مودا قىز

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-21 16:28:45

مودا قىزبىز بىر بىنادا يېقىن قوشنىلاردىن ئىدۇق، شۇڭا ئۇنى باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك چۈشىنەتتىم. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئارىلىشىپ يۈرۈپ، نەتىجىدە مۇتيەنىڭ ئاددىي بىر سوۋېت قىزى ئىكەنلىكىنى...



     

    مودا قىز

     

    بىز بىر بىنادا يېقىن قوشنىلاردىن ئىدۇق، شۇڭا ئۇنى باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك چۈشىنەتتىم. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئارىلىشىپ يۈرۈپ، نەتىجىدە مۇتيەنىڭ ئاددىي بىر سوۋېت قىزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك يېرى بولمىسىمۇ، لېكىن مىجەزى خېلى تۈزۈك ئىدى. ئىجارە ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ تۇراتتى، باشقىلارنىڭ چەت-چەكلىرىنى ھەرگىز ئوغۇرلىمايتتى.

      بىراق، ئۇشتۇمتۇت بىزنىڭ مۇتيە بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر قىزغا ئۆزگىرىپ قالدى.

      -مېنىڭ ئىسمىم ھازىر مۇتيە ئەمەس،-دېدى ئۇ بىر كۈنى-مەن ھازىر ئۆزۈمگە چەت ئەلچە چىرايلىققىنا ئىسىم قويۇۋالدىم. مۋنى ‹مودا› دەپ ئاتاڭلار!

      -ئېلىشىپتۇ،-دېدى بىر قوشنام،-بەزىلەرنىڭ كېسىلى پۇتىدا ياكى ئىچكى ئەزالىرىدا بولسا، مۇتيەنىڭ كېسىلى چوقۇم كاللىسىدا.

      مۇتيە چەت ئەلگە قىزىقىپ ئۆزىگە ئەجنەبىيچە ئىسىم قويۇۋالدى. يەنە كېلىپ شۇنچىلىك ئەقلىدىن ئازدىكى، مىجەزىمۇ تەرسالىشىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ئۆيىنىمۇ سۈپۈرمەيدىغان بولۇۋالدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيىدە چاشقانلار ئۇۋۇلاشقا باشلىدى.

      قوشنىلىرى بىر نەچچە قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مۇتيە ھەيران بولغان ھالدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

      -چاشقان دېگەن خاسىيەتلىك نەرسە، سىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەمسىلەر؟ قىزىق! ياۋرۇپادا ھەممە ئۆيدە چاشقان باقىدۇ. كلاۋكامۇ ئاق چاشقاندىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ  بېقىۋاتىدۇ،-دېدى.

      ھىم، ھەممە ئادەم كلاۋكادەك بولىدىغان بولسا بىزنىڭ بۇ بىنا نېمە بولۇپ كېتىدۇ، ھا،ھا...يەنىلا چاشقانلارغا رەھمەت ئېيتىش كېرەك، ئۇلار مۇتيەنىڭ پايپىقىنى تېشىۋېتىپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭ خۇراپىي ئىدىيىسى ئۆزگىرىدىغان بولدى.

      -ئەبلەخلەر!،-دېدى ئۇ چاشقانلارغا ۋارقىراپ-سەنلەر بۇنىڭ پارىژنىڭ يىپەك پايپىقى ئىكەنلىكىنى بىلىشمەمسەن؟

      مۇتيە پايپاققا قاراپ قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى..

      ئۇ ئاخىر چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، ئانگولا مۈشۈكىدىن بىرنى باقتى. بىز تېخى ئۇنىڭ چەتكە چوقۇنىدىغان ئىدىيىسى ئۆزگىرىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتۇق. نەدىكىنى، بۇرۇنقىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى...ئۇ كارىۋىتىنى ساتتى. پۇرژىنىلىق ماتراسنىڭ ئاستىغا تۆت دانە خىشنى قويدى، ئاندىن ئۈستىگە ئەدىيالدىن بىرنى سالدى. ھەممە نەرسە تەق بولغاندىن كېيىن قازىنىنىمۇ سېتىۋەتتى.

       - چەت ئەلدە سۇيۇق-سەلەڭ تاماق ئىچمەي سەپەر ئوزۇقىلا ئىستېمال قىلىدۇ،-دەيتتى مۇتيە.

      ئۇ شۇ تەرىقىدە تاماق ئەتمەي بىر خىل دەرۋىشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ تاماقنى ناھايىتى ئاز يەپ پۇل يىغاتتى. يىغقان پۇلىغا غەلىتىلا بىر خىل ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيەتتى ۋە تۆت تال رەڭگارەڭ لېنتىنى سوڭىغا چىگىۋالاتتى. ئۇ ئالتە يۈز رۇبلىغا ئاياغ سېتىۋالسا، بىر يۈز ئەللىك رۇبلىغا لېنتا سېتىۋالاتتى.

      -ئوھوي، نېمىدېگەن سۈپەتلىك ئاياغ بۇ!-دەيتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ،-نېمىلا دېگەنبىلەن پاشنىسى سەككىز سانتىمېتىر ئېگىز-دە.

      چەت ئەلدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي بۆلەكچىلا ئۆزگىرىپ قالغان بۇ قوشنام ھەر كۈنلىكى باشقىلار تاشلىۋەتكەن سەي كۆكلىرىنى تېرىۋالاتتى. ئاندىن ئۇلارنى قورۇيتتى، ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر خىل دورىلارنى قوشقاندىن كېيىن بىر داس ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كېچىچە بەدىنىنى يۇياتتى...ئەتىسى ئۇنى تونۇيالمايلا قالاتتۇق، ئەسلىدىكى دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان يۇمشاق چاچلىرى خۇددى كىرپىنىڭ تۈكلىرىدەك دىڭگىيىپ قالاتتى. مۇتيە تېخى بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي تۈركىيىنىڭ قارىمۇچىغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ چېچىغا چاپاتتى.

       -ياخشى بولماپتىمۇ؟-دېدى مۇتيە بىر كۈنى قوشنىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ،-سېرىق چاچ ھازىر مودىدىن قالدى. كلاۋكامۇ چېچىنى جىگەررەڭ بويۇۋالدى. نەۋرە ئاكام گادينىڭ ماڭا چاچ بوياش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىىپ قويغىنىغا رەھمەت.

    مۇتيە ئۆيگە كەلگەن قىلىقسىز ساياقلارنى نەۋرە ئاكام، نەۋرە ئۇكام دەپ ئاتايتتى. ئۇلار مودا پەلتولارنى كىيىشەتتى، بەللىرىگە كەڭ تاسما باغلىۋالاتتى. بۇ ساياقلار مۇتيەگە نېمىلەرنى ئۆگەتمىدى دەيسىز، ھەتتا ئۇنىڭغا سەي كۆكلىرىنى يىغىشنى، ھەتتا جىن بىلەن سۆزلىشىشنىمۇ ئۆگىتىپ قويدى. بۇ مۇنداق ئىش: ئۇلار چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يۇمىلاق شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشىدۇ، ئاندىن ئۆلۈپ كەتكەن يازغۇچى ياكى مارشاللاردىن ئەخمىقانە سۇئاللارنى سورىشىدۇ.

      بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇتيە بىر قوشنامغا:

      -قىزىق، سىز جىن بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ مانا بۇ سىزنىڭ قالاق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، ياۋرۇپالىقلارنىڭچۇ، ھەممىسى ئىشىنىدۇ،-دېدى.

      -نېمە دەپ ئاغزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلۈپ يۈرىدىغانسىز؟

      -ھى،ھى، سىز تېخى مېنى جۆيلۈدى دەمسىز، مەن ئاخشام موپاسسان بىلەن سۆزلەشتىم دەڭە!

      -كىم بىلەن دېدىڭىز؟

      -موپاسسان بىلەن، مېنىڭ ھازىر پارىژدىكى ئاياللارنىڭ قانداق كۆڭلەك كىيىدىغانلىقىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

      -موپاسسان سىزگە نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟

      -ئۇ تاقەت قىلالماي، يوقال! مېنىڭ ‹بوۋارىيا خانىم› نى يېزىشىمغا كاشىلا قىلما، دېدى

      -‹بۇۋارىيا› دېگەن پىۋا زاۋۇتىنىڭ نامى. كىتابنىڭ نامى ‹بوۋارى خانىم›. بىراق موپاسسان يەنە نېمە دەپ فلوبېرنىڭ رومانىنى يېزىپ يۈرىدىغاندۇ؟

      -ياق، سىز بەك ئارىلاشتۇرۇۋەتتىڭىز! مەن راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتىم.

      -بولدى سىز يازغۇچىلارنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەڭ، ئەڭ ياخشىسى، بېرىپ دادىڭىزنىڭ روھى بىلەن كۆرۈشۈڭ.

     - نېمىشقا؟

     - ئۇ كېلىپ سىزنى ۋە ھېلىقى سالپى-ساياقلىرىڭىزنى ئەدەبلەپ قويسۇن!

     -ياق،ياق،-دېدى مۇتيە دەرھاللا،-بىز پەقەت چەت  ئەللىكلەرنىڭ روھى بىلەن سۆزلىشىمىز.

      يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، مۇتيە ئوڭ-تەتۈر گەپ قىلىدىغان، ئېسى بىر يەردە تۇرمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ كلاۋكانىڭ كەينىدىن مېڭىۋېرىپ خاتا يولغا كىرىپ قالغاننىدى. كلاۋكا تەكچىگە كىرستقا مىخلانغان ئەيسانىڭ ھەيكىلىنى ئېسىپ قويۇپ، ئۇنى مۇتيەنىڭ ئالدىدا قەستەن كۆز-كۆز قىپتۇ. مۇتيە ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بازارغا بېرىپ مىڭ تەسلىكتە بىر رەسىم رامكىسى سېتىۋالدى. تۆنۈگۈن مېنى ئۆيىگە چاقىرغانىدى. مەن كىرىپ ئۇنىڭ تەكچىسىنى كۆردۈم. رەسىم رامكىسى ئىچىدىكى قايسى بىر يازغۇچىنىڭ رەڭلىك رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران بولغىنىمدىن:

      -بۇ شېدېلىنغۇ؟-دېدىم.

      -سىز ئۇنىڭ نېمىشقا ساقال قويۇۋالغانلىقىنى سورىمايسىزغۇ؟-دېدى ئۇ سوزۇپ سۆزلەپ،-كىم بولۇشى بىلەن كارىم نېمە، ئۇ مەشەدە ئېسىقلىق تۇرسىلا بولدى، ئۇنى ئوتتۇز رۇبلىغا سېتىۋالدىم.

      شېدېلىن تۇرۇشقا تېگىشلىك يەردە ئېسىقلىق تۇراتتى.

      -بۇ مودا،-دېدى ئۇ،-سىز بىلمەمسىز؟ ياۋرۇپادا ھەممە ئاياللار كۆكسىگە ئەيسانىڭ كرىستقا مىخلانغان ئىزنىكىنى ئېسىۋالىدۇ.

      شۇنىڭ بىلەن، مۇتيە بىزنىڭ بۇ بىنادىكى ياخشى پلانىتتىن كەلگەن ناتونۇش ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مودا قىز قوشنا مۇتيە _