نېمە ئۈچۈن مەشھۇرلىرىمىزنىڭ پورتىرىتى

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-28 13:17:00

بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا تاشلىغۇچىنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە باردەك قىلىدۇ... چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا دۇنيادا ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، سېرىق تەنلىكتىن ئىبارەت 3لا ئىرق بار . بەكرەك ئىنچىكىلىگەندە شەرق...

    بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا تاشلىغۇچىنىڭ ئىدىيىسىدە مەسىلە باردەك قىلىدۇ...

        چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا دۇنيادا ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، سېرىق تەنلىكتىن ئىبارەت 3لا ئىرق بار . بەكرەك ئىنچىكىلىگەندە شەرقى ئاسىيا ئىرقى، موڭغۇل ئىرقى، مالاي ئىرقى، دىراۋىد-پولېنىزىيە ئىرقى، پامىر-ئارىيان ئىرقى،  كاۋكاز ئىرقى، ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقى(ھام-سام ئىرقىمۇ دىيىلىدۇ)، سىكاندىناۋىيە ئىرقى، سۇدان ئىرقى، بانتۇ ئىرقى، يەرلىك ئامېرىكىلىقلار ئىرقىدىن ئىبارەت مۇھىم 11ئىرق بار. بۇ يەردە ئەرەپ ئىرقى ياكى ئۇيغۇر ئىرقى ھەتتا ئوتتۇرا ئاسيا ئىرقى دەيدىغان گەپمۇ يوق. ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا ئىرقلار ئارىسىدا چوڭ جەھەتتىن قوشۇلۇش بولغانلىقتىن ھەر بىر ئىرقلار ئارىسىدا يەنە بىر نەچچە خىل ئىرقنىڭ ئالامىتى ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇمۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز ۋە بالقانلىقلار قوشۇلۇپ كاۋكاز ئىرقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەبلەر بولسا ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقىغا تەۋە ئاق تەنلىكلەر بولسىمۇن ئەمما ئۇزۇن مەزگىل ئافرىقىلىقلار بىلەن ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكىلەرگە قارىغاندا جەنۇپقا سۈرۈلگەنچە قارا تەنلىكلەرگە يېقىنلشىپ ماڭغان ئەھۋالنى بايقىغىلى بولىدۇ.

        كاۋكاز ئىرقى بىلەن پامىر ئارىيان ئىرقى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ئىرقىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلرى ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر قەدىمقى شەخسلىرى ھەتتا تېنچ ئوكيان، ھىنگان بويلىرىدىن كەلگەن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەرگىز ياپما قاپاق، پاناقراق كەلگەن شەرقى ئاسىيا ئىرقى ياكى مەڭزى سۆڭىكى ئالاھىدە كەلگەن موڭغۇل ئىرقى بىلەن ھەرگى بىر نەسەبتىن ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىرقى تارىخى كاۋكازدىكى كۆچمەنلىكتىن قىپچاق دالاسىدىكى كانكىئو خانلىقىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ماكانلىشىشتىن پۈتكۈل ئاسىيا يايلاقلىرىنى بويسۇندۇرۇشقىچە، ھۇن ئىمپىريىسىدىن قايتا غەربكە كۆچۈشكىچە   بولغان تارىخى دەۋرلەر بولغان. موڭغۇل دالىلىىرى پەقەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈنچى ماكانى بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركلەشكەن موڭغۇل ۋە قىتانلارنىڭ ئۇمۇمى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتنولوگىيىسىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى بىزنى سېرىق تەنلىكلەر ئىرقىغا قوشۇۋەتكۈدەك دەرىجىدە بولغان ئەمەس.

        خۇلاسە كالام، ئۇيغۇرلار ئىرقى جەھەتتىن شەرقى ئاسىيانىڭ ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز ئىرقى چەمبىرىكىنىڭ ئەزاسى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياپما قاپاق قىلىنماي كاۋكاز ئىرقىغا مەنسۈپ تەسۋىرلەنگىنى پۈتۈنلەي تارىخ ۋە ئەقلى تاللاشقا ئۇيغۇن. بىز چىرايىمىزنى ئۆزىمىز تاللىيالمايمىز، ياپما قاپاق ، پاناق ۋە ھەتتا ۋىجىكرەك يارىلىپ قالغان بولساق ھىچقىسى يوق، ئەمما مۇھىمى، بىز ئىدىيە جەھەتتىن بىزگە تىل ۋە مەدەنىيەت قالدۇرغان ئاساسى  ئەجدادلىرىمىزنىڭ كاۋكاز ئىرقىدىن ئىكەنلىكىدىن تانساق  ھەرگىز بولمايدۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق