مايمۇننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى(زوشىنكو)

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-30 10:57:23

مايمۇننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىم. زوشېنكو «سوۋېت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ئىلاۋىسى: مىخائىل مىخائىلوۋىچ زوشېنكو(1894-1958)- سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-، 39-، يىللاردىكى مەشھۇر پىروزا يازغۇچىسى، ئۇنىڭ...



     

    مايمۇننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى

     م. زوشېنكو

      

       «سوۋېت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ئىلاۋىسى:
       مىخائىل مىخائىلوۋىچ زوشېنكو(1894-1958)- سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-، 39-، يىللاردىكى مەشھۇر پىروزا يازغۇچىسى، ئۇنىڭ قىسقا ھەم نادىر، ئۆتكۈر ھەجۋى ھېكايىلىرى ناھايىتى مەشھۇر بولۇپ، 1939- يىلى قىزىل بايراق ئوردېنىغا ئېرىشكەن.
       1946- يىلى، زوشېنكو «يۇلتۇز» ژۇرنىلىدا «مايمۇننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى» ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 8- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پارتىيىسى (ب) مەركىزىي كومىتېتى «يۇلتۇز» ۋە «لېنىنگىرات» ژۇرناللىرىنى تەنقىت قىلغان چاغدا، زوشېنكونى ۋە ئۇنىڭ مۇشۇ ھېكايىسىنى تەنقىت قىلغان ئىدى؛ 9- ئايدا، زوشېنكو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زوشېنكو مۇھىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلماستىن، تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1953-يىل 6- ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى زوشېنكونىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 1956- يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قايتا نەشىر قىلىنىدۇ. «ئەدەبىيات گېزىتى» نىڭ 1984- يىلى بىرىنچى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ھەقىقەت گېزىتى» نەشىرىياتى زوشېنكونىڭ ھېكايىسىنى 2 مىليون نۇسخا نەشىر قىلغان. ئەدەبىيات نەشىرىياتى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى 4 توم قىلىپ نەشىر قىلماقچى بولغان. ئېلىمىزنىڭ چەتئەل ئەدەبىياتى ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ «مايمۇننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى» دېگەن ئەسىرىگىمۇ قىزىقماقتا؛ لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنمىغان ئىدى. كۆپ ساندىكى يولداشلارمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپالمىغان. مانا ئەمدى تەتقىق قىلىش ۋە ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، «مايمۇننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى» ھېكايىسىنىڭ تولۇق تېكىستىنى تەرجىمە قىلىپ باستۇق.

       جەنۇبتىكى مەلۇم بىر شەھەردە بىر ھايۋاناتلار باغچىسى بار ئىدى. بۇ كىچىككىنە ھايۋاناتلار باغچىسىدا: بىر يولۋاس، ئىككى تىمساق، ئۈچ يىلان، بىر قۇلان، بىر تۆگە قۇش ۋە بىر مايمۇن، ياكى توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇن بار ئىدى. ئەلۋەتتە، يەنە ھەرخىل كىچىك ھايۋانلار- قۇشقاچ، بېلىق، پاقا ۋە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىن كەلگەن باشقا ئۇششاق ھايۋانلارمۇ بار ئىدى.
       ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، فاشىستلار بۇ شەھەرنى بومباردىمان قىلغان چاغدا، بىر بومبا دەل ھايۋاناتلار باغچىسىغا چۈشۈپ كېتىپ، بومبا پارتىلاش بىلەن قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق ئاۋاز كۆتۈرۈلدى-دە، ھايۋاناتلار جېنى چىققۇدەك چۆچۈپ كېتىشتى.
       ئۈچ يىلان شۇ ئانىلا پارتىلاپ ئۆلۈپ قالدى، بۇ ئانچىۋالا چوڭ ۋەقە بولمىسا كېرەك بەلكىم، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، تۆگىقۇشنىڭمۇ پارتىلاپ ئۆلۈپ كېتىشى بولدى.
       باشقا ھايۋانلار ئامان قالدى. ئادەتتە ئېيتىلغىنىدەك ئۇلار چۆچۈپلا كەتتى، خالاس.
       جىمى ھايۋانلار ئىچىدە مايمۇن- ئۇزۇن  قۇيرۇقلۇق مايمۇن ھەممىدىن  بەك قورقۇپ كەتتى. ئۇنىڭ قۇمىسى بومبىنىڭ زۇلىمى بىلەن ئۆڭتۈرۈلۈپ كەتتى. بۇ قۇما ئېگىز جايدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ يان تەرىپى ئاجراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مايمۇنىمىز قۇمىدىن  ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ كىچىك يولىغا يىقىلىپ چۈشتى.
       ئۇ يولغا يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ، ھەربى پائالىيەتلەرگە ئادەتلەنگەن كىشىلەردەك جىم يېتىۋەرمەي، تۇرغانچە تۇرۇپلا دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ، ئاندىن دەرەختىن يەنە قورۇق تامغا ئۆتۈپ، تامدىن كوچىغا چۈشۈۋېلىپ، بەدەر قېچىپ كەتتى.
       ئۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ: «ھەي، بۇ يەرگە بومبا چۈشكەن ئىكەن، ئەمدى مەن بۇ يەردىمۇ تۇرالمايدىغان بولدۇم» دەپ ئويلىدى-دە، كۈچ-ماغدۇرىنىڭ بارىدا شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تاماشا قىلغۇسى كېلىپ قالدى.
       ئۇ پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىپ بىر تاشيولغا چۈشتى-دە، شۇ تاشيول بىلەن ماڭغانچە شەھەردىن چىقىپ كەتتى. مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئۇ ئادەم ئەمەس، مايمۇن-دە! ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ شەھەردە تۇرۇپ قالغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق تۇيۇلاتتى.
       ئۇ يۈگۈرە، يۈگۈرە ئاخىر ھېرىپ-چارچاپ ھىچ دەرمانى قالمىدى. ئۇ بىر دەرەخقە چىقىپ بىر چىۋىننى تۇتۇپ يەپ بىر ئاز ماغدۇرىغا كەلدى. ئۇ يەنە ئىككى قۇرۇتنىمۇ يەۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ دەرەخنىڭ ئۈستىدىلا تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپ قالدى.
       شۇ ئەسنادا تاشيولدا كېتىۋاتقان بىر ھەربى ماشىنىنىڭ شوپۇرى دەرەختىكى مايمۇننى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، ئاستا بىلىندۈرمەي مايمۇنغا يېقىن كەلدى-دە، مايمۇننى پەلتۇسى بىلەنلا باسۇرۇپلا تۇتۇۋېلىپ ماشىنىسىغا سېلىۋالدى. ئۇ بۇ ئىش ئۈستىدە: «ئۇنىڭ ئاچ قېلىپ، توڭلاپ ياكى باشقا پىشكەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ قالغىنىدىن كۆرە، ئۇنى بىرەر تونۇشۇمغا بەرگىنىم تۈزۈك» دەپ ئويلاندى- دە، مايمۇننى ئېلىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى.
       ئۇلار بورسۇۋىسكى شەھىرىگە يېتىپ باردى. شوپۇر بىر ئىش بىلەن كېتىپ قالدى. ئۇ ئۇزۇن  قۇيرۇقلۇق مايمۇننى ماشىنىدا قالدۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا:
       - سۆيۈملۈك بۇرادەر، مۇشۇ يەردە مىنى كۈتۈپ تۇرغىن، ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن!- دەپ تاپىلاپ قويدى.
       لېكىن بىزنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇنىمىز ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرمىدى. ئۇ ئەينىكى سۇنۇپ كەتكەن دەرىزىدىن چىقىپلا كوچا ئايلىنىپ تاماشا قىلىشقا كېتىپ قالدى.
       شۇنداق قىلىپ، ئۇ خۇددى كېلىشكەن يىگىتلەردەك قىياپەتتە، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ كوچا ئايلاندى. كىشىلەرمۇ ئەلۋەتتە، ھەيران قېلىپ ئۇنى تۇتۇۋالماقچى بولۇشتى. لېكىن ئۇنى تۇتىۋېلىش ئاسان ئەمەس-تە. ئۇ چەبدەس، زېرەك بولغاچقا، ئۇچقاندەك تېز چاپاتتى. كىشىلەر قورۇقتىن-قورۇققا، تەرەپ-تەرەپكە چېپىشتىيۇ، ئۇنى تۇتىۋالالماي قالدى، لېكىن ئۇنىڭغا خېلى جەبرى سېلىشتى.
       مايمۇن ھېرىپ ھالسىراپ كەتتى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قورسىقىمۇ ئېچىپ، بىر نەرسە يىگۈسى كېلىپ- قالغان ئىدى.
       ئەمما شەھەردە نەدىمۇ ئۇنىڭغا يىگۈدەك نەرسە تېپىلسۇن؟ بازاردا يىگۈدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى سۆرەپ ئاشخانىغا ياكى كوپراتىپ ماگىزىنلىرىغا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر تىيىنمۇ يوق، ئەرزان باھالىق نەرسە ساتىدىغان جايمۇ يوق. ئۇنىڭدا ئاشلىق كىنىشكىسىمۇ يوق. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ھالى خاراپ ئىدى.
       ئاخىردا، ئۇ بىر كوپراتىپ ماگىزىنغا كىردى. ئۇ بۇ ماگىزىندا بەزى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئاھالىلەرگە سەۋزە، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلار ساتىدىغانلىقىنى سېزىپ قالدى.
       ئۇ بۇ ماگىزىنغا كېرىپ قارىۋىدى. كىشىلەر ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاتار بولۇشۇپ تۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. ياق، ئۇنىڭ قاتاردا تۇرغۇسى كەلمىدى. ئۇ قاتاردا تۇرغان ئادەملەرنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىپ، پۇكەي تۈۋىگە بېرىپمۇ يۈرمەيدۇ. ئۇ قاتاردا تۇرغان خېرىدارلارنىڭ بېشىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپلا پىرىكازچىك قىزنىڭ ئالدىغا چۈشتى. ئۇ پۇكەينىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى-دە، سەۋزىنىڭ بىر كىلوسى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنىمۇ سوراپ يۈرمەستىن خۇددى تەمسىللەردە دېيىلگىنىدەك، ئۇ شۇنداق بىر نەرسە...بولۇپ قالدى. ئۇ ماگىزىندىن چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ«سودا» سىدىن مەمنۇن بولۇپ كەتتى. ھەي، ئۇ بەرىبىر مايمۇن-دە. ئۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمەيتتى. ئۇ قاتارنىڭ قۇيرۇقىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا يىمەكلىك ئالالماي قېلىشنىڭ دەردىنى بىلمەيتتى.
       ماگىزىن پاتپاراقلىشىپ، ۋاڭ-چۇڭ دەستىگە تۇرغۇسىز بولۇپ كېتىپ، كىشىلەر ساراسىمگە چۈشۈپ كېتىشتى. قىچا كۆكى جىڭلاۋاتقان پىرىكازچىك قىز بۇ ئۇشتۇمتۇت قىلىنغان ھۇجۇمدىن چۆچۈپ كەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ھۇشىدىن كەتكىلى تاس-تاس قالدى. ئەمەلىيەتتە ئاددى، ئادەتتىكى خېرىدارلارنىڭ ئارىسىدىن تۈكلۈك، قۇيرۇقلۇق بىر غەلىتە مەخلۇق توساتتىنلا سەكرەپ چىقىپ كەلسە ھەممە ئادەم قورقۇپ كېتىدۇ-دە، ئەلۋەتتە، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ پۇل تۆلىمىگىنىچۇ تېخى.
       كىشىلەر مايمۇننى تۇتىمىز دەپ يۈگۈرۈشۈپ كوچىغا چىقىشتى. مايمۇن بولسا سەۋزىنى يېگەچ قېچىۋەردى. ئۇ تېخى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمىغان ئىدى!
       قارىمامسىز، ھەممىنىڭ ئالدىدا ئوغۇل بالىلار قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدە چوڭ ئادەملەرمۇ يۈگۈرۈشمەكتە. ھەممىنىڭ ئارقىسىدا بولسا ساقچى پۇشتەك چالغان پېتى ماڭماقتا ئىدى.
       ئۇشتۇمتۇتلا قاياقتىندۇ بىر ئىت چىقىپ كېلىپ بىزنىڭ مايمۇنىمىزنى قوغلاشقا باشلىدى. ئىت ھاۋ-ھاۋ قىلىپ ھاۋشىش بىلەنلا بولماستىن، بەلكى مايمۇننى چىشلەپ تۇتۇۋالماقچى بولدى.
       مايمۇنىمىز تېخىمۇ تېز پاتىراقشىپ قېچىپ كەتتى. ئېھتىمال. ئۇ قېچىپ كېتىۋىتىپ: «ھەي، ھايۋاناتلار باغچىسىدىن چىقمىساممۇ بولغان ئىكەن بايا. قۇمىنىڭ ئىچى خويمۇ تېچ ئىدى. ئامال بولسىلا ھايۋاناتلار باغچىسىغا قايتىپ بېرىۋالىمەن» دەپ خىيال قىلىپ قالدى.
       شۇنداق قىلىپ ئۇ جېنىنىڭ بارىچە قاچتى. ئەمما ئىتمۇ بوش كەلمىدى، يېتىشىۋالاي-يېتىشىۋالاي دەپلا قالدى.
       ئەھۋال شۇ ھالغا كەلگەندە مايمۇنىمىز بىر قۇرۇق تامغا سەكرەپ چىقىۋالدى. ھېلىقى ئىت مايمۇننىڭ بىرەر پۇتىنى بولسىمۇ چىشلىۋالسام دەپ يۇقىرىغا چاپچىپ سەكرىدى، ئەمما مايمۇن سەۋزە بىلەن ئىتنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ ئۇردى. ئۇ ئىتنى بەك قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن بولسا كېرەك، ئەتىمالىم، ئىت غىڭشىغان پېتى ئۆيگە قېچىپ كەتتى. ئەمدى ئىت: «ياق، گىراژدانلار، سىلەرگە مايمۇننى تۇتۇشۇپ بېرىمەن دەپ بىكلاردىن-بىكارغا بۇ دەرتنى تارتقىچە، ئۆيدە خاتىرجەمگىنە ياتقىنىم تۈزۈك ئەمەسمىدى» دەپ ئويلىغاندۇ بەلكىم.
       قىسقىسى ئىت قېچىپ كەتتى، مايمۇنىمىز بولسا لىككىدە سەكرەپ بىر ھويلىغا چۈشۈۋالدى.
       شۇ چاغدا، ئاليۇشا پوپوۋ ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا ھويلىدا ئوتۇن يېرىۋاتقان ئىدى.
       قارىمامسىز، ئۇ ئوتۇن يېرىۋېتىپ، كۆزى بىردىنلا مايمۇنغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ مايمۇننى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ھەمىشە يېنىمدا ئاشۇنداق بىر مايمۇن بولسا دەپ ئويلاپ يۈرەتتى. ئەمدىلىكتە، مايمۇننىڭ ئۆزى كەلگىنىنى قاراڭ!
       ئاليۇشا چاپىنىنى سالدى-دە، ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى شوتىغا چىقىۋالغان مايمۇننى چۈمكەپلا تۇتۇۋالدى.
       ھېلىقى ئوغۇل بالا مايمۇننى ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭ قوسىقىنى تويغۇزدى.چاي ئىچكۈزدى. مايمۇن بەك مەمنۇن بولۇپ كەتتى. لېكىن شۇغىنىسى، ئاليۇشانىڭ چوڭ ئانىسى ھە دېگەندىلا مايمۇننى يامان كۆرۈپ قالدى. موماي ئۇنىڭغا كايىپ كەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ تاپىنىغا ئۇرماقچى بولدى. چۈنكى ئۇ چاي ئىچكەن چاغدا، موماي بىر پارچە قەنىتنى بىر چىشلىۋېلىپ تەخسىگە قويۇپ تۇرۇشىغىلا، مايمۇن موماينىڭ ھىلىقى قەنتنى كاپ قىلىپ ئېلىپلا ئاغزىغا سېلىۋالدى. ھەي، مايمۇن دېگەن بەرىبىر ئادەم ئەمەس-تە! ئادەم بولىدىغان بولسا، مومايغا كۆرسەتمەيلا ئېلىۋالغان بولاتتى. ئەمما مايمۇن بۇنى مومايغا كۆرسىتىپ تۇرۇپلا ئالدى. موماي بۇ ئىشقا ئاچچىقلاپ يىغلىۋەتكىدەك بولۇپ كېتىدۇ-دە ئەلۋەتتە.
       موماي سۆزلەپلا كەتتى.
       - ئىشقىلىپ، ئۆيدە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر قۇيرۇقلۇق مۇتىھەم مايمۇن بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئادەم سىياقى يوق ئەپتىدىن قورقىدىكەنمەن.ئۇ قاراڭغۇدا سەكرەپ ئۈستۈمگە چىقىۋېلىشى مۇمكىن. ئۇ مېنىڭ قەن-گېزەكلىرىمنىمۇ يەۋىلىۋاتىدۇ تېخى. ياق-ياق، مەن ھەرگىز مايمۇن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمايمەن. ئىككىمىزنىڭ بىرى ھايۋانلار باغچىسىدا تۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ھايۋاناتلار باغچىسىغا كۆچۈپ كەتسەم بولامدۇ- يا؟ ياق، مايمۇن شۇ يەرگە كەتسۇن. مەن ئۆز ئۆيۈمدە تۇرىۋېرىمەن.
       ئاليۇشا مومىسىغا دېدى:
       - ياق، موما، سىزنىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىغا كۆچۈپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.مەن ۋەدە بېرىمەنكى، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇن ئەمدى سىزنىڭ ھېچنەرسىڭىزنى يېمەيدۇ، مەن ئۇنى ئادەمنى تەربىيىلىگەندەك تەربىيىلەيمەن. مەن ئۇنىڭغا قوشۇق بىلەن تاماق يېيىشنى، ئىستاكان بىلەن چاي ئىچىشنى ئۆگىتىمەن. ئۇنىڭ ئۇ ياق-بۇ ياققا سەكرەپ يۈرۈشىنى دىسىڭىز، ئۇنىڭ تورۇستىكى چىراقنىڭ ئاسمىسىغا يامىشىپ چىقىشىنى چەكلەشكە ئامالىم يوق. ئەلۋەتتە، ئۇ شۇ يەردىن سىزنىڭ بېشىڭىزغا سەكرەپ چۈشىۋېلىشى مۇمكىن. لېكىن، شۇنىسى مۇھىمكى، شۇنداق ۋەقە يۈز بەرسە، قورقماڭ. چۈنكى ئۇ، ناھايىتى بولسا، ئافرىقىدا شۇنداق سەكرەپ ئۆگىنىپ قالغان. لېكىن ئادەمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ.
       ئىككىنچى كۈنى ئاليۇشا مەكتەپكە باردى. ئۇ مومىسىدىن مايمۇننىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىدۇ. موماي: «قارىغىنا تېخى، مەنزە غەلىتە مەخلۇقلاردىنمۇ خەۋەر ئېلىپ يۈرىدىكەنمەن-دە، دەپ ئويلاپ قالدى. موماي مۇشۇنداق ئويلاپ سافادا يىتىپ ئۇخلاپ قالدى.
       شۇ چاغدا مايمۇنىمىز ئوچۇق تۇرغان پارتۇچكىدىن كوچىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ كوچىنىڭ كۈنگەي تەرىپى بىلەن ماڭدى. بۇنى ھېچكىم بىلمەي قالدى. ئېھتىمال، ئۇ كوچا سەيلىسى قىلماقچى بولسا كېرەك. لېكىن ئۇ ماگىزىنغا بېرىپ قاراپ بېقىپ، ئاز-تولا نەرسە كېرەك ئالماقچى بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇ پۇلغا ئالماي، شۇنداقلا ئىلىۋېرىدۇ-دە...
       شۇ چاغدا، كوچىدا بىر بوۋاي كېلىۋاتاتتى. بۇ كافورلىچ ئىسىملىك بىر مەجرۇھ ئادەم ئىدى. ئۇ مۇنچىغا بارماقچى ئىدى. ئۇنىڭ قولىدا كىچىك بىر سېۋەت بولۇپ، ئۇنىڭغا سوپۇن ۋە ئىچكى كىيىم قاتارلىق نەرسىلەر سېلىنغان ئىدى.
       ئۇ ئادەم مايمۇننى كۆردى. دەسلەپتە، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى. بۇنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى. ئۇ، مەن ھازىرلا يوغان بىر ئىستاكان پىۋا ئىچۋالغان ئىدىم، خاتا چۈشىنىپ قالدىممىكىن، دەپ ئويلاپ قالدى.
       ئەڭ ئاخىرىدا، كافورلىچ ئۇنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى مايمۇن بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي مايمۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئۇنى تۇتۇۋالاي، ئەتە بازارغا ئېلىپ بېرىپ يۈز رۇپلىغا سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ئون ئىستاكان پىۋا ئىچىمەن» دەپ ئويلىدى. كافورلىچ مۇشۇ قارارغا كەلدى-دە، ئۇنى تۇتۇشقا كىرىشتى، ئۇ: «پىش،پىش،پىش... مەيەرگە كەل» دەپ چاقارغىلى تۇردى.
       ئەلۋەتتە، ئۇ بۇنىڭ مۈشۈك ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. لېكىن بۇ مايمۇن بىلەن قانداق تىل بىلەن سۆزلىشىنى بىلمەيتتى.پەقەت ئەڭ ئاخىرىدىلا مايمۇننىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. بۇ چاغدا، يانچۇقىدىن كىچىك بىر پارچە قەنتنى ئېلىپ مايمۇنغا بەردى ۋە ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا باشلىدى.
       -ھەي جانان- ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇن، قەنت يېيىشنى خالىمامسىز؟
       خوپ، يەيمەن،- دېدى مايمۇن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچنىمە دېمىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ تىلسىز ئىدى. لېكىن ئۇ بېرىپلا قەنتنى ئېلىپ يىگىلى تۇردى.
       كافورلىچ مايمۇننى تۇتۇپ سىېۋىتىگە سېلىۋالدى. سېۋەت ھەم ئىسسىق ھەم ئازادە ئىدى.بىزنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇنىمىز سېۋەتتىن چىقىپ كەتمىدى. ئۇ: «بۇ ئەخمەق بوۋاي مېنى سېۋىتىگە سېلىۋالسىمۇ مەيلى، بۇمۇ قىززىقارلىق ئىش» دەپ ئويلىغاندۇ بەلكىم.
       دەسلەپتە، كافورلىچ مايمۇننى ئۆيگە ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى، لېكىن كېيىن ئۆيگە كەتكۈسى كەلمەي، مايمۇننى مۇنچىغا بىللە ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئۇ: «شۇنداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، مەن ئۇنى مۇنچىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىمۇ يۇيۇندۇرسام، ئۇ پاكىزلىنىپ، تېخىمۇ يېقىملىق بولىدۇ. ئۇنىڭ بوينىغا كېپىنەك شەكىللىك لېنتا باغلاپ قويسام، ئۇنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتىمەن» دەپ ئويلىدى.
       شۇنىڭ بىلەن، بوۋاي ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇننى مۇنچىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ مايمۇن بىلەن يۇيۇنۇشقا باشلىدى.
       مۇنچىنىڭ ئىچى ئىسسىق ئىدى- خۇددى ئافرىقىغا بېرىپ قالغاندەك سېزىلەتتى. بىزنىڭ ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇنىمىز بۇنداق ئىللىق شارائىتتىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى. لېكىن ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدە بولىۋەرمەيدۇ-دە، كافورلىچ ئۇنى سوپۇن بىلەن يۇيۇپ چىقتى. سوپۇن كۆپۈكچىلىرى ئۇنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كەتتى. راست سوپۇن دېگەن ئاچچىق-تە، ھېلىمۇ ياخشى، سوپۇن كۆپ سۈرتۈلمىگەچكە، ئۇ ۋارقىراپ سالغۇدەك، يۇيۇنىشقا ئۇنىمىغۇدەك دەرىجىگە يەتمىگەن ئىدى. قىسقىسى، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇنىمىز ئاغزىدىكى كۆپۈكلەرنى تۈكۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن بۇ چاغدا سوپۇن كۆپۈكى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە كېرىپ كەتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن  قۇيرۇقلۇق مايمۇن پۈتۈنلەيلا چىچاڭشىپ تۇرالماي كەتتى. ئۇ كافورلىچنىڭ بىر بارمىغىنى چىشلەپلا ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ مۇنچىنىڭ ئىچىدە تەرەپ-تەرەپكە چاپقىلى تۇردى.
       ئۇ كىشىلەر كىيىم سالىدىغان ئۆيگە كىرىۋالدى. ئۇنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بايقىۋالالمىغاچقا، ئۇ يەردىكى ئادەملەر چۆچۈپ كەتتى. كىشىلەر پەقەت ئۈستى-بېشىغا سوپۇن كۆپىكى مىلەنگەن ئاپئاق، دۈپ-دۈگىلەك بىر نەرسە كىرگەنلىكىنىلا كۆرگەن ئىدى-دە. مايمۇن دەسلەپتە ئۇزۇن سافانىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. كېيىن مەشنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. ئاندىن مەشنىڭ ئۈستىدىن ساندۇققا، ساندۇقتىن بىر كىشىنىڭ بېشىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ساندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى.
       بەزى نېرۋىسى ئاجىز خېرىدارلار ۋارقىرىشىپ-چۇرقىرىشىپ مۇنچىدىن چىقىپ كېتىشتى.مايمۇنمۇ قېچىپ چىقىپ كەتتى. پەلەمپەي بىلەن پەسكە چۈشۈپ كەتتى.
       بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە پۇل تاپشۇرىدىغان بۆلۈم بار ئىدى. مايمۇن شۇ يەرگە سەكرەپ كىرىۋالدى. ئۇ، بۇ يەر تېچراقتۇ، ھېچ بولمىغاندىمۇ، بۇ يەردە ئالاقىزادىلىك قىستاڭچىلىق بولساقمۇ، دەپ ئويلىغاندۇ بەلكىم. لېكىن، پۇل تاپشۇرىدىغان بۆلۈمدە دوغلاق بىر ئايال كاسسىر ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ چىقىرىغان پېتى بۆلۈمىدىن قېچىپ چىقىپ ئاللا-توۋۋا سېلىپ ۋارقىراپ كەتتى:
       - ۋايجان، مېنى قۇتقۇزۇڭلار! پۇل تاپشۇرىدىغان بۆلۈمگە بومبىدەك بىر نەرسە چۈشتى، ماڭا تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى بېرىڭلار!
       ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق مايمۇنىمىز بۇنداق سۈرەن -چۇقاندىن تويۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پۇل تاپشۇرىدىغان بۆلۈمىدىن سەكرەپ چىقىپلا، كوچىغا چىقىپ كەتتى.
       ئۇ كوچىدا قېچىپ يۈرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستى- بېشى چۆپ-چۆپ ھۆل بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ھەممىلا يېرى سوپۇن كۆپىكى، كىشىلەر يەنە ئۇنى قوغلىماقتا ئىدى. ئوغۇل بالىلار ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىدا چوڭ ئادەملەر كېتىۋاتاتتى، چوڭ ئادەملەرنىڭ كەينىدە ساقچى، ساقچىنىڭ كەينىدىكىسى بولسا ياشىنىپ قالغان ھېلىقى بوۋاي كافورلىچ ئىدى، ئۇنىڭ كىيىملىرى رەتسىز، ئۆتۈگىنى قولىغا كۆتىرىۋالغان ئىدى.
       لېكىن شۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇتلا بىر ئىت پەيدا بولۇپ قالدى، بۇ تۈنۈگۈن مايمۇننى قوغلىغان ئىت ئىدى.
       مايمۇن ئىتنى كۆرۈپلا: «ھەي، گىراژدانلار، مەن ئەمدى تۈگىشىپ كېتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ قالدى بولغاي.
       ئەمما، بۇ قېتىم ئىت ئۇنى قوغلىماي قويدى. ئىت مايمۇنغا بىر قاراپ قويۇپلا، بۇرنىنىڭ تېخىچە ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى-دە، ئۇنى قوغلىمىدى. ھەتتا كەينىگە بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى. ئۇ بەلكىم: «ئەگەر مايمۇننى قوغلايدىغان بولسام، بۇرنۇم ئون بولسىمۇ چىقىش قىلماس» دەپ ئويلىغاندۇ. بىراق ئۇ كەينىگە يىنىپ كەتكىنى بىلەن، ھەدەپ قاۋاپ قوياتتى. گويا ئۇ «قېچىۋەرگىن مېنىڭ بۇ يەردە بارلىقىمنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن-ھە» دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
       شۇ چاغدا ھېلىقى ئاليۇشا پوپوۋ دېگەن ئوغۇل بالا مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئامراق مايمۇنىنى تاپالماي بەك ھەسرەتلىنىپ كەتتى. ھەتتا كۆزىگە لىققىدە ياش ئالدى. ئۇ ئەمدى، قانداقلا بولمىسۇن سۆيۈملۈك، ياخشى كۆرىدىغان مايمۇنۇمنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ قالدى.
       شۇنىڭ بىلەن، ئۇ زېرىكىپ ، ئىچى پۇشۇپ، كوچىغا چىقتى. كوچىدا ئۇ كۆڭلى غەش ھالدا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ بىردىنلا كىشىلەرنىڭ يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. بىراق، دەسلەپتە ئۇ كىشىلەرنىڭ مايمۇننى قوغلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقىماي قالغان ئىدى. ئۇ، كىشىلەر ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى ئاڭلاپ قېچىپ يۈرگەندۇ، دەپ قاراپ قالدى بولغاي. لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆز مايمۇنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزاسى ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئۈستى-بېشى ساپلا سوپۇن كۆپىكى ئىدى. ئۇ ئىتتىك بېرىپلا مايمۇننى تۇتۇۋالدى-دە، ئەمدى ئۇنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن دەپ باغرىغا چىڭ بىسىۋالدى.
       يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەن ئادەملەر دەرھال توختاپ بالىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قالدى.
       جىمى ئادەملەر ئىچىدىن ھېلىقى ياشىنىپ قالغان بوۋاي كافورلىچ چىقتى. ئۇ مايمۇن  چىشلىۋالغان بارمىقىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ گەپ قىلدى.
         بۇ يىگىت مېنىڭ مايمۇنۇمنى قويۇۋەتسۇن، مەن ئۇنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ ساتماقچى ئىدىم. ئۇ مېنىڭ خۇسۇسىي مايمۇنۇم. ئۇ مېنىڭ بارمىقىمنى چىشلىۋالدى. قاراڭلار، قولۇم ئىششىپ كەتتى،  بۇ  مېنىڭ گېپىمنىڭ راسىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ-شۇنداقمۇ؟! ؟
       بۇ چاغدا ئادەملەر ئىچىدىن يەنە بىر ئادەم سوپۇر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ مايمۇننى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
       -توغرا ئەمەس، بۇ مايمۇن سېنىڭ ئەمەس، سېنىڭمۇ ئەمەس، مېنىڭ مايمۇنۇم بۇ، ئۇنى مەن ئېلىپ كەلگەن. لېكىن مەن ئۆز قىسىمىمغا قايتىپ كەتمەكچى ئىدىم. شۇڭا، مەن ئۇنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ پۇلىغا ھاراق ئىچىدىغان ئادەمگە بەرمەستىن، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ قۇچىقىدا تۇتۇپ ئولتۇرغان ئادەمگە بېرىمەن. مايمۇن مۇشۇ ئوغۇل بالىغا مەنسۈپ.
       بۇ چاغدا، كىشىلەر چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئاليۇشا پوپوۋ خوشال بولۇپ روھلىنىپ كەتتى. مايمۇننى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ، خوشاللىق بىلەن ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى.
       كافورلىچ بولسا قولى ئاغرىغان پېتى داۋاملىق يۇيۇنۇش ئۈچۈن مۇنچىغا قايتىپ كەتتى.
       شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مايمۇن ئاليۇشا پوپوۋ بىلەن بىللە بولدى. مايمۇن ھازىر يەنە ئاليۇشالارنىڭكىدە تۇرماقتا، يېقىندا، مەن بورسوۋ شەھىرىگە باردىم. مەن ئالاھىتەن ئاليۇشالارنىڭكىگە بېرىپ، مايمۇننىڭ ئۇلارنىڭكىدىكى ئەھۋالىنى كۆردۈم. پاھ، ئۇ ئوبدان ئۆتۆۋېتىپتۇ. ئۇ ئەمدى قاچمايدىغان، گەپكە كىرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. قولياغلىقى بىلەن قولىنى سۈرتىدىكەن، باشقىلارنىڭ قەن-گىزەكلىرىنىمۇ ئېلىۋالمايدىكەن. شۇڭا، موماي ئەمدى ئۇنىڭدىن بەك رازى ئىكەن، ئۇنىڭغا تېرىكمەيدىغان بوپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋاناتلار باغچىسىغا كۆچۈپ كېتىش خىيالىدىنمۇ يالتىيىپتۇ.
       مەن ئاليۇشانىڭ ئۆيىگە كىرسەم، مايمۇن شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ خۇددى كىنوخانىدىكى بېلەت ساتقۇچى قىزلاردەك، روھلۇق ئولتۇرۇپ شوۋ گۈرۈچ ئىچىۋاتقان ئىكەن.
       ئاليۇشا ماڭا،
       - مەن ئۇنى ئادەمنى تەربىيلىگەندەك تەربىيىلەۋاتىمەن، ھازىر ھەممە بالىلار، ھەتتا بەزى چوڭ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىۋاتىدۇ!-دېدى.
        ----------

        («سوۋېت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ1985- يىللىق 1- سانىدىن)                     
         تەرجىمە قىلغۇچى: رەقىپ ۋاھاپ.
       

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.