سولژېنىتسىن نەسرلىرى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-10 05:05:03

سولژېنىتسىن نەسرلىرىدىنئەركىن نۇر تەرجىمىسى ئاپتور ھەققىدە: سولژېنىتسىن سوۋېت رۇسىيىسى يازغۇچىسى، كاۋكازدا دۇنياغا كەلگەن. 1914-يىلى رۇستوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىز-مات (ئىزاھات: فىزىكا-ماتېماتىكا پە...



    سولژېنىتسىن نەسرلىرىدىن
    ئەركىن نۇر تەرجىمىسى


    ئاپتور ھەققىدە: سولژېنىتسىن سوۋېت رۇسىيىسى يازغۇچىسى، كاۋكازدا دۇنياغا كەلگەن. 1914-يىلى رۇستوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىز-مات (ئىزاھات: فىزىكا-ماتېماتىكا پەنلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى) فاكۇلتېتىنى تاماملاپ، موسكۋا تارىخ-مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، شۇنداقلا ئەدەبىيات ئۆگەنگەن.


    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەسكەر بولۇپ ئارقا سەپ قىسىمى تەركىبىدە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1942-يىلى يېنىك زەمبىرەكچىلەر ئارمىيە مەكتىپىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، توپچى قىسىمنىڭ روتا كوماندىرى بولغان. ئىككى قېتىم ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ، مايورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن. ستالىن ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلغاچقا، 1945-يىلى 2-ئايدا ئالدىنقى سەپتە سەككىز يىللىق قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قازاقىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان، 1954-يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، تاشكەنتتە داۋالانغان. ئۇنىڭ كېيىنچە ئېلان قىلغان «راك كېسەلخانىسى» رومانى مانا شۇ ئىشلار ئاساسىدا يېزىلغان. 1956-يىلى سۈرگۈن بىكار قىلىنىپ، نام-ئاتىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلغاچ ئىشتىن سىرت يېزىقچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان. 1962-يىلى 11-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىنى تېما قىلغان پوۋېستى «ئىۋان دېنىسۇۋىچنىڭ بىر كۈنى» بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زىلزىلە پەيدا قىلغان. شۇ يىلى يەنە ئۈچ پارچە ھېكايە ھېكايە يېزىپ، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. 1967-يىلى 5-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار سايوزىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، دۆلەتنىڭ «ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قارىتىلغان بارچە ئاشكارا ۋە مەخپىي سىنزورلۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش»ىنى تەلەپ قىلغان. 1968-يىلى «راك كېسەلخانىسى» رومانىنى ئېلان قىلغان. 1970-يىلى «ئۇ رۇس ئەدەبىياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئەنئەنىسىنى قوغلىشىپ، ئۇنى ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت قۇدرىتىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن» نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1973-يىلى پارىژدا «گۇراگې ئارىلى» ناملىق ترولوگېيىسى نەشر قىلىنغان. 1974-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى قاماققا ئېلىنغان، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي دۆلەت چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ غەربىي گېرمانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق جايلاردا يۈرگەن ۋە ئاخىرى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ غەرب ئەللىرىدە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، غەرب جەمئىيىتىنى تەنقىدلەيدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. يېقىنقى يىللاردا، سابىق پرېزدېنت يېلتسىن ئۆزى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋالىدىغىنىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئەدەبىياتتىكى زور تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى مەملىكەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلىغان. ھازىر ئۇنىڭ ھەرقانداق ئەسەرلىرى ئۆز ۋەتىنىدە چەكلىنىش بىكار قىلىنغان بولۇپ، خالىغانچە نەشر قىلىنماقتا.


    قارىياغاچ

    بىز ئوتۇن ھەرىدەۋاتاتتۇق؛ قارىياغاچ يىلتىزلىرىنى ئىنچىكە كۈزەتتۇق-دە، ھەيرانۇ-ھەس قالغىنىمىزدىن ۋارقىرىۋەتتۇق. ھېلىقى دەرەخنىڭ كېسىپ يىقىتىلغىنىغا بىر يىلمۇ بولۇپ قالدى. سۆرەش ماشىنىسى بىلەن ئۇنى سۆرۈتىپ، پارچە-پارچە قىلىپ توغرىۋەتكەن، ئاندىن ئۇنى چاتما كېمە ۋە پويىزلارغا تاشلىغان، ئوتۇن دۆۋىلىرىگە قوشۇۋەتكەن، ئۇلارنى ئاسمان پەلەك قىلىپ تىزىۋەتكەنىدۇق. ھالبۇكى، توغرالغان بۇ دەرەخ جان تالاشماقتا ئىدى! دەرەخ يىلتىزىدىن بىر تال يېشىل بىخ نوتىلاشقا باشلىغان بولۇپ، قويۇق يوپۇرماقلىق بىر شاخ، ھەتتا تامامەن يېڭى بىر قارىياغاچ بولۇپ ئۆسۈش ئېھتىمالى بار ئىدى.
    بىز بۇ كېسىلگەن دەرەخ پارچىسىنى ھەرە ئۈستىگە قويدۇق، خۇددى مويتۇڭزا ئۈستىگە قويغاندەك: بىز ئاخىرى چىداپ تۇرالماي ھەرىنى ھەرىدەپ تاشلىدۇق. بىزنىڭ ئىچىمىز ئاغرىمامدۇ؟ ئۇ دەرەخكە خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ھايات قىممەتلىك، راستتىنلا ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئۈمىدى بىزنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك.

     


    شولا

    تېز ئېقىۋاتقان دەريادا يىراق-يېقىندىكى نەرسىلەرنىڭ شولىسى ئېنىق بولمايدۇ؛ دەريا تىنىق، سۈزۈك بولۇپ، ئۇندا كۆپۈكلەر بولمىسا ئېقىۋاتقان مەيىن دولقۇنلاردىكى سايە تىنىمسىز شەكلى ئۆزگىرىۋاتقان سۇنىڭ كالېيدوسكوپىغا−تۇراقسىز-مۇقىمسىز، خىيابان، چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
    سۇلار دەريا-دەريا ئېقىپ، كەڭ، تىنچ دەريا ئېغىزىغا كەلگىنىدە ياكى ئاللىقانداق سۇ توختايدىغان جايلاردا ئارام ئېلىپ تۇرغىنىدا ياكى تېپ-تىنچ كۆلچەكلەرگە قويۇلغاندىلا ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئەينەكتەك سىلىق، تەكشى سىياقىنى، قىرغاقتىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەر بىر تال ياپراقلىرى، ئاپئاق بۇلۇتلارنىڭ ھەر بىر ئۈزۈپ يۈرگەن پارچىسىنى، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كۆپكۆك ئاسمان گۈمبىزىنى كۆرەلەيمىز.
    بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ ئەنە شۇنداق. مەگەرچەندە، بىز ھازىرىمىز بىلەنلا توختاپ قالساق، ھەقىقەتنىڭ مەڭگۈلۈك قىياپىتىنى ئېنىق كۆرەلمەيمىز ياكى سايىسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيمىز. بىز تېخى ھايات تۇرساقمۇ نېمە دەپ ئېقىن سۇدەك يىراق-يىراقلارنى نىشانلاپ ماڭالمايمىز؟

     


    كۈچۈك

    ھويىلىمىزنىڭ ئارقىسىدا بىر ئوغۇل شارك دەپ ئات قويۇۋالغان كۈچىكىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ قويدى. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئوماققىنە كۈچۈك باغلاقلىق بىر كاللەك يۇڭ يىپقا ئوخشاپ قالدى.
    بىر كۈنى مەن ئۇ كۈچۈككە بىر نەچچە تال توخۇ سۆڭىكى ئالغاچ كەلگەنىدىم، بۇ سۆڭەكلەر تېخى سوۋۇپ قالمىغان، يەنە كېلىپ بەكمۇ مېزىلىك ئىدى. ھېلىقى ئوغۇل بۇ بىچارە كۈچۈكنى ھويلىدا يايرىۋالسۇن، دەپ بوينىدىكى تاسمىسىنى ئەمدىلا يېشىۋەتكەنىكەن. قار بەكمۇ قېلىن بولۇپ، بەئەينى پەيگە ئوخشايتتى. شارك قېىن-قېنىغا پاتماي، توشقاندەك تاقلايتتى، ئۇ دەسلەپ ئارقا پۇتى بىلەن، ئارقىدىنلا يەنە ئالدى قولى بىلەن تاقلاپ، ھويلىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا سەكرەيتتى، ئۇيان-بۇيان چاپاتتى، تۇمشۇقلىرىنى قارغا تىقىشتۇراتتى.
    تۈكى يۇمشاق كەلگەن بۇ كۈچۈك ماڭا قاراپ سەكرىدى، سۆڭەكلەرنى پۇراپ قويۇپلا يەنە كېتىپ قالدى، ئۇنىڭ قورساقلىرى قاردا سۆرىلىپ قالغانىدى.
    ماڭا سېنىڭ ئۇنداق سۆڭىكىڭ ئەمەس، ئەركىنلىك كېرەك، دېدى ئۇ...

     


    ئۆردەك چۆجىسى

    سېرىق بىر ئۆردەك چۆجىسى قىزىقچىلىق قىلىپ، قاناتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى، ئۇ قورساق قىسىمىنى نەمخۇش ئوت-چۆپلەرگە بېسىۋېلىپ، خۇددى ئورنىدىن تۇرالمايۋاتقاندەك ئىنچىكە ھەم يۇمران پۇتلىرىنى تىپىرلىتاتتى. ئۇ ئىرغاڭلاپ-چايقىلىپ ماڭغانچە ئالدىمغا كېلىپ، نىدا قىلدى: «مېنىڭ ئانام قەيەردە؟ ئائىلەمدىكىلەر نەدە؟»
    ئۇنىڭ ئانىسى يوق، چۈنكى، بىر مېكىيان ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان؛ ئۆردەك تۇخۇمى توخۇنىڭ ئۇۋىسىغا سېلىنغان، مېكىيان ئۇ تۇخۇمنى بېسىپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ چۈجىلىرى قاتارىدا چىقارغان. ناچار ھاۋادىن دالدىلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى−تېگى يوق ھەم دۈم كۆمتۈرۈلگەن سېۋەت−لاپاسنىڭ تېگىگە سۈرۈپ قويۇلغان ۋە ئۈستى كاناپ تاغار بىلەن يېپىلغان. ئۇ چۆجىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ يەردە بولسىمۇ، مۇشۇ بىرسىلا ئېزىقىپ قالغانىدى. كەل ئوماق چۈجەم، سېنى ئالىقىنىمغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋالاي.
    ئۇ نېمە بىلەن ئۆرە تۇرغاندۇ؟ پاختىدەك يەڭگىل ئىكەن. ئۇنىڭ قارامتۇل، كىچىككىنە كۆزلىرى مارجانغا، پۇتلىرى قۇشقاچقا ئوخشايتتى. ئۇنى شۇنچىكىم بىر تۇتۇپ قويسىلا تۈگەشكىدەك. ھالبۇكى، ئۇنىڭ جىسمى ھاياتلىق ھارارىتى بىلەن تولغان. ئۇنىڭ كىچىككىنە تۇمشۇقىدىكى ئاق قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ياساپ قويغان تىرناقتەك يايپاڭ ئىدى. ئۇنىڭ پۇتىدا ئۈزۈش پەردىلىرى ئۆسكەن، تۈكلىرى سېرىقلاشقان، پەي-قاناتلىرى ئايانچلىق ئۆسكەنىدى. ئۇنىڭ تۇرقىنى ئوخشاش بولمىغان ئاتا-ئانىسى باشقا قېرىنداشلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ قويغانىدى.
    كىشىلەر ئۇزاق قالمايلا ۋېنېراغىمۇ چىقىشىدۇ، ئەگەر، ئىنسانلار ئومۇمنىڭ قۇدرىتىنى مەركەزلەشتۈرەلىسە، 20 مىنۇتتىلا پۈتكۈل يەر شارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايدۇ.
    ھالبۇكى، بىز گەرچە ئەنە شۇنداق كۈچلۈك يادرو قۇدرىتىگە ئىگە بولساقمۇ، پروبىركىدا كىچىككىنە، زەئىپ سېرىق ئۆردەك چۈجىسى چىقىرىپ بولالمايمىز. بىزنىڭ موي ۋە سۆڭىكىمىز بار دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، بىز بۇنداق ھاياتنى ئەپلەپ-سەپلەپ بولالمايمىز.

     


    بىر كۈننىڭ باشلىنىشى

    قۇياش كۆتۈرۈلگەن پەيتتە، ياشلاردىن ئوتتۇزى بىرلىكتە ئورمانلىق ئىچكىرىسىگە يۈگۈرۈپ كىرىشتى-دە، بوش يەرگە كېلىپ چېچىلىپ كېتىشتى. ئۇلار يۈزلىرىنى قۇياشقا تۇتاتتى، بەللىرىنى پۈكىشەتتى، زوڭزىيىشاتتى، بېشىنى پەس ئېگىشەتتى، تۈپ-تۈز بولۇپ يېتىشاتتى، يەلكىلىرىنى راھەتلىنىپ كەڭ كېرەتتى، قوللىرىنى كۆتىرىشەتتى، ئاندىن يەنە زوڭزىيىشاتتى. ئۇلار چارەك سائەتكىچە شۇ تەرزدە تەكرارلاشتى.
    يىراقتىن قارىسىڭىز، سىز ئۇلارنى تىلاۋەت قىلىۋاتامدىكىن، دەپ قېلىشىڭىز تۇرغان گەپ ئىدى.
    بۈگۈنكى دۇنيادا، مۇبادا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تېنىگە ئوبدانراق سەپ سېلىپ باقسا، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆز ۋۇجۇدىغا كۆڭۈل بۆلسە، تامامەن توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ.
    بىراق، مۇبادا ئەنە شۇ تەرزدە ئۆز روھىغا كۆڭۈل بۆلسە، ئۇلار مەسخىرىگە قالغان بولىدۇ.
    ياق، بۇ ياشلار تىلاۋەت-بەيئەت قىلىۋاتقىنى يوق، ئۇلار ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ئويناۋاتىدۇ.

     


    دالا يانغىنى ۋە چۈمۈلە

    مەن كېرەكسىز بىر پور كۆتەكنى ئوتقا تاشلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىنى غۇچچىدە چۈمۈلە ئۇۋىلاپ كەتكىنىگە دىققەت قىلماپتىمەن.
    ياغاچ پاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىۋىدى، چۈمۈلىلەر قىمىلدىشىپ ھەممىسىلا ئۇۋىسىدىن چىقىشتى-دە، ئۈمىدىنى ئۈزۈشكىنىچە ھەريان پىتىراپ كېتىشتى. ئۇلار ياغاچنىڭ ئۇچىنى بويلاپ قاچقاچقا ئوت يالمايتتى، ئۇلار كۈيۈك ئازابىدا تولغىناتتى. مەن قولۇمنى سوزۇپ، كۆتەكنى شاققىدە تارتىپ ئالدىم-دە، بىر چەتكە تاشلىدىم. نۇرغۇنلىغان چۈمۈلىلەر جېنى ئامان قېلىپ، قۇملۇققا ياكى قارىغاي يوپۇرماقلىرىغا قېچىپ چىقىۋېلىشتى.
    بىراق، غەلىتە يېرى، ئۇلار ھەر نېمە بولسىمۇ بۇ دالا گۈلخىنىدىن يىراقلاپ كەتمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى قورقۇنچ-ۋەھىمىلەرنى بېسىپ، شاققىدە ئارقىسىغا يېنىشاتتى-دە، يۇمىلاق دائىرە ھاسىل قىلىپ ئوت ئەتراپىدا تىپىرلىشاتتى. ئاللىقانداق بىر قۇدرەت ئۇلارنى تاشلىۋېتىلگەن ئەنە شۇ ئۆز ئۆي-ماكانىغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندىگەنىدى. نۇرغۇنلىغان چۈمۈلىلەر كۆيۈۋاتقان ياغاچقا يەنە يامىشىپ چىقىپ، ياغاچ ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان چېپىشاتتى-دە، ئاقىۋەت ئوتتا كۆيۈپ جان بەرمەكتە ئىدى.

     


    نەپەسلىنىش ئەركىنلىكى

    كەچقۇرۇن ئۇشتۇمتۇتلا يامغۇر يېغىپ كەتتى، كۆز ئالدىمدا قارا بۇلۇتلار ئۇپۇققىچە ئەگىپ يۈرەتتى. ناگان-ناگاندا يامغۇر سىمىلداپ يېغىپ تۇراتتى.
    مەن غۇچچىدە چېچەكلىگەن ئالما تۈۋىدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ تۇراتتىم. ئالما دەرىخىلا ئەمەس، ئۇنىڭ يىلتىزى ئەتراپىدىكى ئوت-چۆپلەرمۇ يامغۇردا پارقىراپ كەتكەن؛ يېزىق بىلەن تەسۋىرلەپ بولغۇسىز خۇشبۇيلار ھاۋاغا سىڭىشىپ كەتكەنىدى. مەن ھاۋانى كۆكرەك قەپىسىم تولغىچە سۈمۈرۈشكە تىرىشاتتىم. خۇشپۇراقلار پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا بۆسۈپ كىرەتتى؛ مەن كۆزلىرىمنى ئېچىپمۇ، يۇمۇپمۇ نەپەسلىنىپ باقاتتىم−شۇ تۇرقى ئۇ قىلىقلىرىمنىڭ ماڭا قانچىلىك ھۇزۇر ئاتا قىلغىنىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم.
    شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، بۇ كىشىلەر تۈرمە-زىندانلاردا تارتىۋېلىشىدىغان ئەڭ قىممەتلىك ئەركىنلىك−نەپەسلىنىش ئەركىنلىكى ئىدى−ئەگەر، ئۇشبۇ دەم مەندەك قىلماق بولسا. مېنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئاش-نان بولمىسىمۇ، ھاراق-شاراپ بولمىسىمۇ، ھەتتا نازىنىنلارنىڭ تاتلىققىنە سۆيۈشلىرى بولمىسىمۇ نەپەسلىنىش لەززىتى بۇ خىل ھاۋادىن ھالقىپ، گۈل-غۇنچىلارنىڭ خۇشبۇيى، يامغۇر ۋە ساپ ھاۋاغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ.
    بۇ تۆت ئەتراپى بەش قەۋەتلىك بىنالار بىلەن قورشالغان كىچىككىنە گۈللۈك بولۇپ، بەئەينى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەسنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئەمما، بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. ئەمدىلىكتە، ماڭا پاراۋوزلارنىڭ كىشى كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان پارتلاشلىرى، رادىئونىڭ يېقىمسىز شىر-شىرلىرى، زۇۋۇكنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ئاڭلانمايدۇ. بىر مەيدان يامغۇر ياققاندىن كېيىنكى ساپ ھاۋالىق ئالما تۈۋىدە تۇرساقلا، ھەممىمىز ياشىرىپ كېتىمىز.
    ___________________________________________________________________
    (خەنزۇچە «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر نەسرىي شېئىرلىرىدىن» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.