ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس9

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-15 01:17:16

ئاشنا(پوۋېست)ماگرت دوگلاس 9 بىز ئارلاشقان توپتوغرا بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، بىز دائىم ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشتۇق، لېكىن ئەزەلدىن ئۆزىمىز توغرىسىدا گەپ قىلىشمىدۇق. چۈنكى بىزنىڭ ئو...


    ئاشنا
    (پوۋېست)
    ماگرت دوگلاس

    9


    بىز ئارلاشقان توپتوغرا بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، بىز دائىم ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشتۇق، لېكىن ئەزەلدىن ئۆزىمىز توغرىسىدا گەپ قىلىشمىدۇق. چۈنكى بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز ئەزەلدىن مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايتتى. شۇ سەۋەبلىك بىز ئەزەلدىن ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى  سۆزلەشمەيتتۇق. بىز پەقەت خەۋەر تۈرىدىكى ئۇچۇرلار قاتارلىق تېمىلارنى تەھلىل مۇلاھىزە قىلىشاتتۇق، مەيلى چۈشىنەيلى ياكى چۈشەنمەيلى قارىسىغا دېيىشىپ قوياتتۇق. مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ فىرانسىيىدىكى شۇ تۇرمۇشىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوقۇم بىر باياشاتلىقتا ئازدۇرلۇش كۈچىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتتىم، ئۇ مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قوشۇلدى. ئۇ ماڭا پارىژدا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولدىغانلىقىنى :ئايال كىشى، بىلىم، ئىدىيە قاتارلىقلار. ئۇ مەندىن ئون ئىككى ياش چوڭ. مۇشۇ ئىش ئۇنى ئەندىشىگە سالاتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۆزىنىڭ قانداق ئالدانغانلىقى، مېنى قانداق سۆيىدىغانلىقى دېگەندەكلەر. بۇ بارلىق ھەممە ئىشلار بىر خىل ھەم ئادەت خاراكتىرلىق ھەم سەمىمىي دىرامماتىكقا ئوخشايتتى.

    مەن ئۇنىڭغا ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئېيتتىم. ئۇ ئاڭلاپلا دەرھال قېچىپ كېتىشىنى ئويلىدى، مەن كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ پەقەت ھەزىل قىزىقچىلىقلارنى دوراپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيتتى. مەن ئۇنىڭ جۈرئىتى يوقلىدىن دادىسىغا قارشى تۇرۇپ، ماڭا ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ، مېنى ئېلىش، مېنى ئېلىپ كېتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ دائىم يىغلاپ كۆز يېشى قىلاتتى. چۈنكى ئۇ مېنى سۆيۈش ئۈچۈن، قورقۇشتىن ئۈستۈن قويىدىغان كۈچنى تاپالمايتتى. ئۇنىڭ قەھىرىمانلارچە غەيرەت-شىجائىتى ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ پۇل –بايلىقىدىن، ئۇنىڭ نومۇسسىزلارچە خۇشامەت قىلىشىدىن، ئىگىلىپ تېز پۈكۈشلىرىدىن بېلىنەتتى. 

    مەن ئاكامنى ئېغىزىمغا ئالساملا، ئۇ دەرھال قورقۇپ كېتەتتى ھەمدە ھەقىقىي ئەپتى–بەشرى بىلىنىپ قالاتتى. ئۇ دەسلەپتە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ماڭا توي تەكلىپى قويۇشنى كۈتىۋاتىدۇ دەپ قارىغان، لېكىن ئۇ ئەمدى بىلدى، ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۈمىد قالمىغان ئىدى. يەنە بۇنداق بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت ئۇتتۇرغانسېرى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالاتتى.

    ئۇ ئىلگىرى پارىژدىكى بىر سودا مەكتىپىدە ئوقىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ ھەر نېمە بولسا راست سۆزلىدى، ئۇ ئۇ يەردە ھېچنەرسە ئۆگىنەلمەپتۇ. بىرەر ئىشنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالماپتۇ، ئاخىرى دادىسى ئۇنىڭغا قىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمنى ئۈزگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ بىر قايتىپ كېلىش بېلىتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئامالسىز قويۇپ، مەجبۇرىي فىرانسىيىدىن قايتۇزۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ بەخىتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ. چۈنكى شۇ سودا مەكتىپىنىڭ ئوقۇشىنى پۈتتۈرمىگەن ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى سىرتتىن ئوقۇتۇش مەكتىپىدىن بۇ كەسىپنى پۈتتۈرۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى دېدى.

    ئۇ توسمىدىكى بىر چوڭ مېھمانسارايدا مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ۋاقىتتا ئاپام بىلەن ئاپام ئىككىلىسى سايگونغا كەلدى. ئۇ ماڭا ئەسلىدە بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئەڭ چوڭ جۇڭگو مېھمانخانىسىغا تەكلىپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇلار بۇنداق چوڭ يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇلار ئەلزەلدىن چوڭ مېھمانخانىلارغا كېلىپ غىزالىنىپ باققان ئەمەس.

    كەچلىك تاماق ئوخشاش شەكىل بويىچە ئېلىپ بېرىلاتتى، مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام ئاچ بۆرىدەك يېيىشنىلا بىلەتتى. ئەسلا ئۇنىڭغا قاراپ سۆز قىلىشقا ئۈلگۈرمەيتتى. ھەتتا ئۇنىڭ مۇنداق بىر قاراپ قويىدىغانمۇ ۋاقتى چىقمايتتى. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭغا ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىشنى بىلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆگەنگەننىڭ نەتىجىسىنى ئاللىبۇرۇن كۆرگەن بولاتتى ھەمدە  قانداق قىلىپ جەمئىيەت تۇرمۇشىدىكى بۇ ئەڭ ئاساسىي قائىدە تۈزۈملىرىگە قانداق بويسۇنۇشنى بىلگەن بولاتتى. كەچلىك غىزا ۋاقتىدا، پەقەت ئاپام بىرلا كىشى سۆزلىدى. لېكىن ئۇنىڭ سۆزىمۇ كۆپ بولمىدى، ئاساسلىقى باشلانغان ۋاقىتتا، بەزى بىر قىسىم قورۇمىلارنىڭ بەك قىممەتلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەر، كەينىدىنلا جىمجىت بولىۋالدى. ئۇنىڭغا كەلسەك، ئۇ دەسلەپكى ئىككى قېتىمدا، روھى كۆتىرىلىپ، ئۆزىنىڭ پارىژدىكى پارلاق نەتىجىلىرىنى سۆزلىمەكچى بولغانلىرىنى پۈككەن ئىدى، لېكىن بىھۇدە ئىش ئىدى. ئۇنىڭ گىپى قالمىغاندەك قىلاتتى ياكى سۆزلىگەن بولسىمۇ ئۇلار ئاڭلىمىغاندەكلا ئىدى. ئۇ ئويلىغانلىرىنى ئامالسىز سۈكۈت ئىچىدە يوقىتىشقا مەجبۇر بولدى، مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام يەنە ئوخشاشلا ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلەرچە يەۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇنداق تويماس تۇرىقىنى مەنمۇ كۆرۈپ باقمىغاندەك ئىدىم.

    ئۇ ھېسابات قىلدى. پۇلنى پەتنۇسقا قويۇپ قويدى. كۆپچېلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۋاتاتتى. ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇ تۇنجى قېتىم 77پىئاست پۇل تۆلىگەن ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئاپام قاقاقلاپ كۈلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. كۆپچىلىك قوزغىلىپ مېھمانخانىدىن ئايرىلدى. ھېچكىم رەھمەت دەپ قويمىدى، ھېچكىم تىنىپمۇ قويمىدى. بۇنداق بىر قېتىملىق مول كەچلىك تاماققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ قويمىدى. ئۇنىڭغا ئۆزۈر خالىقمۇ ئېيتمىغان، خوشلىشىپمۇ قويمىدى، ئۇنىڭدىن قانداقراق دەپمۇ سورىمىدى، ئەزەلدىن ئۆزئارا بىر ئېغىزمۇ سۆزلىشىپ قويمىدى.

     

    مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام ئۇنىڭ ئەزەلدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خۇددى ئۇ يوق ئادەمدەكلا، كارايىتى چاغلىقتەكلا، ئۇلار خۇددى ھېس قىلالمىغاندەكلا تۇراتتى.  ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالاتتى،  ئاڭلاپ تۇرۇپ  ئاڭلىمىغاندەك قىلىۋالاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ پەيىتتە  ئۇ مېنىڭ كۆينىكىم ئاستىدا يېقىلىپ، مەندىن تەلەپ قىلغان.  يەنە ئۇلار  ھۆكۈم قىلالايدىكى مېنى ئۇنى سۆيمەيدۇ دەيتتى،  ئۇ مۇمكىن ئەمەس  دەيتتى،  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مېنىڭ بارلىق بېسىملىرىمغا بەرداشلىق بېرەلەيتتى، پەقەت بۇ ساقلانغان مۇھەببەتنىڭ بىكار بولۇپ كەتمىسلا بولاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە بىر سەۋەبى  ئۇ بىر جۇڭگولۇق ھەم بىر ئاقتەنلىك ئەمەس ئىدى. ئاكام شۇ سەۋەبلىك زۇۋان سۈرمىگەن ئىدى، مېنىڭ سۆيگىنىمنىڭ مەۋجۇدلىقىغا كۆز سالمىغانلىق ھەرىكىتى دەل مۇشۇ ئىدىيە سەۋەبلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى دەل بىزنىڭ ئۈلگىمىز ئىدى، شۇڭا ماڭا ئۇدۇل تۇرغان بۇ ئاشىقىمغا، بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاكامغا ئوخشاش قىلدى. مەنمۇ ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئالدىدا، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەلمىدىم، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنى قارىتىپ قويۇپ، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەلمەيمەن، پەقەت تاساددىپىي باشقا تېمىلاردىن باشقىلىرى بولمىسىلا، مەسىلەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولغان كېيىن، مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام ماڭا ئۆزلىرىنىڭ بۇلاق سۈيى تانسىخانىسىغا بېرىپ ئۇسۇل، تانسا ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى دېدى. ئاۋۋال ئاڭلىمىغاندەك قىلىپ تۇرۋالدى، لېكىن، مەن ئۇنداق قىلمىسام بولاتتى، ئاكامنىڭ لوگىكىسى بويىچە مەن ئۇلارنىڭ بايقى گېپىنى تەكرارلىماسلىقىم كېرەك ئىدى. ئىككىنىچى قېتىم دېمەسلىكىم كېرەك ئىدى، ئەگەر دېسەم  بۇ توغرا بولمىغان بولاتتى، مەن چوقۇم ئاشىقىمنىڭ لەنىتىگە ئۇچىراپ قالاتتىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ سۆزۈمگە جاۋاب بەردى. ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا يېقىنچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مەن بىلەن ئايرىم بىردەم تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ئۇنىڭ بۇ گەپنى قىلىشىنىڭ مەقسىدى قارشى تەرەپنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىش ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئىلاجىسىز ئېنىق ئاڭلىيالمىغاندەك قىلدىم. خۇددى يەنە بىر يۇشۇرۇن خەتەرنى كۆپەيتىۋەتكەندەك قىلغان ئىدىم. خۇددى ئۇنىڭ دېگەن سۆزىنىڭ مەقسىدنىڭ ئىشنى چوڭايتىۋېتىپ ئاكامغا كايىپ قويۇشتەكلا ئىدى. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، مەن يەنىلا ياخشىلىقققا بۇرىمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. ئۇ ماڭا  قاراپ گەپ قىلدى، ئۇنىڭ تېخى شۇنچىلىك جۈرئىتىمۇ بار ئىكەن: قاراڭلار، ئاپاڭلار بەك چارچاپ كەتكەندەك قىلىدۇ سىلەر قىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭلار دېدى. دەرۋەقە، ئاپام ھەر قېتىم توسمىدىكى جۇڭگولۇقلار مېھمانخانىسىدا مول بولغان كەچلىك تاماقلاردىن كېيىن چارچىماي قالمايدۇ. مېنىڭ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاكامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم،

    ئۇ ناھايىتى قىسقا گەپ قىلدى. زەھەرخەندىلىك بىلەن چۈشىنىشلىك دېدى. ئاپام دەرھال ئۇنى ماختاشقا باشلاپ: بۇ ئۈچ بالامنىڭ ئىچىدە شۇ ئازراق گەپچى دېدى. گەپ تۈگىشى بىلەن ئاكام كۈتۈپ تۇراتتى. كۆپچىلىك توختاڭلار: مەن مېنىڭ ئاشىقىمنىڭ قورقۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمەن، ئىككىنچى ئاكاممۇ قورقىۋاتىدۇ، ئۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇلاق سۈيى تانسىخانىسىغا باردۇق. ئاپاممۇ بىز بىلەن بىرگە بۇلاق سۈيى تانسىخانىسىغا باردى. ئاپام بۇلاق سۈيى  تانسىخانىسىدا مۈگدەپ قالدى.

    مېنىڭ ئاكامنىڭ ئالدىدا، ئۇ ئامالسىز ئاجزىلىقىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئاشىقىم. پەقەت شۇ ۋاقىت شۇ دەقىقىلەردە ئۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى خالاس. ئۇ بىر كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. لېكىن مېنىڭ  ھاۋايى ھەۋىسىم  چوقۇم ئاكامنىڭ ھەيۋىسىگە بويسۇنىشى كېرەك. ئۇ مېنىڭ ئاشىقىمنى ئىنكار قىلىۋەتتى. ھەر قېتىم مەن بىرلا ۋاقىتتا ئاشىقىم ۋە ئاكامنى كۆرگەن ۋاقتىمدا،   مەن چىدالماي كېتىمەن،  چوڭ ئاكامنىڭ ئالدىدا، ئۇ بىر ئيتقۇسىز ئۆمۈرلۈك نومۇسسىز شەرمەندە بولۇپ قالدى، بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىزمۇ بىر خىل يوشۇرۇشقا تېگىشلىك بىر شەرمەندىچىلىك بولۇپ قالدى. مەن ئاكامنىڭ بۇنداق ئۈنسىز بۇيرۇقلىرىغا  قارشى تۇرسام بولمايدۇ. ئەگەر كىچىك ئاكام بولسا مەن تەڭ تۇرۇشۇپ دىيىشىۋالساممۇ مەيلىدى. مېنىڭ ئاشىقىمغان نىسبەتەن، مەن ھېسسىيات جەھەتتە مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا ئامالسىزمەن. بۈگۈن مەن بۇ ئۆتمۈشلەرنى تىلغا ئالغىمدا، مەن يېڭى باشتىن چوڭ ئاكام مېنىڭ ئاشىقىم  بىلەن بىرگە غىزالىنىۋاتقاندىكى شۇ ساختا چىرايلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلى بىر يەردە ئەمەس روھىي ھالىتى، ئۇنىڭ داۋاملىق باشقا ياقلارغا قاراپ، قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ بوشغىنا چىشلىرىنى كىرىشتۈرگەن ھالىتىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇ دەل شۇ خىلدىكى ئىپلاس ھەرىكەتلەردىن ئىچ پۇشۇغى ۋە خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىۋاتاتتى. ئۇ دائىم مېنىڭ ئاشىقىمنىڭ سايىسىدا ئالىي دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا راۋرۇس تولدۇرۇپ يەۋىلىش قىل سىغمايدىغان ئىشلار ئىدى. ئەسلىمەمدە،  ئۇ ئوۋچى كېچىسىنىڭ مەنزىرىسىمۇ كۆز ئالدىمدا ئېنىق تۇرۇپتۇ. قۇلاق تۈۋىمدە بىردەم قۇلاققا خۇشياقمايدىغان سىگنال ئاڭلاندى، بىر دەم كىچىك بالىلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى.

    بۇلاق سۈيى تانسىخانىسىدىمۇ ئوخشاش، ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلىپ قويمىغان. ئۇلار ھەر بىرى بىر رومكىدىن مارتىل ئالدى.  مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام بىر ئىچىپلا تۈگىتىۋەتتى. ئۇلاپلا يەنە ئىككىنچى رومكىسىنى ئالدى. مەن ۋە ئاپام ئۆزىمىزنىڭ ھاراقلىرىنى ئۇلارغا ئۆتۈنۈپ بەردۇق. بۇ ئىككىسى ئىچىپ قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ گەپ قىلمايلا قلاماستىن بەلكى ئەكسىچە تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى ئاكام. ئۇ بۇ يەرنىڭ كىشىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ يوقلىقىنى تەنە قىلدى.  ھەقىقەتەن بۇلاق سۈيى تانسىخانىسىدا ھەپتە ئاخرىدىن باشقا كۈنلەردە، ئادەتتە مېھمانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. مەن ئىككىنچى ئاكام بىلەن تانسا ئوينىدىم. مەن مېنىڭ ئاشىقىم بىلەنمۇ ئوينىدىم. لېكىن مەن ئەزەلدىن چوڭ ئاكام بىلەن تانسا ئوينىمايمەن، چۈنكى مەن مەلۇم خەتەرلەرنى بىلەتتىم. بىر خىل كىشىنى ئەنسىز قىلىدىغان خاتىرجەمسىزلىك مېنى تېخىچىلا چۆرىدەپ يۈرەتتى. بۇنداق خەتەر ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر ئادەمگە نىسبەتەن قىلالايدىغان ئاشۇ خەيرىلىك بولمىغان قىزىقتۇرۇش، بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ يېقىنلىشىشىدىن بولاتتى.

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.