ۋانكا(چىخوف)

يوللىغۇچى : kalbinur1124 يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-25 19:54:24

ۋانكا ئا.پ چىخوف (روسىيە) بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئاليونخىن دېگەن موزدوزغا شاگىرتلىققا بېرىلگەن توققۇز ياشلىق ۋانكا زۇكۇۋنىڭ روژدىستوۋ بايرىمىغا ئۆتەر كېچىسى ئۇخلىغىسى كەلمىدى. ئۇ خوجايىنلىرى ...

    ۋانكا

    ئا.پ چىخوف  (روسىيە)

     

       بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئاليونخىن دېگەن موزدوزغا شاگىرتلىققا بېرىلگەن توققۇز ياشلىق ۋانكا زۇكۇۋنىڭ روژدىستوۋ بايرىمىغا ئۆتەر كېچىسى ئۇخلىغىسى كەلمىدى. ئۇ خوجايىنلىرى ۋە باشقا ئۇستىلارنىڭ ئەتىگەنلىك ئىبادەتكە كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇلار چىقىپ كېتىشى بىلەنلا خوجايىنىنىڭ جاۋىندىن سىياھ قۇتىسى بىلەن ئۇچى داتلىشىپ كەتكەن قەلەمنى ئالدى-دە، بىر ۋاراق پۇرلىشىپ كەتكەن قەغەزنى ئالدىغا قويۇپ خەت يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ خەتنى باشلاشتىن ئاۋۋال، ئىشىك ۋە دېرىزىلەرگە قورققان ھالدا بىر نەچچە قېتىم قاراپ قويدى. ھەر ئىككى تەرىپىدىكى تەكچىلەر قېلىپلار بىلەن تولغان بۇتقا كۆزىنى ئالايتىپ بىر قاراپ قويۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى. قەغەزنى ئورۇندۇق ئۈستىگە قويۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ ئولتۇردى."مېھرىبان بوۋام كونسىتاندىن ماكارىچ! –دەپ باشلىدى ئۇ خەتنى،- مەن سىزگە دۇئايى سالام خەت يېزىۋاتىمەن.، سىزنى روژدىستوۋ بايرىمى بىلەن مۇبارەكلەيمەن ۋە ئۇ يەردە ئامان-ئېسەن تۇرۇشىڭىزنى خۇدادىن تىلەيمەن، مېنىڭ ئاناممۇ يوق، ئاتاممۇ يوق، سىزدىن باشقا ھېچكىمىم يوق.

      ۋانكا ئالدىدا يىنىپ تۇرغان شامنىڭ شولىسى غىل-پال چۈشۈپ تۇرغان قاراڭغۇ دېرىزىگە قارىدى ۋە دەررۇ ژىۋاروۋ دېگەن باينىڭكىدە كېچىسى قاراۋۇللۇق قىلىدىغان بوۋىسى كونىستانتىن ماكارىچنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. بوۋىسى ئاتمىش بەش ياشلار چامىسىدا، جۇغى كىچىك ، ئۆزى قاتمال، ئەمما ناھايىتى تېتىك-چاققان، چىرايى دائىم خۇش-خۇي،خۇمار كۆزلۈك بوۋاي ئىدى. كۈندۈزى خىزمەتكارلار ئاشخانىسىدا ئۇخلايتتى، ياكى ئاشپەز ئاياللارنىڭ چىشىغا تىگىپ چېقىشىپ ئولتۇراتتى. كېچىسى بولسا كەڭ جۇۋىسىنى كىيىۋېلىپ، باغ-ھويلا ئەتراپىدا ئايلىنىپ تاقىلدىغىنى تاقىلدىتىپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن كاشتانكا دېگەن قېرى قانجۇق ۋىيۈن دېگەن ئات ئۇنىڭ تۈكىنىڭ قارىلىقىغا ۋە تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قاراپ قويۇلغان ئىدى. ۋىيۈن تولىمۇ ئىتائەتچان ۋە يۇۋاش ئىت ئىدى. ئۆز كىشىلىرىگىمۇ، يات كىشىلەرگىمۇ ئوخشاشلا چوڭقۇر ھېسياتلىق كۆزلىرى بىلەن قارايتتى، لېكىن ئۇنىڭغا ئىشەنگىلى بولمايتت، چۈنكى ئۇنىڭ ئىتائەتكارلىقى ۋە يۇۋاشلىقى ئىچىگە ئەڭ يامان قەست يوشۇرۇنغان ئىدى.پايلاپ تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا كىشىنىڭ پۇتىنى چىشلىۋېلىشقا بولسۇن، مۇزخانىغا كىرىپ ئۇ يەردىكى گۆش- ياغلارنى يېۋىلىشتا بولسۇن، دېھقانلارنىڭ توخولىرىنى ئوغۇرلاشتا بولسۇن، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى، كىشىلەر بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ كەينى پۇتلىرىنى ئۇرۇپ مىيىپ قىلوغان، ئىككى قېتىم دارغىمۇ ئاسقان، تاياق بىلەن ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپمۇ قويغان، كېلىن ھەر قېتىم ئۆلمەي ئامان قالغان.

    بوۋىسى شۇ تاپتا دەرۋازا ئالدىدا يېزا چىركاۋىنىڭ چىراقلار يىنىپ تۇرغان دېرىزىلەرگە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قاراپ تۇرغاندۇر، يا بولمىسا سوغاقتا توڭلىغانلىقتىن پىمىسى بىلەن يەرنى تېپىپ، خىزمەتكارلار بىلەن چاقچاق قىلىشىۋاتقاندۇر، تاقىلدىغىنى بىلىگە ئېسىپ، سوغاقتىن قوللىرىنى ئۇۋىلاپ، مۈرىلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، بىردەم خىزمەتكار ئايالنى، بىردەم ئاشپەز ئايالنى چىمدىۋېلىپ، قېرىلارغا خاس ئاۋاز بىلەن خىرقىراپ كۈلۈپ قويغاندۇر.

     ئۇ، قېنى تاماكا پۇرايلى، تاماكا، دەپ تاماكا خالتىسىنى چىقىرىپ ئاياللارغا تۇتىدۇ. ئاياللار تاماكىنى پۇراپ بولۇپ چۈشكۈرىدۇ، بوۋاي قىن-قېنىغا پاتماي خوشال بولۇپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ-دە، بۇرنۇڭنى سۈرت،بۇرنۇڭغا چاپلىشىپ قاپتۇ! دەيدۇ.

    ئۇ تاماكىنى ئىتلارغىمۇ پۇرىتىدۇ، كاشتانغا چۈشكۈرىدۇ، تۇمشۇغىنى پۈرۈشتۈرۈپ رەنجىگەندەك بولۇپ، بىر چەتكە بېرىپ ئولتۇرىدۇ، ۋىيۈن ئەدەپ ساقلاپ چۈشكۈرمەيدۇ، قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ قويىدۇ. ھاۋا ناھايىتى ياخشى، جىمجىت ھەم ساپ، تۈن قاراڭغۇ، ئەمما پۈتۈن يېزا ئۆزىنىڭ ئاپپاق تاملىرى، بۇرۇلۇپ-بۇرۇلۇپ چىققان تۈتۈنلىرى، كۈمۈشتەك قىرو باسقان دەرەخلىرى ۋە قار قاپلىغان دۆڭلۈكلىرى بىلەن ئىنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئاسمان چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار بىلەن تولغان، سامان بولسىمۇ ھارپا كۈنى يۇيۇپ قار بىلەن سۈرتكەندەك ناھايىتىن روشەن...

     ۋانكا بىر ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە، قەلەمنى يەنە سىياھقا چىلاپ خېتىنى داۋاملاشتۇردى.

    "تۈنۈگۈن مەن قاتتىق تاياق يىدىم، ئۇستامنىڭ بۆشۈكتىكى بالىسىنى تەۋرىتىپ ئولتۇرۇپ، دىققەتسىزلىكتىن ئۇخلاپ قاپتىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىن چېچىمدىن سۆرەپ ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ، تاسما بىلەن رسا ئۇردى. ئۆتكەن ھەپتە ئۇستامنىڭ خوتونى مېنى سىليوكا بېلىقى تازىلاشقا بۇيرۇغان ئىدى. مەن ئۇنى قانداق تازىلاشنى ئۇقماستىن، قۇيرۇغىدىن تازىلاشقا باشلىغان ئىدىم، بۇنى كۆرۈپ بېلىقنى قولۇمدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭ باش تەرىپى بىلەن يۈزۈمگە نوقۇدى. ئۇستىلار مېنى زاڭلىق قىلىشىدۇ، ھاراق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مەيخانىلارغا ئەۋەتىدۇ. خوجايىننىڭ تەرخەمەكلىرىنى ئوغۇرلاتقۇزىدۇ، خوجايىن قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ، تۈزۈكرەك تاماقمۇ يوق. ئەتىگەنلىكى قۇرۇق نان، چۈشلۈكى ئۇماچ، كەچقۇرۇن يەنە قۇرۇق نان بېرىدۇ. كېچىسى ياتىدىغان يېرىم دالان، خوجايىننىڭ بالىسى يىغلىسا، كېچىچە كۆۈ يۇمماستىن بۆشۈكنى تەۋرىتىپ چىقىمەن، جىنىم بوۋا، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، مېنى بۇ يەردى ئۆيگە، يېزىغا ئېلىپ كېتىڭ، بۇ يەدە تۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدىئئئ ئاياقلىرىڭىزغا باش قويۇپ يىلىنمەن، ئۆمرۈم بويى دۇئا قىلاي، مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ، بولمىسا ئۆلۈپ كېتىمەن..."

    ۋانكا ئاغزىنى كالچايتىپ، قاپ-قارا مۇشتى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتتى-دە، بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.

    " مەن سىزگە تاماكا ئۇۋىتىپ بېرىمەن،- دەپ خېتىنى داۋاملاشتۇردى بالا،-ئۆمرىڭىزگە دۇئا قىلاي، ئەگەر سەللا نالايىق ئىش قىلىپ قويسام ئىتنى ئۇرغاندەك ئۇرۇڭ، ئەگەر مەن قىلغۇدەك ئىش يوق دىسىڭىز، يىلىنىپ-يالۋۇرۇپ، خوجىدارغا ئۆتۈك تازىلىغۇچى بولۇپ كىرىمەن، يا بولمىسا فېدكنىڭ ئورنىغا پادىچى بولاي، جېنىم بوۋا، ھېچ تاقىتىم قالمىدى، جېنىمدىن تويدۇم، يېزىغا قېچىپ كېتەي دېسەم، ئۆتۈگۈم يوق، سوغاقتىن قورقىمەن، قىلغان ياخشىلىغىڭىز ئۈچۈن چوڭ بولغاندا سىزنى باقىمەن، ھېچككىمگە خارلاتقۇزمايمەن، سىز ئۆلگەندە ئاتام بېلاگىيگە دۇئا قىلغاندەك، ئەرۋاھىڭىزغا دۇئا قىلىمەن.

     موسكۇۋا ناھايىتى چوڭ شەھەر، ھەممە ئۆيلەر بايلارغا قارايدۇ، ئات كۆپ، قوي يوق،ئىتلىرى يۇۋاش، بۇ يەرنىڭ بالىلىرى بارات ؛ېيى قوشغىنى ئېيتمايدىكەن، ئىبادەتخانىلاردىمۇ ھېچكىمگە خالىغانچە قوشاق ئېيتقۇزمايدۇ، بىر كۈنى بىر دۇكاندا يىپى ۋە ياغىچى بىلەن سېتىلىدىغان قارماق كۆردۈم. بۇنداق قارماققا ھەر قانداق بېلىق ئىلىنىدۇ، ھەتتا بىر پۇت كېلىدىغان سوم بېلىقى ئىلىنىدىغان قارماقمۇ بار، مەن ھەرخىل مىلتىقلارنى ساتىدىغان بىر نەچچە دۇكاننى كۆردۈم، ئۇ مىلتىقلار بىزنىڭ باينىڭ مىلتىقىغا ئوخشايدىكەن، ھەر بىرسى يۈز سومدىن تۇرار دەيمەن... گۆش دۇكانلىرىدا قىرغاۋۇل، كەكلىك، توشقان گۆشلىرى تولۇپ يېتىپتۇ. ئۇلارنى قەيەردىن ئېتىپ كەلگەنلىكىنى قاسساپلار ھەرگىزمۇ ئېيتمايدۇ.

    جىنىم بوۋا، باينىڭكىدە ئارچا بايرىمى بولغاندا ماڭا پارقىراق ياڭاقتىن ئېلىپ، كۆك ساندۇققا تىقىپ قويۇڭ،ۋانكىغا بېرەتتىم دىسىڭىز، ئولگا ئىگناتېۋنا خېنىم بېرىدۇ"

     ۋانكا يەنە بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ىويدى-دە، دېرىزىگە تىكىلىپ خىيالغا پاتتى. بايغا ئارچا كېسىپ كېلىش ئۈچۈن بوۋىسىنىڭ ئورمانغا بارغانلىقىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىللە ۋانكىنىمۇ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسلىدى. قانداق كۆڭۈللۈك چاغلار ئىدى! بوۋىسى خىرىلداپ يۆتۈلەتتى،مۇزلار غاراسلاپ يېرىلاتتى، ئۇلارغا قاراپ ۋانكىمۇ شاتلىنىپ ۋارقىراپ قوياتتى، بوۋىسى بەزىدە ئارچا كېسىشتىن بۇرۇن تۇرۇپكىدا تاماكا چېكىۋالاتتى ۋە ئۇزۇنغىچە تاماكا پۇرايتتى، سوغاقتا شۇششىيىپ قالغان ۋانيوشكىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلەتتى، قىرو باسقان ياش ئارچىلار قايسىلىرىغا بالدۇر ئەجەل كېلىدىغىنى بىلمەستن تىك تۇرىشاتتى، بىر ياقتىن لىپ قىلىپ توشقان چىقىپ قالاتتى-دە، قار دۆۋىلىرى ئۈستىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ قېچىپ كېتەتتى... بوۋىسى بولسا، "ھاي، تۇت، تۇت ئۇنى! ھە، شەيتان!" دەپ ئارقىسىدىن ۋارقىرايتتى.

    كېسىلگەن ئارچىنى بوۋىسى باينىڭ ئۆيىگە سۆرەپ ئېلىپ كېلەتتى، كېيىن ئۇنى ھەممەيلەن بېزەتتى. ۋانكىنى ياخشى كۆرىدىغان باينىڭ قىزى ئولگا ئىگناتېۋنا ھەممىدىن كۆپرەك جان كۆيدۈرەتتى. ۋانكىنىڭ ئانىسى پېلاگىيە ھايات ۋاقتىدا باينىڭكىدە خىزمەتكار ئىدى. ئولگا ئىگناتېۋنا ۋانكىغا مەنپەسى بېرەتتى. زېرىككەن چاغلىرىدا ئۇنىڭغا ئوقۇشنى، يېزىشنى،يۈزگىچە ساناشنى، ھەتتا تانسا ئويناشنى ئۆگىتىپ قويغان ئىدى. بېلاگىيە ئۆلگەندىن كېيىن يېتىم قالغان ۋانكىنى يىللىقچىلار ئاشخانىسىغا چىقىرىپ بوۋىسىغا قوشۇپ قويدى. كېيىن ئۇ يەردىن موسكۋادىكى موزدوز ئاليوخىنغا شاگىرتلىققا بەردى.

    " تېزرەك كېلىڭ، جىنىم بوۋا،-دەپ خېتىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ۋانكا،-خۇدا ھەققى ئۈچۈن، مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ، مەندەك بىچارە يېتىمغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، چۈنكى بۇ يەردە ھەممە ئادەم مېنى ئۇرىدۇ، ھەمىشەم ئاچ يۈرىمەن،شۇنداق زېرىكىپ كەتتىمكى، يىغلىغىنىم يىغلىغان، قايسى كۈنى خوجايىنىم قېلىپ بىلەن بېشىمغا بىرنى ئۇرىۋېدى. يىقىلىپ چۈشۈپ ئاران ھوشۇمغا كەلدىم. مېنىڭ كۈنۈم ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ يامان... ئاليوناغا، ئالغاي يىگوركىغا ھەم ھارۋىكەشكە مەندىن سالام ئېيتىڭ، گارمونىمنى ھېچكىمگە بەرمەڭ، جىنىم بوۋا، تېزرەك كېلىڭ، دەپ نەۋرىڭىز ئىۋان ژۇكۇپ"

    ۋانكا خەتنى تۆت پۈكلەپ، تۈنۈگۈن ئاخشام بىر تىيىنغا سېتىۋالغان لىپاپىغا سالدى... بىر پەس ئويلىغاندىن كېيىن قەلەمنى ساياھقا چىلاپ:

    "يېزىدا تۇرغۇچى بوۋامغا تەگسۇن" دەپ ئادرېس يازدى.

    كېيىن يەلكىسىنى قاشلاپ، بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ:

    "كونىستاندىن ماكارىچقا " دەپ قوشۇپ قويدى.

     ئۇ، ھېچكىمنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىماي، ئارامخۇدا خەت يېزىۋالغانلىقىدىن خوشال بولۇپ بېشىغا قۇلاقچىسىنى كىيدى-دە، جۇۋىسىنى كىيمەي كۆينەكچانلا يۈگۈرۈپ تالاغا چىقتى... تۈنۈگۈن ئاخشام قاسساپلاردىن سورىغىنىدا،" خەت پوچتا ساندۇقىغا سېلىنىدۇ، كېيىن مەس ھارۋىكەش ئۈچ ئات قوشۇلغان پوچتا ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، خەتلەرنى ساندۇقلاردىن ئېلىپ، قوڭغۇراقلىرىنى جىرىڭلىتىپ پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىتىدۇ" دىيىشكەن ئىدى. ۋانكا ئەڭ يېقىن پوچتا ساندۇقىغا چېپىپ بېرىپ، قىممەت باھالىق خېتىنى پوچتا ساندۇقىغا سالدى...

     شېرىن ئارزۇلار بىلەن ياتقان ۋانكا بىرەر سائەتتىن كېيىن قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى... چۈشىدە تام مەشنى كۆردى. مەشنىڭ ئۈستىدە بوۋىسى يالىڭياق پۇتلىرىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ، ئاشپەز ئاياللارغا خەتنى ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئىمىش... مەشنىڭ يىنىدا ۋىيۇن قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ ئايلىنىپ يۈرگەنمىش...

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋانكا چىخوف