ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت. دوگلاس(2)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-06 22:45:45

ئاشنا(2)(پوۋېست)ماگرت. دوگلاس ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ يەنە ناھايىتى ياش تۇرغانلىقىمنى كۆرۈدۈم. ئون سەككىز ياش، ھەتتا ئون بەش ياش، مېنىڭ چىرايىمدا كېيىنكىلەردىن تاكى ئوتتۇرا ياشقىچە، ھاراقنى كۆپ ئېچ...

    ئاشنا(2)
    (پوۋېست)
    ماگرت. دوگلاس

     

        ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ يەنە ناھايىتى ياش تۇرغانلىقىمنى كۆرۈدۈم. ئون سەككىز ياش،  ھەتتا ئون بەش ياش، مېنىڭ چىرايىمدا كېيىنكىلەردىن تاكى  ئوتتۇرا ياشقىچە، ھاراقنى كۆپ ئېچىش كېسىلى بىلەن ھۆسنىنى بۇزۇش ئالامەتلىرىنىڭ ئاسارىتى قالغان. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاراقنى ئېچىپ تۈگىتىۋەتسەملا تەڭرى بولىمەن، ھېچكىمدە بولمىغان تەسىر، ئۇ مېنى ئۆلتۈرۋېتەلەيدۇ، ئادام ئۆلتۈرەلەيدۇ. مېنىڭ بۇ ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغاندىكى ھالىتىم  ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىشتىن بۇرۇنلا پەيدا بولغان.  ھاراق پەقەت ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر رولنى ئوينىدى. مەندە بۇرۇنلا ياخشى ھاراق بار بولۇش ئارزۇسى بولغان. بۇ جەھەتتە مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن. مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم. پەقەت بۇنداق خۇمار بالدۇر كېلىپ قالدى. بۇ خۇددى  تېنىمدە  بۇرۇنلا شەھۋانىي تەلەپ بولۇش ئارزۇسى بولغانغا ئوخشاش. ئون بەش ياش ۋاقتىمدا مېنىڭ چىرايىمدا ھوزۇرلىنىش ئىپادىسى بولغان. لېكىن مەن شۇ ۋاقىتلاردا نېمىنىڭ ھوزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ بۇ چىرايىمدا ناھايىتى روشەن بىلىنگەن. بەلكىم ئاپام بۇرۇنلا ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ئىككى ئاكاممۇ ھېس قىلالايدۇ. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە ئىش مۇشۇنداق مېنىڭ بۇ تاشقى قىياپىتىمدىن، چارچىغان، يامان چىرايىمدىن ۋە بۇ بىر جۈپ بۇرۇنلا قارا چەمبىرەك بولۇپ قالغان كۆزلىرىمدىن باشلانغان.

    ئون بەش يېرىم ياش ۋاقتىم،  بۇ دەل ئادەم ھاياتىدا ئۆتكۈزىدىغان كۈن. ھەر قېتىم مەن سايگونغا ساياھەتكە  كەلگەن  ۋاقتىمدا،  بولۇپمۇ مەن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا، مەن دائىم  كېمىدە ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىمەن. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەن شالىدا ماشىنا توسىۋاتقان ئىدىم، ئاپام ئۇ يەردىكى بىر قىزلار مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىدى.  ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپ يازلىق تەتىل ئاخىرلاشقان ۋاقىت ئىدى. مەن قايسى تەتىل ئىكەنلىكىنى يەنە ئېسىمگە ئالالمىدىم. مەن ئاپامنىڭ خىزمەت قىلىدىغان كىچىك ھوجۇرىسىدا تەتىلنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇ كۈنى مەن سايگوندىكى ھېلىقى سىرتتىن كەلگەنلەر ئوقۇيدىغان مەكتەپكە قايتماقچى بولغان ئىدىم.  شۇ يەرلىك كىشىلەر ئولتۇرىدىغان ماشىنا شالى مەيدانىدىن قوزغىلاتتى. ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئاپام مېنى ماشىنىغا چىققۇچە ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە ئۇ مېنى  شوپۇرغا  ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ مېنى سايگون ئاپتوموبىلى شوپۇرىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇشى،  يولدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، ئوت ئاپىتى، باسقۇنچىلىق، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچىراپ كېتىشتىن ھەمدە  ماشىنىنىڭ يېرىم يولدا ئوقى چىقىپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەردىن ئەنسىرەپ مېنى شوپۇرغا ياخشىراق قاراپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان. يەنە  بۇرۇنقىدەكلا، مېنى شوپۇرنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭغا يانداپ ئولتۇرغانلار ھەممىسى مەخسۇس ئاقتەنلىكلەرگە قالدۇرۇپ قويغان ئورۇن ئىدى.

    دەل مۇشۇ قېتىملىق سەپەردە، ھېلىقى ئوبراز ئېنىق ئىپادىلىنىپ بېرىلدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى، ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ ئوبرازىنى ساقلاپ قالالايتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ سۈرەتكىمۇ تارتىۋالسا بولاتتى، خۇددى باشقا رەسىملەرنى باشقا يەرلەردە تارتىۋالغاندەك رەسىملەر. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئوبراز ئۈچۈن بىر كۆرۈنۈش قالدۇرۇپ قويمىدىم. بەلكىم  ھەددىدىن زىيادە يۈزەكى قارىغانلىق تۈپەيلى،  بۇ كۆرىنىشنى قالدۇرۋېلىش ھەرىكىتى پەيدا بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر  بۇرۇنراق  بۇ قېتىمقى دەريادىن ئۆتۈشنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدا ئاشۇنداق مۇھىم  بولۇشىنى بىلگەن بولسام،  بۇ ئوبرازنى كۆرۈنىشكە ئېلىپ  ساقلاپ قويغان بولاتتىم.  ھالبۇكى،  دەل مۇشۇ ئوبراز پەيدا بولغاندا، ئادەملەر ھەتتا ئۇنىڭ ئۇنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالمىدى. پەقەت تەڭرىلا ئۇنى بىلەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئوبرازمۇ مۇشۇنداق دېيىلگىنىدەك، بەلكىم ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، ئۇ سەل قارالدى، ئۇ ئۇنتۇلدى. ئېنىق تولۇق بولغان ئىزناسىنى كۆرسەتمىدى. لېكىن ئۇ راستىنلا گۈزەللىكنىڭ بارلىقى، قالتىس گۈزەل،  گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بىلدۈرەتتى.

    دەل كىچىك كېمىدە ئولتۇرۇپ مىكون دەرياسىدىن ئۆتىۋاتقاندا، بىر تارماق ئېقىنغا كەلگەندە، مەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قالدىم، بۇ كىچىك كېمە ئېقىنغا قارشى يول بىلەن شالى ئارىسىدا قاتنايدۇ. ھېندىچىنى ئاچىسىدىكى ئۇ جەنۇبتىكى بىر پارچە پاتقاقلىق بىلەن شاللىق كەڭرى كەتكەن تۈزلەڭلىك «قۇش يۇرتى» دا مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، مەن كېمە قىرغىقىغا قاراپ ماڭدىم. كۆز ئالدىمدا  ئېقىننى كۆردۈم، ئاپام ئىلگىرى ماڭا  مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ مىكون دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئېقىنلىرىدەك چىرايلىق، ھەيۋەتلىك ھەم ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ئېقىننى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دېگەن ئىدى. بۇ ئېقىنلار  دېڭىزلارغا قويۇلىدۇ. بۇ سۇ يۇرتىدىكى زېمىنلار دېڭىزنىڭ قوينىدا غايىپ بولىدۇ. بۇ كۆز يەتكۈسىز تەكشى زېمىندا مۇشۇ دەريا ئېقىن سۇلىرى شىددەتلىك ئاقماقتا. خۇددى قۇرۇقلۇق يانتۇ شەكىلدىكىدەك دەريا سۇلىرى ئۇدۇل ئېقىپ چۈشمەكتە. ھەر قېتىم ئاپتوموبىل كىچىك كېمىگە چىققان ۋاقىتتا، مەن داۋاملىق ئاپتوموبىلدىن مېڭىپ چۈشىۋالىمەن. بۇ شىددەتلىك قاينام ئىچىدە، مەن ئەجىلىمنى كۆرۈپ قالىمەن. ئېقىن سۇ نەقەدەر رەھىمسىز، ئۇ ھەممىنى ئېلىپ كېتەلەيدۇ. مەيلى تاش بولسۇن، مەيلى چىركاۋ، ھەتتا پۈتۈن شەھەرنىمۇ ساقلاپ قىلىش بەكمۇ تەس. دەريانىڭ چوڭقۇر ئېقىنلىرىدا، بىر بوران چاپقۇن كۆتىرىلمەكتە. دەم-دەم چىقىۋاتقان شىددەتلىك بوران ئۆز-ئارا قاتتىق ئۇرۇلماقتا.

    مەن بىر مۇزلىندىن پۈتۈن كۆينەك كىيىۋالغان ئىدىم، بۇغۇ بەكمۇ كونىراپ كەتكەن ئىدى، ئاساسىي جەھەتتىن  ئىچىلىرىم كۆرۈنۈپ قالاتتى. ئىلگىرى بۇ كۆينەك ئەسلى ئاپامنىڭ ئىدى. بىر كۈنى ئاپام ئۇنى ھەرگىزمۇ كىيمەيدىغان بولدى. چۈنكى ئاپام ئۇنى كۆڭلىدە بەك ئوچۇق دەپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ماڭا بېرىۋەتكەن ئىدى. بۇ بىركامانە يەڭ، مەيدىسى ئېچىۋېتىلگەن كۆينەك ئىدى. مۇزلىننىڭ رەڭگى چاي رەڭدە ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇمۇ مودا بولىۋاتقان رەڭلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مېنىڭ بىردىنبىر  ئېسىمدە قالغان بىر پۈتۈن كۆينىكىم ئىدى. مېنىڭچىمۇ بۇ كۆينەك ماڭا بەك ياراشقان ئىدى. مەن بېلىمگە بىر تاسما  تاقىۋالغان ئىدىم،  بەلكىم ئاكامنىڭ تاسمىسى بولسا كېرەك، شۇ ۋاقىتتا پۇتۇمغا قانداق ئاياق كىيگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەن پەقەت شۇ ۋاقىتتا كىيگەن بىر قانچە قۇر كۆينەكلا ئېسىمدە قاپتۇ. مەن دائىم يالاڭئاياق ياكى بىر لاتا ئاياق كىيىۋالاتتىم. مېنىڭ دېگىنىم مەن سايگوندىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋاقىتىنى دەۋاتىمەن. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە مەن داۋاملىق ئاياق كىيىدىغان بولدۇم. ئۇ كۈنى  مەن  ئەمدى بۇ بىر جۈپ سېرىق رەڭلىك ئىگىز پاشىنىلىق ئاياقنى كىيىدىغان بولدۇم، چۈنكى ئۇ كۈنى مەن كىيىدىغان باشقا ئاياق تاپالمىغان ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى  كىيىۋالدىم. بۇنى ئاپام باھاسى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ماڭا ئېلىپ بەرگەن باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاياق. مەن بۇ سېرىق رەڭلىك ئىگىز پاشىنىلىق ئاياقنى كىيىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە باردىم. مەن  بۇ بىر جۈپ  كېرەكسىز سېرىق رەڭ ماتېرىياللىرىدا سۈرەتلەرنىڭ چىقىرىپ ياسىغان ئاياقنى كىيىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدىم. بۇنىمۇ مەن ئۆزۈم خالاپ قىلغان. مەن پەقەت بۇ ئاياقنى كىيىپ كۆنەلىدىم. ھەتتا مانا مۇشۇنداق. بۇ بىر جۈپ ئىگىز پاشىنىلىق ئاياق مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى بىرىنچى قېتىم كىيگەن خۇرۇم ئايىقىم بولۇپ قالدى. ئۇ بەك چىرايلىق،  مېنىڭ بۇرۇن كىيگەن بارلىق يۈگۈرەش ئاياقلىرىم، ئوينايدىغان ۋاقتىمدا كىيىدىغان ئاق تەگىلىك  لاتا ئاياقلىرىمدىنمۇ بەك چىرايلىق.

    دەل بېشىمدىكى بۇ قالپاق قىز بالىنى بىر قاملاشمىغان تەسىر بېرىپ قويغان. بۇ قالپاق قانداق قىلىپ مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھازىر مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ. ماڭا كىمنىڭ بەرگەنلىكنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. مېنىڭچە بەلكى ئاپام مېنىڭ تەلىپىم بويىچە ماڭا ئېلىپ بەرگەن ئوخشايدۇ. بىردىنبىر جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىكى بۇ چوقۇم باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللار ئىچىدىن سېتىۋېلىنغان باھاسى چۈشۈرۈلگەن نەرسە. نېمىشقا بۇنداق  قالپاق سېتىۋالغاندىمىز؟ ئۇ ۋاقىتتا، بۇ مۇستەملىكتە بىر مۇ ئايال، بىرەر قىزچاق بۇنداق ئەرەنچە  قالپاقنى كىيمەيتتى، ھەتتا شۇ يەرلىك ئاياللارمۇ كىيمەيتتى. بۇ ئىش بەلكىم مۇنداق يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. چاقچاق قىلىپ مەن بۇ قالپاقنى سىناپ كىيىپ باققان، مانا مۇشۇنداق قىلىپ، مەن دۇكاندارنىڭ ئەينىكىگە قاراپ باقتىم، مەن بۇ ئەرەنچە قالپاقنىڭ ئاستىدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئورۇق فىگورا، ھېلىقىندەك گۆدەكلىكتىكى كەمچىللىك دەرھال باشقا بىرخىل ھالەتكە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى.

    ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ تەبىئىيلىكتىكى قوپال ۋە پالاكەت ئوبراز، دەل ئەكسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ خىل تاللاش ئۇنىڭ ئوخشىمىغان باشقا بىر خىل ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. بىر خىل ئاقىلانىلىق تاللاش بولغان ئىدى. تۇيۇقسىزلا بىر ئادەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. تۇيۇقسىزلا مەن ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى سىرتتا بىر كىشىگە يېڭىچە نەزەردە قارىلىدىغان ئادەمدەك ھېس قىلدىم.  ئۇ بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن، كۆپچىلىك تىكىلىپ قارىشى بىلەن شەھەردىكى ئادەملەر قاينىمىغا سىڭىپ كەتتى. تاشيوللارغا سىڭىپ كەتتى، ئارزۇ- ئارمانلار ئىچىگە سىڭىپ كەتتى. بۇ قالپاقنى كىيگەندىن كېيىن مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باقمىدىم. مەندە بۇ قالپاق بولۇپ، مېنى ئۇنىڭغا تەۋە قىلىپ قويدى. مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدىم. مېنىڭ ئۇ بىر جۈپ خۇرۇم  ئايىقىمنى ئېلىپ ئېيتقاندا،  ئەھۋاللار  ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە نىسبەتەن بۇ بىر جۈپ ئاياق ماڭا بەكمۇ ياراشقان ئىدى. مەن ئوخشاشلا ئۇنىمۇ تاشلىۋېتەلمەيمەن. سىرتلاردا مەيلى قانداق ھاۋا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانداق مەيدان سورۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن دائىم  بۇ بىر جۈپ ئاياقنى، بۇ قالپاقنى كىيىۋالاتتتىم. مانا بۇمۇ شەھەرگە كىرگەندىكى بىر  ياسىنىشىم ئىدى.

    مەن ئوغلۇمنىڭ 20ياش ۋاقتىدىكى رەسىمىنى تاپاي. ئۇ ئۇنىڭ دوستى ئېلىكتا، ئېلزابىت، رانىرلار بىلەن كالفورنىيىدە چۈشكەن سۈرىتى. ئۇ بەك ئورۇق،  قارىماققىلا ئۇگاندانىڭ ئاقتەنلىكلىرىگە ئوخشايدۇ. مەن ئۇنىڭ تەكەببۇر كۈلۈمسىرىگەندەك، ئازىراق مەڭسىتمىگەندەك ھالىتىنى ھېس قىلدىم. ئۇ بىر خىل ئورۇق ئاجىز كىتابۋازدەك غەلىتە ھالەتنى چىقىرىپ ئۆزىچە كۆرەڭلەپ كەتمەكچى ئوخشايدۇ. مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدىكى، بۇ سۈرەت ئۆز ۋاقتىدىكى كىچىك كېمىدىكى ھېلىقى ھېچقانداق ئىزناسى قالمىغان قىزچاقنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ.

    ماڭا بۇ كەڭ قارا قىرلىك تۈز شىلەپىنى ئېلىپ بەرگەن ئايال دەل مۇشۇ ئايال. دەل مەلۇم سۈرەتتىكى بۇ ئايال. ئۇ دەل مېنىڭ ئاپام.  مەن بۇ سۈرەتتىن باشقا يېقىندا  چۈشكەن سۈرەتلىرىگە قارىغاندا  ئۇنى ئاسانراق تۇنىۋالالايمەن. بۇ سۈرەتنى دەريادىكى «كىچىك كۆل» يېنىدىكى بىر ئۆينىڭ ھويلىسىدا چۈشكەن. ئاپام  ھەممە باللىرى بىلەن بىرگە ئىدى. مەن ئۇ ۋاقىتتا ئاران تۆت ياشتا ئىدىم. ئاپام بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئولتۇرغان. ئاپامىنىڭ قانچىلىق بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى قىلچىمۇ كۈلمىگەنلىككىدىن كۆرۈپ بىلگىلى بولىدۇ. خۇددى سۈرەتكە چۈشۈشتىن شۇنچىلىك بىزار بولغاندەك تېزراق تارتىلىپ بولۇشىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ھارغىن ئوسال ھالىتىدىن، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئاددى كىيىنىشىدىن، ئېغىر روھسىز كۆز نۇرىدىن شۇ ۋاقىتتىكى يازنىڭ تومۇز ۋاقتى ئىكەنلىكىنى، ئاپامنىڭ ھالسىزلىنىپ ماغدۇرىدىن كەتكەنلىكىنى، ئىچىنىڭ تىتىلداپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيتتىم. بىراق، مەن بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى بۇ بىچارە كىيىنىشلىرىمىزدىن ئاپامنىڭ بەزى ۋاقىتلاردىكى بىنورمال روھى ھالەتلىرىنى ئويلاپ قالىمەن. مۇشۇ سۈرەتتىكى يېشىمىزدا، بىز ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلەتتۇق. ئاپام دائىم تۇيۇقسىزلا بىزنى يۇيۇپ، تاراندۇرۇپ قويۇشنى، كىيمىمىزنىڭ كىيىندۈرۈشنى بىلمەي قالاتتى. ھەتتا بەزىدە بىزگە  تاماق  ئېتىشنىمۇ ئېسىگە ئالالمايتتى. ئاپام كۈندە دىگۈدەكلا بۇ خىل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ھالەتنى قىلىۋېرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ خىل ھالەت بەزىدە ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشاتتى.  بەزىدە كېچىلەردە  ئوڭشىلىپ قالاتتى.  ھەر ھالدا مەن تەلەيلىك ئىكەنمەن. مۇشۇنداق بىر ئۈمۈدلىرى پۈتۈنلەي يوقالغان بىر ئاپىغا يولۇقۇپ قالغىنىم. يەنە كىلىپ  ئۇ تۈپتىن ئۈمۈدلىرى يوقالغان، ھەتتا  تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق ئىشلار مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كەتسۇن، دائىم ئۇنىڭ چىرايىدىكى دەر-ئەلەم قايغۇسىنى يوقىتىشمۇ، كۆڭلىنى ئېچىش، ئىچ پۇشۇققىنى چىقىرىشمۇ تەسكە توختايتتى. مەن تا ھازىرغىچە ئاپامنىڭ نېمە  سەۋەبلىك  بىزدىن بۇنچە يىراقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن.

    ئاشۇ بىر قېتىم، بەلكىم ئاپام ئېلىشىپ قالغانلىق سەۋەبلىك ئاندىن بۇ ئۆينى سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، دەل سۈرەتتىكى بۇ ئۆينى، بىزگە  قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بۇ ئۆينى بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلاردا دادام قاتتىق ئاغرىپ قالغان، نەچچە ئاي ئۆتە ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتتى. بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تېخى يېڭىدىنلا دادامنىڭ ھېلىقى ئەجەللىك كېسەلنى يۇقتۇرۋالغانلىقىنى بىلسە كېرەك. ئىشلار دائىم ئۇدۇلمۇ كىلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ئاپام زادى بۇنچىۋالا تۇرمۇشتىن ئۈمۈد ئىشەنچىسىنى يوقاتقىدەك قانداق خاراكتېردىكى زەربىگە ئۇچىرىغاندۇ؟ بۇنى بەلكىم ئاپاممۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. دادامنىڭ بۈگۈن ئەتىلىكى قالغانلىقى سەۋەبلىكمىدۇ؟ ناھەقچىلىق ياكى ئۆزىنىڭ باھارىنىڭ غايىپ بولۇپ يوقاپ كەتكەنلىكىمىدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدىكى بۇ توي ئىشىغا گۇمان چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ بۇ ئېرىدىن گۇمانلىنامدۇ ياكى بۇ بالىلاردىن گۇمانلىنامدۇ ۋە ياكى بولمىسا ئۇنىڭ بارلىق مال دۇنيالىرىنىڭ يوققا چىققانلىقى سەۋەبىمۇ ؟

    ئاپامنىڭ بۇ كېسىلى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇشۇنداق داۋاملىشىپ مېڭىۋەردى. بۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.  بۇ نېمە دېگەن  قوپاللىق بىلەن كىشىنى رەنجىتىش ئەمدى.  ھەر كۈنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا،  ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا پۈتۈنلەي تۇيۇق يول گىردابىغا بېرىپ  قالىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلاپلا  ئۇخلىيالمايدۇ. شۇنداق پەرىشان بولۇپ كېتىدۇ، ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا دەل ئەكسى بولۇپ قالىدۇ. كەيپىياتى بىر ئۆزگىرىپلا ئۆينى سېتىۋالدى. ئۆي كۆچتۇق، بەزى ۋاقىتلاردا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كېتەتتى. دەل مۇشۇ مىجەزى سەۋەبلىك قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىپ قالاتتى. شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا، بەئەينى ھەشەمەتلىك خانىشلاردەك، نېمە لازىم بولىدۇ دېسە، ئۇ شۇ نەرسىنى ئالىمەن دەپ تۇرۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوقلا كۆل بويىدىكى ئۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق. بۇ دادامنىڭ  سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئويلىغان چىقىش يولى ئەمەس ئىدى ۋە ياكى قىزىنىڭ ھېلىقى تۈز قىرلىق شىلەپىنى ياخشى كۆرگەنلىكى بىلەن ھېلىقى بىر جۈپ ئالتۇن رەڭلىك ئاياق مودىدىن قالغان ھەم نامرات كۆچمەن ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭ باشقا ھېچقانداق سەۋەبمۇ يوق. مۇشۇنداق بىرخىل گومۇش بولۇپ، ئېلىشىپ قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.

     

     داۋامى بار

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.