مىننەتدار بول ھەم قانائەتنى بىل

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-28 01:54:00

مىننەتدار بول ھەم قانائەتنى بىل مىننەتدار بول ھەم قانائەتنى بىل «ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەركىنلىككە ئېرىشىشنىڭ توققۇز باسقۇچى» ناملىق كىتابى بىلەن داڭ چىقىرىپ بېيىغان ئومان خانىم گەرچە ھەرقاند...

     مىننەتدار بول ھەم قانائەتنى بىل

        مىننەتدار بول ھەم قانائەتنى بىل «ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەركىنلىككە ئېرىشىشنىڭ توققۇز باسقۇچى» ناملىق كىتابى بىلەن داڭ چىقىرىپ بېيىغان ئومان خانىم گەرچە ھەرقانداق راھەت - پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە قۇربى يەتسىمۇ، لېكىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى قانائەت تاپالمايۋاتقانلىقىنى، ھەتتا دوستلىرى بىلەن بىللە تۇرسىمۇ نېمىشقىدۇر يالغۇزسىراپلا تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

          ھازىرقىدەك كاتتا باي بولالىشىم چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەنىدى. لېكىن نېمىشقىدۇر يەنىلا ئازابلىنىمەن، ھايات مەنىسىزدەكلا تۇيۇلىدۇ. قارىغاندا خۇشاللىقنىڭ ئۆزى پۇلدىلا ئەمەس ئىكەن، دۇنيادا نېمىنىڭ ئادەمگە ھەقىقىي شادلىق بېغىشلىيالايدىغانلىقىنى راستتىنلا بىلەلمىدىم. توغرا، رېئاللىقتا ئومان خانىمغا ئوخشاش ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى پۇل تېپىشقا سەرپ قىلىپ، ئاخىر «خۇشاللىقنىڭ ئۆزى پۇلدىلا ئەمەس ئىكەن» لىكنى تونۇپ يېتىدىغانلار ئاز ئەمەس. مۇبادا ئۇ پراگېر يازغان «شادلىق ــــ كەسكىن تېما» ناملىق كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ باققان بولسا ئىدى. شادلىققا ئېرىشىشنىڭ سىرى دەل مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغان بولاتتى. پراگېر ئۇ كىتابىدا «ئادەمنىڭ قايغۇدىن قۇتۇلالماسلىقى پەقەت ئۆزىگىلا باغلىق. ئۇ ئۆزىدىكى قايغۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقالىسىلا ، ئۇنىڭدىكى قايغۇنىڭ ئورنىنى شادلىق ئىگىلىگەن بولاتتى» دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پراگېرنىڭ قاراشلىرىدىن «مىننەتدارلىقنى بىلمىگەن ئادەم شادلىقتىن بىدار يۈرگۈسى» دېگەن يەكۈننى چىقىرىشى مۇمكىن. بوش ئۆزىنىڭ «شادىمان ئىستىراھەت» ناملىق ئەسىرىدە: ئاتا - ئانىلارنى بالىلىرىغا مىننەتدارلىق ۋە بالىلىرىمىزغا بېرىدىغىنىمىز ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ تەمەسىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز شادلىقىنى ئۆزى تېپىش قۇدرىتىگە چاڭ سالغان بولىمىز. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار ۋە چوڭلار بالىلاردىن چىن ئىخلاسى بىلەن «ھەشقاللا» دېيىشنى تەلەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بەجاكەلتۈرۈشى لازىم، دەيدۇ. قانائەت ـــ شادلىقنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر. پسىخولوگ دويج مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئىنتىلىشىنى قانائەت تاپقۇزالماسلىق، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىق ۋەجىدىن قايغۇغا غەرق بولىدۇ. پراگېر ئۆز ئەسىرىدە «ئىنتىلىش گاھىدا شادلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاشىلا قىلسىمۇ، لېكىن ئۇ ‹گۈزەل ھايات› نىڭ ئايرىلماس ۋە ئۆچمەس بىر قىسمىدۇر، ئەمما ئارزۇ ئۇ باشقا نەرسە. ئالايلۇق، بىز سالامەتلىكنى ئارزۇ قىلىمىز. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.» پراگېر مىسال كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا بەدىنىڭدە ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالدى، دەيلى. بۇنى سەزگەن ھامان دەككە-دۈككە ئىچىدە دەرھال دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتىسەن. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى ئۆمرۈڭدىكى ئەڭ بەختلىك مىنوتلاردا تۇرۇۋاتقاندەك سېزىسەن. ``ئەمەلىيەتتە، شۇ مىنۇتتا تېنىڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئىلگىرىكىدىن قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ‹ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىكەن› دېگەن دىئاگنوزنى ئاڭلىغان چېغىڭدا ئالەمچە شادلىققا تولىسەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ دەل سالامەتلىكىڭدىن ئەنسىرەپ، ‹تېنىم ساغلام بولسا بولاتتى‍› دېگەن ئارزۇدىن قۇتۇلغانلىقىڭدىندۇر.`` شۇڭا پراگېر بىزگە سالامەتلىكنى «ئارزۇ» قىلىدىغان دەككە - دۈككىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سالامەتلىككە «ئىنتىلىش» ىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇنداق تەشۋىشلىك ئارزۇ بەئەينى«مېنى ئىشقا ئالىدىغان ئورۇننىڭ ئېغىزچە ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىسەم بولاتتى»، «تىجارەت تاكتىكام مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا بولاتتى»، «يولدشىمنىڭ ئۆمرى كوتا بولۇپ قالمىسا بولاتتى» دەپ ئەندىشە ئىچىدە ۋايىم يېگىنىڭگىلا ئوخشايدۇ. ناۋادا «ئىنتىلىش» بىلەن «ئارزۇ»نى پەرقلەندۈرەلمىسەڭ، ئاخىرىقى ھېسابتا ‹ئۈمىدسىزلىك› ئىچىدە قالىسەن. ناۋادا ئارزۇلىرىڭ ئىشقا ئاشماي قالسا، ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا بولۇپلا قالماي، بەلكى شادلىقلىرىنىڭ زۆرۈر شەرتى بولمىش مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى، ئەتراپىمىزغا ئەستايىدىل سەپ سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىشلىرىدا يارقىن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئۇلارنىڭ كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكى شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقىي مىننەدارلىق تۇيغۇسى ھاسىل قىلالىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. دېمەك، بىر ئادەم ئۆز ئۆمرىدە باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشلىرىغا نائىل بولۇپ، باشقىلاردا كۈچلۈك مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلالسا، ئۇ ھەممىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالايدۇ؛ ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ؛ ئەكسىچە بولسا مەڭگۈ تەنھا، يار - يۆلەكسىز قالىدۇ. قىسقىسى، كۆڭۈل - كۆكسى مىننەتدارلىق بىلەن تولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇشال - خۇرام ياشىيالايدۇ. ئەكسىچە، مىننەتدارلىقنىڭ نېمەئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەم ھاياتتىن شادلىق تاپالمايدۇ. شۇنى بىلىشىڭ لازىمكى، ئارزۇلىرىڭ كۆپەيگەنسىېرى، سەندىكى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىمۇ شۇنچە ئاجىزلاپ بارىدۇ. شۇڭا ئارزۇلىرىڭ قانائەت تاپقان ئاشۇ دەقىقىدە، ئۇنى مۇقەررەرلىك دەپ ئويلىما. شۇنداق قىلالىساڭلا ھاياتىڭ ئازاپ ۋە دەككە - دۈككىدىن مۇستەسنا، شادلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. قايسى ساھەدە نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايلى، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسەكلا يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ئۆي - جاي دېگەنلەرگە ئىگە بولالايمىز. چۈنكى پەرۋەردىگار زېمىندىكى تۈرلۈك - تۈمەن مەۋجۇداتنى يەنى تاغۇ - تاشلاردىن تارتىپ ئۇچار - قۇش، ئۆسۈملۈك ۋە مىنېراللارغىچە بىر خىل بايلىق سۈپىتىدە يارىتىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىنىشى، شۇنداقلا تۇرمۇشىنى قامداپ، ھاياتىنى شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ھىممەت قىلغاندۇر.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق