ھايات-ماماتلىق ئوقۇش(بىخارد.سىلنېك)-2

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-06 21:20:20

2- بۆلەك پويىز ئىستانسىسى كوچىسىدىكى ھېلىقى ئۆي ھازىر يوق. مەن ئۇنىڭ قاچان، قانداق سەۋەپ بىلەن چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ يۇرتۇمغا قايتمىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ كەتتى. 70-80-يىلل...


    2-    بۆلەك

    پويىز ئىستانسىسى كوچىسىدىكى ھېلىقى ئۆي ھازىر يوق. مەن ئۇنىڭ قاچان، قانداق سەۋەپ بىلەن چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. مېنىڭ يۇرتۇمغا قايتمىغىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولۇپ كەتتى. 70-80-يىللىرى يېڭىدىن سېلىنغان ھېلىقى ئىمارەتلەر بەش قەۋەتلىك ئىدى. بالخانىسى، سىرتقا  چىقىرىلغان ئەينەك دېرىزىسى، ھەم بالكونىمۇ بار ئىدى. ئاپپاق يورۇقلۇق چۈشەتتى. ئىشىك قوڭغىرىقى ناھايىتى جىق، بۇنىڭدىن كىچىك ھوجۇرلىرىنىڭ جىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئۆيلەردە كۆچۈپ كىرىپ  كۆچۈپ چىقاتتى، خۇددى كىشىلەر بىر ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىپ يەنە قايتۇرۇپ بەرگەنگە ئوخشاش ئىدى.

    ھازىر بىرىنچى قەۋەت كومپيۇتېرخانا دۇكىنى ئىكەن، بۇرۇن ئۇ يەردە بىر دورىخانا، كۈندىلىك بۇيۇملار  دۇكىنى، يەنە بىر سىن-ئالغۇ لېنتىسى ئىجارە بېرىش دۇكىنى ئىدى.

    ئىلگىرىكى كونا ئۆي ھازىرقى يېڭى ئۆينىڭ ئىگىزلىكىگە ئوخشاش. بىراق پەقەت تۆت قەۋەتلا. بىر قەۋىتىنى بىلەنمە چاقماق تاش بىلەن سالغانكەن. ئۈستىنكى ئۈچ قەۋىتىنى خىش بىلەن سالغان. قۇم تاش بىلەن سىرتقا  چىقىرىلغان ئەينەك دېرىزىسىنى سالغان ئىدى. ھوجۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ۋە يۇقىرىغا چىقىش ئۈچۈن بىر قانچە پەلەمپەيدىن چىقىدۇ. پەلەمپەينىڭ تۆۋىنى كەڭ، ئۈستى تار، ئىككى تەرىپىدە تايىنىش تېمى بار، ئۈستىدە تۆمۈر تۇتقۇچى بار بولۇپ،  تۇتقۇچنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە قۇلۇلىنىڭ ھەيكىلى بار. ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىدا ئىككى يۇمىلاق تىرەك بار. كۆندىلەڭ لىمنىڭ ئىككى بۇلۇڭىدا ئىككى شىر بار بولۇپ، پويىز ئىستانسىسى كوچىسىغا ئىگىزدىن نەزەر تاشلاپ تۇراتتى. ھېلىقى ئايال  مېنى ھويلىغا ئەكىرىپ، قول يۇيغۇزغان يەردىكى يان ئىشىك ئىدى.

    مەن ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىمدىلا، شۇ ئۆيلەرگە بەك دىققەت قىلاتتىم. ئۇ شۇ بىر قاتار ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. مېنىڭچە، ئۇ يەنە ئازىراق كەڭ بولۇپ كەتكەن بولسا، يەنە ئازىراق كەڭرەك قوپالراق بولسا، يانداش تۇرغان ئۆيلەر يولغا سىقىرىلىپ چىقىرىلىپ، ئۇنىڭغا ئورۇن بۇشاتقان بولاتتى. مېنىڭ مۆلچەرىمچە، ئۆينىڭ ئىچىدە گەج بىلەن نەقىشلەنگەن بىزەكلەر، كېشىسكەن گۈمبەزلىك تەكشى چوققىلىق ئۆگىزە، شەرق پوسۇنلۇق ئۇزۇن گىلەم ۋە يالتىراپ تۇغان مىس تۇرۇبىلىق تۇتقۇچ بار. مېنىڭچە بۇنداق چىرايلىق ئۆينىڭ ئىچىدە چوقۇم چىرايلىق، سالاپەتلىك ئادەملەر تۇرىدۇ. ئۇزۇن يىللىق ئاي يىللارنىڭ ئايلىق پويىزلىرىنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى سەۋەبىدىن، ئۆيلەر قارىداپ كەتتى. شۇنىڭ بىەلن مەنمۇ ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئېسىل چىرايلىق ئادەملەرگىمۇ ئويلىغىنىمدىن بەكىكىرەك كېمەيتىپ پەرەز قىلىپ، ئۇلارنى ئاجايىپ غەيرى ئادەملەر، گاس-گاچا، ئەمالار، ئاقساق-توكۇر مېيىپلار دەپ بىلدىم.

    كېيىنكى نۇرغۇن يىللار داۋامىدا، مەن دائىم قايتا-قايتا ئۇ ئۆينى چۈشەپ قالىمەن. ئۇلار چۈشۈمدىكىدەك ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ھەممىسى ئوخشاش بىر چۈشنىڭ  تەكرار نۇسخىسى ئىدى. ياكى بولمىسا ئوخشاش بىر تېمىدىكى تەكرار نۇسخىسى. مەن بىر ناتۇنۇش شەھەردە مېڭىۋېتىپ، ھېلىقى ئۆينى كۆردۈم. ئۇ ماڭا ناتونۇش بولغان رايوندىكى بىر قاتار ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىدى. مەن داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. گاڭگىراپ چۈشىنەلمىدىم. چۈنكى مەن پەقەت ئۇ ئۆينىلا پىششىق بىلەتتىم، لېكىن ئۇ رايونغا نىسبەتەن ناتۇنۇش ھېسسىياتتا ئىدىم. ھەم باشقا بىر  شەھەر،  باشقا بىر دۆلەت ئىدى.

    مەسىلەن: مەن چۈشۈمدە رومىنىيىدە ئۇ ئۆينى كۆرگەن ئىدىم.  لېكىن مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى ئۇ ئۆينى ئىلگىرى مەن راستىنلا بېرلىندا كۆرگەن ئىدىم. مۇشۇنداق چۈشۈمدىكى ئەسلىمە ماڭا تەسەللىي بولىۋاتقاندەك تويغۇدا بولاتتىم. باشقا بىر مۇھىتتا ئۇ ئۆينى يەنە ئۇچىراتسام، ماڭا نىسبەتەن باشقا بىر ناتۇنۇش مۇھىتقىمۇ ئوخشىمايتتى ۋە بىر  كونا دوستلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت كۆرۈشمەي ئۇچىرىشىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالاتتىم. مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭاتتىم. مەن پەلەمپەيدىن چىقتىم. مەن ئۆيگە كىرمەكچى بولدۇم. مەن تۆۋەنكى تۇتقۇچنى باستىم.

    ئەگەر مەن سەھرادىكى ئۇ ئۆينى چۈشەپ قالسام، مېنىڭ چۈشۈمنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ قالاتتى. ياكى بولمىسا شۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ ئېسىمگە ياخشى ئىدى. مەن ماشىنا ھەيدەۋاتاتتىم. ئۇ ئۆينىڭ مېنىڭ  ئوڭ تەرىپىمدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ھەيدىدىم. دەسلەپ سەل گاڭگىراپ قالدىم. نېمە ئۈچۈن قارىماققىلا  شەھەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى يانلىرىغا ئورۇنلشىشى كېرەك بولغان ئۆي بۇ بىر پارچە كەڭ دالىدا نېمە قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن مەن مەن ئۇ ئۆينى بۇرۇن كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم،  شۇڭلاشقا مەن تېخىمۇ بەك گاڭگىراپ قالدىم.

    ئەگەر مەن قەيەردە ئۇنى كۆرگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالالىساملا، مەن دەرھال ماشىنىنى كەينىگە ئايلاندۇرۇپ، ئارقامغا ھەدەيتتىم. چۈشۈمدىكى كوچىلاردا  دائىم ئادەم يوق ئىدى. مەن ماشىنىنى ئايلاندۇرغان چاغدا چاقنىڭ چىقارغان ئاۋازىنى قۇلاققا خۇشياقمايدىغان چىقىرىتقان ئاۋاز چىقاتتى. مەن ئۇچقاندەك ماشىنىنى ھەيدەپ كەينىمگە ياناتتىم. مەن كېچىكىپ بېرىپ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتىم. شۇڭا يەنىمۇ تېز ھەيدەيتتىم. كېيىن، مەن ئۇنى كۆرەلىدىم. ئۇنىڭ ئەتراپىنىڭ ھەممىسى ئېتىزلىق، قىچا ئېتىزلىقى، دانلىق زىرائەتلەر ئىدى. خان سارىيىدىكى ئۈزۈمزارلىق ۋە فىرانسىيە ئېتىزلىقىدىكى لاتىروس چۆپلىرى بار ئىدى. بۇ يەر تولىمۇ تەكشى، كىچىك ئىدرلار بەكمۇ ئاز، دەل-دەرخلەرمۇ يوق ئىدى. ھاۋا ئوچۇق،  قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان، بوشلۇق تىنىچ. كوچا ئسسىقلىقىدىن نۇر چېچىپ تۇراتتى. بىر خەتەرلىك تام  ئۇ ئۆينى ئايرىپ تۇراتتى. ئېنىقراق كۆرۈش سەل قىيىنراق ئىدى. ئۇ بەلكىم بىر ئۆينىڭ خەتەرلىك تېمى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئۆي پويىز ئىستانسى يېنىدىكى ئۆيگە ئوخشاش ئۇنداق قارا ئەمەسكەن، بىراق دېرىزە شۇنداق مەينەت ئىكەن. ئۆيدە قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.

    مەن ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ قويۇپ، يولدىن ئۆتۈپ ئۆينىڭ ئشىك ئالدىغا كەلدىم. بىرمۇ ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى. ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ھەتتا يىراقتىكى ماتورنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى. شامالمۇ يوق،  تىپ-تىنچ،  دۇنيا خۇددى ئۆلگەندەك تىمتاس ئىدى. مەن بىر قەدەم چامداپ پەلەمپەيگە چىقتىم. ئىشىك تۇتقۇچىنى باستىم.

    بىراق مەن ئىشىكنى ئاچالمىدىم. مەن ئويغىنىپ كەتتىم. پەقەت ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۆۋەنگە باسقىچە بولغان يەرگىچىلا بىلەتتىم. كېيىن، بارلىق چۈشلىرىم كاللامدا يۈزەكى بولۇپ، مۇشۇنداق چۈشنى كۆرگەنلىكىممۇ مېنىڭ ئېسىمدە  ئىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.