فىرانسىس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى(ھېمىڭۋاي)

يوللىغۇچى : asatamat يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-02 17:25:03

فىرانسىس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى(ھېكايە)ئېرنىست ھېمىڭۋاي (ئامىرىكا)ئەسئەت ئەمەت تەرجىمىسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىدى. ئۇلار تاماق ھىدىرىدىكى قوش قەۋەتلىك يېشىل كاناپنىڭ ئاستىدا ھېچ...

    فىرانسىس ماكومبىنىڭ قىسقىغىنا كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى
    (ھېكايە)
    ئېرنىست ھېمىڭۋاي (ئامىرىكا)
    ئەسئەت ئەمەت تەرجىمىسى


      چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىدى. ئۇلار تاماق ھىدىرىدىكى قوش قەۋەتلىك يېشىل كاناپنىڭ ئاستىدا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرۇشتى.
     ـ ئاپلىسىن سۈيى ئىچەمسەن ياكى گازلىق لىمون سۈيىمۇ؟ ـ سورىدى ماكومبى.
     ـ ئاپلىسىن سۈيى قوشۇلغان گىملىت ھارىقى ئىچەي، ـ دېدى روبېرىت ۋىلسون.
     ـ مەنمۇ بىرئاز ئىچەي، ماڭىمۇ ئاپلىسىن سۈيى قوشۇلغان گىملىت ھارىقىدىن بولسۇن، ـ دېدى ماكومبىنىڭ خوتۇنى.
     ـ تازا مۇۋاپىق بولدى، ـ دېدى ماكومبى قوشۇلۇپ، ـ ئۇنىڭغا دېگىن، ئۈچ رۇمكا ئاپلىسىن سۈيى قوشۇلغان گىملىت ھارىقى كەلتۈرسۇن. كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان چاكار سوغۇق ساقلايدىغان كاناپ خالتىدىن ھاراق ئېلىپ تەڭشەشكە كىرىشتى. شامال چىدىر تىكىلگەن دەرەخلىقتىكى خالتىنى ئىغاڭلىتاتتى، بوتۇلكىلاردىن سۇ تامچىلايتتى.
     ـ ئۇلارغا نەچچە پۇل بېرەي؟ ـ سورىدى ماكومبى.
     ـ بىر فونتسىتىرلىڭ يېتەرلىك، ئۇلارنى يامان ئۆگىتىپ قويما، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ خوجايىنى ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟
     ـ ئەلۋەتتە.
    يېرىم سائەت بۇرۇن ئاشپەزلەر، چاكارلار، ياۋايى ھايۋان تېرىسىنى سويغۇچىلار ۋە ھامماللار ماكومبىنى لاگىرنىڭ چەت ياقىسىدىن چىدىرغا كۆتۈرۈشۈپ كەلگەن. قورال كۆتۈرگۈچىلەر بۇ سەپكە قاتناشمىغان، يەرلىك چاكارلار ئۇنى چىدىرنىڭ ئالدىدا يەرگە چۈشۈرگەن، ئۇ ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەبرىكىنى قوبۇل قىلغان، ئاندىن كەپىگە كىرىپ كارىۋىتىدا تاكى خوتۇنى كىرگىچە ئولتۇرغان. خوتۇنى كىرىپ ئۇنىڭغا گەپ-سۆز قىلمىغان؛ ئۇ سىرتقا چىقىپ يۈز-كۆزىنى يۇغان، ئاندىن تاماق چېدىرىغا كىرىپ دەرەخ سايىسىدىكى كاناپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىدى.
     ـ قالتىس بىر شىر ئوۋلىدىڭ-دە، ـ دېدى روبېرت ۋىلسون.
    ماكومبى خانىم ۋىلسونغا لاپپىدە قاراپ قويدى. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق، ئۆزىنى ئوبدان كۈتكەن بىر ساھىبجامال ئىدى. بەش يىل ئىلگىرى چىرايى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا تايىنىپ، ئۆزى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان بىر گىرىم بويۇمىنىڭ ئېلان سۈرىتىگە چىقىپ بەش مىڭ دوللار ئېلان ھەققىگە ئېرىشكەن. فىرانسىس ماكومبىغا ياتلىق بولغىنىغا ئون بىر يىل بولغانىدى.
     ـ ئۇ بىر ئوبدان شىر، توغرىمۇ؟ ـ دېدى ماكومبى. شۇ پەيتتە خوتۇنى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ بۇ ئىككى ئەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك قارايتتى.
    ۋىلسون ئاقتەنلىك ئوۋچى ئىدى ① ئۇلار ئىلگىرى تونۇشمايتتى. ئۇ ئوتتۇرا بوي، چېچى قىزغۇچ سېرىق، ساقال بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، يۈزى قىزىل ئىدى، كۆك كۆزى تولىمۇ سوغۇق كۆرۈنەتتى. كۈلگەندە كۆز قۇيرۇقىدىكى ئىنچىكە قورۇقلار غەلىتىلا چوڭقۇرلىشاتتى. شۇ تاپتا ئۇ ماكومبى خانىمغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ماكومبى خانىمنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭ يۈزىدىن كەڭ كالتە چاپىنى يېپىپ تۇرغان يانپاش مۈرىسىگە يۆتكەلدى. چاپاننىڭ سول مەيدە يانچۇقىنىڭ ئورنىغا بىر تال تاسما تىكىلگەن، تاسما ئارىسىغا تۆت تال چوڭ ئوق قىستۇرۇلغانىدى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قارىداپ كەتكەن قوللىرىغا، كونا شىمىغا، پاسكىنا ئايىقىغا، ئاندىن يەنە قىزىل يۈزىگە قارىدى. ئۇنىڭ كۈن كۆرۈپ قىزىرىپ كەتكەن يۈزىدىكى ئاق چەمبىرەك ئىزغا دىققەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ سىتانسون قالپىقىدىن قالغان ئىز ئىدى، بۇ قالپاق كەپىنىڭ تۈۋرۈكىدىكى ياغاچ مىخقا ئېسىقلىق ئىدى.
     ـ قېنى، شىر ئوۋلىغىنىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى، ـ دېدى روبىرت ۋىلسون. ئۇ ماكومبى خانىمغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. ئەمما خانىمنىڭ ئازراقمۇ كۈلگىسى يوق، ئېرىگە غەلىتە قاراپ تۇراتتى.
    فىرانسىس ماكومبىنىڭ بويى ناھايىتى ئېگىز، ئۇستىخاننىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ھېسابلاپ ئولتۇرمىغىنىڭىزدا ئۇ قامەتلىك، تېرىسى ساغلام، چېچى كېمىچىلەرنىڭكىدەك قىسقا، كالپۇكى ناھايىتى نېپىز، كېلىشكەن ئادەم ئىدى. ئۇمۇ ۋىلسوننىڭكىدەك ئوۋچىلار كىيىمى كىيگەن، ئەمما ئۇنىڭ يېڭى؛ ئۇ ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەن، ناھايىتى ساغلام، مەيداندا ئوينىلىدىغان توپ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماھىر، نۇرغۇن چوڭ بېلىقلارنى تۇتقان، ئەمما بايا كىشىلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىر توخۇ يۈرەك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى.
     ـ شىر ئوۋلىغىنىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى، ـ دېدى ئۇ، ـ بايا قىلىپ بەرگەن ئىشىڭ ئۈچۈن ساڭا مەڭگۈ رەھمەت ئېيتسام ئەرزىيدۇ.
     ـ ئۇ شىر توغرىسىدا سۆزلەشمەيلى، ـ دېدى ئۇ.
    ۋىلسون مارگارىتقا سەپ سالدى، ئۇنىڭ ئازراقمۇ كۈلگىسى يوق ئىدى، ئەكسىچە مارگارىت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.
     ـ بۈگۈن غەلىتە بىر كۈنمۇ قانداق، ـ دېدى مارگارىت، ـ چۈشتە كاناپ چىدىردا تۇرغاندىمۇ قالپاق كىيىۋېلىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟ سىز ماڭا شۇنداق دېگەن.
     ـ كىيىۋالساممۇ بولىدۇ.
     ـ بىلىسىز، سىزنىڭ قىپقىزىل يۈزىڭىز بار. ۋىلسون ئەپەندى، ـ دېدى مارگارىت يەنە كۈلۈمسىرەپ.
     ـ بۇ ھاراقنىڭ تەسىرى، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ فىرانسىس شۇنداق كۆپ ئىچىدۇ، لېكىن يۈزى ھېچقاچان قىزىرىپ باقمىغان، ـ دېدى ئۇ.
     ـ بۈگۈن قىزاردى، ـ دېدى ماكومبى قىزىقچىلىق قىلىشقا تىرىشىپ.
     ـ ياق، ـ دېدى مارگارىت، ـ بۈگۈن مىنىڭكى قىزاردى. بىراق ۋىلسون ئەپەندىنىڭ ئەزەلدىن قىزىل.
     ـ بۇ قانداشلىققا مۇناسىۋەتلىك، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ھەي، مېنىڭ چىرايلىق يۈزۈمنى پاراڭ تېمىسى قىلىۋالمىسىڭىز قانداق.
     ـ بۇ گەپنى تېخى ئەمدىلا قىلىۋاتىمەنغۇ.
     ـ بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشمەيلى، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ پاراڭلىشىشمۇ شۇنچە تەسلىشىپ كەتتى، ـ دېدى مارگارىت.
     ـ ئەخمەقلىق قىلمىسىڭىزچۇ، ماگى ـ ① دېدى ئۇنىڭ ئېرى.
     ـ ھېچقانچە قىيىنچلىق تارتمايلا، ـ دېدى ۋىلسۇن ـ قالتىس بىر شىر ئوۋلىدۇق.
    ماگى ئۇ ئىككىسىگە قارىدى. ئۇ ئىككىسى ئۇنى ھازىرلا يىغلىتىۋىتىدىغاندەك ھالەتتە كۆردى. ۋىلسوننىڭ بۇنى بايقىغىنىغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغان، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقۇپ تۇراتتى. ماكومبى ئاللىقاچان قورقماس بولۇپ قالغانىدى.
     ـ مەن بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمەن. ھەي، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمەن، ـ مارگارىت شۇنداق دېگىنىچە چىدىرغا قاراپ ماڭدى. يىغا ئاۋازى ئاڭلانمىدى، لېكىن قىزىل ئەتىرگۈل رەڭلىك كۆينىكىنىڭ ئاستىدىكى مۈرىسى تىنماي تىترەيتتى.
     ـ ئاياللار ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئوڭاي تېرىكىدۇ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئۇزۇنتۇراغا قاراپ، ـ بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس. نېرۋىسى جىددىيلىشىپ ئىشنى چوڭايتىۋېلىۋاتىدۇ.
     ـ ھېچقىسى يوق، ـ دېدى ماكومبى ـ مەن بۇ ئىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئازابلىنىدىغان ئوخشايمەن.
     ـ قۇرۇق گەپ قىلما، كۈچلۈكرەك ھاراق كەلتۈرەيلى، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەيلى، ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىش بولغىنى يوق.
     ـ سىناپ باقساق بولىدۇ، ـ دېدى ماكومبى، ـ بىراق ماڭا قىلپ بەرگەن ئىشىڭنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن.
     ـ ھېچقىسى يوق، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئامال بار قۇرۇق گەپنى ئاز قىلايلى.
    ئۇلار دەرەخ سايىسىدا ئولتۇراتتى. لاگىر ئۆيلىرى بىرنەچچە تۈپ باراقسان ئاكاتسىيە دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكىلگەن، دەرەخلىكنىڭ كەينى يۇمۇلاق تاشلار بىلەن تولغان يارلىق ئىدى. بىر پارچە ئوتلاق دەريا بويىغىچە سوزۇلغان، دەريانىڭ ئاستى يۇمۇلاق تاشلىق، ئۇ يېقى ئورمانلىق ئىدى. ئۇلار سوغۇقلىقىدىن تولىمۇ ئىچىشلىك بولۇپ كەتكەن ئاپلىسىن سۈيى قوشۇپ تەڭشەلگەن گىملىت ھارىقى ئىچىپ ئولتۇراتتى. چاكارلار تاماق ئۈستىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقاندا ئۇ ئىككىسى كۆزلىرىنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ئامال بار ساقلاندى. ۋىلسون ئاشۇ چاكارلارنىڭ ھەممىنى بىلىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ماكومبىنى كۈتىدىغان خىزمەتكارنىڭ شىرەگە تەخسە قويۇۋېتىپ بىر خىل غەلىتە نەزەر بىلەن خوجايىنغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سىۋاھلى تىلى① دا غەزەپ بىلەن تىللىۋەتتى. خىزمەتكارنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
     ـ ئۇنىڭغا نېمە دېدىڭ؟ ـ سورىدى ماكومبى.
     ـ ھېچنېمە، چەبدەسرەك بولمىساڭ ئون بەش دەررە يەيسەن، دېدىم.
     ـ نېمە بىلەن ئۇرىسەن، قامچە بىلەنمۇ؟
     ـ بۇنداق قىلىش قانۇنغا خىلاپ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قىلىشقا بولسا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
     ـ سەن يەنىلا ئۇرامسەن؟
     ـ ھە، ياق، ئۇلار ئەرز قىلسا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بىراق ئۇلار ئەزەلدىن ئۇنداق قىلمىدى، ئۇلار تاياق يېيىشكە رازىكى ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قېلىشقا رازى ئەمەس.
     ـ نېمانچە غەلىتە.
     ـ راستىنى ئېيتقاندا بۇنىڭ ئازراقمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ـ دېدى ۋىلسۇن، ـ ئۇلارنىڭ ئورنىدا سەن بولساڭ تىرەك تىلى بىلەن قاتتىق ساۋىلىش ياكى ئىش ھەققى ئالالماسلىقنىڭ قايسىسىنى تاللىغان بولاتتىڭ؟
    ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ بىردىنلا ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. ماكومبىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا:
     ـ ھەممىمىز ھەر كۈنى تاياق يەپ تۇرىمىز. ئۆزۈڭ بىلىسەن، سەۋەب دېگەن تېپىلىپ تۇرىدۇ.
    ئۇ سۆزلىگەنسېرى گېپى قاملاشماي قېلىۋاتاتتى. «ۋاي خۇدايىم، ـ دەپ ئويلىدى ئۇ، ـ مەن بىر دىپلومات بولۇپ قالدىممۇ نېمە؟»
     ـ شۇنداق بىز تاياق يەپ تۇرىمىز، ـ دېدى ماكومبى ئۇنىڭغا يەنىلا قارىماي، ـ مەن شىرنىڭ ئىشىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىمەن. بۇ ئىش پۇر كەتمىسە بولاتتى. بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلىپ قالمىسا بولاتتى دېمەكچىمەن، بولامدۇ؟ ـ ماساكا كولوبىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئالماسلىقىمنى دېمەكچىمۇ سەن؟ ـ ۋىلسون ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قارىدى. ئۇ ماكومبىنىڭ بۇنداق دېيىشىنى ئويلىمىغانىدى. «ئۇ ئەسلىدە توخۇ يۈرەك بولۇپلا قالماي يەنە پەسكەش قۇرت ئىكەن» دەپ ئويلىدى ۋىلسون، ـ «مەن ئۇنى يەنىلا ياقتۇرىمەن، لېكىن بىر ئامېرىكىلىقنى كىممۇ چۈشىنىپ يېتەلىسۇن؟»
     ـ ئۇنداق بولمايدۇ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ مەن بىر كەسپىي ئوۋچى، بىز ئەزەلدىن خېرىدارلىرىمىزنى سۆھبەت تىمىسى قىلمايمىز. خاتىرجەم بول، بىراق پاراڭلاشمايلى دېسەك بۇ بىر بولمىغۇر گەپ.
    ماي تارتىشىپ قالسا ئادەم كۆپ ئەركىن بولۇپ قالىدىكەن» دەپ ئويلىدى ئۇ. شۇنداق بولغاندا ئۇ يالغۇز تاماق يېيەلەيتتى. تامىقىنى يىگەچ كىتاب ئوقۇيالايتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭكىنى يىيىشەتتى. ئوۋغا چىققاندىلا ئۇلارنى ئۇچرىتاتتى. بۇ بىر ناھايىتى رەسمى يوسوندىكى ئۇچرىشىش بولۇپ گىرانسىيىلىكلەر بۇنى نېمە دەيتتى ـ يۈكسەك ئېھتىرام. بۇنداق قىلىش مەنىسىز ھېسسىيات ماجراسىغا تاقابىل تۇرۇشتىن كۆپ ئەۋزەل ئىدى. ئۇ ئۇنى ھاقارەتلىسە ئۇلار دەرھال ماي تارتىشىدۇ، شۇنداق بولغاندا ئۇ تامىقىنى يىگەچ كىتىپىنى ئوقۇيالايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ۋىسكىسىنى ئچەلەيدۇ. بۇ خېرىدار بىلەن ياردەمچى ئوۋچىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئادەت سۆزى سەن بىرەر ئاقتەنلىك ئوۋچىغا ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭدىن «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەپ سورىساڭ، ئۇ «ھەي، مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ ۋىسكىسىنى ئىچىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەرسە سەن بۇنىڭدىن ئەھۋالنىڭ نەقەدەر يامانلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالالايسەن.
      كەچۈرگىن، ـ دېدى ماكومبى ئامېرىكىلىقلارغا خاس يۈزىنى كۆتۈرۈپ ۋىلسونغا قاراپ، بۇ يۈز ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندىمۇ يەنىلا بالىلارچە ھالەتتە بولاتتى. ۋىلسون ئۇنىڭ ماتروسلارنىڭكىدەك قىسقا چېچىغا، چىرايلىق كۆزىگە، (بۇ كۆز ئۇنىڭدىن سەل ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇراتتى) قاملاشقان بۇرنىغا، نىپىز كالپۇكى ۋە كۆركەم ئىڭىكىگە قارىدى، ـ كەچۈرگىن، بىلمەي قاپتىمەن. مەن بىلمەيدىغان ئىشلار نۇرغۇن.
    «ئۇنداقتا قانداق قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىدى ۋىلسون. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن تەتۈر قارىشىشقا تەييارلىنىپ بولغانىدى. بىراق بۇ بۇدۇشقاق ئەبلەخ ئۇنى ھاقارەتلەپ بولۇپ يەنە ئەپۇ سورىدى. ئۇ يەنە بىر ئۇرۇنۇپ كۆرمەكچى بولدى.
     ـ باشقىلارغا دەپ قويامدىكىن دەپ غەم قىلما، ـ دېدى ئۇ، ـ مەن جان بېقىشىم كېرەك. ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئافرىقىدا شىر ئاتالمايدىغان بىرمۇ ئايال يوق، تىكىۋەتكەن ئاق تەنلىكمۇ يوق.
     ـ مەن بىر توشقاندەك تىكىۋەتتىم، ـ دېدى ماكومبى.
    «ھەي مۇشۇنداق گەپ قىلىدىغان ئادەمگە ئۇچراپ قالغاندا يەنە نېمە چارە بولسۇن» ۋىلسون ئويلاپ تېگىگە يېتەلمىدى.
    ۋىلسون ئاپتوماتچىلارغا خاس ئىپادىسىز بىر جۈپ كۆك كۆزى بىلەن ماكومبىغا تىكىلدى. ماكومبى جاۋابەن كۈلۈمسىرىدى، ئەگەر ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى كۆزىدىكى ئىپادىگە دىققەت قىلمىغىنىڭىزدا ئۇنىڭ بۇ تەبەسسۇمى ئەكسىچە يېقىملىق ئىدى.
     ـ بەلكىم ئىناۋىتىمنى ياۋا كالا ئوۋلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالارمەن، ـ دېدى ئۇ بۇ قېتىم ياۋا كالا ئوۋلىساق قانداق؟
     ـ خالىساڭ ئەتە ئەتىگەندىلا بارايلى، ـ دېدى ۋىلسون. ئېھتىمال ئۇ بايا خاتالاشقاندۇ. بۇنداق ئويلاش ئەلۋەتتە ئىشنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشنىڭ ئەپچىل چارىسى. بىر ئامېرىكىلىقنى ئېلىپ ئېيتساق سەن ئۇنىڭ ھېچ ئىشنىڭ تىگىگە يېتەلمەيسەن. ئۇ يەنە ماكومبىغا ھېسداشلىق قىلدى. «ئەگەر سەن بۇ ئەتىگەننى ئۇنتۇپ كېتەلىگەن بولساڭ قانداق ياخشى بولاتتى-ھە، بىراق بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بۇ تولىمۇ ئوسال بىر ئەتىگەن بولدى».
     ـ خانىمىڭ كەلدى، ـ دېدى ئۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى كەپىسى تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. روھى كۆتۈرەڭگۈ، قىزغىن، تولىمۇ يېقىملىق كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ تىپىك ئاققۇ تۇخۇمىدەك يۈزى بار ئىدى. «ئۇنى سىز بىر قاپاقباش دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنداق ئەمەس دەپ ئويلىدى ۋىلسون. ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس».
     ـ چىرايلىق قىزىل يۈز ۋىلسون ئەپەندىم، ياخشىمۇ سىز، فىرانسىس، ئۆزىڭىزنى قانداق سېزىۋاتىسىز، قەدىرلىكىم؟
     ـ خېلى ياخشى، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي كاللامدىن چىقىرىۋەتتىم، ـ ئۇ شۇنداق دېگەچ شىرە يېنىدا ئولتۇردى، ـ فىرانسىسنىڭ شىر ئوۋلاشنى بىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار. بۇ ئۇنىڭ كەسپى ئەمەس. ئۇ دېگەن ۋىلسون ئەپەندىنىڭ كەسپى. ۋىلسون ئەپەندىنىڭ ئوۋچىلىق ماھارىتى قالتىسكەن. سىز نېمىلا بولسا ئوۋلىيالايسىز، شۇنداقمۇ؟
     ـ شۇنداق، ـ دېدى ۋىلسون، ـ نېمىلا بولسا ئوۋلاۋېرىمەن.
    «ئۇلار دۇنيادا ھەممىدىن رەھىمسىز دەپ ئويلىدى ئۇ، ھەممىدىن رەھىمسىز، ئەڭ تاش يۈرەك، تالان-تاراج قىلىشقا ھېرىسمەن، ھەم كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇلار ۋەھىشلەشكەندە ئەرلىرى مۇلايىملىشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا روھى بەربات بولىدۇ. ئۇلار تاللىغاننىڭ ھەممىسى ئۇلار تىزگىنلەيدىغان كىشىلەرمۇ؟ ئۇلار توي قىلىش يېشىدا بۇنچە كۆپ ئىشلارنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ»دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ بۇرۇن ئامېرىكىلىق بىر ئايال بىلەن ئارىلاشقان كەچۈرمىشىنىڭ بولغىنىدىن مەمنۇن بولدى. چۈنكى بۇ ئىش كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى.
     ـ ئەتە ئەتىگەندە ياۋا كالا ئوۋلاشقا بارىدىغان بولدۇق، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ مەنمۇ باراي، ـ دېدى مارگارىت.
     ـ بولدىلا، سىز بارمايلا قويۇڭ.
     ـ ياق، بارىمەن، فىرانسىس، بارسام بولامدۇ؟
     ـ نېمىشقا ئۆيدە تۇرۇپ تۇرمايسەن؟
     ـ نېمىلا دېگەننىڭ پايدىسى يوق، ـ دېدى ئۇ، ـ بۈگۈنكى پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايمەن.
    «مارگارىت بايا كېتىدىغان چاغدا، ـ دەپ ئويلىدى ۋىلسون، ـ ئۇ يىغلاشقا كېتىپ قالغاندا تۈزۈك ئايالدەك قىلاتتى. ئەقىللىق، ئاق-قارىنى پەرق قىلىدىغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب چەككەن ھەم بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھالدا ئىدى. ئۇ كېتىپ يىگىرمە مىنۇتتىن كېيىن قايتىپ كەلدى. ئۇ ئەسلىدە ئۆزىدە ئامېرىكا ئاياللىرىنىڭ ياۋۇزلىقىنى ھازىرلاش ئۈچۈن كەتكەن ئىكەن. ئاياللارنىڭ بۇ ئۆلگۈرلىرى. بۇلار نەقەدەر ئۆلگۈر-ھە!»
     ـ ئەتە سەن ئۈچۈن يەنە بىر مەيدان ئويۇن قويىمىز، ـ دېدى فىرانسىس ماكومبى.
     ـ سىز بارماڭ، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ بۇ گىپىڭىز پەقەت قاملاشمىدى، ـ دېدى مارگارىت، ـ سىزنىڭ يەنە بىر مەيدان ئويۇنىڭىزنى كۆرۈشكە مەن بەكمۇ ئىنتىزار. بۈگۈن ئەتىگەن سىز نەقەدەر سۆيۈملۈك، ئەگەر ياۋايى ھايۋاننىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن مېڭىسىنى سۆيۈملۈك دېگىلى بولسا.
     ـ چۈشلۈك تامىقىڭىزنى يەڭ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ سىز بەك خۇشال. شۇنداقمۇ؟
     ـ نېمىشقا خوش بولمىغۇدەكمەن. مەن بۇ يەرگە خاپىلىق تېپىش ئۈچۈن كەلمىگەن.
     ـ ئىشلار ئۇنچۈ كۆڭۈلسىز ئەمەسقۇ؟ ـ دېدى ۋىلسون. ئۇ دەريادىكى يۇمىلاق تاشلارنى ۋە دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەرەخلەر باراقسان ئۆسۈپ كەتكەن ئېگىز قىرغاقنى كۆرەلەيتتى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەنكى ئىشنى ئويلىدى.
     ـ ئازراقمۇ كۆڭۈلسىز ئەمەس، ـ دېدى مارگارىت، ـ نېمىدېگەن قىزىقارلىق. تېخى ئەتىمۇ بار. ئەتىگە قانچىلىك ئىنتىزار ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىز.
     ـ ئۇلارنىڭ ئېلىپ چىققىنى يۆگىمەچ مۈڭگۈزلۈك بۆكەن گۆشى، ـ دېدى ۋىلسون. ئۇلار توشقاندەك يۈگرەك، تۇرقى ئىنەكنىڭ چوڭ بىرنېمىسىدەك، شۇنداقمۇ؟
     ـ مېنىڭچە دېگىنىڭىز شۇ، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ نېمانچە خۇش پۇراق، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ سىز ئاتقانمۇ، فىرانسىس؟ ـ سورىدى خوتۇنى.
     ـ ھەئە.
     ـ ئۇلارنىڭ خەۋپى يوق، شۇنداقمۇ؟
     ـ ئېتىلىپ كەلمىگەندە، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ مەن بەك خوش.
     ـ سەن نېمىشقا ئەشۇ ھازازۇللىقىڭنى يىغىشتۇرمايسەن، ماگى، ـ دېدى ماكومبى ۋىلكىغا قىسىلغان بۆكەن گۆشى ئۈستىگە ماش قىيمىسى، گۆش قىيامى ۋە سەۋزە قېتىپ.
     ـ مېنىڭچە مەن بۇنى قىلالايمەن، چۈنكى سىز گەپنى شۇنداق چىرايلىق قىلدىڭىز.
     ـ بۈگۈن كەچتە شىر ئوۋلىغىنىمىزنى شامپان ئىچىپ تەبرىكلەيلى، ـ دېدى ۋىلسون، ـ چۈشتە تەبرىكلەشكە ھاۋا بەك ئىسسىق.
     ـ شىر، ـ دېدى ماگى، ـ مەن ئۇنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتىم.
    «ئەسلى ماگى ئۇنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى روبېرت ۋىلسون، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا سەن ئۇنى نېمە بىلەن ئويۇن ئوينىماقچى دەپ قارايسەن؟ بىر ئايال ئېرىنىڭ توخۇ يۈرەك ئۆلگۈر ئىكەنلىكىنى بىلگەندە نېمىش قىلىشى مۇمكىن؟ ئۇ نېمىدېگەن رەھىمسىز-ھە! ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق. ئۇلار ھەممىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇنىڭغا گەپ كېتەمدۇ. ئەلۋەتتە تىزگىنلەش ئۈچۈن پەيتى كەلگەندە باغرى تاش بولمىسا بولمايدۇ. بىراق مەن ئۇلارنىڭ بۇ خىل زەھەرخەندە ۋاسىتىسىنى يەتكىچە كۆردۈم.
     ـ بۆكەن گۆشىدىن يەنە بىرئاز يەڭ، ـ دېدى ئۇ ماگىغا ئەدەپ بىلەن. ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. ۋىلسون بىلەن ماكومبى يەرلىك شوپۇر بىلەن قوراللىق ئىككى كىشىنى باشلاپ ماشىنا بىلەن چىقىپ كەتتى. ماكومبى خانىم «ھازىر سىرتقا چىقاي دېسەم ھاۋا بەك ئىسسىق، ئەتە سەھەردە سىلەر بىلەن بىللە باراي» دەپ لاگىردا قېپقالغانىدى.
    ماشىنا قوزغىلىش ئالدىدا ۋىلسون ئۇنىڭ چوڭ بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ سۇس قىزىل ئەتىرگۈل رەڭلىك كوپتا كىيگەن، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى چىرايلق دېيىشكە بولاتتى. ئەمما بەك گۈزەل دەپ كەتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ قارا چېچى ئارقىسىغا تارىلىپ بانتىلانغان بولۇپ گەدىنىگىچە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزى نەمخۇش بولۇپ ئۇ خۇددى ئەنگىلىيەدىكىدەكلا ئىدى. ئۇ ئۇلارغا قول پۇلاڭلاتتى. بۇ ۋاقىتتا ماشىنا ياۋا ئوت-چۆپلەر ئېگىز ئۆسكەن ئويمانلىقتىن ئۆتۈپ، ئايلىنىپ ئورمانلىققا، ئاندىن مىۋىلىك دەرەخ قاپلىغان بىر كىچىك تاغ ئارىسىدا كىرىپ كەتتى.
    ئۇلار مىۋىزارلىق ئارىسىدىن بىر توپ بۆكەننى تاپتى. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەپچىللىك بىلەن بىر ئەركەك قېرى بۆكەنگە يېقىنلاشتى. ئۇنىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ توپتوغرا ئىككى پۈز يارد كېلەتتى. ماكومبى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىر تال ئوق ئېتىپ قېرى بۆكەننى يىقىتتى. ھۈركۈپ كەتكەن بىر توپ بۆكەن جان-جەھلى بىلەن قېچىشقا باشلىدى. ئۇلار پۇتلىرىنى پۈكۈپ تۇرۇپ ناھايىتى يىراققا سەكرەيتتى. خۇددى سۇ ئۈستىدە لەيلىگەندەك ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈشىگە ئادەمنىڭ راستىنلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.، ئادەم پەقەت چۈشىدىلا بەزىدە مۇشۇنداق سەكرىيەلەيتتى.
     ـ ناھايىتى ياخشى ئاتتىڭ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئۇلار بەكلا كىچىك نىشان ئىدى.
     ـ بۆكەن بېشىنى ئېلىپ قېلىشقا ئەرزىمدۇ؟① ـ سورىدى ماكومبى.
     ـ ئۇ ناھايىتى قىممەتلىك، ـ دېدى ۋىلسون، ـ سېنىڭ ئوق ئېتىش ماھارىتىڭ شۇنداق ياخشى بولغان ئىكەن ھەرقانداق ئاۋارىچىلىقتىن غەم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ.
     ـ سېنىڭچە بىز ئەتە ياۋا كالا تاپالارمىزمۇ؟
     ـ بۇنىڭ پۇرسىتى كۆپ. ئۇلار تاڭ سەھەردە ئوزۇق ئىزدەپ چىقدۇ، تەلىيىمىز ئوڭ كەلسە ئۇلارنى تۈزلەڭلىكتىن تېپىۋالىمىز.
     ـ مەن ئاشۇ شىرنىڭ ئىشىدىن قۇتۇلۇپ كەتسەم دەيمەن، ـ دېدى ماكومبى، ـ شۇنداق بىر ئىشىڭنى خوتۇنىڭ كۆرۈپ قالسا بۇ تازىمۇ بىر كۆڭۈلسىزلىكقۇ.
    «مەن بۇنىڭ ئەكسىچە قارايمەن. ئىشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلسىز يېرى خوتۇنىڭىزنىڭ كۆرۈپ قالغىنى ئەمەس، بەلكى شۇنداق ئىش قىلىپ قويۇپ يەنە شۇ ئىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش» دەپ ئويلىدى ۋىلسون. بىراق، ئۇ:
     ـ مېنىڭ بۇ ئىشنى يەنە ئەسكە ئالغىم يوق. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇنجى قېتىم شىرنى كۆرگەندە قورقۇپ كېتىش تەبىئىي. بۇ ئىش پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى، ـ دېدى.
    بىراق شۇ كۈنى كەچتە فىرانسىس ماكومبى گۈلخان يېنىدا كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ كارۋاتقا چىقىشتىن بۇرۇن سودا قوشۇلغان ۋىسكى ئىچتى، پاشىلىق تارتىلغان كاناپ كارۋاتتا كېچىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنى تىڭشاپ ياتقان ۋاقىتتا بۇ ئىش تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەن. ھەقىقەتەنمۇ ئۆتۈپ كەتمىگەن ھەم تېخى باشلانمىغان ئىدى. ئۇ خۇددى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ ئۇ سۇسلاشمايلا قالماي، بەلكى بەزى تەپسىلاتلىرى تېخىمۇ روشەنلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئۆلگۈدەك نومۇس قىلدى. بىراق ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى قەلبى مۇزلاپ كەتكەندەك مەنىسىز بىر ئالاقزادىلىككە تولدى. بۇ ئالاقزادىلىك يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، خۇددى مۇزدەك، يېپىشقاق بۇ مەنىسىزلىك بارلىق بوشلۇقلارنى ئىگىلەپ ئۇنىڭ ئىشەنچىنى ئۇنىڭ تېنىدىن سىقىپ چىقاردى. بۇ ھال ئۇنى ناھايىتى بىئارام قىلدى. بۇ ئىشلار ھازىر يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەۋجۇت ئىدى.
    بۇ ئەھۋال تۈنۈگۈن كېچىدىن باشلانغانىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئويغىنىپ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بىر يەردە شىرنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بۇ ئاۋاز تولىمۇ پەس بولۇپ، ئاخىرلىشىشى يۆتەلگەن ئاۋازغا ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ خۇددى چىدىرنىڭ سىرتىدىدەكلا ئاڭلىناتتى، فىرانسىس ماكومبى تۈن تەڭدە ئويغىنىپ كېتىپ، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ قورقۇنچلۇق ھېس قىلدى. ئۇ ئايالىنىڭ تەكشى نەپەس ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۇخلاپ قالغانىدى. ئۇ قورقۇنچنى ھېچكىمگە دېيەلمەيتتى ھەم ھېچكىممۇ ئۇنى قورقۇنچىنى تەڭ تارتىشىپ بېرەلمەيتتى. ئۇ يالغۇز ياتاتتى،سومالىدا «باتۇر ئادەم شىردىن ئۈچ قېتىم قورقىدۇ: تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئىزىنى كۆرگەندە، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ھەم تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا يولۇققاندا» دېگەن تەمسىلنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى. كېيىن ئۇ كۈن چىقىشتىن بۇرۇن تاماق چېدىرىدا پەنەر يورۇقىدا غىزالىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇ شىرنىڭ ھۆركىرىگىنىنى يەنە ئاڭلىدى. فىرانسىس ئۇنى لاگىرغا يېقىنلا يەردىكىدەك ھېس قىلدى.
     ـ قېرى شىردەك قىلىدۇ، ـ دېدى روبېرت ۋىلسون بىلىق ۋە قەھۋەدىن كۆزىنى ئېلىپ، ـ ئۇنىڭ يۆتەلگەندەك چىققان ئاۋازىغا دىققەت قىلىڭ.
     ـ ئۇ يېقىن يەردىمۇ؟
     ـ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا بىر ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان جايدا.
     ـ بىز ئۇنى كۆرەلەمدۇق؟
     ـ بېرىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.
     ـ ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى شۇنچە يىراققا ئاڭلىنامدۇ؟ ئاۋازىدىن ئۇ خۇددى چىدىرنىڭ ئىچىدىدەكلا قىلىدۇ.
     ـ ئاۋازى شۇنداق يىراققا ئاڭلىنىدۇ، ـ دېدى روبېرت ۋىلسون، ـ ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ شۇنداق يىراققا ئاڭلىنىشى راستىنلا ھەيران قالارلىق. ئۇنىڭ ئوۋلاشقا مۇۋاپىق جانىۋار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قول ئاستىمدىكىلەر«يېقىن ئەتراپتا ناھايىتى چوڭ بىر مەخلۇق بار» دەيدۇ.
     ـ ئەگەر ئۇنى مەن ئېتىپ قالسام ئۇنىڭ نەرىگە ئاتسام بولىدۇ، ـ دەپ سورىدى ماكومبى، ـ ئاندىن ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتەلەيمەن.
     ـ ئىككى مۈرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئۇنىڭ بوينىغا ئات. ئەگەر دەل تەگكۈزەلىسەڭ ئۇنىڭ ئۇستىخىنىغا ئات. شۇندىلا ئۇنى يىقىتالايسەن.
     ـ مەن دەل قارىغا ئالالىسام دەيمەن، ـ دېدى ماكومبى، ـ پەيتنى چىڭ تۇتۇشۇڭ، دەل نىشانىغا ئېلىشىڭ كېرەك. تۇنجى ئاتقان ئوقۇڭ ھەممىدىن مۇھىم.
     ـ ئارىلىق قانچىلىك بولسا بولىدۇ؟
     ـ بىرنېمە دېمەك تەس. ئارىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇشىنى شىر بەلگىلەيدۇ. ئۇ يېقىنلاشمىغىچە ھەرگىز ئوق چىقارما. يېقىنلاشقاندىلا ئاندىن قارىغا ئالالايسەن.
     ـ يۈز ياردقا يەتمىگەن ئارىلىقتىمۇ؟ ـ سورىدى ماكومبى.
    ۋىلسۇن ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويدى.
     ـ يۈز يارد يېتەرلىك، بۇنىڭدىنمۇ يېقىن ئارىلىقتا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلشىمۇ مۇمكىن. بىراق بۇنىڭدىن يىراق ئارىلىقتا ھەرگىز ئېتىپ سالما. يۈز يارد مۇۋاپىق ئارىلىق. شۇنداق بولدا نەرىگە ئاتىمەن دېسەڭ شۇ يەرگە ئاتالايسەن، خانىمىڭ كەلدى.
     ـ ياخشىمۇ سىلەر، ـ دېدى مارگارىت، ـ بىز بېرىپ ھېلىقى شىرنى ئىزدەمدۇق؟
     ـ ئەتىگەنلىك تامىقىڭىزدىن كېيىن، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئۆزىڭىز قانداقراق؟
     ـ ناھايىتى ئوبدان، ـ دېدى ئۇ، ـ مەن بەك خۇشال.
     ـ بېرىپ قاراپ باقاي نەرسە-كېرەكلەرنى تەييارلاپ بولۇشتىمىكىن.
    ۋىلسون مېڭىشىغا شىر يەنە ھۆركىرىدى.
     ـ غەلۋىخور مەخلۇق، ـ دېدى ۋىلسون، ـ بىز ئۇنى جىمىقتۇرۇۋېتىمىز.
     ـ نېمە بولدى فىرانسىس؟ ـ سورىدى ماكومبىنىڭ خوتۇنى.
     ـ ھېچنېمە، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ بولدىلا، مەندىن يوشۇرماڭ، ـ دېدى ئۇ، ـ نېمىە پەرىشان بولىسىز؟
     ـ ھېچنېمىگە، ـ دېدى ئۇ.
     ـ ماڭا دەڭ، ـ ئايالى ئۇنىڭغا قارىدى، ـ بىئارام بولۇۋاتامسىز؟
     ـ ئاشۇ ئۆلگۈر ھۆركىرىگەن ئاۋاز، ـ دېدى ئۇ، ـ ئۇ بىر كېچە غەلۋە قىلىپ چىقتى. سىز بىلىسىز.
     ـ نېمىشقا مېنى ئويغاتمىدىڭىز، ـ دېدى ئۇ، ـ ئەكسىچە مەن بۇ ئاۋازنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن.
     ـ ئۇ مەخلۇقنى بېرىپ جايلىۋەتسەم دەيمەن، ـ دېدى ماكومبى بىچارىلارچە دۇدۇقلاپ.
     ـ ھەي، سىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭىز مۇشۇ ئىش ئۈچۈن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
     ـ شۇنداق، بىراق مەن جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئەشۇ مەخلۇقنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىساملا نېرۋام جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
     ـ ئۇنداقتا ۋىلسوننىڭ دېگىنىدەك قىلايلى. ئۇنى جايلىۋېتىپ ھۆركىرىيەلمەس قىلىۋېتەيلى.
     ـ دېگىنىڭ توغرا، سۆيۈملۈكۈم، ـ دېدى فىرانسىس ماكومبى، ـ ئاڭلىماققا ئوڭاي، توغرىمۇ؟
     ـ سىز قورقمايدىغانسىز.
     ـ ئەلۋەتتە، بىراق ئۇنىڭ ھۆركىرىگىنىنى بىر كېچە ئاڭلاپ چىقتىم. نېرۋام جىددىيلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.
     ـ ئۇنى بىمالال ئۇجۇقتۇرۇۋېتەلەيسىز، ـ دېدى خوتۇنى، ـ سىز قىلالايسىز. مەن ئۇنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن.
     ـ ئەتىگەنلىك تامىقىڭىزنى يەپ بولۇشىڭىزغا يولغا چىقىمىز.
     ـ تېخى تاڭ يورۇمىدى، ـ دېدى خوتۇنى، ـ بۇ مۇۋاپىق پەيت ئەمەس.
    دەل شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى شىر ھۆركىرەپ، كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ چوڭقۇر تەكتىدىن چىقارغان ئۆكسىگەن ئاۋاز بىردىنلا خىرقىرىغان ئاۋازغا ئۆزگىرىپ بارا-بارا كۈچىيىپ ھاۋانىمۇ تىترىتىۋەتكەندەك بولدى. ئاخىرىدا ئاھ ئۇرغاندەك ۋە كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ تەكتىدىن ئېغىر خورۇلدىغاندەك ئاۋاز چىقاردى.
     ـ ئۇ مۇشۇ يەردىكىدەكلا ئاڭلىنىۋاتىدۇ، ـ دېدى ماكومبىنىڭ خوتۇنى.
     ـ ۋاي خۇدايىم، ـ دېدى ماكومبى، ـ مەن بۇ ئاۋازدىن بەك بىزار بولدۇم.
     ـ ئادەمگە قاتتىق تەسىر قىلىدىكەن.
     ـ ناھايىتى قاتتىق، شۇنداق قورقۇنچلۇق.
    بۇ چاغدا روبېرت ۋىلسون ئۆزىنىڭ ئاشۇ قىسقا، كۆرۈمسىز، ئوق ئېغىزىنىڭ چوڭ لۇقى كېشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان 505 كالبىرلىق جىس ماركىلىق مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. كۈلگىنىدىن ئۇنىڭ ئېغىزى قولىقىغا يەتكەنىدى.
     ـ كېلە، ـ دېدى ئۇ، ـ قورال كۆتۈرگۈچىلىرىڭ سېنڭ قوراللىرىڭنى ئېلىپ كەلدى. نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ھەممىسى ماشىنىدا، سەندە پۈتەي ئوق بارمۇ؟
     ـ بار.
     ـ مەن تەييارلىنىپ بولدۇم، ـ دېدى ماكومبى خانىم.
     ـ ئۇنى قالايمىقان ھۆركىرىيەلمەس قىلىۋىتىشىمى كېرەك، ـ دېدى ۋىلسون، ـ سەن ئالدىدا ئولتۇر، خانىم مەن بىلەن ئارقىدا ئولتۇرسۇن.
    ئۇلار ماشىنىغا چىقتى. ماشىنا ئەمدىلا يورۇشقا باشلىغان تاڭنىڭ خىرە يورۇقىدا ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ماكومبى مىلتىق زاتورىنى ئېچىپ مېتال قاپلانغان ئوققا قارىدى. ئاندىن زاتورىنى ئىتتىرىپ مىلتىقنى ئېتىپ قويدى. ئۇ قولىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ يانچۇقىدىكى ئوقلارنى سىلىدى. ئاندىن بارماقلىرى بىلەن كالتە كۆڭلىكىنىڭ كۆكرىكىدىكى تاسما ھالقىغا سېلىپ قويۇلغان ئوقلارنى سىلىدى. ئۇ قۇتىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، ئىشىكى يوق ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. ۋىلسون ماكومبى خانىم بىلەن ئۇ ئورۇندا ئولتۇراتتى. ھاياجاندىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى ئېچىلىپ قالغانىدى. ۋىلسون ئالدىغا سەل ئېڭىشىپ پەس ئاۋازدا:
     ـ قارا، قۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۇچۇپ چۈشۈپ كەتتى. بۇ ھېلىقى قېرى جانۋارنىڭ چىشلەپ ئۆلتۈرگەن ياۋايى ھايۋاننى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    ماكومبى كىچىك دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تازقارىنىڭ ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ تۆۋەنگە ئۇدۇل شۇڭغۇپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
     ـ ئۇ بۇياققا سۇ ئىچكىلى كېلىپ قېلىشى مۇمكىن، ـ دېدى ۋىلسون پەس ئاۋازدا، ـ ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئەتراپنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىدۇ.
    ئۇلار ماشىنىنى ھەيدەپ ئېقىننىڭ ئېگىز قىرغىقىنى ياقىلاپ ئاستا ئالغا يۈرۈپ كەتتى. ئېقىننىڭ بۇ بۆلىكىدىكى دەريا قىنى يۇمۇلاق تاشلىق بولۇپ ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ماشىنا بىردە ئۇدۇل، بىردە ئايلىنىپ مېڭىپ ئورمانلىققا گاھ كىرىپ، گاھ چىقاتتى. ماكومبى قارشى قىرغاقتىن كۆز ئۈزمەيتتى، ئۇ تۇيۇقسىز ۋىلسوننىڭ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتقانلىقىنى سەزدى. ماشىنا توختىدى.
     ـ ئۇ ئەنە، ـ ماكومبى پەس ئېيتىلغان بۇ سۆزنى ئاڭلىدى، ـ ئالدى ئوڭ تەرەپتە. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى ئات، ئۇ بىر قالتىس شىركەن.
    ماكومبى شۇندىلا ئۇ شىرنى كۆردى. ئۇ يېنىچە تۇراتتى. ئۇ زور بېشىنى ئۇلار تەرەپكە بۇرىدى. ئۇلارنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىن سوقۇپ تۇرغان سەھەرنىڭ سەلكىن شامىلى ئۇنىڭ قېنىق بويۇن تۈكلىرىنى يەلپۈيتتى. بۇ شىر ناھايىتى چوڭ كۆرۈنەتتى. ئۇ كۈلرەڭ تاڭ نۇرىدا يان سايىسىنى چۈشۈرۈپ قىرغاقتىكى ئېگىزلىكتە تۇراتتى. يەلكىلىرى كۈچلۈك بولۇپ، سىلىندىرسىمان زور تېنى پارقىراق كۆرۈنەتتى.
     ـ ئارىلىق قانچىلىك كېلەر؟ ـ ماكومبى سورىغاچ مىلتىقىنى كۆتۈردى.
     ـ تەخمىنەن 57 يارد. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئات.
     ـ نېمىشقا بۇ يەردە ئاتقلىق قويمايسەن؟
     ـ ماشىنىدا تۇرۇپ ئاتساڭ بولمايدۇ، ـ ئۇ ۋىلسوننىڭ قۇلىقىغا دېگەن گېپىنى ئاڭلىدى، ـ ماشىنىدىن چۈش. ئۇ كەچكىچە بىر جايىدا تۇرىۋەرمەيدۇ.
    ماكومبى ئالدى ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىكى يېرىم چەمبەرسىمان چۈشۈش ئېغىزىدىن ئارتىلىپ يەرگە چۈشتى. شىر يەنىلا شۇنداق تۇراتتى. شىر ھەيۋەتلىك ھەم سوغۇققان ھالدا يېنىچە قارىسا كۆرۈنىدىغان ئۇ نەرسىگە قارىدى. ئۇ نەرسە غايەت زور كەركىدانغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دىمىقىغا ئادەمنىڭ ھىدى ئۇرۇلمىدى. ئۇ بېشىنى ئۇيان-بۇيان قىلىپ بۇ نەرسىنى كۆزەتتى. ئۇ بۇ نەرسىدىن قورقۇنچ ھېس قىلمىدى. بىراق بۇ نەرسىنىڭ ئالدىدا قىرغاققا بېرىپ سۇ ئىچىشتىن ئىككىلەندى. ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئۇ نەرسىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئېغىر بېشىنى بۇراپ ئىغاڭلىغان ھالدا ئورمانلىققا قاراپ ماڭدى. شۇ چاغدا «پاڭ» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۇ بىر تال 220-06-30 تىپلىق پۈتەي ئوقنىڭ بىقىنىغا تىگىپ ئاشقازىنىنى تىشىپ ئۆتكەنلىكىنى، كۆيدۈرگەندەك قاتتىق ئاغرىقتىن كۆڭلىنىڭ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىغاڭلىغان ھالدا دەرەخلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ ئېگىز ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىكى خىلۋەت جايغا قاراپ يۈگۈردى. شۇ چاغدا يەنە «پاڭ» قىلغان بىر ئاۋاز ئۇنىڭ يېنىنى سىپاپ ھاۋانى يېرىپ ئۆتتى. ئاندىن يەنە «پاڭ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئوقنىڭ تۆۋەندىكى قوۋۇرغىسىغا تىگىپ بەدىنىگە ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكىنى سەزدى، ئېغىزىدىن تۇيۇقسىز ئىسسىق، كۆپۈكتەك قان ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ ئېگىز ئۆسكەن ئوتلاققا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى. ئۇ ئۇ يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرالايتتى. ئۆزىنى يوشۇرالايتتى. ئاندىن پاڭ-پاڭ ئاۋاز چىقىرالايدىغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلەر يېقىنلاشقان ھامان ئۇلارغا تاشلىنىپ ئۇلارنى تۇتۇۋالالايتتى.
    ماكومبى ماشىنىدىن چۈشكەندە شىرنىڭ نېمە تۇيغۇدا بولغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. پەقەت قولىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنىلا بىلەتتى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشىدىغان چاغدا پۇتلىرىنى يۆتكىيەلمەي قالدى. ئۇنىڭ پاچاقلىرى قېتىپ قالغانىدى. لېكىن ئۇ مۇسكۇللىرىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى سىزەلەيتتى. ئۇ مىلتىقنى كۆتۈرۈپ شىرنىڭ بېشى بىلەن بوينى تۇتاشقان جاينى نىشانلاپ مىلتىقنى بەتلىدى. گەرچە تەپكىنى قوللىرى سۇنۇپ كەتكىدەك دەرىجىدە باسقان بولسىمۇ بىراق مىلتىقتىن ھېچقانداق ئاۋاز چىقمىدى. شۇندىلا ئۇ مىلتىقنىڭ قۇلۇپىنىڭ ئىتىكلىكىنى بىلدى ھەم مىلتىقنى چۈشۈرۈپ، قۇلۇپنى ئېچىپ، پۇتلىرى قاتقان ھالدا ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىدى. بۇ چاغدا شىر ئۇنىڭ سايىسىنىڭ ماشىنىنىڭ سايىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرۇلۇپ چوڭ قەدەملەر بىلەن قاچتى. ماكومبى ئوق ئۈزگەندە پاڭ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. بۇ ئوقنىڭ تەككەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. بىراق شىر كىتىۋەردى. ماكومبى يەنە بىرنى ئاتتى. ھەممەيلەن بۇ ئوقنىڭ قېتىپ كېتىپ بارغان شىرنىڭ ئالدىدا توپا ئۆرلەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ مىلتىق سىتۋولىنى تۆۋەنلىتىپ نىشانلاپ يەنە ئاتتى. ئۇلار ئوقنىڭ تەككەنلىكىنى ئاڭلىدى. شىر ئۇچقاندەك قېچىپ، ئۇ قورالنىڭ زاتورىنى ئىتتىرىشتىن بۇرۇن ئېگىز ئۆسكەن ئوتلاققا كىرىپ كەتتى.
    ماكومبى ئۇ يەردە تۇراتتى. قورسىقى بىئارام بولاتتى. ئۇنىڭ «سىپىرىڭفىلد» ماركىلىق مىلتىقنى تۇتقان قولى يەنىلا ئېتىشقا تەييار ھالەتتە بولۇپ تىنماي تىترەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى بىلەن روبېرت ۋىلسون ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە قورال كۆتۈرۈۋالغان ئىككىيلەن بولۇپ، ئۇلار ۋاكامبا تىلى①دا بىرنەرسىلەرنى دېيىشىۋاتاتتى.
     ـ مەن ئۇنىڭغا تەككۈزدۈم، ـ دېدى ماكومبى، ـ مەن ئۇنىڭغا ئىككىنى تەككۈزدۈم.
     ـ سەن ئۇنىڭ ئاشقازىنىغا تەگكۈزدۈڭ، يەنە ئالدى تەرىپىنىڭ قانداقتۇ بىر يېرىگە تەگكۈزدۈڭ، ـ دېدى ۋىلسون ئېغىر-بېسىق ھالدا، مىلتىق كۆتۈرىۋالغان ئىككى كىشىنىڭ چىرايى ئىنتايىن تۇتۇق ئىدى. ئۇلار ھېچنېمە دېمىدى.
     ـ سەن ئەسلىدە ئۇنى ئۆلتۈرەلىگەن بولاتتىڭ، ـ دېدى ۋىلسون گېپىنى داۋام قىلىپ، ـ بىز بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئىزدەيلى.
     ـ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
     ـ بىز ئۇنى ئۇ بولالمىغىچە ساقلاپ، ئاندىن قان ئىزى بويىچە ئىزدەپ تېپىۋالىمىز.
     ـ ئۇھ، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ ئۇ بىر قالتىس شىركەن، ـ دېدى ۋىلسون خۇشال ھالدا، ـ بىراق ئۇ تولىمۇ ئوسال بىر يەرگە قېچىپ كىرىۋالدى.
     ـ قانداق ئوسال؟
     ـ سەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغاندىلا ئاندىن ئۇنى كۆرەلەيسەن.
     ـ ئاھ، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ يۈر، ـ دېدى ۋىلسون، ـ خانىمىڭ ماشىنىدا قالسۇن. بىز بېرىپ قان ئىزىنى كۆرۈپ باقايلى.
     ـ تۇرۇپ تۇرۇڭ، ماگى، ـ دېدى ماكومبى ئايالىغا، ئۇنىڭ ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، تەستە سۆزلەيتتى.
     ـ نېمىشقا؟
     ـ ۋىلسون شۇنداق دەيدۇ.
     ـ بىز بېرىپ كۆرۈپ باقايلى، ـ دېدى ۋىلسون، ـ سىز قېپقىلىڭ. بۇ يەردە تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيسىز.
     ـ بولىدۇ.
     ۋىلسون سىۋاھلى تىلىدا شوپۇرغا بىرنەرسىلەرنى دېدى. شوپۇر بېشىنى لىڭشىتىپ:
     ـ بولىدۇ، ئەپەندىم، ـ دېدى.
    ئۇلار تىك قىرغاقتىن چۈشۈپ كىچىك دەريادىن ئۆتتى. يۇمىلاق تاشلىقتا يۇقىرىغا مېڭىپ دەرەخ يىلتىزلىرىغا ئېسىلىپ، يامىشىپ قارشى قىرغاققا ماكومبى تۇنجى ئوقنى ئاتقاندا شىر قېچىپ كەتكەن يەرگە كەلدى. مىلتىق كۆتۈرگۈچى بىر تال ئوتنىڭ غولى بىلەن پاكار ئوت-چۆپ ئۆسۈپ كەتكەن يەردىكى قان دېغىنى كۆرسەتتى. قان ئىزى دەريا ياقىسىدىكى ئورمانلىققىچە داۋاملاشقانىدى.
     ـ بىز قانداق قىلىمىز، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ باشقا ئامال يوق، ـ دېدى ۋىلسون، ـ بىز ماشىنىنى ئەكېلەلمەيمىز. قىرغاق تىك، بىز ئۇ ئۆلگىچە ساقلاپ تۇرۇپ، ئاندىن كىرىپ كۆرۈپ باقايلى.
     ـ ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرۈۋەتسەك بولمامدۇ؟ ـ دېدى ماكومبى.
     ـ ئوت-چۆپ بەك يېشىل.
     ـ بىز ياۋايى ھايۋان قوغلىغۇچىلارنى ئەۋەتسەك بولماسمۇ؟
     ۋىلسون ئۇنىڭغا دەڭسەش نەزىرى بىلەن قارىدى:
     ـ بىز ئەلۋەتتە شۇنداق قىلالايمىز، ـ دېدى ئۇ، ـ بىراق بۇ باشقىلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىك بولىدۇ. قارا،بىز شىرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلىمىز. سەن يارىلانمىغان بىر شىرنى قوغلىيالىشىڭ مۇمكىن. ئۇ ئاۋاز ئاڭلىسىلا قاچىدۇ. بىراق يارىلانغان شىر ئادەمگە ئېتىلىدۇ. سەن ئۇنى يېنىغا بارمىغۇچە كۆرەلمەيسەن. ئۇ ئۆزىنى يەرگە چاپلاپ يېتىۋالىدۇ. سەن توشقانمۇ يوشۇرۇنالمايدۇ دەپ قارىغان يەرگە ئۇ يوشۇرۇنۇۋالالايدۇ. سەن قانداقچە قول ئاستىڭدىكىلەرنى بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدۇرالايسەن. باشقىلارنىڭ يارىلىنىشى تۇرغانلا گەپ.
     ـ ئۇنداقتا مىلتىق كۆتۈرگۈچىلەرچۇ؟
     ـ ئۇ، ئۇلار بىز بىلەن بىللە بارىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى. قارا ئۇلار بىلەن تۈزگەن توختامدا بۇ ئىشنى قىلىشى بەلگىلەنگەن. بىراق ئۇلار خۇشال كۆرۈنمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟
     ـ بىراق مەن ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمايمەن، ـ دېدى ماكومبى. ئۇ ھېس قىلغۇچە گېپى ئېغىزىدىن چىقىپ بولدى.
     ـ مېنىڭمۇ بارغۇم يوق، ـ دېدى ۋىلسون دەرھاللا، ـ بىراق راستىنلا باشقا ئامال يوقمۇ؟ ـ ئارقىدىن ئۇ بىر چارىنى ئويلىدى. ئۇ ماكومبىغا قاراپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ لاغىلداپ تىترەۋاتقانلىقىنى، يۈزىدىكى بىچارىلىكنى بايقىدى.
     ـ ئەلۋەتتە، سېنىڭ بېرىشىڭ زۆرۈر ئەمەس، ـ دېدى ئۇ، ـ ساڭا ئايان، مەن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ياللانغان. شۇڭا مېنىڭ ھەققىم يۇقىرى.
     ـ ئۆزۈڭ يالغۇز كىرەي دەمسەن، ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسىلا بولمىدىمۇ؟
    روبېرت ۋىلسوننىڭ بارلىق خىزمىتى شىرنى ۋە شىرغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئويلاش ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن ماكومبىدا بىرەر نورمالسىزلىق بار دەپ ئويلاپ باقمىغان. پەقەتلا ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقىغا دىققەت قىلغانىدى. ئۇ تۇيۇقسىز مېھمانخانىدا خۇددى بىر ئىشىكنى خاتا ئېچىپ سېلىپ بىر رەسۋاچىلىقنى كۆرۈپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدى.
     ـ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
     ـ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسىلا بولمىدىمۇ؟
     ـ بىز ئۇنى ئاتمىغاندەكلا دېمەكچىمۇ سەن؟
     ـ ياق، ئۇنى تاشلىۋەتسەك دەيمەن.
     ـ بولمايدۇ.
     ـ نېمىشقا بولمايدۇ؟
     ـ بىر جەھەتتىن قىينىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن باشقىلار ئۇنى ئۇچرىتىپ قىلىشى مۇمكىن.
     ـ چۈشەندىم.
     ـ بىراق سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىشىڭ ھاجەتسىز.
     ـ ئەكسىچە مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن، ـ دېدى ماكومبى، ـ مەن پەقەتلا بىرئاز قورقۇپ تۇرىمەن.بۇ ساڭا ئايان.
     ـ بىللە كىرەيلى، مەن ئالدىدا ماڭاي، ـ دېدى ۋىلسون، ـ كونگولۇق ئەگەشسۇن. سەن كەينىمدىن چەتنەپرەك ماڭ. كۈتمىگەندە ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنى كۆرسەك تەڭلا ئوق چىقىرايلى. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمە. مەن ياردەملىشىمەن. ئەمەلىيەتتە سەن بارمىساڭ ياخشى بولاتتى. ساڭا ئايان، بارمىغىنىڭنىڭ پايدىسى كۆپ بولۇشى مۇمكىن.سەن نېمىشقا ئايالىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىپ بۇ ئىشنى مېنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىمغا قويۇپ بەرمەيسەن؟
     ـ ياق، مەن بارىمەن.
     ـ بولىدۇ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ بىراق، بېرىشنى خالىمىساڭ بارما، بۇ مېنىڭ خىزمىتىمىڭ بىرقىسمى. بۇ ساڭا ئايان.
     ـ بارىمەن، ـ دېدى ماكومبى.
    ئۇلار بىر دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىشتى.
     ـ بېرىپ ئايالىڭغا بىرنەرسە دەپ قويمامسەن، بىز بەرىبىر بىردەم ساقلايمىز، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ ھاجىتى يوق.
     ـ ئۇنداقتا مەن بېرىپ بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرۇشنى ئېيتىپ قوياي.
     ـ بولىدۇ، ـ دېدى ماكومبى. ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولتۇقى تەرلەپ، ئېغىزى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىنى كاۋاك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەن بارماي دېيەلىگۈدەك غەيرەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەگەر ئۇ شۇنداق دېسە، ۋىلسۇن ئانچىلا ئاچچىقلاپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، ۋىلسون ئۇنىڭ ئەھۋالىغا بۇرۇنراق دىققەت قىلماي ئەمدىلىكتە ئۇنى ئايالىنىڭ يېنىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى بولغانىدى. ئۇ ئۇ يەردە ئولتۇرغاندا ۋىلسون قايتىپ كەلدى.
     ـ مىلتىقىڭنى ئالغاچ كەلدىم، ـ دېدى ئۇ، ـ ئالغىن، بىز ئۇنى خېلى يەتكۈچە ساقلىدۇق، يۈر.
    ماكومبى مىلتىقنى ئالدى، ۋىلسون:
     ـ كەينىمدىن بەش يارد ئارىلىق ساقلاپ ماڭ،نېمە دېسەم شۇنى قىل، ـ دېدى.ئاندىن سىۋاھلى تىلىدا قوراللىق ئىكى كىشىگە بىر نېمىلەرنى دېدى.
     ـ ماڭايلى، ـ دېدى ئۇ.
     ـ ئازراق سۇ ئېچىۋالسام بولامدۇ؟ ـ سورىدى ماكومبى.
    ۋىلسون تاسمىسىغا سۇدان ئېسىۋالغان يېشى چوڭراق قورال كۆتۈرگۈچىگە بىرنەچچە جۈملە گەپ قىلدى. ئۇ سۇداننى يېشىپ، ئاغزىنى ئېچىپ ماكومبىغا سۇندى. ماكومبى سۇداننى ئېغىردەك ھېس قىلدى. سۇداننىڭ پالاستىن ئىشلەنگەن قېپى ئۇنىڭغا يۇڭلۇق ھەم قوپال تۇيۇلدى. ئۇ سۇداننى كۆتۈرۈپ سۇ ئىچكەچ ئالدىدىكى ئېگىز ياۋا ئوت-چۆپلەرگە ۋە ئوتلاقنىڭ كەينىدىكى ئۈستى تەكشى ئۆسكەن دەرەخلەرگە قارىدى. بىر پەس سوققان سەلكىن شامال ئۇلار تەرەپكە ئۇچۇپ كەلدى. ياۋا ئوت-چۆپلەر شامالدايەڭگىل يەلپۈندى. ئۇ ئاشۇ قوراللىق كىشىگە قاراپ، ئۇنىڭمۇ قورقۇنچ ئاۋازىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
    ياۋا ئوت-چۆپلۈكنىڭ ئوتتۇز بەش يارد ئىچكىرىسىدە ئاشۇ زور شىر يەرگە چاپلىشىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ قۇلىقى ئارقىغا بۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەرىكىتى قارا تۈكلۈك ئۇزۇن قۇيرۇقىنى سەل لىڭشىتىپ قويۇشلا ئىدى. ئۇ بۇ خىلۋەتكە يېتىپ كېلىپلا ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشقا تەييارلانغانىدى. ئۇنىڭ يۇمۇلاق قورسىقىنى تىشىپ ئۆتكەن ئوق يارىسى ئۇنى قىينايتتى. ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى تىشىپ ئۆتكەن ئوق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۇ ھەربىر نەپەسلەنگەندە ئېغىزىدىن سۇس كۆپۈك ئارىلاش قان كېلىپ بارا-بارا ئاجىزلاشتۇرماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى بېقىنى ھۆل ھەم قىزىق ئىدى. قوڭۇر رەڭلىك تېرىسىدىكى پۈتەي ئوق ھاسىل قىلغان تۆشۈك ئۈستىگە چىۋىن قونۇۋالغانىدى. ئۇنىڭ بىر جۈپ سېرىق چوڭ كۆزلىرى ئۆچكەنلىكتىن تارىيىپ كەتكەن بولۇپ ئالدىغا قاراپ تۇراتتى. پەقەت نەپەسلەنگەندىلا ئاغرىقتىن كۆزلىرىنى قىساتتى. ئۇنىڭ تىرناقلىرى يۇمشاق، قۇرۇق توپىغا پېتىپ كەتكەنىدى. ئۇ پۈتۈن بەدىنىدىكى ئاغرىق ئازاۋى، بىئاراملىقى، ئۆچمەنلىكى ۋە بارلىق قالدۇق كۈچىنى يىغىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا تەييارلاندى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى.
    ئۇ پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ئادەملەرنىڭ ئوتلاققا كىرىشنى كۈتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. قۇيرۇقى چىڭىپ مىدىرلىدى. ئۇلار ئوتلاققا كىرىشىگە ئۇ يۆتەلگەندەك خىرقىراپ شىددەت بىلەن ئېتىلدى.
    ياشىنىپ قالغان كونگولۇق قورال كۆتۈرگۈچى ئالدىدا مېڭىپ قان ئىزىنى تەكشۈردى. ۋىلسون ئوتلاقتىكى ھەربىر تىۋىشقا دىققەت قىلدى. مىلتىقى تەق ئىدى، يەنە بىر قورال كۆتۈرگۈچى ئالدىغا قاراپ دىققەت بىلەن تىڭشاۋاتاتتى. ماكومبى ۋىلسونغا يېقىن بولۇپ ئۇنىڭ مىلتىقى ئېتىشقا تەييار تۇراتتى. ئۇلار ياۋا ئوت-چۆپلۈككە كىرىشىگە ماكومبى قان كەپلىشىۋالغان كانايدىن چىققان يۆتەلگەندەك خىرىلدىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى ھەم چۆپلۈكتىن بىرنەرسىنىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقىنى كۆردى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ قورقۇپ كېتىپ، ئوچۇقچىلىقتا دەريا تەرەپكە قاراپ جېنىنىڭ بارىچە قېچىۋاتقانلىقىنى بىلدى.
    ئۇ ۋىلسوننىڭ مىلتىقىنىڭ «ۋاڭ» قىلغان ئاۋازىنى، ئارقىدىن يەنە بىر قېتىم قۇلاقنى يارغىدەك «ۋاڭ» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇرۇلۇپ شىرنى كۆردى. شىرنىڭ تۇرقى ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ، مىڭىسىنىڭ يېرىمى يوق دېگۈدەك ھالدا ئېگىز ئۆسكەن ئوتلاقنىڭ ياقىسىدا تۇرغان ۋىلسونغا قاراپ ئاستا كېتىپ باراتتى. شۇ پەيتتە ئۇ قىزىل يۈز ئادەم كۆرۈمسىز يان قورالنىڭ زاتورىنى ئىتتىرىپ پۇختا نىشانلىدى، يان قورال ئېغىزىدىن يەنە بىر قېتىم قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاڭ قىلغان ئاۋاز ياڭرىدى. ئېغىر، زور سېرىق بەدىنىنى سۆرەپ ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقان شىر قېتىپ قالدى. ئۇنىڭ غايەت زور، كەمتۈك بېشى ئالدىغا دۈم چۈشتى. ماكومبى يالغۇز ھالدا ئۆزى قېچىپ كەلگەن بوشلۇقتا تۇراتتى. قولىدا لىق ئوق قاچىلانغاق مىلتىق بار ئىدى. ئىككى قارا تەنلىك، بىر ئاق تەنلىك بۇرۇلۇپ مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ شىرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ ۋىلسونغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئىگىز بويىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر ئەيىپتەك تۇيۇلدى. ۋىلسون ئۇنىڭغا قاراپ:
     ـ رەسىمگە چۈشىۋالامسەن؟  دەپ سورىدى.
     ـ ھاجىتى يوق  دېدى ئۇ.
    ئۇلار ماشىنا يېنىغا بارغۇچە شۇ ئىككى ئېغىزى سۆزلەشتى. ئاندىن ۋىلسون:
     ـ قالتىس شىركەن، قول ئاستىمىزدىكىلەر ئۇنىڭ تېرىسىنى سويۇۋالىدۇ. بىز يەنىلا بۇ سالقىن جايدا ساقلاپ تۇرايلى، ـ دېدى.
    ماكومبىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا قارىمىدى. ئۇمۇ ئايالىغا قارىمىدى. ئۇ ئارقا ئورۇندۇقتا ئايالىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ۋىلسون ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇ بىر قېتىم قولىنى ئۇزىتىپ ئايالىنىڭ قولىنى تۇتتى. ئەمما ئايالىغا قارىمىدى. ئايالى قولىنى ئۇنىڭ ئالقىنىدىن تارتىۋالدى. ماكومبى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى مىلتىق كۆتۈرگۈچىلەر شىر تېرىسىنى سويۇۋاتقان يەرگە قاراپ، ئايالىنىڭ ئىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېنىق كۆرگەنلىكىنى بىلدى. ئۇلار ئولتۇراتتى. ئايالى ئالدىغا سىلجىپ قولىنى ۋىلسوننىڭ مۈرىسىگە قويدى. ۋىلسون ئارقىسىغا بۇرۇلدى. مارگارىت پاكار ئورۇقدۇقتىن ئالدىغا سوزۇلۇپ ئۇنىڭ ئاغزىغا سۆيدى.
     ـ ئوھھوي، ـ دېدى ۋىلسون، ئۇنىڭ تەبىئىي قىزىل يۈزى تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى.
     ـ روبېرىت ۋىلسون ئەپەندى، ـ دېدى ئۇ، ـ چىرايلىق قىزىل يۈزلۈك روبېرىت ۋىلسون ئەپەندى.
    ئۇ ماكومبىنىڭ يېنىدا قايتا ئولتۇرۇپ بۇرۇلۇپ قارشى قىرغاقتىكى شىر ياتقان جايغا قارىدى. شىرنىڭ ئالدى ئىككى پۇتى ئۈستىگە قارىغان تېرىسى سويۇۋېلىنغان ئىدى. قاردەك ئاپئاق مۇسكۇللىرى ۋە پەيلىرى، يەنە تومپىيىپ تۇرغان ئاپئاق قورسىقى چىقىپ قالغان. نېگىرلار تېرىدىكى گۆشلەرنى قىرىۋاتاتتى. قورال كۆتۈرگۈچى ئاخىر نەم ھەم ئېغىر، شىر تېرىسىنى ئېلىپ كەلدى. تېرىنى يۆگەپ ماشىنىغا تارتىپ چىقاردى. ماشىنا قوزغالدى. ھېچكىم ھېچنېمە دېمىدى. ئۇلار كەپىگە قايتتى.
       بۇ شىرنىڭ ھېكايىسى. ماكومبى شىرنىڭ تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كېلىشتىن بۇرۇن نېمە خىيالدا بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن سائەتلىك تېزلىكى ئىككى يۈز ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان 505 تىپلىق ئوقنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە شىددەت بىلەن ئاغزىغا تەگكەندە قانداق تۇيغۇدا بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئاخىرىدا ئىككىنچى قېتىملىق شىددەتلىك زەربە بىلەن ئارقا بەدىنى كېرەكتىن چىققان چاغدىمۇ يەنىلا ئۆزىنى خاراپ قىلغان ئەشۇ پاڭ-پاڭ قىلىپ ئاۋاز چىقارغان نەرسىگە قاراپ ئىلگىرلىگەنلىكىنى، قانداق بىر كۈچنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئۇ بىلمەيتتى. ئەكسىچە ۋىلسون ئازراق بىلەتتى. ئۇ پەقەت بىر جۈملە سۆز بىلەن «قالتىس شىركەن» دەپ قويدى. بىراق، ماكومبى ۋىلسوننىڭ بۇ ئىشلارغا قارىتا نېمە تۇيغۇدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن تەتۈر قارىشىپ قالغىنىدىن باشقا ئايالىنىڭ قانداق ھېسسياتتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
       ئۇ بۇرۇنمۇ ئايالى بىلەن يامانلىشىپ قالغان، بىراق، يىغىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىگە يەتمىگەن ئىدى. ماكومبى ناھايىتى باي ئىدى. ھەم تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. بۇ ئۇ بىلىدىغان بىر قانچە ھەقىقىي ئىشلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ئىشنى بىلەتتى. ئۇنىڭ موتسىكىلىت  (بۇ ئەڭ بۇرۇنقى ئىش) ، ماشىنا، ياۋا غاز ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، سالمون بېلىقى، دېڭىز، كىتابلاردىكى جىنىسىي مۇھەببەت ھېكايىلىرى، نۇرغۇن كىتابلار، ئىنتايىن نۇرغۇن كىتابلار، مەيداندا ئوينىلىدىغان بارلىق توپ تۈرلىرى، ئىتلار توغرىلىق بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. ئاتنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى. پۇللىرىنى قانداق چىڭ تۇتۇشنى ئۆز دائىرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ ئىشلىرىنى بىلەتتى. يەنە ئايالىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئەزەلدىن ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ئافرىقىدىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. بىراق ئامېرىكىدا ئۇ ئېرىنى تاشلاپ كەتكۈدەك ھەم تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرگۈدەك دەرىجىدە گۈزەل ئەمەس ئىدى. ئايالى بۇ ئەھۋالنى بىلەتتى. ئۇمۇ بىلەتتى. ئايالى ئۇنى تاشلاپ كەتكۈدەك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدى، بۇنى ھەم ئۇ بىلەتتى. ئەگەر ئۇ ئاياللار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىشتا تەدبىرلىكرەك بولغان بولسا، ئايالى ئۇنىڭ يەنە بىر چىرايلىق ئايال تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولاتتى. بىراق، ئايالنىڭ ئېرى توغرىلىق بىلىدىغانلىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بۇ ئىش توغرىلىق غەم يېيىش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز ئىدى. يەنە بىر جەھەتتىن ماكومبى ناھايىتى كەڭ قورساق بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق دېمىگەندە بۇ ئۇنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى.
    نېمىلا دېمەيلى، ئۇلار خېلىلا بەختلىك ئەر-خوتۇنلاردىن سانىلاتتى. ئۇلار دائىم ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىغا دائىر گەپ تارقىلىدىغان، بىراق، ئەزەلدىن ئايرىلىپ كەتمەيدىغان ئەر-خوتۇنلار تىپىغا كىرەتتى. بىر ئىجتىمائىي سەھىپە يازغۇچىسىنىڭ يازغىنىدەك: ئۇلار پەقەتلا كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن ۋە باشتىن-ئاخىر سىناقتىن ئۆتكەن مۇھەببىتىگە خەتەردىن بىر قەۋەت ھەل بېرىش ئۈچۈن ئەڭ زۇلمەتلىك ئافرىقا دەپ قارالغان ئاشۇ جايلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئوۋ ئوۋلىغان، بۇ بىر پارچە زۇلمەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق، مارتىن جونسون ئەر-ئايالنىڭ①نۇرغۇن فىلىملىرى ئارقىلىق نامايان قىلىنغان. ئۇلار ئۇ يەردە شىر، ياۋا كالا، پىل قاتارلىقلارنى ئوۋلىغان ۋە تەبىئەت تارىخى موزىيى ئۈچۈن ئەۋرىشكە توپلىغان. ئىجتىمائىي سەھىپە يازغۇچىسى بۇرۇن ئۈچ قېتىم ئۇلارنى «ئاجرىشىش گىردابىغا بېرىپ قالدى» دەپ خەۋەر قىلغان. ئەھۋالمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. بىراق ئۇلار دائىم يەنىلا يارىشىپ قالغان. ئۇلارنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس بار ئىدى. مارگارىت ناھايىتى چىرايلىق بولغاچقا ماكومبىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشكە كۆڭلى قىيمايتتى. ماكومبىنىڭ پۇلى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا مارگارىتمۇ ئايرىلىشقا چىدىمايتتى.
    فىرانسىس ماكومبى شىرنى ئويلىمىغاندىن كېيىن، بىر پەس ئۇخلىۋېلىپ ئويغىنىپ كەتتى، ئاندىن يەنە ئۇخلاپ قالدى. شۇ پەيتتە ئەتىگەن سائەت ئۈچ بولغان بولۇپ، ئۇ چۈشىدە بېشى قانغا مىلەنگەن شىرنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ يۈرىكىنىڭ گۈپۈلدەپ قالايمىقان سوققىنىنى ئاڭلاپ يېتىپ ئايالىنىڭ كەپىدىكى يەنە بىر كاناپ كارىۋاتتا يوقلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئىككى سائەت ئويغاق يېتىپ، بۇ ئىشنى كاللىسىدىن چىقىرىۋېتەلمىدى.
    ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى كەپىگە كىرىپ كەلدى. پاشىلىقنى قايرىپ بىمالال كارىۋىتىغا چىقىپ ياتتى.
     ـ نەگە باردىڭ؟ ـ دەپ سورىدى ماكومبى قاراڭغۇلۇقتا.
     ـ ھە، ـ دېدى ئۇ، ـ سىز ئويغاندىڭىزمۇ؟
     ـ نەگە باردىڭ؟
     ـ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن بايىلا چىققانتىم.
     ـ بەلەن ئىش قىلدىڭ، ئۆلگۈر.
     ـ سىز مېنىڭ نېمە دېيىشىمنى تەلەپ قىلىسىز، قەدىرلىكىم؟
     ـ نەگە باردىڭ؟
     ـ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگىلى چىققان.
     ـ بۇ ئەكسىچە ئۇ ئىشنىڭ يېڭىچە نامى، پەسكەش قانجۇق.
     ـ ھە، سىز دېگەن بىر توخۇ يۈرەك.
     ـ شۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ ـ دېدى ئۇ.
     ـ مېنىڭچە ھېچنېمە. بىراق، ماڭا گەپ قىلمىسىڭىز، سۆيۈملۈكۈم.
    مەن بەك چارچاپ كەتتىم.
     ـ سەن مېنى ھەممىگە چىدايدۇ دەپ ئويلامسەن؟
     ـ بىلىمەن، سىز چىدايسىز، قەدىرلىكىم.
     ـ ھەي، مەن چىدىيالمايمەن.
     ـ قەدىرلىكىم، ماڭا گەپ قىلمىسىڭىزچۇ، مەن بەك چارچاپ كەتتىم.
     ـ بۇنداق ئىشنى يەنە قىلغۇچى بولما، سەن قىلماسلىققا ماقۇل بولغان.
     ـ ھىم، ھازىر يەنە قىلدىم، ـ دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن.
     ـ بۇ قېتىم ساياھەتكە چىقساق بۇنداق ئىش ھەرگىز سادىر بولمايدۇ دېگەنتىڭ، سەن ماقۇل بولغان.
     ـ شۇنداق سۆيۈملۈكۈم، مەن شۇنداق دېگەنتىم. بىراق، بۇ قېتىمقى ساياھىتىمىز تۈنۈگۈن تۈگەشتى. بىز ئۇ توغرىدا سۆزلەشمىسەك قانداق بولامدۇ؟
     ـ پۇرسەت بولسىلا قولدىن بەرمەيدىكەنسەن. توغرىمۇ؟
     ـ ماڭا گەپ قىلماڭ، مەن ناھايىتى چارچاپ كەتتىم، سۆيۈملۈكۈم.
     ـ گەپ قىلىمەن.
     ـ ئۇنداقتا مېنى ئاۋارە قىلماڭ، مەن ئۇخلاپ قالغىلىۋاتىمەن، ـ ئارقىدىن ئۇ ھەقىقەتەن ئۇخلاپ قالدى.
    تاڭ تېخى يورۇمىغان ئىدى. ئۇلار ئۈچى ئۈستەل ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ئەتىگەنلىك تامىقىنى يەۋاتاتتى. فىرانسىس ماكومبى ئۆزى نەپرەتلىنىدىغان نۇرغۇن ئادەملەر ئىچىدە ھەممىدىن بەك نەپرەتلىنىدىغىنى روبېرىت. ۋىلسون ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
     ـ ياخشى ئۇخلىدىڭمۇ؟ ـ ۋېلسون تۇرۇپكىسىغا تاماكا قاچىلىغاچ دىمىقىدا سورىدى.
     ـ ئۆزۈڭ ياخشى ئۇخلىغانسەن؟
     ـ قالتىس، ـ دېدى بۇ ئاقتەنلىك ئوۋچى.
    «ھۇ ھايۋان» دەپ ئويلىدى ماكومبى «سەن بىر مەنمەنچى ھايۋان».
     «ئۇ كەپىسىگە قايتقاندا ئۇنى ئويغىتىۋېتىپتۇ-دە» دەپ ئويلىدى ۋىلسون ھېسسياتسىز، سوغۇق نەزەرى بىلەن ئۇ ئىككىسىگە قاراپ. «ھوي ئۇ نېمىشقا ئايالىنى تۇرۇشقا تېگىشلىك جايدا تۇرغۇزمايدۇ. ئۇ مېنى قانداق نەرسە دەپ ئويلاپ قالغاندۇ. بىر ئۆلگۈر مۇرىتىنىڭ گەج ھەيكىلى دەپ قالغانمىدۇ. كىم ئۇنى ئايالىنى تۇرۇشقا تېگىشلىك جايىدا تۇرغۇزمىسۇن دەپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى.»
     ـ سىزنىڭچە بىز ياۋا كالا تاپالارمىزمۇ؟ ـ مارگارىت شۇنداق دېگەچ قولى بىلەن بىر داس ئۆرۈكنى ئىتتىرىپ قويدى.
     ـ ئېپى كەلسە ئۇچرىتىمىز ـ دېدى ۋىلسون ئۇنىڭغا تەبەسسۇم قىلىپ، ـ سىز نېمىشقا لاگىردا قېپ قالمايسىز.
     ـ قېپقالمايمەن، ـ دېدى ئۇ ئۇنىڭغا.
     ـ نېمىشقا ئۇنىڭغا لاگىردا قېلىپقال دېمەيسەن؟ ـ دېدى ۋېلسون ماكومبىغا.
     ـ سەن دە، ـ دېدى ماكومبى سوغۇق ھالدا.
    بىزگە ھېچقانداق تاپىلاش كەتمەيدۇ، ـ دېدى مارگارىت يۈزىنى بۇراپ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن ماكومبىغا، ـ ئەخمەقلىق قىلماڭ، فىرانسىس.
     ـ سەن يولغا چىقىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇڭمۇ؟ ـ سورىدى ماكومبى.
     ـ قاچاندا يولغا چىقساق بولۇۋېرىدۇ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ سەن ئايالىڭنىڭ بېرىشىغا قوشۇلامسەن؟
     ـ قوشۇلاي ياكى قوشۇلماي بۇنىڭ نېمە پەرقى بار؟
    «تازىمۇ چاتاق بولدى» دەپ ئويلىدى ۋىلسون. نېمە دېگەن رەسۋاچىلىق. بۇ ئىشتىن ھامان مۇشۇنداق غەۋغا چىقاتتى. باشتىن قارىغاندىمۇ ھەم شۇنداق.
     ـ ھېچقانداق پەرق يوق ـ دېدى ئۇ.
     ـ سەن مېنى ياۋا كالا ئوۋلاشقا ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزۈڭ ئۇنىڭ بىلەن لاگىردا قېلىشنى خالىمامسەن؟
     ـ بولمايدۇ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بولسام بۇنداق يالغان-ياۋىداق گەپنى قىلمىغان بولاتتىم.
     ـ مەن يالغان گەپ قىلمىدىم. مەن بىزارلىق ھېس قىلىۋاتىمەن.
     ـ فىرانسىس، ئورۇنلۇقراق گەپ قىلسىڭىز قانداق؟ ـ دېدى ئۇنىڭ ئايالى.
     ـ مېنىڭ گەپلىرىم، ئاناڭنى، بەك ئورۇنلۇق بولۇپ كەتتى. ـ دېدى ماكومبى ـ سەن مۇشۇنداق پاسكىنا نەرسىنى يەپ باققانمۇ؟
     ـ تاماقتا بىرەر چاتاق بارمىكەن؟
     ـ چاتىقى باشقا ئىشلاردىكى چاتاققا يەتمەيدۇ.
     ـ مەن ساڭا «ئۆزۈڭنى بېسىۋال دېيەلەيمەن يىگىت، ـ دېدى ۋىلسون ئىنتايىن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن، ـ ئۈستەل يېنىدا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان مالايلارنىڭ بىرى ئازراق ئىنگلىزچە بىلىدۇ.
     ـ ئۇ كۆزۈمدىن يوقالسۇن.
    ۋىلسون ئورنىدىن تۇردى. تاماكا چەككەچ ئۇنى ساقلاپ تۇرغان مىلتىق كۆتۈرگۈچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىۋاھىر تىلىدا بىر نەرسە دېدى. ماكومبى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئۈستەل يېنىدا ئولتۇراتتى. ماكومبى ئۆزىنىڭ قەھۋە ئىستاكانىغا تىكىلگەن ئىدى.
     ـ سىز بۇنداق جىدەل قىلسىڭىز، مەن سىزدىن ئايرىلىپ كېتىمەن سۆيۈملۈكۈم، ـ دېدى مارگارىت سالماقلىق بىلەن.
     ـ ياق، سەن ئۇنداق قىلمايسەن.
     ـ سىناپ باقسىڭىز بىلىسىز.
     ـ سەن مەندىن ئايرىلىپ كەتمەيسەن.
     ـ توغرا، ـ دېدى ئۇ، ـ مەن سىزدىن ئايرىلىپ كەتمەيمەن. بىراق سىز ئەدەپلىكرەك بولۇڭ.
     ـ ئەدەپلىكرەك بولىمەن؟ قالتىس گەپ قىلدىڭ. مەن ئەدەپلىكرەك بولىمەن.
     ـ ئۇنداق ئەمەس، ئەدەپلىكرەك بولۇڭ.
     ـ سەن نېمىشقا ئۆزۈڭ ئەدەپلىك بولۇشنى سىناپ باقمايسەن؟
     ـ سىنىغىنىمغا ئۇزۇن بولدى. ناھايىتى ئۇزۇن بولدى.
     ـ مەن ئەشۇ قىزىل يۈز مەخلۇقتىن بىزار، ـ دېدى ماكومبى، ـ مەن ئۇنىڭ سايىسىنى كۆرسەممۇ سەپرايىم ئۆرلەيدۇ.
     ـ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى سۆيۈملۈك.
     ـ ئاھ، دېمەيلا قوي، ـ ماكومبى ھەتتا ۋارقىرىۋەتتى. بۇ چاغدا ماشىنا كېلىپ تاماق كەپىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى. شوپۇر بىلەن ئىككى نەپەر مىلتىق كۆتۈرگۈچى ماشىنىدىن چۈشتى. ۋىلسون كېلىپ، ئۈستەل يېنىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا قارىدى.
     ـ ئوۋغا بارامدۇق؟ ـ سورىدى ئۇ.
     ـ بارىمىز، ـ ماكومبى شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇردى، ـ بارىمىز.
     ـ بىر پوپايكا ئېلىۋالغىنىڭىز ياخشى. ماشىنا ماڭغاندا توڭۇپ قالىسىز، ـ دېدى ۋىلسون.
     ـ مەن خۇرۇم چاپان كىيىۋالاي، ـ دېدى ماگى.
     ـ مالاي ئېلىپ كەلدى، ـ دېدى ۋىلسون ئۇنىڭغا، ئۇ ماشىنىغا چىقىپ شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. فىرانسىس ماكومبى بىلەن ئايالى ھېچنېمە دېمەي ئارقا ئورۇنغا جايلاشتى.
    «بۇ قاپاقباش دىققەت قىلماي ئارقامدىن مىڭەمنى چۇگىۋەتمىسە بولاتتىغۇ» دەپ ئويلىدى ۋىلسون. «ئاياللار ئوۋ ئوۋلاش ئەترىتى ئۈچۈن راستىنلا بىر ئاۋارىچىلىق».
    ماشىنا كۈلرەڭ تاڭ نۇرى ئاستىدا جالاق-جۇلۇق ئاۋاز چىقىرىپ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىپ پۈتۈنلەي يۇمۇلاق تاشلار بىلەن تولغان دەريانىڭ تىيىز قىنىدىن ئۆتۈپ قىرغاققا قاراپ ئىلگىرلىدى. ۋىلسون ئالدىنقى كۈنى باشقىلارغا تاپىلاپ ئۇ يەرگە يول ئاچقۇزۇپ قويغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار قىرغاقتىكى باغچىغا ئوخشايدىغان باراقسان ئورمانلىققا، يەر شەكلى ئىگىز-پەس يەرگە يېتىپ بارالايتتى.
    «نېمە دېگەن چىرايلىق سەھەر، دەپ ئويلىدى ۋىلسون. ئەتراپنى شەبنەم قاپلىغان، ماشىنا چاقى ئوت-چۆپلەر بىلەن پاكار دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتكەندە ئۇ يەنچىلگەن سۈتلۈك ئوت ھىدىنى پۇرىيالايتتى. بۇ قامچا ئوتنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. ماشىنا بۇ ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، باغچىغا ئوخشايدىغان جايدىن ئۆتتى. ئۇ مۇشۇ خىل تاڭ شەبنىمىنىڭ ھىدىنى، چەيلەنگەن سۈتلۈك ئوت ھىدىنى ۋە سەھەردىكى تۇماندا قارا كۆرۈنىدىغان دەرەخ غولىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ھازىر ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئىككەيلەننى خىيالىغا كەلتۈرمەي ياۋا كالىنى ئويلىدى. ئۇ ئىزدىگەن ياۋا كالىلار كۈندۈزدە لاي-پاتقاققا تولغان سازلىقتا تۇراتتى. ئۇ يەردە ئۇلارنى ئېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق كەچتە بۇ ئەتراپتىكى ئوچۇقچىلىقتا ئوزۇق ئىزدەيتتى، ئەگەر ئۇ ماشىنا بىلەن ئۇلارنى سازلىقتىن ئايرىۋېتەلىسە ماكومبىغا ئۇلارنى ئېتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى چىققان بولاتتى. ئۇنىڭ ماكومبى بىلەن قويۇق ئورماقلىقتىكى خىلۋەت جايدا ياۋا كالا ئوۋلىغۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ماكومبى بىلەن ياۋا كالا ياكى ھەرقانداق ياۋايى ھايۋان ئوۋلىغۇسى يوق ئىدى. لېكىن ئۇ بىر كەسپىي ئوۋچى. ئۇ بۇ ئۆمرىدە كەم ئۇچرايدىغان ئادەملەر بىلەن بىللە ئوۋ ئوۋلىغان ئىدى. ئەگەر بۈگۈن ياۋا كالا ئوۋلىيالىسا ئوۋلىمىغان پەقەت كەركىدان قالىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ بىچارە ئەبلەخ ئۆزىنىڭ خەتەرلىك ئويۇنىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئاندىن ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ قايتا ئۇ ئايال بىلەن ھېچقانداق مۇئامىلە قىلىشمايدۇ. ماكومبىمۇ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتەر. قارىغاندا ئۇ بۇنداق ئىشلارنى بېشىدىن كۆپ ئۆتكۈزگەندەك قىلىدۇ. بىچارە بايقۇش ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە چوقۇم چارىسى بار. ھەي، بۇ ئاشۇ بىچارە يۇمشاق باشنىڭ ئۆلگۈر سەۋەنلىكى.
    ئۇ روبېرت ۋىلسون، ئوۋ ئوۋلاش ئەترىتىگە قوش كىشلىك كاناپ كارۋات ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بۇنى دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىشقى-مۇھەببەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئىدى. ئۇ بۇرۇن بەزى خېرىدارلارغا ھەمراھ بولۇپ ئوۋ ئوۋلىغان. ئۇلار تۇرمۇشتا شاللاق، بۇزۇقچىلىقتا چېكىگە يەتكەن، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاياللار ئەگەر بۇ ئاق تەنلىك ئوۋچى بىلەن بىر كارۋاتقا چىقالمىسا ئۆزلىرىنىڭ خەجلىگەن پۇلىنى بىكارغا كەتتى دەپ قارىشاتتى. ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلغاندا ئۇلارنى مەنسىتمىگەن، گەرچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ياخشى كۆرگەن بىر نەچچىسى بولسىمۇ، بىراق ئۇ مۇشۇ خىل ئادەملەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى. پەقەت ئۇلار ياللىسىلا ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى ئۇنىڭمۇ ئۆلچىمى بولۇپ قالاتتى.
    ئوق ئېتىش ماھارىتىنى دېمىگەندە ھەممە جەھەتتە ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلچىمى ئىدى. ئوۋچىلىقتا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بار ئىدى.ئۇلار ئۇنىڭ بۇ ئۆلچىمىگە ھۆرمەت قىلمىسا باشقىلارنى ياللاپ ئوۋغا چىقسىمۇ ئىختىيارى ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ مۇشۇ پوزىتسىيىسى سەۋەبلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. بىراق بۇ ماكومبى شەك-شۈبھىسىز بىر غەلىتە نېمە ئىدى. يەنە دېسەك ئۇنىڭ ئايالى. ھە بۇ ئايال، شۇنداق بۇ ئايال. ھىم بۇ ئايال. بولدىلا، ئۇ ھەممىنى بولدى قىلدى. ئۇ ئۇلارغا بىر قاراپ قويدى. ماكومبى قاتتىق غەزەپتىن چىرايى پۈرۈلگەن ھالدا ئولتۇراتتى. مارگارىت ۋىلسونغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇ بۈگۈن قارىماققا تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ سەبى، تېخىمۇ نازىنىن بولۇپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ياسالما گۈزەل كۆرۈنمەيتتى. «ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەقەت خۇدا بىلىدۇ»دەپ ئويلىدى ۋىلسون. تۈنۈگۈن كەچتە مارگارىت كۆپ سۆزلىمىگەن ئىدى. بۇ ئىشنى ئويلاپ ئۇنى كۆرۈش بىر خۇشاللىق ئىدى.
    ماشىنا بىر دۆڭگە ياماشتى. يول بويى ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاندىن ياۋا ئوت-چۆپ باسقان يايلاققا ئوخشايدىغان ئوچۇقچىلىققا چىقتى. ئوچۇقچىلىقنى ياقىلاپ، دەرەخلەرنىڭ دالدىسىدا كېتىۋېتىپ شوپۇر سۈرئەتنى ئاستىلاتتى. ۋىلسون بۇ ئوتلاقنى ۋە ئۇنىڭ چەت-ياقىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۈزەتتى. ماشىنىنى توختاشقا بۇيرۇپ، دۇربۇن بىلەن ئوچۇقچىلىققا قاراپ چىقتى. ئاندىن شوپۇرغا داۋاملىق مېڭىشنى ئىشارەت قىلدى. شوپۇر ماشىنىنى ئاستا قوزغاپ چوشقا ئۇۋىلىرى ۋە چۈمۈلە دۆڭلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يۈرۈپ كەتتى. ئارقىدىن ۋىلسون ئوچۇقچىلىقنىڭ نېرىسىغا قاراپ، تويۇقسىز يۈزىنى بۇراپ:
     ـ ۋاي خۇدا، ئۇلار ئۇ يەردىكەن، ـ دېدى.
    ماشىنا تېز ئىلگىرلىدى. ۋىلسون سىۋاھلىر تىلىدا شوپۇرغا ناھايىتى تېز سۆزلەپ بىر نەرسىلەرنى دېدى. ماكومبى ئۇ قولى بىلەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ ھەم ئۇزۇن، ھەم كالامپاي، يۇمىلاق تۈۋرۈك سىياقىدىكى يوغان ماي ماشىنىسىغا ئوخشايدىغان قارا ئۇچ ياۋايى ھايۋاننىڭ ئۇچقاندەك چېپىپ كەڭ ئوتلاقنىڭ بىر تەرىپىنى كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار شۇنچە تېز يۈگرەيتتى. بوينى ۋە بەدىنى قاتتىق ئىدى. ئۇلار بېشىنى چىقىرىپ چېپىپ كېتىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاراپ ئۆسكەن كەڭ قارا مۈڭگۈزى كۆزگە تاشلىناتتى. بېشى مىدىرلىمايتتى.
     ـ ئۈچ قېرى بۇقا ئىكەن، ـ دېدى ۋىلسون، ـ بىز ئۇلارنىڭ سازلىققا بېرىش يولىنى ئۈزىۋېتەيلى.
    ماشىنا شىددەت بىلەن سائىتىگە قىرىق بەش ئىنگلىز مىلىلىق سۈرئەتتە ئوچۇقچىلىقنى كېسىپ ئۆتتى. ماشىنا يېقىنلاشقانسېرى ياۋا كالىلار ماكومبىغا تېخىمۇ يوغان كۆرۈندى. ئۇ ئاخىر بىر زور كەلگەن، كۈلرەڭ، تۈكسىز، قوتۇر باسقان ياۋا كالىنى ئېنىق كۆردى. ئۇنىڭ بوينى مۈرىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مۈڭگۈزى پارقىراق ھەم قارا ئىدى. ئۇ باشقا ئىككى ياۋا كالىنىڭ ئارقىسىدا بولۇپ، ئۇلار رەتلىك ھالدا پۇختا قەدەملەر بىلەن قېچىپ كېتىپ باراتتى. ماشىنا يولدىن چىقىپ كەتكەندەك قاتتىق بىر سىلكىندى. ئۇلار يېتىشىۋالغىلى ئازلا قالدى. ماكومبى ئالدىغا چاپچىپ كېتىپ بارغان بۇقىنىڭ غايەت زور تېنىنى، شالاڭ تۈكلەر ئۆسكەن تېرىسىدىكى توپا-چاڭنى، مۈڭگۈزى ئۆسۈپ چىققان جاينى ۋە تۆشۈكى يوغان بۇرنىنى كۆردى. ئۇ مىلتىقىنى كۆتۈرۈشىگە، ۋىلسون:
     ـ ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، قاپاقباش، ـ دەپ ۋارقىرىدى.
    ئۇ ۋىلسوندىن قورقمايتتى. پەقەتلا ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەتتى. بۇ پەيتتە ماشىنا تورمۇزلاندى. لېكىن ماشىنا سېرىلىپ، بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالدى. ماشىنا يەنىلا مۇقىم توختىمىغان ئىدى. ۋىلسون بىر تەرەپتىن، ماكومبى بىر تەرەپتىن ماشىنىدىن چۈشتى. يەر ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك ئۇ دەلدۈگۈنۈپ كەتتى. ئارقىدىن قېچىپ كېتىپ بارغان ياۋا كالىغا قارىتىپ ئوق ئاتتى. بىردىن-بىردىن پاڭىلداپ ئېتىلغان ئوقنىڭ كالىنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. بىر خىل قىياپەتتە قېچىپ كېتىپ بارغان ياۋا كالىغا قارىتىلغان قورالدىكى ئوقلار پۈتۈنلەي ئېتىلىپ بولدى. ئاخىر ئۇ ياۋا كالىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بوينىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېتىشنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ قولاشمىغان ھالدا قورالىغا ئوق سېلىۋېتىپ ياۋا كالىنىڭ يېقىلغانلىقىنى كۆردى. ياۋا كالا يەرگە تىزلىنىپ يوغان بېشىنى ئارقىسىغا كۆتۈرەتتى. باشقا ئىككى ياۋا كالا يەنىلا ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپ باراتتى. ئۇ ئالدىدا باشلاپ كېتىۋاتقانغا قارىتىپ ئوق ئېتىپ تەككۈزدى. ئۇ يەنە بىرنى ئاتتى. ئوق تەگمەي قاراسلىغان ئاۋاز چىقاردى. ۋىلسونمۇ ئوق ئاتتى. ئاندىن باشلاپ كېتىۋاتقان ياۋا كالىنىڭ ئالدىغا يېقىلىپ، بۇرنىنىڭ يەرگە سوقۇلغانلىقىنى كۆردى.
     ـ يەنە بىرسىنى يېقىت، ـ دەپ ۋارقىرىدى ۋىلسون، ـ ھەي، دەرھال ئات.
    بىراق ئۇ ياۋا كالا بىر خىل ھالەتتە ئۇچقاندەك قېىپ كېتىپ باراتتى. ئۇ ئوق ئېتىپ تەككۈزەلمىدى. ئوق يەردىن توپا توزۇتتى. ۋىلسوننىڭمۇ ئوقى تەگمەي يەردىن بۇلۇتتەك توپا ئۆرلەتتى، ئارقىدىن ۋىلسون:
     ـ ماڭ، ئۇ يىراقلاپ كەتتى، ـ دېدى ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ ماشىنىنىڭ ئىككى تەرەپتىكى باسقۇچىغا دەسسەپ تۇردى. ماشىنا ئىگىز-پەس يولدا سىلكىنىپ تېز ئىلگىرىلەپ، بوينىنى قاتتىق تۇتۇپ، پۇختا قەدەملەر بىلەن قېچىپ كېتىپ بارغان ياۋا كالىنى قىستاپ كەلدى.
    ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى. ماكومبى قورالىنى ئوقلاۋاتقاندا ئوقدان يەرگە چۈشۈپ كەتتى. كۈتمىگەندە قورالىدىن كاشىلا چىقتى. ئۇ كاشىلىنى ئوڭشاپ بولغان شۇ پەيتتە ئۆزلىرىنىڭ ياۋا كالىغا يېتىشىۋالغانلىقىنى كۆردى. ۋىلسون:
     ـ ماشىنىنى توختات، ـ دەپ ۋارقىرىدى. ماشىنا توختىدى، لېكىن سېرىلىپ ئۆرۈلۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ماكومبى ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، تېزلىكتە مىلتىق زاتورىنى ئىتتىرىپ قېچىپ كېتىپ بارغان بەدىنى يۇمىلاق كەلگەن ياۋا كالىنىڭ قارا دۈمبىسىنى نىشانلاپ ئاتتى. يەنە نىشانلاپ ئاتتى. يەنە بىرنى، يەنە بىرنى ئاتتى. ئوقلارنىڭ ھەممىسى تەگدى. بىراق ئۇ ياۋا كالىدا بۇنىڭ ھېچقانداق ئىنكاسىنى كۆرمىدى. ئارقىدىن ۋىلسون ئاتتى. ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق پەردىسىنى يىرتىۋېتىدىغاندەك ئاڭلاندى. ئۇ ياۋا كالىنىڭ دەلدەڭشىگەنلىكىنى كۆردى. ماكومبى ئەستايىدىل قارىغا ئېلىپ يەنە بىر ئاتتى. شۇندىلا ياۋا كالا يېقىلىپ يەرگە تىزلىنىپ قالدى.
     ـ بەلەن بولدى، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئۇلار جەمئىي ئۈچ.
    ماكومبى خۇددى مەس بولۇپ قالغاندەك ھاياجانلانغان ئىدى.
     ـ سەن نەچچە پاي ئاتتىڭ؟ ـ سورىدى ئۇ.
     ـ ئۈچلا پاي، ـ دېدى ۋىلسون، ـ سەن بىرىنچى بۇقىنى ئۆلتۈردۈڭ. ئەڭ چوڭىنى، قالغان ئىككىسىدە مەن ساڭا ياردەملەشتىم. ئۇلارنىڭ خىلۋەت جايغا قېچىپ بېرىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. ئۇلارنى سەن ئۆلتۈردۈڭ. مەن پەقەت ئازراق ياردەملەشتىم. سەن ناھايىتى قالتىس ئاتتىڭ.
     ـ بىز ماشىنىغا چىقايلى، ـ دېدى ماكومبى، ـ مەن بىر ئاز ھاراق ئىچەي.
     ـ ئاۋۋال ئۇ بۇقىنى جايلىۋېتەيلى، ـ دېدى ۋىلسون.
    ياۋا كالا يەرگە تىزلىنىپ بېشىنى غەزەب بىلەن تولغايتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا ئۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بىر جۈپ كىچىك كۆزى بىلەن ئۇلارغا چەكچىيىپ ئەسەبىيلەرچە ھۆركىرىدى.
     ـ پەخەس بول، ئۇنى ئورنىدىن تۇرغىلى قويما، ـ دېدى ۋىلسون. ئارقىدىن يەنە، ـ يان تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ بوينىغا ئات. قۇلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى جايغا، ـ دېدى.
    ماكومبى ئەستايىدىل قارىغا ئېلىپ ئۇنىڭ زور، ھۆركىرەشتىن تولغانغان بوينىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئاتتى. ئوق ئاۋازى ياڭراش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى.
     ـ بەلەن ئاتتىڭ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئومۇرتقىسىغا تەگدى. ئۇلارنىڭ تۇرقى تولىمۇ كۆركەم، شۇنداقمۇ؟
     ـ بېرىپ ئازراق ھاراق ئىچەيلى، ـ دېدى ماكومبى، ئۇ ئۆمرىدە ئەزەلدىن بۇنچە خۇشال بولۇپ باقمىغان ئىدى.
    ماكومبىنىڭ ئايالى ماشىنىدا چىرايى تاتارغان ھالدا ئولتۇراتتى.
     ـ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز ھەقىقەتەن قالتىس بولدى، قەدىرلىكىم، ـ دېدى ئۇ ماكومبىغا، ـ ماشىنىنى شۇنچە خەتەرلىك ھەيدىگەن بارمۇ؟
     ـ بەك سىلىنىپ كەتتىڭزمۇ؟ ـ سورىدى ۋىلسۇن.
     ـ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق. ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن بۇنداق قورقۇپ باقمىغان ئىدىم.
     ـ بىر ئاز ھاراق ئىچەيلى، ـ دېدى ماكومبى.
     ـ ئەلۋەتتە بولىدۇ، ـ دېدى ۋىلسون، ـ ئالدى بىلەن ئايالىڭغا بەر.
    مارگارىت ياپىلاق ھاراق بوتۇلكىسىنى ئېلىپ بىر يوتۇم ۋىسكى ئىچتى. ھاراقنى يۇتقاندا ئازراق تىترەپ كەتتى. ئۇ بوتۇلكىنى ماكومبىغا بەردى. ماكومبى ۋىلسونغا ئۇزاتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.