ئايغا سەپەر(فانتازىيىلىك پوۋېست)

يوللىغۇچى : Oghuz-han يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-26 23:38:00

مەزكور رۇماننىڭ توردىكى ھوقوقى ئىجادىيەت مۇنبىرىگە تەۋە بولغاندىن باشقا، تەرجىمە قىلغۇچى باشقا بارلىق ھوقوقلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەزكور رۇماننىڭ ئاپتورى دۇنياۋى مەشھۇر فانتازىيە يازغۇچىسى، ...

    مەزكور رۇماننىڭ توردىكى ھوقوقى ئىجادىيەت مۇنبىرىگە تەۋە بولغاندىن باشقا، تەرجىمە قىلغۇچى باشقا بارلىق ھوقوقلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەزكور رۇماننىڭ ئاپتورى دۇنياۋى مەشھۇر فانتازىيە يازغۇچىسى، فىرانسىيىلىك ژۇلى ۋېرىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىزگە تۇنۇش بولغان ئەسەرلىرىدىن يەنە «سىرلىق ئارال»، «كاپىتان گىراند پەرزەنتلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسى»، «15 ياشلىق كاپىتان» قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان رۇمانلىرى بار.

    ئاي شارىغا سەپەر 
    بىرىنچى باپ

     زەمبىرەك كۇلۇبى
    جەنوپ - شىمال ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامرىكىنىڭ ماريلاند شىتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بالتىمور شەھىرىدە تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بىر يېڭى كۇلۇپ ئېچىلدى. ئەينى ۋاقتتا كېمىسازلىق، سودا - سېتىق ۋە مىخانىكىلىق ئەسۋاپلارنى ياساشنى ئۆزلىرىگە كەسپ قىلغان كىشىلەردە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت قابىلىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجىلانغانلىقى بىزگە مەلۇم. نۇرغۇنلىغان ئاددى سودىگەرلەرمۇ ھىچقانداق ھەربىي تەلىم - تەربىيە كۆرمەيلا ئۆز كەسپىي دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، بىرلا يۇمۇلاپ كاپىتان، پولكوۋنىك ھەتتا گېنىرال ئونۋانىغا ئېرىشۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ «جەڭ تېخنىكىسى» ياۋرۇپادىكى ئوخشاش كەسپتىكىلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ھەم ئۇلارغا ئوخشاش زور مىقتاردىكى ئوق - دورا، پۇل ۋە ئەسكەرگە تايىنىپ بىر نەچچە قىتىم غەلبىلىك جەڭ قىلدى. ئەمما، ئامرىكىلىقىلارنىڭ ياۋرۇپالىقلاردىن ئۈستۈن كەلگەن يېرى دەل ئۇلارنىڭ ئوق يول ئىلىمى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بولدى. بۇ ھەرگىز ئامرىكىلىقلارنىڭ ئۇرۇش قوراللىرى قانداق يوقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكى دىگەنلىك بولماستىن، بەلكى بۇ قوراللارنىڭ ھەجىمى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ بولغاچقا ئېتىش ئارلىقى پەۋقۇلاددە يىراق بولاتتى. شۇ دەۋردىكى كىشىلەر ئىلگىرى بۇنداق چوڭ زەمبىرىكلەر توغرىسىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدى. يەر بېغىرلىتىپ ئېتىش، ئىگىزدىن توپقا تۇتۇش، ئودۇلدىن ئېتىش، ياندىن ئېتىش، توغرىسىغا ئېتىش ۋە قارىشىسىغا ئېتىش قاتارلىق جەڭ تېخنىكىلىرى ئەنگىلىيە ، فرانسىيە ۋە پروسسىيىلىكلەرگە نىسبەتەن ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما ئامرىكىلىقلار ياسىغان بۇنداق قورقۇنۇچلۇق زەمبىرەكلەرنىڭ ئالدىدا ياۋرۇپالىقلارنىڭ زەمبىرەكلىرى ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يان قۇرالغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
        ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ئانچە ھەيران قالغۇچىلىكىمۇ يوق. چۈنكى دۇنيادىكى بىرىنچى ئەۋلات ئامرىكىلىق مېخانىكلار ئىتالىيىنىڭ ھۇسوللۇق مۇزىكانتلىرى، گېرمانىيىنىڭ تالانتلىق پەيلاسۇپلىرىغا ئوخشاشلا توغما تالانتلىق ئىنژىنىرلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنى يۈرەكلىك بىلەن ئوق يولى ئىلىمىگە تەدبىقلىيالغانلىقىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. بۇنداق غايەت زور زەمبىرەكلەر گەرچە كىيىم تىكىش ماشىنىسىدەك جانغا ئەسقاتمىسىمۇ ئەمما كىشىلەرنى قايىل قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق قۇراللارنىڭ پارروت، داخلگىرىن ۋە رودىمان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكى بىزگە ئايان. ياۋرۇپالىقلارنىڭ «ئارمىستروڭ»،«پالىسېر»،ۋە «تىروي» قاتارلىقلار بۇنداق كۈچلۈك رەقىبىنىڭ ئالدىدا باش ئەگمەي قالمايدۇ. شۇڭا، جەنوپ - شىمال ئارمىيىسى ئۆزئارا جان تىكىپ ئېلىشۋاتقان مەزگىلدە، مۇشۇنداق زەمبىرەك كەشپىياتچىلىرى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگەنلىۋالدى. فىدراتىسىيە گېزىتلىرى ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەدەپ ماختىدى. ھەتتا كىچىك يايمىكەشلەر ۋە ئۆزلىرىنى تالانتلىق چاغلايدىغان ئەخمەقلەرمۇ كېچە - كۈندۈز كاللا قاتتۇرۇپ ئوق يول ئىلمى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىرەر ئامرىكىلىقنىڭ كاللىسىغا يېڭىچە بىر پىكىر كەلسە دەرھال باشقا بىر ئامرىكىلقنى ئىزدەپ ھەمكارلىشاتتى. ئەگەر ئادەم سانى ئۈچكە يەتسىلا بىرسىنى رەئىس قىلىپ بىكىتىپ قالغان ئىككىسى كاتىپ بولاتتى. تۆت ئادەم بولسا يەنە بىرىنى ئارخىپ باشقۇرغۇچى قىلاتتى. مۇشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىمىز قۇرۇلغان بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئادەم سانى بەش بولسا چوڭ يىغىن چاقىرىپ كۇلۇب بولۇپ قۇرۇلاتتى.
        بالتىمور شەھىرىدىكى ئەھۋاللار مانا شۇنداق بولدى. بىر خىل يېڭى تىپتىكى زەمبىرەكنى تۇنجى بولۇپ ئىختىرا قىلغۇچى بىلەن بىرىنچى بولۇپ قۇيما زەمبىرەكنى ئىجات قىلغۇچى ۋە ئوقخانىسى بار زەمبىرەك ئىجاتچىسى ئۆزئارا ھەمكارلاشتى. مانا بۇ زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ يادرولۇق قىسمىنى تەشكىل قىلدى. كۇلۇپ قۇرۇلۇپ بىر ئاي بولۇپلا 1833 نەپەر رەسمىي ئەزا ۋە 30578 نەپەر ئالاقىچى ئەزانى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ كۇلۇپقا قاتنىشىشىنى ئارزو قىلىدىغانلار ئىلگىرى چۇقۇم مەلۇم بىر خىل يېڭى زەمبىرەكنى ئىختىرا قىلغان بولۇشى، ھىچ بولمىغاندا مەلۇم بىر خىل زەمبىرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغان بولۇشى شەرت ئىدى. ئەگەر زەمبىرەك بولماي باشقا قوراللاردا قولغا كەلتۈرگەن ئوخشاش نەتىجىسى بولسىمۇ بولىۋىرەتتى. ئەمما، گەپنى ئىنىق قىلىپ ئېيتساق، تولۇقلۇق تاپانچا، ئايلانما شەكىلدىكى كارابىن مىلتىقى ياكى قىسقا سىتۋوللۇق مىلتىق بىلەن ھەپلەشكەنلەر ئانچە ئېتبارغا ئېلىنمايتتى. قانداقلا ئەھۋالدا بولمىسۇن، زەمبىرەك ئىختىراچىلىرى ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىشاتتى.
        - ئۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، - دىدى بىر كۈنى زەمبىرەك كۇلۇبىدىكى ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئەرباپ، - ئۇلار ئېرىشىدىغان شان - شەرەپ ئۇلار ياسىغان زەمبىرەكلەرنىڭ چوڭلىقى ۋە ئوقنىڭ يىتىپ بارالايدىغان ئېتىش ئارلىقىنىڭ كۇۋادىراتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، نىيوتوننىڭ قۇدرەتلىك تارتىش كۈچىنى ئەخلاق ساھاسىگە يۈتكەپ كىلەلەيمىز. زەمبىرەك كۇلۇبى قورۇلغاندىن كىيىن ئامرىكىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجاتچانلىققا باي تالانتىنىڭ قانچىلىك چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. ياسالغان قوراللارنىڭ چوڭلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇلار ياسىغان زەمبىرەك ئوقى ئۇچۇپ بەلگىلەنگەن ئارلىقتىن ھالقىپ چىقىپ يولدا كىتۋاتقان بىگۇنا ئادەمنى پارتىلىتىپ ئىككى قىلۋەتتى. يېڭىدىن ئىختىرا قىلىنغان زەمبىرەكلەرنىڭ قۇدرىتى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ياخشى دىيىلگەن زەمبىرەكلەردىنمۇ كۆپ كۈچلۈك ئىدى. بىز تۆۋەندىكى بىر تۈركۈم سانلارنى كۆرۈپ باقساقلا كاللىمىزدا بىر ئادىل ئۇقۇم ھاسىل قىلىشقا يىتىدۇ. ئىلگىرى تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلگەن چاغلاردا ئوتتۇز سەككىز قاداق ئېغىرلىقتىكى زەمبىرەك ئوقىنى ئۈچ يۈز فوتتىن يىراق ئارلىققا يەتكۈزۈپ، يان تەرەپتىن ئوتتۇز ئالتە ئات ۋە ئاتمىش سەككىز ئادەمنى يىقىتالىدۇق.
        بۇ زەمبىرەك تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدىكى ئىش. كىيىن زەمبىرەك ئوقى تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. رودىمان زەمبىرىكىدىن ئېتىلغان يېرىم توننا ئېغىرلىقتىكى زەمبىرەك ئوقى يەتتە ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى بىر يۈز ئەللىك ئات ۋە ئۈچ يۈز ئادەمنى ئاسانلا يوقىتالايتتى. شۇ سەۋەپتىن زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ بىر قىتىملىق رەسمىي سىناق ئېلىپ بېرىش ئىشى چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى سىناق مەيدانىغا قويىدىغان ئاتنى تاپقان بىلەن جىنىنى سىلىپپ بىرىدىغان ئادەمنى تىپىش مۇمكىن ئەمەستە! نىمىلا دىيىشتىن قەتئى نەزەر ئۇلار ياسىغان زەمبىرەكنىڭ قىرغىنچىلىق كۈچى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ھەر بىر قىتىم ئېتىلغاندا دۈشمەن ئەسكەرلىرى خۇددى بۇغداي ئورىغاندەك يىقىلىپ يەر چىشلەيتتى.
        1587- يىلى، كوترانىڭ ئاشۇ داڭلىق زەمبىرىكى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلدى. 1758 - يىلى سوردوپنىڭ يەنە بىر زەمبىرىكىمۇ قىرىق نەپەر ئەسكەرنىڭ جىنىغا زامىن بولغان.
        1742 - يىلى قەيسەرسىدورپنىڭ ئاۋىستىرىيە زەمبىرىكىنىڭ ھەربىر ئوقىمۇ يەتمىش دۈشمەننى يەر چىشلەتكەن. بىراق، رودىمان زەمبىرىكىگە سىلىشتۇرغاندا ئۇلارنى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، شۇنداقلا نانا ياكى ئوستىرىسنىڭ جەڭلەردە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئادەمنى چۈچۈتكىدەك زەمبىرەكلىرىمۇ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيتتى. جەنوپ - شىمال ئورۇشى مەزگىلىدە بىز بۇلارنى ھىس قىلدۇق: گېدىسپاۋ ئۇرۇش لېنىيىسىدە بىر سىپىراللىق زەمبىرەك ئاتقان ھەربىر كۇنۇسسىمان ئوق جەنوپ بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بىر يۈز يەتمىش ئۈچ ئەسكىرىنىڭ جىنىنى ئالغان ئىدى.
        بوتۇماد دەرياسىدىن ئۆتۋاتقان چاغدا بىر پاي رودىمان زەمبىرەك ئوقى جەنوپ بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى يۈز ئون بەش ئەسكىرىنى ئۇ ئالەمگە ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى. بۇ يەردە بىز زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزاسى ۋە دائىمى كاتىپى ماستون ئەپەندى كەشپ قىلغان بىر خىل قورقۇنۇچلۇق قىسقا ئىستىۋوللۇق زەمبىرەكنى(مورتىرا زەمبىرىكى) نەزەردىن ساقت قىلساق بولمايدۇ. بۇ خىل زەمبىرەكنىڭ قىرغىنچىلىك كۈچى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولۇپ زەمبىرەكنى سىنىغان ۋاقتتا بىر پاي ئوقىلا ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە ئادەمنى ئۆلتۈرەلىگەن! بۇ زەمبىرەك ھەقىقەتەن «گۇم»لا قىلغان ئاۋاز بىلەن ھەممىنى ئاخىرلاشتۇراتتى. ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلارلىق بۇنداق كۆپ سانلىق مەلۇماتلارغا نىسبەتەن بىز يەنە نىمىمۇ دىيەلەيتۇق؟ شۇڭا بىز سىتاتىستىكىچى پىت كەيس ھىساپلاپ چىققان ئىستاستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئىنتايىن مەمنۇنلۇق بىلەن قايىل بولۇشىمىز، ئارتۇق تالاش - تارتىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ زەمبىرەك كۇلۇبىدىكى ئەزالار ياسىغان زەمبىرەك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىنى كۇلۇپتىكى ھەربىر ئەزاغا چىچىپ، ھەر بىر ئەزانىڭ تەخمىنەن 2375 دىن كۆپىرەك ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھىساپلاپ چىقتى. مۇشۇ سانلاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدىكى، بۇ ئىلمىي تەشكىلاتنىڭ بىردىن - بىر بۇرچى رەزىللەرنى يوقۇتۇش ۋە ئۇلار تەرپىدىن مەدەنىيەتنىڭ ۋاستىسى دەپ قارالغان قوراللارنىڭ ئىقتىدارىنى تىخىمۇ ياخشىلاش بولدى. بۇ بىر توپ كىشىلەر قەبھ بولسىمۇ يەنىلا ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى بولۇشقا مۇناسىپ.
        بۇ يەردە يەنە قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئامرىكلىقلار پەقەت ئانچە - مۇنچە فورمىلا، قائىدە - قانونىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماي يەنە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە لىيتىناتتىن گېنىرالغىچە قېرى - ياش ھەر دەرىجىلىك جەڭچى - ئوفىتسىرلار بار بولۇپ، بەزىلىرى جەڭگاھتا ئۈمۈر بۇيى تۇرسا بەزىلىرى ھەتتا زەمبىرەك سۇپىسىدىن ياشانغانغا قەدەر ئايرىلمايتتى. نۇرغۇن كىشىلەر جەڭگاھلاردا كۆز يۇمغان بولۇپ ئۇلارنىڭ نامى زەمبىرەك كۇلۇپىنىڭ قەھرىمانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
        ھايات قايتىپ كىلەلىگەنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شۈبھىسىزكى، جەڭگاھتىكى باتۇرلۇقنىڭ نامايەندىلىرىنى ئېلىپ قايتتى. مەسىلەن، ھاسسا، ياغاچ پۇت، يالغان بىلەك، تۈمۈردىن ياسالغان ئىلمەك قول، كاۋچۇك ئېڭەك، پىلاتىنادىن ياسالغان بۇرۇن قاتارلىق تۈرلۈك ياردەمچى ئەزالار بۇلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. پىت كائىن بۇ تۇغۇرلۇقمۇ ئىستاستىكا ئېلىپ بارغان بولۇپ زەمبىرەك كۇلۇبىدىكى ھەر تۆت ئادەمگە مۇكەممەل بولغان بىر جۈپ قول، ھەر ئالتە ئادەمگە بىرجۈپ پۇت توغرا كىلەتتى. ئەمما، قەيسەر زەمبىرەك كەشپىياتچىلىرى بولغان ئىزدەنگۈچىلەر بۇلارغا ئانچە پىسەنت قىلمايتتى. ھەر قىتىم جەڭ ئاخىرلىشىپ ئۇرۇش ئەھۋالى ئىستاستىكا قىلىنىپ، يوقىتىلغان دۈشمەننىڭ سانى سەرىپ بولغان زەمبىرەك ۋە زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئۇلار ئىنتايىن پەخرلىنەتتى. ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا ئۇلار مۇشۇنداق قىلىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق ئىدى.
       لېكىن مەلۇم بىر كۈنى، ھاۋا بۇلۇتلۇق، يىقىمسىز بولغان بىر كۈنى جەڭدە ھايات قالغانلار ئۆزئارا تېنچلىق كىلىشىمى ئىمزالاشتى. پارتىلاش ئاۋازلىرى ئاستا- ئاستا توختىدى، زەمبىرەكلەرمۇ سايراشتىن توختىدى. يۇپۇق بىلەن ئورالغان گاۋبىتسا ۋە كانون زەمبىرەكلىرى ھەربىي قۇرال - ياراق ئىسكىلاتىغا بەنت قىلىندى. زەمبىرەك ئوقلىرى زاۋۇتلاردا دۈۋلەپ قويۇلدى. قانلىق ئەسلىمىلەر كۆڭۈللەردىن ئاستا -ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى. كۆپ مىقتاردا ئوغۇت تۆكۈلگەن تېرىلغۇ يەرلەردە كىۋەزلەر ئىنتايىن باراقسان ئۆستى. ماتەم كىيىمىمۇ قايغۇ - ئەلەم بىلەن بىللە كەتتى. زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ توختاپ قالدى. بىر نەچچە زەمبىرەك مۇتەخخەسىسىلىرى يەنىلا جاھىللىق بىلەن باش چۈكۈرۈپ ئوق يولىنى ھىساپلايتتى: ئۇلار تېخىمۇ كۈچلۈك ئۇغۇر زەمبىرىكى ۋە قۇدرەتلىك زەمبىرەك ئوقى ياساشنى چۈشەيتتى. ئەمما ئەمىليەتتىن ئايرىلىپ قالغان بۇنداق قۇرۇق نەزىرىيىنىڭ نىمىگە پايدىسى بار دەيسىز؟ شۇڭا، زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ چوڭ زالى چۆلدىرەپ قالدى. گېزىتلەر ئۈستەل ئۈستىدە تۇرىۋېرىپ كۆكۈرۈپ كەتتى. زالنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىدىن زەئىپ ئاۋاز كېلەتتى. ئىلگىرى ۋارقىراپ - جارقىراشنى ياخشى كۆرۈدىغان زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى ئەمدىلىكتە نەس باسقان تېنچلىق كىلىشىمى تەرىپىدىن زۇۋانى تۇتۇلۇپ ئۈن - تۈنسىز زەمبىرەك ياساش شېرىن چۈشىگە غەرق بولۇشۇپ كەتتى.
        - ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق، - دىدى قەيسەر تام خونتىر بىر كەچلىكى تاماكا چېكىش بۆلۈمىدىكى تام مەشنىڭ يېنىدا، قارىماققا ئۇنىڭ يوغان ئىككى ياغاچ پۇتى ياغاچ كۆمۈرگە ئايلىنىپ قالايلا دەپ قالغاندەك قىلاتتى، - قىلغۇدەك ھىچقانداق ئىش قالمىدى، ئۈمۈدمۇ يوققا چىقتى. بۇ كۈنلەر نىمە دىگەن زېرىكىشلىك. ئەتىگەن زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ خوشال - خورام ئويقىدىن ئويغىتىدىغان كۈنلەر نەگە كەتتى؟
        - ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، - دىدى بېلسىبى ئالىقاچان كاردىن چىققان بىلىكىنى سوزۇپ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، - ئۇ چاغلار ھەقىقەتەن مەنىلىك ئىدى. - كىملا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بىر خىل يېڭى تىپتىكى گاۋبىنسا زەمبىرىكى ياسىماقچى بولسا زەمبىرەك پۈتكەندىن كىيىنلا دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ ئەمىلىي سىناق ئېلىپ بارالايتتى. كەينىدىنلا شېرماندىن ئىلھاملىنىپ ياكى مېكېللان بىلەن قول تۇتۇشقىنىچە گازارمىغا قايتىپ كىلەتتى. ئەمما، ھازىر گېنراللارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار ئەمدى زەمبىرەك ئوقى ئەمەس، بەلكى ھىچكىمگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان تايلانغان پاختا تىڭىقلىرىنى تۇشۇيدۇ. ئامرىكىنىڭ زەمبىرەكچىلىك كەسپىنىڭ كەلگۈسىنى مۆلچەرلىمەك تەس.
        - شۇنداق، بېلسىبى، - دىدى پولكوۋنىك بلومسبېر يوقىرى ئاۋازدا، - ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. دەسلەپتە بىز جىمجىتلىقنى تاشلاپ قورال ئىشلىتىشنى ئۆگەندۇق. بالتىمور شەھىرىدىن ئايرىلىپ جەڭگاھتا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ھالدا تازا ئىشلىدۇق. شۇنىسى ئەمدىلا ئۈچ يىل ئۆتۈپ نۇرغۇن جاپالار بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى تاشلاپ ئىككى قولىمىزنى يانچۇقىمىزغا سىلىپ مۇشۇنداق بىكار تەلەپلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۋاتىمىز. گەپ شۇنداق بولغان بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىدە يانچۇق كەم بولمىسىمۇ، بۇ قەيسەر پولكوۋنىك ئىككى قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ ئۆزى دىگەندەك ھالەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئامالسىز ئىدى.
        - ئۇرۇشتىن ئۈمۈد قالمىدى دىگەن قانداق گەپ ظذ. بۇ چاغدا ئاتاقلىق ماستون تۈمۈر ئىلمەك بىلەن كاۋچۇكتىن ياسالغان باش قېپىنى تاتلىغاچ گەپكە ئارلاشتى.
       - ئۇرۇش بولمىغىنى بىلەن ھازىر دەل زەمبىرەكچىلىك ئىلىمىنىڭ ئىستىقبالى بولۋاتقان چاغلار، - دىدى ماستون، - سىلەرگە ئېيتسام، بۈگۈن ئەتىگەن مەن يېڭى بىر خىل ئوغۇر زەمبىرىكىنىڭ چىرتىيۇژىنى سىزىپ پۈتكۈزدۈم. تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشى، توغرا كەسمە كۆرۈنۈشى ۋە ئۇدۇل كۆرۈنۈشىنىڭ ھەممىنى سىزىپ چىقتىم. ئۇ چوقۇم ھازىرقى ئۇرۇش قىلىش قانونىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.
       - راستما؟ - شۇنداق، - دىدى ئۇ ، ئەمما شۇنچە كۆپ خىزمەت ئىشلەپ ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يەڭگەننىڭ زادى نىمىگە پايدىسى بار؟ بۇ زىھنى- قۇۋۋەتنى بىكاردىن - بىكارغا ئىسراپ قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ يېڭى دۇنيانىڭ كىشىلىرى تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ. بىزنىڭ جەڭگىۋارلىقنى كۆتۈرىدىغان «مۇنبەر گىزىتى»مىزگىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىدىكى بالايى - ئاپەتنىڭ پەقەتلا قورقۇنۇچلۇق نوپۇس كۆپۈيىشىدىن كىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟
        - ئەمما ماستون، - دىدى پولكوۋنىك بلومسبېر ، - ياۋرۇپادا يەنىلا مىللىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش بولۋاتىدۇ! - ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟
        - نىمە بوپتۇ؟ بەلكىم بىز ئۇ يەرگە بېرىپ تەلىيىمىزنى سىناپ باقساق بولار، ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا...
       - سىز مۇشۇنداق ئويلامسىز؟ - دەپ ۋارقىراپ كەتتى بىلسىبىي، - چەت ئەللىككە ۋاكالىتەن ئوق يولىنى تەتىقىق قىلىش! - بۇ تەتقىقاتنى توختۇتۇپ قويغاندىن ياخشىدۇ، - دىدى پولكوۋنىك رەدىيە بەرگەن ھالدا.
        - شەك - شۈبھىسىزكى، - دىدى ماستون، - ئەلۋەتتە ياخشاراق، ئەمما بىز بۇ تەرەپنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەك.
        - نىمىشقا؟ - سورىدى پولكوۋنىك.
       - چۈنكى كونا دۇنيادا كەڭ ئۇموملاشقان كۆز قاراش بىلەن بىز ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئادىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. لېتناتلىق سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە بولمىغان بىر كىشى ھەربىيلىككە قاتنىشىپ گېنېرال بولالىدى دىسەك، ئۇلار بۇنى قىلچىلىكمۇ تەسەۋۇر قىلالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئادەم ئۆز قولى بىلەن زەمبىرەك ياساپ باقمىغىچە ماھىر توپچى بولالمايدۇ. بۇ ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاددى...
       - ھەقىقەتەن كۈلكىلىك گەپ بولدى، - دىدى تام خونتېر بىر تەرەپتىن ئوۋ پىچىقى بىلەن ئورۇندۇقنىڭ تۇتۇقۇچىنى يۇنۇپ تۇرۇپ بىر تەرەپتىن سۆزلەپ،
        - شۇنداق ئىكەن، بىز ئەڭ ياخشىسى قايتىپ بېرىپ تاماكا تىرىيلى ياكى بولمىسا كىت تۇتايلى.
       - نىمە! - دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى ماستون ياڭراق ئاۋازدا، - ئەجەبا بىز ئەمدى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىدا زەمبىرەك تۈرىنى ئۆزگەرتىش ئىشىنى قىلالمامدۇق؟ زەمبىرەك ئوقىنى سىنايدىغان ھىچقانداق سىناق مەيدانى يوقما؟ زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ كېچىنى يورۇتۇپ پارتلايدىغان يەر قالمىدىما؟ ھىچكىم بىزدەك ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلالىغىدەك خەلقئارا توقۇنۇش يۈز بەرمەمدۇ؟ فرانسىيىلىكلەر بىزنىڭ بىر كېمىمىزنى چۆكتۈرۋەتتىغۇ؟ ئەنگىليىلىكلەر خەلقئارا قانونغا خىلاپلىق قىلىپ بىزنىڭ ئۈچ - تۆت قېرىندىشىمىزنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرمىدىمۇ؟
       - ياق، ماستون، - دىدى پولكوۋنىك بلومبىسېر جاۋاپ بېرىپ،
       - بىزدە بۇنداق ئامەت يوق، ياق، ئەمدى بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، شۇنداقلا يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھىچنىمە قىلالمايمىز. ئامرىكلىقلارنىڭ ئاسانلا ھاياجانلىنىدىغان ھىسىياتى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ ئىشلارنى بىزدىن كىيىنكىلەرگە قالدۇرغىنىمىز ياخشى.
        - شۇنداق، بىز ئەڭ ياخشىسى ئۆپكىمىزنى بېسۋالايلى، - دىدى بىلسىبېي.
       - بىز شۇنداق قىلىشقا مەجبورمىز، - دىدى تام خونتىر تېرىككەن ھالدا.
        - بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىي ئەھۋال، - دىدى ماستون يەنە ھاياجانلانغان ھالدا، - ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇرۇش قىلىشنىڭ مىڭ خىل سەۋەبى تۇرۇپتۇ، ئەمما ئۇلار خالىمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۇت - قولىغا قىيالمايۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەملىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان كالۋالار ئۈچۈن پايدىلىق. قاملاشمىغان، يىراققا بېرىپ جەڭ قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزلەش ھاجەتسىز، شىمالى ئامرىكا بۇرۇن ئەنگىليىلىكلەرگە تەۋە ئەمەسمىدى؟
       - ئەلۋەتتە شۇنداق، - دىدى تام خونتىر ھاسسىسى بىلەن ئوتنى كۈچەپ چوقچىلاپ تۇرۇپ.
        - ئۇنداقتا ناھايىتى ياخشى، - دىدى ماستون ئۇلاپلا، - ئەمدى نىمە ئۈچۈن ئەنگىلىيىنىڭ ئامرىكىغا مەنسۈپ بولۇش نۆۋىتى كەلمەيدۇ؟
       - مۇشۇنداق بولسا ئادىل بولىدۇ، - دىدى پولكوۋنىك بلومبىسېر جاۋاپ بېرىپ.
        - سىلەر بېرىپ ئامرىكا پرېزېدىنتىگە ئېيتىڭلار، - دىدى ماستون يوقىرى ئاۋازدا، - ئۇلار سىلەرنى قانداق قارىشى ئالدىكىن! - ئۇ بىزنى قىزغىن قوبۇل قىلىشى ناتايىن، - دىدى پولكوۋنىك بلومبىسېر چىشىنى كاسىلداتقىنىچە كوتۇلداپ. جەڭدە ئۇنىڭ تۆت تاللا چىشى ساق قايتىپ كەلگەن ئىدى.
       - مەن قوشۇلىمەن، - ۋارقىرىدى ماستون، كىلەركى قىتىم پرېزېدىنت سايلىمىدا ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە بىلەت تاشلىشىمنى ئۈمۈت قىلمىسۇن!
       - بىزدىنمۇ ئۈمۈد كۈتمىسۇن، - دەپ تەڭلا ۋارقىراشتى بىرنەچچە ئۇرۇش خۇمار مىيىپ ھەربىي تۈرلۈك تەلەپپۇزدا.
       - ئەمدى، - دىدى ماستون يەنە سۆلەپ، - گەپنىڭ قىسقىسى، ئەگەر مەن يېڭى زەمبىرىكىمنى ھەقىقى جەڭ مەيدانىدا سىنايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمىسەم زەمبىرەك كۇلۇبىدىن چىكىنىپ چىقىپ ئاركىنزاس شىتاتىدىكى ئوتلاقتا ئۆلۈپلا تۈگۈشىمەن.
       - مەنمۇ سېنىڭ بىلەن بىللە كېتىمەن،- قاپ يۈرەك ماستون بىلەن بىللە تۇرۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ئاۋاز قوشتى. ئىشلار تەرەققى قىلىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەندە كۆپچىلىكنىڭ ھاياجىنى بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقىپ زەمبىرەك كۇلۇبى ئۇزاققا قالماي تارقىلىپ كىتىدىغاندەك تەھتىدكە دۈچ كەلدى. دەل مۇشۇ ۋاقتتا، كىشىنىڭ خىيالىغا كىلىپمۇ باقمىغان بىر ئىش زەمبىرەك كۇلۇبىنى بۇنداق تىراگىدىيىلىك ئاقىۋەتتىن ساقلاپ قالدى. شۇ قىتىملىق سۆھبەت بولۇپ ئىككىنچى كۈنى كولۇب ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بىر پارچىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالدى.
        ئۇقتۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر يېزىلغان ئىدى: «زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ رەئىسى شەرەپ بىلەن كۇلۇپ ئەزالىرىغا شۇنى ئۇقتۇرىدىكى ، ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدىكى يىغىندا ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر دوكلات بېرىدۇ. شۇڭا، كولۇب سىلەرنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىنچە بارلىق ئىشنى قويۇپ تۇرۇپ يىغىنغا قاتنىشىشىڭلارنى ئۆتۈنىدۇ. زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ رەئىسى: ئىمپېي باربىكان بالتىمور، ئۈچۈنچى ئۆكتەبىر

    ئىككىنچى باپ

     رەئىس باربىكاننىڭ دوكلاتى
    10 -ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت سەككىزدە، فىرداتسىيە مەيدانى 21 - نومۇرلۇق زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ھەرقايسى مىھمانخانىلىرى ئادەم بىلەن لىق تولدى. بالتىموردا تۇرۇشلۇق ھەممە ئەزا رەئىسىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغان ئىدى. ئالاقىچى ئەزالار يۈزلەپ - مىڭلاپ تېز پويۇزدىن چۈشۈپ شەھەر كوچىلىرىغا تولۇپ كەتتى. گەرچە يىغىن زالى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ ياندىكى بىر نەچچە مىھمانخانا - كارىدوردىن تارتىپ ھويلىغىچە ھەممە يەر ئادەمگە لىق تولدى، شۇڭا نۇرغۇن ئالىملار ئولتۇرغىدەك ئورۇن تاپالماي ئىشىكتە قىستىلىشىپ تۇرغان پۇقرالار بىلەن بىللە تۇرۇشقا مەجبور بولدى. پۇقرالار رەئىس باربىكاننىڭ بۇ قىتىمقى مۇھىم دوكلاتىنى ئاڭلاشنى ئارزو قىلىشىپ قىستىشاتتى، ئۇرۇلاتتى، «ئاپتۇنۇمىيە» ئىدىيىسى بىلەن تەربىيلەنگەن ئاممىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئاشۇ خىل ھەركەت ئەركىنلىكىنى ئىپادىلىشەتتى. بىر - بىرىنى قىستاپ باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە تىرىشاتتى.
        شۇ كۈنى كەچلىكى بالتىموردا تۇرۋاتقان بىر چەتئەللىك ھەتتا يوقىرى باھا قويۇپمۇ زال ئىچىگە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. چوڭ زال يەرلىك ئەزالار ياكى ئالاقىچى ئەزالار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بولۇپ ئۇلاردىن باشقا ھىچكىمنىڭ بۇ ئورۇنلارنى ئىگەنلىۋىلىشكە بولمايتتى. شەھەردىكى ئاتاقلىق ئەرباپ ۋە شەھەر مەمورىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان خەلق بىلەن بىللە ئارلىشىپ قولىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئىچىدىن چىققان ھەربىر خەۋەرنى تىڭشايتتى. كەڭ زال ئىچىنى ھەقىقەتەن بىر مۈجىزە دىيىشكە بولاتتى. ئازادە يىغىن مەيدانى ۋە يىغىن مەزمونى ئۆزگىچە. يوغان تۈۋرۈكلەر زەمبىرەكنى تىكلەپ ياسالغان بولۇپ توم ئوغۇر زەمبىرىكى ئاساسى تۈۋرۈك قىلىنىپ يومىلاق شەكىلدىكى ئۆگزىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سىپتا ئىشلەنگەن تۆمۈر جازىنى تىرەپ تۇراتتى.
        زال ئۆگزىسى تۈشۈك تىشىش ماشىنىسى بىلەن ھەقىقى چۇيۇندىن گۈللۈك جىيەك چىقىرىلىپ نەقىشلەنگەن ئىدى. زال تېمى كاناي شەكىللىك مىلتىق، قىسقا سىتىۋوللۇق مىلتىق، پىلىكلىق مىلتىق ، كارابىن مىلتىقى ھەم بارلىق كونا - يېڭى دەۋردىكى قوراللار بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۆت تەرەپكە سوزۇلۇپ رەسىم توپلىمىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. گاز لامپا مىڭدىن ئارتۇق تاپانچىدىن تۈزۈلگەن لامپا جازىسىنىڭ ئىچىدە يورۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، تاپانچىدىن قۇراشتۇرۇلغان تۈركۈم - تۈركۈم چىراق سۇپىسى چىراق يورىقىنى تېخىمۇ كۆركەم، ھەيۋەتلىك كۆرسىتەتتى.
        زەمبىرەك مودىلى، برونزا زەمبىرەك ئەۋرىشكىسى، ئوق ئۆتمە - تۈشۈك قىلۋەتكەن قارىغا ئېتىش تاختىسى، زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى ياسىغان زەمبىرەك ئوقى تەرپىدىن پارتىلتىۋىتىلگەن پولات تاختا، يۈرۈشلۈك سۈمبە ۋە زەمبىرەك چوتكىسى، تۈركۈم - تۈركۈم پارتىلىتىش بومبىسى، مارجاندەك تېزىلغان باغلام - باغلام ئوق ۋە گېراناتلار تېزىلغان بولۇپ، قىسقىسى توپچىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ھەممە قورال - سايمان تولۇق نامايەن قىلىنغان ئىدى. قارىماققا بۇ نەرسىلەر كىشىگە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئەمەس، بېزەك ماتىريالى قىلىپ ئىشلىتىدىغاندەك تويغۇ بېرەتتى.
        شەرەپ تاختىسىدا ئەينەك قاپ بىلەن يېپىلغان، پارتلىتىش دورىسى بىلەن پارتىلىتىپ ئەگىرى - بۈگۈرى قىلۋىتىلگەن زەمبىرەك تەگلىكىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ ماستون زەمبىرىكىنىڭ قىممەتلىك تەۋەرۈكى ئىدى. رەئىس ۋە تۆت نەپەر كاتىپ زالنىڭ بېشىدىكى ئازادە مۇنبەردە تۇراتتى. رەئىسنىڭ ئورۇندۇقى گۈل بىلەن نەقىشلەنگەن زەمبىرەك جازىسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ پۈتكۈل ئورۇندۇق گەۋدىسى ئوتتۇز ئىككى سوڭلۇق ئۇغۇر زەمبىرىكىنىڭ تۈزۈلىشىدىن ئۆرنەك ئېلىنىپ ھەم زەمبىرىكىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە سىموۋل قىلىنىپ توقسەن گىرادوسلۇق ئارا بۇلۇڭ چىقىرىلغان ئىدى.
        ئورۇندۇق گەۋدىسى ئايلانما ئوققا ئورنىتىلغان بولۇپ ئالدى - كەينىگە تەۋرىنىپ تۇراتتى، ئىنتايىن راھەت ئىدى. ئالتىنچى نومۇرلۇق قىسقا سىتىۋوللۇق زەمبىرەك تىرەپ تۇرغان قاڭالتىردىن ئىشلەنگەن بىر شىرە ئۈستىدە، نەپىس نەقىش ئويۇلغان گېراناتتىن ياسالغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سىيا قۇتىسىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى. ئۇندىن باشقا شىرە ئۈستىدە يەنە تاپانچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ، پارتىلاش ئاۋازى چىقىرىدىغان قوڭغىراق قويۇلغان ئىدى. مۇنازىرە كەسكىنلىشىپ كەتكەن چاغدا، بۇ خىل يېڭى تىپتىكى قوڭغىراق سايراپ، ئۇنىڭ ئاۋازى زىيادە ھاياجانلانغان زەمبىرەك ئىختىراچىلىرىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەتتى. شىرەنىڭ ئالدىغا ئۇزۇن - ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ بۇ يەر زەمبىرەك كۇلۇبىدىكى ئەزالار ئولتۇردىغان ئورۇن ئىدى. شۇ كۈنى كەچلىكى بۇ ئورۇندۇقلارغا ئادەم لىق تولۇپ كەتتى. كولۇب رەئىسىنىڭ باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ يىتەرلىك سەۋەپ بولمىسا ئۆز ھەمراھلىرىنى بۇنچىلىك چۆچىتۋەتمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتىشتى.
       ئىمپېي باربىكان قىرىق ياشتىن ھالقىغان كىشى بولۇپ تەمكىن، سوغۇققان، كەسكىن، ئەتراپلىق ئويلايدىغان، دىققەت - ئىتبارى مەركەزلەشكەن، ھارقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خاراكتىر ۋە قىلچىمۇ تەۋرەنمەس ئىرادىغا ئىگە پىشقان كىشى ئىدى. گەرچە چەۋاندازلارغا خاس سالاپەت كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما تەۋەككۈلچى ئىدى. شۇنىسى ھەرقانداق چوڭ تەۋەككۈلچىلىك ئالدىدىمۇ ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزلەيدىغان روھنى نامايەن قىلاتتى. ئۇ نامى چىققان يېڭى ئەنگلىيىلىك بولۇپ، ئامرىكىنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن ئىدى. باربىكان ئىلگىرى ياغاچ تىجارىتى قىلىپ چوڭ بايغا ئايلانغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە زەمبىرەك ياساش كەسپىنىڭ باشقارما باشلىقى بولۇپ ئۆزىنىڭ كۆپكە ماھىر قابىلىيىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى. يۈرەكلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، زەمبىرەك تەرەققىياتىغا كۆپ كۈچ چىقىرىپ، بۇ خىل قورالنىڭ ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتىشىگە مىسلىسىز تۈرتكۈلۈك رول ئوينىدى.
        بۇ ئادەمنىڭ بوي بەستى ئورتىھال، ساغلام، پۇت - قولى بىجرىم بولۇپ، زەمبىرەك كولۇبىدا بۇنداق ئادەم ناھايىتى ئاز ئىدى. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى پەرەز قىلىش ئۈچۈن يان تەرەپتىن قاراش كېرەك دىگەن گەپ پۇت تىرەپ تۇرالىغان بولسا ئۇنداقتا باربىكانغا يان تەرەپتىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، قەتئىلىك، يۈرەكلىك ۋە سوغۇققانلىقتىن ئىبارەت ئىدى. ھازىر ئۇ قىلچىلىكمۇ مىدىرلاپ قويماي، تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئامرىكلىقلار دائىم كىيۋالىدىغان سىلىندىرسىمان تەلپەكنى چۈكۈرۈپ كىيىپ كۆڭلىدە بىرنىمىلەرنى ئويلاۋاتاتتى. كولۇب ئەزالىرى ئۇنىڭ يېنىدىلا قىزغىن بەس - مۇنازىرە قىلۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرى تەپەككۈر يۈرگۈزىشىگە دەخلى قىلمىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار بىر - بىرىسىدىن سورۇشۇپ ، كەينى- كەينىدىن قىلىشىپ ، رەئىسنى كۆرسۈتۈشۈپ ئۇنىڭ قىتىپ قالغان چىرايىدىن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان جاۋاپنى ئىزدىشەتتى. ئەمما ئۇلار ھىچنىمىنى تاپالمىدى. زالدىكى سائەت قوڭغىرىقى سەككىز قىتىم ئۇرۇلدى. دەل شۇ چاغدا باربىكان ئورنىدىن پۇرژىندەك سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. يىغىن مەيدانى بىردىنلا تىمتاسلىققا چۆكتى. ئۇ مۇبالىغە قىلغاندەك ئاھاڭدا يىغىننىڭ دەسلىۋىدىلا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلدى: - مۆھتىرەم ئەزالار، تىتىقسىز تېنچلىق كىلىشىمى زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرىنى قىلغۇدەك ئىش قالمىغان مەنىسىز تۇرمۇش قاينىمىغا ئىلىپ كىرگىنىگە خېلى بولۇپ قالدى. بىر نەچچە يىلدىن بىرى تۈرلۈك ئىشلارنى بىشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەمدى ئىشىمىزنى تاشلاپ قويۇشقا، ئىلگىرلەۋاتقان يولدا توختاپ قىلىشقا مەجبور بولۋاتىمىز. مەن يوقىرى ئاۋازدا شۇنداق جاكارلاشتىن قورقمايمەن: قورالنى قولىمىزغا قايتا توتقۇزىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇشنىڭ ھەممىسى قارىشى ئېلىنىدۇ...
       - توغرا، ئۇرۇش ، - دىدى ئاچچىقى يامان ماستون غۇدۇرىغىنىچە.
        - تېنچ... تېنچلىنايلى، - دىيىشتى ئەتراپتىكىلەر تۇشمۇ - تۇشتىن.
        - ئەمما ئۇرۇش، - دىدى باربىكان، - ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئەمدى ئۇرۇش بولمايدۇ. بايا مېنىڭ سۆزىمنى بۆلىۋەتكەن ھۆرمەتلىك ئەرباپنىڭ قانداقلا ئۈمۈدى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىزنىڭ زەمبىرەكلىرىمىز جەڭگاھلارنى خېلى ئۇزۇن ۋاقتقىچە زىلزىلىگە سالغان ئىدى. شۇڭا، بىز خاتىرىمىزنى جەم قىلىپ، بىزنى يىمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا يول تىپىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى رەئىسنىڭ گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ تېخىمۇ دىققەت بىلەن تىڭشاشقا باشلىدى.
        - يىقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، مۆھتىرەم ئەزالار، - دىدى باربىكان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - مەن ئۆزەمگە سوئال قويۇپ كەلدىم. بىز ئۆز كەسپىمىزدە ئون توققۇزىنچى ئەسىرگە مۇناسىپ بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ سىناق ئېلىپ بارالامدۇق - يوق؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلاندىم. ئوق يولى ئىلىمى بىزنىڭ نىشانىمىزغا يىتىشىمىزگە ياردەم قىلالامدۇ - يوق؟ مەن تاھازىرغىچە تەپەككۈر يۈرگۈزدۈم، ھىساپلىدىم ۋە ئىزدەندىم. ئاخىرقى نەتىجە بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان بىر تۈرلۈك ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈردى. بۇنداق ئۇزۇن ۋاقت ئىزدەنگەن پىلانىم دەل بۈگۈن بەرمەكچى بولغان دوكلاتىمنىڭ ئاساسى مەزمونىدىن ئىبارەت. بۇ سىلەرگە مۇناسىپ كىلىدۇ، زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئۆتمۈشىدىكى پارلاق دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى زىل - زىلىگە سالىدۇ.
        - پۈتۈن دۇنيانى زىل - زىلىگە سالىدۇ؟ - دىدى زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ بىر سادىق كەشپىياتچىسى يوقىرى ئاۋاز بىلەن.
        - شۇنداق، ھەقىقەتەن پۈتكۈل دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ، - دىدى باربىكان جاۋاپ بېرىپ.
       - ئۇنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىگە يول قويۇڭلار، - دىدى بىر نەچچەيلەر. - مۆھتىرەم ئەزالار، - دىدى رەئىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،
        - مېنىڭ سۆزۈمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. يىغىن مەيدانى قايتىدىن گۈرۈستان جىمجىتلىقىغا چۈمدى. باربىكان تەلپىكىنى ناھايىتى تېز تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن سالماق ئاۋاز بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
        - مۆھتىرەم ئەزالار، سىلەر ھەممىڭلار ئاي شارىنى كۆرگەن، ھىچ بولمىغاندا ئاي توغرىسىدا ئاڭلاپ باققان. ئەگەر مەن بۇ يەردە بۇ قاراڭغۇلۇقتىكى ئاسمان جىسىمى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتسەم ئەجەپلەنمىساڭلارمۇ بولىدۇ. بەلكىم بىز بۇ نامەلۇم دۇنيادىكى كولۇمبو بولۇپ قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن. سىلەرنىڭ مېنى چۈشۈنىشىڭلارنى، پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەن سىلەرنى باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرغىلى بارىمەن. ئۇنىڭ نامى بۇ بۈيۈك قوشما شىتاتنى تەشكىل قىلغۇچى ئوتتۇز ئالتە شىتاتنىڭ قاتارىغا تىزىلىشى كېرەك.
       - ھۇررا، ئاي شارى، - پۈتكۈل زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى تەڭلا ۋارقىراپ تاشلىدى.
        - بىز ئاي شارىغا نىسبەتەن ئاز بولمىغان تەتقىقات ئېلىپ باردۇق، - دىدى باربىكان يەنە،
       - ئۇنىڭ ماسسىسى، زىچلىقى، ئېغىرلىقى، ھەجىمى، تۈزۈلۈشى، ھەركىتى، يەر شارى بىلەن بولغان ئارلىقى ۋە ئۇنىڭ قوياش سېستىمىسىدىكى رولى قاتارلىقلار ئۈستىدە يىتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولدۇق. بىز سىزغان ئاي شارىنىڭ جۇغراپىيىلىك خەرىتىسى مۇكەممەللىشىش دەرىجىسىگە يىتىپ باردى. خەرىتىنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى سىزىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئانچە پەرق قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، فوتو ئاپاراتى بۇ ھەمراھىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان تەڭداشسىز ئېسىل رەسىملىرىنى تارتتى. قىسقىسى، ئاي شارى توغرىسىدا ماتىماتىكا، ئاستىرنومىيە، گىئولوگىيە ، ئوپتىكا ئىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ بىز بىلمەكچى بولغان، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشتۇق. ئەمما، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن بىۋاستە ئالاقە باغلاپ باقمىدۇق. رەئىسنىڭ بۇ سۆزى ئىنتايىن چوڭ قوزغۇتۇش رولى پەيدا قىلدى.
        - مېنىڭ ئاددى، چۈشۈنۈشلىك بايان قىلىپ بېرىشىمگە روخسەت قىلغايسىلەر، - دىدى ئۇ داۋاملىق، - قانچىلىك ئەخمەق ئىشىكتىن قانداق چىقىپ خىيالىي ساياھەت قىلىدۇ؟ كەسكىن ئېيتقاندا ئۇلار بىزنىڭ ھەمراھىمىزنىڭ سىرىنى بىلۋالدى.
        - ئون يەتتىنچى ئەسىردە، داۋىد فابرىكۇس ئىسىملىك بىر كىشى لاپ ئۇرۇپ ئۆز كۆزى بىلەن ئاي شارىدىكى ئادەمنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. 1649- يىلى فرانسىيىلىك جىن بادۇن «ئىسپانىيىلىك تەۋەككۈلچى دومىنگو گونزالىزنىڭ ئايدىكى ساياھەت خاتىرىسى» دىگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، سىيرانو دې بارگىراكنىڭ داڭلىق كىتاپى «ئايغا سەپەر خاتىرىسى» ئېلان قىلىندى. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپلا فونتېنېللې ئىسىملىك بىر فىرانسىيىلىك «كۆپ سانلىق دۇنيا» ناملىق كىتاپ يازدى. بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقتتا ئۇنىڭ نادىر ئەسىرى ئىدى، ئەمما ئۆزلىكسىز ئىلگىرلەۋاتقان ئىلىم - پەن بۇ نادىر ئەسەرنىمۇ يوق قىلۋەتتى.
       ـ 1835 - يىلنىڭ ئالدى كەينىدە تەرجىمە قىلىنغان «ئامرىكىدىكى نىيو - يورك» ناملىق كىتاپچىدە جون ھېسچىلنىڭ ئاستىرنومىيىنى تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. كىتاپتا ئۇ بىر دانە ئىچىدىن يورۇتىلىدىغان دوربۇندىن پايدىلىنىپ ئاي شارىنىڭ ئارلىقىنى سەكسەن يارد يىقىنلاتقانلىقى يېزىلغان. شۇنداق بولغاندا ئۇ سۇ ئېتى تۇرىدىغان ئۆڭكۈر، ئالتۇن جىيەكلىك يېشىل تاغ، مۆڭگۈزلۈك قوي ھەم شەپەرەڭگە ئوخشاش پەردىلىك ئاي شارى ئادىمىنى چوقۇم ئېنىق كۆرەلەيدۇ. لوك ئىسىملىك بىر ئامرىكىلىق يازغان بۇ كىتاپچە پەۋقۇلاددە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتى.
        - ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا كىشىلەر بۇنىڭ بىر ئىلمىي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. فرانسىيىلىكلەر ئالدى بىلەن زاڭلىق قىلىپ كۈلدى. -ئامرىكلىقلارنى مەسخىرە قىلدى، - دىدى ماستون يوقىرى ئاۋازدا،
        - مانا بۇنىڭ ئۆزى ئۇلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشنىڭ ئەپلىك باھانىسى بولالايدۇ.
        - خاتىرجەم بولۇڭ، مۆھتىرەم دوست، فرانسىيىلىكلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قىلىشتىن ئاۋال، ئۇلار تامامەن بىزنىڭ بىر قېرىندىشىمىزغا ئەخمەق بولۇپ يۈرىدى. بۇ قىسقىغىنا تارىخى ھىكايىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەن يەنە بىر گەپنى تۇلۇقلاپ ئۆتەي. روتىرداملىق يەنە بىر خانس پفال ئىسىملىك كىشى نىتروگىندىن ئايرىپ ئېلىنغان گاز جىسىم قاچلانغان ھاۋا شارىنى ياساپ چىققان. بۇ خىل ئايرىپ ئېلىنغان گاز ھىدروگېندىن ئوتتۇز يەتتە ھەسسە يىنىك بولۇپ، ئۇ بۇ ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ ئون توققۇز كۈن ئۇچقاندىن كىيىن ئاخىرقى نىشانى ئاي شارىغا يىتىپ بارغان. بۇ قىتىمقى سەپەرمۇ يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن بايانلارغا ئوخشاش پۈتۈنلەي شېرىن خىيالدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇمۇ ئامرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى، بىر تالانتلىق فانتازىيە ئىجادىيەتچىسىنىڭ ئەسىرى. مېنىڭ داۋاتقىنىم ئىدگار پوئى.
        - ھۇررا، ئىدگار پوئى، - دەپ تەڭلا ۋارقىراشتى.
       ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەئىسنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ئىدى.
        - مەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، - دىدى باربىكان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات تەرىپىدىن يارىتىلغان شېرىن تىلەك بولۇپ ، قاپقاراڭغۇ كېچىدىكى ئاسمان جىسىمى بىلەن ھەقىقى ئالاقە باغلاش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە مېنىڭ يەنە دەيدىغىنىم يوق. بىراق، شۇنىمۇ قوشۇپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، بىر قىسىم ئەمەلىيەتچان كىشىلەر ئاي شارى بىلەن ھەقىقى مۇناسىۋەت ئورنۇتىش ئۈچۈن قىتىقىنىپ ئىزدەنگەن. مەسىلەن بىر نەچچە يىل ئاۋال، گېرمانىيىلىك گىئومېتىرىيە ئالىمى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئۆمىكىنى سىبىرىيە يايلىقىغا ئەۋەتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەتقىقات ئۆمىكى كەڭ كەتكەن ئوتلاق ئۈستىدە چاقناپ تۇرىدىغان قايتۇرغۇچى چىراق بىلەن بىر قىسىم چوڭ ھەجىمدىكى گىئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلماقچى بولغان. بەلگىلىك سەۋىيىسى بارلىكى كىشىلەر بۇ شەكىلنىڭ ئىلمىي مەقسىتىنىڭ نىمىلىكىنى ئىنىق بىلىشى مۇمكىن. ھىلقى گىئومېتىرىك يەنە «ئەگەر ئاي شارى ئادەملىرى مەۋجۇتلا بولسا ئۇلار ئوخشاش گىرافىكلىق بەلگىلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئالاقە باغلىغان ھامان بىر پارچە ئېلىپبە جەدىۋىلىنى ئىشلەپ چىقىپ ئاي شارىدىكى كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئانچە قىيىن ئەمەس» دېگەن.
        گېرمانىيىلىك گېئومېتىرىك ھەقىقەتەن بۇ سۆزنى قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ پىلانى يولغا قويۇلمىدى. تا ھازىرغىچە يەر شارى ھەم ئونىڭ ھەمرىيى بولغان ئاي شارى ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋەت ئورنىتىلمىدى. بەلكىم قۇدرەتلىك تەڭرى بۇ ئىشنى مەقسەتلىك ھالدا ئەمەلىيەتچان، ئەقىللىق ئامرىكلىقلار ئارقىلىق يولتۇزلار ئارا مۇناسىۋەت باغلىشىغا قالدۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئۇسولى ئاددى، ئاسان، ئىشەنچىلىك، نۇقسانسىز. بۇ دەل بىزنىڭ تەكلىپىمىزنىڭ ئاساسى مەزمونى. ئۇنىڭ بۇ بىرنەچچە جۈملە سۆزىگە كىشىلەر قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە گۈلدۇراس چاۋاك ئاۋازى بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. مەيداندىكىلەردىن ئۇنىڭ سۆزىگە مايىل بولمىغان، قايىل بولمىغان، مەپتون بولمىغان بىرمۇ كىشى قالمىغان ئىدى.
        - تېچلىنىڭلار، خەپشۈك، - دەپ ۋارقىراشتى ئاڭلاۋاتقانلار تەرەپ تەرەپتىن.
        يېغىن مەيدانى تېنچلانغاندىن باربىكان كەسكىن، ياڭراق ئاۋازى بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى:
       - يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئوق يول ئىلىمىنىڭ قانچىلىك زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكى، ئەگەر ئۇرۇش يەنە داۋاملاشقان بولسا، قوراللىرىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەللىشىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. سىلەرگە مەلۇم، مۇنداقچە ئېيتقاندا، زەمبىرەكنىڭ ئارقىغا تىپىش كۈچى بىلەن پوروخنىڭ كىڭىيىش كۈچىگە چەك قويۇلمايدۇ. ياخشى، ئۇنداق بولسا مېنىڭ خىيالىم بۇيىچە داۋاملىق ئويلىساق، زەمبىرەك پىرىنسىپغا ئاساسەن مۇۋاپىق بولغان، كەينىگە تىپىش كۈچىگە قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان قورۇلمىدىن پايدىلىنىپ بىر پاي زەمبىرەك ئوقىنى ئاي شارىغا يەتكۈزگىلى بولامدۇ - يوق؟
        ئاڭلاپ بۇيەرگە كەلگەندە نەچچە مىڭ كىشىنىڭ كۆكرەك قەپىزىدىن تەڭلا «نىمە دىگەن قالتىس!» دىگەن سۆز جاراڭلاپ چىقتى. كەينىدىنلا خۇددى گۇلدۇرماما گۈلدۈرلەشتىن بۇرۇنقى جىمجىتلىققا ئوخشاش يىغىن مەيدانىنى يەنە تىمتاسلىق باستى. گۇلدۇرماما ئاۋازى ياڭرىدى، ئۇ يىغىن زالىنى تەۋرىتۋەتكۈدەك چىلىنغان چاۋاك، ئالقىش ۋە مەدھىيە ئاۋازىدىن شەكىللەنگەن گۈلدۈرماما ساداسى ئىدى. رەئىس داۋاملىق سۆزلىمەكچى بولسىمۇ ئۇنداق قىلالمايتتى. ئون مىنوت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئۇنىڭ نىمە داۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولدى.
        - مېنىڭ سۆزلەپ بولۇشۇمغا روخسەت قىلىڭلار، - دىدى رەئىس سالماقلىق بىلەن، - مەن بۇ مەسىلىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن مۇھاكىمە قىلدىم. بوشاشماستىن ئۇنى تەتقىق قىلدىم. مەن ھىساپلاپ چىققان قىلچە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان نەتىجە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇمومەن ئايغا قارىتىپ ئېتىلغان دەسلەپكى سۈرئىتى سېكونتىغا ئون ئىككى مىڭ يارد بولغان زەمبىرەك ئوقى مۇقەررەر ھالدا ئۇ يەرگە يىتىپ بارالايدۇ. شۇڭا، مۆھتىرەم ئەزالار، مەن ئىنتايىن شەرەپ بىلەن سىلەرنىڭ بۇ كىچىككىنە سىناقنى ئىشلەپ بىقىش تەكلىپنى بېرىمەن.

     ئۈچۈنچى باپ

     باربىكان دوكلاتىنىڭ ئۈنۈمى
    ھۆرمەتلىك رەئىسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئېغىز سۆزى ئېلىپ كەلگەن نەتىجىنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەش ناھايىتى تەس. ۋارقىراش، شاۋقۇن - سۆرەن، ئاپىرىن - بارىكاللا ئاۋازلىرى، ھۇررا توۋلاشلار ھەم ئامرىكىچە ئېنگىلىز تىلىدىكى تەقلىدىي ئاۋازلار ئۆزۈلمەي ياڭرىدى. بۇ بىر مەيدان چوڭ پاراكەندىچىلىك بولۇپ، چوقان - سۆرەن ئاۋازلىرىنى تەسۋىرلەش تەس ئىدى. ئۇلار كانىيى يېرتىلىپ كەتكۈچە ۋارقىرىشاتتى، قوللىرىغا ئۇرۇشاتتى، يەنە تىپچەكلىشىپ زالنىڭ پولىنى بۇزۋىتىشكە ئاس قالغان ئىدى.
        بۇ زەمبىرەكچى ئەسكەرلەر موزىيىدىكى بارلىق قوراللار بىرلىكتە ئوت ئاچقان تەقدىردىمۇ بۇنداق چىڭ ئاۋازنى بېسىپ كېتەلمىگەن بولاتتى. راستىنى ئېيتقاندا بۇنچىلىك ھەيران قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بەزى توپچىلارنىڭ كانىيى ئۇلارنىڭ زەمبىرىكىدەكلا گۈكىرەيتتى. رەئىس باربىكان جىمجىت ھالدا زىيادە ھاياجانلانغان ئاڭلىغۇچىلار ئارسىدا تۇراتتى. بەلكىم ئۇ ئۆز ئەزالىرىغا يەنە بىرنىمىلەرنى دىيىشنى ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ سول قولى بىلەن كىشىلەرنى تېنچلىنىشقا ئىشرەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتىلىغۇچى قوڭغىراق جان - جەھلى بىلەن ياڭرىدى. ئەمما ئۇلار ئاڭلاپمۇ قويمىدى. ئۇزاق ئۆتمەي كىشىلەر رەئىسنى ئورنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ غەلبىنى تەبرىكلەۋاتقان نامايىش قوشۇنىدەك ئۇنى مۈرىلىرىگە ئېلۋىلىشتى.
       كەينىدىنلا يەنە ئۇنىڭ سادىق ئەزالىرىنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، ئوخشاشلا ھاياجانغا چۈمگەن ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. ئامرىكلىقلارنى ھىچقانداق قىيىنچىلىق قورقۇتالمايدۇ. بىزنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلىرىمىز ئىچىدە «قىيىن» دىگەن خەت يوق. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بىزنىڭ لوغەتكە ئەستايدىل قارىمىغانلىقىمىزدىن بولغان. ئامرىكىدا ھەممە ئىش شۇنداق ئاسان، شۇنداق ئاددى. مىخانىكا ئىلىمى توغرىسىدا ئېلىپ ئېيتساقمۇ قىيىنچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغىچە ھەل قىلىنىپ كىتىدۇ. باربىكاننىڭ تەكلىپى بىلەن رىئاللىققا ئايلىنىشى ئوتتۇرىسىدا بىرمۇ ھەقىقى ئامرىكىلىق كىچىككىنە قىيىنچىلىقنىڭ سايىسى كۆرۈلۈشىگىمۇ يول قويالمايدۇ. ئېيتىلغان ئىكەن قىلغىلى بولىدۇ. رەئىسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك نۇتۇقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بەس - مۇنازىرە تاكى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى. مانا بۇ ھەقىقى بىر مەشئەل.
        ئېرلاندىيىلىكلەر، گېرمانىيىلىكلەر، فرانسىيىلىكلەر، شوتلاندىيىلىكلەر ۋە بارلىق ماريلاند ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئوخشىمىغان ئىرىقتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك تىلى بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل ھاياجان ئىلكىدە «ياشىسۇن، ھۇررا» ،«قالتىس!» دەپ شۇئار توۋلىشاتتى. دەل مۇشۇ چاغدا، ئايمۇ بۇنداق قىزغىن كەيپىياتنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سەزگەندەك، مەغرور، سالماق نۇر چىچىپ، يارقىن نۇرى بىلەن ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلارنى يورۇتتى. بارلىق ئامرىكلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈكتە پارلاپ تۇرغان ئايغا تىكىلىشتى. بەزىلەر ئونى قول بىلەن ئىما قىلاتتى، بەزىلەر ئۇنى ئەڭ يارقىن ناملار بىلەن چاقىراتتى. بەزىلەر ئۇنىڭغا مىھرى بىلەن باقسا، بەزىلەر مۇشتىلىرىنى شىلتىپ ھەيۋە كۆرسىتىشەتتى. سائەت سەككىزدىن باشلاپ يېرىم كېچىگىچە جوينىس - فال كوچىسىدىكى بىر كۆزئەينەك سودىگىرى دوربۇن سېتىپ ئوبدانلا باي بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك دۇربۇن بىلەن كېچە ئاسمىنىدىكى بۇ ئاسمان جىسىمىغا خۇددى بىر ساھىپجامالغا باققاندەك قارىشاتتى.
       ئامرىكلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش كىبىرىنى نامايەن قىلىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قىلۋاتاتتى. ئالتۇن چاچلىق فۇبېي ئالىقاچان بۇ قەيسەر بويسۇندۇرغۇچىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەندەك ئاي شارىمۇ قوشما شىتات زىمىنىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان ئىدى. ۋاھالەنكى، بۇ بىر پاي زەمبىرەك ئوقىنى ئونىڭغا ئەۋەتىپ بېرىش ئىشىلا بولۇپ قالماي، بۇنداق دوستلۇق ئورنۇتۇش شەكىلى بىر ھەمراھ پىلانتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا سەپسەتىدەك بىلىنسىمۇ ئەمما بۇ مەدەنىيەتلىك دۆلەتتە ئىنتايىن قارىشى ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش ئىدى. گەرچە ۋاقت ئون ئىككىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ قىزغىن كەيپىيات تېخى ئاجىزلاپ قالمىدى. ئۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئوتتۇرسىدا سىھرىي كۈچىنى ئۆزلىكسىز نامايەن قىلماقتا. ئەمەلدارلار، ئۆلىمالار، چوڭ سودىگەرلەر، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، ھامماللارنىڭ ھەممىسى خۇددى ئۆزىنى دانا چاغلايدىغان كىشى ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى ئەمدى بىلۋاتقاندەك، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە لەرزىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىشتى. بۇ بىر پۈتۈن مەملىكەت خاراكتىرلىق ئىش. شۇڭا شەھەرنىڭ ئىچى - تېشى ، پاتاپسكو دەرياسىنىڭ سۈيىگە چىلىنىپ تۇرغان پىرىستان ھەم توختۇتۇپ قويۇلغان كېمىلەرنىڭ ھەممىسى بايرام شادلىقىغا چۆمگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. قاۋاقخانىنىڭ سافسىدا مۇز سېلىنغان ھاراقنى كۆتۈرۈشۈپ ھىچقانداق غەم - قايغۇسىز ياتقان ئەرباپلاردىن تارتىپ قاراڭغۇ مەيخانىلاردا مەس بولغىچە ئىچىشكەن ماتروسلارغىچە ھەممە كىشى بۇ ئىش توغرىسىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي پاراڭ قىلىشتى. بەس - مۇنازىرە قىلىپ ھارمىدى، ھەممىلا ئادەم بۇ قالتىس ئىشقا ئاپىرىن ئوقۇيتتى، ئۇنىڭغا مەھلىيا بولمىغان ئادەم قالمىغان ئىدى. ئەمما سائەت ئىككى بولاي دىگەندە ھاياجانلىق كەيپىيات ئاساسەن تېچلىنىپ قالدى.
        رەئىس باربىكان شۇ چاغدىلا بۇ يەردىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتتىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ھاردۇق يەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ ھەممە ئۇستىخىنى يەنجىلىپ كەتكەندەك بىلىندى. دىمىسىمۇ بۇنداق زور قوزغۇتۇشقا پالۋانمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ - دة! ئامما ئاستا -ئاستا مەيدان ۋە كوچىلاردىن كەتتى. بالتىمور شەھىرىدىن ئوخايو، فىلادىلفىيە، ۋاشىنگىتون ۋە خارسىبورگ شەھىرىگە تۇتىشىدىغان تۆت تال تۆمۈر يول ئوخشىمىغان ئىرىقتىكى خەلق ئاممىسىنى ئېلىپ ئامرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاپىرۋەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن بۇ شەھەر سەل تىنجىپ قالدى. خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان شۇ كەچلىكى پەقەت بالتىمور خەلقىلا مۇشۇنداق قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۈمدى دىسەك خاتالاشقان بولىمىز.
        بىرلەشمە شىتاتنىڭ ھەرقايسى چوڭ پايتەختلىرى، نىيو - يورك، بوستون، ۋاشىنگىتون، رىچموند، چارلىستون، موبىل، تىكساس شىتاتىدىن تارتىپ ماسساچوسىتېسقىچە، مىچىگاندىن تارتىپ فىلورىداغىچە ھەممە شەھەر بايرام شادلىقىغا چۆمدى. ئەمىلىيەتتە، زەمبىرەك كۇلبىنىڭ ئوتتۇزمىڭ ئالاقىچى ئەزاسىنىڭ ھەممىسى رەئىسنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالغان بولۇپ ئۇلارمۇ ئوخشاش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن 5- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ھىلقى مەشھۇر نۇتۇقنى ساقلاۋاتقان ئىدى. شۇڭا، ئاشۇ كۈنى كەچلىكى ھىلقى دوكلاتنىڭ سۆز جۈملىلىرى سۆزلىگۈچىنىڭ ئېغىزىدىن ئايرىلىشىغىلا دەرھال ھەر سېكونىتىغا 248446 ئېنگىلىز مىل تېزلىك بىلەن ئېلېكتىر سىمىنى بويلاپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلدى. كىسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، فرانسىيىدىن قىرىق ھەسسە چوڭ بولغان ئامرىكىدا بىرلا ۋاقتتا «ھۇررا» ساداسى ياڭراپ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا تولغان ئاشۇ يىگىرمە بەش مىليون يۈرەك ئوخشاش رىتىمدا سوقتى. ئىككىنچى كۈنى، بىرمىڭ بەش يۈز خىل كۈندىلىك گېزىت، ھەپتىلىك گېزىت، يېرىم ئايلىق ژۇرنال ياكى ئايلىق ژۇرناللارنىڭ ھەممىسىدە بۇ مەسىلە قىزغىن مۇھاكىمە قىلىندى. ئۇلار مەدەنىيەت ياكى سىياسى ئەۋزەللىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ فىزىكا، ھاۋارايى، ئىقتىساد ھەم ئېتىكا نەزىرىيىسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا تەتقىقات بايانلىرى ئېلان قىلىندى.
       ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاي شارى بىر ئۈلۈك دۇنيامۇ ياكى قايتا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر دۇنيامۇ دىگەندەك تىمىلارغا بېرىپ چىتىلاتتى. ئۇ يەر شارىدا ئاتمۇسفىرا يوق چاغلىرىكىدەكمۇ؟ يەر شارىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولمايدىغان يەنە بىر تەرىپى زادى قانداق؟ گەرچە ھازىر قاراڭغۇلۇقتىكى ئاسمان جىسىمىغا بىر پاي زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىش سوزلىنۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھەممىلا كىشى بۇنىڭ بىر قاتار سىناقلارنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرۋىلىشتى. ھەممىلا كىشى ئامرىكلىقلارنىڭ، بىر كۈنى بۇ سىرلىق ئاي تەخسىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىرلىرىنى بايقاشنى ئارزۇ قىلىشاتتى.
    ھەتتا بەزى كىشىلەر ئاي شارىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ ياۋرۇپانىڭ تىنچ مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك قالايماقان قىلۋىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۈلگۈردى. مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق، بىرەر پارچە گېزىتمۇ بۇ تۈرلۈك پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى. تۈرلۈك ئىلىم - پەن، ئەدەبىيات ياكى دىننىي جەمىيەتلەر چىقارغان توپلام، قوللانما، ئىلمىي ژۇرنال ۋە گېزىت بۇ پىلاننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەشەببۇس قىلدى، بوستون تەبىئەت تارىخ جەمىيىتى، ئالبانىيەدىكى ئامرىكا ئىلىم - پەن سەنئەت جەمىيىتى، نىيو - يوركتىكى جۇغراپىيە ۋە سىتاستىستىكا ئىلمىي جەمىيىتى، فىلادىلفىيەدىكى ئامرىكا پەلسەپە ئىلمىي جەمىيىتى ھەم ۋاشىنگىتوندىكى دۆلەتلىك مۇزىي قاتارلىق ئورۇنلار زەمبىرەك كۇلۇبىغا مىڭلىغان تەبرىك خەتلىرىنى ئەۋەتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئادەم كۈچى ۋە مالىيە مەبلىغى بىلەن بىۋاستە تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇڭا، بىز شۇنداق دىيەلەيمىزكى، ئەزەلدىن ھىچقانداق بىر تەشەببۇس بۇنچىلىك كۆپ كىشىنىڭ قوللىشىغا مۇيەسسەر بولالىغان ئەمەس. ئارسالدى بولۇش، گۇمانلىنىش، ئەندىشە قىلىش دىگەندەكلەردىن قىلچىلىك ئەسەرمۇ يوق. مۇبادا بۇ تەكلىپ ياۋرۇپادا، بولۇپمۇ فرانسىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا نۇرغۇن شەپقەتسىز مەسخىرىلەرگە قالغان بولاتتۇق. ھەجىۋى رەسىم ۋە كىشىنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ئەيىپلەشلەر ئاي شارىغا قارىتىپ زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىش تەكلىپىنى كۈتۈۋالغان بولاتتى. ئەمما بۇلارنىڭ يازغۇچىغا ھىچقانداق پايدىسى يوق بولۇپ دۇنيادىكى بارلىق مۇداپىئەلىنىش ئۇسولىنى قوللانغان تەقدىردىمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ غەزەپ - نەپرىتىدىن ئۆزىنى قوغداپ قالالمايدۇ. يېڭى دۇنيادا، بەزى ئىشلارغا چاقچاق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئاشۇ كۈندىن باشلاپ باربىكان ئامرىكىنىڭ ئەڭ ئولۇغ پۇقراسىنىڭ بىرىگە، «ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ۋاشىنگىتون»غا ئايلاندى. بۇ دەل بىز كۆرۋالغان بىر مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر كىشىنىڭ ئىتىقادىنىڭ قايسى دەرىجىگە يىتىپ بارغانلىقىغا تۇتقان پۇزۇتسىيىسىنى بىلدۈردىغان نۇرغۇن مىساللار ئىچىدىكى بىرى. زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ شۇ قىتىملىق مەشھۇر يىغىنى ئېچىلىغاندىن كىيىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىر ئەنگىلىيە تىياتىر ئۆمىكىنىڭ دىرىكتورى بالتىمور تىياتىرخانىسىدا «يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش» دىگەن تىياتېرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، شەھەر ئاھالىسى تىياتېر نامىنى كۆرۈپ ئۇنى رەئىس باربىكاننىڭ پىلانىغا ھاقارەت قىلغانلىق دەپ ئويلاپ تىياتېرخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئورۇندۇقلارنى چېقىپ بەختسىز دىرىكتورنى ئېلاننى ئۆزگەرتىشكە ماجبورلىدى. ئۇ ئەبلەخمۇ پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا بىشىنى پەس قىلىپ ناھايىتى تېزلا ئايغا چىقىش پىلانىنى ئالقىشلايدىغان بىر تىياتېر ئىجات قىلىپ ئەسلىدىكى تىياتېرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ بىر نەچچە ھەپتىگىچە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك كىرىمگە ئىگە بولۋالدى.

     تۆتىنچى باپ

     كىمبىرىخ رەسەتخانىسىنىڭ جاۋاپ خېتى
    باربىكان كىشىلەرنىڭ ئالقىش - سادالىرى ئىچىدىمۇ بىر مىنوت ۋاقتنى زايە قىلمىدى. ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى ئەزالارنى زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ ئىشخانىسىغا يىغىش بولدى. ئۇ يەردە بىر پاتمان مۇنازىرە بولغاندىن كىيىن پىلاننىڭ ئاستىرنومىيە قىسمىغا كەلگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاستىرنوملاردىن مەسلىھەت سوراپ بىقىشقا قوشۇلدى. مىخانىك قورۇلمىسى توغرۇسىدا ئەڭ ياخشىسى ئاستورنۇملارنىڭ جاۋابىغا قاراپ ئاندىن مۇھاكىمە قىلىشقا قالدۇرۇلدى. بۇ قىتىمقى ئۇلۇغ كەشپىياتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىگە سەل قاراشقا بولمايتتى. شۇڭا ئۇلار تۈرلۈك مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلچىلىك قۇرۇق گەپ ئىشلىتىلمىگەن بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تەييارلاپ ماسساچوسىتتېس شىتاتىدىكى كىمبىرىخ رەسەتخانىسىغا ئەۋەتىپ بەردى. كىمبىرىخ ئامرىكىدىكى بىرىنچى ئونۋېرسىتىت قورۇلغان ئورۇن بولۇپ، رەسەتخانىسى بىلەن مەشھۇر ئىدى. بۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان تۆھپىكار ئالىملار يىغىلغان بولۇپ، بوندنىڭ ئىلاھ يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىشىغا، كىلاركنىڭ بۆرە يۇلتۇزىنىڭ ھەمراسىنى بايقىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان، قۇدرىتى چەكسىز تېلېسكوپ شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا يىراق - يىقىنغا داڭقى كەتكەن بۇ ئورگاننىڭ ئىسپاتىغا زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ يىتەرلىك ئىشەنچىسى بار ئىدى. شۇڭا ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن رەئىس باربىكان كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن جاۋاپ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
    جاۋاپ خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
    كىمبىرىخ رەسەتخانىسى باشلىقىنىڭ بالتىموردىكى زەمبىرەك كۇلۇبىنىڭ رەئىسىگە يازغان جاۋاپ خېتى:
        كىمبىرىخ 7 - ئۆكتەبىر رەسەتخانىمىز ئىشخانىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ھۆرمەتلىك كۇلۇبنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىنىڭ نامى بىلەن مەزكۇر رەسەتخانىغا ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن دەرھال يىغىن ئاچتۇق. خەتتە ئېيتىلغان مەسىلىگە قارىتا بىز تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بېرىمىز.
       بىرىنچى مەسىلە، ئاي شارىغا زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بەرگىلى بولامدۇ؟ بولىدۇ، ئەگەر زەمبىرەك ئوقىنىڭ دەسلەپكى تېزلىكى سېكىنوتىغا ئون ئىككى مىڭ ياردقا يىتەلەيدۇ دەپ پەرەز قىلساق ئاي شارىغا زەمبىرەك ئوقىنى قويۇپ بېرەلەيمىز. ھىساپلاش ئارقىلىپ ئىسپاتلاشقا بولىدىكى، مۇشۇ تېزلىكنىڭ ئۆزى يىتەرلىك. جىسىم يەر شارىدىن ئايرىلغان چاغدا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئارلىقنىڭ كۇۋادىراتى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئارىلىق ئۈچ ھەسسە ئاشسا، ئېغىرلىق توققۇز ھەسسە كېمىيىدۇ. شۇڭا زەمبىرەكنىڭ ئېغىرلىقى سۈرئەت ئاستىلاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭلەشكەن ۋاقتتا، يەنى پۈتۈن مۇساپىنىڭ 52.47 پىرسەنتىچىلىك بۈلۈكىگە كەلگەندە ئېغىرلىق پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كىتىدۇ. بۇ چاغدا، ئېغىرلىقىنى يوقاتقان زەمبىرەك ئوقى مۇشۇ نوقتىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسە ئۇنداقتا پەقەت ئاي شارىنىڭلا تارتىش كۈچى مەۋجۈت بولىدۇ - دە زەمبىرەك ئوقى ئاي شارىغا چۈشىدۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن بۇ تەجرىبىنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا بولامدۇ - يوق، بۇ پۈتۈنلەي سىلەر ئىشلەتكەن قۇرۇلمىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق.
       ئىككىنچى مەسىلە، يەر شارى بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھسىنىڭ توغرا ئارلىقى قانچىلىك؟ ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىشىدىكى ئوربىتىسى چەمبەر شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئىللىپىس شەكىلىدە. يەر شارى بۇ ئىللىپىسسىمان ئوربىتىنىڭ ئىككى مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ بىرىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئاي شارى بەزىدە يەر شارىغا يېقىن كېلىدۇ، بەزىدە يىراقلاپ كېتىدۇ. ئاستىرنومىيە ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتساق، ئۇ بەزىدە يېقىن نوقتىدا، بەزىدە يىراق نۇقتىدا تۇرىدۇ. ئەمما، ئەڭ يىراق ئارلىق بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىگە يىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاي شارىنىڭ يىراق نۇقتىسى يەر شارىدىن 247552 ئېنگىلىز مىلى، يىقىن نۇقتىسى 218657 ئېنگىلىز مىل كىلىدۇ. ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى پەرق 28895 ئېنگىلىز مىلى بولۇپ پۈتكۈل مۇساپىنىڭ توققۇزدىن بىر قىسىمىغا توغرا كىلىدۇ. شۇڭلاشقا يېقىن نۇقتىنى ھىساپلاش ئاساسى قىلىش كېرەك.
        ئۈچىنچى مەسىلە، يىتەرلىك دەسلەپكى تېزلىك ئاساسىدا زەمبىرەك ئوقى قانچىلىك ۋاقتتا نىشانغا يىتىپ بارالايدۇ؟ شۇڭا قانداق ۋاقتتا قويۇپ بەرگەندىلا ئاندىن ئاي شارىدىكى بەلگىلەنگەن بىر نۇقتىغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەگەر زەمبىرەك ئوقى يەر شارىدىن ئايرىلغاندىكى سېكونتىغا ئون ئىككى مىڭ ياردلىق دەسلەپكى تېزلىكنى بىردەك ساقلاپ قالالىسا ئاز دىگەندىمۇ توققۇز سائەت ئىچىدە ئۇ يەرگە يىتىپ بارالايدۇ. ئەمما دەسلەپكى سۈرئەت ئۆزلىكسىز ئاستىلايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپلىق ئىنچىكە ھىساپلاش ئارقىلىق زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئۈچيۈز مىڭ سېكونت، يەنى سەكسەن ئۈچ سائەت يىگىرمە مىنۇتتا ئاندىن يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭلىشىدىغان نۇقتىغا يىتىپ بارالايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەللىك مىڭ سېكونت، يەنى ئون ئۈچ سائەت ئەللىك ئۈچ مىنوت ئون ئىككى سېكونتتا ئاندىن ئاي شارىغا چۈشىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى نىشانغا ئېلىنغان ئورۇنغا يىتىپ كىلىشتىن توقسەن يەتتە سائەت ئون ئۈچ مىنوت ئون ئىككى سىكونت بۇرۇن زەمبىرەك ئوقىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.
        تۆتىنچى مەسىلە، ئاي شارى قايسى ۋاقتتا ئاسان يىتىپ بارغىلى بولىدىغان ئورۇنغا كېلىدۇ؟ يوقىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالدى بىلەن ئاي شارىنىڭ يېقىن نوقتىغا كىلىدىغان ھەم ئاسمان قەھرىنى كىسىپ ئۆتىدىغان پەيتىنى تاللاش كېرەك. شۇنداق بولغاندا يەر شارى رادىئوسىغا باراۋەر مۇساپىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 3919 ئېنگىلىز مىلى ئارلىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئەمىلىي مۇساپىسى 214976 ئېنگىلىز مىلى بولىدۇ. شۇنىسى، ئاي شارى ھەر ئايدا يېقىن نۇقتىدىن ئۆتۈپ تۇرسىمۇ شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە يەنى ئاسمان بوشلىقىدا كۆرۈنىشىگە كېسىپ بىرنىمە دىمەك تەس. بۇ ئىككى شەرت ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقتتىن كىيىنلا ئاندىن بىللە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا ئاي شارىنىڭ يېقىن ئارلىقتىن ئۆتۈش نۇقتىسىنى ۋە ئاسمان بوشلىقىدا كۆرۈنۈش ۋاقتىنىڭ بىللە كىلىشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەختكە يارىشا كىلەر يىلى تۆتىنچى دىكابىر كۈنى دەل مۇشۇ ۋاقت يىتىپ كىلىدۇ: ئاي شارى ئەڭ يېقىن ئارلىقتىن ئۆتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يېقىن بولۇپ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاسماندىمۇ كۆرۈنىدۇ.
    بەشىنچى مەسىلە، زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىدىغان چوڭ زەمبىرەك ئالەمنىڭ قايسى نوقتىسىغا توغۇرلىنىشى كېرەك؟ ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەنلەردىن كۆرۋىلىشقا بولىدىكى، چوڭ زەمبىرەك دەل ئاسمانغا توغرىلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق ئېتىلغاندا ئاندىن زەمبىرەك ئوقىنىڭ يولى بىلەن تەكشى يەر يۈزى تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ - دة، زەمبىرەك ئوقى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن تېخىمۇ تېز قۇتۇلىدۇ. لېكىن، ئاي شارىنىڭ ئاسمان قەھرىگە يىتىپ كىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن زەمبىرەك ئېتىلدىغان يەرنىڭ كەڭلىك گىرادوسى چوقۇم بۇ ئاسمان جىسىمىنىڭ ئوربىتا تەكشىلىكىنىڭ يانتولۇقىدىن تۈۋەن بولۇشى شەرت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چوقۇم جەنوبىي كەڭلىكتە ياكى شىمالىي كەڭلىك نول گىرادوستىن يىگىرمە سەككىز گىرادوس ئارلىقىدا بولۇشى كېرەك. باشقا ھەرقانداق ئورۇندا زەمبىرەك يانتو ئېتىلىپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ سىناقنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشىغا تۇسالغۇلۇق قىلىدۇ.
    ئالتىنچى مەسىلە، زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىلگەندە ئاي شارى ئاسمان بوشلۇقىنىڭ قايسى تەرپىدە بولۇشى كېرەك؟ زەمبىرەك ئوقى ئېتىلغان چاغدا، ھەر كۈنى ئون ئۈچ گىرادوس ئون مىنوت ئوتتۇز بەش سېكونت ئىلگىرلەيدىغان ئاي شارى ئاسمان قەھرىدىكى نۇقتىدىن مۇشۇ گىرادوسنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك ئارلىقتا بولۇشى، يەنى ئاسمان قەھرىدىكى نۇقتىدىن ئەللىك ئىككى گىرادوس قىرىق ئىككى مىنوت يىگىرمە سېكونت ئارلىقتا بولۇشى كېرەك. بۇ ئارلىق دەل زەمبىرەك ئوقىنىڭ سەپەرنى تاماملىشىغا كىتىدىغان ۋاقت بىلەن ماس كېلىدۇ. بىراق، بىز يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشىدىن كىلىپ چىققان ئاغما پەرقىنى ھىساپقا كىرگۈزىشىمىز لازىم. زەمبىرەك ئوقى چوقۇم ئاتمىش دانە يەرشارى رادىئوسىغا باراۋەر ئاغما پەرقنى بىسىپ ئۆتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ئاي شارىغا يىتىپ بارالايدۇ. ئاي شارىنىڭ ئوربىتىسىنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ ھىساپلىغاندا بۇ پەرق ئون بىر گىرادوس ئەتراپىدا بولۇپ بو ئارلىقنى يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئارلىققا قوشۇپ ھىساپلىساق جەمئى ئاتمىش تۆت گىرادوس ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا زەمبىرەك ئوقىنى قويۇپ بەرگەندە ئاي شارىنىڭ ئورنى تىك سىزىق بىلەن ئاتمىش تۆت گىرادوسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشى كېرەك.
    مۇھىم مەزمۇنلار: بىرىنچى، چوڭ زەمبىرەك جەنوبى كەڭلىككە ياكى شىمالىي كەڭلىك نۆل گىرادوستىن يىگىرمە سەككىز گىرادوس ئارلىقىغىچە بولغان ئورۇنغا ئورنۇتۇلۇشى كېرەك. ئىككىنچى، زەمبىرەك ئېغىزى ئاسمان قەھرىگە تىك توغۇرلىنىشى، يەنى تەكشى يەر يۈزىگە گۈرزۈنتال ئورنۇتۇلىشى كېرەك. ئۈچۈنچى، زەمبىرەك ئوقىنىڭ دەسلەپكى سۈرئىتى سېكونتىغا ئون ئىككى مىڭ يارد بولۇشى كېرەك. ئۈچۈنچى، كىلەر يىلى بىرىنچى دىكابىر چۈشتىن كىيىن سائەت ئون بىردىن ئون ئۈچ مىنوت يىگىرمە سىكونت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. بەشىنچى، زەمبىرەك ئوقى قويۇپ بېرىلىپ تۆت كۈندىن كىيىن تۆتىنچى دىكابىر يېرىم كېچىدە ئاي شارى ئاسمان قەھرىنى كىسىپ ئۆتكەندە يىتىپ بارىدۇ. ھۆرمەتلىك كۇلۇب ئەزالىرى، بۇ ئىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقتتا قويۇپ بېرىشكە تەق بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. شۇڭا، ئەگەر كىلەر يىلى تۆتىنچى دىكابىرنى قولدىن بېرىپ قويساڭلار مۇشۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە تولۇق ئون سەككىز يىل ئون بىر كۈن كۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئاستىرنومىيە ئىلىمى نەزىرىيىسى جەھەتتە، بىزنىڭ رەسەتخانىمىز ھەرۋاقىت سىلەرگە ياردەم بېرىشكە تەييار، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە سىلەرنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

    كىمبىرىخ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى: بالفاسىت
    ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:36:02]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.