مارس مەلىكىسى(5-باپ)

يوللىغۇچى : Oghuz-han يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 22:26:00

بەشىنچى باپ نازارەتچى ئىتتىن قۇتۇلۇش سولا مەخلۇقنىڭ كۆزىگە تىكىلىگىنىچە مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ نەچچە ئېغىز بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كىيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . مەن ئەجەپلەنمەي تۇرالمىدىم، بۇنداق بەتب...

    بەشىنچى باپ

        نازارەتچى

        ئىتتىن قۇتۇلۇش سولا مەخلۇقنىڭ كۆزىگە تىكىلىگىنىچە مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ نەچچە ئېغىز بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن كىيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى . مەن ئەجەپلەنمەي تۇرالمىدىم، بۇنداق بەتبەشىرە، ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدىغان مەخلۇق بىلەن يالغۇز قالغاندا قانداق قورقۇنۇچلۇق ئىش يۈز بېرەر دەپ تەشۋىشكە چۈشتۈم. ئەمما ئەنسىرىشىمنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ چىقتى.  بۇ مەخلۇق ماڭا بىردەم تىكىلىپ قارىغاندىن كىيىن ئۆينىڭ بىردىن بىر چىقىش ئېغىزىغا بېرىپ سوزۇلۇپ يىتۋالدى. بۇ مېنىڭ  مارسقا كەلگەندىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئىتنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىم ئىدى. بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرقىسى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى يېشىل تەنلىك مارسلىقلارنىڭ ئەسىرى بولغان چاغلىرىمدا بۇ ئەبلەخ مېنى باشتىن - ئاخىر ئىنچىكە نازارەت قىلىپ كەلدى.

         ئىككى قىتىم ھاياتىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، ئەمما مەندىن بىرەر  قېتىممۇ ئۆز مەيلىچە ئايرىلىپ باقمىدى. سولا كەتكەندىن كىيىن مەن تۇرۋاتقان ئۆينى تەپسىلى كۈزۈتۈپ چىقتىم.  تامدىكى رەسىمگە ئادەمنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرە، تاغلار، دەريا، دېڭىز- ئوكيان،  ئوتلاق، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ، ئەگىرى - بۈگىرى يوللار ھەم قوياش نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان گۈللۈك چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش دەل يەر شارى ئادەملىرىنىنىڭ ئوي - پىكرى ۋە تەسەۋۋۇرى بۇيىچە سىزىلغان ئىدى. پەقەت ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەڭگى يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن زور پەرق قىلاتتى.  بۇ رەسىمنى شەك - شۈبھىسىز داڭلىق بىر رەسسام ئىجات قىلغان بولۇپ ئىچىدىكى ئوبرازلار ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ناھايىتى يوقىرى ماھارەت بىلەن مۇكەممەل قىلىپ سىزىلغان  ئىدى. شۇنىسى ھەممىلا رەسىمگە بىرمۇ ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ئوبرازى چۈشۈرۈلمىگەن ئىدى. بۇ نۇقتا ئادەمنى ئەجەپلەندۈرەتتى.             

           شۇنداقتىمۇ بۇ رەسىملەردىن مارسنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىكى ئاللىقاچان غايىپ بولغان، ئۇنتۇلغان يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەس ئىدى. مېنىڭ ئوي پىكىرلىرىم چېچىلىپ مارستا يولۇققان غەلىتە ئىشلارنىڭ چۈشەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلۋاتقان چىغىمدا سولا يىمەكلىك ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ئۇ يىمەكلىكنى يېنىمغا قويۇپ مېنىڭدىن بىرنەچچە فوت يىراقلىقتىكى يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ تۇردى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىك ئالاھىزەل بىر قاداق ئېغىرلىقتىكى قاتتىق جىسىم بولۇپ قىتىققا ئوخشاپ قالاتتى. مەن ئۇنىڭ تەمىنى بىلەلمىدىم.  ئىچىملىك قاراشتىنلا مەلۇم بىر ھايۋاننىڭ سۈتى بولۇپ قىرتاق بولسىمۇ تەمى يامان ئەمەس ئىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي مەن بۇ ئىچىملىككە  يوقىرى باھا بېرىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم. كىيىنچە بۇ سۈتنىڭ ھايۋاننىڭ ئەمەس (چۈنكى مارستا پەقەت بىر خىللا سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىكەن) ئەكسىچە بىر خىل ئۈسۈملۈكتىن ئاجرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدىم. بۇ خىل ئۈسۈملۈك سۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆسىدىغان بولۇپ تۇپراق تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق، ھاۋادىكى نەملىك ۋە قوياش نۇرىدىن مول سۈت قىيامى ھاسىل قىلىدىكەن ھەم ھەر كۈنى خېلى كۆپ سۈت قىيامى ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. قۇرسۇقۇم تويغاندىن كىيىن بەدىنىمگە ماغدۇر كىرگەندەك ھىس قىلدىم. قاتتىق چارچىغانلىقتىن بولسا كېرەك يەردە سوزۇلۇپ يىتىپ بىردەمدىلا ئۇيقىغا كېتىپتىمەن. بىر نەچچە سائەت ئۇخلىغان بولسام كېرەك ئۇيغانسام قاراڭغۇ چۈشۈپ كىتىپتۇ.  ئۆزەمنى ناھايىتى توڭلىغاندەك ھىس قىلدىم. بىراۋنىڭ بىر پارچە مۇيلۇق تېرىنى تاشلاپ بەرگەنلىكىنى تۇيدۇم. 

         مويلۇق تېرە ئۈستۈمگە تازا تولۇق يىپىلمىغان ئىدى. قاراڭغۇلۇقتا ھىچنىمىنى كۆرەلمىگىنلىكىمدىن ئامالسىز مۇشۇنداق يىتىشقا مەجبور بولدۇم. تۇيۇقسىز بىر قول سوزۇلۇپ كىلىپ تېرىنى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئوبدان يىپىپ قويدى ھەم يەنە بىرنى قوشۇپ قويدى. مەن مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلۋاتقان ئادەمنىڭ سولا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. مەن خاتالاشمىغان ئىدىم. مەن ئۇچراشقان بارلىق يېشىل تەنلىكلەر ئىچىدە پەقەت مۇشۇ ئاياللا ماڭا ھىسداشلىقىنى، مۇلايىم ۋە مىھرىبالىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ باشتىن ئاخىرى شۇنداق قىلدى، ئۇنىڭ مىننەتسىز مىھرىبانلىقى بىلەن مەن نۇرغۇن جاپا - مۇشەقەتنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالدىم.  ئۇ مېنى ھەر دائىم ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇراتتى، ماڭا ياردەم قىلاتتى.  مارسنىڭ كېچىسىنى ناھايىتى سوغۇق ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىشكە باشلىدىم. مارستا كەچقۇرۇن ۋە تاڭ سەھەر مەزگىلى مەۋجۇت بولمىغاچقا تېمپىراتورىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تۇيۇقسىز بولۇپ كۈندۈزى  كىرپىك قاققىچە بولغان ۋاقت ئىچىدە قاراڭغۇ كېچىگە ئايلىنىپ قالاتتى. بۇنداق ھالەت  كىشىگە ناھايىتى يىقىمسىز تەسىر بېرەتتى.  كېچىسى يا سۈزۈك يا بولمىسا زۇلىمەت قاپقاراڭغۇ  بولاتتى. مارستا ئىككى ئاي بار ئىكەن. ئەگەر ئىككى ئاينىڭ بىرىمۇ چىقمىسا زۇلمەت قاراڭغۇچىلىق باشلىنىپ كىتىدىكەن. مارستا ئاتمۇسفورا قاتلىمى شالاڭ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاتمۇسفىرا قەۋىتى ناھايىتى نېپىز بولغاچقا يۇلتۇزلار چىقارغان يورۇقلۇقىنى قايتۇرالمايدىكەن. ئەگەر ئىككى ئاي تەڭلا چىقسا يەر يۈزى كېچىدىمۇ ئاجايىپ يارقىن بولۇپ كىتىدىكەن. مارستىكى ئىككى ئاينىڭ مارستىن يىراقلىقى بىزنىڭ يەرشارىدىكى ئايدىن كۆپ يىقىن بولۇپ، ئەڭ يىقىن ئاينىڭ مارس يۈزىدىن ئىگىزلىكى بەش مىڭ  ئېنگېلىز مىل، ئەڭ يىراقتىكىسىنىڭ ئون تۆت مىڭ ئېنگېلىز مىلىدىن كۆپەرەك كىلىدىكەن. ئەمما بىزنىڭ ئاي شارى يەر شارىدىن ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ ئېنگېلىز مىل يىراقلىقتا.  مارستىكى ئەڭ يىقىن ئاينىڭ مارسنى بىر دەۋر قىلىپ ئايلىنىشى ئۈچۈن يەتتە يېرىم سائەت ۋاقت كىتىدىكەن . شۇڭا ئاقار يۇلتۇزدەك بىر كىچىدە ئىككى - ئۈچ قىتىم مارس ئاسمىنىدىن ئۆتۈپ بۇ جەرياندا  ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەرخىل يوللىرىنى كۆرسىتىدىكەن.

           يىراقتىكى ئاينىڭ مارسنى بىر دەۋر قىلىپ ئايلىنىشىغا يىگىرمە سائەت ئون بەش مىنۇت ۋاقت كىتىدىكەن. بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ مارسنىڭ كېچە مەنزىرىسىنى ئاجايىپ سىرلىق ۋە غەلىتە ھالەتكە كىرگۈزىدىكەن.  تەبىئەتنىڭ مارسنىڭ كېچىسىنى بۇنداق ئەپچىللىك بىلەن يورۇتىشى ھەقىقەتەن ياخشى ئىش. چۈنكى يېشىل تېرىلىك مارسلىقلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى تېخى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلمىغان كۈچمەن مىللەت بولۇپ قوپال يورۇتۇش قوراللىرىغا، مەشئەل، شام چىراق، ماي چىراق قاتارلىقلارغا تايىنىدىكەن. ماي چىراق بىرخىل ئالاھىدە گاز چىقىرىپ پىلىك بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يانىدىكەن. ماي چىراققا كىتىدىغان تەبئى ماينى پەقەت بىرقانچە ماي بار دەپ پەرەز قىلىنغان ئورۇننى قازغاندىن كىيىنلا بىرەرسىدىن تاپقىلى بولىدىكەن.  ماي مەنبەسى ئىنتايىن شالاڭ، تۇرۋاتقان ئورۇنغا ناھايىتى يىراق بولغاچقا ئۇلار بۇ چىراقنى ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىدىكەن.  مارسلىقلار بۈگۈننىلا ئويلاپ جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمىغاچقا  نەچچە ئەۋلاتتىن بۇيان مۇشۇنداق يېرىم ياۋايى ھالەتتە قىلىۋېرىپتۇ. سولا ئۈستۈمگە مۇيلۇق تېرىنى يىپىپ قويغاندىن كىيىن مەن يەنە ئۇيقىغا كىتىپ تاكى تاڭ يورىغاندىلا كۆزۈمنى ئاچتىم.  ئويغانسام بۇ ئۆيدە مەندىن باشقا بەش مارسلىق ئۇخلاۋاتقان بولۇپ ھەممىسىلا ئايال ئىدى. ئۇلار ئۈستىگە رەڭگى - تۈرلۈك تاۋار - دۈردۈن ۋە تېرە يىپىۋاپتۇ. پەقەت سوزۇلۇپ ياتقان نازارەتچى مەخلۇقلا سەگەك بولۇپ ئالدىنقى ئاخشىمى قانداق ياتقان بولسا ھازىرقى ھالىتىمۇ شۇنداق بولۇپ، مەندىن كۆزىنى ئۈزمەيتى. ئەتراپنى بىر قۇر كۆزەتكەندىن كىيىن  كاللامدىن دەرھال قىچىپ كەتسەم قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقار دىگەن ئوي كەچتى. تاشقىرىدا ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. مەن تەۋەككۈلچىلىكنى ، كۆپ ئادەملەر قاراملىق قىلىپ بېرىشنى خالىمايدىغان يەرلەرگە بېرىپ ئىكىسپىدىسىيە قىلىشنى ياقتۇراتتىم. بۇ ھايۋاننىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى بۇ ئۆيدىن ئايرىلىش ئىدى . شۇڭا مەن توغرا مۆلچەرلەپ، مۇبادا ئۆيدىن قىچىپ چىققاندا ئۇ مېنى قوغلاپ قالسا ئۇنى تاشلىۋىتەلىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئۆزەمنىڭ سەكرەش ماھارىتىمدىن رازى ئىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ قىسقا پۇتلىرىنىڭ سەكرەشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھەم يۈگۈرەشكە ماھىر ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم.

         مەن ئاستا ئورنىمدىن تۇرغىنىمدا نازەرەتچى ئىتمۇ تەڭلا ئورنىدىن تۇردى. مەن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئونىڭغا قاراپ يىقىنلاشتىم ھەم پۇتنى يەرگە سورەپ ماڭغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تېز ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى ھس قىلدىم. ئونىڭغا يىقىنلاشقاندا ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن كەينىگە چىكىندى.  ئىشىككە يىقىنلاشقاندا بىر چەتكە سۈرۈلۈپ ماڭا يول بەردى، ئەمما ماڭا ئەگىشىپ كەلدى . جىمجىت كوچىدا كىتۋاتقىنىمدا ئۇ مەندىن ئون قەدەم ئارلىق ساقلاپ ئەگىشىپ كىلىۋەردى. مەن ئونىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى مېنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەنمەي ئالدىمغا قاراپ ماڭىۋەردىم. مەن شەھەرنىڭ چىتىگە كەلگەندە ئىت تۇيۇقسىز  مېنىڭ ئالدىمغا سەكرەپ ئۆتۈپ ماڭا قاراپ غەيرى بىرخىل قاۋىغان ئاۋاز چىقىرىپ بەتبەشىرە چىشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۋالدى. مەن ئونى  سىناپ بىقىش مەقسىتىدە ئونىڭغا قاراپ باستۇرۇپ كەلدىم ۋە تىگىپ كىتەي دىگەندە يوقىرىغا بىرلا سەكرەپ شەھەر سىرتىدىكى خېلى يىراق بىر يەرگە چۈشتۈم. بۇ مەخلۇقمۇ بۇرۇلۇپلا مەن قىياس قىلىپمۇ باقمىغان تېزلىك بىلەن ماڭا ئىتىلىپ كەلدى. مەن ئەسلى ئونىڭ پۇتى قىسقا بولغاچقا يۈگۈرەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ سۈرئىتى ھىلىگەر تۈلكە بىلەن مۇسابىقىلەشكىدەكلا تېز بولۇپ يېنىمغا كەلگەندىن كىيىن خۇددى ئۆيدىكىدەك بىردىنلا مۇلايىملىشىپ قالدى.  كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ مەخلۇق مارستىكى يۈگرەش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھايۋاندەك قىلاتتى. كىيىن مەن ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بىلەن ئەقىللىق، سادىق ھەم باتۇرلىقىنى چۈشەندىم. شۇڭا يېشىل تەنلىكلەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن ئوۋ ئوۋلاش، جەڭ قىلىش ۋە قوغداش قاتارلىق ئىشلارغا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن. ئەگەر داۋاملىق تۈز سىزىق بۇيىچە يۈگرىۋەرسەم ئونىڭ ئۈتكۈر چىشلىرىدىن قىچىپ قۇتۇلۇشنىڭ تەسلىكى كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن سۇنۇق سىزىق شەكىلىدە يۈگۈرەپ ئۇنىڭ ئىتىلىپ كىلىشىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدۇم. ئۇ نەچچە قىتىم ماڭا يىتىشۋالغاندا مەن ئونىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتتىم.

          بۇ ئىستىراتىگىيە ماڭا ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن شەھەرگە يىتىپ بارالايتىم. ئۇ مىنى ئۇچقاندەك قوغلاپ كەلگەندە مەن سەكرەپلا يەر يۈزىدىن ئوتتۇز فوت ئىگىزلىكتىكى بىر دىرىزىگە چىقىۋالدىم. بۇ تاغ جىلغىسىغا يانداشتۇرۇپ سىلىنغان بىر بىنانىڭ دىرىزىسى ئىدى. مەن ئالدى بىلەن دىرىزىنىڭ تەكچىسىنى تۇتىۋىلىپ ئاندىن بىرلا تارتىپ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۋالدىم. بىنا ئىچىدە نىمە بارلىقىغا دىققەت قىلماي پەستىكى قوغلاپ كىلۋاتقان مەخلۇققا تىكىلىپ تۇردۇم. مېنىڭ خۇشاللىقىم ئۇزاققا بارمىدى. مەن ئۆزۈمنى دىرىزىگە ئەمدىلا  جايلاپ تۇرۇشىمغا ئىچىدىن يوغان بىر قول چىقىپ گىلىمدىن تۇتۇپ ئۆي ئىچىگە غەزەپ بىلەن تارتىپ ئەكىرىپ پولغا تاشلىۋەتتى. ئالدىمدا تۇرغىنى غايەت زور ئادەمسىمان مايمۇنغا ئوخشاش بىر ھايۋان  بولۇپ بىشىدىكى بىر تۇتام قىسقا تۈكنى ھىساپقا ئالمىغاندا پۈتۈن بەدىنى قار رەڭگىدە ئاق ئىدى.

     ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:45:18]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.