قېرى خوتۇن

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-08 17:36:23

كەڭ دالىدا تەنھا كېتىپ باراتتىم، توساتتىن كەينىمدىن ئېھتىيات بىلەن بېسىلغان يەڭگىل ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغاندەك تۇيۇلدى... بىرى ئىزىمغا چۈشكەندەك قىلاتتى.


    قېرى خوتۇن

    تۇرگېنېۋ [رۇسىيە]
    ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

     
    كەڭ دالىدا تەنھا كېتىپ باراتتىم، توساتتىن كەينىمدىن ئېھتىيات بىلەن بېسىلغان يەڭگىل ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانغاندەك تۇيۇلدى... بىرى ئىزىمغا چۈشكەندەك قىلاتتى.
    بۇرۇلۇپ قارىسام، پاكارغىنا بىر دۈمچەك موماي كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئۈستى بېشى جۇل-جۇل ئىدى، جۇل-جۇل كىيىملەر ئارىسىدىن موماينىڭ شام رەڭگىدە سارغايغان، قورۇق باسقان، بۇرنى ئۇچلۇق، چىشلىرى قالمىغان چىرايىلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
    -سىز كىم بولىسىز؟ تىلەمچىمۇ يا سىز؟
    موماي جاۋاب قايتۇرمىدى. ئېڭىشىپ قارىۋىدىم، ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزىنى خۇددى ئۇچار قۇشلارنىڭ كۆزىنى، كۈن نۇرىنىڭ چېقىشىدىن ساقلايدىغان سەل سۈزۈك ئاقۇش نېپىز پەردە قاپلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئەمما موماينىڭ كۆز پەردىسى قىمىرلاپمۇ قويمايتتى، كۆز قارچۇقىنى كۆرسەتمەيتتى...شۇڭا مەن: «ھە، ئۇ ئەما ئىكەن» دېگەنىدىم.
    -سەدىقە سوراۋاتامسىز؟-قايتىلاپ سورىدىم مەن،-نېمىشقا ئارقامغا كىرىۋالىسىز؟
    لېكىن موماي گەۋدىسىنى سەل قورۇپ قويغاندىن باشقا يەنىلا جاۋاب بەرمىدى. مەن بۇرۇلۇپلا ئۇنى تاشلاپ يولۇمغا ماڭدىم. شۇ ئارىدا مەن يەنە ئارقامدىن يېنىك، رەتلىك ۋە ئاۋايلاپ بېسىلغان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالدىم.
    «يەنە شۇ قېرى خوتۇن ئىكەنغۇ! ئۇ ماڭا مۇنچە چاپلىشىۋېلىپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم-يۇ، شۇ ھامان يەنە: «بەلكىم ئۇ ئەما بولغاچقا، يولدىن ئېزىپ قېلىپ، مەن بىلەن ئادەم بار يەرگىچە بىللە بېرىۋالاي دەپ، ئىزىمغا چۈشكەن بولسا كېرەك. دۇرۇس، دۇرۇس، شۇنداق!» دېگەن ئويغا كەلدىم.
    شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوي-خىيالىمنى بارا-بارا ئادەتتىن تاشقىرى غەلىتە بىر ئەنسىزلىك چىرمىۋالدى: ئەمدى موماي ماڭا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقاندەكلا ئەمەس، بەلكى ماڭا يول كۆرسىتىپ مېنى بىر تۇرۇپ ئوڭغا، بىر تۇرۇپ سولغا ماڭ دەپ ئىتتىرىۋاتقاندەك، ئۆزۈممۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا بوي سۇنۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى.
    مەن داۋاملىق كېتىۋاتىمەن... ئەمما قارىسا، ئالدىمدا ئۆزۈم كېتىۋاتقان يولدا قانداقتۇر بىر نەرسە قارىيىپ ۋە كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلدى، ئۇ گويا چوڭقۇر ئازگالدەك كۆرۈندى. كاللامدىن «گۆر! مانا كۆرۈڭ، موماي مېنى ئىتتىرمەكچى بولغان-ھە!» دېگەن خىيال غىل-پال ئۆتتى.
    مەن شارتتىدە كەينىمگە بۇرۇلدۇم، موماي يەنە ئالدىمدا تۇراتتى، ئەمما بۇ دورام ئۇ كۆرەلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يىرتقۇچنىڭكىدەك ياۋۇزلۇق، رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرغان يوغان كۆزلىرى ماڭا قادىلىپلا تۇراتتى. مەن يېقىن بېرىپ ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە سەپسالدىم، كۆز پەردىسى باشتىكىدەكلا نۇرسىز، ئەمما چىرايى ئۆلۈكنىڭكىدەكلا جانسىز ئىدى...
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر موماي قارغۇ يول