لەنەت-نەپرەتلەر سېنى كۈتمەكتە-(تۈركىيە) ئۆمەر سەيفىددىن

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 15:43:53

لەنەت-نەپرەتلەر سېنى كۈتمەكتەئۆمەر سەيفىددىن (تۈركىيە)تۈركىچىدىن توختى تىللا تەرجىمىسىبىر چاغلاردا ئاقسارايلىق جابىر پاشانى( پاشا-ئوسمان ئېمپىرىيىسى زامانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدار ...



     

    لەنەت-نەپرەتلەر سېنى كۈتمەكتە
    ئۆمەر سەيفىددىن (تۈركىيە)
    تۈركىچىدىن توختى تىللا تەرجىمىسى

    بىر چاغلاردا ئاقسارايلىق جابىر پاشانى( پاشا-ئوسمان ئېمپىرىيىسى زامانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى ئەمەلدار ۋە پولكوۋنىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىسىتىرلارغا بېرىلگەن ئۇنۋان)تونۇمايدىغان كىشى يوق ئىدى. رەپىقىسى جەننەت گۈزەللىرىدىنمۇ، خەزىنىدار خېنىملاردىنمۇ، نېمىكىن؟ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلدىغانلار ئۇنىڭ ئاشۇ بىلەكلىرىگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تاقىۋالغان ئالتۇندەك كالۇتۇنلارغا "ئوردا خانىمى"نىڭ سايىسىدا ئېرىشكەنلىكىنى، يەنى خۇشامەتچىلىك بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مىڭ بېشىلىقىنى، كېيىن ھېيىت-ئايەملەردە سوۋغا-سالاملار كۆتۈرۈش بىلەن  ئېرىشكەن ھاكىملىقىنى، پولكوۋنىكلىقىنى، ۋالىيلىقىنى، پارلامېنت تۈزۈمىدىن بىر يىل ئىلگىرىكى گېنرال مايورلۇقىنىمۇ مانا شۇنداق يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ھېكايە قىلىشاتتى.
    "قوشۇننە ياشلاشتۇرۇش "كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دانىشمەنلەر ئىش بېشىغا چىققاندا، باشقىلار قاتارىدا ئۇنىمۇ پېنسىيەگە چىقىشقا مەجبۇرلاپ، ھەقسىزلىككە ئۇچىرىغۇچىلار قاتارىغا قوشۇۋەتتى. بۇنداق بولغاندا، دەسلەپكى كۈنلەردە پېنسىيە مائاشى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېتەلەيتتى. راستىنى ئېيتىش لازىم تېپىلسا، پاشانىڭ ئون پۇللۇق بايلىقىمۇ يوق ئىدى. دەرۋەقى باياشاتچىلىق ئىچىدىكى ئىچكىرى-تاشقىرى ئۆيلىرى بار كاتتا ئائىلىنى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان سوۋغا-سالام ۋە يۇقىرى مائاشلىرى بىلەن كەڭتاشا باشقۇرۇپ كەلگەنىدى. بۇ مۇسىبەتتىن كېيىن ئائىلىنىڭ پەركايى ئۇچۇپ كەتكەنلىكتىن، سەسلەپكى كۈنلەردە پېنسىيە مائاشى يەتكەندەك قىلسىمۇ، كېيىن ھەممى كىشىنىڭ بېشىغا تۇرمۇش دەردى چۈشكەن چاغدا، پاشامۇ دەسلەپكى تەدبىر سۈپتىدە داچىسىنىڭ تاشقىرى تەرىپىنى ئىجارىگە بەردى. بۇمۇ دەردكە داۋا بولالمىغاندا، بىرىنجى قەۋىتىنى ئۇششاق تەمىنات دۇكىنىغا ئۆزگەرتىپ، ئازغىنا سەرمايە بىلەن تىجارەت باشلىدى. باشقا كەلگەندە قىلماي ئامال قانچە؟قاراڭ بۇ تۇرمۇشنىڭ چاقچىقىنى!
    بىر چاغلاردا ئۇنىڭ يېنىغا بارغىلى بولمايتتى. خەۋەرچى، ئۆي خىزمەتچىلىرى، ياساۋۇللار، گۆزەتچىلەر، ئاتلار، ماشىنىلار، ىۇشامەتچىلەر ئارىسىدا ئۆتكەن دەبدەبىلەر بىلەن ھازىرقى قىرىق تىيلىك مۇراببا، ئاتمىش تىيىنلىك ئىرىمچىىك خېرىدارى بىلەنلا بولۇپ قېلىش ئارىسىدا نېمىدىگەن چوڭ پەرق بار –ھە!ئۇ بۇرۇن خۇشامەت قىلىشقا پۇرسەت تاپالماي يۈرگەنلەرنىڭ ئەمدىلىكتە قىيا ك-
    ۆز بىلەن قارىشىپ، مەسخىرە كۈلكىلىرى بىلەن كۈلۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە يۈرەكلىرى زىدە بولماي قالمايتتى. لېكىن، پاشا "سەۋرنىڭ تېخى سالامەت"دەپ زور غەيرەت بىلەن ئۆزىنى بۇ ھاياتقا كۆندۈردى، ھەتتا قانائەتمۇ قىلدى.
    بىراق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كېسەللەرگە بېرىدىغان نورمىلىق شېكەرنى تارقىتىۋاتقاندا بۇ مەھەللىدىكى ھەرقانداق كىشىگە يۈز-خاتىرە قىلمايدىغان تاقۇنيالىق فىتنەت ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇ پۈتۈن مەھەللىنى بېشىغا كىيىپ، بىر قولىنى بېلىغا تىرۋېلىپ، يەنە بىر قولىنى ھەدەپ ئۇنىڭ يۈزىگە شىلىتىپ :
    -ھەي،  كېسەللەر پاشاسى... ئاچ كۆزۈڭنى!بولمىسا خالايىق ئاچىدۇ... سەن ھوقۇقىڭدىن پايدىلىنىپ بىزنىڭ ھەققىمىزنى يەپ ئۆگىنىپ قالغانىدىڭ. ئەمدىلىكتە مەھەللە تەمىنات دۇكىنىڭنى يەمخانا قىلۋالدىڭمۇ؟نەچچە ۋاقىتتىن ئېغىز ئاچمىغانىدىم، ماڭا ئوخشاش مۆرىمەس تۇل خوتۇن يېتىم ئوغۇللاردىن بەش-ئون قاداق شېكەر قان بىلەن يىرىڭ بولسۇن ئىلاھىم... -دېدى. ئاندىن خالايىققا قاراپ يەنە داۋاملاشتۇردى، -ھەي دوستلار بۇنىڭغا قايسى جان چىدايدۇ؟بىزدىن تۇتۇپ قالغاننى خەيرىلىك ئىشلارغا ئىشلەتسە ئىچىم ئاغرىمايتتى. بىراق، بۇ قاقتى-سوقتىلار كوچىمۇ -كوچا لاغايلاپ يۈرگەن خرىستىئان نايناقلىرىنىڭ تانگو كىيىملىرىگە، بۇيرۇتما توپلەيلىرىگە كېتىدۇ ئەمەسمۇ! ئۇ سېسىقلارغا نېسىۋەمنى يېيىش ھەرگىز نېسىپ بولماس. خەپ توختا ئۇلارنىڭ يۈزىگە تۈكۈرمىسەم ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن...
    بۇ ۋەقەدىن كېيىن جابىر پاشا مەھەللە دۇكاندارلىقىغا توۋا قىلدى. ئۆيىنى قارامانلىق بىر كىشىگە تاشلاپ، ئەتىسىلا كۈ-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ بۇ يەردى كەشىنى توغىرىلىدى.
    سىتانبۇلغا كەلگەن پاشا بىر نەچچە كۈدىن بېرى بىرەر ئىش تېپىش كوتىدا بولدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆمەر ئابىد سارىيىدا ئىشخانا، تىجارەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ھەل قىلدى. ئەمدى ئۇ بىر دورامچى سودىگەر بولۇپ قالاتتى. تونۇشتۇرۇشلار، ياردەملار ۋە ئاز-تولا خئۇشامەتچىلىكلەر بىلەن پاشا مۇرادىغا يەتتى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئېكىسپورت گۇۋاھنامىسىمۇ ئالدى.
    پاشا پۇلنى بۇزۇپ-چاچىدىغان ئىسراپخورلاردىن ئەمەس. ئەگەر بۇ ئىش داۋاملاشسا بەش-ئون تەڭەىلىكم بولۇپ قالاتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىشمۇ مودىدىن قالاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بىرەر ئىشنىڭ دەل پەيتىنى تاپالمىغاندى. بۇ قابىليەتسىزلىكى ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزغىلى تاس قالدى. چۈنكى قىزلىرى بىلەن چوڭ خوتۇنى ئۇنى ئوچۇقتىن –ئوچۇق مىس-مىس دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى. پاشادا نېمە گۇناھ؟ئىشلار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرسا ئامال قانچە؟ئۇمۇ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان گەپ. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ تىجارەتنىڭ ئەھلى ئەمەستە.
    ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىشمۇ بىرخىل قابىلىيەت. پاشا بۇ ئەھۋاللار بىلەن تەمتىرەپ قالغىنى دا، ئۆيدىكى ئېتبارى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى. ئۇ بايقۇش ئەمدى خانىملارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا باشلىدى. قۇدۇقتىن سۇ تارتىدىغان، باغچىنى ئۆزى سۇغىرىدىغان، تاماققا كۆكتات تازىلاپ بېرىدىغان بولدى. بىراق، يەنىلا ياخشى بولالمىدى. ئۇ تونۇغۇسىز دەرىجىدە جۈدەپ كەتتى. بۇ جۈدەڭلىكىنى ئاز دەپ چىرايىمۇ قارىداپ كەتتى. ئەمدى ئۇ بۇرۇنقى ئۆلچىمى بويىچە تىكلىگەن كىيىملىرىنىڭ ئىچىدە قۇرۇق ئىسكىلىتتەك بولۇپ قالغانىدى. ئالدى بىلەن تاقىما ياقاۋە گالستۇكلىرىنى تاشلىۋەتتى. بارا-بارا يېقىن يەرلەرگە، دۇكانلارغا، مەھەللە قەھۋاخانىلىرىغا ئۇزۇن كۆڭلەك، جەندە چاپانلار بىلەن كېتىۋېرىدىغان ۋە سورىغانلارغا، "ئەمدى دەرۋش بولدۇق؟دەيدىغان بولدى.
    بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى بازارغا بالدۇر بارغانلار جابىر پاشانى ئۇزاقتىن بېرى ساندۇقتا تۇرۇپ پۇرلىشىپ كەتكەن، سەلتەنەت دەۋرلىرىنىڭ يادىكارى بولغان پاشالىق كىيىمى ئىچىدە كۆردى. سېمىزلىك چاغلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ كىيىمنىڭ ئىچىدىمۇ خۇددى چوڭ ئادەمنىڭ چاپىنىنى كىيۋالغان كىچىك بالىدەك كۆرۈنەتتى. پارقىراپ تۇرىدىغان قىلچىنى تاقايدىغان كالۇتۇنلۇق بەلتاسمىسى بېلىنى پۈرلەشتۈرۋەتكەن بۇنى ئادەم ئەمەس، ئادەم شەكىلىدىكى قارانچۇققا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇ بۇھالىدىن بىخەۋەر ئالدىغا بىر قانچە گىرادۇس ئېڭىشكەن گەۋدىسىنى تۈز تۇتۇشقا غەيرەت قىلىپ، ئارىلاپ بويىۋالغان بۇرۇتىنى تۈزەشتۇرۈپ قويۇپ، ھەيۋىسىگە يارىشا غۇرۇر بىلەن پويىز يولىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.
    يول بويىن ئۇ بۇرۇنقىدەك ئىككى يېنىغا سالام بېرىپ، جاۋابىنى كۈتەتتى. ئەسلىدە شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى-دە... دەرۋەقە كىشلەرنىڭ بۈگۈنكى مۇئامىلىسى بۇرۇقىغا ئوخشىمىدى. كىشلەر ئۇنى كۆرگەندە ئورنىدا تاق تۇردى. پاشا ئىچىدە، "ھەي پۇرسەتپەرەسلەر "دەيتتى. قاراڭلار، ھەر كۈنى مۈرىسىنى قېقىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان تونۇش-بىلىشلىرى ھازىر بېشى يەرگە يەتكۈچە ئېگىلىپ، "ۋاي ئەپەندىم، يېڭى مەرتىۋىلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن، چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن... جانابىي ئالىيلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا قارىغانلار جاھاندا سەتچىلىككە قالدى، پاشايىم.. "دېگەندەك ياغلىما سۇخەنچىلىكلەرنى قىلىشىپ ئۆتۈشەتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرسىلا پىكىرىنى ئۆزگەرتمىگەنىدى. پاشا دەل پويىزغا چىقاي دەپ تۇرغاندا، ئەڭ ئاخىرقى سۆزنى يەنە ھېلقى تاقۇنيالىق فىتنەت دېدى:
    -يوقال، دۇكاندارلار پاشاسى، نەگە كەتسەڭ كەت، لەنەت-نەپرەتلەر سېنى كۈتمەكتە!...

    (ئاپتورنىڭ تۈركچە "تەزھا ئەزىمەت"ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن"
    (دۇنيا ئەدەبىياتى 1998-6-سان)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.