ئەقىللىق سازاڭ بېلىق-سالىتكوۋ شىدرېن(روسىيە)

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-12 11:52:20

ئەقىللىق سازاڭ بېلىقسالتىكوۋ-شېدىرىن (روسىيە) بۇرۇن بىر سازاڭ بېلىق بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئادەملەر تەرىپىدىن «بېلىق شورپىسى» قىلىنىشتىنمۇ، مو...



     

    ئەقىللىق سازاڭ بېلىق
     

    سالتىكوۋ-شېدىرىن (روسىيە)

      

       بۇرۇن بىر سازاڭ بېلىق بولغانىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن. شۇڭا ئۇلار ئادەملەر تەرىپىدىن «بېلىق شورپىسى» قىلىنىشتىنمۇ، موكا بېلىققا يەم بولۇشتىنمۇ ساقلىنىپ، نۇرغۇن يىللارنى دەريادا ئامان-ئىسەن، غەم-غۇسسىز ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇلار بالىسىغا ھەمىشە قانداق ياشاش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ تۇرۇپتۇ، ھەتتا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چاغدىمۇ بالىسىغا: «ئوبدان بالام  ئېھتىيات قىل، ئۆمرۈمنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەي دېسەڭ، بەكمۇ ئېھتىياتچان بول» دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ.
       كىچىك سازاڭ بېلىق ئەقىلدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ خەتەرلىك مۇھىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بېلىقلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەممىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق بىر بېلىقنىڭ ئۆزىنى بىر يالماپلا يۇتۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھېچبىر بېلىققا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن، لېكىن بېلىقلارنىڭ بىر-بىرىنى نېمە ئۈچۈن يەيدىغانلىقىغا زادىلا ئەقلى يەتمەيدىكەن. راك بېلىقنىڭ ئۇنى قارماپ پارە-پارە قىلىۋېتەلەيدىغانلىقى، سۇ بۈرگىسىنىڭ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە چاپلىشىۋېلىپ، قىيناپ ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقى، ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىرەر قۇرۇت تېپىۋالغانلىقىنى كۆرسە، تۇشمۇ-تۇشتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشۈپ، ئاشۇ قۇرتنىمۇ قاراپ تۇرۇپ بۇلاپ كېتىدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىكەن.
       ئادەمچۇ؟ ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئادەم تېخىمۇ خەۋپلىك، رەزىل مەخلۇق ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر قانداق قۇۋلۇق-شۇملۇق كېلەتتى. ئۇلاردا چوڭ تور، كىچىك تور، بېلىق سېۋىتى، ھەر خىل بېلىق تۇتۇش ئەسۋابلىرى... يەنە قارماق دېگەن نەرسىمۇ بار ئىدى. ئۇ : دۇنيادا ئەڭ خەتەرلىكى قارماق بولسا كېرەك، ئۇ گەرچە بىر خادا، بىر تال يىپەك بىر دانە قارماقتىن ياسالغان، بىرەر تال سازاڭ ياكى بىرەر تال قۇرت ئىلىپ قويۇلسا زادىلا چانماىيدىغان نەرسە بولسىمۇ، سازاڭنى چىشلىسەڭلا، سېنى جاندىن قۇدا قىلىدۇ، دەپ قارايتتى.
       دادىسى ئۇنىڭغا قارماق توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم سۆزلەپ: «قارماقتىن بەكمۇ ئاگاھ بولۇش كېرەك، ئۇ گەرچە ئانچە ئاقىلانىلىك بىلەن ئىشلەنگەن نەرسە ھېسابلانمىسىمۇ، بىز بېلىقلار ئۈچۈن يەنىلا بىر خەۋپ. ئادەملەر خۇددى بىزگە خەيرىخاھلىق قىلىۋاتقاندەك قارماققا سازاڭ ئۆتكۈزۈپ بىزگە تاشلاپ بېرىدۇ. ئەگەر نەپسىڭگە ھاي بەرمىسەڭ تۈگەشكىنىڭ شۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.
       دادىسى بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ «بېلىق شورپىسى» قىلىنغىلى تاس قالغانىلىقىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەنىدى: بۇ، ئادەملەر توپلىشىپ بېلىق تۇتىدىغان مەزگىللەرنىڭ بىرى ئىدى. كىشىلەر دەرياغا بىر كەلگۈدەك تورلارنى يېيىشتى. تور دەريانىڭ  تېگىگە چۈشۈرۈلۈپ، بىر نەچچە چاقىرىم يەرگىچە سۆرەپ مېڭىلدى. بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئەھۋال! سانسىزلىغان بېلىق تورغا چۈشۈپ قالدى. موكا بېلىقى، ئوكۇن بېلىقى، ھەتتا چىپار بېلىقلارمۇ چەتتە قالمىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە سازاڭ بېلىق ھەدد-ھېسابسىز ئىدى. تور دەريانى بويلاپ سۆرەپ مېڭىلغاندا، قېرى سازاڭ بېلىق بەكمۇ ئالاقىزادە بولۇپ كەتتى. بۇنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سۆرەپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، نەگە ئاپىرىلىشىنى بىلمەيتتى. تېخى ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە موكا بېلىق، يەنە بىر تەرىپىدە ئوكۇن بېلىقى تۇراتتى. ئۇ، ئەمدى تۈگەشتىم، بېلىق شورپىسى قىلىنماي تۇرۇپلا، موكا بېلىقىغا ياكى ئوكۇن بېلىقىغا يەم بولىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا چېقىلمىدى. شۇ قېتىم ئۇ ئادەملەر يەم بولۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ئۇ چاغدا ھەممە ئادەم جان قايغۇسىدا ئىدى. تور ئاخىرى يىغىلىپ قىرغاققا چىقىرىلدى. بېلىقلار توردىن چۆپلۈككە تاشلانغىلى تۇردى. ئۇلار شۇڭ چاغدىلا «بېلىق شورپىسى»  دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى. قۇملۇقتا بىر دۆۋۋە قىپقىزىل لاۋۇلداپ كۈل رەڭ ئىس چىقىرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن  غەلىتە ئىسسىق كېلەتتى. ئۇ بېلىقلارنى ھەش-پەش دېگۈچە دەرمانىدىن كەتكۈزەتتى. سۇنىڭ بولماسلىقى ئۇلارنى بەكمۇ قىينايتتى... ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھېلىقى قېزىل نەرسە «گۈلخان» ئىكەن. بىر نەچچە ئادەم قاپقارا بىر نەرسىنى ھېلىقى «گۈلخان» نىڭ ئۈستىگە چاپلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە سۇ بار ئىدى. ئۇ خۇددى يامغۇر سۈيى توختاپ قالغان كۆلچەككە ئوخشايتتى. بۇ «قازان» دېگەن نەرسە ئىكەن، بېلىقلار ئاشۇ «قازان» غا تاشلىنىپ «بېلىق شورپىسى» قىلىنىدىكەن! شۇنداق قىلىپ ئادەملەر بېلىقلارغا تېگىش قىلغىلى تۇردى. بىرىنچى بولۇپ، بىر چوڭ بېلىق «قازان» غا تاشلاندى. ھېلىقى بېلىق بار كۈچى بىلەن ئەسەبىيلەرچە سەكرەپ كەتتى-دە، ئاخىرى سۇغا چۆكۈپ كېتىپ تىنچلاندى. بۇ ئۇنىڭ «بېلىق شورپىسى» غا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. باشقا ئادەملەر بېلىقلارنى چوڭ كىچىك دەپ ئايرىماي «قازان» غا تاشلاۋەردى. كېيىن بىر پەتەك بوۋاي كېلىپ، بېلىقلارغا كۆزىنى چەكچەيتىپ «ئۇششاق بېلىقلارنى ئىلغىۋېتىڭلار، ئۇلاردا تەم بولامدۇ، ئۇلارنى ھازىرچە دەرياغا قويۇۋېتىڭلار، چوڭايسۇن!» دېدى-دە، ئالدى بىلەن قېرى سازاڭ بېلىقنىڭ بوينىدىن كاپلا قىلىپ تۇتۇپ دەرياغا چۆرۈۋەتتى. سازاڭ بېلىق سۇغا چۈشۈپلا توپتوغرا ئۆيگە قاراپ قۇيرۇقىنى خادا قىلدى. ئۇ ئۆيگە بارغاندا كىچىك سازاڭ بېلىق ئۆڭكۈردە تۇرۇپ، دادىسىنىڭ ھالسىراپ قېچىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى.
       قېرى سازاڭ بېلىق شۇ چاغدا «بېلىق شورپىسى» دېگەن نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەنىدى. دەريادا تاكى ھازىرغىچە بۇنىڭغا تەبىر بېرەلىگۈدەك بىرەرى يوق ئىدى. شۇڭا، زادى قانداق قىلىش مەسىلىسى كىچىك سازاڭ بېلىقنى بەكمۇ قىينىدى.
       كىچىك سازاڭ بېلىق شۇ كۈندىن باشلاپ دادىسىنىڭ تەلىمىنى زادىلا ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ بىلىملىك ۋە ئەقىللىق ئىدى، تۇرمۇشقا بىر تەرەپلىمە قارىمايتتى، تۇرمۇشنىڭ جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى. ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى؛ «ئېھتىيات قىلىشىڭ كېرەك، بولمىسا، ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىسەن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ تۇرمۇشقا ئەمدىلا قەدەم تاشلىدى، تېخى يەنە ياشىشى كېرەك. شۇڭا، ئۆزىدىن باشقا بېلىقلار پاتمايدىغان بىر خىلۋەت ئۆڭكۈر تاپمىسا بولمايدۇ. ئۇ توپتوغرا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۇمشۇقى بىلەن بىر ئۆڭكۈر كولىۋالدى. ئۆڭكۈرى پۈتكىچە ئۇ دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۆتتى، تالاي رىيازەتلەرنى چەكتى، بەزىدە لاينىڭ ئىچىدە تۈنەشكە، بەزىدە قېرىقىز يوپۇرماقلىرىنىڭ دالدىسىغا ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئاقىۋەت ئۆڭكۈرمۇ پۈتتى، ئۇنىڭغا ئۆزىلا پاتاتتى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن كېچىدە ئادەملەر، كىچىك ھايۋانلار، قۇشلار ۋە بېلىقلار جىمىغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، كۈندۈزلىرى تار ئۆڭكۈردە تىترەپ ئولتۇرىدىغان بولدى. لېكىن ئۇ تاماق يېيىشى، ئۇسسۇلۇق ئىچىشى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭ ئالىدىغان ئىش ھەققىمۇ، ياللىغان ئايال چاكىرىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا ئۇ چۈشكە يېقىن باشقا جانىۋارلار قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندا، سىرتقا چىقىپ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالسا بىرەر قۇرت ياكى باشقا كىچىك جانىۋارنى تۇتۇپ يەيدىغان، بولمىسا، ئۆڭكۈردە ئاچ ئولتۇرىدىغان بولدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ چىشلىرى كاسىلداپ، بەدىنى دىرىلداپ تىترەپ كېتەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاچ قېلىش، جېنىدىن جۇدا بولغاندىن ئەۋزەل ئىدى.
       ئۇ ئەنە شۇنداق، كېچىسى چىقىپ ئايدىڭدا ئايلىنىپ، كۈندۈزى ئۆڭكۈرگە كىرىۋېلىپ تىترەپ ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. پەقەت چۈشتىلا بىر نەرسە ئىزدەشكە چىقاتتى. بىراق، چۈشتە نېمە بولسۇن! موسكىت پاشىلارمۇ ئىسسىققا چىدىماي، يۇپۇرماقلارنىڭ ئارقىسىغا چاپلىشىۋالىدىغان تۇرسا! ئۇنىڭغا شۇ يېتەرلىك ئىدى، ئەلۋەتتە.
       ئۇ ئۆڭكۈردە ئەتىدىن كەچكىچە ئولتۇرۇۋېرەتتى، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايتتى. قورسىقى ئېچىپ، تارتىشىپ، ئۈچەيلىرى چاپلىشىپ قالاي دەيتتى. ئۇ ئىچىدە: «مەن تىرىكمۇ- قانداق؟ ئەتە يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن؟» دەپ ئويلايتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر ئاز مۈگدەپ قېلىپ، بىر چۈش كۆردى: چۈشىدە ئۇ بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، بىراقلا ئىككى يۈز مىڭ سوم ئۇتۇۋاپتۇدەك، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي سەكرەپ كېتىپتۇدەك. ئۇ شۇ بىر سەكرەش بىلەن تەپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى ۋە گەۋدىسىنىڭ يېرىمى ئۆڭكۈردىن چىقىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، «ۋاي شور پېشانەم، مۇشۇ تاپتا مېنى بىرەر موكا بېلىق كۆرۈپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتىم-ھە! ئۇ مېنى بىرلا چىشلەپ ئۆڭكۈردىن سۆرەپ چىققان بولاتتى!» دەپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى.
       يەنە بىر كۈنى ئويغانغاندا، بىر قىسقۇچ پاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆڭكۈرىگە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ھېلىقى قىسقۇچ پاقا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، قىمىر قىلماي قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇرۇتلىرى ئېقىندا ئاستا قىمىرلايتتى. ئۇ شۇ قېتىممۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتتى. ئۇ قاش قارايغان ۋاقىت ئىدى، قىسقۇچ پاقا تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە ساقلاپ تۇردى.
       يەنە بىر قېتىم تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ئۇ ئۆڭكۈرىگە قايتىپ كېلىپ ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى، ئۇشتۇمتۇت ئۆڭكۈرنىڭ قېشىدا بىر موكا بېلىق پەيدا بولۇپ قالدى. ھېلىقى موكا بېلىق چىشلىرىنى غىچىرلىتاتتى. گويا ھەسەلگە تەلمۈرگەن چىۋىندەك سازاڭ بېلىققا تەلمۈرۈپ توپتوغرا بىر كۈن تۇردى. سازاڭ بېلىق ئۆزىنىڭ كونا «ھۈنىرى»نى ئىشقا سېلىپ، ئۆڭكۈردىن چىقماي بىر كۈن ئولتۇردى. ئىچىدە: «ئۆڭكۈردىن چىقمايمەنغۇ، قانداق قىلاتتىڭ!» دەيتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇيتتى.
       بۇنداق ئەھۋاللار ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇردى. سازاڭ بېلىقمۇ تىترەپ ئولتۇرۇپ خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلدى. ئۇ دائىم «شۈكۈر خۇدايىم، مېنى پاناھىڭدا ساقلىدىڭ» دەپ قوياتتى.
       ئۇنىڭ دادىسى چوڭ ئائىلە قۇرغان بېلىق ئىدى، لېكىن كىچىك سازاڭ بېلىق تا ھازىرغىچە ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولمىغاچقا، بالىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇ دادام ئۆمرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى. بىراق ئۇ ياشىغان دەۋردە موكا بېلىق خېلى رەھىمدىل ئىدى، ئوكۇن بېلىق بىزگە كۆز قىرىنىمۇ سالمايتتى، دادامنى ئادەملەر تۇتۇۋېلىپ «بېلىق شورپىسى» قىلىدىغان چاغدا پەتەك بوۋاي قۇتۇلدۇرۇۋاپتىكەن. ھازىر دەريادىكى بېلىقلار ئاز قالدى. سازاڭ بېلىقمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپلا قالدى. ئەمدى مۇشۇنداق تەنھا ئۆتۈش پېشانەمگە يېزىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايتتى.
       ئەقىللىق سازاڭ بېلىق مانا مۇشۇنداق قىلىپ يۈز يىل ياشىدى. ئۇ مۇشۇ يۈز يىلنى تىترەك ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ دوستىمۇ ئۇرۇغ-تۇغقىنىمۇ بولمىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بارمىدى، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلمىدى، قارتمۇ ئوينىمىدى، ھاراقمۇ ئىچمىدى، تاماكىمۇ چەكمىدى، گۈزەل قىزلارغا كۆز قىرىنىمۇ سالمىدى. پەقەتلا تىترەك ئىچدە خۇدادىن پاناھلىق تىلەپ كۈن ئۆتكۈزدى.
       موكا بېلىقلارمۇ ئۇنى تۇتالماي، غەرەزلىك ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ماختاشقا كىرىشتى: «قاراڭلار، ھەممەيلەن مۇشۇ سازاڭ بېلىقتەك ياشايدىغان بولسا، دەريا تىنچلانماي قالامتى!» لېكىن، سازاڭ بېلىق ئالدام خالتىغا چۈشمەي، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، رەقىبلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى بەربات قىلدى.
       يەنە بىرمۇنچە يىللار ئۆتتى. ئەقىللىق سازاڭ بېلىق ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالدى، ئۇ ئۆڭكۈردە سەكراتتا يېتىپمۇ يەنلا: «شۈكۈر خۇدايىم، ئاتا-ئانامغا ئوخشاش ئۆز ئەجلىم بىلەن ئۆلىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلايتتى. شۇ چاغدا موكا بېلىقنىڭ: «قاراڭلار ھەممەيلەن مۇشۇ سازاڭ بېلىقتەك ياشايدىغان بولسا...» دېگەن سۆزى يادىغا كەلدى. راست ئەمەسمۇ، ھەممەيلەن مەندەك ياشىسا جاھاندا مالىمانچىلىق قالامتى؟
       ئۇ ناھايىتى تەستە بەدىنىنى رۇسلىدى. ئۆزىنىڭ ئەقىللىق كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ، خىيالغا پاتتى. شۇ ئەسنادا بىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا: «مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ، سازاڭ بېلىقلارنىڭ ئۇرۇقى قۇرۇپ كەتمەمدۇ» دەپ پىچىرلىغاندەك قىلدى.
       راسىت، ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇش كېرەك. بىراق ئۇنىڭ ئائىلىسى يوق ئىدى. سازاڭ بېلىق قەبىلىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، روناق تېپىشى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەت، روھلۇق بولۇشى، ياخشى مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ئۆڭكۈرگە بىكىنىۋېلىشى توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇ كۈندۈزى ئۆڭكۈردىن چىقماي، كېچىدە شىكارغا چىقىپ يۈرىۋەرسە، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان قارىغۇغا ئايلىنىپ قالاتتى. سازاڭ بېلىق ئەۋلادلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، ھەقىقىي دوستلۇق ئورنىتىشى، كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا سازاڭ بېلىق قەبىلىسى روناق تاپالايتتى.
       بەزىلەر سازاڭ بېلىقلار ھەقىقىي «پۇقرا» دەپ قارايتتى، لېكىن، ئاشۇ پۇقرالار ئىنتايىن قورقۇنچاق بولغانلىقتىن كارغا كەلمەي، ئۆڭكۈردىن چىقماي، ئەتىدىن كەچكىچە دىرىلداپ تىترەپ كۈن ئۆتكۈزەتتى. ئۇلاردەك يارىماس نەرسىنى قانداقمۇ «پۇقرا» دېگىلى بولسۇن. ئۇلار ھېچكىمگە مېھرى-شەپقەت بەخش ئېتەلمەيدۇ... بىكاردىنلا ئورۇن ئىگىلەپ، ئوزۇقنى ئىسراپ قىلىدۇ شۇ.
       بۇلار ئەقىللىق سازاڭ بېلىققا ئايان ئىدى. ئۇ بەزىدە: «ئۆڭكۈردىن چىقىپ، دەريادا ئەركىن ئازادە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۈزۈپ باقسام» دېگەن خىيالدىمۇ بولغان، بىراق بۇ خىيال كاللىسىغا كېلىشى بىلەنلا تېنى شۈركۈنۈپ، قورققىنىدىن ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ قوياتتى. ئۇ تۇغۇلۇش، تىترەك ئىچىدە ياشاش، ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ رامكىدىن پەقەتلا چىقالمايتتى، دىرىلداپ تۇغۇلۇپ، تىترەك ئىچىدە ئۆلۈشكە مەھكۇم ئىدى.
       سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئاشۇ پەيتتە، ئۇنىڭ قىسقىغىنا ھاياتى كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى: ئۇ نېمە لەززەت كۆردى؟ كىم بىلەن غەم-قايغۇدا ئورتاقلاشتى؟ كىمگە ياخشى تەكلىپ بەرى؟ كىم ئۇنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشتى؟ كىمگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى؟كىمنى قوغدىدى؟ كىم ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېسىگە ئالدى؟ يوق، ھېچقايسسى يوق!
       ئۇ ھاياتىنى غال-غال تىترەپ ئۆتكۈزدى، ھەتتا ھازىر ئۆلۈم ئالدىدىمۇ يەنىلا دىرىلداپ تىترەۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۆڭكۈرى قاراڭغۇ، تار، زەي ھەم سوغۇق ئىدى. ئۇ مۇشۇ ئۆڭكۈردە تۈگۈلۈپ يېتىپ، جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەي، سارغىيىپ، ئورۇقلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ھاجىتى چۈشمىدى. ئۇ بۇ كۈنلەردىن قۇتۇلۇشقا تەقەززا ئىدى، بىراق ئۆلگەندىن كېيىنلا ئاندىن قۇتۇلاتتى.
       ئۇ باشقا بېلىقلارنىڭ ئۆڭكۈر سىرتىدا ئەركىن ئۈزۈشۈپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك قىلدى. ئېھتىمال، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىدەك سازاڭ بېلىق ھەددى-ھېسابسىزدۇر؟ ئۇلار بۇ ئەقىللىق سازاڭ بېلىققا كۆز قىرىنىمۇ سالمايتتى. سازاڭ بېلىقنىڭ خىيالىغا «موكا بېلىققا يەم بولماي، قىسقۇچ پاقىغا تۇتۇلماي، ئادەملەر تەرىپىدىن ‹بېلىق شورپىسى› قىلىنماي قانداق قىلىپ يۈز يىلدىن ئارتۇق ياشىدىم؟» دېگەن گۇمانلىق پىكىر كەلدى. ئېھتىمال، سىرتتا ئۈزۈشۈپ يۈرگەن بېلىقلار بۇ ئۆڭكۈردە بىر ئەقىللىق سازاڭ بېلىق بارلىقىنى، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مۇساپىسىنى بېسىۋاتقانلىقىنى بىلسە كېرەك!
       ئۇنى تېخىمۇ قىينايدىغىنى شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ھېچكىم ئەقىللىق سازاڭ بېلىق دەپ ماختىمايدۇ، ئۇنى تاماقمۇ يېمەيدىغان، سۇمۇ ئىچمەيدىغان، باشقلار بىلەن كارى يوق، ھەقىقىي دوستىمۇ يوق، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى خاراب قىلغان ئۇچىغا چىققان ئەخمەق دەپ ئەيىبلەيدۇ.
       ئۇنىڭ خىيالىنىڭ ئورنىنى ئۇيقۇ ئىگىلەشكە باشلىدى. ئۇنى قانداقمۇ  ئۇيقۇ دېگىلى بولسۇن؟ شۇ ئەسنادا خامۇش ھالەتتە ئىدى، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەزرائىلنىڭ پىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ھاسراشقا باشلىدى، كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان ھېلىقى چۈشىنى يەنە كۆرۈشكە باشلىدى: ئۇ توساتتىن لاتارىيىدە ئىككى يۈز مىڭ سوم ئۇتۇۋالدى، ئۇنىڭ تېنى يوغىناپ، يېرىم مېتىرچە ئۇزۇنلۇققا يەتتى، موكا بېلىقنىمۇ يۇتۇۋېتەلەيدىغان ھالغا كەلدى، ئۇنىڭ ئاغزى ئاستا-ئاستا ئۆڭكۈردىن چىقىشقا باشلىدى.
       چۈش توساتتىن ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ چاغدا قانداق ۋەقە بولغانلىقى نامەلۇم، ئۇنى قىسقۇچپاقا پارچىلىۋەتتىمۇ، موكا بېلىق يۇتۇۋەتتىمۇ ياكى ئۆزى ئۆلدىمۇ؟ بۇنى ھېچكىم دەلىللەپ ئولتۇرمىدى، ئىشقىلىپ، ئۇ سۇ ئۈستىگە لەيلەپ قالدى، ئەڭ زور ئېھتىماللىق، ئۆز ئۆلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك. چۈنكى موكا بېلىق ئۇنى يېمەيتتى. مىڭ ئەقىللىق بولغان تەقدىردىمۇ ئېغىر كېسەل تارتىپ ئۆلگەن سازاڭ بېلىقنىڭ گۆشىدە نېمە تەم بولسۇن؟!

     

       ئىسمائىل ئەزىمەت تەرجىمىسى
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.