ئۆزىمۇ يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، خۇددى باشقا بىرسى چاپۇتلىۋەتكەندەك موللاق ئېتىپ چۈشەتتىغۇ. راستىنى ئېيتقاندا، يىقىلغاندا بىر يەرلىرى قاتتىق ئاغرىيتتى. بىراق، بۇنىڭ بىلەن ھېچنېمە بولماي ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە يۈگۈرەيتتى، ئاغرىق-پاغرىقلارنى يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىغا چۆرۈۋېتەتتى. لېكىن جەڭچىلەر بولسا ئورنىدىن تۇرالمايتتى. ئۇلار دۆڭدەك، قاپ-قارا بولۇپ قوزغالماي يېتىپ قالاتتى. ئاۋالبېك ئىككىنچى بىر خىل ئۇسۇلدا، ئېيتايلۇق، قورسىقىغا ئوق تەگكەندىن كېيىن گۈپلا چۈشمەي، بەلكى ئىككى قولى بىلەن قورسىقىنى تۇتۇپ، ئاندىن كېيىن بېلىنى ئېگىپ ئاستاغىنا ئوتلاققا يىقىلىپ، مىلتىقى قولىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان ئادەمدەك بولۇپمۇ يىقىلاتتى. ئۇ يىقىلغاندىن كېيىن مەن ئۆلمىدىم، دەپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن يەنە جەڭنى داۋاملاشتۇراتتى. جەڭچىلەر بولسا قوپالمايتتى.
       جەڭ داۋام قىلماقتا، كىنو ئاپپاراتى شىرىقلىماقتا. ئەنە، ئېكراندا زەمبىرەكچىلەر پەيدا بولدى. ئۇلار قىزىق ئوتقا قارىماي، قۇلاق مېڭىنى يارغۇدەك پارتىلاش ئاۋازى ئىچىدە ۋە كۆتۈرۈل؛گەن ئىس-تۈتەك ئىچىدە تانكىغا قارشى توپنى ئىتتىرىپ چىقىپ ئۇدۇل چەنلەپ ئاتماقچى بولدى. ئۇلار توپنى ئىتتىرىپ، جىلغا باغرىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە. بۇ جىلغا باغرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئالەمنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن ئىدى. پۈتۈن جىلغا باغرىنى پارتلاشتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-تۈتەك قاپلىغان ئىدى. بىر گۇرۇپپا توپچىلار ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاشۇ قىياپىتىگە قاراپ، كىشىلەر چىن دىلىدىن ئۇلاردىن پەخىرلىنەتتى ھەم ئۇلارغا ناھايىتى ئېچىناتتى. كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى سېزىپ تۇراتتى. ئۇلار بار-يوقى يەتتە ئادەم ئىدى، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كۆيگەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئورۇسقا ئوخشىمايتتى، ئانىسى دېمىگەن بولسا، بالا بۇلارنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بولاتتى. ئۇ ئانىسىنىڭ:
       - قارا، ئاۋۇ سېنىڭ ئاتاڭ...،- دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ قالدى.
       ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئاشۇ توپچى ئەسكەر ئۇنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالدى. ئەمدى پۈتكۈل فىلىم ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىشلىرىنى كۆرسەتمەكتە. بايا ئۇنىڭ ئاتىسى سوپخوزدىكى يىگىتلەرگە ئوخشاشلا ناھايىتى ياش ئىكەن. ئوتتۇرا بوي، دۈگلەك يۈز بولۇپ، كۆزلىرى ھەرىكەتلىنىپ تۇراتتى ۋە كىرلەشكەن، ئىستا قارايغان يۈزىدە غەزەپ بىلەن پارقىرايتتى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى مولۇنغا ئوخشاش چاققان-ئەپچىل ئىدى. ئەنە، ئۇ مۈرىسى بىلەن زەمبىرەك چاقىنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ، بۇرۇلۇپ ئارقىدىكىلەرگە ۋارقىرىدى: «ئوق! تېز!» ئۇنىڭ ئاۋازى پارتىلاش ئاۋازى ئىچىدە يوقالدى.
       ئاپا، ئاشۇ مېنىڭ ئاتاممۇ؟- سورىدى ئاۋالبېك.
       نېمە؟- دېدى ئۇنىڭ ئانىسى دەرھال پەم قىلالماي،- ئولتۇر، گەپ قىلما. جىم ئولتۇرۇپ كۆر.
       سەن دېدىڭغۇ، ئاتاڭ دەپ.
       - ھە، ئاتاڭ. گەپ قىلما، باشقىلارنىڭ كىنو كۆرۈشىگە كاشىلا قىلما.
       ئۇ نېمىشقا شۇنداق دېدى؟ نېمىشقا؟ ئېھتىمال ئۇ ئوبدان ئويلىماي مۇنداقلا دەپ قويغان بولغىيتتى، ئېھتىمال ئۇ ئېرىنى ئەسلەپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندۇ. كىچىك بالىنىڭ كاللىسى ئاددى بولغاچقا راست دەپ قالغان بولسا كېرەك، ئۇ تولىمۇ خوشال بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۇيۇقسىز كەلگەن، تامامەن تونۇشسىز بولغان خوشاللىقتىن ئالاقىزادە بولۇپ، خاۋاتىرلىنىپ قالدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ جەڭچى بولغانلىقىدىن قالتىس پەخىرلىنىپ كەتتى. ئۇ ھەقىقى ئاتا! ئاۋالبېكنىڭ ئاتىسى. بالىلار دائىم ئۇنى ئاتىسى يوق دەپ مەسخىرە قىلاتتى. ئەمدى ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسىنى كۆرۈپ باقسۇنچۇ. قويچىلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن!
       قويچىلار، تاغ ئىچىدىكى تومپايلار بالىنىڭ كۆڭلىنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ-دە. ئاۋالبېك ئۇلارغا ياردەملىشىپ، قويلارنى يۇڭ قىرقىش مەيدانىدىكى ھويلىغا كىرگۈزۈشۈپ بېرەتتى. ئۇلارنىڭ مال ئىتلىرى بىر بىرى بىلەن تالىشىپ ئاجرىتىش قىيىن بولغان ۋاقىتلاردا، ئۇ ئاجرىتىپ قوياتتى. لېكىن بۇ قويچىلارنىڭ سورايدىغان سوئالى تۈگمەيتتى. ئات مىنىدىغان قويچىلار- دۇنيادا بۇنداق كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن مۇنداق سوئالنى سورىمايدىغىنى يوق:
       - ھەي كىچىك بەيگىچى. ئىسمىڭ نېمە؟
       - ئاۋالبېك.
       - كىمنىڭ بالىسى سەن؟
       -توختۇسۇننىڭ ئوغلىمەن!
       قويچىلار كىمنى دەۋاتقىنىنى دەررۇ پەرق ئېتەلمەي قالاتتى.
       -توختۇسۇننىڭ؟- دەپ سورايتتى ئۇلار.
       - قايسى توختۇسۇننىڭ ئوغلىمەن،- دەپ تەكرارلايتتى ئۇ.
       ئانىسى ئۇنىڭغا شۇنداق جاۋاب بېرىشنى ئۆگەتكەن ئىدى. ئەمما مومىسىمۇ ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى قۇلىقىغا قۇيۇۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ قۇلقىنى بىر نەچچە قېتىم قاتتىق سوزغان ئىدى...
       - ھە، توختا، توختا، سەن ھېلىقى ئايال تېلېفونىستنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟
       - ياق، مەن توختۇسۇننىڭ ئوغلى!- دەپ ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالاتتى ئۇ.
       شۇنىڭ بىلەن قويچىلار بۇنىڭ بۇنىڭ سىرىنى بىلىۋالدى.
       - توغرا، سەن توختۇسۇننىڭ ئوغلى! يارايسەن! مەن سېنى سىناپ باقاي دېگەنتىم. خاپا بولما، كىچىك بەيگىچى. بىز تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تاغدا تۇرىدىغان كىشىلەرمىز، سىلەر ئوت-چۆپكە ئوخشاش يۇقىرىغا ئۆسىسىلەر، شۇڭا سېنى بىردىنلا تونۇماي قېلىپتىمەن.
       شۇنىڭدىن كېيىن قويچىلار ئۇزاققىچە ئۇنىڭ دادىسىنى ئەسلەپ كەتتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ ياشلا تۇرۇپ ئالدىنقى سەپكە كەتكەن ئىكەن، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۇغۇ ھەنىمە بولسا بىر ئوغلىنى قالدۇرۇپتۇ. نۇرغۇن يىگىتلەر تېخى ئۆيلەنمەي تۇرۇپلا ئالدىنقى سەپكە كەتكەن ئەمەسمۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئىسمىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.
       لېكىن ھازىر، ئانىسى ئۇنىڭغا پەس ئاۋاز بىلەن «قارا ئاۋۇ سېنىڭ ئاتاڭ» دېگەن ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئېكراندىكى ھېلىقى جەڭچى ئۇنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالدى. بالا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئاتىسىدەك قارىدى. بۇ جەڭچىمۇ ھەقىقەتەن كېيىن ئانىسى چوڭايتىپ، رامكىغا ئېلىپ ئېسىپ قويغان سۈرەتتىكىدەك ئىسپاتكا كىيگەن ياش ئىدى.
       ئاۋالبېك بالىلىق كۆزى بىلەن ئاتىسىغا قارايتتى، ئۇنىڭ سېخى قەلبىدە ھېچقاچان ھېس قىلىپ باقمىغان ئاتا-بالا مۇناسىۋىتى ئۇرغۇيتتى. ئېكىراندىكى ئاتىسىمۇ ئوغلىنىڭ ئۆزىگە سەپسېلىۋاتقانلىغىنى كۆرگەندەك، كىنودا ئايان بولغان قىسقىغىنا ئۆمرىدە ئوغلىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىسا ئىكەن دەپ ئويلاۋاتقاندەك، ئالدىنقى قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان جەڭچى بولغان ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈ ئىپتىخارلىنىشىنى تىلەۋاتقاندەك ئىدى. ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، بالىنىڭ نەزىرىدە ئۇرۇشنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسە ئەمەسلىكى نامايان بولدى، كىشىلەرنىڭ يىقىلىۋاتقانلىغىنى كۆرگەندە كۈلگىسىمۇ كەلمەي قالدى. ئۇرۇش سۈرلۈك، دەھشەتلىك، كىشىلەرنى قورقىتىدىغان ئىش بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتتى. ئاۋالبېك ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى. ئۇ ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سېغىنىپ كېلىۋاتقان جان-جىگەر ئاتىسى- دە.
       كىنو ئاپپاراتى شىرىقلىماقتا، ئۇرۇش داۋاملاشماقتا، ئەنە، فاشىستلارنىڭ تانكىسى يەنە كەلدى. تانكىلار گۈلدۈرلەپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ زەنجىر تاپىنى يەرلەرنى تىلغاپ-تىلغاپ تاشلىدى. تانكىلار يول بويىچە زەمبىرەك ئېتىپ، كىشىگە دەھشەت سالاتتى. بىزنىڭ زەمبىرەكچىلىرىمىز بولسا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەمبىرەكلەرنى سۆرەپ، جىلغا باغرىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىمەكتە، «تېز،تېز! ئاتا، تانكا كەلدى، تانكا!» دەپ ئاتىسىنى ئالدىرىتاتتى ئوغلى. جەڭچىلەر زەمبىرەكنى ئاخىر يۇقىرىغا سۆرەپ چىقىپ، بىر چاتقاللىققا ئىتتىرىپ كىرگۈزدى-دە، تانكىغا قارىتىپ ئوت ئېچىشقا باشلىدى.تانكىلارمۇ قايتۇرما زەربە بەردى. تانكىنىڭ جىقلىغىدىن ھەقىقەتەن كىشىنىڭ تېنى شۈركىنەتتى.
       زەمبىرەك ئوقلىرى ئۇچۇپ، زەمبىرەكلەر گۈلدۈرلەپ تۇرغان چاغدا، بالا ئۆزىنىمۇ ئاتىسى بىلەن بىللە دەپ ھېس قىلاتتى. تانكىلارنىڭ قاپ-قارا ئىس تۈتەك ئىچىدە قېلىپ، گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقانلىقىنى زەنجىر تاپانلىرىنىڭ پارتلاپ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى، قاتار-قاتار قارىغۇ تاشپاقىدەك ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ غالجىرلارچە پىرقىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئانىسىنىڭ تىزىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتەتتى. جەڭچىلىرىمىزنىڭ زەمبىرەك ئالدىدا يىقىلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇ جىم، بولۇپ تۈگۈلۈۋالاتتى. جەڭچىلەر بارغانسېرى ئازىيىپ باراتتى. ئانىسى ئىسەدەيتتى، كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى.
       كىنو ئاپپاراتى شىرىقلىماقتا، ئۇرۇش داۋاملاشماقتا، جەڭ يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. تانكىلار بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، ئانىسى زەمبىرەك جازىسى ئالدىدا ئىڭىشىپ تۇرۇپ، دالا تېلېفۇن تۇرۇپكىسىغا بىر نىمىلەر دەپ قاتتىق ۋارقىراۋاتاتتى، لېكىن پارتىلىغان ئاۋاز ئىچىدە ئۇنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلانمايتتى. بۇ چاغدا يەنە بىر جەڭچى زەمبىرەك ئالدىدا يىقىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ، تۇرالماي، گۈپ قىلىپ يىقىلدى. قىپ-قىزىل قان بىر مۇنچە جاينى بويىۋەتتى. ئەمدى ئۇلاردىن ئاتىسى بىلەن يەنە بىر جەڭچىلا قالدى. ئوت يالقۇنىدىن كېيىنلا يەر-جاھاننى زۇلمەت قاپلايتتى. پەقەت ئۇنىڭ ئاتىسىلا يەردىن تۇرۇپ، يەنە زەمبىرەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئوقنى ئۆزى سېلىپ، ئۆزى قارىغا ئالدى. بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر زەمبىرەك ئىدى. ئېكران يەنە پارتلاشتىن ھاسىل بولغان ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدى. ئاتىسىنىڭ زەمبىرىكى پارتلىتىلىپ بىر چەتكە ئۇچۇرۇۋېتىلدى. بىراق ئۇ تېخى ھايات ئىدى، يۈزلىرى كۆيگەن ئىدى، كىيىمىدىن قارا ئىس چىقىپ تۇراتتى، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى قولىغا گرانات ئېلىپ، تانكىغا قاراپ ماڭدى.
       - توختا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىشنى خىيال قىلما!- ئۇ بىر تال گراناتنى تاشلىدى. ئۇنىڭ غەزەپ ۋە ئازابتىن پۈرۈشكەن يۈزلىرى شۇ ھامان قېتىپ قالغاندەك بولدى.
       ئانا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوغلىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. چۈنكى ئۇ، ئانىسىنىڭ قولىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا بارماقچى بولغان ئىدى، لېكىن تانكىدىن ئېتىلىپ چىققان ئوقلار بىلەن ئۇنىڭ ئاتىسى خۇددى پالتا چېچىلغان دەرەختەك ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭلا يىقىلدى. ئۇ يەردە بىر نەچچە دوملاپ، ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ، يەنە غۇلاچلىرىنى كېرىگەن پېتى ئوڭدىسىغا يىقىلدى...
       كىنو ئاپپاراتى شىرىقلاپ كېلىپ بىردىنلا توختىدى. جەڭ ئۈزۈلۈپ قالدى. تۈگىگەن لېنتا ئورنىغا يېڭى لېنتىنى سېلىش ئۈچۈن كىنو قويغۇچى چىراقنى ياقتى.
       قوي قوراسىدا ئېلېكتىر چىراقنىڭ يورۇشى بىلەن تەڭلا كۆپچىلىك كۆزلىرىنى ئاچالماي، ھە دەپ چىمچىقلىتاتتى. ئۇلارنىڭ پىكرى يەنە كىنودىكى دۇنيادىن، ئۇرۇشتىن ئۆزلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا قايتتى. دەل شۇ چاغدا ئاۋالبېك يۇڭ تايلىرى ئۈستىدىن ئورنىدىن تۇردى-دە، ئۈنلۈك قىلىپ ۋارقىرىدى:
       - ئاغىنىلەر، ئەنە ئاشۇ مېنىڭ ئاتام! كۆردۈڭلارمۇ؟ ھېلىلا ئۆلتۈرۈلگەن جەڭچى مېنىڭ ئاتام بولىدۇ...
       بالا خوشال ھالدا ۋارقىراپ ئېكرانغا قاراپ يۈگۈردى، ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى ئالدىدىكى قاتارلاردا ئولتۇرغاچقا، بېرىپ ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئاڭلىغۇسى كەلگەن ئىدى. مال قوراسىنىڭ ئىچى بىر دەملىك ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىتلىققا چۆمدى. ئۆز ئاتىسىنى كۆرۈپ باقمىغان بالىنىڭ بۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى كىشىلەر بىر مەھەل ئۇقالماي ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىشتى. بۇنىڭ قانداق ۋەقە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئۇقالماي، ھەيرانلىقتا مۈرىلىرىنى كۆتىرىپ قويۇشتى.كىنو لېنتىسىنىڭ قۇتىسى كىنو قويغۇچىنىڭ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ ئىككىگە ئايرىلىپ، يەردە دۈگۈلەپ كەتتى. بىراق، بۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلمىدى، ھەتتا كىنو قويغۇچىمۇ ئۇنى ئارقىدىن بېرىپ ئېلىۋالمىدى.
       لېكىن بالا، ئاشۇ قۇربان بولغان جەڭچىنىڭ ئوغلى بايىقىدەكلا ۋارقىراپ سۆزلىمەكتە ئىدى:
       - ھەممىڭلار كۆردۈڭلارغۇ، مېنىڭ ئاتام شۇ!... ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.- بالا كىشىلەرنىڭ گەپ قىلماي تۇرغىنىنى كۆرۈپ بارغانسېرى ھاياجانلىنىپ سۆزلەيتتى. ئۇ نېمە ئۈچۈن خەقلەرنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا خوشال بولماي، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن پەخىرلەنمەي تۇرغانلىقىنى زادى چۈشەنمەيتتى.
       چوڭ بىر كىشى توغرا تاپماي ۋارقىرىدى:
       - تىنچ... ئاغزىڭنى يۇم. ئۇنداق دېمە.
       باشقا بىرەيلەن ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردى:
       - نېمىشقا ئۇنداق دېگىلى بولمايدىكەن؟ ئۇنىڭ ئاتىسى ئالدىنقى سەپتە قۇربان بولۇپ كەتكەن تۇرسا، شۇنداقمۇ، ھە؟
       بۇ چاغدا يېنىدا تۇرغان بىر بالا ئاۋالبېككە بىرىنچى بولۇپ ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتتى:
       - ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ ئەمەس. نېمىگە چۇقان كۆتۈرىسەن؟ ئۇ زادىلا سېنىڭ ئاتاڭ ئەمەس. ئۇ دېگەن ئارتىس. ئىشەنمىسەڭ كىنو قويغۇچى ئاكامدىن سوراپ باق ئۆزەڭ.
       چوڭلار بالىنىڭ ئازابلىنىش بىلەن گۈزەل خىيالىنىڭ بەربات بولۇپ كېتىشىنى خالىماي، چەتتىن كەلگەن بۇ كىنو قويغۇچىنىڭ بالىغا ھازىرقى ئەمەلىيەت بويىچىلا جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. كۆپچىلىك بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى. لېكىن كىنو قويغۇچى لام-جىم دېمەي، ئۆزىنى ئاپپاراتنىڭ ئالدىدا نېمىگىدۇر ئالدىراشتەك قىياپەتكە سېلىپ تۇرۇۋالدى.
       - ياق، مېنىڭ ئاتام شۇ، مېنىڭ!- دېدى ئاۋالبېك تەن بەرمەي.
       كىم سېنىڭ ئاتاق؟ قايسىسى؟- دېدى يېنىدىكى يەنە بىر يىگىت.
       - قولىغا گرانات ئېلىپ تانكىغا قاراپ يۈگۈرگىنى. سەن كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ يىقىلدىغۇ... مانا مۇنداق!
       بالا يەرگە يىقىلىپ، دومىلاپ، ئاتىسىنىڭ يىقىلغان قىياپىتىنى دوراپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى كىنودىكىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى، ئۇ غۇلىچىنى كېرىپ، ئېكران ئالدىدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى.
       كىنو كۆرگۈچىلەر ئۆزلىرىنى تۇتالماي كۈلۈپ كېتىشتى. لېكىن ئۇ خۇددى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۈلۈپمۇ قويماستىن ياتاتتى.
       يەنە بىردەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
       - بۇ نېمە ئىش، نېمىگە قاراپ تۇرىسەن، رايگۈل؟- دېدى بىر قېرى قويچى موماي نارازى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئازابلانغان ئەممە جىددى قىياپەتتە، كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ ئوغلىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
       ئۇ ئوغلىنى يەردىن تارتىپ تۇرغۇزدى:
       - يۈر، قوزام، كېتەيلۇق. ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ،- دېدى ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن ۋە ئوغلىنى يىتىلىگەن پېتى قوي قورۇسىدىن چىقىپ كەتتى.
    ئاي خېلى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، يىراقتىكى تاغلار قارا كۆك  كېچە بوشلۇقىدا كۈمۈشتەك پارقىرايتتى، تاغ ئېتىكىدىكى كۆز يەتمەيدىغان ئوتلاق خۇددى تۈۋى يوق ھاڭدەك قاپ-قارا بولۇپ كۆرۈنەتتى...
    ئەنە شۇ چاغدا، ئاۋالبېك ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم جۇدالىق ئازاۋىنى بىلدى. ئۇ بىردىنلا، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئاتىسى ئۈچۈن ئۈچۈن ئەلەم تارتتى. كۆڭلى بۇزۇلدى، قايغۇردى. ئۇنىڭ ئانىسىنى قۇچاقلاپ، ئانىسى بىلەن بىرلىكتە خۇماردىن چىققىچە تازا بىر يىغلىغۇىسى كەلدى. لېكىن ئۇ ئۈندىمىدى، مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ، يېشىنى ئۈن-تىنسىز ئىچىگە يۇتتى.
    ئۇ ئاللىقاچان ئۇرۇشتا قۇربان بولۇپ كەتكەن ئاتىسىنىڭ ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، ئۆز قەلبىدە مەڭگۈ ياشاپ قالىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى.

        ----------------
                     
        («ئايتماتوف ئەسەرلىرىدىن تاللانما» نىڭ ئىككىنچى تومىدىن تەرجىمە قىلىندى)
        تەرجىمە قىلغۇچى: نۇرمۇھەممەت دۆلەتى
       

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.