قاراقچىلارنىڭ باش قېتىمچىلىقى(شىنىچى خۇشى )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-22 21:54:00

قاراقچىلارنىڭ باش قېتىمچىلىقى شىنىچى خۇشى (ياپونىيە) مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى قاراڭغۇ جەمىئىيەتتىكى قاراقچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئوغرىلىق پىلانى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتات...

    قاراقچىلارنىڭ باش قېتىمچىلىقى

    شىنىچى خۇشى (ياپونىيە)

     مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى

    قاراڭغۇ جەمىئىيەتتىكى قاراقچىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئوغرىلىق پىلانى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى.

     ـ جەمئىيەتنى زىلزىلىگە كەلتۇرگۈدەك، لېكىن ھىچكىم تۇنىيالمىغۇدەك كاتتا سودىدىن بىرنى قىلىپ، تازا بىر پۇخادىن چىققۇم بار ئىدى، ـ دېدى قارا نىيەتلەردىن بىرى شىلتىڭ ئېتىپ. لېكىن ھېچكىم ئويلىمىغانىدى، مۇشۇ گۇرۇھنىڭ كاتتىبېشى ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا ئۇنىڭ پېكرىنى تولۇقلىدى: ـ توغرا ئېيىتتىڭ! ئۇزۇن بولدى، مەنمۇ شۇنداقراق چوت سوقۇپ كەلگەن. ھازىر شۇ ئويۇم خېلى پىشىپ قالدى. ھەممىڭلار تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار، ئىشقا چۈشۈپ كېتىمىز. بۇ گەپ قاراقچىلارنى خېلىلا ھەيران قالدۇردى. ـ زادى قانداق قىلىمىز؟ ـ بەس ـ بەس بىلەن سوراشتى ئۇلار. بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كېچىسى ھەرىكەت قلىشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. لېكىن كېچىسى ھەمممە ياق تىپتىنچ بولغاچقا، ئىشنى باشلىغاندا بىرەرىنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش تە. بۇ دورام مەن بۇنىڭ ئەكسچە ئىش قىلماقچى. كىشلەر خىيالىغا كەلتۈرمىگەن بىر چاغدا قول سالىمىز... ـ بارىكاللا، سىز راستىن بىزگە باش بولۇشقا مۇناسىپ ئادەم ـ دە، تاپقان ئەقلىڭىز ھەمىشە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بىراق، قانداق قول سالىمىز؟ ـ كۆپكۈندۈردە بانكىغا قوراللىق باستۇرۇپ كىرىمىز. باشلىقنىڭ جۆيلۈگەندەك قىلغان گەپلىرى ئاتارمەن ـ چاپارمەنلەرنىڭ ئۈمىدىنى بىراقلا يوققا چىقاردى. ـ چاقچاق قىلماڭ. ياشلىق! ھەرگىز ئۇنداق قىلغىلى بولامدىغان. ناۋادا سىز دېگەندەك قىلساق. باكىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرە ـ كىرمەيلا قولغا چۈشۈپ، ئۆزىمىزنى تۈرمىدە كۆرىمىز. ـ ئەخمەقلەر! ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنىڭ بىر ۋېنتىسى كام. بولدى، قۇلاق سېلىڭلار، مەن تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەي... بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تېلېۋىزىيە تىياتىرى سېنارىيىسىدىن بىرنى يېزىپ. بانكا ئەتراپىدىكى قاتناش ساقچىلىرىغا بېرىپ قويىمىز، ئاندىن ھەممىمىز تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى لېنتىغا ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قىياپىتىدە، بانكىغا ھۇجۇم قىلىش كۆرۈنۈشىنى لېنتىغا ئېلىش باھانىسى بىلەن بانكىغا بارىمىز. بۇنداقتا بانكا تەرەپ تەييارلىقسىز بولغاچقا، چوقۇم تەمتىرەپ قالىدۇ. مانا شۇ چاغدا ھەممىڭلار پۇل بۇلاشقا كىرىشىسلەر، ئامالنىڭ يوقىدا ئوق چىقىرىشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ساقچىلار تىياتىر ۋەقەلىكىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئالاھىدە ئوتۇنلاشتۇرۇلغان تەقلىدىي ئاۋاز ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ پەرۋا قىلمايدۇ. ئىش پۈتكەندە ھەممىمىز مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە تەڭلا چېكىنىمىز... قاراقچىلار كاتتىبېشى سۆزىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ئاتارمەن ـ چاپارمەنلەر غۇلغۇلىغا چۈشۈپ، قايىللىقىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى توققۇز تازىمغا چۈشۈپ كېتىشتى. بەللى، بەللى! قىل سىغمايدىغنا ئەپچىل چارىكەن! ـ تازا بىر پۇخادىن چىقىدىغان بولدۇق. بۇرادەرلەر، چاققانراق ئىشقا كىرىشەيلى! قاراقچىلار كىچىك ئابتوبۇستىن بىرنى تېپىپ، ئۇنىڭغا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى لېنتىغا ئېلىش گۇرۇپپىسى دەپ يېزىپ قويدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىدىن بىرنى تېپىپ كېلىشتى، لېنتىا ھازىرلاشنىڭ ئەلۋەتتە ھاجىتى يوق ئىدى. سېنارىيە بېلىپ بۇلۇشىغا ئاتارمەن ـ چاپارمەنلەر پۈتۈن زېھنى بىلەن گىرىم قىلىشتى. بەزىلىرى ئاممىۋى تەرتىپنى ساقلىغۇچى خىزمەتچى خادىم سىياقىدا ياساندى. ھەممە تەييارلىق پۈتۈپ، كاتتىباش بۇيرۇق بېرىشىگە، ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قۇراشتۇرۇلغان پىلان ئىشقا ئاشۇرۇلۇشقا باشلىدى. قاراقچىلار ماشىنىنى بانكىنىڭ ئىشىكى ئالدىغان ئەكىلىپ توختىتىپ، تاپانچىلىرىنى تۇتقىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈشىگە، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى دەرھال يېتىپ كېلىپ ئۇنى ـ بۇنى سوراشقا باشلىدى. قاراقچىلاردىن بىرى شۇئان تېلېۋىزىيە تىياتىرى سېنارىيىسىدىن بىر نەچچىنى ساقچىلارغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بارىكاللا، ساقچىلار تولا جوراتمايلا ئىشنىڭ تىگى ـ تەكتىنى چۈشىنىپ ئۇنى ـ بۇنى سوراشنى توختاتتى. ھەممە ئىش جايىدا! ئىشنىڭ بېشىدىنلا مۇنداق ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئويلاپ بېقمىغان قاراقچىلار بىردىنلا روھلىنىپ، ئارقىمۇ ئارقا بانكىغا باستۇرۇپ كىرىپ قاتتىق ۋارقىرىدى: ـ بانكىدىكى جانابلار. بىز ھەقىقىي قاراقچىلار، پۇلنى دەرھال تاپشۇرۇڭلار، كىمكى قارشىلىق قىلىدىكەن، ھازىرلا جېنىنى ئالىمىز! لېكىن ئويلىمىغان يەردىن كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىپ، پىلان قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بىر ئىشىك جېسەكچىسى كۈتمىگەندە خۇش تەبەسۇم بىلەن ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بۇ يەردىكى جىددىي كەيپىياتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ـ ئەپەندىلەر، سىلەرگە ياردەم بەرسەم مەيلىمۇ؟ سىلەرنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىگىلى كېلىشىڭلاردىن راست خەۋەرسىز قاپتىمەن. بىزنىڭ باشلىقلارمۇ تازا قىزىق ئىش قىپتۇ. مۇشۇنداق بىر ئىشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويمىغىنىنى، بولمىسا تەييارلىق قىلىپ تۇرماسمىدۇق، تەشۋىقات ئىشى شۇنداق مۇھىم ئىش تۇرسا، ئۇلارنىڭ... يەنە بىر ياش خېرىدارمۇ قىستىلىپ يۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈپ: ـ مەن يازغۇچى، ـ دېدى قىزغىنلىق بىلەن، ـ سىلەرنىڭ ھازىرقى دىئالوگىڭلار ئانچە مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ. «بانكىدىكى جانابلار» دېگەن سۆز سايلام مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرگە ئوخشاپ قاپتۇ، ئاندىن «بىز ھەقىقىي قاراقچىلار» دېگەن سۆز بەكمۇ؛ ئاشكارە بولۇپ كېتىپتۇ. مۇنداقتا تاماشىبىنلار باشتىلا ئىشنىڭ تېگى ـ تەكتىنى بىلىۋالىدۇ. سېنارىيىنى كىم يازغان؟ كېيىن يەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىسەڭلار مەن ياردەم بېرەي. يازغۇچى يانچۇقىدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ماۋزۇلىرىنى چىقىرىپ، ئاغزى بېسىقماي سۆزلەپلا كەتتى. قاراقچىلار مىڭ مۇشەققەتتە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە. شۇ يەردە ئىشلەۋتقان بىر قىز ئالمان ـ تالمان ئورنىدىن تۇتۇپ گەپ باشلاپ قالدى: ـ بۇ تىياتىرنى قاچان قويۇسىلەر؟ خاتىرە ئۈچۈن ئىمزا قويۇپ بېرىڭلار. مېنىمۇ تارتىپ قويالماسسىلەرمۇ؟ توختاپ تۇرۇڭلار، ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈۋالاي... بانكىدىكى خىزمەتچى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، مۇشۇ ياققا قاراپ ئاقتى: ـ ھەي، ھەي، بىزنىمۇ تارتىپ قويۇڭلار، بىز ھەممىمىز كىنو مەستانىلىرى، چىدالماي قالدى. ئۇ ئۆزىنى تۇۇتۋالالماي ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى: ـ بەس، يېتەر! بىز ئويۇن قويۇۋاتقىنىمىز يوق، بۇرادەرلەر، راست ئىش قىلىۋاتىمىز! ـ ئارقىدىن ئۇ تاپانچىنىڭ تەپكىسىنى بېسىۋەتتى. ئوق ۋىژىلداپ بېرىپ تورۇشقا تېگىپ، يورۇتۇش لامپىسىنى چېقىۋەتتى. لېكىن بۇ ھەرىكەتمۇ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىدى، بىر ئوغۇل بالا: ـ ئوھۇ، قالتىسقۇ! راستەكلا چىقتى، ـ دېدى قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتۈپ. ـ تورۇستىكى لامپۇچكىغا ئالدىنئالا دورا قاچىلاپ قويۇپ، ئاندىن پارتلاتقان بولسا كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان ئادەم بولغان بولسا، راست ئوخشايدۇ دەپ چۆچۈپ كېتەر ئىدى، ـ دېدى يەنە بىر ئادەم ئۇنىڭ گېپىگە ئۇلاپ. شۇ ئارىلىقتا بانكىنىڭ باشلىقى پەيدا بولۇپ قالدى. ـ ھە، ئەپەندىلەر، ئوقنى دېرىزە ئەينىكىگە قارىتىپ ئاتىدىغان كۆرۈنۈشتىن بىرنى قېتىۋەتسەڭلار بولماسمۇ؟ ئەينەكلىرىمىز ئوق ئۆتمەيدىغان ئالاھىدە ئەينەك ئىدى. بىزنى يان تەرەپتىن بولسىمۇ تەشۋىق قىلىشىپ بەرگەن بولساڭلار، بانكىمىزنىڭ خېرىدارلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ئاشاتتى، ـ دېدى بانكا باشلىقى ئىچىگە پۇل سېلىنغان كانۋېرتنى سۇنۇپ. ـ ئەپەندىلەر. قاراقچىلارنىڭ تەھدىتىگە تىز پۈكمەي، ئوق تېگىپ ئۆلىدىغان باتۇرلارنىڭ رولىنى بىزگە بەرسەڭلار، ئىلتىپات قىلغايسىلەر، ـ دېيىشتى ئەر خىزمەتچىلەرمۇ كېلىپ ئىلتىماس قىلىپ. قاراقچىلار ئىلاجىسىز قېلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن ئەمدى ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ راستلىقىغا ھېچكىم ئەشەنمىدى. ھەتتا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ تەرتىپ ساقلىشىپ بەرگەن قاتناش ساقچىلىرىمۇ: ـ قاراقچىلارنى تۇتىدىغان ساقچىلارنىڭ رولىنى بىز ئالايلى. مۇشۇنداق قىلساق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىكى چىنلىققا تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ تەسىرلىك چىقىشى مۈمكىن. ئەپەندىم، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، يۈرتىمىزدىكى ئاتا ـ ئانىمىز تېلېۋىزور ئېكرانىدىن بىزنى كۆرسە، تازا خۇش بولار ئىدى، ـ دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى. ئىش شۇ دەرىجىگە يېتىپ يىغىشتۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىنلاشقاندا، قاراقچىلارنىڭ كاتتىبېشى ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋارقىرىدى: ـ ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، بۈگۈن لېنتىغا ئېلىشنى توختىتىمىز. سېنارىيىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، باشقا بىر كۈنى قايتىدىن لېنتىغا ئالىمىز! چارىسىز قالغان قاراقچىلار نائىلاج بانكىدىن چىقىپ كېتىشتى ۋە تازا غۇدۇراشتى: ـ بۇ ئىشنىڭ مۇنداق ئاياغلىشىشىنى ھەرگىز ئويلىماپتىمىز. بۈگۈنكى جەمىئىيەتتىن چوقۇم چاتاق چىققۇدەك. يولسىز ئادەملەرنىڭ شۇنچىۋالا كۆپىيىپ كەتكىنىنى دېمەمدىغان!

    «دۇنيا ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق6-سانىدىن ئېلىندى

     (خەنزۇچە«چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 1986 ـ يىل 5 ـ سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق