مېنىڭ ۋەتىنىم

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-08 20:36:55

مېنىڭ ۋەتىنىمچىڭگىز ئايتىماتوف ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ. «ۋەتەن»[1] دېگەن بۇ سۆز قىرغىزلاردا ئاتا- بوۋىلار ياشىغان جاي، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەقەت با...



    مېنىڭ ۋەتىنىم

    چىڭگىز ئايتىماتوف

        

       ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولىدۇ. «ۋەتەن»[1] دېگەن بۇ سۆز قىرغىزلاردا ئاتا- بوۋىلار ياشىغان جاي، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەقەت باغۇ بولستانلىقنىلا كۆزدە تۇتقان گەپ ئەمەس. مەن ھازىرقى دۇنيا توغرۇلۇق گەپ ئېچىشتىن بۇرۇن ئۆز ھاياتىمنىڭ يىلتىزى سۇ ئىچكەن مەنبە توغرۇلۇق توختالماقچى. تولىمۇ سېغىندۇرغان، بىر كۆرۈۋېلىشقا تەشنا بولغان تالاس دىيارىنى ئاق ۋە قارىسى ئارىلاش قىياپىتى بويىچە، كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە تىرشىمەن، ئەگەر مەن ئالەم بوشلۇقىدا كۆك قەرىنى كېزىپ كېتىۋاتقان ساياھەتچى سۈپىتىدە، ەر توغرۇلۇق ئويلانماقچى بولسام، چوقۇم ئۇنى ئۆزۈم چوڭ بولغان شېكەر ئاۋۇلى ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىشىم تۇرغانلا گەپ. چۈنكى مېنىڭ يېلتىزىم ئاشۇ شېكەر ئاۋۇلىدا. شۇ يەردە مېنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىم ياشىغان. شۇ يەردە مەن بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، تۇرمۇش ئۆگەنگەن ھەم ياشاش يولۇمنى تاپقان. ئاتا يۇرت[2] دەپ ئاتالغان، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرنىڭ تىرىكچىلىك تەرتىپى، كۆرۈپ – ئادىتى، ناخشا - قوشاقلىرى، ھېكايە – چۆچەكلىرى، تەبىئىي مەنزىرىلىرى، ھاۋاسى- ھەممە تەرىپى، ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ يېتىلىشىگە ۋە ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

       بىزنىڭ ئاۋۇلنىڭ بوۋايلىرى ھەر بىر بالىغا: «قېنى، يەتتىنچى بوۋاڭلارغىچە ساناپ بېقىڭلارچۇ؟» دەپ قاتتىق تەلەپ قوياتتى. بۇنى خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى دېيىشكە بولىدۇ. تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتمۇ مانا مۇشۇ ئاساستا بولىدۇ.مەن بۇنى «ئاق پاراخوت» ناملىق پوۋسىتىمدا، بالا بىلەن ماشىنا ھەيدىگەن قازاق يىگىتنىڭ دىيالوگلىرىدا ئىپادە قىلىشقا تىرىشقان ئىدىم.

        پوۋېستتىكى بالا، رېئاللىقتا يەتتە بوۋىسىنىڭ نامىنىمۇ ئۇقماي ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ناھايىتى ھەيران قالىدۇ:

       - داداڭ ساڭا يەتتە ئاتاڭنىڭ نامىنى ئۆگەتمىگەنمۇ؟- دېدى بالا.    

       – كىم بىلىدۇ ئۇنى، بىلگەننىڭمۇ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ يەتتە ئاتامنى بىلمەيمەن. بىراق كۆرۈپ تۇرىسەنغۇ، بىر ئوبدان ياشاۋاتىمەن.

       - ئاتامنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەر ئۆز يىلتىزىنى ئۇنۇتسا، تاپتىن چىقارمىش.

       - نېمىشقا؟

       - ئۇ چاغدا كىشىلەر بەرىبر ئەۋلادلىرىم بىلمەيدىغۇ دەپ، يامان ئىشلاردىن يانمايدىغان، گۇناھىدىن يىرگەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەيدۇ ئاتام، بەرىبىر بالىلىرىم، بالىلىرىمنىڭ بالىلىرى بىلمەيدۇ دەپ ساۋابلىق ئىش قىلمايدىغان بولىدۇ...  

       بۇ ئاددىيغىنە ئەنئەنىۋى پەلسەپىنى، مەن بالىلىق چاغلىرىمدا شېكەرلىك ئاقساقاللارنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىدىن ئاڭلىغان ئىدىم. مەن شېكەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى ھازىرغىچە ئەستە تۇتىمەن. مېنىڭ ئاتام- تۆرۆقۇل، تۆرۆقۇلنىڭ ئاتىسى- ئايتىمات، ئايتىماتنىڭ ئاتىسى- كىمبىلدى، كىمبىلدىنىڭ ئاتىسى- قونچۇجۇق.... مۇشۇنداق سۈرۈپ كەلسەك، بىزنىڭ جەمەتنىڭ يىلتىزى شېكەرنىڭ ئۆزىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئاتامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىللىرىنىڭ تۇغقانلىرى-ئېرىسقۇلبەگ، كېرىمبەگ، ئۇزىبەگ، سۇبانبەگ، دوۋۇلبەگ، ئالىمقۇل، پىرىمقۇل... بۇلارمۇ مېنىڭ بوۋىلىرىمنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.

       قارىماققا بۇ بىر قاتار ئادەم ئىسىملىرى تىزىملىكىدەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمما، مەن ئۈچۈن بۇنىڭ مەنىسى تولىمۇ چۇڭقۇر. ئەل ئىچىدە، بۇ ئىسىملار توغرۇلۇق ئېيتىلىۋاتقان تەرىپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، تولىمۇ خۇرسەن بولىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن. بۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا: ئەجدادلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

       شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، «ماناس – ئاتا» دەپ ئاتالغان ھەيۋەتلىك تېغىمىزنىمۇ ھۆرمەتلەيمەن. ماناس – ئاتا تېغى- روس فولكلورچىلىرىنىڭ تەرىپى بويىچە ئېيتقاندا- باتيۇشكا ماناس![3] دېگەن مەنىدە ئىكەن.ئەتىگەندە بولسا بۇ تاغنىڭ سايىسى ئاۋۇلنى يېپىنچاقلاپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، ھەربىر ئادەمگە تۇرمۇش تېرىكچىلىكىنىڭ مەڭگۈلۈكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇق- خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ. تالاس تاغ تىزمىلىرىنىڭ بۇ بۈيۈك چوقىسىدىن ئۇلۇغ بوۋىمىز – ماناس، ئۆز يېرىنىڭ باش – ئاخىرىغا دۇربۇن بىلەن قاراپ، دۈشمەننىڭ قايسى تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىقىنى پەملەپ تۇرىدىكەنمىش. ئايىمخان چوڭ ئانام بىلەن قاراقىز چوڭ ئاچام ئىككىسى ماڭا شۇنداق دەيتتى. بۇ ئىككىسى يەنى ئانىسى بىلەن قىزى، بىر بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش بولۇپ، ناھايىتى مېھرىبان ئىدى. خەلق قوشاقلىرى، ھېكايە تەمسىل دېگەنلەرگە ناھايىتى پىششىق ئىدى. ئۇلار مېنىڭ ئەڭ يېقىن تەربىيەچىلىرىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق مەرگەن دوسالى يېزنەممۇ خەيرلىك ئىشلارنى كۆپ قىلغان، مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ياد ئېتىشكە ئەرزىيدىغان كىشى ئىدى. ئۇ ئىككىمىز ئەينى ۋاقىتلاردا ئاقسايدىن تارتىپ كۆكسايغىچە بولغان نۇرغۇن يەرلەرنى بىللە ماڭغان ئىدۇق.

       چوڭ ئاتام- ئايتىماتنى كۆرۈش ماڭا نېسىپ بولمىدى. ئۇ 1920 – يىلى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. مەن بولسام 1928 – يىلى تۇغۇلغانىكەنمەن. ئاۋۇلنىڭ چىتىدە- كۈركۈرە دەرياسىنىڭ بىر تارمىقى ئېقىپ ئۆتىدىغان بىر جايدا، يەرگە پېتىپ كەتكەن بىر تۈگمەن تېشى بار. مانا مۇشۇ يەردە چوڭ ئاتامنىڭ تۈگمىنى بولغانىكەن. ياخشى كۈن كۆرەرمىز دەپ ئاكىسى پىرىمقۇل بىلەن ئىككىسى مىڭ بىر جاپادا بۇ تۈگمەننى بىنا قىلغانىكەن. ئەپسۇس! كېيىنكى يىلى يازدا بۇ تۈگمەنگە ئوت كېتىپتۇ. بىراق، «يامان كۈننىڭ كەينىدىن ياخشىسىمۇ كېلىدۇ» بارلىق بىساتىدىن ئايرىلغان چوڭ ئاتام، ئاخىرى تۆمۈر يولدا ئىشلىمەكچى بولىدۇ. ئۆزى بىلەن بىللە مېنىڭ ئاتام – ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆسمۈر بالا تۆرۈقۇلنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. مانا مۇشۇ ئىش ئاتامنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە سەۋەپچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتام شەھەرگە كىرىپ مەكتەپتە ئوقۇپتۇ. ھازىر مەن تاغلارنى كىسىپ ئۆتىدىغان يول بىلەن «مايماق ئىستانىسسى» دەپ ئاتالغان پويىز بېكىتىگە كېتىۋېتىپ، ئاتلىرىمىز ئۆزلىرىمۇ ئۇقمىغان ھالدا تاغ تېشىپ، يول ياساپ، كېيىنكى ئەۋلادلار بولغان بىزنىڭ تاشقى دۇنياغا- ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ پارلاق نۇرلىرى تەگكەن دۇنياغا ئېلىپ بارىدىغان يولنى ياسىغانلىقىنى زور ھاياجان ئىلكىدە خىيال قىلماقتىمەن. كونىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىنى يارىتىش، ئەڭ دەسلىپىدە، ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچى ئىدى. بۇ سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخى ئىدى. شۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئاچ – يالىڭاچلىققا قارىماي، يەر تېرىپ، يېڭى زاماننى يارىتىمىز دېگەن كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئەينى دەۋىرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشقان. بىز ئەنە شۇلارنىڭ داۋامى.

       مەن ئاتام تۆرۈقۇلنى كۆپ ئەسلەيمەن. تۆرۈقۇل ئايتىماتوۋ- قىرغىزىستان كومپارتىيەسىنىڭ سېكىرتارى ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىنى ئىنقلاپقا ئاتايدۇ. ئۇنىڭ تاش ۋە قاۋۇل، ئىرادىلىك ۋە ئەستايىدىل سېماسى ھېلىمۇ يادىمدا ساقلانماقتا. مېنى ئاتامغا سېلىشتۇرغاندا، مەن ياش جەھەتتىن ھازىر خېلىلا چوڭلۇق قىلىمەن.

       ئاپام ناغىيما قامزا قىزى بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئاتام بىلەن خىزمەت جەريانىدا تونۇشقان ئىكەن. مەن ئۇلارنى دائىم بىللە ئىشلەپ، بىللە تۇرغان ھالەتتە ئەسلەيمەن. ئاتامنىڭ ئاچىسى- قاراقىزنىڭ كېسەكتىن سېلىنغان ئۆيى زادىلا يادىمدىن چىقمايدۇ. ھازىر بۇ ئۆيدە ھېچكىم تۇرمايدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بىز – ئاپام ۋە ئۇنىڭ تۆت بالىسى، دەل مۇشۇ ئۆيدە ھايات كەچۈرگەن ئىدۇق. بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە، ئاپام شۇ پاكار كېسەك تامدىن چىقىپ: «قاراڭلارچۇ! بىزنىڭ تاغلىرىمىز نىمىدېگەن گۈزەل- ھە! مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟!» دەپ، ماناس- ئاتا تېغىنى كۆرسىتەتتى.

       بۈگۈنكى كۈنگە قانداق ئېرىشكەنلىكىمىزنى، بالىلىرىمغا چوڭقۇر ھېس قىلدۇرالمىغانلىقىمنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ياشلار تەييارغا ھەييار بولۇپ ئۆتمەس، دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن. چۈنكى، ھەر قانداق ئادەم تۇرمۇشنى باياشات قىلىشقا بىر ئۈلۈش بولسىمۇ ھەسسە قوشالىسا، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ قەدرىگە يېتەلىسە، ئاندىن ئۇ توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ، شۇنداقلا ھازىر ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا باغلىق.

    ------------ 

        

       ئىزاھات

       [1] «ۋەتەن» سۆزى قىرغىزچىدا «مەكەن» دېيىلىدۇ، بۇ ئەسلىدە «ماكان» دېگەن سۆز بىلەن تومۇرداش- تەرجىماندىن.

       [2] قىرغىزلاردا يۇرت – ۋەتەننى ئاتا ئارقىلىق سۈپەتلەيدۇ. «ئاتا يۇرت»، «ئاتا مەكەن» دېگەندەك- تەرجىماندىن.

       [3] «باتيۇشكا ماناس» تەڭداشسىز ماناس دېگەن مەنىدە- تەرجىماندىن.

       [4] «چىڭغىز ئايتىماتوۋ ئەسەرلىرى»  8- توم، بېشكەك، ئوچقۇن نەشىرياتى 2009 – يىلى نەشىردىن تاللاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ساھىبەگ ئالى. 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.