ئىت يېتىلىۋالغان خانىم(چېخوۋ)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-21 13:46:00

ئىت يېتىلىۋالغان خانىم (چېخوۋ) خاكىپ بېكمېتوۋ تەرجىمىسى 1 كىشلەر دېڭىز بويدىكى ئىت يېتلىۋالغان خانىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە پاراڭ سېلىشاتتى. يالتاغا كەلگىنىگە ئىككى ھەپتە بولغان دىمى...

    ئىت يېتىلىۋالغان خانىم

    (چېخوۋ)

     خاكىپ بېكمېتوۋ تەرجىمىسى

     1 كىشلەر دېڭىز بويدىكى ئىت يېتلىۋالغان خانىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە پاراڭ سېلىشاتتى. يالتاغا كەلگىنىگە ئىككى ھەپتە بولغان دىمىرى دمىتىچ گۇروۋ مۇ بۇ يەرگە خېلىلا ئۆزلىشىپ، كەلگەن - كەتكەنلەرگە زەن سالىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ۋېرىنادىكى بىر دۇكاندا ئولتۇرۇپ، كوچىدىن ئورتا بوي، ئاق سېرىق، بېشىغا باشنىك كىيگەن ياشقىنا بىر خانىمنىڭ ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر ئاق خور - خور ئىتى ئەگىشىپ كېرىۋاتاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن گۇرۇۋ ئۇ خانىمنى شەھەر باغچىسىدا، كوچا گۈللۈكىدە كۈندە بىرقانچە قېتىملا ئۇچۇرتىدىغان بولدى. ئۇ دائىم ئۆزى يالغۇز سەيلە قىلاتتى. بېشىدا يەنىلا شۇ باشنىكى، يېنىدا يەنە شۇ ئاق ئىتى بار ئىدى. بۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ كىيىمىنى بۈىلمىگەچكە، ئۇنى «ئىت يېتلىۋالغان خانىم » دەپلا ئاتىشاتتى. «ئەگەر بۇ خانىمنىڭ بۇ يەردە ئېرى ياكى باشقا تونۇش - بىلىشلىرى بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قويسىمۇ يامان كەتمەيدىكەن» دەپ ئويلىدى گۇروۋ. گۇروۋ تېخى قىرىققا توشمىغانىدى، ئون ئىككى ياشلىق بىر قىزى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى ئوغلى بار ئىدى. توي قىلغان چاغلىرىدا ئۇ داشۆنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى. گۇروۋنىڭ خۇتۇنى ئېگىز بوي، قارا قاش، مەغرۇر، سالاپەتلىك ھەم پەم - پاراسەتلىك ئايال ئىدى، كىتاپنى كۆپ ئوقۇيتتى. ئەمما دىمىترى ئۇنى كەم ئەقىل، نەزەر دائىرىسى تار، كۆرۈمسىز ئايال دەپ ھېساپلىناتتى، ھەم ئۇنىڭدىن ئانچە ‏- مۇنچە قورقاتتى. شۇڭا ئۆيدە تۇرغۇسى كەلمەيتتى ۋە خوتۇنىغا خېلى بۇرۇنلا ۋاپاسىزلىق قىلىپ يۈرگەنىدى. ئىشقىلىپ، ئاياللار توغۇرسىدا ئۇنىڭدىن ياخشى گەپ چىقمايتتى، ئۇلارنى «چاكىنا خەقلەر» دەپ قوياتتى. گۇروۋ ئۆزىنى ئاياللارنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ خېلى كۆپ ساۋاققا ئېگە بۇلۇپ قالغاندەك چاغلاپ، ئۇلارنى خالىغانچە ھاقارەتلىسىمۇ بولىدۇ، دەپ ئويلايتتى، لېكىن بىرەر كۈننىمۇ بۇ «چاكىنا خەقلەر» سىز ئۆتكۈزەلمەيتتى. گۇروۋ ئەرلەر ئىچىدە ئۆزىنى كۆڭۈلسىز قىسىلىپ يۈرگەندەك ھېس قىلاتتى ئۇلار بىلەن سوغوق مۇئامىلىدە بولاتتى ھەتتا بىردەم - يېرىمدەم پاراڭلىشىپمۇ قويمايتتى. ئاياللار ئارىسىدا بولسا ئۆزىنى تولىمۇ ئەركىن سېزەتتى،ئۇلار بىلەن نېمىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىش كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش لازىملىقىنى ئوبدان بىلەتتى ھەتتا ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەي جىم ئولتۇرۇشمۇ ئۆزىگە كۆڭۈللۈك بىلىنەتتى. گۇروۋ تەقى - تۇرقى، مىجەز - خۇلقى، قىسقىسى، پۈتۈن يۈرۈش - تۈرۈشىدىكى قانداقتۇر بىر سېھىرىي كۈچنىڭ ئاياللارنى ھە دېگەندىلا ئۆزىگە رام قىلۋالدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.ئاياللاردىكى ئاجايىپ بىر لاتاپەت ۋە جەزبىلىك كۈچ ئۇنىمۇ ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى. بېشىدىن ئۆتكەن كۆپ قېتىملىق ئاچچىق ساۋاقلاردىن موسكىۋايۇقىرى قاتلامدىكىلەر. بولۇپمۇ ھورۇن، ئېرىنچەك كېلىدىغان موسكىۋالىقلار بىلەن ئوبدان چىقىشىپ قالسا تۇرمۇشنى مول مەزمۇنغا ئېگە قىلغىلى بولدىغانلىقىنى، لېكىن ئارقىدىنلا قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قىيىن ئىشقا يولۇقۇپ، ئاقىۋەتتە چىدىغۇسىز ئەكۋالغا چۈشۈپ قالدىغانلىقىنى بىلگەن. لېكىن گۇروۋ ھەر قېتىم كىشنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك ئايالار بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغاندا ئۇ ئاچچىق - ساۋاقلار پۈتىنلەي ئېسىدىن كۆتىرىلىپ، كۈنلىرىنى ئاياللار بىلەن يەنە خۇش ۋاقىت ئۆتكۈزىشكە باشلايتتى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن،گۇروۋ باغچىدا تاماق يەپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى خانىم ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرماقچى بولغاندەك، ئاستا قەدەم تاشلاپ كەلدى! ئۇنىڭ چىرايى، مېڭىش - تۇرۇشى، كىيىم - كېچىكى ۋە چاچ پاسونىدىن يۇقىرى تەبىقىدىكىلەردىن ئىكەنلىكىنى، خېلىلا بۇرۇنلا ياتلىق بولغانلىقىنى، يالتاغا تۇنجى قېتىم كەلگەچكىمۇ، يالغۇزچىلىقتىن زىرىكىپ قالغانلىقىنى سەزدى.... ئۇ ناتونۇش خانىم ئۇنىڭدىن ئۈچ قەدەم نېرىدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپلا گۇروۋنى ئۆزىگە ئەسىر قىلۋالدى. گۇروۋ خانىمنىڭ ئىتىنى ئەركىلىتىپ يېنىغا چاقاردى، ئىت يۈگۈرىپ ئالدىغا كەلگەندە، بارمىقى بىلەن ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىۋىدى، ئىت خىرىس قىلغاندەك ھاۋشىپ قويدى، ﮔﯘﺭﻭﯞ جىمىم قالدى. ئايالﮔﯘﺭﻭﯞغا لەپپىدە قارىدى- دە، دەرھال كۆزىنى يەرگە تىكىپ: ــ ئۇ ئادەم چىشلىمەيدۇ، دېدى ۋە ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. ــ ئۇنىڭغا سۆڭەك بەرسەم بولامدۇ؟ ئايال بولىدۇ دېگەندەك قىلىپ بېشىنى لىڭىشىتىقاندىن كىيىن، ﮔﯘﺭﻭﯞ مۇلايىملىق بىلەن، ــ سىزنىڭ يالتاغا كەلگىنىڭىزگە خېلى كۈنلەر بولغان ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىدى. ــ بەش - ئالتە كۈن بولدى، دېدى ئايال يەردىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ. ــ مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ئىككى ھەپتە بۇلۇپ قالدى، ــ دېدى ﮔﯘﺭﻭﯞ. ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باستى. ــ ۋاقىت شۇنداق تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ يەر بەكمۇ زېرىكىشلىك ئىكەن! ـــ دېدى خانىمﮔﯘﺭﻭﯞغا قارىماي تۇرۇپ. ــ كىشلەرنىڭ بۇ يەرنى زېرىكىشلىك دېيىشى تۇرغان گەپ. ئۇلار بېلىيوۋ ياكى ژىزدرا شەھەرلىرىنىڭ قانداق يېرىدە تۇرسۇن، قىلچە زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇيەرگە كېلىپلا:«ئاھ، بۇ يەر نېمىدىگەن زېرىكىشلىك! نېمىدىگەن چاڭ - توزاڭ!» دەپ داتلاپ يۈرگىنىنى ئاڭلىسىڭىز ئۇلارنى گرېنادىن كەلدىمىكىن دەپ قالىمىز. ئايال كۈلىۋەتتى، ئاندىن ئۇلار ناتۇنۇش ئادەملەردەك جىم ئولتۇرۇپ تاماق يېدى. بىر ھازادىن كېيىن بىللە ماڭغاچ خۇددى ھېچنىمىدىن غېمى يوق، خاتىرجەم ئادەملەردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.گۇروۋ ئۇ خانىمغا ئۆزىنىڭ موسكىۋالىق ئىكەنلىكىنى. ئەدەبىياتتا ئوقۇغانلىقىنى، ھازىر بانكىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، بىر چاغلاردا بىر خۇسۇسىي ئۆمەكتە ناخشىچى بۇلۇپ ئىشلىمەكچىمۇ بولغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ھازىرموسكىۋادا ئىككى جايدا قورۇ ــ جايى بارلىقىنى... سۆزلەپ بەردى. ئاندىن ئۇ خانىمنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ پىتىربۇرگىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى، كېيىن شەھىرىدىكى بىرىگە ياتلىق بولۇپ، ھازىر شۇ شەھەردە تۇرۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى، ئاندىن ئېرىنىڭ دەم ئېلىش ھەم ئۇنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن بۇيەرگە كېلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدى. خانىم ئېرىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە، ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلدىغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمەي ئۆزىمۇ ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتى. ﮔﯘﺭﻭﯞ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاننا سېرگېيېۋنا ئىكەنلىكىنى بىلدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى، ﮔﯘﺭﻭﯞ ياتىقىدا يالغۇز قالغان چاغلىرىدا ئاننانى خىيالىدىن نېرى قىلالمايدىغان، ئەتە يەنە كۆرۈشۈپ قالساق ـ ھە، دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. تاتلىق خىياللارنىڭمۇ بەزىدە رىيانلىققا ئايلىنىپ قالدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. ئۇخلاش ئالدىدا، ﮔﯘﺭﻭﯞ ئاننانىڭ تېخى يېقىندىلا خۇددى ئۆزىنىڭ قىزىدەك ئاق سۆڭەكلەرنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئېچىلغان قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇپ يۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرىنى، يات ئادەم بىلەن سۆزلەشكەن چاغدىكى قورۇرۇشلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، بەلكى بۇ ئاننانىڭ ھاياتىدا تۇنجى نۆۋەت يالغۇز سىرتقا چىقىشىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا خەقلەرنىڭ ئۆزىگە قانات سۆرەپ، كۆزىنى ئۈزمەي قاراشلىرى، قانداقتۇر بىر خىل خۇپىيانە مەقسەتتە ئۆزى بىلەن ئەتەي گەپ قىلىشلىرىنىڭ تېگىگە يېتىش ناتايىن، ئىشقىىپ، ئاننانىڭ چىرايىدىن كىشنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەيۈسلۈك چىقىپ تۇرىدۇ، دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. 2 ئۇلار تونۇشۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. دەپ ئېلىش كۈنى ئىدى. ئۆي ئىچى تىنجىق، كوچىدا چىقۋاتقان قويۇن چاڭ - توزاننى ئاسمانغا كۆتۈرەتتى، كىشلەرنىڭ بېشىدىكى شىلەپىلەرنى ئۇچۇرىتاتتى، ئىسىقنىڭ دەستىدىن كىشلەرنىڭ گېلى قۇرۇپ، ئۇسۇزلۇققا قاناي دېمەيتتى. ﮔﯘﺭﻭﯞ ھېلىدىن - ھېلىغا دۇكانغا قاتىراپ ئاننا سېرگېيېۋنا ئۈچۈن بىردەم ماروژنا، بىردەم مېۋە سۈيى ئېلىپ كىرەتتى. كەچكە يېقىن شامال پەسەيدى. ئۇلار پاخوتنىڭ كېلىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن، پىرىستانغا باردى. پىرىستاندا نۇرغۇن ئادەملەر سەيلە قىلىپ يۈرەتتى، ئۇلار تونۇش - بىلىشلىرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققاندەك، قوللىرىدا گۈلدەستە كۆتۈرۋېلىشقانىدى. دېڭىز دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەچكە، پاراخوت كۈن پاتقاندىن كېيىن پىرىستانغا يېتىپ كەلدى. ئاننا سېرگېيېۋنا ئۇزۇن ساپلىق كۆزەينەكىنى كۆزىگە يېقىن تۇتۇپ، خۇددى تۇنۇشلىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك بىر پاراخوتقا، بىر دەم يولۇچىلارغا قارايتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ﮔﯘﺭﻭﯞغا قارىغىنىدا كۆزلىرى چاقناپ كېتەتتى. ﮔﯘﺭﻭﯞدىن ئۇنى - بۇنى سوراپ توختىماي سۆزلەيتتى. قىلغان گەپلىرى بىر - بىرىگە قوللاشمايتتى، ئۆزىمۇ نېمىنى سوراۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئاخىر ئۇ بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا كۆزەينەكىنى يىتتۈرۈپ قويدى. ئالا - يېشىل كىيىنگەن ئادەملەر بارا - بارا تارقالماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ پەرى ئەتكىلى بولمايتتى، شامالمۇ توختىغانىدى. ﮔﯘﺭﻭﯞ بىلەن ئاننا سېرگېيېۋنا بولسا خۇددى پاراخوتتىن بىرەرسىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك قاراپ تۇرۇشاتتى. قولىدىكى گۈلدەستىنى پۇراپ تۇرغان ئاننا گۇروۋغا قاراپمۇ قويماي جىم تۇراتتى. (داۋامى بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق