ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس (8)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-14 01:26:37

ئاشنا(پوۋېست)ماگرت دوگلاس (8) شەھەرنىڭ قالايمىغان ئاۋازلىرى شۇنچىلىك يېقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قاتقات پەنجىر ياپراقچىلىرىغا تىگىشىۋاتقان ياغاچ تاختىلارنىڭمۇ ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى،...

    ئاشنا
    (پوۋېست)
    ماگرت دوگلاس

     

     (8)

      شەھەرنىڭ قالايمىغان ئاۋازلىرى شۇنچىلىك يېقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قاتقات پەنجىر ياپراقچىلىرىغا تىگىشىۋاتقان ياغاچ تاختىلارنىڭمۇ ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى، بۇ خىل ئاۋازنى ئاڭلاش خۇددى ئۇلار بۇ ئۆيگە كىرىدىغاندەك بىلىنىپ قالاتتى. بۇنداق ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاۋازلىرى ئىچىدە، مەن بۇ يەردە ئۇنى تېنىنى سىلاۋاتاتتىم. دېڭىز، ئومۇملاشتۇرۇپ دېگەندە، بىرگە بولۇش چەكسىز كەتكەن دېڭىز،  خالىغاندا يىراقلايدىغان خالىغاندا يېقىنلىشىدىغان....

    ئۇ بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ماڭا سۇندى، ئۇلاپلا ئۇ مېنىڭ ئاغىزىمغا چاپلا تۇرۇپ بوش ئاۋازدا ماڭا سۆزلىدى.

    مەنمۇ ئۇنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم.

    چۈنكى ئۇ  ئۆزىنى ماختاشقا، مېنىڭ ئۇنىڭغا خوشامەت قىلىشىمغا  ئادەتلەنمىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىدىكى بىر  خىل نەپىسلىك سالاپىتىنى بىلمەيتتى، مەن تېخىمۇ ئۇنىڭغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ كىتەتتىم.

    ھازىر كېچە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇ ماڭا كېيىن بۇ چۈشتىن كېيىننى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇشىمنى ئېيتتى، ھەتتا ئۇنىڭ چىرايىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ،  ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ. مەن ئۇنىڭدىن بۇ ئۆينى ئەسلەش ئەسلىمەسلىكىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا  ئۇنداق بولسا سىز  ئۇبدانراق قاراپ باقارسىز دېدى. مەن  بىر قاراپ قويدۇم. مەن ئۇنىڭغا  بۇ ئۆي ناھايىتى ئاددىي بىر ئۆي  باشقا ئۆيلەرگە ئوخشاش دېدىم. ئۇ ھەئە دېدى، دەل شۇنداق،  باشقا يەردىكى ئۆيلەرمۇ مۇشۇنداقمۇ؟

    مەن بۈگۈن يەنە ئۇنىڭ بىر  چىرايىنى كۆرۈم، مەن يەنە ئۇنىڭ ئىسىمنى ئېسىمگە ئالدىم،  مەن يەنە ئۇ ھاكلانغان  ئاق تامنى،  ئاشۇ  مەشكە ئۇدۇل  تۈز سىزىقلىق  رەخت  پەردىنى ھېلىقى  ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە تۇتىشىدىغان ئەگمە پولات لىملىق ئىشىكنى، ھەمدە  گۈللۈككە تۇتىشىدىغان، ئىچىدىكى گۈل-گىياھلارنىڭ ھەممىسى  پىژغىرىم ئىسسىق سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپىدى كۆك رەڭلىك  رېشاتكىلىق تاملارنىڭ، خۇددى شالى شەھىرىدىكى ھېلىقى  مىكون دەرياسىغا قارالغان چوڭ داچىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

    بۇ بىر قايغۇلۇق، بىتچىپ بولغان جاي. ئۇ مەندىن نېمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقمنى سورىدى. مەن ئاپامنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى، ئەگەر ئاپامنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلسە، ئاپامنىڭ چوقۇم مېنى ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقىنى دېدىم.  مەن ئۇنىڭغا قاراپ  بارىچە  بىر گەپنى ئويلىدىم.  ئاندىن ئۇ ئاپامنىڭ  نېمە  دەيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ دوراپ : مۇشۇنداق نۇمۇسسىز ئىشىنى قىلدىڭمۇ دېدى، ئۇ ئەگەر بىز توي قىلالىغان بولساق، ئۇ بۇنداق قاراشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم، ئۇمۇ ماڭا قارىدى. ئۇ ئۆزنىڭ چۈشەندۈرۈش بەرگىنىدىن  مەغرۇرلاندى. ئۇ مەيلى ئۆز ئارا ھېسسىيات بار ياكى يوق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئىشلار بولغاندىن كېيىن ناھايىتىمۇ ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا بۇ خىل ئازابنىڭ كېچە ئۆتسىلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، كېچە بولغاندىلا  ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    مەن ئۇنىڭغا پەقەت كۈندۈزى بولغانلىقىدىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنىڭ  ھازىرقى  ھالەت  مېنىڭ كۈتۈشىمنىڭ بىر قايغۇ-ھەسىرەت ئىچىدە  ئىكەنلىكى  يەنە كىلىپ بۇ خىل قايغۇ-ھەسىرەتنىڭ تۈپتىن ئۆزۈمدىن بولغانلىقىنى دېدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەزەلدىن بىر قايغۇ-ھەسىرەتلىك ئادەم ئىكەنلىكمنى،  ھەتتا  مېنىڭ بۇنداق قايغۇ-ھەسرىتىمنى قاراپ بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى،  شۇ ئىلگىرىكى قايغۇ-ھەسىرەتلەرگە ئوخشاشلا، شۇڭا بۇ خىل قايغۇلۇقنىڭ مەن بىلەن مۇشۇنىڭدەك بىر خىل مەن بىلەن بىر ئوخشاش ئىسىم قويۇلۇپ قالغاندەكلا بىلىنىدىغانلىقىنى دېدىم. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەن ئۇنىڭغا بۇنداق قايغۇ- ھەسىرەتنىڭ مېنىڭ بەختىم بولۇپ قالغانلىقىنى، خۇددى  ھەر قېتىم  ئاپامنىڭ شۇ مەنىسىز تۇرمۇشىدىكى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغان ۋاقتىغا ماڭا ئېيتقان ئاتالمىش نەس باسقان بەخىتكە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

    مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئاپامنىڭ شۇ گىپىنى قەتئىي چۈشەنمەيدىغانلىقمنى، لېكىن بۇ ئۆينىڭ مەن دەل ئارزۇ قىلغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، مەن بىر تىنىق بىلەنلا دەۋەتتىم، ئۇنىڭ  ئاپادىسىنى كۈتمىدىم. مەن ئاپامنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا تىللاشلىرىنىڭ ھېلىقى تەڭرىنىڭ  ئەۋەتكەن بىر ئەلچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازلاردا مەڭگۈ ھېچقانداق نەرسە كۈتمەسلىكىمنى،  مەيلى قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياكى قانداقلىكى ھاكىمىيەت، مەيلى قانداقلىكى تەڭرى بولسۇن، ھەممىسىدىن ھېچنەرسە كۈتمەسلىكىمنى ئېيتقانلىقىنى دېدىم. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇردى، مېنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. مەن بىر ئېغىز ئېچىپ قالساملا، ئۇ مېنىڭ ئاغزىمغا، يالىڭاچ بەدىنىمگە قاراپ تۇراتتى، مېنىڭ تېنىمنى سىلايتتى، بەلكىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن ئۇنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى  ھالىتىمنى، قىلچىمۇ بەخت ھېس قىلمىغانلىقىمنى دېدىم، مېنىڭ ئۇنىڭغا  بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئاپامنىڭ مائاشىغا قاراشلىق ئىكەنلىكىمىزنى،  تۇرمۇشىمىزنىڭ ناھايىتىمۇ كەمبەغەل ئىكەنلىكىمىزنى،  ھەتتا  تاماق يەيدىغان، كىيىم كىيىشلەرنىڭ بىز ئۈچۈن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن سۆزلىگەنسېرى كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئۇ ماڭا سىلەر قانداق كىلىپ قالدىڭلار دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا  بىزنىڭ داۋاملىق ئۆيدە تۇرمايدىغانلىقىمىزنى،  چۈنكى كەمبەغەلچىلىكتىن ھەتتا  ئۆيىمىزنىڭ ئىىنتايىن يوقسىزلىقىنى، دائىم سىرتلاردا مۇساپىر بولىدىغانلىقىمىنى، كىم نېمىنى قىلىمەن دېسە شۇنى قىلىدىغانلىقىمىزنى، پۈتۈن  ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىر مۇساپىرچىلىقتا ئۆتىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى، دەل مۇشۇ سەۋەبلىك  مېنىڭ بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەگىشىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تېنىمگە شۇڭغۇدى. بىز مۇشۇنداق بىردەم مىدىرلىمىدۇق. سىرتتىكى شەھەر  ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدە ئېڭىرماقتا. دەسلەپتە  بىز تېخى سىرتلاردىكى  شاۋقۇن ئاۋازلارنى ئاڭلىغان ئىدۇق،  كېيىن  ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدۇق.

    ئۇنىڭ مېنىڭ تېنىمگە يېنىك بىردەم  سۈيۈشلىرى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئىخىتىيارسىز  يېرىم قىلىپ كۆز ياش قىلدىم. قارىغاندا سۆيۈشۈش كىشىگە تەسەللىي بېرەمدۇ قانداق، مەن ئۆيدە ئەزەلدىن يىغلىمايتتىم. لېكىن بىر كۈنى مەن بۇ ئۆيدە،  كۆز يېشىدىن تەسەللىي تېپىپ ئۆتۈپ كەتتى. مېنىڭ كەلگۈسىمگىمۇ تەسەللىي بەردى. مەن ئۇنىڭغا ھامان بىر كۈنى ئاپامدىن ئايرىلىپ  چىقىدىغانلىقىمنى، ھەمدە ھامان بىر كۈنى  ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىمنىمۇ دېدىم.  مەن يىغلىدىم،  ئۇ ماڭا بېشىنى مېنىڭ تېنىمگە قويدى، مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپلا ئۇ بېشىنى كۆتىرىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا مەن ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ئاپامنىڭ بەخىتسىزلىكى مېنىڭ  چۈشۈمنىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالدى. چۈش كۆرسەملا شۇ ئاپام، ئەزەلدىن  بىر  رېژىستۇرداۋا  دەرىخىنى چۈشەپ باققىنىم يوق، بەزى ۋاقىتلاردا  ئاپامنىڭ  جاپا-مۇشەققەتلىك  تۇرمۇش دەستىدىن  تۈگەشكەن تېرىلىرىنى چۈشەپ قالىمەن، بەزىدە ئاپامنىڭ چۆل-باياۋاندا ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلاۋاتقانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئۇنىڭ يېمەكلىك ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ياكى بولمىسا  تۈگىمىگەن ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى  --مالى رېگلان دروبايسنىڭ ئوقۇبەتلىرىنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى ئۆزىنىڭ بىگۇناھلىقى، ئاددىي-ساددىلىقى، ئارزۇ ئارمانلىرى دېگەندەك.

    ھېلىقى قاتقات ياپراقلىق پەنجىرىدىن كېچىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. شاۋقۇن ئاۋازلار يەنە كۆتىرىلىپ، تېخىمۇ بەك ئەۋىجگە چىقىپ قۇللاققا خۇشياقماي قالغان ئىدى. سۇس قىزىل رەڭلىك  يول چىراقلىرى يورىتىلغان ئىدى.

    بىز ھوجۇرىدىن چىقتۇق.  مەن يەنە يېڭىباشتىن ھېلىقى قارا رەڭلىك يىپەك ئەرەنچە شىپەلىنى، ھېلىقى بىر جۈپ ئالتۇن رەڭلىك خۇرۇم ئايىقىمنى كىيىۋالدىم،  ئاغزىمغا قىزىل رەڭلىك لەۋ سۇرىقى سۈرىۋالدىم، ئۇچامغا بىر يىپەك پۈتۈن كۆينەك كىيىۋالدىم،  مەن ماغدۇرىمدىن كەتكەن ئىدىم،  مەن تۇيۇقسىز بۇنى ھېس قىلىپ قالدىم،  ئۇ بۇنى بىلىپ قالدى،  شۇنىڭ بىلەن ھاردىڭىزمۇ دەپ سورىدى.

    پىيادىلەر يولىدا  ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق،  ئادەملەر توپى قايناپ كەتكەن ئىدى، ئادەملەرنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتتى، بەزىلىرى ئالدىرىمايتتى،  بەزىلىرى ئالدىراش-ئالدىراش ئىدى، بىز  ئامالسىز  ئادەملەر توپىدىن قىستىلىشىپ بىر يولغا چىقىۋالدۇق. بۇ ئادەملەر توپى خۇددى كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان ئىگىس يوق ئىتتەكلا ئىدى. يەنە خۇددى ھېچبىر مۇددىئاسى يوق ئۇياق- بۇياققا  چېپىپ يۈرگەنلەرگە ئوخشايتتى. مانا بۇ بىر جۇڭگولۇقلارنىڭ كوچىسى. بۇنداق ئادەملەر توپىنى بۈگۈنكىدەك ئاۋات مەنزىرىدىلا  كۆرگىلى بولاتتى.  ئۇ ئادەملەر  توپلىشىپ مېڭىشنى ئادەت قىلغان ئىكەن،  ئەزەلدىن تەمتىرىگەن ئەمەس، قىستاڭچىلىقتىكى ئۇ  شاۋقۇن ئاۋازلىق  ئادەملەر توپىدا  خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەكلا،  خۇددى بەخت يوقتەك،  ئازاب يوقتەك،  ھېچقانداق بىر  قىزىقىش يوقتەك، پەقەت يول مېڭىشنىلا بىلدىغاندەكلا، ئۇلارنىڭ نېمە ئالماقچىلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، پەقەت  بۇ يەردە ئايلىنىۋاتقاندەكلا،  چۆگلەپ قويغاندەكلا،  ئۇلار تەنھا پېتى كېشىلەر توپى ئارىسىدا، لېكىن قەتئىي يالغۇزلۇقنى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى.

    مەن بىر جۇڭگو مېھمانخانىسىغا كەلدىم،  ئۇ بارلىق  قۇرۇلۇشلارنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. خۇددى  سودا سارايدەك  چوڭلۇقتا، ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆيلەر بار ئىدى.  رەستە بازاردا بالكون ۋە پىشايۋانلارغا ئوخشايتتى. بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار ياۋروپا قىتئەسىدە كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى. ئاۋۋال ئاشخانىدىكى مېھمانلارنىڭ تاماق ئېلىش ئۈچۈن ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى، ئاندىن كېيىن، ئاشپەزنىڭ  يۇقىرى ئاۋازدا ئەگىشىپ چىقىۋاتقان ئاۋازلىرى. بۇنداق ئالىي دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا، تاماق ئۈستىدە ئەسلىدە  گەپ قىلىدىغان ئادەم بولماسلىقى كېرەك ئىدى. سەھنىدە بىر قانچە جۇڭگو مۇزىكا ئەترىتى بار ئىدى. بىز تېنىچ بولغان بىر قەۋىتىگە كەلدۇق. بۇ مەخسۇس ياۋروپالىقلارنى كۈتىۋالىدىغان بىر قەۋىتى ئىدى. ئەمەلىيەتتە تاماق تېزىملىكى  ئوخشاش ئىدى. پەقەت  بۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنچە  يۇقىرى ئاۋازدا  ۋارقىرىمايتتى. بۇ يەردە شامالدۇرغۇچ بار،  تامدا يەنە  قېلىن بولغان ئاۋاز ئۆتكۈزمەس تاختا بار ئىدى.

    مەن ئۇنىڭدىن  دادىسىنىڭ قانداق قىلىپ باي  بولغانلىقىنى سورىدىم،  ئۇ پۇلنىڭ گىپى چىقسىلا سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىدە چىىڭ تۇردۇم. ئۇمۇ  ئۆزىنىڭ بىلىشىچە قىلىپ  ماڭا خالاپ ھېكايە تەرىقىسدە سۆزلەپ بەردى.  ئۇ دادىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە توسما تەرەپتىكى يەرلىكلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئاددى ئۆيلەرنى رېمونىت قىلىپ بەرگەنلىكىنى، جەمئىي  300 يۈرۈش  قىلغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردىلا  بىر قانچە كوچىلارنىڭ دادىسىنىڭ مال-مۈلكىگە تەۋە بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىرخىل پارىژنىڭ فىرانسوز تىلى تەلەپپۇزىدا سۆزلىدى، پەقەت تەلەپپۇزى ئازىراقلا قىيىپ كېتەتتى. ئۇ پۇلنىڭ گېپىنى قىلسىلا تەبىئىيلا ئېچىلىپ-يېيىلىپ كېتەتتى. قىلچىمۇ  ئەيمەنمەيتتى. ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلەۋەردى، دادىسىنىڭ ئەسلىدە نۇرغۇن ئۆينىڭ بارلىقىنى، كېيىن ھەممىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى،  ھازىرقى  شەھەرنىڭ جەنۇبىي توسمىسىدىكى يېڭىدىن يەر سېتىۋېلىپ يېڭى ئۆي سالماقچى بولغانلىقىنى، قوشۇپ سالىنىڭ  شال ئېتىزلىرىنىمۇ قوشۇپ سېتىۋلغانلىقىنى ئېيتتى. مە ئۇنىڭدىن بىر قىسىم تارقىلىشچان كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى سورىدىم.

    مېنىڭ دېگىنىم چۇما ئىدى، مەن  بىر قانچە بويتاقلار ئولتۇراق ئۆي كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىپ قويغانلىقىنى ھەتتا  ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى  مىخلاپ پىچەتلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم،  ئۇ بۇ يەردە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ سەل ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى بۇ يەردە چۇما كېسىلىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى يېزىلارنىڭكىدىن ياخشى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى،  ئۇ تۇيۇقسىز  ماڭا ئۇ كىچىك ئايرىم ئۆيلەرنىڭ راستىنلا  ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكلىرىنى ماختىغىلى تۇردى. نېمە ھېلىقى ئۇلارنىڭ پۇللىرىنىڭ  ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭكىدىن خېلى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئاشۇ تارقاق ئۆيلەردىنمۇ بەكىرەك يەرلىكلەرنىڭ ئېھتىياجلىق  ئىكەنلىكىنى، چۈنكى  بۇ يەرنىڭ  ئاھالىلىرى بىر يەردە  ياشاشنى  ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ  ياقا-يۇرتلاردىن كەلگەنلىكىنى، شۇڭا سىرتلاردا ھەتتا كوچىلاردا ياشايدىغانلىقىنى ئۇ نامرات  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزىۋەتمەسلىكىنى، ئۇنىڭ دادىسى ئەمدىلەتىن  نۇرغۇنلىغان پىشايۋانلىرى بار بولغان بىنا ئۆيلەرنى سالغانلىقىنى، بىر يۈرۈش  يامغۇر چۈشمەيدىغان ئۇزۇن كارىدور قىلغانلىقىنى، مۇشۇنداق بولغاندا، بۇ كوچا  تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنىدىغانلىقى، كىشىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرەتتى. كىشىلەر  كارىدورنىڭ ئاستىدا كۈندۈزى يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق كۈنلەردە ئۇلار تېخى بۇ يەردە ئۇخلىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.  مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كارىدوردا  تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرىغانلىقىمنى ئېيتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇخلاش مېنىڭ ئارزۇيۇم بولۇپ قالغان ئىدى. مەن تۇيۇقسىزلا ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىپ قالدىم،   لېكى  ئازىراقلا، ئابايلا ئازىراق ھېس قىلىپ قالغىنىم.  بۇنىڭ سەۋەبى  يۈرەكنىڭ سوقۇشى  ئوخشىمىغانلىقتىن بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇ  ئاباي ماڭا بىر  يارا ئېغىزىنى قالدۇرۇپ قويغان  ئىدى. دەل شۇ، بۇ دەل مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئادەم. بۇ دەل بۈگۈن چۈشتىن كېيىن  مېنىڭ تېنىمدىن خۇشاللىق ئىزلىگەن كىشى.  مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىدىم. مەن ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىيالمىدىم. ئۇ بېلىپ قالدى،  گەپلىرىنى يىغىشتۇرۋالدى،  مەن ئۇنىڭغا داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتتىم، مەن يېڭى باشتىن يەنە  ئاڭلىدىم.  ئۇ ماڭا پارىژنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە مەن پارژلىقلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىكەنمەن. مەن قىزغىنلىقتا ئۇلارغا يېتەلمەيدىكەنمەن.  مەن ئۇ قاتار ئۆيلەرنىڭ تىجارىتىنىڭ  شۇنچىۋالا كۆپ پۇل تاپالىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمگە ئىككىنچى جاۋاپ بەرمىدى.

     

     داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.