ئوتتۇرا ئەسىر رومانىسى(مارك تىۋېن)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-18 15:52:00

ئوتتۇرا ئەسىر رومانىسى مارك تىۋېن (ئامېرىكا) ئازات ئالماس تەرجىمىسى سىرنىڭ ئاشكارلىنىشى يېرىم كېچە، ھەيۋەتلىك قەدىمقى كلوكېنېستى قەلئەسىدە جىم ـ جىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. 1222 ـ يىلى چىقىپ كېتى...

    ئوتتۇرا ئەسىر رومانىسى
     مارك تىۋېن (ئامېرىكا)
     ئازات ئالماس تەرجىمىسى

     سىرنىڭ ئاشكارلىنىشى
    يېرىم كېچە، ھەيۋەتلىك قەدىمقى كلوكېنېستى قەلئەسىدە جىم ـ جىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. 1222 ـ يىلى چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. قەلئەنىڭ ئىگىز مۇنارىسىدا تېخىچىلا چىراق ئۆچمىگەن. ئۇ يەردە مەخپى يىغىن ئۆتكۈزۈلمەكتە.
       كلوكېنېستى قەلئەسىنىڭ خوجايىنى جىددى خىيالغا چۆمگەن ئىدى. ئۇشتۇمتۇت:
         ـ قىزىم، دەپ چاقىردى ئۇ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن.
    ئۇچىسىغا ئاتلىق ئەسكەرنىڭ دوبۇلغا ـ ساۋۇتلىرىنى كىيگە، قەددى ـ قامىتى كېلىشكەن بىر ياش جاۋاپ بەردى:
        ـ خوش، دادا!
       ـ قىزىم، شۇ كەمگىچە ساڭا چۈشىنىكسىز بۇلۇپ كەلگەن سىرنى ئاشكارىلايدىغان پەيىت يېتىپ كەلدى. ئوبدانراق قۇلاق سالغىن. بۇ ئىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ساڭا سۆزلەپ بېرەي، ـ ئۇ ئالدىرماي سۆزلەشكە باشلىدى،
       ـ ئاكام ئورلىچ براندېنبوگنىڭ كېنەزى. دادام ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا قالدۇرغان ۋەسىيىتىدە، مۇبادا ئاكاڭ ئوغۇل پەرزەت كۆرمىسە ۋارىسلىق ھوقۇقى ساڭا قالىدۇ. بۇنىڭ شەرتى: سەن ئوغۇل پەرزەت كۈرۈشىڭ كېرەك. ئىككىلا ئائىلىدە ئوغۇل تۇغۇلماي قىز تۇغۇلۇپ قالسا، ئورلىچنىڭ قىزى ئۆزىنى پاك ساقلىسا ۋارىسلىق ھوقۇقى ئاكاڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. ناۋادا ئەھۋال ئۇنداق بولمىسا، سېنىڭ قىزىڭ ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇنىڭ شەرتى شۇكى قىزىڭنىڭ كاتتا ئابرۇيى بۇلۇشى كېرەك، دىگەن ئىدى. شۇڭا، ئاياللىرىمىز ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاللادىن ئوغۇل پەرزەت تىلىگەن بولسىمۇ، تەلەپلىرى ئىجاۋەت بولمىدى ئاخىرى سەن تۇغۇلدۇڭ. بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ مەيۈسلەندىم. نۇرغۇن دەپى دۇنيالار بېكاردىن بېكار قولۇمدىن چىقىپ كىتىۋاتقاندەك تۇراتتى. شىرىن ئارزۇلىرىم بەربات بۇلۇشقا يۈزلەنگەن ئىدى. لېكىن ھەرگىزمۇ نائۈمىت بولمىدىم. ئاكام ئورلىچ توي قىلىپ بەش يىلغىچە بىرەر پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى. «ئۈمىتىڭنى ئۈزمە، تېخى تۈگەشكىنىم يوق» دەيتتىم ئۆز ـ ئۆزەمگە، بىر كۈنى يېرىم كېچىدە سەن تۇغۇلدۇڭ. سېنىڭ قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىگىڭنى بىر دوختۇر، بىر سېستىرا ۋە ئالتە دېدەكلا بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىرەر سائەت ئۆتمەستىنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىپ ئۆلتۈردۇم. ئەتىسى ئەتكەندە گېرېتسوگقا تەۋە پۈتكۈل جايلار شات ـ خوراملىققا چۆمدى. كلوكېنېسېتتا ئۇلۇق براندېنبوگنىڭ ۋارىسى دۇنياغا كەلگەنلىكى ئېلان قىلىندى! مەخپىيەتلىك قاتتىق ساقلاندى. ئاپاڭنىڭ سىڭلىسى سېنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى. شۇ چاغدىلا بىز جىمى غەم ـ ئەندىشىلەردىن خالاس بولدۇق. سەن ئون ياشقا كىرگەندە ئاكام ئورلىچنىڭ ئايالى قىز تۇغدى. بىز ھەسرەت چەكتۇق. شۇنداقتىمۇ بوۋاقلىق مەزگىلدىكى قىزىل، ئۇ ـ بۇ دەيدىغان تەبىئى پالاكەتچىلىكلەر بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزەي، دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن ئىش بىز كۈتكەندەك بولمىدى. ئۇ ھايات قالدى، ھازىر ئايدەك چىرايلىق بىر قىز بولۇپ چوڭ بولدى. بۇغۇ ھىچگەپ ئەمەس. ھا! ھا! بىزنىڭ ئوغلىمىز يوقمىكەن؟ ئوغلىمىز كەلگۈسىدە كېنەز بولالمامدىكەن؟ مانا، سېنىڭ ئوغۇل بالىچە ياسىنىپ يۈرگىنىڭگە يىگىرمە سەككىز يىل بوپقالدى، بالام، ئۆزەڭگە باشقا ئىسىم قويمىدۇق ، ۋاقىت ئادەمگە رەھىم قىلمايدىكەن. ئاكامنىڭ سالامەتلىگى بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا، ئاكام سېنىڭ براندېنبوگقا كېلىپ، ئەمىلىيەتتىكى كېنەر بۇلۇشىڭنى ئۈمۈت قىلىدۇ. نەۋكەرلىرىڭ ھازىر بولدى. بۈگۈن كەچتىلا يولغا چىققىن، مېنىڭ دىگەنلىرىمنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇت: براندېنبوگنىڭكىگە ئوخشاش بىزدىمۇ ھەر قانداق بىر قىز خەلقى ـ ئالەم ئالدىدا رەسمى تاج كەيمەستىن ئىلگىرى كېنەرلىك تەختىدە ئولتۇرۇپ قويسا دارغا ئېسىلىدۇ، دىيدىغان كونا قانۇن بار. شۇڭا، دىگەنلىرىمنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا، ئۆزەڭنى تۆۋەنرەك تۇت. رەسمى تاج كېيىشتىن بۇرۇن سەن كېنەز تەختىنىڭ يېنىدىكى باش ۋەزىرنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ھۆكۈمىڭنى چىقىرىۋەرسەڭ بولىدۇ. سېنىڭ جىنسىڭنى خەقلەر مەڭگۈ بىلمەي قېلىشى مۇمكىن. كازاپلىققا تولغان بۇ جاھاندا ھەممىگە ئېھتىياتچان بۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، دانىشمەنلەر ئېيتقان گەپ.

     ـ دادا، شۇنىڭ ئۈچۈنلا مېنىڭ ھاياتىم يالغانچىلىقنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېتەمدۇ؟ مەن ئاشۇ بىگۇنا نەۋرە سىڭلىمنى ئالداپ ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالىمەنمۇ؟ دادا، ماڭا رەھىم قىلىڭ، بالىڭىزنى ئەپۇ قىلىڭ.

    ـ نىمە دەۋاتىسەن كاللا قاتتۇرۇپ شۇنچە كۆپ مال دۇنيانى ساڭا ھازىرلاپ بىرىۋاتسام ھالىڭ مۇشىمىدى؟ دادامنىڭ روھى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، سېنىڭ بۇنداق گودەكچىلەرچە رەھىمدىللىگىڭنى ياقتۇرمايمەن. دەرھال يولغا چىققىن، مېنىڭ پىلانىمنى بۇزۇپ قۇيۇشتىن ئېھتىيات قىل! ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىدى.

     بۇ ئاقكۆڭۈل قىز شۇنچە يالۋۇرسىمۇ بىكار ئىدى. بىز ئەمسى شۇنچىلىكلا بىلىپ تۇرايلى. جاھاندا ھىچقانداق بىر نەرسە كلوكېنېستىنىڭ ئۆز سۆزلۈك بۇ خوجايىننى تەسىزلەندۈرەلىگەن ئەمەس، ئاقىۋەت، قەلئەنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدى. قىز بىر توپ قوراللىق ئاتلىق نەۋكەرلەر ھەم باتۇر ئەزمەتلەرنىڭ ھەمرالىغىدا شۇ كۈنى كېچىسىلا يولغا چىقتى.
       قىزى كەتكەندىن كېيىن، قېرى كېنەز بىر ھازاغىچە جىم ئولتۇردى ـ دە، قايغۇ ـ ھەسرەت ئىچىدە قالغان ئايالغا:
        ـ خوش خانىم، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدىغاندەك تۇرىدۇ. مەن ئەقىللىق ھەم كېلىشكەن گىراف دىشنى جىيەن جىزىم كوستانسىنىڭ يېنىغا خوپىيانە بىر ئىشنى ئورۇنلاپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكىنىمگە توپ ـ توغرا ئۈچ ئاي بولدى. مۇبادا ، دىش ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىسە بىزنى نەس باسىدۇ، ئەمما ئىشنى مەن دىگەندەك توغرىلىيالىسا، كۈلپەتلىك تەقدىر قىزىمىزنىڭ كېنەز بۇلۇشىغا ھەر قانچە قارشىلىق قىلسىمۇ، ئۇ ئاخىر ئايال كېنەز بولىدۇ.
        ـ كۆڭلۈم يامانلىقتىن بىشارەت بىرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ پۈتكۈل ئىشنىڭ ئوڭغا تارتىغانلىقىغا تىلەكداشمەن.

     خوشاللىق ۋە كۆز يېشى
        ئالتە كۈندىن كېيىن، براندېنبوگ كېنەزلىكىىنىڭ ھەشەمەتلىك پايتەختىدە تەخت ۋارىسى كونرادنىڭ كەلگەنلىك شەرىپىگە كاتتا پارات ئۆتكۈزۈلدى. ھەممە يەر شات خوراملىققا چۆمدى، قېرى كېنەز بۇنىڭدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. كونرادنىڭ چىرايلىقلىغى ، كىلىشكەن قەددى ـ قامىتى كېنەزگە ياراپ كەتتى. كونرادنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن ئاقسۆڭەكلەر ئوردا ئىچىدە تىما ـ تىقماق ئىدى. ھەممە كىشلەر شۇنچىلىك خوشال ۋە تولىمۇ مەمنۇن ئىدى. كونراد ئۆزىدىكى ۋەھىمە ۋە ئازاب ئورنىنى بىر تۈرلۈك ئازادىلىكنىڭ ئىگىلەۋاتقانلىغى ھىس قىلدى. شۇغىنىسى، ئوردىنىڭ خىلۋەت جايدىكى بىر ئۆيدە باشقىچىلا بىر ئىش بۇلۇۋاتاتتى. دەرىزىنىڭ يېنىدا كېنەز قىزى مەلىكە كوستانىس يىغىندىن قىزىرىپ كەتكەن ھالدا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇشتۇمتۇت يىغلاپ ۋاقىراشقا باشلىدى:
        ـ دىش دىگەن مۇناپىق قاچتى. كېنەزنىڭ زىمىنىدىن قېچىپ كەتتى! دەسلەپ مەن ئىشەنمىگەن ئىدىم. ئاھ خۇدا! ئەمدى ئىشەندىم. مەن ئۇنى قانچىلىك ياخىشى كۆرەتتىم ـ ھە، دادامنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمغا ئۇنمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭغا كۆيەتتىم . مەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى بەرگەن ، ئەمدى ۋۇجۇدۇم ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ. ھەي! مەن زادى نىمە بولدۇم ـ ھە؟ مەن تۈگىدىم. تۈگەشتىم، پۈتۈنلەي تۈگەشتىم! مەن ئالجىدىم!

    ئەھۋال مۇرەككەپلەشتى
        بىر قانچە ئاي ئۆتتى، ياش كونرادنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىكى نەتىجىلىرىنى ھەممە بىردەك ماختىدى. ئۇنىڭ ھەق ـ ناھەقنى ئايرىشتىكى پاراسىتىگە، جازا بېرىشتىكى رەھىمدىللىكىگە ۋە شۇنچىلىك مەرتىۋىلىك ئورۇندا تۇرسىمۇ كىشىلەر ئالدىدىكى كەمتەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
       ئۇزۇن ئۆتمەي كېنەز پۈتۈن ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ ، ئۆزى يېنىدا ئولتۇردى ۋە كونرادنىڭ سۆزلىرىنى مەمنۇنيەتلىك بىلەن ئاڭلايدىغان بولدى. كېنەزنىڭ ۋارىسى باش ۋەزىرىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ كېنەزنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزدىغان بولدى. ئېنىقكىم كاتتا ئىززەت ھۆرمەت ۋە قەدىرلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان كونرادقا ئوخشاش كىشى جەزمەن ئۆزىنى بەختلىك سانايدۇ. لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، كونراد بەختلىك ئەمەس ئىدى، چۈنكى كوستانىس ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان دىدى. جاھاندا بىرەر ئەركەك كونرادقا مۇھەببەت قويغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ بەخت ـ تەلىيى ئىدى. كوستانسنىڭ مۇھەببىتى بولسا تولىمۇ خەۋپلىك مۇھەببەت ئىدى.
        ئىچ ـ ئىچىدىن خوشال بولغان كېنەر ئۆز قىزى كوستانىسنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلدى ۋە توينى بالدۇراق قىلىۋىتىش نىيىتىگە كەلدى. مانا بۇلار كونرادنىڭ سىنچى كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. مەلىكىنىڭ چىرايىدىكى غەم ـ قايغۇ ئالامەلىرى يۈتتى؛ ئۈمىت ئۇچقۇنلىرى قىزنىڭ كۆزلىرىدە چاقناپ ئۇنىڭ پەرىشانلىق ۋە مىسكىنلىك قاپلىغان چىرايىدا تەبەسسۈم جىلۋە قىلدى. كونراد بۇنىڭداى بەكمۇ چۆچىدى، ئۆزى بىلەن ئوخشاش جىنىستىكى كىشىنى تېپىپ دوس بولغانلىغىغا ئۆزىنى قاغىدى. ئەسلىدە كونراد ئوردىغا يېڭىدىن كەلگەن بولغاچقا ، بىر خىل ياتسىراپ، پەقەت ئايال كىشىلا بەخش ئېتەلەيدىغان ھىسداشلىققا ئېرىشىش تەشنالىقىدا ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقان ئىدى. ئۇ ئەمدى بىر نەۋرە سىڭلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ، ئىش تېخىمۇ بۇزۇلدى، كونراد ئۆزىنى قاچۇرغانسېرى قىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئەگىپلا يۈردە، قىز كېچەيۇ ـ كۈندۈز كۆرگەنلىكى يەردە ئۇنىڭغا سۈركىلىپ يۇرىۋەردىم نىمىشقىدۇ، قىز تولىمۇ بىئارام كۆرۈنەتتى. بۇنىڭدا چوقۇم بىر سىز بارلىغىنى سەزگەن كونراد بۇنىڭدىن ئەمدى ئەجەپلەنمەي قورقۇنچقا چۆمدى. ئىشلار مەڭگۈ مۇنداق كېتىۋەرمەيدۇ. ئاقىۋەت، ھەررەڭ سەرەڭ سۆز  چۆچەكلەر تارقالدى. كېنەزمۇ خاتىرجەم بولالمىدى.
       بىچارە كونراد قوقۇنچ ۋە دەرت ـ ئەلەم دەستىدىن ئەرۋاھقىلا ئوخشاپ قالدى. بىر كۈنى كونراد كارىدورغا يېقىن جايدىكى خۇسۇسى قۇبۇلخانىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا كوستانىس پەيدا بولدى ـ دە، ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋزدا:
       ـ ھەي، سىز نىمىشقا مەندىن قېچىپ يۈرۈيسىز؟ مەن سىزگە نىمە قىلدىم. مېنى نەزىرىڭىزگە ئېلىپمۇ قويمايسىزغۇ؟ دەسلەپتە بىر مەزگىل مېنى ياخشى كۆرگەنتىڭىزغۇ؟ كونراد بىزنىمۇ كۆزىڭىزگە ئىلىپ قويۇڭ، كۆيۈك ئوتىدا پۇچۇلانغان يۈرەككە ئىچىڭىز ئاغىرسۇن! ئەمدى ئىچىمدىكىنى دەۋالمىسام چوقۇم ئۆلۈپ قالىمەن. مەن سىزنى سۆيىمەن، كونراد! بۇ سۆزلىرىمنى جەزمەن ـ سىزگە ئېيتماقچىدىم. ئەمدى مېنى نىمە كۆرىسڭىز كۆرۈڭ! ـ دىدى.
        كونراد زۇۋان سۈرمىدى. كوكتانس بىر پەس ئىككىلىنىپ تۇردى ـ دە، قىز ئۇنىڭ جىم بولۇپ كېتىشىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدى بولغاي، كۆزلىرىدىن چەكسىز خوشاللىق نۇرلىرى چاقناپ كەتتى، كونرادنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋېلىپ سۆلەپ كەتتى:
       ـ ئىچىڭىز ئاغىرىدى! ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىدى! سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز. ئاھ! قەدىرلىگىم، مېنىڭ تىۋىنىدىغان كونرادىم.
       كونراد ئىڭرىۋەتتى...، ئازاپتىن چىرايى تاتىرىپ ، ۋۇجۇدىغا تىترەك ئوۋلاشتى، پەرىشان ھالدا بىچارە قىزنى ئىتتىرېۋىتىپ:
         ـ نىمە دەۋاتىسىز!؟ بۇ ئەبىدىل ـ ئەبەت مۇمكىن ئەمەس! ـ دىدى ـ دە، گۇناھكارلارچە بېشىنى سېلىپ كېتىپ قالدى.
        مەلىكە ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدى ۋە مىنۇت ئۆتمەيلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ تاشلىدى. كونرادمۇ ئۆز ھوجرىسىدا پۇخادىن چىققىچە يىغلىۋالدى. ئىككىيلەن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇلار بالايى ـ قازانىڭ دىۋەيلەپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى. كوستانىس ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە چىقىپ كېتىۋېتىپ؛ «ئۇنىڭ مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىمنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن، مەن تېخى بايىلا سۆيگۈ ـ مۇھەببىتىمنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭ تاش يۈرىگىنى ئېرىتىۋېتىدۇ، دەپ ھىسىاپلىغان ئىدىم! ئىسىت، ئىسىت، لەنەت! ئۇ مېنى ئىتنى تەپكەندەك تېپىۋەتتى!»دىدى.

     قورقۇنچلۇق ئاشكارىلىنىش
        ئاي، كۈنلەر يۇرغۇلۇشۇپ ئۆتىۋەردى. كېنەزنىڭ قىزى كوستانىسنىڭ چىرايىدا دەرت ـ ئەلەمنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ كونراد بىلەن بىللە يۈرگەنلىگى زادىلا كۆزگە چېلىقمايدىغان بولۇپ قالدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىەە ئەگىشىپ كونرادنىڭ چىرايى ئوڭشالدى، ئىلگىركىدەك تېتىك، روھلۇق ھالدا، بارا ـ بارا تولۇپ كېلىۋاتقان ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى سوراشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوردا ئىچىدە كۇس ـ كۇس پاراڭ باشلىنىپ قالدى، خۇددى بىر سىرلىق ئىش بولغاندەك يىراق يېقىنغا تارالدى. ھەر خىل سۆز ـ چۆچەكلەر شەھەر ئىچىدىكى مەخسۇس پىتنە ـ پاسات بىلەن چاڭ چىقىرىدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكەندە كېنەزنىڭ ئىگىدارچىلىغىدىكى پۈتۈن يەردە سىرلىق سۆز چۆچەكلەر ئۇلغايدى.
        ـ كوستانىس خېنىم تۇغۇپ قويۇپتۇ.
        بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كلوكېنسېتىدىكى گېرېتسوگ ئۈكە قادالغان دوبۇلغىسىنى ئىگىز كۆتىرىپ خوشاللىقتىن توۋلىۋەتتى:
        ـ كېنەز كونراد ياشىسۇن! ئاھ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كېنەزلىك تاجىسىنى كىيگىنى كىيگەن، دىس ۋەزىپىسىنى قالتىس جايدا ئورۇنلاپتۇ. ئۇنى دەررۇ تارتۇقلاش كېرەك. ئۇ بۇ خوشخەۋەرنى يىراق ـ يېقىننىڭ ھەممىسىگە ئاڭلاتتى. ئىككى كۈن ئىچىدىلا گېرېتسوگقا تەۋە پۈتكۈل يەردە كاتتا زىياپەتلەر بېرىلدى. بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قۇتلۇقلاپ ھەممە شات ـ خوراملىق ئىلكىگە چۆمدى.

    كۈتۈلمىگەن بالايى ـ قازا
        سوت قىلىش كۈنى يېقىنلا قالدى. براندېنبوگتىكى جىمى ئاقسۆڭەك ۋە ۋەزىرلەر كېنەزنىڭ ئوردىسىدىكى ئادالەت زالىغا جەم بولدى. زالى تىقما ـ تىقماق ئادەمگە تولدى. ئۇچىسىغا قارا يۇلغۇن تېرىسىدىن تىكىلگەن تون كىيگەن كونراد باش ۋەزىرنىڭ ئورۇندىغىدا قېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا قىزىغا ھۆكۈم چىقىرىشتا يۈز ـ خاتىرە قىلماسلىق ھەققىدە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە شۇندىن كېيىنلا كۆڭلى قاررىق بۇزۇلۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈكلا ئۆمرى قالغان دىد،  بىچارە كونراد ھىساۋىغا كېلىدىغان ئازاپنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئاشۇ بىچارە قىزنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش خۇسۇسىدا شۇنچە يالۋۇرسىمۇ ئاقمىدى.
        دىمىسىمۇ، شۇ مەيداننىڭ ئۇزىدە بىرل كونرادنىڭ يۈرىگى ئازاپ ئوتىدا ئۆرتەنمەكتە ئىدى. بۇ يەردە ئەڭ يايراپ كەتكەن كىشى كونرادنىڭ دادىسى ئىدى. ئۇ بىر توپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئۆز پۇشتىغا كېلىۋاتقان ئامەتنىڭ ھوزۇرى بىلەن كېرىلىپ ئولتۇراتتى.
       سوت ئەمەلدارى سوراقنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكالىدى، ئارقىدىلا مويسىپىت باش سوتچى:
       ـ گۇناھكار ئالدىغا چىقسۇن! ـ دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
        قاپاقلىرى چۈشۈپ، چاىرايىنىڭ ئۆڭسلى قالمىغان مەلىكە ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
        باش سوتچى دەرھال:
       ـ ھۆرمەتلىك خانىم! دۆلەتلىك باش سودىيەلەر ئالدىدا. سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن قىلىنغان ئەرىز ـ شىكايەتلەرنىڭ راس ئىكەنلىگى ئىسپاتلاندى. خانىم، سىز ھەق نىكالىق بولماي تۇرۇپلا بىر بالا تۇغدىڭىز ، بۇرۇنقى قانۇنىمىز بۇيىچە سىزگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدۇ. مۇبادا، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولسا ئۆلۈم جازاسى بىرىلمەيدۇ. مۇۋەققەت كېنەزىمىز، مېھىرى ـ شەپقەتلىك كونراد ئالىلىرى بۇ ھەقتە سىزگە جىددى ئىزاھات بېرىپ ئۆتىدۇ. ئوبدان قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسىز.
        كونراد زاكون تايىغىنى ئارانلا قولىغا ئالدى.
       شۇ دەقىقىدە، تون كېيىۋالغان مۇۋەققەت كېنەز ئەرەنچە ياسىنىۋالغان ئايالنىڭ يۈرىگى ئاشۇ بەخسىز گۇناھكارنىڭ تەقدىرىدىن ئېچىشماقتا ئىدى.
        ئۇ، ئېچىنىش ياشلىرى كۆز چاناقلىرىدا پىلدىرلاپ تۇرغان ھالدا ئەمدى سۆزلەي دەپ تۇرۇشىغا،باش سودىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
        ـ بۇ يەردە ئەمەس، ئالىلىرى، بۇ يەردە سۆزلىسىلىرى بولمايدۇ! كېنەز جەمەتىدىكى بىرەرسىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا كېنەزنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ ئېلان قىلىش زورۈر. بولمىسا ھەممىسى قانۇنسىز. بىچارە كونرادنىڭ يۈرىگى جىغىلداپ كەتتى. ئۇنىڭ تاش يۈرەك دادىسىمۇ لاغىلداپ تىترەپ كەتتى. كونراد تېخى تاج كېيمەي تۇرۇپ تەختتە ئولتۇرۇشقا پېتىنالامدۇ؟
        ئۇ ئىككىلىنىپ قالدى. قورقۇنچ ئىلكىدە چىرايى تامدەك تاتاردى. ئەھۋالل قىل ئۈستىدە ئىدى. ھەممە ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىدى. مۇبادا، يەنە بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇردىغان بولسا، ھەممە ئۇنىڭغا گۇمان نەزىرىدە تىكىلگەن بولاتتى.
        ئۇ، تەختىگە چىقتى ۋە زاكون تايىغىنى يېڭىۋاشتىن قولغا ئېلىپ دىدى:
       ـ گۇناھكار، مەن براندېنبوگنىڭ نامى بىلەن، ئۆزەمگە بېرىلگەن مۇقەددەس مەجبۇرىتىمنى ئادا قىلماقچىمەن، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ كونا قانۇنىغا ئاساسەن، جىنايەت سادىر قىلىشتىكى شېرىگىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا ئۇنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاللانىڭ دەرگاھىغا كېتىسىز. بۇ پۇرسەتنى غېنىمەت بىلىڭ. ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ھىلىھەم كېچىكمەيسىز. بالىڭىزنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ!
        زالىنىڭ ئىچىنى ھەتتا يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاڭلانغىدەك دەرىجىدە جىمجىتلىق باستى.
        مەلىكە ئاستا كەينىگە بۇرۇلدى، كۆزلىرىدە ئىنتىقام ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى.... ۋە  ئۇدۇل كونرادنى كۆرسىتىپ؛
       _ بالامنىڭ دادىسى سەن! دەپ ۋاقىردى.
       بۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا نىمە قىلارىنى بىلمەي قورقۇنچ ئىچىدە قالغان كونرادنىڭ ۋۇجۇدى ئۆلۈكنىڭكىدەك شۇررىتە مۇزلاپ كەتتى.
       بۇ جاھاندا قايسى بىر كۈچ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ!
        بۇ شىكايەتنى رەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ قىز ئىكەنلىگىنى ئاشكارلىشى كېرەك. لېكىن، تاج كەيدۈرۈلمىگەن ئايال ناۋادا كېنەزنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ قويسا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ!
       شۇ ئەسنادا، كونراد، كونراد ۋە ئۇنىڭ باغرى تاش دادىسى ھۇشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى.

       كىشلەرنى ھاڭ ـ تاڭ قالدۇرغان بۇ ئاجايىپ قىزقارلىق ھىكايىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش مەيلى ھازىر ياكى كېيىن بولسۇن، مەيلى بۇ ژورنال ۋە ياكى باشقا ژورنالدا بولسۇن، مۇمكىن ئەمەس.
       ئەمىلىيەتتە، مەن ھىكايەمدىكى باش قەھرىمانلارنى تولىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇلارنى قانداق قىلىپ قۇتۇلدۇرۋېلىشىمنى بىلمەي قالدىم. شۇ ۋەجىدىن ، بۇ ئىشقا ئارلاشماي بىراقلا قول ئۈزدۈم . ياخشىسى، ئۇلارنىڭ ئۆزىلىرى چىقىش يولىنى تېپىۋالغىنى تۈزۈك. بولمىسا، شۇ پېتىچە تۇرۇپ تۇرسۇن.
       مەن ئەسلىدە ئۇنچىلىك قېيىنچىلىقنى ھەل قىلىۋېتىش ئانچىۋالا تەس ئەمەس دەپ ئويلىغان، بىراق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئىش ئۇنداق بولماي قالدى.

    «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنرىڭ 1985-يىللىق4-سانىدىن ئېلىندى .

     («دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە» ژورنىلىنىڭ 12 ـ سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان )

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 11:26:33]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.