تاكامۇلىشىش (جىبران)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:41:47

تاكامۇللىشىشجىبران خېلېل جىبران(لىۋان)ئابدۇللام ئاۋۋۇت تەرجىمىسى بۇرادەر، سەن:ئادەم قانداق بولغاندا تاكامۇللاشقان بولىدۇ؟ دەپ سوراپ قالدىڭ. جاۋابىمنى ئاڭلاپ باققايسەن: بىر كىشى تاكامۇللاشقانس...

    تاكامۇللىشىش
    جىبران خېلېل جىبران(لىۋان)
    ئابدۇللام ئاۋۋۇت تەرجىمىسى


      بۇرادەر، سەن:ئادەم قانداق بولغاندا تاكامۇللاشقان بولىدۇ؟ دەپ سوراپ قالدىڭ.
      جاۋابىمنى ئاڭلاپ باققايسەن: بىر كىشى تاكامۇللاشقانسېرى ئۆزىنى بىپايان دۇنيا، چېكى يوق دېڭىز، ئۆچمەي يېلىنجاپ تۇرىدىغان يالقۇن، مەڭگۈ كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان نۇر، گاھ مۇشقىتىپ، گاھ جىمىپ قالىدىغان بوران، چېقىلغان چاقماق، گۈلدۈرلىگەن گۈلدۈرماما، شارقىراپ يامغۇر تۆكۈۋاتقان بۇلۇت، بۇلاقلاردىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان زىلال سۇ، ھۈپىدە ئېچىلىپ كەتكەن باھار ھېچەكلىرى، كۈزنىڭ گۈزەل تەنىدىن ئايرىلىپ يالىڭاچلىنىپ قالغان دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھلىرى، بۇلۇتلار بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان گىگانت چوققىلار، سۈرلۈك جىلغىلار، گاھ ئالتۇن باشاقلار بىلەن تولىدىغان، گاھ قاقاس بولۇپ قالىدىغان ئېتىزلاردەك ھېس قىلىدۇ.
       مۇبادا بۇ كىشى مانا مۇشۇلارنىڭ جىمىسىنى ھېس قىلالىسا، ئۇ تاكامۇللىشىشتىن ئىبارەت بۇ مۇساپىنىڭ ئاران يېرىمىنىلا باسقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، تاكامۇللىشىشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئەڭ چېتىگە يەتمەكچى بولىدىەكن، ئۇ ھالدا، ئۇ ئۆزىنى مېھرىبان ئانىسىدىن مېھرىنى ئۈزمىگەن  سەبىي بالا، ئۆز پۇشتىغا جاۋابكار پىشىۋا، سۆيگۈ ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن ياش، ئۆتمۈش ۋە كېلىچەك بىلەن ئېلىشىۋاتقان قىران، خارابىزارلىقتا تەركىدۇنيا بولۇپ يۈرگەن دەرۋىش، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان مەھبۇس، ئەسەر يېزىش بىلەن بەند بولۇپ يۈرگەن ئالىم، تۈن ۋە ناھارنى بىلمەس نادان، ئۆز ئېتىقادىدىكى رەڭگا رەڭ گۈللەر بىەلن مىسكىنلىك ئوتتۇرىسىدا تەمتىرەپ قالغان راھىبە، ئۆتكۈر تىرناق ۋە ھىڭگاڭ چىشلىق بەتبەشرە يىرتقۇچلارنىڭ خام تاراش قىلىشىغا مۇپتىلا بولغان دەرمانسىز، ئەمما ھاجەتمەن پاھىشە، ئاھۇ زار، نالە ـ پەرياد بىلەن بەختسىزلىككە تەن بەرمەستىن ئۆزگە ھېچ چارىسى قالمىغان گاداي، ئاچ كۆز ۋە زوراۋانلىقتا ئۇچىغا چىققان باي، زاۋان بىلەن ناھارنىڭ ئارىلىقىدا پىرقىراپ تۈرگەن شائىر، دەپ ھېس قىلىشى شەرت.
       مۇبادا، بۇكىشى يۇقىرىقىلارنى ھېس قىلغان. بۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى يىپىدىن ـ يىڭنىسىگىچە چۈشىنىپ يەتكەن بولسا ئۇ چاغدا، بۇ ئادەم تاكامۇلاشقانلىقىدىن پەرىشتە سىياقىغا كىرگەي.
     
          (خەنزۇچە «كىتابخانلار ئۈچۈن تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 1983 - يىل 7 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.