تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-08 07:26:30

ماشىنا قوزغالدى، بوۋاي تاغ چوققىسىدىكى ئۆيگە قايتتى. بوۋاي ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچتى ھەم ئۆيگە كىردى. ئۇ بىنادىكى بىر ياتاق ئۆيگە كىردى.

     

    تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي

    ( ئەنگلىيە ) بودى .جونسون
    ئەسلى ئەسەردىن چېن زوڭلىن تەرجىمىسى
    خەنزۇچىدىن ئابلەت باھايدىن تەرجىمىسى
     
    ئاندىرو.لايىد  ئايالى بىلەن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالماقچى بولۇپ، بىر ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى بىلەن كۆرۈشتى.
    __ مەن بۇ شەھەردە خىزمەت قىلىمەن، __ دېدى ئاندىرو  ۋاستىچىگە ،___ مەن ئۆي سېتىۋالماقچى .
    __ مەن سىزگە ياردەم قىلالايمەن، __ دېدى ئۆي ۋاستىچىسى، __ سىز قانچىلىك پۇل چىقارالايسىز ؟
    __ 10 مىڭ فونتسىتېرلىڭدىن ئېشىپ كەتمىسۇن، __ دېدى ئاندىرو.
    __ بۇ شەھەردە  زور كۆپچىلىك ئۆيلەرنىڭ باھاسى 10 مىڭ فونت سىتېرلىڭدىن يۇقىرى __ دېدى ۋاستىچى .
    __ شۈبھىسىز بار جۇمۇ،__  دېدى ئاندىرونىڭ خوتۇنى __ بىز ئۇنداق چوڭ ئۆيگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ئۆيدە ئىككەيلەنلا تۇرىمىز.
    ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى خاتىرە دەپتىرىدىكى تىزىملىكتىن  ئۆي ئىزدەۋاتاتتى __ بۇ يەردە بىر  ئۆينىڭ باھاسى 10مىڭ فونتستېرلىڭ ئىكەن __ دېدى ۋاستىچى، __ تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ئۆي .
    __ بۇ ئۆيدە چاتاق يوقتۇ؟ __ سورىدى ئاندىرو.
    __ ياق ! __ دېدى ۋاستىچى، __  ئۇ بىر  ناھايىتى ياخشى كىچىك ئۆي،  ۋاستىچى خاتىرە دەپتىرىدىكى تىزىملىكتىن  ئۆي ئىزدىمەكتە ئىدى، __ ئەگەر سىلەر بۇ ئۆينى ياقتۇرساڭلار، __ دېدى ئۇ، __ ئۇنداقتا  سىلەرگە   توققۇز مىڭ فونتسىتېرلىڭغا  كېلىشتۈرۈپ قوياي.
    __ مېنىڭچە  سىز  كېلىشتۈرۈپ قويالمايسىز  __ دەپ قاقاقلاپ كۈلدى ئاندىرو، __ ئۆينىڭ چاتىقى باردەك قىلىدۇ– ھە؟
    __ ماڭا ئىشىنىڭ __ دېدى ۋاستىچى، __ بۇ ئۆيدە ھەقىقەتەن ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئۆي ناھايىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، ئۆي ئالدىدا تېخى گۈللۈكى بار. مەن بۇ ئۆينىڭ  راستىنلا نېمە سەۋەبتىن سېتىلمايۋاتقانلىقىنى  بىلەلمىدىم.  بولمىسا  ئۆي بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقى  10 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ ماشىناڭلار بولسا … … .
    __ ھوي، بىزنىڭ ماشىنىمىز بار، __ دېدى جېننى. لايىد، __ 10 كىلومېتىر ئانچە يىراق ھېسابلانمايدۇ، مەن سەھرانى  ياخشى كۆرىمەن .
    ئايالى ئاندىروغا بۇرۇلۇپ:
    __ بىز بېرىپ كۆرۈپ باقايلىمۇ؟ __ دەپ سورىدى.
    __ بولىدۇ، __ دېدى ئاندىرو، __  ئۆينى كۆرۈپ باقساق بەرىبىر ھېچقانداق ئىش بولمايدىغۇ.
    ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى ئۇلارغا بىر تال ئاچقۇچنى بەردى ھەم ئەر–ئايال ئىككىسىگە بۇ ئۆينى قانداق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ماشىنا بىلەن مېڭىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەھەردىن چىقىپ، ناھايىتى تېزلا تاغ چوققىسىدىكى ئۆينى تاپتى، ئۇ ئۆي بىر كىچىك تاغ چوققىسىغا جايلاشقان ئىدى.
    __ ئوھۇي، مەن بۇ ئۆينى ياقتۇرۇپ قالدىم، __ دېدى ئايالى ماشىنىدىن چۈشۈۋېتىپ، __ قاراڭ! ئىشىك ئالدىدىكى  گۈللۈكلەرگە.
    __ مەن راستىنلا گاڭگىراپ قالدىم، __ دېدى ئاندىرو، __ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە ئادەم تۇرمايدۇ؟ بۇ ئۆي يامان ئەمەس ئىكەن، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق ئەمەس ئىكەن، بۇ ئۆيدە چوقۇم بىرەر چاتاق بار  جۇمۇ.
    ئۇلار دارۋازا ئالدىغا بېرىپ، ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ، ئۆي ئىچىگە كىردى، ئۆي ئىچى پاكىز ھەم چىرايلىق ئىدى.
    __ ئوھۇي، ئاندىرو! __ دېدى جېننى،  __ بۇ دەل مەن ئويلىغاندەك ئۆي ئىكەن، بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كەلگۈدەك، مەن يۇقىرى قەۋەتكە چىقىپ  ياتاق ئۆينى كۆرۈپ باقاي.
    ئۇ يۇقىرى قەۋەتكە قاراپ مېڭىۋاتاتتى، لېكىن يەنە قەدىمىنى توختىتىپ : __ سىز  بىرەر  ئاۋاز چىقىۋاتقانلىقىنى سەزدىڭىزمۇ ؟ __ دەپ سورىدى ئاندىرودىن .
    ئاندىرو قاقاقلاپ كۈلۈپ :
    __ مېنىڭچە ئۇ يەردە ئۇچار قانات  بولۇشى مۇمكىن __ دېدى.
    __ ھە، شۇنداق ئىكەن، __ دېدى ئۇ، __ ياتاق ئۆينىڭ دەرىزىسىنىڭ بىر قانىتى ئېتىلمەپتۇ ئەمەسمۇ، ئۇچار قانات شۇ يەردىن ئۇچۇپ كىرگەندەك قىلىدۇ .
    جېننى داۋاملىق يۇقۇرىغا ئۆرلىدى.
    __ خەيرلىك سەھەر  !
    ئەر–ئايال دەرھال بۇرۇلۇپ  كەينىگە قارىدى، بىر بوۋاي دەرۋازا  تەرەپتە تۇراتتى .
    __ سىلەر بۇ ئۆينى ياقتۇردۇڭلارمۇ؟ __ دەپ سورىدى  ئۇ، __ سىلەر بۇ ئۆينى سېتىۋالماقچىمۇ؟
    __ بىز بۇ ئىشنى ئويلىشىۋاتىمىز__ دېدى ئاندىرو .
    __ ناھايىتى ياخشى! __ دېدى بوۋاي، __ مەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ، ئۆينى تازىلاپ تۇرىمەن .
    __ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى  بىزگە ئاچقۇچنى بەرگەن ،__ دېدى ئاندىرونىڭ ئايالى، __ مەن ياتاق ئۆينى كۆرۈپ باقاي دېگەن.
    __ ھە، توغرا بوپتۇ،__ دېدى  بوۋاي،__ ئۇ ياتاق ئۆي…، ھەيران قالماڭ، مەن ئېيتپ بېرەي، سىلەر بۇ شەھەردە تۇرامسىلەر ؟
    __ ھە، ياق __ دېدى ئايالى، __ بىز بۇ يەرگە يېڭىلا  كەلگەن.
    __ مەن بۇ شەھەردىن بىر يېڭى خىزمەت تاپقان، __ دېدى ئاندىرو، __ شۇڭا بىز ئۆي ئىزدەۋاتقان .
    __ شۇنداقمۇ! __ دېدى بوۋاي، __ ھەيران قالماڭلار، بۇ ئۆي توغرىسىدا ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى  سىلەرگە ھېچنىمە دىمىدىمۇ؟ بۇ يەردە ھەممە ئىش  يۈز بېرىدۇ، ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسى  سىلەرگە ئېيتىپ بەرمىگەن ئوخشايدۇ؟
    __ ياق، _ دېدى ئاندىرو، __ ئۇ ھېچنېمە دېمىدى، ئۇ بىزگە بۇ ئۆينىڭ سېتىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۆيدە  ھەقىقەتەن  ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ئېيتقان.
    __ ھە، ياق !__ دېدى بوۋاي،  __ بۇ ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىدا ھېچقانداق  مەسىلە يوق، لېكىن كىشىلەر بۇ يەردە تۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ.
    __ نېمە ئۈچۈن؟ __ دەپ سورىدى جېننى.
    __ شۇ ئايال سەۋەبىدىن  __ دەپ سۆز باشلىدى بوۋاي، __ بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى بۇ يەردە، دەل مۇشۇ ياتاق ئۆيدە ئۆلتۈرىۋەتكەنمىش. ئۇلار ئىنتايىن ياش ئىكەن، خۇددى سىلەرگە ئوخشاشلا.
    __ ھە، ياق! __ دېدى جېننى ئىنچىكە ئاۋازدا.
    __ ئۇ ئايالىنى ئۆلتۈرىۋىتىپ يەر ئاستىغا، مۇشۇ گۈللۈككە كۆمىۋەتكەنمىش،  __ دېدى بوۋاي، __ لېكىن ساقچىلار كېلىپ، ئايالنىڭ  جەسىتىنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ، بوۋاي كۈلىۋەتتى، لېكىن بوۋاينىڭ كۈلكىسى ۋەھىمىلىك كۈلكە ئىدى،__ لېكىن ئۆلگەن ئايال  قانداق يەردە، كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئايال بەزىدە ئۆيگە قايتىپ كېلەرمىش، ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كارىۋات يېنىغا كېلىۋالارمىش   ….
    __ ھە، ياق! __ دەپ  ۋارقىرىدى  جېننى،__ئاخىرىنى سۆزلىمەڭ!
    __ بۇ بىر تەسىرلىك ھېكايە ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ __ دەپ  بوۋاي يەنە بىر قېتىم كۈلدى.
    __ ئەگەر سىلەر بۇ ئۆينى سېتىۋالساڭلار، مەن سىلەرنىڭ باغۋىنىڭلار بولۇپ بېرەي، بەلكىم يەنە ھويلىدىكى ھېلىقى ئايالنىڭ جەسىتىنى  كولاپ چىقىرىشىم مۇمكىن، __ دىگىنىچە بۇرۇلۇپ سىرتقا ماڭدى.
    ئەر ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى، ئاندىرو:
    ___ مەن ئۇ ھېكايىگە ئىشەنمەيمەن، بىز ئالدى بىلەن ياتاق ئۆينى كۆرۈپ باققايلىمۇ؟! __ دېدى.
    __ ياق ! __ دېدى جېننى، __ ياق، ئاندىرو، ياق! مەن بۇ ھېكايىنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن بۇ يەردە تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەكمەن، ھېلىقى ئايال، ئۇ …. …
    __ لېكىن بىز ئەمدى توققۇز مىڭ فونتسىتېرلىڭغا سېتىلىدىغان ئۆينى تاپالمايمىز جۇمۇ، __ دېدى ئاندىرو.
    __ كەچۈرۈڭ! ئاندىرو، لېكىن مەن بۇ يەردىن قورقىۋاتىمەن. مېنىڭ دائىم ئويلايدىغىنىم …….. ،___ ئۇ ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسۇپ، __ مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ، ئاندىرو سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇ ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ماشىنا ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىۋالدى. ئاندىرو كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتى.
    __ بىز ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىسىگە  نېمە دەيمىز ئەمدى؟ __ دەپ  سورىدى ئاندىرو ئايالىدىن.
    __ ھە، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەندە بۇ ئۆي شەھەردىن بەك يىراق ئىكەن دەيلى،__ دېدى ئايالى.
      ماشىنا قوزغالدى، بوۋاي تاغ چوققىسىدىكى ئۆيگە قايتتى. بوۋاي ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچتى ھەم ئۆيگە كىردى. ئۇ بىنادىكى بىر ياتاق ئۆيگە كىردى. پول ئۈستىدە بىر قىسىم كونا كىيىملەر تۇراتتى. يەنە بىر پارچە  كىيىملەر كارۋاتتا يېيىقلىق تۇراتتى. كىچىك ئۈستەلدە  يېمەك–ئىچمەكلەر تۇراتتى. ئۈستەل تەرەپتە بىر موماي ئولتۇراتتى.
    __ ئۇلار ئۈستىگە چىققىلى تاسلا قالدى ھە!__ دېدى موماي.
    __ شۇنداق، مەن بىلىۋالغان، __  دېدى بوۋاي، ___ مەن بىر ئاز كېچىكىپ قالدىم، لېكىن مەن ئۇلارغا ھېلىقى ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇنىڭ  ئايالى  راستىنلا ئىشنىپ قالدى. بوۋاي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
    __ ئاياللار دائىم مۇشۇنداق، ئۇلار ئەمدى ھەرگىز كەلمەيدۇ.
    __ ناھايىتى ياخشى، __ دېدى موماي، ___ بىز يەنە  بۇ يەردە 1-2 ئاي تۇرالىغۇدەكمىز.
    __ 1-2 ئاي ؟ ___ دېدى بوۋاي، __ يەنە 1-2 يىل تۇرالايمىز!
    《小小说选刊》‹‹ كىچىك ھېكايىلەردىن تاللانما ›› نىڭ 2000- يىل 1- سانىنىڭ 54- 55- 56 –بەتلىرىدىن  تەرجىمە قىلىندى .

    مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.