يارىلانغان سوقرات(ب. بېرشىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 00:43:40

يارىلانغان سوقراتب. بېرشىت (گېرمانىيە)رىشات ئىنايىتۇللا تەرجىمىسى مۇھەررىردىن:گېرمانىيە يازغۇچىسى فوشتۋاگ مۇنداق دېگەنىدى: «سوقراتنىڭ خاراكتېرى بېرشىتنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە بالقىپ تۇرىدۇ». بى...

    يارىلانغان سوقرات
    ب. بېرشىت (گېرمانىيە)
    رىشات ئىنايىتۇللا تەرجىمىسى



       مۇھەررىردىن:گېرمانىيە يازغۇچىسى فوشتۋاگ مۇنداق دېگەنىدى: «سوقراتنىڭ خاراكتېرى بېرشىتنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە بالقىپ تۇرىدۇ». بىز تۆۋەندە بېرشىتنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى سوقراتنىڭ ئوبرازىنى كۆرەلەيمىز.
       قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى سوقرات (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 399 - يىلىدىن 469 - يىلىغىچە)نىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار: «مەن ئۆزۈمنىڭ ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن». ئۇ مۇنازىرىلەشكەن چېغىدا، دائىم رەقىبىنىڭ باشتا سۆزلىشىگە يول قوياتتى.   ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەقىبىنى نۇقتىئىنەزىرىنى توغرىلاشقا دەۋەت قىلاتتى. مۇشۇنداق شەكىلدىكى تەكرار مۇنازىرىلەردىن كېيىن، ئۇنىڭ رەقىبى ئىدىيىسىنى قانداق قىلىپ مۇكەممەل ھالدا ئىپادىلەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالاتتى. ھەقىقەتنى سوئال - جاۋاب شەكلى ئارقىلىق تونۇشنىڭ بۇ خىل شەكلى دىئالېكتىكا دەپ ئاتىلىدۇ. سوقراتنىڭ ئۆزى بولسا بۇنى «روھنى تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىغان. بۇ ھېكايىدە، بېرشىت سوقراتنى ئۆزى ئۈچۈن ئىدىيە تۇغدۇرغۇزىدۇ.
       سوقرات گرېتسىيە بىلەن سپارتانىڭ زومىگەرلىك تالىشىپ قىلغان بىروبىنىس ئۇرۇشىدىكى ئۈچ قېتىملىق جەڭگە قاتنىشىپ، باتۇرلۇق كۆرسەتكەنىدى. ئەمما بۇ ھېكايىدە بولسا، ئاپتور ئۇنى گرېتسىيە بىلەن پىرسىيىنىڭ سودا مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ ئۇرۇشقا گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولىدۇ. باشپىياز يەپ قورقۇنچنى باسىدۇ. ئەمما جەڭ مەزگىلىدە سەپتىن قاچىدۇ (بۇ پۈتۈنلەي تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس). ئاپتور بۇ ئارقىلىق كىتابخانلارنىڭ ئەجەبلىنىش ۋە گۇمانىنى قوزغايدۇ، كېيىن ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا سوقراتنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بىراق ئاپتور كىتابخانلارنى «باتۇرلۇق»قا نىسبەتەن يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلىدۇ. بۇ بېرشىتنىڭ دراما يېزىش ئۇسۇلىنى ھېكايىچىلىققا تەدبىقلىشىدىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك مىسال.
    «يارىلانغان سوقرات» 1949 - يىلى يېزىلغان بولۇپ، كېيىن «كالېندار ھېكايىلىرى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ باش تېمىسى «يۇلىئوس. سىزارنىڭ سودىسى»غا ئوخشاش بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بۇرژۇئازىيىنىڭ قەھرىمانلىقىغا چوقۇنۇش ئىدىيىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
    تۇغۇت ئانىسىنىڭ ئوغلى سوقرات باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، بىر تەرەپتىن قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ، سۆھبەتدىشىغا چاقچاق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ توغرا ئوي - پىكىرلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن قوبۇل قىلاتتى، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئوي - پىكرى بىلەن بىردەك كۆرەتتى. ھەرگىز باشقا ئۇستازلاردەك ھەممىنى شالغۇت پىكىر قاتارىغا چىقىرىۋەتمەيتتى. ئۇ پۈتكۈل يۇنانلىقلار ئارىسىدا ئەڭ زېرەك كىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ باتۇرلار قاتارىغا كىرەتتى. پلاتون ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىشىلەر سوقراتنىڭ ئۆزىنى ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىگە بېغىشلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېرىشكىنى ئاخىر بېرىپ دائىرىلەر سۇنغان ئوغا ئىكەنلىكىنى، سوقراتنىڭ ئۇنى خۇشاللىق بىلەن چىرايىنى ئۆزگەرتىپمۇ قويماي بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتكەنلىكىنى بىلىشەتتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ باتۇرلۇق شان - شەرىپى بىكار تارقالمىغانىدى. ئەمما ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلۇقى ئۈستىدە ئېغىز ئېچىش زۆرۈر دەپ قارايتتى. ئۇ ھەقىقەتەن دالۋېن جېڭىگە قاتناشقانىدى. ئۇ پەقەت يېنىك قوراللانغان پىيادە ئەسكەرلەر قىسمىدىلا ئەسكەر بولالايتتى. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ دەرىجىسى (ئۇ موزدۇز ئىدى)، ياكى ئۇنىڭ كىرىمى (ئۇ پەيلاسوپ ئىدى) بولسۇن، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى، چىقىمى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەسكىرىي قىسىمغا قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە باتۇرلۇقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىدى.
    جەڭ باشلانغان كۈنى سەھەردە، سوقرات بۇ قېتىملىق قان تۆكۈش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر تولۇق تەييارلىق كۆردى، ئۇ ھەدەپ باشپىياز چاينايتتى. ئەسكەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، باشپىياز يېسە قورقماس بولارمىش. سوقرات نۇرغۇن جەھەتلەردە گۇمانىي پوزىتسىيىدە ئىدى. بۇ ئۇنىڭ باشقا بىرمۇنچە جەھەتلەردە يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ روھانىيلىققا قارشى بولۇپ، ئەمەلىي تەجرىبىنى قۇۋۋەتلەيتتى. شۇڭا ئۇ ئىلاھلارغا چوقۇنماي باشپىيازغا ئىشەندى.
    ئەپسۇسكى، ئۇ باشپىيازنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈنۈمىنى كۆرمىدى. شۇڭا، ئۇ روھسىز ھالدا بىر توپ شەمشەرۋازلارغا ئەگىشىپ، ئېڭىزلىقتا قاتارلىشىپ پەرىشان ھالدا كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئالدى ۋە ئارقىسىدا ئافېنا شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يېزىدىن كەلگەن ئىككى ياش ماڭدامدا بىر دېگۈدەك ئېڭىزغا پۇتلىشىپ - مۇدۇرۇپ كېتىپ باراتتى. ئۇلار ئافېنانىڭ قورال - ياراغ دۇكانلىرىدا ياسالغان دوبۇلغا - ساۋۇتلارنىڭ سوقراتتەك سېمىز كىشىلەرگە بەك كىچىك كەپقالىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ سەمىگە سالاتتى. سوقراتتىمۇ شۇنداق ئوي بولغانىدى. بىراق ئۇنىڭ ئويلىغىنى پەقەت كەڭ يەلكىلىك كىشىلەر بولۇپ، بۇنداق كۈلكىلىك ھالدىكى كىچىك دوبۇلغا - ساۋۇتلار ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمىنىمۇ ياپالمايتتى.
    سوقراتنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى ئىككى ياش بىلەن چوڭ قورال - ياراغ سودىگەرلىرىنىڭ كىچىككىنە دوبۇلغا - ساۋۇتلارنى ياساپ، كۆپلەپ پايدا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلىرى «ئارام ئېلىڭلار» دېگەن بىر ئېغىز بۇيرۇق بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى.
    كۆپچىلىك بۇغداي ئېڭىزى بىلەن قاپلانغان ئېتىزدا ئولتۇردى. كوماندىر كېلىپ، سوقراتنى دوبۇلغا - ساۋۇت ئۈستىدە ئولتۇرماقچى بولغىنى ئۈچۈن ئەيىبلىدى. باشلىقنىڭ تىلىنى ئاڭلىسىغۇ مەيلى، سوقراتنى ساراسىمگە سېلىپ ھۇدۇقتۇرغان ئىش، ئۇنىڭ پەس ئاۋازدا تىللىغىنى بولدى. بۇنىڭدىن دۈشمەننىڭ يېقىن ئارىلىقتا ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇراتتى.
    شەھەردىن ئۆرلىگەن كۈلرەڭ تۇمان ئالدى تەرەپتىكى ھەممە نەرسىنى توسۇۋالغانىدى. ئەمما ئاياغ تىۋىشلىرى ۋە قورال - ياراغلارنىڭ جاراڭ - جۇرۇڭ ئاۋازلىرى، تۈزلەڭلىكنىڭ قوشۇن بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.
    سوقرات تۈنۈگۈن كەچتە ئاقسۆڭەك بىر ياش بىلەن قىلىشقان گەپلىرىنى ئەسلەپ، كەيپى ئۇچتى. ئۇ بۇ كىشى بىلەن سەھنە ئارقىسىدا ئۇچرىشىپ قالغانىدى. ئۇ ھازىر ئاتلىق ئەسكەر قىسىمدا سەركەردە ئىدى.
     ئىنتايىن ئەپچىل چارە، دېگەنىدى بۇ سۆلەتۋاز بايۋەچچە، بۇ دېۋەڭ پىيادە ئەسكەرلەر توپىنى قوشۇننىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تۇتۇپ بېرىش كېرەك. شۇ چاغدا ئاتلىق ئەسكەرلەر ئويمانلىقتىن ئايلىنىپ، دۈشمەننى ئارقىسىدىن قورشىشى كېرەك.
    بۇ ئويمانلىق ئوڭ تەرەپتىكى خېلى يىراق جايدا بولۇپ، تۇماندا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. شۇ تاپتا ئۇ يەردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر بەلكىم ئاتلانغاندۇ.
    سوقرات دەسلىپىدە بۇنى ياخشى، ھېچبولمىغاندا يامان ئەمەس پىلان ئىكەن دەپ قارىدى. ھامان پىلان بولۇشى لازىم. بولۇپمۇ دۈشمەن ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان چاغدا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما جەڭ راستتىنلا باشلانغاندا، ھەممە ئىش ئاددىيلىشىپ، پەقەت ئالدىغا كەلگەننى چېپىشقا ئايلىنىپ، ھەرىكەتمۇ پىلان بويىچە بولماي قالىدۇ. دۈشمەننىڭ قەيىرى ئاجىز بولسا، سەن ئۆزۈڭنى شۇ يەرگە ئۇرۇشۇڭ كېرەك.
    ئەمما، ھازىر تۇمانلىق شۇ سەھەردە، بۇ پىلان سوقراتنىڭ قارىشىچە شۇنچە ئەرزىمەس كۆرۈندى. بۇ نېمە گەپ، ئەمدى! پىيادە ئەسكەرلەر نېمىشقا دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى كېرەك ئىكەن؟ دۈشمەننىڭ قىرىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئەسكىرىي كۈچنى ساقلاپ قېلىش كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئىش ئەمەسمىدى! ھازىرقى ئەپچىل پىلان ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ھەممىدىن يامىنى، سەركەردىنىڭ  ئۆزى ئاتلىق ئەسكەرلەر توپىدا ئىدى.
    بازاردىكى باشپىياز ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ يېيىشىگە يېتىشمەيتتى.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش تەبىئىي ئەمەس ئىدى. شۇنچە قاقبودا كارىۋاتتا تاتلىق ئۇخلاپ ياتماستىن، بەلكى كەڭ كەتكەن ئېڭىزلىقتا ئون نەچچە كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تۆمۈر ساۋۇتنى كىيىپ، قولىدا شەمشەر تۇتۇپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئۆز شەھىرى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇنى چوقۇم قوغداش كېرەك! ئۇنداق قىلمىسا بالايىئاپەتتىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. ئەمما شەھەر نېمىشقا ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ؟ چۈنكى كىچىك ئاسىيادىكى سودا كېمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرى، ئۈزۈمزار غوجىدارلىرى ۋە قۇل سودىگەرلىرى پىرسيىدىكى  سودا كېمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرى، ئۈزۈمزار غوجىدارلىرى ۋە قۇل سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە تاجاۋۇز قىلغانىدى. بۇ ئاساسلار يېتەرلىكقۇ!
    كۆپچىلىك بىردىنلا قەددىنى رۇسلاپ ئولتۇرۇشتى.
    سول تەرەپتىكى تۇمان ئىچىدىن چۇقان - سۈرەن كۆتۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭغا تومۇرنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلغاندىكى جاراڭ - جۇرۇڭ ئاۋازىمۇ ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئاۋاز ناھايىتى تېزلا ھەممە يەرگە تارقالدى. دۈشمەن ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى.
    ئەسكەرلەر ئورنىدىن تۇرۇشتى. كۆپچىلىك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئالدى تەرەپتىكى قويۇق تۇمانغا تىكىلگەنىدى. ئون ماڭدام نېرىدا بىرەيلەن يەرگە يىقىلىپ، ئىنجىقلىغان پېتى ئىلاھلارنىڭ ناملىرىنى چاقىرغىلى تۇردى. سوقرات كېچىككەنلىكىنى ھېس قىلدى. تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپتىكى سەل يىراق جايدىن ئېچىنىشلىق ئاۋاز ئاڭلاندى. ياردەم تەلەپ قىلغان بۇ ئاۋاز بىردەمدىلا ئۆلۈم ئالدىدىكى ئىڭراشقا ئايلاندى. سوقرات بىر تال قىسقا تۆمۈر كالتەكنىڭ تۇمان ئىچىدىن ئۆزىگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئاتار نەيزە!
    ئارقىدىنلا ئالدى تەرەپتىكى چاتقاللىق ئىچىدە بىر توپ ئادەملەر غۇۋا كۆرۈندى، بۇ دۈشمەن ئىدى!
    سوقراتنىڭ كاللىسىدا پەقەت بىرلا ئۇقۇم قېپقالغانىدى. بەلكىم بۇ ئۇقۇمنىڭ پەيدا بولغىنىغا خېلى بولغاندۇر. ئۇ ئېغىر قەدەم بىلەن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى. ساۋۇت ۋە ئېغىر تۆمۈر تىزلىق ئۇنىڭ يۈگۈرۈشىگە كاشىلا قىلاتتى. ئۇلار قالقانغا قارىغاندا خەتەرلىك ئىدى. چۈنكى ئۇلارنى دەرھال سېلىپ تاشلىۋەتكىلى بولمايتتى.
    بۇ پەيلاسوپ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يۈگۈرۈپ ئېڭىزلىقتىن چىقتى، ھەممە ئىش ئالدىدا يۈگۈرۈپ، يېتەرلىك ئارىلىق قالدۇرۇش ياكى قالدۇرالماسلىقىغا باغلىق ئىدى. ئۇ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ياش يىگىتلەرنىڭ دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا بىر مەھەل دال بولۇپ تۇرۇشىنى تىلەيتتى.
    توساتتىنلا قاتتىق بىر ئاغرىق ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلدى. ئۇنىڭ سول تاپىنى خۇددى ئوتتا كۆيگەندەك ئېچىشىپ ئاغرىپ، زادىلا چىدىيالماي قالدى. ئۇ ئىنجىقلىغىنىچە يەرگە ئولتۇردىيۇ، دەرھال قاتتىق ئاغرىقتىن ئىڭراپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئالاق - جالاق بولغان ھالدا ئەتراپقا قاراپ، ئۆزىنىڭ جىغانلىق ئىچىگە كىرىپ قالغىنىنى كۆردى.
    بۇ غۇژمەك ئۆسكەن جىغاننىڭ تىكەنلىرىمۇ ئۆتكۈر ئىدى. تاپىنىغىمۇ يوغان بىر تال تىكەن سانجىلغان ئوخشايدۇ، ئۇ ياشقا تولغان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپتىن ئولتۇرغۇدەك يەر ئىزدىدى ۋە ساق پۇتى بىلەن سەكرەپ يۈرۈپ ئالىقاندەك بىر پارچە يەرنى تاپتى - دە، دەرھال ئولتۇرۇپ پۇتىغا كىرگەن تىكەننى ئېلىش بىلەن ئاۋارە بولدى.
    ئۇ ئالدى تەرەپتە، يۈز ماڭدام يىراقلىقتا ھەدەپ كۈچىيىۋاتقان ئۇر - چاپ ئاۋازىغا تەشۋىش ئىچىدە قۇلاق سالدى. بۇ ئاۋازلار ئاستا - ئاستا، ئەمما ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئۇ تۇرغان يەرگە يېقىنلاشماقتا ئىدى.
    سوقرات پۇتىدىكى يازلىق ئاياغنى سالالمىدى، چۈنكى ئۆتكۈر تىكەن ئۇنىڭ نېپىز چەمىنى تېشىپ ئۆتۈپ، تاپىنىغا چوڭقۇر كىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلار نېمىشقا بۇنداق نېپىز چەملىك ئاياغنى بەرگەندۇ؟ ئۇ پۇتىغا كىرگەن تىكەن بىلەن ھەپىلەشكەنسېرى قاتتىق ئاغرىق يۈرىكىگە سانجىلاتتى. ئاخىر ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. سېمىز بىلەكلىرى پەسكە ساڭگىلاپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى.
    ئۇنىڭ ئەلەملىك كۆزلىرى يېنىدىكى خەنجەرگە چۈشتى ۋە بىردىنلا كاللىسىغا بىر ئوي كەچتى ھەم ئۇنى باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەن چاغلىرىدا ئويلاپ تاپقان ئوي - پىكىرلىرىدىنمۇ بەكرەك خۇش قىلىۋەتتى: بۇ خەنجەرنى قەلەمتىراچ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولماسمۇ؟ ئۇ دەرھال خەنجەرنى قولىغا ئالدى.
    دەل مۇشۇ چاغدا، ئۇ ئېغىر قەدەم ئاۋازىنى ئاڭلىدى، بىر توپ كىشىلەر دەرەخلىق ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېلىشتى. خۇداغا شۈكۈر، ھەرنېمە بولسا ئۇلار ئۆز ئادەملىرى ئىكەن! بۇ كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپلا بىرقانچە دەقىقە جايىدا تۇرۇپ قېلىشتى. «ھېلىقى موزدۇز ئىكەن» سوقرات ئۇلارنىڭ شۇنداق دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىدى، بىردەمدىن كېيىن ئۇلار قاچقانچە نەگىدۇر يوقالدى.
    ئەمما، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سول تەرىپىدىمۇ ئادەم شەپىسى ئاڭلىنىپ، چەت ئەل تىلىدا بېرىلگەن بۇيرۇق ئاڭلاندى.
    سوقرات ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە قىسقا بولسىمۇ قولىدىكى شەمشەرنىڭ سېپىغا تايىنىپ، ئوڭ پۇتى بىلەن ئورنىدىن تۇردى. دەل شۇ چاغدا ئۇ سول تەرەپتىكى كىچىككىنە بىر پارچە بوشلۇقتا قۇچاقلاشما جەڭ قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى كۆردى، ئۇلارنىڭ چۇقان - سۈرەنلىرى، قىلىچ - خەنجەرلەرنىڭ تۆمۈر ئادەمگە چېپىلغان چاغدىكى ئاۋازلىرىنى ئېنىق ئاڭلىدى.
    سوقرات جىددىيلىشىپ قالدى، ئۇ ساق پۇتى بىلەن جېنىنىڭ بارىچە دىڭگاڭلاپ سەكرەپ ئارقىغا قېچىشقا باشلىدى. سوقۇشۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پەسكە ئېڭىشىۋىدى، يارىدار بولغان پۇتى يەرگە تېگىپ، ۋايجانلىغىنىچە يىقىلىپ چۈشتى. قۇچاقلاشما جەڭ قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، تەخمىنەن يىگىرمە - ئوتتۇزچە ئادەم ئىدى. ئۇلار ئالدىغا بىرقانچە قەدەم يېقىنلاشقاندا پەيلاسوپ ئىككى تۈپ تىكەننىڭ ئارىسىغا زوڭ ئولتۇرۇپ، ھولۇققىنىچە دۈشمەنگە قارىدى.
    ئۇ قىمىرلىيالمايتتى، قورقۇنچ تاپىنىنىڭ قاتتىق ئاغرىشىدىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى، ئارقىدىنلا چۇقان - سۈرەن سېلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
    ئەسلىدە ئەھۋال مۇنداق بولغانىدى: ئۇ ئۆزىنىڭ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەڭ كۆكرىكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنىڭ خۇددى كانايدىن ئېتىلىپ چىققاندەك جاراڭلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى: «3 - ئەترەت،  بۇياققا كېلىڭلار! بالىلىرىم، ئۇلارنىڭ كۆرگۈلىكىنى راسا كۆرسىتىپ قويايلى».
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ قولىدىكى شەمشەرنى ھەدەپ ئوڭغا، سولغا پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆردى، چۈنكى بۇ چاغدا چاتقاللىق ئىچىدىن چىققان بىر پىرسىيىلىك ئەسكەر نەيزىنى تەڭلەپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. نەيزە بىر چەتكە قېقىلىپ، ھېلىقى پىرسىيىلىك ئەسكەرمۇ يىقىلىپ چۈشتى.
    سوقرات يەنە ئۆزىنىڭ چۇقان - سۈرەن سالغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى: «بالىلىرىم! بىرقەدەممۇ چېكىنىشكە بولمايدۇ. بۇ ئىتنىڭ بالىلىرى بىزنىڭ قاپقىنىمىزغا چۈشتى! كلاپروس، 6 - ئەترەتنى ئېلىپ كەل! نوروس، ئوڭ تەرەپكە بار! كىم چېكىنسە مەن شۇنى چېپىپ تاشلايمەن!»
    ئۇ يېنىغا كېلىپ قالغان ئۆز ئادەملىرىنى كۆردى، ئىككىيلەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ  تۇراتتى. «ۋارقىراڭلار» دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا، «خۇدا ھەققى، ۋارقىراڭلار!» ئۇلارنىڭ بىرى قورققىنىدىن تىلى گەپكە كەلمەي قالدى. يەنە بىرى ھەدەپ چۇقان - سۈرەن سېلىشقا باشلىدى، ئەمما نېمە دەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ھېلىقى پىرسىيىلىك ئەسكەر ئورنىدىن مىڭ تەستە قوپۇپ، چاتقاللىققا قېچىپ كىرىپ كەتتى.
    يان تەرەپتىكى بوشلۇقتىن ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بىرقانچە ئادەملەر سەنتۈرۈلۈپ كېلىشتى. پىرسىيىلىكلەر چۇقان - سۈرەن ئاۋازىنى ئاڭلاپلا ئارقىغا قېچىشتى. ئۇلار بۆكتۈرمە بار ئوخشايدۇ دەپ قورققانىدى.
     بۇ يەردە نېمە بولدى، دەپ سورىدى بىر سەپدىشى سوقراتتىن، ئۇ يەنىلا يەردە ئولتۇراتتى.
     ھېچنېمە بولغىنى يوق، دېدى سوقرات، مېنى مۇنداق ئورىۋېلىپ قاراپ تۇرماڭلار، سىلەرنىڭ ئۇياق - بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، ۋارقىراپ بۇيرۇق چۈشۈرگىنىڭلار تۈزۈك، بولمىسا دۈشمەن بىزنىڭ ئازلا ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى سېزىپ قالىدۇ.
     ئەڭ ياخشىسى، بىز چېكىنەيلى، دېدى ھېلىقى ئادەم شۈبھى بىلەن.
     بىرقەدەممۇ چېكىنىشكە بولمايدۇ، دەپ سوقرات ئۇنىڭغا قارشى چىقتى، سىلەر شۇنداق توخۇ يۈرەكلەرمۇ؟
    دەل شۇ چاغدا ئۇلار خېلى يىراقتىن كېلىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياق تىۋىشلىرى ۋە ۋارقىرىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار يۇنانلىقلار ئىدى! شۇ كۈنى پىرسىيىلىكلەر ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئۇرۇش مۇشۇنداق ئاياغلاشتى.
    ئارچىبىيادېسئارچىبىيادېس (مىلادىدىن بۇرۇنقى 403  450 يىللار)، ئافېنانىڭ سىياسىئونى ۋە باش قوماندانى، سوقراتنىڭ تالىپى.ئاتلىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ جىغانلىققا كەلگەندە، بىر توپ پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ بىر سېمىز ئادەمنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
    ئۇ ئېتىنى توختىتىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ سوقرات ئىكەنلىكىنى تونۇدى. ئەسكەرلەر ئارچىبىيادېسقا دەل مۇشۇ ئادەمنىڭ باتۇرلارچە قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، تەۋرىنىپ قالغان سەپنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
    ئۇلار سوقراتنى كۆتۈرگەن پېتى، يول بويى غەلىبىنى تەنتەنە قىلىشىپ كارۋان ئەترىتىگە كېلىشتى. ئەسكەرلەر ئۇنىڭ ۋارقىراپ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئاشلىق توشۇيدىغان ھارۋىغا ياتقۇزۇشتى. ئاندىن كېيىن سوقرات ھارۋىنى چۆرىدەپ مېڭىپ، تەرلەپ - پىشىپ جېنىنىڭ بارىچە توۋلىشىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە پايتەختكە قايتىپ كەلدى.
    كىشىلەر ئۇنى كۆتۈرۈپ، پاكار ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى.
    سوقراتنىڭ ئايالى سانتىپا ئۇنىڭغا پۇرچاق شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئۇ ئوچاق ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، قوۋۇزىنى كۆپتۈرۈپ ئوتنى پۈۋلەيتتى. بەزىدە قايرىلىپ سوقراتقا قاراپ قوياتتى.
    سوقرات ھېلى سەپداشلىرى ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئورۇندۇق ئۈستىدە قىمىرلىماي ئولتۇراتتى.
     سەن نېمە ئىشقا يولۇقتۇڭ؟ ئۇ شۈبھىلىنىپ سورىدى.
     مەن، سوقرات دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى، ھېچنېمە.
     ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ باتۇرلۇقۇڭ توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىش، دېدى سانتىپا ئېنىق سوراپ بىلىۋالماقچى بولۇپ.
     ھەممىسى كۆپتۈرمە گەپ، دېدى سوقرات، شورپا ھەجەپمۇ خۇش پۇراق بوپتۇ.
     ئەمدىلا ئوت ياقا - ياقماي تۇرغان نەرسە قانداقمۇ خۇش پۇراق بولسۇن؟ سېنى يەنە باشقىلار ئەخمەق قىلغان چېغى، شۇنداقمۇ؟ دېدى ئۇ ئاچچىقى بىلەن، مەن ئەتە بولكا سېتىۋالغىلى بارغاندا، يەنە باشقىلار مېنى مازاق قىلىشىدىكەن - دە!؟
     مەن ھەرگىزمۇ ئەخمەق قىلىنمىدىم. مەن جەڭ قىلغىلى باردىم.
     سەن مەست بولۇپ قالدىڭمۇ؟
     ياق، ئۇلار چېكىنگەن چاغدا، مەن ئۇلارنى توسۇۋالدىم.
     سەن ئۆزۈڭ ئورنىڭدىن تۇرالماس بوپقاپسەنغۇ، دېدى سانتىپا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ چاغدا ئوت ئۇلغايغانىدى، شىرە ئۈستىدىكى تۇزنى ئېلىۋەتكىنە.
     مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، دېدى سوقرات ئاستا، خۇددى بىرنېمىنى ئويلاۋاتقاندەك ھالدا، ھېس قىلىشىمچە، پۇرچاق شورپىسىنى ئىچمىسەم بولغۇدەك، ئاشقازىنىم سەل ئاغرىۋاتىدۇ.
     مەن دېمىدىممۇ، سەن جىق ئىچىۋاپسەن، ئورنىڭدىن تۇرۇپ ئۆي ئىچىدە مېڭىپ باق، شۇ چاغدا نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
    ئۇ سوقراتقا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلماي، خېلى ئازابلىدى. ئۇنىڭ نېمىلا بولمىسۇن ئورنىدىن تۇرغۇسى، سانتىپاغا ئۆزىنىڭ ماڭالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكۈسى يوق ئىدى. نېمىنىڭ سوقراتقا پايدىسىز ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىىقلاشقا توغرا كەلگەندە، سانتىپا ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى. ئەمما ھازىر كۆپچىلىك سوقراتنىڭ جەڭدە قەتئىي تەۋرەنمەي تۇرغانلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبلىرىنى بىلىپ قالسا، ئاقىۋىتى پايدىسىز بولاتتى.
    سانتىپا بىر تەرەپتىن قايناۋاتقان پۇرچاق شورپىسىنى ئىلەشتۈرگەچ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئوي - پىكرىنى دېگىلى تۇردى.
     مەن جەزملەشتۈرەلەيمەنكى، يەنىلا سېنىڭ ھېلىقى قىممەتلىك دوستلۇرۇڭ، ساڭا ئارقا سەپتىكى يىراق بىر يەردە، سەپەر ئوچىقىنىڭ يېنىدا يوشۇرۇنىدىغان جاي تېپىپ بەرگەن گەپ، بۇ ساختىپەزلىك.
    سوقرات چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئۆينىڭ پەنجىرىسىدىن تار كوچىغا قارىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاق پانۇسلارنى كۆتۈرۈپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇلار غەلىبىنى تەبرىكلەۋاتاتتى.
    ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك دوستلىرىنىڭ بۇنداق ئىش قىلىش خىيالى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوقراتمۇ ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايتتى، ھېچبولمىغاندا يېنىكلىك بىلەن ماقۇل بولمايتتى.
     ئۇنداق بولسا ئۇلار سەن موزدۇز بىلەن بىللە جەڭگە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرەتتىمۇ؟ ئۇلار ھەرگىز سېنىڭ غېمىڭنى يېمەيدۇ. ئۇلار ئۇ دېگەن بىر موزدۇز، بېرىپ ئۆزىنىڭ موزدۇزلۇقىنى قىلسۇن، بولمىسا بىز ئۇنىڭ ئەسكى ئۆيىگە قانداقمۇ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە سائەت پاراڭلىشىپ ئولتۇرالايمىز؟ دېيىشىدۇ. يەنە ھەممىلا يەردە سېنىڭ توغراڭدا كۇسۇرلىشىۋاتقان: «قاراڭلار، ئۇ موزدۇزمۇ ياكى ئەمەس؟ بۇ ئاقسۆڭەكلەر راستتىنلا ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن فىلېرسوفىيەفىلېرسوفىيە (philersophie) پەلسەپە (philosophie)نىڭ خاتا ئوقۇلىشى. «فىلېرسوفىيە» بولسا ياسالما سۆز. «philo) نىڭ مەنىسى «ياخشى كۆرۈش»، (phobie) نىڭ مەنىسى «قورقۇش» دېگەنلىك بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سانتىپا ئاچچىقى يامان ئايال بولۇپ، سوقرات ئۇنىڭدىن قورقىدىكەن. شۇڭا ئۇ مۇشۇ كۈلكىلىك گەپنى توقىغان.توغرىسىدا سۆزلىشەرمۇ؟ كېرەكسىز بىرنېمە!
     فىلېرسوفىيە، دېدى سوقرات سەۋرچانلىق بىلەن. سانتىپا ئۇنىڭغا ئاچچىقى بىلەن گۆلەيدى.
     ماڭا ئۈگۈت - نەسىھەت قىلمايلا قوي، بىلىمىم يوقلۇقىنى ئۆزۈم بىلىمەن، ئەگەر مەن شۇنداق بولمىغان بولسام، سەن ئۆزۈڭگە پۇت يۇيىدىغان سۇ ئەكېلىپ بېرىدىغان كىشىنى تاپالماس ئىدىڭ.
    سوقرات تىترەپ كەتتى ۋە دەرھال سانتىپانىڭ كۆرۈپ قالماسلىقىنى تىلىدى. بۈگۈن نېمە بولسا مەيلى، ئۇنىڭغا پۇتۇمنى يۇغۇزمايمەن. خۇداغا شۈكۈر. سانتىپا باشقا ئىشلار ھەققىدە كوتۇلدىغىلى چۈشتى.
     قارىغاندا سەن ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالماپسەن. باشقىلارمۇ ساڭا يوشۇرۇنىدىغان جاي تېپىپ بەرمەپتۇ، ئۇنداقتا سەن بىر جەڭچىگە ئوخشاش ئۇرۇشقاندۇرسەن. قولۇڭ قانغا بويالغاندۇ!؟ مەن بىرەر تال ئۆمۈچۈكنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ قويسام، سەن دەرھال كوتۇلدايسەن، مېنى سېنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق باتۇر ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىدۇ دەپ قالما، سەن چوقۇم بىرەر ھىيلە ئىشلەتتىڭ. بولمىسا ئۇلار مۇشۇنداق مۈرەڭگە ئۇرۇپ ماختايتتىمۇ؟ سەن قاراپتۇر، مەن سېنىڭ ھىيلە - مىكرىڭنى ئېچىۋېتىمەن.
    بۇ چاغدا شورپا تەييار بولغانىدى. ئۇنىڭ پۇرىقى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. سانتىپا كۆڭلىكىنىڭ پېشى بىلەن كورىنىڭ سېپىنى تۇتۇپ شىرە ئۈستىگە قويدى - دە، شورپىنى ئۇسسۇشقا باشلىدى. سوقرات ئۆزىنىڭ ئىشتىھاسى بارلىقىنى بىلدۈرۈش ياكى بىلدۈرمەسلىك ھەققىدە ئويلاندى. شورپا ئىچىمەن دېسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستەلنىڭ يېنىغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا ئۇ شۆلگىيىنى يۇتۇپ، جىم ئولتۇرۇۋالدى.
    سوقراتنىڭ كەيپى چاغ ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپ يەنە ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. پىرسىيىلىكلەر بىلەن بولغان بۇ ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمىغان كىشىلەرنى باشقىلار ئاۋارە قىلمايتتى. ھازىر غەلىبىنى تەبرىكلەش ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ھېلىقى خىزمەت كۆرسەتكەن ئادەمنى ئېسىگە ئالماي، ھەر كىم ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز - كۆز قىلىشماقتا. ئەمما ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھەممە شان - شەرەپنى ئۆز دەپتىرىگە يېزىۋالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىنلا، كۆپچىلىك ئاندىن ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدۇ، پەقەت ئۇلار بۇ موزدۇزنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىلا، كۆپچىلىك ئاندىن باشقىلارغا سەت تىللارنى ياغدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئارچىبىيادېسنى ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئانچە رازى ئەمەس. بىراق ئەمدى كۆپچىلىك ئۇنى «ئۇرۇشتا سەن غەلىبە قىلدىڭ، ئەمما دۈشمەننى بىر موزدۇز قوغلىۋەتتى!» دەپ مەسخىرە ئارىلاش مەدھىيىلىشىدۇ.
    پۇتىغا كىرىپ كەتكەن تىكەن تېخىمۇ بەكرەك ئاغرىتىشقا باشلىدى. ئەگەر ئايىغىنى سېلىپ تىكەننى ئېلىۋەتمىسە قان زەھەرلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
     تاماق يېگەندە مۇنچىۋالا شالاپلىتىپ كەتمە، دېدى ئۇ سەۋرسىزلىك بىلەن.
    ئايالى شورپا قوشۇقىنى ئېغىزدىن چىقارمىغان پېتى توختاپ قالدى.
     مەن نېمە قىلىپتىمەن؟
     ھېچنېمە، سوقرات چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال، مەن بىرنەرسىنى ئويلاۋاتاتتىم، دەپ قوشۇمچە قىلدى.
    سانتىپا ئاچچىقى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كورىنى ئوچاق ئۈستىگە قويدى - دە، يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    سوقرات كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ چوڭقۇر بىر تىنىۋالدى. ئۇ ھولۇققىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپقا قورقۇمسىراپ نەزەر تاشلىدى. ھەمدە ساق پۇتى بىلەن سەكرەپ ئارقا تەرەپتىكى كارىۋىتىنىڭ قېشىغا باردى. سانتىپا ئۆيگە رومىلىنى ئالغىلى كىرگەندە ئۇنىڭ ئاسما تېرە كارىۋاتتا مىدىرلىماي ياتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە دەرھال كاللىسىغا «ئۇ ھەقىقەتەن بىتاپ ئوخشايدۇ» دېگەن ئوي كېلىپ، ئۇنىڭدىن سورىغۇسى كەلدى. چۈنكى سانتىپا ئېرىگە ناھايىتى سادىق ئىدى. ئەمما ئۇ تېخىمۇ ياخشى چارىنى ئويلاپ تېپىپ، ئۆيدىن غىڭ قىلماي چىقتى - دە، قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن بىللە تەبرىكلەش يىغىنىغا كەتتى.
    سوقرات ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياخشى ئۇخلىيالمىدى، ئويغانغان چېغىدا كۆڭلى ناھايىتى پەرىشان ئىدى. ئۇ ئايىغىنى سېلىۋەتكەن بولسىمۇ، تىكەننى تارتىپ چىقىرالمىغاچقا پۇتى بەك ئىششىپ كەتتى.
    بۈگۈن ئەتىگەندە ئايالى خېلىلا ياۋاشلاپ قالغانىدى.
    تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن، سانتىپا شەھەردىكى ھەممە كىشىنىڭ ئېرى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. چوقۇم كىشىلەر ئۇنىڭغا قايىل بولغۇدەك بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا كېرەك. سانتىپا ئېرىنىڭ پىرسىيىلىك پۈتكۈل سەپ ئەسكەرلەرگە تاقابىل تۇرالىغىنىغا ھەرقانداق قىلىپمۇ ئىشىنەلمەيتتى. «سوقرات يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەرگە سوئال قويۇپ، ئۇلارنى تىل قىسىنچىلىققا قالدۇرالايدۇ» دەپ ئويلايتتى سانتىپا «ئەمما پىرسىيىلىك ئەسكەرلەرنى پۈتكۈل سەپ بويىچە توختىتىپ  قالالمايدۇ. ئۇنداقتا، زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ!؟»
    ئۇ ئويلاۋېرىپ تېگىگە يېتەلمىدى. شۇڭا قوي سۈتىنى كارىۋاتتا ياتقان سوقراتنىڭ قولىغا سۇندى.
    سوقراتنىڭ زادىلا ئورنىدىن تۇرغۇسى يوق ئىدى.
     سېنىڭ كوچىغا چىققۇڭ كەلمىدىمۇ؟ دەپ سورىدى سانتىپا.
     سوقرات «كۆڭلۈم تارتمايدۇ» دەپ غۇتۇلدىدى.
    ھېچكىم ئايالىنىڭ مۇلايىملىق بىلەن سورىغان سوئالىغا بۇنداق قوپال جاۋاب بەرمەيتتى. ئەمما سانتىپا ئۇنىڭ كىشىلەرگە كۆرۈنگۈسى يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى - دە، سوقراتنىڭ قوپال جاۋابىنى ئاڭلىمىغانغا سالدى.
    كىشىلەر ئەتىگەندە ھال سوراپ كېلىشكە باشلىدى.
    بۇ بىرقانچە ياش باي ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئۆيگە كېلىپ - كېتىشىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار ئىزچىل ھالدا سوقراتنى ئۇستاز دەپ بىلەتتى. ھەتتا ئۇ سۆزلىگەن چاغدا گوياكى بىرەر يېڭىلىقنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشقاندەك تولۇق خاتىرىلىۋېلىشاتتى.
    بۈگۈن ئۇلار ئۆيگە كىرىپلا، سوقراتقا پۈتكۈل ئافېنانىڭ ئۇنى مەدھىيىلەۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىشتى ۋە بۇ پەلسەپە تارىخىدىكى زور ئىش (شۇڭا يەنىلا سانتىپانىڭ دېگىنى دۇرۇس بولۇپ، بۇنى باشقا بىرنېمە دەپ ئەمەس، بەلكى «فىلېرسوفىيە» دەپ ئاتاش كېرەك)، سوقرات ئۇلۇغ كۆزەتكۈچىنىڭ ئۇلۇغ پائالىيەتچى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېيىشتى.
    سوقرات ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى جىم تۇرۇپ ئاڭلىدى، ئۇنىڭ ھازىر ئادەتتىكىچە چاقچاقلارغىمۇ رايى يوق ئىدى. ئۇلار بەس - بەس بىلەن سۆزلەۋاتقان چاغدا، سوقرات ئۆزىنى گوياكى باشقىلار يىراقتىكى گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك، يىراق بىر يەردە كۆتۈرۈلگەن ئاسمان - زېمىننى تىترەتكۈدەك قاتتىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئۇ پۈتكۈل شەھەرنىڭ، ھەتتاكى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ كۈلكە ئاۋازى بولۇپ، ناھايىتى يىراقتىن ئاڭلىناتتى، بەلكى بارغانسېرى يېقىنلاپ توسقىلى بولمايدىغان ھالدا يېقىنلاپ كېلىپ، بارلىق كىشىلەرنى، يولدا كېتىۋاتقانلار، بازاردىكى سودىگەرلەر ۋە سىياسىئونلار، دۇكانلاردىكى ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆز ئىچىگە تارتىۋاتاتتى.
     سىلەرنىڭ بۇ گەپلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى يالغان، دېدى سوقرات تۇيۇقسىزلا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، مەن ھېچنېمە قىلمىدىم.
    ياشلار بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى:
     راست، بىزمۇ شۇنداق دېدۇق، چۈنكى بىز سىزدە مۇشۇنداق كۆزقاراشنىڭ بارلىقىنى بىلەتتۇق. ئون يىلدىن بۇيان سوقرات روھىي جەھەتتە ئەڭ ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى. ئەمما ھېچكىم ئۇنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمىدى. ھازىر ئۇ بىر قېتىم غەلىبىلىك جەڭ قىلسا، پۈتكۈل ئافېنادا ئۇنىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ. سىلەر بۇنىڭ تولىمۇ يىرگىنىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر، دېدۇق، دېدى.
    سوقرات ئۇھ تارتتى.
    «ئەمما مەن غەلىبىلىك جەڭ قىلغىنىم يوق، دۈشمەن ماڭا ھۇجۇم قىلغاندا، مەن پەقەت ئۆزۈمنى قوغدىدىم، مەن بۇ ئۇرۇشقا قىزىقمايمەن، چۈنكى مەن قورال - ياراق سودىگىرى ئەمەس، بۇ ئەتراپتا ئۈزۈمزارلىقىممۇ يوق. مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا ئۇرۇشىدىغانلىقىمنى زادىلا بىلمەيمەن. مەن شەھەر ئەتراپىدىن كەلگەن بىرقانچە كاللىسى سەگەك كىشىلەر بىلەن بىللە بولدۇم، ئۇلارمۇ بۇ ئۇرۇشقا قىزىقمايدىكەن. مەن قىلغاننى ئۇلارمۇ قىلدى، كۆپ بولغاندا مەن ئۇلاردىن سەل بالدۇرراق قىلغاندۇرمەن».
    ئۇلار نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قېلىشتى.
     شۇ ئەمەسمۇ، دېيىشتى ئۇلار يەنە، بۇنى بىزمۇ دېدۇق، سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز ئۆزىنى قوغداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ سىزنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلغانلىقىڭىزنىڭ سىرى. ئەپۇ قىلىڭ. بىز تەنتەربىيە سارىيىغا بارايلى، بىز دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق. پەقەت سىزدىن ھال سوراپ كېلىش ئۈچۈن سۆھبەتنى ئۈزۈپ قويدۇق.
    ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ، يول بويى مۇنازىرىلىشىپ مېڭىشتى.
    سوقرات ئۈن - تىنسىز ياتاتتى. ئۇ بېشىنى ئىككى ئالىقىنىنىڭ ئۈستىگە قويغان پېتى ئىستىن قارايغان تورۇستىن كۆز ئۈزمەيتتى.
    ئۇ توغرا قىياس قىلغانىدى. قورقۇنچلۇق ئىش ئاخىر يۈز بەردى.
    سانتىپا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرۇپ كونا كۆڭلەكنى يامىغاچ، ئېرىگە پات - پات قاراپ قوياتتى.
    ئۇ بىردىنلا:
     بۇنىڭ ئىچىدە زادى قانداق ئويۇن باردۇر- ھە!؟ دېدى پەس ئاۋاز بىلەن.
    سوقرات چۆچۈپ كەتتى ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۇنىڭغا قارىدى.
    سانتىپا كۆپ جاپا چەككەن ئايال ئىدى. كۆكرىكى خۇددى ياغاچتەك تۈز بولۇپ، كۆزلىرى غەمكىن ۋە مەيۈس ئىدى. سوقرات ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ تالىپلىرى كەلگۈسىدە سوقرات ئۇ ھەممە ئىلاھلارنى ئىنكار قىلغان ئەسكى بىر موزدۇزغۇ؟ دېيىشسە، سانتىپا يەنىلا سوقراتنى قوللايتتى. ئۇ سوقرات بىلەن بىللە كۆپ جاپا چەكتى، ئەمما ئەزەلدىن ئاغرىنىپ باقمىدى. ھەتتا سوقرات ئاخشاملىرى پۇللۇق تالىپلىرىنىڭ يېنىدىن ئاچ قورساق يېنىپ كەلگەن چاغلاردىمۇ، ئوچاق ئۈستىدە ئايالى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان بولكا بىلەن بىر پارچە چوشقا مېيىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتى.
    ئۇ ئۆزىدىن ھەممە ئىشنى ئايالىمغا دەپ بېرەيمۇ دەپ سورىدى، ئەمما دەرھال «ئەگەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دەپ بەرسەم، ھېلى يەنە باشقا كىشىلەر كۆرگىلى كېلىپ، مېنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرىم ئۈستىدە سۆز ئاچسا، مەن سانتىپانى قارىتىپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىشقا مەجبۇر بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ مۇنداق قىلغۇسى كەلمىدى، بولۇپمۇ ئايالى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يەنە ساختىلىق قىلىشقا كۆڭلى تارتمايتتى، چۈنكى سوقرات ئايالىنى ھۆرمەت قىلاتتى. شۇڭا ئۇ بۇ خىيالىنى تاشلاپ مۇنداق دېدى:
     تۈنۈگۈنكى سوغۇق پۇرچاق شورپىسى قورسىقىمنى كۆپتۈرۈۋەتتى...
    سانتىپا ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندەك قىلىپ يالتتىدە قاراپ قويدى.
    ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئاشقان تاماقنى تۆكۈۋېتىشكە يول قويمايتتى. ئۇ پەقەت ئايالى سورىغان سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى ئىدى. سانتىپا ئۇنىڭ ئىچىدە قانداقتۇر بىر جىننىڭ بارلىقىغا بارغانسېرى چوڭقۇر ئىشەندى. ئۇ نېمىشقا ئورنىدىن تۇرمايدۇ؟ دۇرۇس، ئۇ كۈندە دېگۈدەك كەچ يېتىپ ۋاخچە قوپاتتى. بىراق تۈنۈگۈن بالدۇرلا يېتىۋالدى. بۈگۈن ھەممە ئادەم غەلىبىنى تەبرىكلەش ھەلەكچىلىكى بىلەن بەنت، بازاردىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىپتۇ. دۈشمەننى قوغلاپ كەتكەن ئاتلىق ئەسكەرلەرمۇ ئەتىگەن سائەت بەشتە قايتىپ كېلىشتى. كۆپچىلىك ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازىنى ئاڭلىدى. سوقرات ئادەتتە تاماشا كۆرۈشكە ئامراق ئىدى. بۇنداق كۈنلەرگە يولۇققاندا، ھامان ئەتىگەندىن كەچ كىرگىچە ئۇيان - بۇيان چېپىپ يۈرۈپ كىشىلەر بىلەن بەس - مۇنازىرىلىشەتتى. بۈگۈن نېمىشقا ئورنىدىن تۇرمايدۇ؟
    ئىشىكتە كىشىلەرنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپ، تۆت ئەمەلدار ئۆيگە كىرىپ كېلىشتى. ئۇلار ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ سوقراتقا قاراشتى ۋە بىرسى ئەمەلدارلىق كىبىرى بولسىمۇ ئىنتايىن ئەدەپ - قائىدىلىك تەلەپپۇزدا، ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇققا بىنائەن سوقراتنى ئاريوپاگقائاريوپاگ  تاغ ئىسمى، ئافېنا ئالىي سوتى شۇ يەرگە جايلاشقان.تەكلىپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. سەركەردە ئارچىبىيادېس سوقراتنىڭ جەڭدە كۆرسەتكەن خىزمىتىنى تەقدىرلەش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپتۇ.
    كوچىدىن ئاڭلانغان كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىرى قوشنىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا توپلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
    سوقرات پۈتۈن بەدىنىنىڭ قارا تەرگە چۆمگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىللە بېرىشنى رەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتتىن چۈشۈشى، ھېچبولمىغاندا ئۆرە تۇرۇپ بىرقانچە ئېغىز رەھمەت سۆزلىرىنى ئېيتىپ، بۇ كىشىلەرنى ئىشىك ئالدىغا ئۇزىتىپ چىقىشى لازىملىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شۇنىمۇ بىلەتتىكى، ئۆزى ئەڭ كۆپ بولغاندا، پەقەت ئىككى قەدەم ماڭالىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا ئۇلار ئۇنىڭ پۇتىنى كۆرىدۇ - دە، ھەممە ئىش ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇئان قۇلاقنى يارغۇدەك كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلىدۇ.
    شۇڭا ئۇ ئورنىدىن تۇرمىدى، بەلكى ئۆرۈلۈپ يۈزىنى قاتتىق ياستۇق ئۈستىگە قويدى - دە، سەۋرسىزلىك بىلەن مۇنداق دېدى:
     ماڭا ھېچقانداق تەقدىرلەشنىڭ كېرىكى يوق. سىلەر ئاريوپاگقا قايتىپ بېرىپ، مېنى «دوستلىرى بىلەن سائەت 11 دە ئۆيگە كېلىپ كۆپچىلىك قىزىقىدىغان بەزى پەلسەپە مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي مۇزاكىرىلىشىمىز دەپ كېلىشىپ قويۇپتۇ. شۇڭا بارالمايدىغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندى» دەپ قويۇڭلار. مەن ئەمەلدارلارنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا لايىق كەلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ھېرىپ كەتتىم.
    ئۇنىڭ ئاخىرقى جۈملىنى قوشۇپ قويۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ پەلسەپىنى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆزى ئاچچىقلانغانىدى. ئالدىنقى گەپنى قىلىشتا، قوپال پوزىتسىيە بىلەن ئەمەلدارلارنى تېزرەك كەتكۈزۈۋېتىشنى مەقسەت قىلاتتى.
    ئەمەلدارلار بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى. ئۇلار دەرھال بۇرۇلۇپ سىرتقا ماڭدى ۋە ئىشىك ئالدىغا توپلىنىپ تاماشا كۆرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ پۇتىنى دەسسەپ ئۆتۈپ يۈرۈپ كېتىشتى.
     سېنىڭ ئەمەلدارلارنى بۇنچىۋالا كۆزگە ئىلماسلىققا نېمە ھەددىڭ!؟ قاراپتۇر، ئۇلار تاناۋىڭنى تارتمىسا، دېدى ئايالى ئاچچىقى بىلەن ۋە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
    سوقرات ئايالى يوق پەيتتىن پايدىلىنىپ، ئېغىر گەۋدىسىنى تەسلىكتە ئۆرىدى - دە، كارىۋات قىرىدا ئولتۇرۇپ، ئىشىككە قارىدى ۋە يارىلانغان پۇتىدا ئېھتىيات بىلەن يەرنى دەسسەپ باقتى، ئەمما ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ تاشلىدى.
    ئۇ يەنە قارا تەرگە چۆمۈپ، ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى.
    يېرىم سائەت ئۆتتى. سوقرات بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. يارىدار پۇتىغا تېگىپ كەتمىسىلا، باشقا ھېچقانداق سېزىم يوق ئىدى.
    بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ دوستى ئانتىتانىسئانتىتانىس (مىلادىدىن ئىلگىرى 368 - 444 يىللاردا ياشىغان، سوقراتنىڭ تالىپى. يۇناندىكى بىر ئىلمىي ئېقىمنىڭ ئىجادچىسى).كەلدى. ئۇ قېلىن پىلاشنى يەشمەستىنلا كارىۋات بېشىغا يېقىن كېلىپ تۇردى ۋە ھاسىراپ يۆتىلىشكە باشلىدى. ئاندىن كېيىن ساقىلىنى تاتلىغاچ سوقراتقا قارىدى.
     سەن تېخىچىلا ياتامسەن؟ مەن ئۆيدە پەقەت سانتىپالا بارمىكىن دەپتىمەن. مەن ئالايىتەن سېنى كۆرگىلى كەلدىم. ئېغىر زۇكام بولۇپ قاپتىمەن. شۇڭا تۈنۈگۈن كېلەلمىدىم.
     ئولتۇر، دېدى سوقرات سوغۇقلا.
    ئانتىتانىس ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىن بىر دانە ئورۇندۇقنى ئەكېلىپ، سوقراتقا يېقىن ئولتۇردى.
     مەن بۈگۈن كەچقۇرۇن يەنە دەرس ئۆتۈشنى باشلايمەن، يەنە ئارقىغا سۆرەۋېرىشكە بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
     شۇنداق.
     مەن ئۇلارنىڭ كېلىش - كېلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن. بۈگۈن غەلىبە تەبرىكلەش زىياپىتى بولىدىكەن. يولدا كېلىۋاتقىنىمدا خۇرستون دېگەن يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭغا بۈگۈن كەچقۇرۇن ئالگېبىرادىن دەرس ئۆتىمەن دېسەم، بەك خۇش بولۇپ كەتتى. مەن شىليومىڭنى كىيىپ كېلىۋەردىم، دېدىم. پروتېگولاسپروتېگولاس (مىلادىدىن ئىلگىرى 415 - 485 - يىللار) يۇناندىكى بىر ئىلمىي ئېقىمنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى، سوقراتنىڭ مۇنازىرىدىكى دۈشمىنى. ئۇنىڭ «ئىنسان  ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ئۆلچىمى» دېگەن ئاتاقلىق سۆزى بار.قاتارلىقلار ئانتىتانىس ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىرىنچى ئاخشامدا يەنە ئالگېبىرا دەرسىنى ئۆتۈشكە باشلاپتۇ دەپ ئاڭلىسا، چوقۇم ئاچچىقىدىن سەكرەپ كېتىدىغان بولدى - دە.
    سوقرات سەل - پەل قىيسايغان تامنى قولى بىلەن تىرەپ، ئۆزىنىڭ ئاسما كارىۋىتىنى يېنىك تەۋرىتەتتى، ئۇنىڭ پولتىيىپ چىققان بىر جۈپ كۆزى ئانتىتانىسىغا تىكىلگەنىدى.
     سەن يەنە كىملەرنى ئۇچراتتىڭ!؟
     خېلى كۆپ.
    سوقراتنىڭ ئىمانى ئۇچتى. ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپ تورۇسقا قارىدى. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئانتىتانىسقا ئېيتايمۇ؟ ئۇ بۇ دوستىغا ئىشىنەتتى. سوقرات ئەزەلدىن ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. شۇڭا ئانتىتانىس بىلەن ھېچقانداق پايدا - زىيان توقۇنۇشى يوق ئىدى. بەلكىم بۇ ئاۋارىچىلىقنى ئۇنىڭغا ئېيتىش زۆرۈردۇر.
    ئانتىتانىس بەزىدە نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كۆزى بىلەن دوستىغا قىزىقسىنىپ قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ بىردىنلا مۇنداق دېدى:
     ھېلىقى گىئودىياس گىئودىياس (مىلادىدىن ئىلگىرى 375  483 - يىللار) يۇنان ئېقىمىدىكى پەيلاسوپ، سوقراتنىڭ مۇنازىرىدىكى دۈشمىنى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق ھەقىقەتنى بىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ.كىمنى كۆرسە ئۇنىڭغا سېنى «دۈشمىنىنى كۆرۈپلا تىكىۋېتىپتۇ. بەك ئالدىراپ قېچىپ نىشاندىن ئادىشىپ، ئالدى تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ» دەپتۇ. مۇشۇ سۆز ئۈچۈن بىرقانچە يىگىتلەر ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولۇشۇپتۇ...
    سوقرات بېشىنى بىردىنلا بۇراپ، خاپا ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى.
     يالغان گەپ، دېدى ئۇ ئاچچىقى بىلەن. ئۇ دۈشمەنلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىۋالسا، ئۆزىگە تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى تېپىۋالىدىغانلىقىنى چۈشەندى.
    سوقرات تۈنۈگۈن كەچتىن تارتىپ تاڭ سۈزۈلگىچە خىيال سۈرۈپ، بۇ ئىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى بىر تەجرىبە دېيىشكە بولامدۇ - يوق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلاندى ھەمدە ئۇ كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ھالدا يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى. يىگىرمە يىلدىن بۇيان مەن ئىزچىل ھالدا ھەممە يەردە تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىپ كەلدىم، ئەمما بىرەر پىتنە - ئېغىۋا سۆز چىقسىلا، ھەتتا ئوقۇغۇچىلىرىممۇ مېنى ئۇرۇشپەرەس ۋەھاكازالار دەپ قارىشىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماسلىق كېرەك ئىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ھازىر تىنچلىقپەرۋەرلىكنى نەس باسىدىغان بولدى. ئۇرۇشتا يېڭىلسە، ھەتتا يۇقىرىدىكى كىشىلەرمۇ بىر مەھەل تىنچلىقپەرۋەر بولۇشۇۋالىدۇ؛ ئۇرۇشتا يەڭسە، تۆۋەندىكى كىشىلەرمۇ ئۇرۇشنىڭ ھىمايىچىلىرىگە ئايلىنىدۇ. ھېچبولمىغاندا بىر مەزگىل شۇنداق بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى ئۇلار غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلچە پەرقسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىۋالغۇچە شۇنداق بولىدۇ. بولمايدۇ، ھازىر تىنچلىقپەرۋەرلىك قىلىپ باش كۆتەرگىلى بولمايدۇ.
    كوچىدىن ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاتلىق كىشى ئىشىك ئالدىدا ئېتىنى توختاتتى. ئارچىبىيادېس يېنىڭ قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىرىپ كەلدى.
     ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن. ئانتىتانىس، سېنىڭ پەلسەپە ئىشىڭ يېقىندىن بېرى قانداق بولۇۋاتىدۇ!؟ ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەپتۇ، دېدى ئۇ خۇشاللىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا، سوقرات، ئاريوپاگتىكى ھېلىقى كىشىلەر سېنىڭ جاۋابىڭنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خاپا بولۇپ سەكرەپ كېتىشتى. مەن ئەسلى ساڭا شەرەپ گۈل چەمبىرىكى تاقاشنى تەكلىپ قىلغانىدىم، كېيىن چاقچاق قىلىپ سېنى ئەللىك تاياق ئۇرۇشقا ئۆزگەرتتىم. بۇ تەكلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ تېرىكتۈرۈۋەتتى. چۈنكى ئۇلار كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايتتى. ئەمما سەن چوقۇم مەن بىلەن بىللە بار، ئىككىمىز مېڭىپ بارىمىز.
    سوقرات ئېغىر ئۇھ تارتتى. ئۇ ئارچىبىيادېس بىلەن ناھايىتى چىقىشاتتى. ئىككىسى دائىم بىللە ھاراق ئىچەتتى. ئۇنىڭ ئىزدەپ كېلىشتىكى مۇددىئاسى ياخشى ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە ئاريوپاگنى مەسخىرە قىلىش بىلەنلا توختاپ قالمايتتى. ئەگەر ئاشۇ ئوي بىلەنلا كەلگەن بولسا، يەنىلا ھۆرمەت قىلىش، قوللاش زۆرۈر ئىدى.
    سوقرات ئۆزىنىڭ ئاسما كارىۋىتىنى داۋاملىق تەۋرىتەتتى. ئاخىرىدا ئۇ توختاپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇنداق دېدى:
     ئالدىراقسانلىق گوياكى ئۆتكۈنچى شامالغا ئوخشاش، ئادەمنى ھارغۇزۇۋېتىدۇ، ئولتۇر.
    ئارچىبىيادېس قاقاقلاپ كۈلۈپ، ئورۇندۇقنى تارتىپ كارىۋات يېنىدا ئولتۇردى. ئۇ ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، سانتىپاغا ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ سالام قىلدى. سانتىپا بۇ چاغدا ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ، ھۆل قوللىرىنى كۆڭلىكىنىڭ پېشىگە سۈرتۈۋاتاتتى.
     سىلەر پەيلاسوپلار ھەقىقەتەن كۈلكىلىك ئادەملەركەنسىلەر، دېدى ئارچىبىيادېس سەل - پەل سەۋرسىزلىك بىلەن، بەلكىم سەن مېنىڭ غەلىبىلىك جەڭ قىلىشىمغا ياردەم بەرگىنىڭگە پۇشايمان قىلغاندۇرسەن. ئانتىتانىس سېنىڭ سەمىڭگە ساپتىغۇ!؟ سەۋەبلىرى كۆپ بولسىمۇ، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، شۇنداقمۇ؟
     بىز ھېلى ئالگېبىرا ئۈستىدە سۆزلەشتۇق،  دېدى ئانتىتانىس ئالدىراپ، ئارقىدىنلا يەنە يۆتىلىشكە باشلىدى.
    ئارچىبىيادېس خىرقىراپ كۈلدى.
     مەن خېلى بۇرۇنلا مۇشۇنى ئويلىغان. دېمەكچى بولغىنىم، بۇنداق ئىش ئۈچۈن داۋراڭ كۆتۈرمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، توغرىمۇ؟ بوپتۇ، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇنى باتۇرلۇق دەپ ئاتاش كېرەك. سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە ئالاھىدە بىر ئىش قىلمايلى. بىراق شەرەپ گۈل چەمبىرىكى ئېسىش قانداق ئالاھىدە ئىش بولسۇن! سەن قېرى، چىشىڭنى چىشلەپ مۇشۇ قېتىم ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قوبۇل قىلغىن. ئاغرىققا بىردەم چىدىساڭ بولمىدىمۇ!؟ بۇ ئىش تۈگىسە ئىككىمىز بېرىپ رومكا سوقۇشتۇرىمىز...
    ئۇ سوقراتنىڭ يوغان گەۋدىسىنىڭ ئاسما كارىۋاتتا تېخىمۇ بەكرەك تەۋرىنىۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ قارىدى.
    سوقرات ئەپچىل چارە ئويلاپ، ئىشەنچلىك سەۋەبتىن بىرنى تېپىپ چىقتى. ئۇ پۇتۇمنى تۈنۈگۈن كەچتە ياكى بۈگۈن ئەتىگەندە قايرىۋالدىم دېسە، ياكى مەسىلەن، ئەسكەرلەر مېنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ كېلىپ يەرگە قويغان چاغدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ھوشۇقىمنى چىقىرىۋاپتىمەن دېسە بولىۋېرەتتى. بەلكى بۇنداق دېسە ئازراق پەلسەپە پۇرىقىمۇ چىقاتتى. چۈنكى بۇ بىر كىشىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن چاغدا ئۆزىنى ئوڭايلا زەخىملەندۈرۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.
    ئۇ ئاسما كارىۋاتنىڭ تەۋرىنىشى توختىماي تۇرۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى ۋە ئوڭ قولى بىلەن يالىڭاچ سول مۈرىسىنى ئۇۋۇلاپ، دۇدۇقلاپ مۇنداق دېدى:
     ئىش مۇنداق ئىدى، مېنىڭ پۇتۇم...
    ئۇ ئۆي ئىچىگە ئەنسىزلىك بىلەن نەزەر تاشلىدى، چۈنكى ھازىر بۇ ئىش ئۈچۈن راستتىنلا يالغان گەپ قىلىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ بۇ ھەقتە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالغانىدى. ئەمما بۇ گەپ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئاشخانا ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان سانتىپانى كۆرۈپ قالدى.
    سوقرات گېلىغا بىرنەرسە تىقىلغاندەك بولۇپ توختاپ قالدى. ئۇ بىردىنلا بۇ ھېكايىنى توقۇپ چىقىشتىن يالتايدى. ئۇنىڭ پۇتى قايرىلىپ كەتكىنى يوق.
    ئاسما كارىۋات تەۋرەشتىن توختىدى.
     ئاڭلاپ تۇر، ئارچىبىيادېس! دېدى سوقرات بىردىنلا روھلىنىپ، ھەمدە ئىنتايىن ئېنىق تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، بۇ ئىشتا باتۇرلۇق ئۈستىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. مەن جەڭ باشلىنىشى بىلەنلا، يەنى بىرىنچى تۈركۈمدىكى پىرسىيىلىكلەرنى كۆرۈپلا قاچتىم، يۆنىلىشمۇ خاتا ئەمەس، ئارقىغا قاراپ قاچتىم. قېچىپ كېتىۋېتىپ بىر چاتقاللىققا   كىرىپ قاپتىمەن. بىر چاغدا پۇتۇمغا تىكەن كىرىپ كېتىپ يۈگۈرەلمەي قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىغا چىدىماي شەمشەر ئوينىتىپ ساراڭلارچە چاپقىلى تۇردۇم. ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىدىن نەچچىسىنى چېپىپ تاشلىغىلى تاس قاپتىمەن. قورققىنىدىن ساراسىمگە چۈشۈپ، پىرسىيىلىكلەرنى بۆكتۈرمىگە ئۇچراتتۇق دەپقالسۇن دەپ، باشقا ئەترەتلەرنىڭ نامىنى ھەدەپ توۋلىغىلى تۇردۇم. بۇمۇ بىر ئەخمەقلىق، چۈنكى ئۇلار يۇنان تىلىنى بىلمەيدۇ - دە، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خېلى جىددىيلەشتى. ئاخىرىدا ئۇلار بۇ چۇقان - سۈرەنگە چىدىماي قالدى. سەۋەب، ئۇلارمۇ ئالغا بېسىش يولىدا چوقۇم قاتتىق چارچىغان - دە. پىرسىيىلىكلەر بىردەم تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋىدى، ئۈستىگە ئاتلىق ئەسكەرلىرىمىز باستۇرۇپ كەلدى. ھەقىقىي ئەھۋال مانا شۇ...
    ئۆينىڭ ئىچى بىرقانچە دەقىقە جىمجىتلىققا چۆكتى. ئارچىبىيادېس مىدىر - سىدىر قىلماي سوقراتقا قاراپ ئولتۇراتتى. ئانتىتانىس ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇۋېلىپ يۆتىلىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ناھايىتى تەبىئىي ھالدا يۆتەلدى. سانتىپا تۇرغان ئاشخانا ئۆي ئىشىكىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.
    ئانتىتانىس ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىپ:
     ئىش مۇنداق ئىكەن، سەن ئەلۋەتتە ئاريوپاگقا بارالمايسەن، ئاقساقلاپ تۇرۇپ پەلەمپەيمۇ پەلەمپەي سەكرەپ چىقىپ، شەرەپ گۈل چەمبىرىكى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇنى مەن بىلىمەن، دېدى.
    ئارچىبىيادېس ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا كارىۋاتتىكى پەيلاسوپنى كۆزىتىۋاتاتتى. مەيلى سوقرات ياكى ئانتىتانىس بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا قارىمىدى.
    ئارچىبىيادېس قەددىنى رۇسلاپ ئولتۇردى - دە، ئىككى قولى بىلەن تىزىنى تۇتتى. ئۇنىڭ ئورۇق، بالىلارچە يۈزى سەل - پەل تارتىشىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
     - سەن نېمىشقا باشقا يەردە يارىلاندىم دېمەيسەن، دەپ سورىدى ئۇ.
     ‏- چۈنكى پۇتۇمغا بىر تال يوغان تىكەن كىرىپ كەتتى، دېدى سوقرات قوپاللا قىلىپ.
      ـ ھە، شۇنىڭ ئۇچۈنلىما؟ دېدى ئارچىبىيادېس، مەن ئۇقتۇم...
    ئۇ ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، كارىۋات يېنىغا باردى.
     ناھايىتى ئەپسۇس. مەن ئۆزۈمنىڭ ھېلىقى شەرەپ گۈل چەمبىرىكىمنى ئالغاچ كەلمەپتىمەن، ئۇنى مۇھاپىزەتچىگە بېرىپ قويۇپتىمەن. بولمىسا ھازىر ساڭا قالدۇرۇپ كېتەتتىم. سەن مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنگىن، مېنىڭ قارىشىمچە، سەن ھەقىقەتەن قەھرىمان ئىكەنسەن. مەن ھېچكىمنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ سەن بايا ئېيتقان گەپلەرنى دېگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان...
    ئۇ تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
    كېيىن سانتىپا سوقراتنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ، تىكەننى سۇغۇرغان چاغدا، خاپا ھالدا مۇنداق دېدى:
     قان زەھەرلىنىشكە تاسلا قاپتۇ.
     ھەر ھالدا، دېدى جاۋابەن پەيلاسوپ.

    (خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتى» پەسىللىك ژۇرنىلىنىڭ 1981 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىندى).

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:33:13]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.