ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت. دوگلاس (4)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-10 14:13:56

ئاشنا (4)(پوۋېست)ماگرت. دوگلاس مەن ئون بەش يېرىم ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، مېنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشۇم شۇنچىلىك زىلۋا، ھەتتا شۇنچىلىك ئورۇق ھەم ئاجىز. كۆرەك قىسمىم يەنىلا كىچىك بالىنىڭكىدەكلا. يۈزۈمگە ئە...

    ئاشنا (4)
    (پوۋېست)
     ماگرت. دوگلاس


    مەن ئون بەش يېرىم ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا،  مېنىڭ  بەدەن قۇرۇلۇشۇم شۇنچىلىك زىلۋا،  ھەتتا شۇنچىلىك ئورۇق ھەم ئاجىز. كۆرەك قىسمىم يەنىلا كىچىك بالىنىڭكىدەكلا.  يۈزۈمگە ئەتتىرگۈل رەڭلىك ئەڭلىك بىلەن  قىزل  ئەڭلىك سۈرەتتىم. ئۇچامدىكى كىشىلەر كۆرسە زاڭلىق قىلىدىغان ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچكىم كۈلمەيدىغان كىيىنىشمنى قوشقاندا، مەن ئەتراپىمدىكى ئىشلارنى  بىلىدىغان بولدۇم،  ماڭا نىسبەتەن ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىلەرگە مەن نەزە سالغان. بارلىق ھەممىسى مېنىڭ كۆرەىنىم. مېنىڭ بىر نەرسە يازغۇم كەلدى. مەن ئاپامغىمۇ دېدىم. يېزىقچىلىق مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. تۇنجى قېتىم ئۇ ئاڭلاپ  بولۇپ ماڭا جاۋاپ قايتۇرمىغان. كېيىن ئۇ مەندىن نېمە يازىسەن دەپ سورىدى. مەن كىتاب يازىمەن، رومان يازىمەن دېدىم.  ئۇ قوپاللىق بىلەن سەنماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نېمە يازغىڭ كەلسە شۇنى ياز، مېنىڭ بىلەن مۇناسىۋېتى يوق دېدى. ئۇنىڭ ماڭا قارشى تۇرشىدىكى ىىيالى بۇنداق قىلىش بىر يارامسىزنىڭ ئىشى دەپ بىلەتتى. بىر نەرسە يېزىشنى خىزمەت ھېسابلىمايتتى. بۇ پەقەت بىر  چاقچاق پاراڭ ئىدى. كېيىن ئۇ ماڭا گەپنى ئۈزۈپلا بۇ بالا  قالايمىقان  خىياللارنى سۈرۋاتىدۇ  دېدى.

    كىگىز قالپاق كىيىۋالغان قىزچاق  كۆل يۈزىدىكى ئەكسىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تەنھا يالقاۋلىق كىچىك پاروم يىنىدىكى قىرغاقتا تۇراتتى. بۇ باشتىكى كىگىز قالپاق ئەتراپنى ئەتتىرگۈل رەڭگە بويىۋەتكەن ئىدى. بۇ بىردىنبىر رەڭ، دەريادىكى تۇمان ئارلاش پىژغىرىم ئىسسىق كۈن نۇرى ئاستىدا،  ئىككى قىرغاقنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئېقىن خۇددى ئۇپۇق بىلەن تۇتاشتەك كۆرىنەتتى. دەريا سۈيى تىنىچ ئېقىۋاتاتتى. ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمايتتى.  خۇددى تومۇردىكى ئېقىۋاتقان قاندەك ئىدى. ئېقىننىڭ كۆرىنىشىدە شامال يوق ئىدى. كىچىك پاراخوتنىڭ ماتورى پۈتۈن  ئاۋازلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئاۋاز ئىدى. بۇ بىر  پولاتتىن ياسالغان كونا تىپتىكى تەۋرەنمە يەلكىلىك ھەرىكەتكە كەلگۈچى پارم. بەزى ۋاقىتلاردا  بىر دەملىك يېنىك گەپ قىلغان ئاۋازلار كىلىپ قالاتتى.  شۇنچىن كېيىنلا يەنە  ئۆي ئىتىنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى  ئاڭلىنىپ قالاتتى. بۇ ئاۋاز تۆت ئەترا»تىن كىلىۋاتاتتى. ئاۋۇ قويۇق تومان ئارقىسىدىن كىلىۋاتاتتى. بارلىق  كەنىت مەھەلىلەردىن كېلىۋاتاتتى. قىزچاق كىچىكىدىن تارتىپلا بۇ كىچىك پارومدىكى رولچىنى تۇنۇيتتى. قېرى رولچى ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى، ئۇنىڭغا  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خەۋىرىنى  سۈرۈشتۈرۈپ بېرەتتى. ئۇ دائىم  ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ يەردىن دەريادىن ئۆتىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئۇنى دائىم  كامبوزژا تەرەپتە  يەر ئىجارە ئالدىغاننى ئېيتاتتى. قىزچاق ئانىسى بەك ياخشى دەيتتى.  پارومنىڭ تۆت ئەتراپى دەريا سۈيى ئىدى. ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپى  قاقاسلىق ئىدى. ھەرىكەتچان دەريا سۈيى شاللىقتىكى توختاپ قالغان ئۈلۈك سۇدىن ھالقىپ ئۆتەتتى. لېكىن  ئىككى خىل ھەر گىزمۇ قىتىلىپ كەتمەيتتى. بۇ دەريا كامبودژا ئورمانلىقىدىن  ئېقىپ كىلەتتى. ئۇ بارلىق يولىدا ئۇچىرىغان  ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېقىتىپ كىلەتتى. ئۇ بارلىق ئۆزىنىڭ قوينىغا كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كىتەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوت-چۆپتە ياسالغان ئۆي، ئورمانلىق،  ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن جەسەت سۈڭەكلەر، ئۈلۈك قۇش، ئۈلۈك ئىت، تۇنجىقىپ قالغان يولۋاس، سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن ئەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، يەملەنگەن  ھەمەلگۈل باغلىمى، بۇ بارلىق ھەممە نەرسىلەر تىنىچ ئوكيانغا ئېقىپ باراتتى.  ئۇلار تېخى لەيلەشكىمۇ ئۈلەىرەلمەيلا ھەممىسى شۇ تىنچ ئېقىن ئىچىدە چوڭقۇر  تىرەن ھەم جىددىي بولغان بوران چاپقۇن بىلەن ئېلىپ كىتىلەتتى. بارلىق ھەممە چوڭ دەريانىڭ ھەيۋىسى بىلەن لەيلىتىلىپ كىتەتتى.

    مەن ئۇنىڭغا  مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىنى، پەقەت مۇشۇلا ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. باشقىسى يوق دېدىم. بىراق ئۇ ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. جاۋاپ قايتۇرمىدى. پەقەت تۇيۇقسىزلار كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويدى. مۆرىسىنى يىنىك كۆتىرىپ قويۇپ، ئادەم ئېسىدىن چىقارمىغۇدەك بىر ھالەتنى  چىقىرىپ قويدى. شۇ ۋاقىتتا  مەن بىرىنچى قېتىم ئۆيدىكىلەردىن ئايرىلىپ چىققان ئادەم. بىراق يەنە  نەچچە يىل ساقلىساملا ئاندىن ئاپام  مەندىن ئايرىلغان بولىدۇ،  مەندەك بىر قىزىدىن ئايرىلىشىنى ئۇ بۇرۇنلا بىلگەن، ھامان بىر كۈنى  ئۇ  كىتىدۇ.  ئاىىرى ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىغان.

    ئۇ فىرانسوز تىلىدا بىرىنچى بولغان. مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا : خانىم، سىزنىڭ قىزىڭىز فىرانسوز تىلىدا بىرىنچى بولدى دېدى، لېكىن ئاپام  بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى. ھېچنىمە دېمىدى. ئۇ تېخى خۇشال بولمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى ئوغىلى فىرانسوزتىلىدا بىرىنچى بولغان ئەمەس. مېنىڭ بۇ ئىپلاس ئاپام يەنە ئۇنىڭدىن ماتىماتىكىدا  قانداقراق دەپ سورىدى. مەكتەپ مۇدىرى  بۇ قېتىم تېىى بىرىن ئەمەس ، بىراق ھامان بىرىنچى بولالايدۇ دېدى. ئاپام  قاچان يەنە بىرىنچى بولالايدىغاندۇ دەپ سورىدى. مەكتەپ مۇدىر جاۋاپ بېرىپ: ئۇ بىرىنچىلىكنى ئالغان ۋاقىتتا خانىم دېدى.

    مېنىڭ ئاپام، مېنىڭ ئانا مھرىم،  مېنىڭ ئەڭ ئىشەنگىم كەلمەيدىغان غەلىتە مەخلۇق. ئۇ دۇ ھەدە تىكىپ ياماپ بەرگەن پاختا يىپلىق بىر جۈپ ئۇزۇن پايپاق كىيىۋالغان ئىدى. بۇ ئىسسىق بەلباغلىق جايدىمۇ ئاپام شۇ  ئۇزۇن پايپاقنى چوقۇم كىيگەندىلا ئاندىن ياخشى مەكتەپ مۇدىرى خانىمى بولالايدۇ دەپ قارايتتى. ئاپامنىڭ بىچارە پۈتۈن كۆينەكلىرى ھەم ئەسكى ھەم سەت ئىدى. ھەممىسىنى دۇ ھەدە ئۇنىڭغا ياماپ تىكىپ بەرگەن ئىدى. ئاپام ئۆزىنىڭ پىكارددىكى ھويلىسىدىكى ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. بىر نەرسىلەرگە بەكمۇ ئىتىبار بېرىپ كەتمەيدىغان، دائىم ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلدىم دەپ بىلىدىغان، دائىم نەرسىلەرنى ئۆز جايىغا ئىشلەتتىم دەپ قاراييتى. ئاپامنىڭ ئاۋۇ بىر جۈپ خۇرۇم ئايىقى،  پاشىنى ئاللىبۇرۇن  كىيىپ يىرتىلىپ بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى كىيىپ ماڭسىمۇ قىڭغىر سىڭغىر بولۇپ  كىتەتتى، بىئارامچىلىققا چىدىغىلى بولمايتتى. ئاپام چېچىنى ناھايىتى چىڭ تارىۋالغان ئىدى. چىچىنى تۈگۈپ بىر جۇڭگولۇق ئاياللىرىنىڭ چېچىغا ئوخشاش قىلىۋالاتتى. ئاپام راستىنلا بىزنى بىئەپ ئەھۋالغان چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئۇ بازارلاردا، مەكتەپ ئالدىلىرىدا راستىنلا مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكۈپ قوياتتى. ھەر قېتىم ئۇ ب 12 –يول ئاپتوبوسىغا چىقىپ بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ كىتەتتى. لېكىن ئاپام يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلارغا ئېرەن قىلىپمۇ قويمايتتى.  راستىنلا ئۇنى بىر يەرگە سولاپ قاتتىق بىر ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۋەتكىم كىلىپ كېتىدۇ. ئاپام ماڭا قاراپ تۇرۇپ ماڭا: بەلكىم سەن چىقىپ جاھان كۆرۈپ باقساڭ بولامدىكىن، مەيلى  كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، ئۇ دائىم مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ تۇراتتى. ئۇ ھەر گىزمۇ مېنى بىر نەرسە ئۆگىنىۋالسۇن دىمەيتتى. يەنە مېنى تېىى بۇرۇنلا مەكتەپتىن توختاپ جان بېقىشىم كېرەك دەپ قارايتتى.

    ئاپام يېڭى ھاۋا بىلەن  ئۇچىراشقان ۋاقتىدا، ئۇ دەرھال ئۈمىدسىزلىكتىن ئۇتۇپ چىقاتتى.  ئاپام ئاخىرى بۇ ئەرەنچە قالپاقنى ۋە بۇ بىر جۈپ  ئالتۇن رەڭلىك خۇرۇم ئاياقنى كۆردى. ئۇ مەندىن بۇ نېمە دەپ سورىدى. مەن ھېچنىمە ئەمەس دېدىم. ئاپام ماڭا قاراپ تۇردى، بۇ نەرسىلەر ئۇنى خۇشال قىلدى. ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قوياتتى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى يامان ئەمەسكەن دېدى. ماڭا نىسبەتەن خېلى ماس كەلگەن. بىر  ياسىنىۋالساملا ئوخشىمايلا قالىمەن. ئاپام بۇ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالمىغانلىقىنى سورىمىدى. ئاپام چوقۇم ئۆزىنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى بىلەتتى. ئاپام ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا يەنى مەن دېگەن شۇ ۋاقىتلاردا، بىز ئۇنىڭدىن كېرەكلىك نەرسىلىرىمىزنى ئالداپ ئېلىۋالاتتۇق. يەنى ئاپام بىزگىمۇ ئامالسىز قالاتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇ نەرسىلەر ھەرگىزمۇ قىممەت ئەمەس دەيتتىم. ئۇنچە ئىچ ئاغرىتىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دەيتتىم.

    ئاپام مەندىن نەدىن سېتىۋالدىڭ دەپ سورايتتى، مەن كادىن بازىرىدىن سېتىۋالدۇق، ئەرزان ماللار ماگىزنىدىن ئەرزان ماللار دەيتتىم.  ئۇ ماڭا ىۇشاللىق بىلەن قارايتتى. ئۇ بەلكىم قىزىنىڭ مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىغا، مۇشۇنداق ياسىنالىغىنىغا  خۇش بولدى. بىر كىشىگە سۆزسىز خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان بىر خىل ھېسسىيات. ئۇ مېنىڭ بۇ خىل كۈلكىلىك ياسىنىشىمغا قوشۇلۇپلا قالماي،  بۇ خىلدىكى كىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان كىيىنىشىم، گەرچە ئۇ بىر  ئۆزىگە چىڭ تۇل خۇتۇن بولغان تەقدىردىمۇ كۈلرەڭ كىيىم كىيىپ ، بەئەينى بىر راھىبلىقىنى تاشلىغان مۇناققىلا ئوخشىسىمۇ، بىراق مېنىڭ بۇ  قاملاشمىغان ياسىنىشىم ئۇنى خۇشال قىلىۋەتتى.

    بۇ بېشىمدىكى ئەرەنچە قالپاق ئەمىلىيەتتە ئائىلىنىڭ نامراتلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر دائىم ئويلايدىغىنىم ئۆيدىكىلەرگە ئازىراق پۇل قىلىپ بېرىش ئىدى.بۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدا، گەرچە ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان يەر بولسىمۇ،  ئوغۇللىرىمۇ بىر ئۆمۈر ھۈنەرسىز قالسىمۇ، ئۇلار كەلگۈسىدە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىسىمۇ، ھەتتا تۇپراقمۇ تۇزلۇق بىلىنىپ، چوقۇم بىكاردىن بىر تالاي پۇللارنى خەجلىۋېتىدۇ، چوقۇم ھېچقانداق ئۈمىد قالمايدۇ. قالغىنى پەقەت مانا مۇشۇنداق كۈندىن كۈنىگە چوڭ بولىۋاتقان قىزى بولدۇم. بەلكىم ئۇ ئاپام ھامان بىر كۈنى قانداق قىلىپ بۇ ئۆيگە پۇل ئەكەلەىنىمنى بىلىپ قالار. دەل مۇشۇ ۋەج بىلەن تۈپەيلى، ئانا بولغۇچى قىزىغا گۈدەك جالاپ خوتۇندەك قىلىپ ياساپ مېنى كوچىغا ئېلىپ چىقتى.  بۇ نۇقتىنى قىزى بۇ ئەھۋالنى بىلمىگەن ئىدى.لېكىن راستىنلا  مۇشۇ ۋەج بىلەن قىزچاقمۇ ئۇستازسىزلا بۇلارنى بىلىپ بولغان ئىدى.كىشىلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگەبولغان دىققىتىنى بۇرمىلاپ پۇل تەرەپكە قارىتىشنى بىلەتتى. بۇنىڭدىن  ئانا بولغۇچىنىڭ گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.

    ئەگەر قىزچاق راستىنلا  بېرىپ تېنىنى سېتىپ پۇل تاپسا،  ئاپىسى چوقۇم  يەنە كېلىپ توسقۇنلۇق قىلمايتتى. قىزچاق ئاپىسىغا : مەن  مەلۇم بىر خېرىداردىن 500پىياستىر ئالدىم، فىرانسىيىگە بېرىشىمىزغا ئاسان بولىدۇ دېسە، ئاپىسى چوقۇم ئۇنداق بولسا بەك ياخشى بوپتۇ دەيدۇ. پارىژغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن دەل مۇشۇ پۇلغا لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ يەنە : ماڭا 500پىياستىر بەرسەڭلا بولاتتى دەيدۇ. قىزچاق كۆڭلىگە ئايان بولدى. بۇنداق سودا دەل دەسلەپتە  ئاپىسى ئۆزىنىڭ قىزىنى مۇشۇ يولىنى تاللىغۇزغانلىقىنىڭ ئىشى. پەقەت قىزىنىڭ شۇ يۈرىكى بولسىلا، كۈچى بولسىلا،  پەقەت قىزچا كۈندە بۇ ئىش توغۇرلۇق  ئازاپ ۋە ھالدىن كېتىپ چارچىغانلىق توغرىسىدا گەپ قىلمىسىلا بولاتتى.

    مېنىڭ كىتابىمدا مېنىڭ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلغاندا، مەن تۇيۇقسىز نىمىلەردىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالغىنىمنى نېمىلەرنى دىگىنىمنى  بىلەلمەيمەن قالدىم. ئويلاپ باقسام بەلكىم بىزنىڭ ئاپىمىزغا بولغان مىھرى مۇھەببىتىمىزنى سۆزلىگەن بولىشىم مۇمكىن. بىراق مەن ئاپامغا  بولغان ئۆچمەنلىكىمنى سۆزلىدىممۇ يوق بىلمەيمەن. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مىھرى-مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى سۆزلىدىم.  مەيلى مۇھەببەت ياكى نەپرەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە يوقىلىشىنىڭ ئومۇمىي تارىخى شۇنچىلىك جىددى، بىراق بۇ بارلىق ھەممە شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ چۈشىنىش دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا  بەرىبىر ئىدى. پەقەت مېنىڭقان تومۇرلىرىمغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى مەن بىر ئەمدىلا يەرگە چۈشكەن بوۋاققا ئوخشاش كۆز ئالدىمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرەلمەيتتىم. يەنە  بۇ ئائىلىنىڭ ۋەيران بولىشى دەل سۈكۈت قىلىشنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن،  مەن ئۇدا سۈكۈت ئىچىدە ياشاپ كەلدىم.  سۈكۈت ئىچىدە بىر ئۆمۈر ئىشلىدىم. مەن ھازىر ھايات تۇرۋاتىمەن، بۈگۈنكى غەلىتە ياشلار دەۋرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمەن.

    -داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.