يەر شارىدىن چىققان غايەت زور سادا(ئورخان پاموك)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 01:22:29

يەر شارىدىن چىققان غايەت زور سادائورخان پاموككۆڭلۈمدە بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولسىكەن دەپ ئويلۇدۇم،يەنە كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشنىمۇ ئويلۇدۇم،يەنە بىر جەھەتتىن كۆرگ...



    يەر شارىدىن چىققان غايەت زور سادا
    ئورخان پاموك

      

     

    كۆڭلۈمدە بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولسىكەن دەپ ئويلۇدۇم،يەنە كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشنىمۇ ئويلۇدۇم،يەنە بىر جەھەتتىن كۆرگەنلىرىمنىڭ شاھىدى بولۇپ كىينكىلەرگە ئېيتىپ بىرشنى ئويلىدۇم.

     

    تۈن يېرىمدىن ئاشقان، تاڭ يۇراي دىگەندە ئويغۇنۇپ كەتتىم. كىيىن بىلسەم سەھەر سائەت ئۈچ بولغان ئىكەن-تۇنجى قېتىملىق سىلكىنىشتىن كېيىن چۈچۈپ ئويغۇنىپ كەتتىم. ئۇ 1999-يىلى8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىدى. ئۇچاغدا مەن تاشتىن قوپۇرۇلغان تۇرالغۇمنىڭ كىتاپخانىسىدا ئىدىم. ئۆيۈم بۇيۇكۇدا ئارىلىنىڭ يېنىدكى سەدەف دىگەن جايدا ئىدى.كارۋىتىم بىلەن كىتاپ جوزىسىنىڭ ئارلىغى 3ياردلا كىلەتتى.قاتتىق سىلكىنىشتە كارۋىتىم دېڭىزدىكى بوراندا قالغان قېيىقتەك بوپ قالغان ئىدى.يەر ئاستىدىن گاچ گاچ قىلغان ئاۋاز چىقاتتى بۇئاۋاز خۇددى كارۋىتىمنىڭ ئاستىدىن چىققاندەكلا تۇيۇلاتتى. تەبى سەزگۈمگە ئاساسەن كۆزەينىگىمىنىمۇ ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم-دە، تەلۋىلەرچە يۈگۈرەشكە باشلىدىم.

     

     

    كوچىمۇ كوچا ئارىلاپ ناھايىتى ئۇزۇن ماڭدىم،ئاپەتنىڭ تارىخقا ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزگە بولغان تەسىرى مەڭگۈ ئاياغلاشمايدىغانلىغنى ھېس قىلدىم.بەزىدە كىچىك كوچىلارغا كىرىپ قالاتتۇق، ئۇ يەردىكى بەزى ئۆيلەرنىڭ يېرىمى ساقلىنىپ قالغان ئىدى. تۇلۇق ئۆرۈلۈپ كەتمىگەن ئىدى، ھەممىسى بىر خىللا كۆرۈنەتتى. بەزىدە ئەينەك، سىمۇنت، ساپال پارچىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئارقا گۈللۈككە چىقىپ قالاتتۇق ئۇيەردىكى قارغاي دەرەخلىرىمۇ قىڭغىيىپ ئۆيلەرگە ئارتىلىپ قالغان ئىدى. بىراق سۇنۇپ كەتمىگەن ئىدى.بۇ مەنزىرە ماڭا بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى ئاشخانىدا تاماق ئەتكەچ گۈللۈككە قاراۋاتقان كۆرۈنۈشنى ئەسلەتتى.ئوخشاشلا مەنزىرە -ئاۋۇ قارشى تەرەپتىكى دېرىزىنىڭ ئالدىدا ياشىنىپ قالغان بىر ئايال تۇراتتى بىر بوۋاي ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاشۇ  بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ تېلىۋۇزۇر كۆرەتتى،يېرىم ئچىلغان دېرزىنىڭ ئارقىسىدا بىر قىزچاق تۇراتتى بۈگۈن ھىچقايسىسى كۆرۈنمەيتتي شۇنچە يىللاردىن بۇيان كۆرۈپ كىلىۋاتقان يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاشخانا ئۆي، بۇلۇڭ يىپەك پەردە،بۈگۈن ھىچقايسىسى كۆرۈنمەيتتى.بۇرۇن مۇشۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغان كىشىلەرنىڭمۇ ھىچقايسىى كۆرۈنمەيتتى.

     

     

    ھايات قالغانلار ئۆرۈلۈپ كەتكەن تامنىڭ يېنىدا ياكى كوچىنىڭ بۇلۇڭىدا نەدىن كەلگەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خارابىلىك ئىچىدىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشنى كۈتۈۋاتاتتى. ئاتا –ئانام نەدە.بىر ياش ئۆرۈلۈپ كەتكەن بىتۇنغا قاراپ «بىز بۇيەردە سىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرلۇپ چىقىشىڭلارنى كۈتۈۋاتىمىز» دەيتتي. يەنە بىرەيلەن ئۇ كۇتاھيادىن كەلگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيى خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى دىدى. ئۇ ئۆينىڭ ئورنىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ جەسەتنى كۆرسەكلا ھازىرلا كېتىمىز دىدى. شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلەر خارابىلىكنىڭ ئالدىدا توختاپ قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەرگە، كىران ۋە ئەسكەرلەرگە ئىلاجىسىز قاراپ تۇراتتى. خارابىلىكتىن تاپقان توڭلاتقۇ تېلىۋۇزۇر، ئۆي جابدۇقلىرى ۋە كىيىم توشقۇزۇلغان ساندۇقنىڭ يېنىدا ئەس ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا قانداقتۇ بىر نەرسىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى. يوقالغان تۇققانلىرىنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈۋاتاتتى، ئانىسى ئۆيدىمىدۇ (ئېتىمال ئۇلار يېرىم كېچىدە چىقىپ باشقا جايغا بېرىۋالغاندۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتىگە زادىلا ماس كەلمەيتى). تاغىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ ياكى ئوغلىنىڭ جەسىتىنى ساقلاۋاتاتتى. ئاندىن ئۇلار بۇيەردىن كىتىپ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى  ئىدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر كولاش سايمانلىرىنى ئەكىلىپ بۇ خارابىلىكتىن توپا-توزان، خىش، سىمۇنىت پارچىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى، يەنە بىر قىسىم قىممەتلىك نەرسىلەرنى كولاپ چىقىشنى ساقلاۋاتاتتى. باشقلارنىڭ كچىك يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىلىپ تېپىلغان نەرسىلەرنى يۆتكەپ ئەكىتىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كىلىپ يوللانى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈتۈۋاتاتتى.تېخىمۇ كەسپى قۇتقۇزۇش ئەترىتى كىلىپ خارابىلىك ئارىسىدىن يەنىلا ھايات قالغان خوتۇنىنى، قېرىنداشلىرنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئويلايتتى. تېلۋىزۇر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىنى كۆككە كۆتۈرۋاتاتتى. ھەقىقى ئەھۋال 3-كۈنى ئايدىڭلاشاتتى. تىرك قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈمىدى ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىدى. بىر ئادەم توختىماي ۋاقرايتتى قۇتۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئورنىنى بىكىتەتتى.

     

    خارابىلىك ئىككى خىل ئىدى.بىر خىلى قالايمىقان تاشلىۋەتكەن تاماق قۇتسىغا ئوخشايتتى بىر ياندا دۈم ياتاتتى بىنالار گارمونغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىراق كۆپ قىسىمى ئەسلىدىكى شەكلنى ساقلاپ قالغان ئىدى.بىراق بۇ بىنالاردا ھايات قالغانلا بولۇش ئىھتىماللىغى بار ئىدى.يەنە بىر خىلىنىڭ قەۋىتىنىمۇ ئايرىغىلى بولمايتتى چوڭراق بىتون پارچىسىمۇ يوق ئىدى بىنانىڭ شەكلىنى قىياس قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خۇددى بىر دۆۋە توپا،تۆمۈر پارچىسى، سۇنغان ئۆي جابدۇقلىرى، بىتۇن پارچىلىرى ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىن ھايات قالغانلارنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر خارابىلىق ئىچىدىن ئەخلەتلەنى ئىزلەۋاتاتتى. بۇ خۇددى يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەكلا ئىش ئىدى. ئەسكەرلەر بىتون پارچىلىرىنى كىرانغا قاچىلىۋاتاتتى.بۇ بىنادا ئولتۇرغان ئاھالىلار ۋە تۇققانلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزلەۋاتقانلار كىچىچە يۇممىغان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قارىشاتتى، جەسەت تېپىلغان ھامان ئۇلار «تۈنۈگۈن ئۇ بۇيەردە تاڭ ئاتقىچە يىغلىسىمۇ ھىچكىمنىڭ كارى بولمىغانتى» دەپ ۋاقراشتى، بەزىلىرى كولاش سايمانلىرى بىلەن بەزىلىرى دامكىرات،تۆمۈر كالتەك ياكى جوتو بىلەن كولانمىغان يەرلەرنى كولىشاتتى جەسەتنى تېپىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا دايىم ھەرخىل خاتىرە بۇيۇملا ،تويلۇق سۈرەت، مارجان قاچىلانغان زىننەت قۇتلىرى، كىيىم-كىچەكلەر ئۇچراپ، ئاندىن سېسىپ كەتكەن جەسەت چىقاتتى. بىتۇن دۆۋىلىرى ئىچىدىن بىر تۈشۈك ئاچقان ھامان مەلۇم بىر مۇتەخەسس ياكى قەھرىمان پىدائى قول چىراقنى ئىچىگە يۇرۇتقان ھامان خارىبىلىق يېنىدا كۈتۈپ تۇرغان ئادەملەر توپى تەۋرىنىپ، ھەممىلەن ۋاقرىشىپ كىتەتتى، ئارىلىقتىكى ياكى قىسىلىپ قالغانلار ھۆڭرەپ يىغلىشىپ كېتەتتى. ئادەتتە بۇيەردىكى پىدئىلارنىڭ بۇ بىنادىكىلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئۇشتۇمتۇت شەپە ئاڭلاپ قالسا قاچىلاش ماشىىنىسىنى ھەيدەپ كېلەتتى ياكى كولىغۇچىلارنى ياردەمگە چاقىراتتى. بىراق ئەتراپ ناھايىتى ناھايىتى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولغانلىقتىن ئۇلارغا نىمە كېرەكلىگىنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولمايتتى. بۇ خىل ئەھۋال بىردەم داۋاملاشقاندىن كىيىن كىشىلەر ئايلىنىپ يۈرۈپ خارابىلىقتىكى تاشلارنى بىر تال بىر تالدىن ئېلىپ جەسەتلەرنى بىر-بىردىن يۆتكەش كېرەكلىگنى ھىس قىلشاتتى.ئۇنداق قىلغاندا نەچچە ئاي ۋاقىت كىتەتتى. ھەمدە مۇنداق قلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. كىشىلەر مۇنداق قىلغاندا جەسەت ئاستا –ئاستا چىرىپ يۇقۇملىق كىسەل تارقلىپ كىتىشتىن ئەنسىرەيتتى. ئەڭ ئاخىرقى ئىھتىماللىق ھامان يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى پەيىتتە كىلەتتى،ئېشىپ قالغان جەسەتلەر كاھىش پارچىلىرى بىلەن بىرگە يۆتكىۋېتلەتتى. بىتون پارچىلىرى بۇزۇلغان سائەت ،تېلىۋۇزۇر، ساندۇق، ياستۇق، پەردە، گىلەم قاتارلىقلار ئىنتايىن يىراققا يۆتكەپ ئاپپېرېلىپ كۆيدىرۋىتىلەتتى. كۆڭلۈمدە بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمىگەن بولسىكەن دەپ ئويلۇدۇم،يەنە كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كىتىشنىمۇ ئويلۇدۇم،يەنە بىر جەھەتتىن كۆرگەنلىرىمنىڭ شاھىدى بولۇپ كىينكىلەرگە ئېيتىپ بىرشنى ئويلىدۇم.

     

     

    بىز بەزىلەرنىڭ ئايلىنىپ يۈرگىننى بەزلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقىننى، بەزىلەرنىڭ يول ئاچقان ماشىندا ئۇخلاپ قالغانلىغىنى، بەزىلەرنىڭ يېرىمى بۇزۇلغان ئۆيلەدىن ئۆي جابدۇقلىرى يىمەكلەرنى ئەپچىقىپ يول بويىغا تۇشۇۋاتقانلىغىنى كۆردۇق. تىك ئۇچار ئۈستمىزدە ئايلىنىپ يۈرەتتى، تىك ئۇچار تەنتەربىيە مەيدانىنى قونۇش ئورنى قلىۋالغان ئىدى. بىز كىشىلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيداننىڭ مەركىزىدىكى ۋاقىتلىق دوختۇرخاندا يېتىۋاتقانلىغىنى كۆردۇق، دوختۇرخاننىڭ يېنىدىكى قاتار-قاتار ئۆيلەر خارابىلىققا ئايلانغان ئىدى. كۈتۈلمىگەندە بىر دوستۇمغا ئۇچراپ قالدۇق. ئۇ بىر پوتوگراف بولۇپ بىر يازغۇچى بىلەن توي قىلغان ئىدى. ئۇ قېينىئاتىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىۋاتقان ئىكەن. ئۇ بىر نەچچە پارچە سۈرەت تارتىۋالدى، ئۇ كونا بىنا ساقلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قېينىئاتىسى بىزگە يېرىم كېچىدە خارابىلىقتىن ئاۋازلارنىڭ ئاڭلنىپ تۇرۇغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى. بىز يەنە بىر تۇنۇش ئادەمگە ئۇچراپ قالدۇق، ئۇ يېرىمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئائىلىلىكنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان گۈللىكىدە تۇراتتى، بىز توپا بېسىپ كەتكەن ئۈزۈمدىن بىر نەچچە تال ئۈزۈپ يىدۇق.

     

     

    بىزنىڭ ئاپارات كۆتۈرۋالغىنىمىزنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر«مۇخبىرلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىڭلار» دەپ ۋاقراشتى، ئارقىدىنلا ئۇلار ھۈكۈمەتكە، پارلامىنتقا ۋە ئالدامچى قۇرلۇش سودىگەرلىرىگە بولغان نارازلىغىنى ئىپادىلەپ چوقان سېلىشتى، سىن ئالغۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ كۆتىرەڭگۈ چىقاتتى، بىراق تىل ئاڭلىغان سىياسى زاتلار، ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارىخور شەھەر باشلىغى قاتارلىقلار يەنە قايتىدىن يېڭى خىزمەت ئورنىغا چىقىپ سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەتتى. بۇ دەرت تۆككەنلەر بۇرۇن شەھەرنىڭ پارلامىنت ئەزالىرىغا پارا بىرىپ قۇرۇلۇش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىرىشكەن بولۇشى، ھەتتا مۇنداق قىلماسلىقنى ھاماقەتلىك دەپ قارىغان بولۇشى مۈمكىن. ئەگەر بىر دۆلەتتە زۇڭتۇڭ پارىخورلىق قلمىشىنى كۈچەپ ماختىماقچى بولسا ئۇنى «ھەقىقى ئۈنۈملىك بولغان» دەپ ئاتىغان بولار ئىدى. مەلۇم بىر مەدىنىيەت كاتىگورىيسىدە بەزى بىنورمال ھەرىكەتلەر ياكى ئالدامچىلىقلار ئەيىپلىنىشكە ئۇچراپ تۇرۇپ يەنە كىشىلەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنسا ئۇنداقتا كىشىلەر قۇرلۇش سودىگەرلىرىنىڭ سۈپەتسىز قۇرلۇش ماتىرياللىرى ۋە بىتۇنلارنى ئىشلەتمەسلىگىدىن ئۈمۈت كۈتۈشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇلار زىياننى كەلگۈسىدە يۈز بىرىش ئىھتىماللىغى بولغان يەر تەۋرەشكە ئارتىپ قويۇپ،  يەنە يۇقۇرى ئىستىمالى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىۋىرىدۇ. يەر تەۋرىگەنلىك توغرىسىدىكى مەلۇم خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدا ئېقىپ يۈرگەندە ھېلىقى گۇناسىز ئۆي ئىگىلىرى چېتىلىپ قالىدۇ، مەلۇم بىر قۇرلۇش سودىگىرى سالغان بىنالارنىڭ ئىچىدە ھەممىسىلا ئۆرۈلۈپ كىتىپ بىرسىلا ساق قالغان تەقدىردە بىردىن بىر بەختكە يارىشا ساق قالغىنى يەنىلا شۇ سودىگەر  ئۆزى ئولتۇرۋاتقان بىنا بولۇپ چىقىدۇ.

     

     

    يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئالدىن مەلۇمات بىرىلمىگەن يەر تەۋرىگەندىن كىيىنمۇ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللىمىگەنلىكتىن ھۈكۈمەتمۇ خەلق نەزىرىدىن چۈشۈپ قالدى، بىراق ھېچقانداق ياردەمسىز قالسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر تەۋرەنمەس بىر خام-خيال ئىلكىدە، ئىنتايىن ئۇلۇغ بىر كۈچنىڭ ئۆزىگە ياردەم بىرىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. مەسىلەن، ئالاھنىڭ رەھمىتى. شۇڭا، بىزمۇ ھۈكۈمەتنىڭ ھېچقانداق كۈچ سەرپ قلمايلا ئابرۇيىنى تىكلىيەلەيدۇ، بۇمۇ پۈتۈنلەي ئۆز ئويلىغاندەك ئىش. بەزىلەر ئارمىيىمۇ ئوخشاش،ئۇلارمۇ ناھايىتى كىچىكىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ رۇلىمۇ ئانچە چوڭ بولمايۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىمىۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراغان دىيشەتتى. خەلقنىڭ پەخىرلىرىمۇ ، دۆلەتنىڭ ئىشەنچىلىرىمۇ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە تەۋرىنىپ قالغان ئىدى. نۇرغۇن رايۇنلاردىكى كىشىلەر گىرمانىيىلىكلەر ۋە ياپۇنىيىلىكلەرمۇ ۋاقتىدا يىتىپ كەلدى، بىزنىڭ ھۈكۈمىتىمىزچۇ! دىيشەتتى. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىردىمۇ  مۇشۇنداق ئىبارىلەرنى ئۇچرىتاتتۇق. نىمە ئۈچۈن بىزنى تەشكىللەيدىغان ئادەم يوق؟ بىر ياشانغان بىرەيلەن ئۇلار تاشلۋىتىشنىڭ غەزەپلىنىشتىنمۇ ئۈنۈملىك بولىدىغانلىغنى بىلىدۇ، مەلۇم شەھەردە بولكا سېسىپ كەتكەن چاغدا، يەنە بىر شەھەردە بولكا قەھەتچىلىگى بولىدۇ، كىشىلەر بىتۇن پارچىلىرى ئاستىدا ۋاقراپ ياردەم تەلەپ قىلۋاتقان ھاياتلىق ئاخىرلىشاي دىگەندە قۇتقۇزۇش قوراللىرى ماي يىتىشمەسلىكتىن ئەمەس قاتناش قىستاڭچىلىغىدىن كېلەلمەيۋاتىدۇ، دىدى.

     

     

    بىر يىگىت توپا بېسىپ كەتكەن ماشىننى ئاستا ھەيدەپ ئارقا كوچىغا ئۆتشىگە بىر دۆۋە خارابىلىق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ يېقىن كەلگەن چاغدا توختاپ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ ئەتراپتىكىلەرگە : مەن سىلەرگە نەچچە قېتىم دىدىم، ئاللانىڭ غەزىۋى ئۈستۈڭلارغا چۈشتى، سىلەر گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار، دەپ توۋلىدى. كىشىلەر توپى ئىچىدىن بىرەيلەن مۇشتىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇنى كەتكۈزۋەتتى. ئۇ غەلىبە قلىغان قىياپەتتە يۈرۈپ كەتتى. مەن بۇرۇن بىر ماقالە ئوقۇغان تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىمۇ بىردەك بولۇپ ئارمىيە بىلەن ھۈكۈمەت دىنى ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلشۋالدى، ئۇلار چۇقۇم جازاسىنى تارتىدۇ دەپ قارايتتى. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، مەسچىت ۋە مۇراسىم مۇنارلىرى نىمىشكە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ ؟ دىيشكەنلىرىنى ئاڭلىدىم.

     

     

     ئاپەتتىمۇ ، خارابىلىق ۋە جەسەتلەر ئارىسىدىمۇ خوشال بولىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. خارابىلىقتىن تىرىك قالغانلارنىڭ چىقىشى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىلار، ھۈكۈمەت دۈشمەن دەپ قارىغان دۆلەتتىن كەلگەنلەر! ئەڭ مۇھىمى ئېغىزدىن چىقىرىش تەس بولغان خوشاللىق يەنىلا ئادەمنىڭ ئۆزى كۆپرەك ياشاش ئىكەن.

     

    ________________________________________________

    بۇ پارچە ئورخان پاموكنىڭ «باشقىچە رەڭلەر» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى، بۇ كىتاپ 2008-يىلى 6-ئايدا دۇنيا مەدەنىيەت مەنزىرىلىرى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ. ماۋزۇسى مۇھەررىر تەرپىدىن قويۇلغان.

     

    كىچىك ماتېرىيال: 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەدە 7.4 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش كۆلىمى 150 مىڭ كۇۋادرات كلومېتىرغا يىتىپ، تۈركىيە زېمىنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن. بۇ  قېتىمقى يەر تەۋرەشتە، 18مىڭ ئادەم ئۆلگەن، 43مىڭ ئادەم يارىلانغان، 100 مىڭ ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن، 3مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز قېلىپ، 20مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

     

     

    ئابدۇجاپپار ھامىدىن، ئابدۇشۈكۈر مەمتاۋلا تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.