ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-05 17:57:19

ئاشنا پوۋېست ئاپتورى: ماگرىت. دولاسگۈلجەننەت تەرجىمىسى مېنىڭ يېشىم بىريەرگە بېرىپ قالدى. بىر كۈنى بىر ئاممىۋىي چوڭ زالدا، بىر ئەر كىشى مەن تەرپكە قاراپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ بولغاند...

    ئاشنا

    پوۋېست

    ئاپتورى: ماگرىت. دولاس
    گۈلجەننەت تەرجىمىسى

     

      مېنىڭ يېشىم بىريەرگە بېرىپ قالدى. بىر كۈنى بىر ئاممىۋىي  چوڭ زالدا، بىر ئەر كىشى مەن تەرپكە قاراپ كەلدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن :«مەن سىزنى بۇرۇنلا تۇنۇيمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ىسزنى ياش ۋاقتىدا ناھايىتى گۈزەل دېيىشەتتى، مەن سىزگە شۇنى دىمەكچىمەنكى، مېنىڭ قارىشىمچە سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىز ياش ۋاقتىڭىزدىكىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن، سىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇ قىزچاق ۋاقتىڭىزدىكى چىرايىڭىزدىن ھازىرقى بۇ بەتبەشىرە چىرايىڭىزنى مەن تېخىمۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم» دېدى.

    مەن پات-پات ماۋۇ پەقەت مەن ئۆزۈملا ئويلايدىغان، ئەزەلدىن باشقىلارغا دەپ باقمايدىغان بۇ ئوبرازىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ داۋاملىق ئۇ يەردە بار، ھېلىقى ئۆتمۈشتىكى جىمجىتلىق ئىچىدە تۇرىدۇ، مەن بۇنى ماختىماي تۇرالمايمەن. بۇ بارلىق ئوبرازىمدىكى مېنى ئەڭ مەمنۇن قىلىدىغان ھەمدە ئۆزۈمگە ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان، مېنىڭ ئېسىمنى پۈتۈنلەي ئاداشتۇرغان بىر ئوبراز ھېسابلىنىدۇ.

    مېنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى نەۋ باھارىم بەك بالدۇر توزۇپ كەتتى. مېنىڭ 18 ياش ۋاقتىمدىلا  گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىدىغان ۋاقتىم توزۇپ خازان بولغان،  18ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ۋاقتىتا، مېنىڭ  چىرايىمدا ئويلىمىغان يەردىن بىر تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى.  18 يېشىمدىلا  مەن قېرىپ ماغدۇرۇمدىن كەتتىم،  ھەر قانداق بىر كىشى شۇنداقمۇ  بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، مەنمۇ بۇنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقمىدىم. بىرەيلەننىڭ ماڭا سىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياش، ئەڭ ماختاشقا سازاۋەر بولىدىغان ۋاقتىڭىزنى ئۆتكۈزۋاتىسىز، بۇ  بىر مەزگىلدە سىز تۇيۇقسىز بەزى ۋاقىتلاردا ھاڭ-تاڭ قالىدىغان ھەيران قالارلىقلارغا ئىتتىرىلىپ كىرىپ قالىسىز دېگەنلىكى غۇۋا ئېسىمدە. بۇنداق قېرىپ ماغدۇرىدىن كېتىشمۇ كىشىنى بەكمۇ ئويغا سالىدۇ.

    مەن چىرايىمنىڭ كۈنسېرى قېرىپ كىتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن،  مېنىڭ يۈزۈمدىكى قورۇق سىزىقلىرىمۇ پەرىقلىق ئۆزگىرىۋاتىدۇ. كۆزلىرىم يوغىناپ،  ئېغىزلىرىم تېخىمۇ پولتىيىپ چىقىۋاتىدۇ، پىشانەمدىمۇ ناھايىتى ئېنىق روشەن بولغان قورۇقلار پەيدا بولدى. مەن بۇ ئىشتىن بەكمۇ چۆچۈپ كەتمىدىم، ئەكسىچە مەن بىر خىل ھىكايىلاردا دېيىلگىنىدەك شەئىيلەر تەرەققىياتىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆزۈمنىڭ قېرىلىق باسقان چىرايىمنى كۆزىتىمەن. ئۇ ۋاقىتتا مەن بىردەك چۈشىنىمەن ھەم خاتالاشمايمەن، مەن ھامان بىر كۈنى بۇ خىل قېرىقلىقنىڭ پەسىيىشىپ، نورمال  سۈرئەتكە كىلىپ قىلىشىغا ئىشىنىمەن.

    ھېلىقى مەن ئون يەتتە يېشىمدا فىرانسىيىگە قايتقان ۋاقىتتا مېنى تۇنۇيدىغان كىشىلەر، ئىككى يىلدىن كېيىن مەن ئون توققۇز ياشقا كىرگەندە مېنى قايتىدىن كۆرگەن ۋاقتىدا ناھايىتى بەك ھەيران قالغان.

    كېيىن مەن شۇ يېڭى چىرايىمنى ساقلاپ قالدىم. ئۇ دەل مېنىڭ ئىلگىرىكى چىرايىم. ئەلۋەتتە ئۇ يەنە داۋاملىق قېرىشىم مۇمكىن. بىراق، سۈرئىتى  دەسلەپكىسىدىن ئاستىراق بولىدۇ. مەندە ھازىر چىرايى قېرىغان، قورۇقلارغا تولغان چىراي بار. لېكىن ئۇ بەزىبىر ھۆسنى جامالى گۈزەل ئۇنداق بىردىنلا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ يەنىلا ئەسلىدىكى ئىزناسىنى ساقلاپ قالغان. پەقەت ئەۋرىشىملىكى بۇزۇلغان خالاس. مەندە بىر بۇزۇلغان چىراي بار، مەن سىزگە يەنە  نېمە دىيەلەتتىم،  ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى ئون بەش ياشتا ئىدىم.

    ئۇ چاغدا مەن مىكون دەرياسىدىكى بىر كىچىك كېمىدە ئىدىم.

    بۇ ئوبرازىم پۈتۈن بىر دەريادىن ئۆتۈش مۇساپىسىدە ساقلىنىپ قالغان.

    مەن ئەمدىلا 15يېرىم ياش، ئۇ زېمىندا ئەزەلدىن تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان ئەمەس، بىز دەل بىردىنبىر پەسىلنى ئۆتكۈزدۇق، پىژغىزىم ئىسسىق ھەم مەنىسىز. بىز دەل تار ھەم ئۇزۇن ئىسسىق بەلبەغ رايونىغا جايلاشتۇق. باھار يوق، يېڭىلىقمۇ يوق.

     

    مەن سايگوندىكى بىر دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتەپتە  تۇردۇم. مەن ئۇ يەردە پەقەت ئۇخلايمەن، تاماق يەيمەن. لېكىن مەن سىرتتىكى بىر فىرانسىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقىدىم.  مېنىڭ ئاپام  باشلانغۇچ  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى،  ئۇ كىچىك قىزىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك  مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىز ئەسلىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇشىڭىز كېرەك ئىدى دەيتتى.

    بۇنىڭدا ئاپامنىڭمۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. بىراق مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئاپامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ئاۋۋال ئوتتۇرا  مەكتەپنى ئوقۇپ بولۇش، ئاندىن ئوتتۇرا مەكتەپ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. مەن مەكتەپتە ئوقىغاندىن تارتىپ،   ئاپامنىڭ بۇ ئىستىقامەت جاۋىلداشلىرىنى ئاڭلاپ كەلدىم.  مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىق ئۈنۋانى ئىمتىھانى ئۆتكىلىدىن قېچىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان. مەن ئاپامنىڭ بۇنداق  ئارزۇلارنى كۈتكىنىدىن بەكمۇ خوشالمەن.

    مەن دائىم ئاپامنىڭ ھەمىشە ئۆزىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ھەمدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. دەل شۇ كۈنگە كەلگەندە،  ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدىغان ۋاقىتتا، ئۇمۇ ئامالسىز باشقىنى ئويلاشقا مەجبۇر بولدى. بالىسى ياراملىق بولمىسىمۇ، قانداقلا  بولمىسۇن، ئىش شۇنداق بولدى. ئۇلارمۇ  كۈچىنىڭ بېرىچە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزمىدى.

    مېنىڭ تېخى كىچىك ئاكام (يازغۇچى ئىككىنچى ئاكام دەپ قارىتىلغىنى) نىڭ  بوغالتىرلىقنى ئوقىغانلىقىنمۇ ئېسىمدە بار. ئۇ سىرتتىن ئوقۇيدىغانلار مەكتىپىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئۆگەنگەن. ھەرقانداق ياشتىكى، ھەرقانداق سەۋىيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىنەلەيدۇ. ئاپام دائىم ئوبدان ئۆگىنىپ يېتىشىۋالغىن دەيتتى. كىچىك ئاكام ماتىماتىكىنى مۇزاكىرە قىلسا ئەڭ كۆپ دېگەندە ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرالايتتى. ئەزەلدىن تۆتىنچى كۈنىگە يەتكۈزگەن ئەمەس. يەتكۈزگەن ئەمەس، ئەزەلدىن. ھەر قېتىم ئۆي كۆچكەن ۋاقتىمىزدا كىچىك ئاكام مەكتەپتىن توختاپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق باشقا بىر مەكتەپكە بېرىپ يېڭىدىن باشلايتتى. ئاپام توپتوغرا ئون يىل ئاكامنى دەرس تاللاشتا چىڭ تۇردى. ئاخىرىدا بىر نەرسە ئۆگىنىپ چىقالمىدى. ئاكام يوق ۋاقىتلاردا ئاپام بىر ئىجارە يەرنى سېتىۋالدى. بۇ دېگەن بىر خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغانلىق. لېكىن ئىككىمىزگە نىسبەتەن بۇ ئۇنچە قورقۇنچلىق ئىش ئەمەس.

    مېنىڭ ئاڭلىشىمچە مېنىڭ  بالدۇر قېرىپ كېتىشىم بارلىق ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ قىزىتىشىدىن بولغان دەيدىكەن. لېكىن مەن ئەزەلدىن بۇنداق  قاراشقا ئىشەنمەيمەن، يەنە  بەزىلەر تېخى ماڭا كەمبەغەللەرنىڭ باللىرى كۆپ ئويلايدۇ دەيدۇ. بىراق ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ئېغىر ئاچارچىلىقتىن ياش ئۆسمۈلەرنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. لېكىن بىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، بىز ئەزەلدىن ئاچارچىلىقتا قالمىغان. چۈنكى بىز ئاقتەنلىكلەرنىڭ باللىرى. بىز بۇرۇن بۇنداق ئىشلاردىن نومۇس قىلاتتۇق. بىز ئائىلە جابدۇقلىرىمىزنى سېتىپ باققان بولساقمۇ، لېكىن بىز ئاچ قىلىپ باقمىغان. بىز تېخى بىر خىزمەتكارمۇ ئىشلەتكەن. بەزى ۋاقىتلاردا بىزمۇ ئەكسىچە يوق قالايمىقان نەرسىلەرنى يېگەن، سۇ قۇشلىرىنى يېگەن، كايمان تىمسىقىنى يېگەن. لېكىن بۇ مەينەت نەرسىلەرنىمۇ  مالايلار بىزگە  پىشۇرۇپ تەييار قىلىپ بېرەتتى. يەنە تېخى ئۇلار بىزنى كۈتەتتى.

    بىزمۇ بەزى ۋاقىتتا  بۇ نەرسىلەرنى يېيىشنى رەت قىلاتتۇق، چۈنكى بىز ھەشەمەتچىلىك قىلىساق قىلىمىزكى يىمەيتتۇق.  ياق،  مەن 18 ياش ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز بىر ئىش  يۈز بەردى( يازغۇچىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلدى.) بۇ يېشىمدا  تېخىمۇ زەئىپلىك ۋە سۇلغۇنلۇق ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىش يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمدىن بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم. تەڭرىدىنمۇ قورقتۇم. كۈندۈز بولغاندىلا مەن ئۇنچىلىك بەك قورقۇپ كەتمەيتتىم، ئۆلۈممۇ  ئۇنچىۋالا ئېغىر دەرىجىدە ئەمەستۇ بەلكىم. لېكىن ئەزرائىلنىڭ سايىسى مېنىڭدىن ھېچ ئايرىلمىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن راستىنلا ئاكامنى ئۆلتۈرۋېتىش خىيالىغا كەلگەن. راستىنلا ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسام بولاتتى،  مېنىڭ راستىنلا ئۇنى بويسۇندۇرغۇم بار ئىدى. بۇ بىر قېتىم بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرىمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئاپامنىڭ يۈزى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى بىر تەرەپكە قويۇپ قويدۇم، ئۇنىڭ مۇشۇ ئوغلى، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئوغلى، ئۇنىڭ ئاپىسىنى جازالىشى دەل ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھەددىن زىيادە مېھرىنى بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەنمۇ ئاكامنىڭ قولىدىن كىچىك ئاكامنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دەپ ئويلىدىم. ئاكامنى كىچىك ئاكامنىڭ تېنىدىكى كۈن نۇرنى توسۇپ تۇرغان بىر پارچە قارا رەخت دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇ بىر جاھاننى بېشىغا كىيىدىغان، خالىغىنىنى قىلىدىغان ئادەم. ئۇ گەرچە ئىنسانىيەتكە تەۋە ئادەم بولسىمۇ، لېكىن قىلىقلىرى ھايۋاندەك. كىچىك ئاكام ھايات ۋاقىتتا ئۇ توختىماي ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا قورقۇنچىلارنى پەيدا قىلىپتۇردى.  ئۇ ۋاقىتتا  ئۇنىڭ يۈرىكىنى ۋەھىمىلىك قورقۇنچ بېسىۋلغانلىقى بىلەن، شۇ ۋاقىتتا قازا قىلدى. ( يازغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى 27 ياش ۋاقتىدا كېسەل

    سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۇ ئىككىنچى ئاكىسىنى  ئۇزۇن  ۋاقىت ئاكىسىنىڭ قورقىتىشىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارىغان).

    مەن  ئائىلەمدىكىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىمەن دەپ نۇرغۇن قەلەم سىياھلىرىمنى ئىشلەتتىم. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ تەسۋىرلەپ يازغان ۋاقتىمدا، مېنىڭ ئاپام بىلەن  مېنىڭ ئېنىم تېخى بۇ دۇنيا ھايات. بىراق مەن پەقەت ئۇلارنى، بۇ ئىشلارنى چۆرىدەپ يازدىم  لېكىن بىۋاسىتىلا ئېچىپ ئىنچىكلەپ يازمىدىم.

    مېنىڭ ھاياتىمدىكى تارخ مەۋجۇت ئەمەس. ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئەمەس. ئەزەلدىنلا بىر مۇھىم نۇقتىسى بولغان ئەمەس، يول بولغان ئەمەس،  يەنە  يىپ ئۇچىمۇ يوق. بەزى بىر بوشلۇقلاردا ئادەمگە چوقۇم شۇ يەردە ئادىمىزات بولۇش كېرەك دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇ ھەقىقەت ئەمەس. ئەملىيەتتە  ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق، ياش ۋاقتىمدا  مەن ئازىراق ھېكايىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى  يېزىپ بولغان ئىدىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ غۇۋا، كىشىنى بەس مۇنازىرىگە  سالىدىغان تارىخ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ ھىكايە.  ھەمدە ھېلقى دەريادىن ئۆتكەندىكى ھېكايە. لېكىن بۇ يەردە يازغىنىم ھەم  ئوخشىمايدىغان ھەم ئوخشايدىغان.  مېنىڭ يازماقچى بولغان شۇ نۇرلۇق دەرۋرىم، ئاشۇ يورۇتۇلغان دەۋرىم.

    يەنە بۇ يەردە مېنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم ياشلىق باھارىم ئىچىگە يوشۇرۇنغان دەۋرىم،  مەن  مەلۇم پاكىتلار، مەلۇم ھېسسىيات، مەلۇم ئىشلار ئارقىلىق بۇ تارىخنى ئاچىمەن، مەن بىر ئىنتايىن خىجىللىق ئىلكىدە بۇ ھاياتىمنى يېزىشنى باشلىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۈچۈن يازغان نەسىلەر يەنىلا ئەخلاققا مۇۋاپىق ھەم ئۇيغۇن كىلىدۇ. لېكىن ھازىر يازماقچى بولغان نەرسىدە ئۇنداق بەك ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمىدىم. بەزى ۋاقىتلاردىمۇ مەن بۇ قائىدىلەر بىلىمەن: ئەگەر ئوي پىكىر ئېنىق بولمىسا ساقلىنىپ قالغان ئۆتكەنكى ئىشلار ئارلىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر شۆھرەتپەرەسلىك بولۇپ، تۇراقسىز داۋالغۇسا، ئۇنداقتا  يېزىپ چىققان نەرسە چوقۇم ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.  بەزىدە مەن بۇ قائىدىلەرنىمۇ بىلىمەن: ئەگەر  ئوي-پىكىر ئېنىق بولمىسا،  بارلىق نەرسىلەر بىر خىل دېگىلى بولمايدىغان ئېرىتكۈچ ئارقىلىق ئېرىتىلىپ بىر پۈتۈن نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېزىپ چىقىلغان نەرسە  بىر سىرتتىكى ئېلانلاردەك بولۇپ قالىدۇ. لېكىن، مەندە كۆپىنچە مۇستەقىل پىكىر كەمچىل، مېنىڭچە  بارلىق مەيدان  ھەممىسى ئېچىۋېتىلگەن. ھەرگىزمۇ سېپىل تام يوق. قەلەم تەككەن يەرلا بولسا سىز يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالمايسىز. قانداق يىغىشتۇرۇشنى، قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي قالىسىز ھەمدە  بىردەكلىكنى يوقاتقان سۆز-ھەرىكىتىڭىز  بىلەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالمايسىز. لېكىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن ئۇنداق كۆپمۇ ئويلاپ كەتمىگەن ئىدىم.

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.