ھۆكۈم ( فىرانىس كافكا -ئاۋسىترىيە)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-16 21:59:00

ھۆكۈم فىرانىز كافكا (ئاۋسىترىيە) مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى باھار ئاپتىپى پارلاپ تۇرغان بىر يەكشەمبە ئەتىگەنلىكى. ياش سودىگەر گىئوك بوندىمان ئىككى قەۋەتلىك بىنادىكى خۇسۇسىي ئىشخانىسىدا ئولتۇرا...

        ھۆكۈم

     فىرانىز كافكا (ئاۋسىترىيە)
     مۇساجان ئەزىزى تەرجىمىسى

           باھار ئاپتىپى پارلاپ تۇرغان بىر يەكشەمبە ئەتىگەنلىكى. ياش سودىگەر گىئوك بوندىمان ئىككى قەۋەتلىك بىنادىكى خۇسۇسىي ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتى. بۇ پاكار ۋە ئاددىلا سېلىنغان بىر بىنا بۇلۇپ، دەريا بويىنى بويلىتىپ قاتارىسىغا سېلىنغان بۇنداق بىنالار پەقەت ئىگىز -پاكارلىقى ۋە رەڭگى بىلەنلا بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. بوندىمان تېخى بىر دوستىغا يېڭىلا خەت يېزىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بۇ دوستى چەت ئەلدە تۇراتتى. ئۇ كونۋېرېتنىڭ ئاغزىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇندق چاپلاپ قويدى. جەينەكلىرىنى يېزىق ئۈستىلىگە قۇيۇپ، دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى دەرياغا، كۆۋرىككە ۋە قارشى قىرغاقتىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغقا تىكىلدى. ئۇ چوڭقۇر خىيالغا پاتقانىدى. ئۇنىڭ دوستى دۆلىتىدىكى ئۆز ئىستىقىپالىغا تازا دېگەندەك رازى بولمىغاچقا، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا روسىيىگە قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ ھازىر پىتىربۇرگتا دۇكان ئېچۋاتاتتى، دەسلەپكى چاغلاردا سودىسى خېلى روناق تاپقانىدى، لېكىن كىيىنچە ئۇ بارغانسىرى ۋەتىنىگە ئاز كېلىدىغان، كەلگەن چاغلىرىدا ھەدەپ سودىسىنىڭ كاساتلىقىدىن ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالدى. مانا شۇنداق قىلىپ، ئۇ چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىپ ھىچقانچە ئىش قىلالمىدى. ئۇنىڭ چەت ئەل پاسونىدىكى ساقىلى بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا كىشلەرگە تونۇش بۇلۇپ كەتكەن چىرايىنى يېپىشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالغانىدى، تېگى - تېگىدىن سېرىقلىق چىقىپ تۇرۇدىغان چىرايى ئۇنىڭ بىر كېسەلگە مۇپتىلا بۇلۇپ قالغانلىقىدىن، يەنە كېلىپ كېسىلىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
       ئۇ ئۆزىمۇ شۇ يەردە بىللە تۇرۋاتقان مۇھاجىر قېرىنداشلىرى بىلەن ھېچقانداق باردى - كەلدىسى يوقلىقىنى، شۇ يەرلىك كىشلەر بىلەنمۇ ئالاقە قىلىشمايدىغانلىقىنى، باشتىن - ئاخىر توپقا قوشۇلماي ئەڭ ئاخىرىقى نەپسىگىچە يەككە - يىگانە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېتقانىدى. مانا مۇشۇنداق تەرسا، يەنە كېلىپ جاھىل بىر ئادەمگە نىمىلەرنى يېزىشمۇمكىن؟ كىشلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىتقان بىلەن، لېكىن ھىچقانداق ياردەم قىلالمايتتى. ئېھتىمال ئۇنى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىلىشكە، تېرىكچىلىكنىڭ بىرەر يولىنى تېپىشقا، جىمىكى دوست يارانلىرى بىلەن يېڭۋاشتىن ئالاقە ئورنىتىشقا دەۋەت قىلىش كېرەكتۇر، بۇ ئەلۋەتتە تەس ئىشمۇ ئەمەس. ئۇنى يەنە دوستلىرىنىڭ ياردىمىگە دەۋەت قىلىش كېرەكتۇر، لېكىن ئۇنى ئۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۇنىڭغا: «ھازىرغىچە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار كەتتى، بارىلىق تىرىشچانلىقلىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتۇڭغا قايتىپ كەل، سېنىڭدەك بىر سەيياھقا ھەممە ئادەم چەكچىيىپ قاراشسۇن» دىگەنلىك بولاتتى. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى ئىقتىدارلىق ئىدى، پەقەت شۇلا ھىچ ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرالماي، يۇرتىدىكى بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتقان دوستلىرىنىڭ كەينىدە سۆرىلىپ قېلىۋەردى. كىشلەر ئۇنىڭغا قانچىكى ئېھتىيات بىلەن گەپ قىلغانسىرى ئۇنىڭ قەلبى شۇنچىكى جاراھەتلىنەتتى. ئۇنىڭغا ئارتىپ قويغان دەرد ئەلەملەرنى ئاخىرىقى ھىسابتا شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيتتى دەپ كىممۇ مۇئەييەنلەشتۇرەللەيدۇ؟ كىم بىلىدۇ، ئۇنى قايتىرىپ كىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئۆزى:«يۇرتۇمنىڭ ئەكۋالى بىلەن تازا تونۇشلۇقۇم قالمىدى، يەنە كېلىپ پەن - نەسھىيەتلەر كۆڭلىمنى پاراكەندە قىلۋەتتى، دوستلىرىمدىن تېخىمۇ ياتلىشىپ كەتتىم. شۇڭلاشقا مەيلى نىمە بولمىسۇن، يات ئەللەردە تۇرىۋەرمەي ئىلاجىم يوق» دىگەن. ناۋادا ئۇ پەن - نەسھىيەتلەرگە قۇلاق سالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ بۇ يەردە ئۆزىنى بېسىم ھېس قىلىپ، مەيلى دوست - بۇرادىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولسۇن ياكى ئۇلار يوق يەردە بولسۇن، ھامان قورقۇنۇش ۋە خىجىلچىلىق ھېس قىلىپ بولاتتى. باشقىلار قەستەن شۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمىليەتتە مۇقەررەر شۇنداق بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ راستىنلا يۇرت - ماكانىدىن، دوست بۇرادىلىرىدىن جۇدا بولغان بولاتتى. ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ يەنىلا ئىلگىركىدەك يات ئەللەردە تۇرىۋەرگىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ مۇشنداق چاغدا ئۇنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ بىرەر ئىشنى قىلالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇشىنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشلەرنىڭ ئۇنىڭغا خەت يېزىپ تۇرغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقى ئەكۋاللارنى خۇددى ئەڭ يىراقتىكى دوست - يارەنلىرىگە دەپ بېرەلىگىنىدەك قىلچە غەم - ئەندىشىسىز دەپ بېرەلىشى تەس ئىدى. دوستىنىڭ يۇرتىغا كەلمىگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشتى. ئۇ بۇنىڭغا زورمۇ زور «روسىينىڭ سىياسىي ۋەزىيتتى مۇقۇم بولمىغاچقا، بىر ئۇششاق سودىگەرنىڭ چىگىرىدىن قىسقا ۋاقىتلىق چىقىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دىگەننى باھانە قىلدى. لىكىن دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان روسىيلىك دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ يۈرەتتى.
    مانا شۇ ئۈچ يىل ئىچىدە گىئوك نۇرغۇن - نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى بۇنىڭدىن ئىككى يىللار ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن گىئوك ياشىنىپ قالغان دادىسى بىلەن بىللە سودا قىلىپ تۇرمۇش كۆچۈرۋاتىدۇ. ئۇننىڭ دوستتى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئۈلۈپ كەتكىنىدىن خەۋەر تېپىپ ، بىر پارچە خەت يېزىپ، تاغدىن - باغدىن بولسىمۇ كۆڭۈل سوراپ قويدى. بەلكى ئۇ چەت ئەلدە تۇرۇپ بۇنداق ئىشلارنىڭ نەقەدەر قايغۇ - ھەسىرەتلىك بولدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلالمىغاندۇ. شۇنىڭدىن كىيىن گىئوك سودا - سېتىققا ۋە باشقا جىمى ئىشلارغا تېغىمۇ زور جاسارەت بىلەن كىرىشىپ كەتتى. ئانىسى ھايات ۋاقتىدا، ئېھتىمال سودا - سېتىقتا مۇستەبتىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ مۇستەققىل ئىش قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىتىنمۇ ياكى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن دادىسى دۇكاننىڭ ئىشلىرىنى ھېلىمۇ ئۆزى باشقۇرسىمۇ لېكىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان بولۇپ قالغاچقىمۇ ۋە ياكى تاسادىپ ئامەت - بۇ ئېھتىمالغا ناھايتتى يېقىن - تېخىمۇ زور رول ئوينىغانلىقتىنىمۇ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ سودىسى ئىككى يىلدا ئويلىمىغان يەردىن يۈرۈشۇپ كەتتى. دۇكان خادىملىرىنى بىر ھەسسە كۆپەتىشكە توغرا كەلدى. سېتىلىش سوممىسىمۇ بەش ھەسسە ئاشتى. سودا - سېتىقنىڭ تېغىمۇ رونان تېپىشىدا گەپ يوق ئىدى. ئۇنىڭ دوستى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. ئىلگىرى، ئېھتىمال ئاخىرىقى قېتىمدۇر، ئۇ ھېلىقى كۆڭۈل ئېتتىپ يازغان خېتىدە گىئوكنى روسىيەگە بېرىشقا قايىل قىلماقچى بولۇپ، گىئوك قىلۋاتقان سودىىنىڭ پېتىر بورىگتا قانداق ئىستىقبال تاپالايدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەنىدى.لېكىن ئۇ يەردىكى سودا ئوبوروتى گىئوكنىڭ ھازىر قىلۋاتقان سودىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھىچنىمىگە ئەرىمەيتتى. ئۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا سودىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەكۋالىنى خەت ئارقىلىق دەپ بەرگۈسى كەلمىگەنىدى. ئەگەر ئۇ ئەمدى بولغاندا شۇ ئىشلارنى يېزىپ يۈرسە بۇ تولىمۇ غەلىتە ئىش بولغان بولاتتى. شۇڭا گىئوك دوستىغا ئەزەلدىن مۇھىم بولمىغان ئىشلار توغۇرلىقلا يازاتتى. مۇنداق خەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى جىمجىت يەكشەمبە كۈنى ئازراق ئويلىنىپ تاپقىلى بولاتتى. مۇنداق ئىشلار ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ خاتىرسىگە قالايمىقان دۆۋلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ دوستىنىڭ ئۇزۇق ۋاقىتلاردىن بۇيان يۇرتىغا نىسبەتەن شەكىللەنگەن كۆز قارىشىنى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايتتى، دوستىمۇ شۇنداق قاراشقا كۆنۈپ قالغانىدى. شۇنڭ بىلەن گىئوك ئۇزۇن - ئۇزۇندا يازغان ئۈچ پارچە خېتىدە ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر ئەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئايالنىڭ توي قىلىشىغا پۈتۈشكەنلىكىنى يازدى. ئاخىرى بېرىپ دوستى ئۇنىڭ بۇ قىلقىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلماي تۇرالمىدى. لېكىن گىئوك بىپەرۋالىقنىڭ بۇنداق نەتىجە بىرىشىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى.
       گىئوك دوستىغا مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى يېزىپ يۈرگىنى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى باي ئائىلىنىڭ قىزى فېرىدا براندىنفېرد خېنىم بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشنى خالىمىغاندى. ئۇ لايىقى بىلەن ئاشۇ دوستى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئالاھىدە خەت ئالاقىسى توغۇرلۇق پات - پات پاراڭلىشىپ قالاتتى.
        ــ ئۇ تويىمىزغا كەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ مەن دوستىڭىزنىڭ ھەممىسى بىلەن تۇنۇشۇشقا ھوقۇقلۇق - تە! ـ دېدى گىئوك، ــ مېنى چۈشىنىڭ، ئۇ كىلىشى مۇمكىن، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. لېكىن ئۇ ئۆزىنى مەجبۇرلىغاندەك ۋە ئازار يەپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ماڭا ھەسەت قىلىشى مۇمكىن، ئۇ مەندىن چۇقۇم نارازى بولىدۇ. يەنە كېلىپ مۇنداق تىت - تىتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېتەلمەيدۇ. سىز يالغۇزلۇق دېگەننىڭ نىمىلىگىنى بىلەمسىز؟
        ــ ھىم، ئۇ بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنى باشقىلاردىن ئۇقماي قالارمۇ؟
        ــ ئۇنىڭ ئۇقىشىنى ئەلۋەتتە توسۇيالمايمەنئ لېكىن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، ئۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
       ــ شۇنداق بىر دوستىڭىز بولغاندىن، گىئوك، بىز ئەسلى توي قىلىشقا پۈتۈشمىسەك بوپتىكەن.
    ــ راست دەيسىز! بۇنىڭدا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بار. لېكىن ئەمدى بولغاندا مېنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتكىممۇ يوق. گىئوكنىڭ قايناق سۆيىشلىرىدىن نەپىس بۇغۇلغان چاغدا:
       ــ بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، ـــ دىدى قىز.
       بۇ چاغدا ھەممە گەپنى دوستىغا دېيىشنىڭ ئادەمنى ئۇنچىۋالا تەڭلىكتە قويدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى ئۇمۇ ھېس قىى ۋە ئىچىدە: «مەن مانا مۇشۇنداق ئادەم، ئۇمۇ مىنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇشىمغا يول قۇيۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇ مەندىن ئۆزىگە دوست بۇلۇشقا تېغىمۇ بەكرەك مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن» دەپ ئويلىدى. دېگەندەك ئۇ شۇ يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دوستىغا ئۇزۇن خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى ئۇنىڭغا دېدى. ئۇ خەتكە مۇنداق دەپ يازدى: «ئەڭ ياخشى خەۋەرنى ئەڭ ئاخىردا يېزىۋاتىمەن. مەن فىرىدا براندىنفېرد خېنىم بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتۈم. ئۇ سەن كېتىپ خېلى ئۇزۇندىن كىيىن كۆچۆپ كەلگەن بىر باي ئائىلىنىڭ قىزى. سەن ئۇ ئائىلىدىكىلەرنى تونۇمايسەن. لايىقىمنىڭ ئەكۋالىنى تەپسىلىي يېزىشقان كىيىن يەنە پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. بۈگۈنچە ساڭا دەپ تۇردىغىنىم، مەن ئىنتايىن بەخىتلىك. ئەگەر بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە ئاز - تولا ئۆزگىرىش بولدى دېسەك، ئۇ ئۆزگىرىش شۇكى، مەن سېنىڭ ئىنتايىن ئادەتتىكى دوستۇڭ ئەمەس، بەلكى بەخىتلىك دوستۇڭ بۇلۇپ قالدىم. بۇنىڭدىن باشقا لايىقممۇ سېنىڭ سەمىمى دوستۇڭ بولۇپ قالغۇسى. بۇ، بىر بويتاققا نىسبەتەن قىلچە ئەكمىيتى يوق نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇ ساڭا سەمىمى سالام ئېيتتى. كېيىنچە ئۇ ئۆزى ساڭا خەت يازماقچى. بىلىمەن، سېنىڭ بىزنى يوقلاپ كىلىشىڭگە توسقۇن بۇلۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار بار. ئەجەبا بىزنىڭ تويىمىز بارىلىق توسالغۇلارنى يېڭىشنىڭ تازا ياخشى پۇرسىتى ئەمەسمۇ؟ شۇنداقتىمۇ قانداقلا بولسىۇن ئۆزىڭگە قولايلىق بولۇشى ئۆزدە تۇتارسەن. غەم - ئەندىشە قىلماسلىقىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن».
        گىئوك خەتنى قولىدا تۇتقىنىچە دېرىزىگە قارپ، يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇردى. تۇنۇش بىر تار كۆچىدىن چىقىپ، مۇشۇ يەردىن ئۆتكىچە ئۇنىڭغا سالام قىلۋىدى، ئۇ پەرۋاسىز كۈلۈمسىرەش بىلەنلا جاۋاپ قايتۇردى. ئۇ ئاخىر خەتنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئۆيدىن چىقتى ۋە تارغىنا كارىدوردىن ئۆتۈپ، دادىسىنىڭ خانىسىغا كىردى. ئۇنىڭ بۇ خانىغا كىرىپ باقمىغىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغانىدى. ئادەتتە بۇ يەرگە كېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ دادىسى بىلەن دۇكاندا دائىم كۆرۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشلۈك تاماقنى بىر ئاشخانىدا يەيتى. كەچتە ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا ئازراقتىن بىرنىمە يىسىمۇ، گىئوك دوستلىرىنىڭ يىغىلىشىغا بارمىسسىلا ئۇ يىغىلىشلارغا كەمدىن - كەم باراتتى - ياكى مۇشۇ ۋاقىتتا لايىقىنى يوقلاپ بارمىسىلا ئۇلار تاماقتىن كېيىن ھەمىشە ئوتتۇردىكى ئۆيدە بىردەم - يېرىم دەم بىللە ئولتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا گېزىت ئوقۇشاتتى. دادىسىىنىڭ خانىسى قۇياش نۇرى چاقناپ تۇرغان مۇشۇنداق ئەتگەنلىكىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. گىئوك بۇنىڭدىن ھەيران بولاتتى، ئەسلى چاققانغىنا ھويلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئىگىز تام كۈن نۇرىنى توسۇۋالاتتى. دادىسى دېرىزە يېنىدىكى بۇلۇڭدا ئولتۇراتتى، بۇ يەرگە مەرھۇم ئانىسىنى ئەسلىتىدىغان ھەر خىل خاتىرە بۇيۇملىرى تىزىپ قويولغاندى. دادىسى گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. ئۇ گېزىتنى ئالدىغىراق تۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق كۆزىنىڭ كېسىلىنى ياخشىلىماقچى بولاتتى. ئۈستەلدە ئازراقلا يەپ ئېشىپ قالغان ناشتىلىق تۇراتتى.
      ــ ھە، گىئوك! دېدى دادىسى ئۇنىڭغان قاراپ مېڭىپ،. ماڭغان چاغدا ئۇنىڭ قېلىن رەختتىن تىكىلگەن ئۇخلاش كىيىمىنىڭ ئالدى ئېچىلىپ، ئېتىكى گەۋدىسىنى يۆگىگىنچە پۇلاڭلاپ تۇراتتى. «دادام زەربەر دەسلىكىنى ھېلىمۇ يوقاتماپتۇ» دەپ ئويلىدى گىئوك.
        ــ بۇ يەرنىڭ قارڭغۇلۇقىغا ئادەم چىداپ بولالمايدىكەن، ــ دېدى ئۇ. ــ راست دەيسەن، بەك قاراڭغۇ، ــ دېدى دادىسى.
    ــ دېرىزىنىمۇ يېپىپ قويغانمىدىڭ؟
    ــ مەن شۇنداق تۇرۇشنى خالايمەن
    ــ تالا شۇنداق ئىللىق، دېدى گىئوك، خۇددى باياتىنقى گەپنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغاندەك. ئاندىن ئولتۇردى. دادىسى ئۈستەلدىكى قاچا - قۇچىلارنى ئېلىپ بىر ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويدى.
        ــ بىر ئىشنى ساڭا دەپ قويغىلى كەلگەنىدىم، - سۆزنى داۋام قىلدى گىئوك دادىسىنىڭ ھەركىتىگە ھەيرانلىق بىلەن نەزەر سېلىپ، :
     ــ مەن بايا پىتىر بورگتىكى دوستۇمغا خەت يېزىپ، توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا دېدىم، ــ ئۇ خەتنى يانچۇقىدىن ئازراقلا چىقىرىپ، يەنە قايتۇرۇپ سېلۋەتتى.
        ــ پىتىر بورگقا؟ ــ سورىدى دادىسى.
        ــ ئۇنىڭغا پەقەت شۇ ئىشنى دەپ قويدۇم، ــ دېدى گىئوك گەپ قىلىۋىتىپ دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ. دۇكاندىكى چاغلاردا ئۇ ھەرگىزمۇ مۇنداق قىلمايتتى. قاراڭ، ئۇنىڭ ھازىرىقى تۇرقىغا، شۇ تاپتا ئۇ قوللىرىنى كۆكىرىكى ئۈستىگە گىرەلەشتۈرۈپ، راھەتلىنىپ ئولتۇرىدۇ، دەپ ئويلىدى ئۇ.
        ‏ــ شۇنداق، دوست دېگەنگە دەپ قۇيۇش كېرەك، ــ دېدى دادىسى سالماق ئاھاڭدا.
       ــ ساڭا مەلۇم، دەسلىپىدە توي قىلىشقا پۈتۈشكىنىمنى ئۇنىڭغا دىگىم يوق ئىدى. مەن ئەنسىرەپ قالدىم. بۇنىڭدا باشقا سەۋەممۇ يوق، لېكىن ئۆزىڭ بىلىسەن، ئۇ چىقىشىپ ئۆتۈش بەك تەس بىر ئادەم. مەن شۇنى ئويلاپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ تويقىلىشىمغا پۈتۈشكەنلىكىمنى ئۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان بۇلىشى مۇمكىن، ئۇنىىڭ يەككە - يىگانە ياشاش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا بۇنى ئاڭلاپ قېلىشى ئانچە مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاڭلىمايدۇ دېيەلمەيمەن. ئۆزىمنىڭ ئويى بويچە بولغاندا، بۇنى ئۇنىڭغا دېگىممۇ يوق ئىدى.
        ــ ئۇنداقتا ئەمدى باشقا بىر قارارغا كەپسەن ــ دە؟ سورىدى دادىسى. ئۇ قولىدىكى چوڭ گېزىتنى دېرىزە تەكچىسىگە قويدى، ئاندىن كۆزەينىكىنى گېزىتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قولى بىلەن بېسىپ تۇردى.
        ــ ھەئە، ھازىر مەن يېڭى ۋاشتىن ئويلاندىم، مېنىڭچە ئەگەر ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستىم بولدىكەن، ئۇنداقتا مېنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشتىن ئىبارات بۇ بەختىم ئۇنىڭمۇ بەختى، شۇڭلاشقا يەنە ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭغا خەۋەر قىلاي. ماۋۇ خەتنى سېلىۋەتمەستە، ساڭا دەپ قوياي دەپ كىرىۋىدىم.
        ــ گىئوك، دېدى دادىسى چىشى قالمىغان ئاغزىنى ئېچىپ، قۇلاق سال، سەن مۇشۇ ئىشنى دەپ مەن بىلەن مەسھەتلەشكىلى كەپسەن. بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ ساڭا بولغان ھۆرمىتىمنى ئاشۇردۇ.لېكىن ئەگەر ھەققىقىي ئەھۋالنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ماڭا دېمىسەڭ، ئۇ ھالدا بۇ نۆلگە تەڭ بولىدۇ، ھەتتا مېنى بىئارام قىلىدۇ. مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تاگەپ ئولتۇرغۇم يوق. قەدىرلىك ئاناڭ چاپات بولغاندىن بۇيان، يۈز بەرمەسلىككە تېگىشلىك بەزى ئىشلار يۈز بەردى. ئېھتىمال شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە تېگىشلىك ۋاقىتمۇ بولۇپ قالغاندۇر. لېكىن ئۇنداق ۋاقىتنىڭ بىر ئويلىغاندىنمۇ بالدۇراق كېلىشى ناتايىن. دۇكاندىكى بەزى ئىشلارغا يېتىشىپ كېتەلمەيۋاتىمەن، بەلكىم بەزى ئىشلارنى مەندىن يۇشۇرۇپ يۈرمىگەنسەن ــ ھازىرغۇ مەن پەرەز بىلەن بەزىبىر ئىشلارنى مەندىن قەستەن يۇشۇرۋاتىسەن دېيىشنى خالىمايمەن. ماغدۇرۇم ئازلاپ، ئۇنتىغاق بۇلۇپ قالدىم ، ھەمە ئىشنى ئۆزۈپ قول سېلىپ قىلالمايمەن . بىرى، بۇ تەبىئىي ئەھۋال؛ ئىككىنچىدىن، ئاناڭنىڭ ئۆلۈمى ساڭا قارىغاندا ماڭا بەكەرەك ئېغىر كەلدى. شۇنداقتىمۇ بىز مۇشۇ بىر ئىشنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولغاندىكىن، مۇنۇ خەتنىڭ ئىشىدا، گىئوك، مېنىڭ ئىلتىماسىم، مېنى ئالدىما، مۇشۇ كىچىككىنە بىر ئىشتا، ئەرزىمەس بىر ئىشتا بېنى ئالدىما. پېتىر بورگتا سېنىڭ راستلا شۇنداق بىر دوستۇڭ بارمۇ؟
        ــ دوسلىرىمنىڭ گېپىنى قىلما، دېدى گىئوك ئوڭايسىز بىر ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ماڭا نىسپەتەن مىڭ دوستمۇ بىر ئاتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟ سەن سالامەتلىكىڭنى ئاسىرىمايسەن، ياش دېگەن ئادەمگە باقمايدۇ. دۇكاندا مەن سېنىڭسىز ئىش قىلالمايمەن، بۇنى ئوبدان بىلىسەن، ناۋادا كېرەك سودا - سېتىق سالامەتلىكىڭگە تەھتىت سېلۋاتقان بولسا، دۇكاننى ئەتىلا مەڭگۈلۈككە تاقۋېتەي. ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرمە، تۇرمۇش ئۇسۇلىڭنى ئۆزگەرتەيلى، ئۆزگەرتكەندىمۇ تۈپتىن ئۆزگەرتەيلى. بۇ يەردە سەن قاراڭغۇدا ئولتۇرسەن، ئوتتىردىكى ئۆيدە ئولتۇرغان بولساڭ تولوق ئاپتاپسىنالايتتىڭ. تاماقنىمۇ تۈزۈك يىمەيسەن، ناشتىدا ئاران بىر نەچچە چىشلەم بىر نېمە يەيسەن؛ دېرىزىنى مەككەم ئېتىپ ئولتۇرسەن، ئەمما ساپ ھاۋا ساڭا شۇنداق پايدىلىق ئىدى. ياق دادا! مەن بېرىپ دوختۇر چاقىرىپ كېلەي، بىز جەزمەن دوختۇرنىڭ بۇيرىغىنىدەك قىلايلى. بىز ئۆيلەرنى ئاملاشتۇرايلى، سەن ئالدىدىكى ئۆيگە كۆچ، مەن مۇشۇ ئۆيگە كۆچۈپ كېلەي. قويغان - تۇققانلىرىڭنى ئۆزگەرتمەيلى، ھەممىنى تەڭ كۆچۈرۈپ ئاپىرايلى. لېكىن بۇ ئىشلارنى قىلغىلى ھامان ۋاقىت تاپىمىز، ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى ئىش، سەن كارۋاتقا چىقىپ بىردەم يېتىۋال. سەن جىمجىت ئارام ئېلىشىڭ كېرەك. قېنى كېلە، كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ قوياي. قارا، مەن سالدۇرالايمەن. بولمىسا، سەن ھازىرلا ئالدىدىكى ئۆيگە بېرىپ، مېنىڭ كارۋىتىمدا ياتساقمۇ بولىدۇ. شۇنداق قىلساق تېغىمۇ مۇھاپىقراق. گىئوك دادىسىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇراتتى، دادىسىنىڭ ئاپپاق چاچلىرى چىگىلىشىپ كەتكەن بېشى مەيدىسىگە ساڭگىلاپ تۇراتتى.
        ــ گىئوك، ـ دېدى دادىسى بوش ئاۋاز بىلەن ئورنىدىن قوزغالماي. گىئوك شۇئان دادىسىنىڭ يېنىدا تىزلاندى. ئۇ دادىسىنىڭ ھارغىن چىرايىدىن ئاجايىپ يوغان كۆز قارانچۇقىنىڭ ئۆزىگە ياندىن تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
        ــ پېتىر بورگتا سېنىڭ دوستۇڭ يوق. سەن ئەزەلدىن چاقچاققا ئامراق ، ماڭىمۇ چاقچاق قىلۋاتىسەن. قانداقسىگە سېنىڭ دەل ئاشۇ يەردە دوستۇڭ بولىدۇ؟ مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
       ــ ئوبدانىراق ئەسلەپ باق دادا، ـ ئۇ دادىسىنى كۇرىسىدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى سالدۇرۋەتتى. ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن دادىسى ئۆرە تۇرۇپ قالدى،:
        ــ ئۈچ يىل بولاي دەپ قالدى، شۇ چاغدا ئۇ دوستۇم بىرنىڭكىگە كېلىپ مېھمان بۇلۇپ كەتكەن، ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ، سەن ئۇنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدىڭ، مەن ئىككى قېتىم سېنى ئالداپ ئۇنى يوق دەپ قويغان، لېكىن شۇ چاغدا ئۇمېنىڭ خانامدا ئىدى. مەن ئۇنى ياقتۇرماي قالغانلىقىڭىزنى تازا ئوبدان چۈشۈنىمەن، ئۇ دوستۇمنىڭ مىجەزى سەل باشقىچەرەك. لېكىن كېيىن سەن ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىڭ. سەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، بەزىدە باش لىڭىشىتىپ قوياتتىڭ، بەزىدە سۇئال سورايتتىڭ. شۇ چاغدا مەن بۇنىڭدىن قاتتىق پەخىرلەنگەن. ئوبدان ئويلاپ باقساڭ ئەسلىيەلەيسەن . شۇ چاغدا ئۇ روسىيە ئىنقىلابى توغرسىدا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن: مەسىلەن، ئۇ مۇنداق بىر ئىشنى دەپ بەرگەن. بىر قېتىم ئۇ كىيىفقا سودا قىلغىلى بېرىپتىكەن، بىر قېتىملىق قالايمىقانچىلىقتا بىر پوپ بالىكوندا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئالقىنىغا يوغان قىلىپ قىپقىزىل كرېست بەلگىسىدىن بىرنى سىزىپتۇ، ئاندىن شۇ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ كىشلەرگە قاراپ ۋارقىراپتۇ. كېيىن ئۆزىڭ مۇشۇ ھېكايىنى بەزى چاغلاردا باشقىلارغا سۆزلەپمۇ بەردىڭ.شۇ ئارلىقتا گىئوك دادىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ، كاناپتىن تىكىلگەن كالتا ئىشتىنىنىڭ تېشىغا كىيۋالغان تىۋىتلىك ئىشتىنىنى ۋە پايپىقىنى ئاۋايلاپ سالدۇردى. بۇ كىيىملەرنىڭ خېلىلا كىرلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، گىئوك«دادامغا پەقەت كۆڭۈل بولمەپتىمەن» دەپ ئۆزىنى ئەيىپلىدى. دادىسىنىڭ ئىچكىيىملىرىنى ئاملاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىكىك قىلىپ تۇرۇش ‏- ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مەسئۇليىتى ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۆزىنىڭ لايىقى بىلەن تېخى سۆزلەشمىگەندى، ئۇلار دادىسىنى ئەسلىدىكى قوروسىدا يالغۇز تۇرغۇزۇش پەقەت كۆڭلىدىلا ئويلاپ قۇيۇشقاندى. لېكىن ئەمدى ئۇ بىردىنلا كىيىنكى كۈنلەردە دادىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرغۇزۇش قارارىغا كەلدى. ئىنچىكىرەك كۆزىتىپ باقسا شۇنى بايقاشقا بولاتتىكى، ئۇلارنىڭ دادىسىنى كۈتۈش ئۈچۈن قىلغان تەيارلىقلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا كىچىكىپ كەتكەنىدى. ئۇ دادىسىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. كارۋاتقا بىر نەچچىلا قەدەم كەلگۈدەك جايدا ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزى مەيدىسىگە ئېسىلۋالغان سائەتنىڭ بېغىنى ئويناۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى سۈر باستى، دادىسى سائەت بېغىنى چىڭ تۇتىۋالغاچقا ، ئۇ دادىسىنى دەرھاللا كارۋاتقا قويالمىدى. دادىسىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇش بىلەن تەڭلا، ھەممە ئىش ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى. بوۋاي يوتقاننى ئوزى يېپىنىپ، بىلىكىدىنمۇ يۇقىرىراق قىلىپ تارتىۋالدى. ئۇ گىئوكقا يېقىنچىلىق نەزەردە قاراپ تۇراتتى. ــ توغرا ! دەپتىمەنمۇ، ئۇنى ئېسىڭگە ئالالىدىڭمۇ؟ سورىدى گىئوكق ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقاندەك بېشىنى لىڭىشىتىپ. ئوبدان يېپىندىممۇ؟ سورىدى دادىسى. ئۇ ئىككى پۇتىنىڭ يېپىلغان ياكى يېپىلمىغانلىقىنى ئۆزى كۆرەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. كارۋاتتا ياتساڭ راھەتلىنىپ قالىسەن ، دېدى گىئوك دادىسىنىڭ ئۈستىدىكى يوتقاننى تېغىمۇ ھىمىراق ياپقاچ.
    ــ ئوبدانراق يېپىندىممۇ دەپ سورىدى دادىسى،
    _خاتىرجەم بول. ئوبدان يېپىندىڭ .
    ــ ياق. ــ ئۇنىڭ جاۋابىغا ئۇلاپلا قاتتىق ۋاقىردى دادىسى.
       دادىسى يوتقاننى ئېچۋەتتى، ئاچقاندىمۇ كۈچەپ تۇرۇپ شىددەت بىلەن ئاچتىكى، يوتقان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ئارلىقتا بىراقلا ئېچىلىپ كەتتى. دادىسى كارۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ ، بىر قولى بىلەن تورۇسقا بوشقۇنغا يۆلىنىۋالدى،:
        _ سېنىڭ ماڭا يوتقاننى ئوبدان يېپىپ قويغىڭ بار، بالام، بۇنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئوبدان ياپالمىدىم . بارى يوقى ماغدۇرۇم شۇنچىلىك بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ساڭا تاقابىل تۇرۇشۇمغا يىتىپ ئاشىدۇ . مەن ئۇ دوستىڭنى ھېلىمۇ تۇنۇشىم مۇمكىن ، ئۇ مېنىڭ سۇيۇملۇك بالاممۇ تېخى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ، سەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنى ئالداپ كەلدىڭ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سەن خىيالىڭدا مىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكمىدى دەمسەن؟ نەق مۇشۇ چەجىدىن، سەن ئىشغانىڭغا مۇكۈنۋېلىپ ھىچكىمنى يوللاتمايسەن . قارىسا بەك ئالدىراشتەك قىلىسەن، لېكىن سەن روسىيەگە ئەۋەتىدىغان ئاشۇ يالغان خەتلىرىڭنى يېزىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىسەن. ھېلىمۇ ياخشى ھىچكىم ئۆگەتمىسىمۇ سېنىڭ ئىچ - تېشىڭنى كۈرۈپ تۇرالايمەن. نمانا ئەمدى سەن ئۇنى بويسۇندۇردۇم، ئۇنى ھەتتا ئورۇندۇق قىلىپ ئولتۇرۋالساممۇ مىدىر سىدىر قىلالمىغىدەك دەرىجىدە بويسۇندۇردۇم دەپ قاراۋاتىسەن. گىئوك بېشىنى كۆتۈرۈپ دادىىسنىڭ ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق قىياپىتىگە قارىدى.
        پېتىر بورگتا تۇرۋاتقان دوست بىلەن دادىسىنىڭ كۈتمىگەندەك ئىنتايىن تۇنۇش چىقىپ قېلىشى ئۇنىڭدا ئەزەلدىن كۆرىلىپ باقمىغان ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. دوستى يىراقتىكى بىر يوسىيدە پەرىشان بىر ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. پاك - پاكىز قۇرۇقدىلىنىپ قالغان دۇكاننىڭ ئىشىك كېشىكىگە يۆلەنگەن ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ يەنە بۇزۋىتىلگەن مال جازىسى، پاچاقلىۋىتىلگەن ماللار ۋە ئۆرۈلۇپ كەتكەن چىراغ جازىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆرە تۇراتتى. ئۇنىمە دەپ شۇنچە يىراق يەرگە كەتكەن بولغىيدى؟ ــ ماڭا قارا، ــ ۋاقىردى دادىسى، گىئوكنىڭ بولۋاتقان ئىشلارنىڭ تېگى تەكتىگە يەتكۈسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ دىققىتى چېچىلغان ھالدا كارۋاتقا قاراپ يۈگۈردى، لېكىن ئازراق يۈگىرىپلا توختاپ قالدى. ــ ئۇ ئېتىكىنى ئېگىز كۆتۈر گەنلىكى، گەپ باشلىدى دادىسى چىقىراق ئاۋاز بىلەن، چېلىقى لەنىتى ئايال ئېرىكىنى مانا مۇشۇنداق ئېگىز كۆتۈر گەنلىكىنى، ئۇ ئۆزى قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئېتىكىنى ئېگىز كۆتۈرۋىدى، ئۇنىڭ يوتىسىدىكى ئۇرۇش ۋاقتىدىن قالغان تارتۇق ئېچىلىپ قالدى، ئۇ ئېتىكىنى مۇشۇنداق ئېگىز، مانا مۇشۇنداق ئېگىز كۆتۈر گەنلىكى ئۈچۈن بېرىپ ئۇنىڭغا سۈركەشتىڭ. ئۇنىڭ تېنى ئارقىلىق نەپىسىڭنى خالىغانچە قاندۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، نومۇشنىمۇ ئۇنتۇپ ئاناڭغا تۇتۇۋاتقان ھازىمىنى بۇزدۇڭ. دوستۇڭغا ئاسىيلىق قىلدىڭ. مېنى مىدىر سىدىر قىلالمۇسۇن دەپ كارۋاتتا ياتقۇزۇپ قويدۇڭ. مانا قارا، مەن مىدىرلىيالايدىكەنمەن مىدىرلىيالمامدىكەنمەن؟ مانا ئەمدى ئۇ ھىچنىمىگە يۆلەنمەي تىك تۇراتتى ھەمدە ئۇياق بۇياققا پۇت ئالاتتى، ئۆزىنىڭ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرايلىدىغانلىقىدىن خۇشال بولاتتى. گىئوك ئىلاجىنىڭ بارىچە دادىسىدىن يىراقىراق تۇرۇش ئۈچۈن بۇلۇڭدا ئۆرە تۇردى. ئۇ تېخى بايىلا ئارقىدىن ياكى يۇقۇردىن كەلگەن تۇيۇقسىز زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەممىنى تولۇق كۆزىتىپ چىقىش قارارىغا كەلگەنىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنگە ئۇزۇن بولغان شۇ قارارىنى ئېسىگە ئالدى، لېكىن ئۇ خۇددى قىسقىغىنە بىر تال يىپنى يىڭنىنىڭ كۆزىدىن ئۆتكىزىدىغان ئادەمدەك، بۇ ئىشنى شۇئانلا ئۇنتىدى.
        ــ لېكىن دوستىڭنى ھەر ھالدا سېتۋەتمىدىڭ! ــ ۋارقىردى دادىسى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى شىلتىپ تەلەپۈزنى كۈچەتىپ، ــ مانا مەن ئۇنىڭ مۇشۇ يەردىكى ۋاكالەتچىسى.
       ــ كومېدىك ئارتىسكەنسەن سەن! ئىختىيارسىز ۋارقىرۋەتتى گىئوك، لېكىن ئۇ شۇگەپنى قىلىپ بالا تېرىپ قويغانلىقىنى شۇئانلا تۇيۇپ قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. كېچىككەن بولسىمۇ تىلىنى چىشلىۋالدى، ئاغىرىق دەستىدىن ئىڭىشىپ، يىقىلىپ چۈشكىلى قىل - قىل قالدى. ــ دۇرۇس، سەن ئەلۋەتتە كۆمېدىيىدە رول ئالغان! كومېدىيىدە! بۇ گەپنى راست ئوبدان دېدىڭ. قېرىغان بويتاق داداڭغا تەسەللى بەرگۈدەك يەنە نىمە گەپلىرىڭ بار؟ قېنى دەپ باق، جاۋاپ بەرگۈچى بولغان شۇ ئارلىقتا سەن يەنىلا مېنڭى تىرىك ئوغلۇم، مەن ئارقىدىكى ئۆيدە قېرىپ ماغدۇرۇمدىن قالدىم، دۇكاندىكى ئالدامچى مال ساتقۇچىلار زىيانكەشلىكىگە ئۇچۈردىم، مېنىڭ يەنە نېمەم قالدى؟ مېنىڭ ئوغلۇم بولسا خوشلۇقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي ھەممە يەرنى كېزىپ يۈرىدۇ. مەن ئاچقان دۇكاننى تاقاپ قۇيۇپ ئەركىنلىككە چىقۋېلىپ، نىمە قىلىشىن بىلەلمەي قالدى، يۈكسەك ئەخلاقلىق ئادەمدەك قىياپەتتە مېنىڭ ئالدىمدىن ئەيمەنمەي ئۈتۈۋالدىغان بۇلۋالدى. مەن مېنىڭ داداڭ، مېنى خىيالىڭدا ئۆزىڭنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدى دەمسەن؟ «ئۇ ھازىر ئېڭىشىدۇ، ــ ئويلىدى گىئوك، ئۇ يىقىلىپ چۈشۈپ پارە - پارە بۇلۇپ كەتكەن بولسا ، ئەجەپ ئوبدان بولاتتى!» بۇ سۆز ئۇنىڭ كاللىسىدا غىل - پاللا پەيدا بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى. دادىسى ئېڭىشتى، لېكىن يىقىلىپ كەتمىدى. گىئوك ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك ئۇنىڭ ئالدىغا بارمىغاچقا، دادىسى يەنە ئۆرە تۇردى.
        ــ ئاشۇ يەردە جىم تۇر، ماڭا كېرىكىڭ يوق. سەن خىيالىڭدا مۇشۇ يەرگە كەلگىدەك كۈچۈپ بار دەپ ئويلامسەن؟ ياق، خاتالاشتىڭ. مەن بۇرۇندىنلا ناھايتى كۈچلىك، ناۋادا مەن يالغۇز بولسامدىم، نائىلاج چېكىنگەن بولاتتىم، لېكىن ئاناڭ ماڭا كۈچ - قۇۋەت بەردى. مەن سېنىڭ دوستۇڭ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ كەلدىم. سەن ئۇقۇپ كەلگەن خەۋەرنىڭ ھەممىسى يانچۇقىمدا.
        ــ ئۇنىڭ ھەتتا كۆڭلىكىنىڭمۇ يانچۇقى بار ئىكەن، ــ دېدى ئىچىدە گىئوك. ئۇ بۇ گەپنى خەلقى ــ ئالەم ئالدىدا دەۋەتسە، دادىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئەنە شۇنى ئويلىدى يۇ، لېكىن شۇئانلا پاك ــ پاكىز ئۇنتۇپ كەتتى.
       ــ لايىقىڭنى قولتۇقلاپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ باققىنە قېنى! ئۇنى يېنىڭدىن قوغلىۋىتىپ، ساڭا قانداقلىقىمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي! گىئوك بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىگەندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈردى. دادىسى دېگەن گېپىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەپ قويغۇسى باردەك، گىئوك تۇرغان بۇلۇڭغا قاراپ بېشىنى لىڭىشىتىپ قويدى.
        ــ سەن كېلىپ دوستۇمغا خەت يېزىپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىمنى دەپ قويامۇ دەپ سوراۋاتىسەن تېخى، ماڭا قانداق گەپ قىلغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ ئۇ ھەممىنى بىلىدۇ، ھۇ ئەخمەت، ئۇ ھەممىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭغا مەن خەت يازدىم ، چۈنكى سەن خەت يازدىغان نەرسىنى ئەكەتمەي ئۇنتۇپ قاپكەنسەن. مانا مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇ بىر نەچچە يىلغىچە بۇ يايلاققا قەدەم باسمىدى. ئۇ سەندىن يۈز ھەسسە ئېنىق بىلىدۇ. ئۇ سېنىڭ خېتىڭغا قاراپمۇ قويماي سول قولى بىلەن پۇرلاپ، ئوڭ قولىدا مېنىڭ خېتىمنى تۇتۇپ ئوقۇيدۇ.
        ئۇ خوشاللىقىدا قولىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ :
    ــ ئۇ سەندىن مىڭ ھەسسە ئېنىق بىلىدۇ، دەپ ۋارقىردى.
    ــ ئون مىڭ ھەسسە! ــ دېدى گىئوك دادىسىنى مەسغىرە قىلماقچى بولۇپ. لېكىن بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي تەلەپپۇزدا چىقتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەن ساڭا شۇ سوئالنى سورارمۇ ــ سورىماسمۇ دەپ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. سەن ئۆزىڭچە مېنى باشقاىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ دېگەنمىدىڭ؟
    ــ ئۇ ئالقانداق قىلىپ كارۋاتقا چىقىپ قالغان بىر گېزىتنى گىئوكقا تاشلاپ بەردى. ئۇ بىر كونا گېزىت ئىدى، ئۇ بۇ گېزىتنىڭ نامىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانىدى،
    ــ سەن زادى قاچان پىشىسەن؟ ئاناڭ ئۆلۈپ كەتتى. شاد ـ خورام كۈننى كۆرۈش ئۇنىڭغا نىسىپ بولمىدى. دوستۇڭ روسىيىدە تۈگىشەيلا دەپ قالدى، ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ چىرايى سارغىيىپ، ئۆلەيلا دەپ قاپتىكەن. لېكىن مەنچۇ؟ بۇنى كۆرەلەيسەن، بۇنى كۆرەلەيسەنغۇ
    ــ بۇ گەپچە سەن مېنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋېتىپتىكەنسەن ــ دە، ۋارقىردى گىئوك.
    ــ سەن بەلكىم بالدۇراق شۇنداق دىيىشىڭ كېرەكتۇر، ــ دىدى دادىسى ئۇنىڭغا ئېچىنىپ ئېرەنسىزلىك بىلەن،
    ــ بۇ گەپنى ئەمدى دېگىنىڭ پۈتۈنلەي مۇۋاپىق بولمىدى، ــ ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈردى، ــ دۇنيادا ئۆزۈڭدىنمۇ باشقا ئىشلارنىڭ بارلىقىنى مانا ئەمدى چۈشۈنۋاتىسەن. تا مۇشۇ چاغقىچە سەن پەقەت ئۆزىڭنىلا بىلەتتىڭ. سەن ئەسلى بىر ساددا بالا ئىدىڭ. لېكىن سەن تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئالۋاستىدەك بىر نىمە ئىدىڭ. شۇ ۋەجىدىن ساڭا دەي: ھازىر مەن سېنى سۇغا غەرىق بۇلۇپ ئۆلۈشكە ھۆكۈم قىلدىم.
       گىئوك ئۆزىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندەك ھېس قىلدى، قۇلىقىغا ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان دادىسىنىڭ «گۈپ» قىلىپ كارۋاتقا يىقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ خۇددى بىر قىيالىقتىن چۈشۋاتقاندەك ، پەلەممەي باسقۇچىنى ئاتلاپ ئىتتىك - ئىتتىك چۈشتى. ئۇ ئۆيلەرنى تازلاپ قويغىلى چىققان خىزمەتچى ئايالغا سوقۇلۇپ كەتتى. «يا خىرىستون» دەپ ۋارقاردى ھېلىقى ئايال ئېتىكى بىلەن يۈزىنى يېپىپ، لېكىن گىئوك ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەنىدى. ئۇ دەرۋازىدىن چىقىپ، يولدىن ئۆتۈپ دەريا بويىغا كەلدى. ئۇ خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەم يىمەكلىكىنى تۇتقاندەك كۆۋرىك شادىسىنى چىڭ تۇتتى، ئاندىن شادىدىن ئارتىلىپ ئۆتتى. ياش ۋاقتىدا ئۇ گىمناستىكا تەنەركەتچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى مانا شۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئۇنىڭ قوللىرى بارغانسىرى ماغدۇرسزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، شادىنى يەنىلا چىڭ تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ شادلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئاپتۇبۇسنىڭ كېلۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ ئاپتۇبۇسنىڭ كۆرۈلدىشى ئۇنىڭ «پولتۇڭڭىدا» سۇغا چۇشكەن ئاۋازىنى بېسىپ كېتەلەيتتى. ئۇ پەس ئاۋازدا «قەدىرلىك ئاتا - ئانا ، مەن سىلەرنى ياخشى كۆرەتتىمغۇ» دېدى دە، قولىنى قويۋەتتى. دەل شۇ چاغدا ئادەملەر، ماشىنىلار قاتارلىشىپ كۆۋرىكتىن ئۆتمەكتە ئىدى.

    ------------«چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن زوق ئېلىش لۇغىتى»دىن

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:42:51]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.