ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس (5)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-11 14:12:42

مەن مىكون دەرياسىدىكى پارومغا چىققان ۋاقىتتا، يەنى مەن ھېلىقى قارا رەڭلىك كونا تىپتىكى پىكاپنى ئۇچىراتقان ھېلىقى بىر كۈنى، ئاپام ھېلىقى دېڭىز دامبىسىدىكى ھېلىقى يەرنى ئىجارىگە ئېلىشتىن تې...




       مەن مىكون دەرياسىدىكى پارومغا چىققان ۋاقىتتا، يەنى مەن ھېلىقى قارا رەڭلىك كونا تىپتىكى پىكاپنى ئۇچىراتقان ھېلىقى بىر كۈنى،  ئاپام ھېلىقى دېڭىز دامبىسىدىكى ھېلىقى يەرنى ئىجارىگە ئېلىشتىن تېخى  ۋاز كەچمىگەن ئىدى. مەن يەنىلا بۇرنقىدەك  كېچىدە يول يۈرۋاتاتتۇق. يەنىلا  ئۈچ ئادەم بىر يول. نەگىلا بارساق ئازىراق قۇناتتۇق. بىز ئاشۇ كارىدورى بار بىر قەۋەتلىك ئۆيدە قوندۇق. ئۇدۇلدا سىئام تېغى بار ئىدى.  كېچە ئۆتكەندىن كېيىن بىز يەنە ھەرىكەتكە كىلىپ شەھەرگە قايتتۇق. ئاپام ئۇ يەردە ھېچ ئىش قىلماپتۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا پات-پات ھېلىقى يەرگە قايتىپ كېتەتتى. ئۇ يەردىكى كارىدوردا، مەن بىلەن كىچىك ئاكام ئىككىمىز ئاپىمىز بىلەن تۇراتتۇق. ئۇدۇلىمىزدا ئورمانلىق بار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن چوڭ بولۇپ قالغان ئىدىم. كۆلگە بېرىپ يۇيۇنۇشقا  خىجىل بولدۇم. ئىككىنچى دەريا ئېغىزىغا بېرىپ سازلىق يەردە قاپلان تۇتۇشقا بارمىدىم. بىز ئاللىبۇرۇن ئورمانلىققا بارمايدىغان بولدۇق. ئىككىنچى قارمۇچ دەرىخى ھايۋانات-ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى كەنىتكە بېرىپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر چوڭ بولۇپ كەتتى. مەيلى  سۇ كالىسىنىڭ ئۈستىدىكى بولسۇن ياكى باشقا جايلاردىكى بولسۇن،  كىچىك بالىلارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمىدۇق.

    بىزمۇ غەلىتە بىر كېسەللىكنى يۇقتۇرۋالدۇق،  ھېلىقى ئىلگىرى ئاپامنىڭ يۇقتۇرۋالغان سۆرەلمە ئېغىر كىسىلى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزمۇ  شۇنداق سۆرەلمە دۆتلۈك كىسىلىنى يۇقتۇرۋالدۇق. بىز ھېچقانداق ھۈنەر ئۆگەنمىدۇق، پەقەت ئورمانلىققا قاراپ كۈتۈش، قايغۇرۇشنىلا بىلەتتۇق. ئۇ ئويمان زېمىن پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ئىدى. ھېلىق خىزمەتكارلار  پەقەت ئىگىز يەردىكى ئاشۇ پارچە يەرلەرنى تېرىيتتى، ھەيدەيتتى. بىز  شاللارنى ئۇلارغا بېرەتتۇق،  ئۇلار شۇ يەردە ئىش ھەققى يوق داڭقىتىپ تۇرۇپ قالاتتى. ئۇلار پەقەت ئاپام ئادەم چاقىرىتىپ ياسىتىپ بارگەن ئاددىي ئۆيلەردە تۇراتتى. ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ يېقىنلىرىدەك مۇئامىلە قىلىشىمىزنى ياقتۇراتتى. ئۇلار يەنىلا  بۇرۇنقىدەك  بۇ ئۆيلەرگە قاراپ قوياتتى. ئاشۇ كونا ئاشخانا جابدۇقلىرى، قاچا –قۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. يامغۇر سۈيى بىلەن چىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئۆگىزىسى بارا- بارا يوقىلىۋاتاتتى. بىراق ئائىلە سايمانلىرى يەنىلا پاكىزە سۈرتۈلگەن ئىدى. پۈتۈن بىر ئۆي يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. سۈزۈكلىكىدە رەسىمدىكىدەكلا ئىدى. يولدا تۇرۇپ قارىسىلا كۆزگە چىلىقاتتى. ئۆينىڭ ئىشىكى ھەركۈنى ئوچۇق تۇراتتى. سوغۇق شامال كىرىپ تۇراتتى. ئۆينىڭ ياغاچلىرىنى قۇرۇتاتتى. كېچىدە ئىشىك دېرىزىلەر چىڭ ئىتىلەتتى. ياۋا ئىت ۋە تاغدا ئېزىپ قالغان جىنايەتچىلەرنىڭ كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدېنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

    شۇڭا، سىلەرمۇ كۆرۈپ چۈشىنەلەيسىلەر. مەن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا يازغاندىكىدەك لىئەننا مېھمانخانىسىدا كۆرگەن ھېلىقى قارا پىكاپى بار داچىغا ئوخشىمايدىغان، يەنى بىز ھېلىقى ئىجارە يەردىن ۋاز كەچكەندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن كېيىن، كىچىك پارومدا ئۇنى كۆرگەن، يەنى مەن دېگەن ھېلىقى كۈنى،  ھېلىقى تۇمان ھەم پىزژغىرىم قىزىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۇنى كۆرگەن.

    شۇ قېتىملىق تاساددىپىي ئۇچىرىشىپ قالغاندىن كېيىنكى بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئاپام مېنى ئېلىپ فىرانسىيىگە قايتىپ كەتتى. ئۇ بارلىق ئۆي جابدۇقلىرىنى سېتىۋەتتى. كېيىن يەنە ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم توسما بار يەرگە بېرىپ كۆرۈپ كەلدى. ئۇ كارىدوردا تاغ كەينىگە ئولتۇرۋاتقان قوياشقا  قاراپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر قېتىم سىئام تېغى تەرەپكە  تىكىلدى. بۇ دېگەن ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم ئىدى. كېيىن ئىككىنچى بېرىپ باقمىدى. ھەتتا  ئاپام يەنە بىر قېتىم فىرانسىيىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىمۇ يەنە بىر قېتىم قارارىنى ئۆزگەرتىپ يەنە بىر قېتىم ھېندىچىنى قايتىپ، سايگوندا ئۆزىنىڭ پىنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن ۋاقىتتىمۇ ئىككىنچى ھېلىقى چوڭ تاغنىڭ ئالدىغا بېرىپ،  سېرىق رەڭلىك ئاسماننى، يېشىل ئورمانلىقنى كۆرۈپ باقمىدى.

    شۇنداق،  مەن نېمە  دېسەم ياخشى بولار، ئۇ ھاياتىدا،  بەك كىچىككەن بولدى. بىراق يېڭىدىن باشلىدى. ئۇ بىر فىرانسوز تىلى مەكتىپى قۇردى. «يېڭى فىرانسوز تىلى مەكتىپى».  بۇنىڭدا ئاپام ماڭا  بىر قىسىم ئوقۇش پۇلۇمنى ئاجىرىتىپ بېرەلەيتتى. شۇنىڭدەك  ئۇنىڭ مۇشۇ ھايات ۋاقىتلىرىدا ھېلىقى چوڭ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كىچىك ئاكام  كانايچە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغاندا،  ئۈچ كۈن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى بەرداشلىق بېرەلمىگەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئاپامدىن ئايرىلىپ كەتتىم.

    ئۇ دەل ياپونىيە ئىشغال قىلغان ۋاقىت. بارلىق ھەممە شۇ كۈنى جاكارلىنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن ئىككىنچى ئاپامدىن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقتىلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدىم. ھەمدە ئاپامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدىم. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا،  كىچىك ئاكامنىڭ ۋاپاتىدا، ئۇمۇ ئۆلۈمگە لايىق ئىدى. ھەتتا ئاكاممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەن راستىنلا تۇيۇقسىزلا ئۇلارغا بولغان غەزەپ-نەپرەت ھېسسىياتىمغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. مەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر كارى چاغلىق بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىنچى ئۇلار  بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرمۇ قالمىدى. ئاپام زادى قانداق قىلىپ شۇ تېنى ئاجىز كېسەلچان بالىسىغا بولغان قەرزىنى قايتۇرۇپ بولىدۇ؟ تا ھازىرغا قەدەر يەنىلا چۈشىنەلمىدىم. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى. مەن ئۇلارنى شالىدىكى كىچىك مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇچىسغا  ئاق رەڭلىك بىلىگە پوتا باغلىۋالغان،  ئۇلار پۈتۈن بىر ئاي، پۈتۈن بىر يىل ئۇ يەردە تۇردى. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. مەن ئاپامنىڭ ئۇ يەردە يىغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇ بالىلارغا لەنەت ئوقۇپ تۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم.  ئۇ ئۆزىنىڭ ھوجۇرىسىدا ئىدى. سىرتقا چىقىشنىمۇ خالىمايتتى. ئۇ ۋارقىراپ باشقىلارنىڭ تىنىچ تۇرسۇن دەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىيالمايتتى. كۈلۈمسىرەپ، شۇ يەردە جىمجىت  تۇراتتى. كېيىن، مەن ھېچنىمىنى ئويلىمايدىغان بولدۇم. بۈگۈنگە كەلگەندە،  ئاپام، ئۇ ئىككى ئاكام ھەممىسى ئۆلدى. مېنىڭ خاتىرەمگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق. ئوخشاشلا ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمىدىم. مەن ھازىر ئۇلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيمەن. مېنىڭ كاللامدا ئاپامنىڭ شۇ يىللاردىكى تېرىسىنىڭ چىقارغان خۇشپۇراقلىرىنى ھەرگىزمۇ ساقلىمىدىم. مېنىڭ كۆزۈمدىنمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزىنىڭ رەڭگى يوقالدى. مەن ئاپامنىڭ چارچاپ كەتكەندە، ئاپامنىڭ بەزىدە ئاخشاملىرى  دېگەن بىر قىسىم يېقىملىق ئاۋازىدىن باشقا، ئۇنىڭ سىماسىنى ئىككىنچى ئېسىمگە ئالمىدىم.  ھەتتا كۈلكە ئاۋازىنىمۇ مەن ئىككىنچى ئاڭلىمىدىم. كۈلكە ئاۋازىمۇ يوق،  ۋارقىرىغان ئاۋازىمۇ يوق. ھەممىسى تۈگىدى. ھەممىسى مېنىڭ خاتىرەمدىن يوقالدى. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك، بۈگۈنگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭ بۇ جاھانغا كىلىشىنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنى، لېكىن نەقەدەر ئۇزۇن بىر بايانات ئىكەنلىكىنى يازدىم. ئاپام مېنىڭ خالىغىنىمچە يازغان راۋان چۈشىنىشلىك بولغان ئۇسلۇبۇم بولۇپ قالدى.

    ئاپام بەلكىم 1932-يىلىدىن 1949يىلى  ۋاقىتلاردا  سايگوندا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ كىچىك ئاكام 1942-يىلى 12-ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپام ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىدى. ئاپام مەن مۇشۇ يەردە  قالىمەن دەيتتى. قەبرىسىگىمۇ ئاز قالغان ئىدى. ئۆلۈشىگىمۇ ئاز قالغان ئىدى. كېيىن،  ئۇ ئامالسىز فىرانسىيىگە قايتىپ كەتتى. بىز قايتا ئۇچىراشقان ۋاقتىمىزدا، مېنىڭ ئوغلۇم ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم ناھايىتى كېچىكىپ ئۇچىراشتۇق. بۇ نۇقتىنى مەن ئۇنىڭ دەسلەپكى  كۆز نۇرىدىن بىلۋالالايتتىم.

    دەل شۇ پەيىتتە ھېچنىمىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئورنىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چوڭ ئوغلىدىن باشقا بارلىق ھەممىسى تۈگەشكەن ئىدى. ئۇ لىرات فۇگا ئۆلكىسىنىڭ بىر ساختا مال سودىسى قىلىدىغان ئون تۆت قەلئەدە ياشايدىكەن، ھەمدە شۇ يەردە قازا قىپتۇ. ئۇ دۇ ھەدە بىلەن بىرگە تۇرۇرپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا كېچىدە يەنىلا قورقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تال مىلتىق سېتىۋالغان.  دۇ ھەدە قەلئەنىڭ ئەڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى ئۆيىدە كۈزەتچىلىك قىلاتتى. ئاپام يەنە چوڭ ئوغلى ئۈچۈن ئامبوسنىڭ يېنىدىن بىر پارچە زېمىنلىق يەر سېتىۋاپتۇ. ئۇ يەردە نۇرغۇن ئورمانلىق بار ئىدى. ئۇ ئادەم ئىشلىتىپ بارلىق دەرەخلەرنى كەستۈرۋېتىپتۇ.

    چوڭ ئاكام پارىژدىكى بىر قەغەز قارتا قىمارخانىسىغا كىلىپ پۇل تىكىپ قىمار ئويناپتۇ. ئاشۇ ئورمانلىق بىر ئاخشامدىلا قىمار ئويناپ پاك-پاكىز ئۇتتۇرۋېتىپتۇ. ئۇ دەل شۇ دەرەخلىكنى ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن، مېنىڭ چوڭ ئاكامغا بولغان تەسىراتىم ئۆزگەردى. مۇشۇ سەۋەبلىك،  مېنىڭ چوڭ ئاكام مېنىڭ كۆز يېشىمغا سەۋەبلىك بولۇپ قالدى. مېنىڭ بىلدىغىنىم دەل كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ مونتپارناسقا يېقىن جايدىكى گابور قەھۋەخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ماشىنىنىڭ ئىچىدە ياتقىنى كۆرۈپتۇ،  ئۇ جىنىدىن تويغان ئىشلارنى قىلماقچى ئوخشايدۇ. كېيىنكى ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ بىلمىدىم. لېكىن ئاپام  قەلئەنى بۇزۇپ، چېقىپ، ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگۈدەك دەرىجىدە. يەنە بۇ بارلىق ھەممىگە ئاپامنىڭ بۇ 50 ياشقا كىرىپمۇ يەنە پۇل تېپىشنى  بىلمەيدىغان ئوغلى سەۋەبلىك بولغان. ئۇ بىر تۈركۈم چۈجە ئىنكۇباتۇر سېتىۋېلىپ،  ئۇلارنى ئاستىنقى قەۋەتتىكى زالغا قويغان. ئاپام بىراقلا 600دانە چۈجىگە  ئېرىشكەن.

    بىراق ئۇنىڭ يىراق ئىنفرا سىرتقى لىنيىسى قىزىتىش ۋاقتىنى تەڭشەشتە  خاتا مەشغۇلات  قىلىپ قويۇپ،  نەتىجىدە بىرمۇ چۈجە ھېچنىمە يېيەلمەپتۇ. ئۇ 600دانە چۈجىنىڭ ئاغىز يۇمۇلماپتۇ. مۇشۇ سەۋەنلىك تۈپەيلى ئۇلار ئاچ قۇرساق ئۆلۈپ كىتىپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ ھەرگىزمۇ يەنە تەۋەككۇلچىلىق قىلمايدىغان بولدى. مەن چۈجىلەر  تۇخۇمدىن چىققان كۈنى قەلئەگە كەلگەن ئىدى. ئۇ دېگەن بىر خۇشاللىق كۈنلەر ئىدى. كېيىن،   ئۆلۈك توخۇ بىلەن توخۇ يېمى سېسىپ ھەممە يەرنى ئالدى. ئاپامنىڭ قەلئەسىدە تاماق يېسەملا ئىچىم ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى.

    ئاپام ئاخىرى دۇ ھەدە ۋە ھېلىقى ئۆزى بىردىنبىر ئوغلۇم دېگەن ئوغلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلدى. ئىككىنچى قەۋەتتە ئۆزىنىڭ چوڭ ھوجۇرىسىدا. ئاپام ئەڭ ئاخىرىقى ئايلىرىدا، سوغۇق پەسىللەر ئىدى. ئۇ دائىم تۆتتىدىن ئالتىگىچە بولغان  قوينى ھوجۇرىسىغا ئەكىرىۋېلىپ، ھايۋانلارنى  ئۆزىنىڭ كارۋىتىنىڭ ئەتراپىدا ئۇخلىتاتتى.

    دەل مۇشۇ يەردە، ئاپامنىڭ لىراتتىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئۆيىدە،  ئاپام مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ تۈگەتكەندە يەنە  ئۇنىڭ كەلدى-كەلدى كەتتى توختىماي ئۆي كۆچۈش ھاياتىدا، مېنىڭمۇ بىرىنچى قېتىم ئاپامنىڭ ئۇنداق نېرۋا كىسىلى بولۇپ قىلىشىنى كۆرگەنلىكىم بولدى. مەن ئاپامنىڭ راستىنلا ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دۇ ھەدە بىلەن چوڭ ئاكاملارنىڭ ئاپامغا نىسبەتەن بۇ خىل نېرۋا كىسىلىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم. ئۆزۈمگە كەلسەك،  ئىلگىرى مەن ئاپامنىڭ كېسىلىنىڭ تۇتقانلىقىنى ھېس قىلمىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ كېسەلگە گىرپتار بولغان ئىكەن. تۇغۇلغاندىلا مۇشۇنداق ئىكەن. قان تۇمۇردىلا مۇشۇنداق كېسەللىك بار ئىكەن.  ئاپام بۇ كېسەللىك تۈپەيلى ئۆزىنى ئازابلاپ يۈرمەيتتى. چۈنكى  دۇ ھەدە  ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇنىڭ كېسىلىگە نىسبەتەن ئاللىقاچان ئادەتتىكى بىر نورمال ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. ئاپاممۇ نورمال ئادەمگە ئوخشاش ياشىدى. دۇ ھەدە ۋە چوڭ ئوغىلىدىن باشقا ھېچكىم بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى چۈشىنەلمەيتتى. ئۇنىڭ دائىم نۇرغۇن دوستلىرى بار ئىدى. ئاپام  بۇ ئۇزۇن يىللىق دوستلىرىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تۇنىشاتتى. بۇ يېڭىدىن تۇنۇشقان دوستلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن سەھرادىن كەلگەن ياشلار ئىدى. ياكى بولمىسا  دۇران رايونىدىكى ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى فىرانسىيە مۇستەملىكە يۇرتقا قايتۇرغانلارمۇ بار ئىدى.  ئاپامنىڭ مۇشۇنداق نۇرغۇن ياش قورامى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئۇلار دەيدىغىنى ئۆزىنىڭ ئەقللىق، ھەمدە نەقەدەر جەڭگىۋارلىقىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇنىڭ خۇشال، يەنە ئۆزىنىڭ تەڭدىشى يوق  تۇغما ھارغىنلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك دەيتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.