تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن ( شولوم ئاليىخېم-يەھۇدى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-02 00:45:00

تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن ( شولوم ئاليىخېم-يەھۇدى) يېنىك تىللار بىلەن مەسخىرە قىلىش يەھۇدى يازغۇچىسى شولوم ئالىيىخېم ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى. ئۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئادەمنىڭ كۈلگى...

    تەلەيلىكمەن، چۈنكى  يىتىممەن
    ( شولوم ئاليىخېم-يەھۇدى)

                يېنىك تىللار بىلەن مەسخىرە قىلىش يەھۇدى يازغۇچىسى شولوم ئالىيىخېم ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى. ئۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئادەمنىڭ كۈلگىسى كېلىدىغان ھەم يىغلىغىسى كېلىدىغان قىلىپ يېزىشقا ماھىر. «تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن» دىگەن ھېكايە«خور باشلىغۇچى بىسىنىڭ ئوغلى موتەر» دىگەن ئەسەرنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر سەبى، نادان بالاــ موتەر تەسۋىرلىندۇ. بالىنىڭ كىچىكلىكىدىن، تۇرمۇشى ۋە كۆزى ئارقىلىق يىتىم قالغانلىقىدىن ئازاپلىنىشنىمۇ بىلمەسلىكتەك رىياللىق ئارقىلىق چارىزىم ھوكۇمرانلىقتىكى يەھۇدىلارنىڭ رايال ئەھۋالى يۇشۇرۇن ئىپادە قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئۇششاق ئىشلاردىن ىوشال بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرۇشىنىمۇ بىلمەسلىكتەك قانائەتچان خاراكتىرى ئەكىس ئەتتۇرىلىگەن. بالىنىڭ ھەسىرىتى ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قايغۇ ـ ئەلىمى خېلى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن. گوركى «موتەر» نى ئوقىغاندىن كىيىن، شولۇم ئاليىخېمغا خەت يېزىپ :« سىزنىڭ كىتاۋىڭىزنى ئوقۇپ كۈلدۈم ھەم يىغلىدىم. بۇ قالتىس ياخشى كىتاپ ئىكەن. . . . . . . . مەن بۇ كىتاپنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم» دىگەن. ئېسمنى بىلسەم، كىشىلەر ماڭا ھىچقاچان ھازىرقىدەك كۆيۈنۈپ باققان ئەمەس. نىمە ئۈچۈن؟ سىز بىلىسىز، ئىبادەتخانىدا خور باشلىغۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان دادام بىسى تومۇز بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆلۈپ كىتىپ، يىتىم قالدىم. تۇمۇز بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئاكام بىلەن مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلدۇق. سورىلەرنى ماڭا ئاكام ئەلىخا ئۆگەتتى. ئۇ كۆيۈمچان بولسىمۇ، لىكىن ئۆگىتىشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ مىجەزى ناھايىتى چۇس بولۇپ مېنى دائىم ئۇراتتى. تومۇز بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئۇ قولىغا تالاۋەتنامىنى ئېلىپ، يېنىمدا ئولتۇردى - دە، ماڭا ئۆگىتىشكە باشلىدى: « يىسىجادات ۋىسكا داشو ‏‏ــ شىمى لابو». ئۇ مېنىڭ شۇئانلا يادقا ئېلىۋىلىشىمنى ئۈمىت قىلغاچقا، باشتىن ـ ئاياق بىرقانچە رەت ئۆگەتتى ــ دە، ئاندىن ياد ئوقۇپ بەر، دىدى. مەن ھەجىلەپ باققان بولساممۇ، يادىلاپ بېرەلمىدىم. باشتىكى بىر نەچچە قۇرلىرىنى يادلىيالىغان بولساممۇ، ئاخىرىغا كېلىپ دۇدۇقلاپ توختاپ قالدىم. ئۇ شۇ ھامان جەينىگى بىلەن نوقۇپ : ــ سېنىڭ خىيالىڭ بۇنىڭدا ئەمەس(يائاللا،ئۇ قانداق سېزىۋالغاندۇ؟) سەن ھېلىقى موزاينى ئويلاۋاتىسەنغۇ دەيمەن (ياپىرىم، بۇنى ئۇ قانداق بىلۋالغاندۇ؟)، ــ دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، ماڭا يەنە بىر نوۋەت يادقا ئۆگىتىپ چىقتى. دەسلەپتە خېلى راۋرۇس يادلاپ بەردىم، بىراق ئازراقلا يادلاپ يەنە توختاپ قالدىم. قانچە قىلساممۇ زادىلا ئەسكە ئالالمىدىم. ئۇ شۇ ھامان قۇلىغىمنى سوزۇپ، ۋارقىراپ كەتتى: ـــ ئەگەر دادام ھازىر قەبرىسىدىن چىقىپ، سەندەك دۆت ئوغلىنى كۆرسە ئىدى. . . . . . ـــ ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ئولتۇرمايمەن ـ دە، دېدىم مەن دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ. بۇ گېپىم ئۈچۈن قاتتىق بىر شاپىلاق يېدىم. شاپىلاق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئانام ۋارقىراپ كەتتى: ـــ ۋاي، خۇدايىمەي! نىمە قىلىۋاتىدىغانسەن؟ كىمنى ئۇرۇۋاتىسەن؟ ئۇنىڭ يىتىملىگىنى ئۇنتۇدىڭمۇ؟ مەن ئەمدى ئۆيىمىزنىڭ بىردىن ـ بىر مۈلكى، بۇرۇن دادام ياتقان كارىۋاتتا ئانام بىلەن بىللە ياتىدىغان بولدۇم. ئانام ئەدىيالنى ماڭىلا يېپىپ قوياتتى. ــ ياخشىراق يېپىنىپ ياتقىن، ـــ دەيتتى ئۇ، ــ بايقۇشۇم ئۇخلا، يىگىدەك ھىچنەرسە يوق، بىرەر نەرسە بېرەرمىكىن دەپ تاما قىلماي ئۇخلاۋەرگىن. مەن ئەدىيالغا بۈركىنىپ ياتساممۇ، زادىلا ئۇخلىيالىمىدىم. ئىچىمدە ئايەتلەرنى يادىلاشقا باشلىدىم. بۇ بىرنەچچە كۈندىن بېرى، مەن مەكتەپكىمۇ بارماي، ھىچ قانداق كىتاپمۇ ئوقۇماي، ھەتتا دۇئا ـ تالاۋەتمۇ قىلماي يۈردۈم، ئىبادەتخانىغا مۇقەددەس قوشاق ئېيتىشقىمۇ بارمىدىم. تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن. مېنى تەبرىكلەڭلار. مەن ئەمدى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يادقا ئوقۇيالايدىغان بولدۇم، تولۇق يادقا ئوقۇيالايدىغان بولدۇم. مېنىڭ ناھايىتى ياخشى ئاۋازىم ــ دادامدىن مىراس قالغان يۇقىرى ئاۋازىم بارئىدى. مەن ئىبادەتخانىنىڭ ئورۇندۇغىدا تۇرۇۋېلىپ ئايەتلەرنى دۇدۇقلىماي شارىلداپ يادقا ئوقۇغىنىمدا، ئوغۇل بالىلار ماڭا تارلىق قىلىشىپ، مېنى ئورىۋالاتتى. ئاياللار ھاياجانلىنىپ كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى. ھەتتا بىر ئادەم تەسىرلەنگىنىدىن ماڭا بىر تىيىن پۇلمۇ بەرگەن ئىدى. زەردار يۇشۇرۇننىڭ ئوغلى، ئالغان ھىرىچ(ئۇ ئەسلى ئىچى تارلاردىن ئىدى) مېنىڭ ئۇدۇلۇمغا كېلىپ، تىلىنى ئۇزۇن چىقىرىۋىلىپ مېنى كۈلدۇرۋەتمەكچى بولاتتى. لېكىن مەن ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ ئەتەي كۈلمەيتتىم. بىر كۈنى، ھېلىقى چىركاۋنىڭ مۇلازىمى ئارون ئۇنىڭ قىلغىنى كۆرۈپ قېلىپ، قۇلىغىدىن سوزۇپ سىرتىغا چىقىرىۋەتتى. خوپ بولدى! مەن ئەتىگەن ۋە كەچتە دۇئا ئوقۇشنى باشلىغىنىمدىن بۇيان، خورشېبىرنىڭكىگە بېرىشنىڭ ۋە توپىسىنى كۆتىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. مەن ئەركىن ئادەممەن. كۈنبويى ئۆستەڭ بويىدا لاغىلداپ يۈرىمەن. بەزىدە بېلىق تۇتاتتىم ياكى سۇ ئۈزەتتىم. مەن بېلىق تۇتۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنىى تېپىۋالدىم، ئەگەر خالىسىڭىز ئۆگىتىپ قۇيۇشىممۇ مۇمكىن. سىز كۆينىگىىزنى يېشىپ ئىككى يەڭنىڭ ئۇچىنى تۈگۈپ قويسىز ـ دە، ئاندىن ئادەمنىڭ بوينىغا كەلگىدەك سۇدا كۆينەكنى ئېچىپ ماڭىسىز، خېلى ئۇزۇن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى يەڭ توشقاندا كۆينەك ئېغىرلىشىدۇ. ئاندىن سۇدىن چىقىسىز. يەڭدىكى لەش، چۇۋا - چاتقانلارنى چىقارغان دىققەت بىلەن قارايسىز. بەزىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە تال قومۇچاق چىقىپ قالىدۇ. بۇلارنى سۇغا قويۋېتىڭ، ئۆلتۇرۇپ قويسا گۇنا بولىدۇ. بەزىدە شۇ لەش، چۇۋا ـ چاتقانلار ئارىسىدىن بىرەر تال سۇلۇك تېپىۋىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ پۇللۇق نەرسە. 10 تال سۇلۇكنى ئۇچ كىروچىن يەنى بىر يېرىم تىيىنغا ساتقىلى بولىدۇ. لىكىن بۇمۇ ئوڭاي پۈتىدىغان. ئىش ئەمەس . . . . . . بۇ يەردە بېلىق تورلىغى ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بىر زامانلاردا بۇ ئۆستەڭدىمۇ بېلىق بولغان بولسا كېرەك. ئەمما ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. مەن بۇنىڭغا ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيمەن. بىرنەچچە تال سۇلۇك تۇتۇۋالالىساملا بولغىنى، شۇغۇنىسى سۇلۇك دائىم تېپىلمايدۇ. بۇ يىل يازدا بىر تالمۇ سۇلۇك تۇتالمىدىم. مېنىڭ بېلىق تۇتۇپ يۇرگىنىمنى ئاكام ئەلىخانىڭ بىلۋالغىنىغا ھەيرانمەن. ئۇ مېنىڭ بېلىق تۇتىۋاتقىنىمنى كۇرۇپ قۇلىقىمدىن سوزۇپ ئۈزۋەتكىلى تاسلا قالدى. تەلىيىمگە بۇنى پور خوشنمىز بىشا يەڭگە كورۇپ قېلىپ، ماڭا ئۆز ئانامدىنمۇ بەكىرەك ئىچ ئاغىرىتىپ، مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.ئۇ ئاكامغا : ـ يىتىم بالىنى شۇنداقمۇ بوزەك قىلامدىكىنە؟ ـ دەپ ۋاقىرىدى. ئاكام خىجالەت بولغىنىدىن مېنى قويۇۋەتتى. يېقىندىن بۇيان ھەممەيلەن ماڭا يان باسىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن. مەن پور خوشنمىز بىشا يەڭگىگە يېقىپ قالغان بولسام كېرەك. شۇڭا ئۇ مېنى بىزنىڭكىدە تۇرسۇن دەپ ئانامنىڭ ئارقىسىغا كىرىپلىۋالدى. ئۇ ئانامغا : ـ سىز نىمىدىن ئەنسىرەيسىز مېنڭ ئۆيۈمدە بەرىبىر 12 ئادەم تاماق يەيدۇ. بۇ بارسا ناھايىتى يەنە بىرى كۆپىيىدۇ، ــ دەپ تۇرۋالدى. ئۇنىڭ بۇگەپلىرى ئانامنى خوپ ئىككىلەندۇرۇپ قويدى، لېكىن ئاكام ئەلىخان گەپكە ئارلىشىپ: ــ ئۇنىڭ ئايەتلەرنى ئۇقۇشىغا كىم ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؟ دىدى. مەن ھەيدەكچىلىك قىلاي، دىدى بىشا يەڭگە، ئەمدىغۇ ماقۇل دەرسىز؟ بىشا يەڭگە باي ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئېرى كىتاپ تۇپلەيتتى، ئىسمى مويىش بولۇپ، پىشقان داڭدار ئۇستا ئىدى، بىشا يەڭگە ئانامغا، گەپ ھۇنەردە ئەمەس، يەنە ئامىتىڭنىڭ كېلىشىدە، دىگەن ئىكەن. ئانام ئۇنىڭدىنمۇ ئېنىقىراق قىلىپ: ــ يارامسىز بىر ئادەمنى دومىلى باسسىمۇ، ئامىتى كەپقالسا بولغىنى، ــ دېدى ۋە مېنى كۆرسىتىپ، ــ ساڭا ئوخشاش يىتىم بالىنىمۇ ــ مانا ھەممىسى تالىشىپ كېتىۋاتىدۇ! بەزىلەر تېخى پۈتۈنلەي بىزلا باقساق دەۋاتىدۇ، ــ دېدى. لېكىن ئانام، ـ مەن ھاياتلا بولدىكەنمەن، سېنى خەققە بەرمەيمەن، ــ دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئاكامنىڭ پىكىرىنى سورىدى. ــ سېنىڭچە قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى بىشالارغا بېرىۋېتەمدۇق؟ ئاكام ھازىر چوڭ ئادەم ھېساپلىناتتى. ئۇنداق بولمىسا ئانام ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتىمۇ؟ ئۇ سالاپەتلىك قىياپەتتە گەپ قىلىشنى ياخشى كۈرەتتى، شۇڭا خۇددى ساقىلى باردەك ئىڭىگىنى سىلاپ تۇرۇپ: بوپتۇ، بارسۇن. پەقەت شېگىتىز بولۇپ كەتمىسىلا بولدى، ــ دېدى. گەپ شۇ يەرگە توختىدى. مەن شېگىتىز بولۇپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ۋاقتىنچە بىشا يەڭگىلەرنىڭ ئويىدە تۇردىغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ شېگىتىز دىگىنى نىمىدۇ؟ مۇشۇكنىڭ قۇيرىقىغا بىر پارچە قەغەزنى باغلاپ، مۇشۇكنى چۈگلىتىپ ئوينىشىنىڭ ئوزى شېگىتىز. تاياق بىلەن پوپنىڭ ئۆيى ئەتىراپىدىكى رىشاتكىلاتنى تاراقلىتىپ مېڭىشمۇ شېگىتىز. سۇچىنىڭ تۇڭىنىڭ جۇمۇكىنى ئېچۋىتىپ، سۈيىنى ئېقىتىۋەتسە مانا بۇمۇ شېگىتىز بولىدىكەن. ــ ئەتتەڭ، يىتىم سەندە! ـــ دەپ ۋاقىرىۋەتتى سۇچى سەببۇك، بولمىسا ئۇرۇپ مىجىغىڭنى چىقىرىۋېتەتتىم. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەق ئىدى، ئەمما ئۇ مېنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيتتى. چۈنكى مەن يىتىم ــ دە. تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن. پور خوشنىمىز بىشا يەڭگە يالغان ئېيتقان ئىكەن. ئۇ ئۇيۇمدە تاماق يەيدىغان 12 ئادەم بار دىۋىدى، لېكىن ھىساپلاپ باقساپ مەن ئون تۆتىنچىسى ئىكەنمەن. ئۇ چۇقۇم قارغۇ تاغىسى بولۇخانى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇ ناھايىتى قېرىپ، چىشلىرىمۇ قالمىغاچقا ئۇنى ھىساپقا ئالىغان بولسا كېرەك. مەن بۇ توغۇردا تالىشىپ ئولتۇرمايمەن. دەرۋەقە ئۇ چاينىيالمايتتى، لېكىن يەيدىغانلىكى نەرسە بولسا، تالىشىپ ئېلىپ غازدەك يالماپ يۇتۇۋېتەتتى. بۇ يەردە ھەممىسى بۇلاپ يىيىشىدىكەن. مەنمۇ بۇلايدىغان بولدۇم. ئەمما مەن بۇلىغان ھامان ئۇلار ماڭا قاتتىق دەشنەم بېرەتتى. ئۈستەل ئاستىدىن پۇتۇمغا تېپەتتى، ئەڭ قاتتىق تېپىدىغىنى خاشىت ئىدى. خاشىت ئۆتۈپ كەتكەن مۇتھەم. ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمى شېشىر بولسىمۇ، ھەممىسى خاشىت دەپ چاقىراتتى. بۇ ئۆيدە ھەممىسىنىڭ لەقىمى بار ئىكەن. لەقىمىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋىۋى بولىدۇ - دە، بىنىننى «تۇلۇم» دەپ چاقىرىشىدىكەن. دىمىسىمۇ ئۇ كۆتەكتەك سېمىز ئىدى. ھام قوپال، توڭ، چاچلىرىنى پاخپىيىتىپ تۇردىغان بولغاچقا، ئۇنى«سۇ كالىسى»دەيدىكەن. مەنتىرنىڭ بۇرنى ئۇچلۇق ئىدى، شۇڭا ئۇنى « بىگىز بۇرۇن» دىيىشىدىكەن. فىتەر گەپ قىلسا كىكەچلىگەچكە، «فىتەر كېكەچ» دەيدىكەن. بىلىر توخۇ مېيى سۇرگەن بولكىغا قانائەت قىلماي«يەنە بىر پارچە» دەپلا يۇگۇرگەچكە «يەنە بىر پارچە» دەپ ئۇنىڭ ئارقىغا كىرۋالدىكەن. قىسقىسى، بۇ ئۆيدە لەقەم سىز ئادەم يوق ئىكەن. ئەدناسى ھىلىقى گۇنۇسىز بىچارە ھايۋان مۇشۇكنىڭمۇ لەقەمى بار ئىكەن. ئۇ كىمگە چېقىلغانكىن تاڭ؟ ئۇلار ئۇنى «مۇلازىم فىجارىخا موماي» دەپ چاقىردىكەن. نىمىشقا دەمسىز؟ مۇشۇك سېمىز بولغاچقا، ئۇنى چىركاۋنىڭ مۇلازىمى فىجارىخا مومايغا ئوخشىتىپتۇ. سىز ئۇلارنىڭ مۇشۇككە ئادەمنىڭ ئىسمىنى قويغانلىقى ئۈچۈن قانچىلىك تاياق يىگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلالامسىز. ئەمما ئۇلارغا تاياق ئۆتمەيدۇ. ئۇلار بىرەسىگە لەقەم قويدىمۇ بولدى، سىڭىپلا كېتىدۇ. ئۇلار ماڭىمۇ «كالپۇك يالايدىغان موتەر» دەپ لەقەم قويدى، كورمەمسىز!. . . . . . ئۇلارغا كالپۇگىم سەت كۇرۇنسە كېرەك. ئۇلار سەن بىرەر نەرسە يىگەندە دائىم كالپۇگىڭنى يالايسەن، دەيتتى. سىز ئويلاپ بېقىڭا، بىر نەرسە يىگەندە كىم كالپۇگىنى يالىمايدۇ؟ مەنغۇ ھەرقانداق ئىشقا ئاچچىقلىندىغان تاۋى نازۇكلاردىن ئەمەسمەن. بىراق بۇ لەقەمگە راستىنلا چىدىيالمىدىم. ھالبۇكى مەن ئاچچىقلانغانسىرى ئۇلار ھەمىشە بۇ لەقەمنى دەپ مېنى تېغىمۇ تىرىكتۇرەتتى. ھىچبىر ئامال قىلالمىدىم. دەسلىۋىدە ئۇلار مىنى «كالپۇك يالايدىغان موتەر» دەپ يۇرىشەتتى، كىيىن «كالپۇك يالايدىغان»دىيىشتتى، بېرىپ ـ بېرىپ «كالپۇك» دەپلا چاقىرىدىغان بولۋالدى. ــ كالپۇك نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ كالپۇك، پوتلاڭنى تاشلىۋەتكىن! ئاچىقىم كېلىپ كوڭلۇم بۇزۇلۇپ يىغلىۋەتكەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ دادىسى، بىشانىڭ ئېرى، كىتاپ تۇپلۇگۇچى مويىش ئاڭلاپ، يېنىمغا كېلىپ: ــ نىمىشقا يىغلايسەن؟ دەپ سورىدى. ئىسمىم موتەر تۇرسا، ئۇلار نىمىشقا، مىنى «كالپۇك» دەپ چاقىرىشىدۇ؟ــ دىدىم. ئۇ مەندىن كىمنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورىدى. مەن خاشىت، دىدىم. ئۇ بېرىپ خاشىتنى ئۇرىۋىدى، خشىت مەن ئەمەس «تۇلۇم» شۇنداق دەيدۇ، دىدى. «تۇلۇم» مەن ئەمەس «سۇ كالىسى» دىدى، دەۋالدى. سۇرۇشتۇرگىلى تۇرۇۋىدى، بىر - بىرسىگە ئارتىشىۋەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ گەپنىڭ ئىگىسى چىقمىدى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ دادىسى قەتئىى نىيەتكە كەلدى دە، ئۇلارنى يەرگە دۇم ياتقۇزۇپ، تالاۋەتنامىنىڭ قاتتىق مۇقاۋىسى بىلەن راسا دۇمبالاپ چىقتى. ــ ماۋۇ كىچىك لۇكچەكلەرنى قارا!ــ دەپ ۋاقىرايتتى ئۇ، ــ يىتىم بالىنى يەنە بوزەك قىلىشىدىغان بولساڭ، جاجاڭنى بېرىمەن! شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىشمە! ئىش مانا مۇشۇنداق. ھەممە تەرپىمنى ئالاتتى، ماڭا كۈيۈنەتتى. تەلەيلىكمەن، چۈنكى يىتىممەن.

     ــ دىلىشات سۇلتان تەرجىمىسى 1980-يىلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق